3d
ئۈجمە ۋە ئۈجمە سەيلىسى
. Q1 p9 v* M/ k2 [) n* o1 w
- [2 N* p( n6 u6 T* {
* f" a5 N! b7 R0 C ^, K
ئۈجمىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى جۈجەم. ئۇ مېۋىلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن پىشىدۇ. ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى. ئۈجمە ئاق ئۈجمە، قارا ئۈجمە (شاتۇت)، چېقىر ئۈجمە دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئاق ئۈجمە، چېقىر ئۈجمە شىرنىلىك، تاتلىق، يۇمشاق؛ قارا ئۈجمە شىرنىلىك، يۇمشاق، چۈچۈمەلرەك بولىدۇ. خەلقىمىز ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئۈجمىنى ئەتىۋارلاپ، باغباران، ھويلا - ئارانلىرى ئەتراپى ۋە ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىغا ئۈجمە كۆچىتى تىكىپ ئۆستۈرۈشنى ئادەت (ئۇدۇم) قىلىپ كەلگەن. ئۈجمە دەرىخىنىڭ مېۋىسى، يوپۇرمىقى، يىلتىزى تېبابەتتە قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن تەييارلانغان دورىلار قان تولۇقلاش، تەمرەتكە يوقىتىش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تال، جىگەرنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاش، ھۆللۈكنى ھەيدەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. ) ?' C# S/ ]9 ?: p1 x
6 {) T. Y# |8 nئۈجمە دەرىخىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ يۇقىرى. ئۇنىڭ غولىدا تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋاب ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياسىغىلى، يوپۇرماقلىرىدا پىلە قۇرتى بېقىپ، مەشۇت (يىپەك يىپ)لارنى ھازىرلاپ، شاھانە يىپەك رەختلەرنى توقۇغىلى بولىدۇ.
- G" @4 b, a9 f/ L \/ g) Q5 ^8 f& b- B% T3 O3 V
ئۈجمە سەيلىسىمۇ خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە سەيلە-ساياھەت ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا، ئاممىۋىلىققا ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۈجمە سەيلىسى ھەر يىلى ئۈجمە تازا مەي باغلاپ پىشقان چاغلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدە كىشىلەر قاتار ئۈجمىزارلارغا بېرىپ، يېڭى بىر يىلنىڭ ئەڭ بالدۇرقى شېرىن مېۋىسى بولغان ئۈجمىگە ئېغىز تېگىپ، بىر- بىرىنىڭ يېڭى ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىشىدۇ. قىش كېتىپ، باھار كېلىپ يازغا ئۇلاشقان ئۇچار قۇشلار، جان-جانىۋارلارمۇ ئۈجمىنىڭ مېۋىسىنى يەپ يېڭى ھاياتقا ئېرىشىدۇ. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز ئۈجمىنى ئۇلۇغلاپ ئۆستۈرۈشنى ئۇدۇم قىلىپ كەلگەن. ئەپسۇسكى، ھازىر پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى، مېۋىلەرنىڭ كۆپ خىللىشىشى، تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ قولايلىق بولۇشى ۋە مېھماندارچىلىقلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۈجمە سەيلىسى بارا-بارا يوقىلىۋاتىدۇ. & z/ P' ~$ I- q' Q$ c6 m. i |# p
/ B) ]4 e. } f1 W! W, d" F2 M8 C+ g* h$ X- [# i7 p
2 ~- j6 X u* _7 V
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-22 14:39 6 H0 G+ M, G! a" C( y
/ d1 l+ S3 L5 A, E' o5 a: S
چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |