ئىللىق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تۇلۇقسىزئوتتۇرامەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى دەرى

ئاز بولسىمۇ پايدىلانغايسىلەر

ئەي ئەرەپلەر، ئەردۇغاندىن ئۈگۈنىڭلار مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسى سۈرىيەلىك

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 12-نويابر خەۋىرى: جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيە ئاخېئولوگىيە ئەترىتى موڭغۇلىيەنىڭ ئاراھىنگاي

كىتاب ئوقۇش مەدەنىيەت يولى ئوقۇش روھنىڭ غىزاسى، ئەق

كەڭ خەلقىمىز ئېتىراپ قىلغاندەك، ئابدۇكېرىم ئابلىز تالانتى تولۇپ-تاشقان داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى، تونۇلغان سەنئەتكاردۇر. ئۇنىڭ

ماركىسىزىملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ،بۆلگۈنچىلىككە،سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇپ با

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كارۋان

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى : 7-ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى داۋان جىنكۇن C رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇلۇغخان قاسىم مەھەللە

خانىم-قىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى پەرداز بۇيۇملىرى 4386 خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەنئەنىۋى كىيىم-كې

1. يېڭىلىق يارىتىش ھەرگىزمۇ ئوخشىمىغان شەيئىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئەمەس. سىز مەلۇم بىر يېڭىلى

مەشھۇر شەخسلەر مەھمۇدقەشقەر

ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بەش كىشلىك ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋېيتنامنىڭ خۇجىمىڭ شەھرىدە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى.

4977 ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئ

چىڭگىزخان كۆپ قېتىم بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى قوزغاپ، غەربتە قارا دېڭىز ساھىلى، شەرقتە پۈتكۈل شەرقىي ئاس

دۇنيادىكى ئون چوڭ قەبرىنىڭ سىرى 1. چىن شىخۇاڭ قەبرىسى چىن

ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۈندىدار» ئاتالغۇسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە قوللىنىلىش ئەھۋالى ( مەركىزىي مى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات تارىخت

كۆز يېشى دېگەن كەيپىياتنىڭ ئىزھارى.يىغلاشنى كىم

4976 ئامېرىكىلىق پىسخولوگ دېيۋىد لىبومېننىڭ بايقىشىچە، كىشىلەر چوڭ مېڭىسىدىكى ھەقىقى ئەسلىمىلەرنى ئەسلىگەندە، كۆز قارچۇقى ئالدى

1.يۈزدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خۇددى

1. كىنو ياكى تېلېۋىزيە تىياتىر كۆرگەندە ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ياخشى-يامان ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلماستىن،

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 201

بەل ئاغرىش: بۇ دوۋساق ياكى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇ

بۇ ھىكايە ھەقىقىي تۇرمۇشتىن ئىلىنغان. ۋ

مۇھاببەت2013/03/10مۇھ

بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى بىلىمخۇمار 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مەن

1. ئاپام مېنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغاندەك قىلىدۇ، مەن تىرىشىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە

يېگىت قولداشنىڭ ئەخمىقانە يول كۆرسىتىشلىرى بىلەن توي كېچىسىدە ھەر خىل كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ بولۇپ قا

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟ ئاپتۇر: بىلگەجان 4748 جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز

بەزى كىشىلەر ئۇخلىغان ۋاقتىدا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرماستىن ۋە يېنىدىكى سائەت ، تېلفون قاتارلىقلار

كونىلاردا ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ياسالمىلىق، ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى يۈز-ئابرۇيى

ئىشىت نىمىنى يىمەيــــــــــــــــــــــــــــــــــ

1.بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇ بىر تامچە سىياھ سەۋەبلىك بۇلغىنىدۇ،ئە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئادىل1 تەھرىرل

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى « غەربكە ساياھەت » فىلىمى قويۇلغاندىن كېيى

چۈش تەبىرى 2497 1 – ق

تور بانكىسى ۋە يان تېلېفون بانكىسى كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە

بۇندىن 6ئايلار ئىلگىرى مەن ھەرقايسى مۇنبەرلەردە 2345 تورىنى تەشۋىق قىلى

http://leglek.com/imgrs.php?src=imgs/2014-08-11/228e5abeedb8878d8cb177ca15b70df4.jpg&w=675&zc=1&q=95 ئادەتتە كومپىيۇتېربىلەن ئانچە ھەپىلىشەلمە

ئۈستەل كومپيۇتېرى ئىشلىتىدىغان دوستلار بەلكىم دىققەت قىلغان بولۇشى lead2exam م

ھازىر QQ ئوينىغانلار ھەممىسى توردا ئاندا-ساندا ناتۇنۇش ئادەمل

QQ2014 تىن پايدىلنىپ ھەقسىز تېلىفۇن ئۇرۇش QQ2014 تە يانفۇن ئېقىم مىقدارىدىن پايدى

ئۇيغۇركومپىيۇتېر مەستانىلرى تور ژورنىلى kitap (8).PDF

WINRARئارقىلىق ئاپتۇماتتىك قوزغىلىدىغان ppt ھۆججىتى ياساش كۆپ قىسىم تورداشلارغا مەلۇملۇق WINRAR بولسا بىز ئەڭ كو

ئىكراندىن چاتاق چىقتىمۇ؟ كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئېكران تىتر

1. Word نى تېز قوزغىتىش كومپىيوتېرىڭىزدا Word بار بولۇپ تاپالى

​تور كېرەك قىلمايدىغان پاراڭلىشىش دېتالى FireChat نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى ئەگەر بى

ئادەتتە مۇنبەرگە رەسىملىك تىما يوللىغاندا رەسىمنىڭ ئۈسىتىگە مائۇسىنى رەسىمنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپلا قالساق «چۈشۈرۈش» دىگەن خەت

بەيدۇ كومپىيۇتېر قوغدىغۇچىسى بەيدۇ شىركىتى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان سىستېما قورالى بولۇپ، ئۇنىڭغا كومپ

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور كۆرگۈچ مىكروسوفىتنىڭ ئىنتېرنېت زىيارەتچىسى يادروسى ئاساسىدا ياسالغان بولۇپ، ئىچكى قىسمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئۇستازلار ۋە بارلىق ئالىپداشل

يانفۇن كىتابى ئىشلەش جەريانى يېقىندا  nokia 3650 يانفۇندىن ب

4684 http://player.youku.com/player.php/sid/XNjA3NjMxNTI0/v.swf ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 11-

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 20:20 ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورد

Android يانفونىنى ئىشلىتىدىغانلار يانفوننى WiFi سىمسىز تورىغا ئۇلاپ ئىشلەتمەكچى بولسا يانفون تەڭشەك رايونىغا

ئاندىرويىد ئەلالاشتۇرۇش قورالى (ئۇستىسى) 100مىليوندىن ئارتۇ

ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» ئېلان قىلىندى ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-7 22:15 ئويلاشنىڭ

ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لوغىتى تۇلۇق نۇسقىسى چۈشۈرۋېلىڭ

ماڭا بۇلۇپ توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تۈۋەندىكى ئىككى خىل ئالبۇم ياساش دىتا

2013-يىللىق شوپۇرلۇق تەقلىدىي ئىمتاھان سىستېمىسى(ھەقسىزتۇلۇق نۇسقىسى ) 4674 پىراۋا ئېلىش ھەلەكچىلىكدە رىيازەت چى

ADSafe كومپىيۇتېر ئېلانلىرىنى توسۇش يۇمشاق دېتالى مەزكۇر دېتالنىڭ نامى: ADSafe نەشىر نۇسخىس

http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2014/0701/20140701112932862.jpg يۇمشاق دېتال ئىسمى: بەيدۇ ۋېروسخورى دېتال چوڭلۇقى: 15.6M يېڭىلانغ

جەمئىي مىكروبلوگ 803 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دوختۇر 2014-7-26 19:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىسەل بولۇپ قالغانلار بار مۇ ؟؟؟

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يېقىن بىلگەنلەر مېنى يېقىن بىلمەپتۇ، مېنى يېقىن بىلگەنلەرنى مېنىڭ دىلىم بىلمەپتۇ.

  • ئۈمىت 2014-6-9 07:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    بارىـــلىق جانلــــىقلار ئىچـــــىدە پەقەت ئــىنسانلارلا ئۆزبالسىنى ئۆزگــىلەرنــــىڭ تەربىيلىـــشگە تاپ ...

  • سرداش 2014-6-8 18:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدرىڭىزنى بىلمىگەن كىشىلەرگە ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلارنى زىرىكتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزگە ئازاپ ۋە ھارغى ...

  • سرداش 2014-6-8 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۆزىڭىز لىفىتتا ئاۋازسىز يەل تاپانچىدىن(يەل قويۇۋېتىش) بىرنى ق ...

  • illiq 2014-6-8 12:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ ھايات بىر-بىرىدىن گۇمان قىلغۇدەك، خاپا بولۇپ ئاداۋەت تۇتقىدەك ، رەنجىپ تاشلىشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئۇنچە ئ ...

  • illiq 2014-6-8 11:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاق كۆڭۇللەر ئالدىنىپ قالسا مەسخىرە قىلىپ كۇلگەن دۇنيا بۇ،مەن بەختىمنى تاپاي دىگەندە ئۇيقىغا كەتكەن دۇنيا ب ...

  • nur 2014-6-10 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر باي ئاغرىپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئۈزىدىنمۇ باي بىرەيلەننى يوقلاپ بېرىپتۇ.چوڭ باي خۇرسىنغان ھالدا: ‹‹ئ ...

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلللىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش تامامەن مۈمكىن باشتىن ئۆتكەن تارىخنى يۇرەكتىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۇنداق ئا ...

  • ئۈمىت 2014-6-9 07:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىن ئاققان ھەر بىر تامچە ياشقا سەل قارما، كۆزۈڭدىن ئاققان بىر تامچە ياش سىنىڭ بىر قەدىمىڭگە ئەڭ  ...

  • سرداش 2014-6-8 18:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھازىر يەسلى باللىرى جىندا بىر-بىرگە مۇھەببەت ئىزھار قىلالايدىكەن دىسە.بۇنىڭغا نىمە سەۋەپ ئەمدى؟ئۇلار بىخىدا ...

  • سرداش 2014-6-8 17:59 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق ،يۈرىكىدە نەشتىرى بار.

  • illiq 2014-6-8 12:01 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆتۈۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس بەلكى ئۆمۈردۇر.

  • ۋولقانى 2014-6-6 23:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    رۇبائىلار بىراۋنى «تىكەنلەر چاچىدۇ» دېدىڭ، «ناھەقكە يوللارنى ئاچىدۇ» دېدىڭ. نەق گەپنى ئالدىدا دېيەلمەيسەن ي ...

  • نۇرلان 2014-6-9 08:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    يانفون بېتى ياساش دەرسلىكى

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەگەر سەن كەمبەغەل تۇغۇلغان بولساڭ ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس،بىراق كەمبەغەل ئۆلۈپ كەتسەڭ ،ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ...

  • سرداش 2014-6-8 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇغۇچى دەرىسكە كىچىكىپ قاپتۇ . ئوقۇتقۇچى - نىمە دەپ كىچىكىپ قالدىڭ ؟ دەپتۇ . مەكتەپكە يېقىن كەلسەم " ئالدىڭىز ...

  • سرداش 2014-6-8 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاشىق بولۇش ئېگىز بىناداىن سەكرىگەنگە ئوخشايدۇ ، مىڭىڭىز سىزگە بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس دىسە ،يۈركىڭىز سىزگە سە ...

  • illiq 2014-6-8 12:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‏سەۋىرچان بۇلاي دىسىڭىز بېلىق تۇتۇڭ ، يۇگۇرۇشچان بۇلاي دىسىڭىز توشقان تۇتۇڭ ، دۆت بۇلاي دىسىڭىز مابەت تۇتۇڭ  ...

  • illiq 2014-6-8 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتىڭىزدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغانلارنى پىيادە قويماي ،تاكسى چاقىرىپ بىرىڭ،بولسا ئايرۇپىلانغا سەپ قويسىڭى ...

  • تور858251 2014-5-18 15:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    نەچچىنجى يىللىقنىڭ لازىم ؟؟1

كۆرۈش: 610|ئىنكاس: 1

كىنوبېكەتتىكى قار ناخشىسىmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8596

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2627 سەر
تۆھپە
1624 سەر
تىللا
1225 دانە
جەۋھەر
3 دانە
خەۋەر
536- بېكەتتىكى قار ناخشىسى9 Y: f3 v+ O$ Q, g: t7 I# l6 l
(ھېكايە): }8 J) u9 b; O/ v  q, X; X$ d
ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە

6 |/ s4 T# w1 s% L/ @1 F% o 6 q8 e% U/ v+ ~0 z) c" f
نويابىرنىڭ بېشىدىلا لەپىلدەپ قار ياغىدىغان شىمالدىكى بۇ يۇرتنىڭ قىش پەسلى تاكى مارت ئايلىرىنىڭ ئاخىرىغىچە سوزۇلىدۇ. ھەر قېتىم قار لەپىلدەپ ياغقاندا پۈتۈن زېمىن ئاق شايىدىن تون كىيىپ، يول بويىدىكى دەرەخلەر خۇددى مۇنچىدىكى ئايالدەك يالىڭاچلىنىپ قالىدۇ. قىشتا قار يېغىشمۇ يازدا يامغۇر ياغقاندەكلا تەبىئىي ھادىسە. شۇنداق بولسىمۇ مەن قارنى قىشنىڭ بىردىنبىر بېشارىتىدەك ھېس قىلىمەن. كەچ كۈزنىڭ ئاخىرقى ئىللىقلىقى تۈگەپ قىشنىڭ مۇزدەك ھاۋاسى يۈزلەرگە ئۇرۇلغاندىمۇ يەر يۈزىدە قار بولمىسا قىشنىڭ كەلگەنلىكىگە تازا ئىشەنچ قىلالمايمەن. مەن ھەر قېتىم قارنى كۆرسەم ياكى قار ھەققىدە خىيال سۈرسەملا قارنىڭ شەكلى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. قارنى تۇتقىلى بولسىمۇ، لېكىن يەردە، دەرەخ شاخلىرىدا شەكلىنى يوقاتماي تۇرغان قارنىڭ بىزنىڭ ئىسسىق ئالىقىنىمىزدا مەۋجۇت شەكلىنى ساقلاپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى پەقەت بىرنەچچە سېكۇنتلا، خالاس. ھەر قېتىم قوغۇشۇن رەڭلىك ئاسماندىن دەسلەپ لەيلەپ، ئارقىدىن لەپىلدەپ قار يېغىشقا باشلىغاندا قارنىڭ شەكلىنى تاماشا قىلىشىممۇ باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ھۇزۇرى خۇددى يېزىدىكى ئويۇنچى بالىلارنىڭ توشقان قوغلاپ ئويناشلىرىدىنمۇ لەززەتلىك. بۇ خۇددى بەزى ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ كۆزىدىكى تەبەسسۇمىدىن، يەنە بەزى ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ كۆكسى ياكى ساغرىسىغا قاراشتىن ھۇزۇر ئالغىنىدەكلا نورمال بولغان تۇيغۇ جەريانى، بۇ خىل تۇيغۇ جەريانى تەن ئېقىنىمىزدا ئۆزلۈكىدىن قانداق پەيدا بولغان بولسا، قىسقا مۇددەتلىك قىزىشتىن كېيىن يەنە شۇنداق ئۆزلۈكىدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ. گەرچە قارنىڭ سۇبيېكتىپ مەزمۇنىدا ئەزەلدىن ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ شەكلىدە ناھايىتى روشەن پەرق مەۋجۇت. قارنىڭ مەن كۆرگەن شەكلى جەمئىي 17 خىل، دېمەك، ئەتراپىمدىكى ئادەملەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىدە بىر خىل شەكىلدىلا نامايان بولىدىغان ئاق قار مېنىڭ كۆرۈش سەزگۈمدە ئاق رەڭلىك، كۆپ خىل شەكىللىك ماددا.
! E$ K, F/ G) ]2 o* t5 a" Iئەمەلىيەتتە، مېنىڭ قار ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىمنىڭ ھەممىسى سەن بىلەن شەكىلداش ھەم مەزمۇنداش ئىدى، مەھبۇبە. سەن خۇددى قاردەك ئاق ۋە يۇمشاق، شۇنداقلا يەنە قاردەك يەڭگىل ۋە سوغۇق ئىدىڭ. سەن مېنىڭ قەلبىمگە يېغىپلا ئېرىپ كەتكەن بىر قېتىملىق قار. شۇ تاپتا مەن لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان 536 - بېكەتتە قاردەك يۇمشاق، قاردەك سوغۇق خىيال دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. سەن تېخى باياتىنلا تاتلىق بىر كۈلۈمسىرىشىڭ بىلەن ماڭا ئۆزۈڭنىڭ ئۆلۈكۈڭنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدىڭ. بۇ ئۆلۈك خۇددى قىشتەك سوغۇق بولۇپ، مەن ئەمدى بۇ سوغۇق ئۆلۈكنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر تۇپراقلىرىغا كۆمۈشۈم كېرەك ئىدى. مەن خىيالىمدىكى سېنىڭ سوغۇق ئۆلۈكۈڭ ئالدىدا سەن ھەققىدىكى خاتىرىلىرىمنى قايتىدىن ۋاراقلاشقا باشلىدىم...
9 O) @' G9 _8 i& gئۇ كۈنىمۇ لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى. كوچىدىكى ئادەملەر قېلىن قار ئىچىدە ئۆيلىرىگە ئالدىراش قايتىشماقتا ئىدى. مەن ئىشخانىدىن چىقىپلا 536 - بېكەتكە كەلدىم. بېكەت چۆلدەرەپ قالغان بولۇپ پەقەت سەنلا بۇ بېكەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ تۇرغاندەك يالغۇزلا تۇراتتىڭ. قاپقارا بۈدۈر چاچلىرىڭ قار گۈللىرى بىلەن تەكشى بېزەلگەن بولۇپ، قىزىل رەڭلىك مامۇق چاپان ئىچىدىكى سەن خۇددى بىر ۋاراق قەغەزدىكى بىر تامچە قاندەك پارلايتتىڭ.1 h- A* [0 r0 m4 y1 s* a
مېنىڭ سەن بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىم مانا مۇشۇنداق ئاددىيلا باشلاندى. ئەمما، مەن بۇ ئاددىي باشلىنىشنىڭ مېنىڭ روھىي دۇنيارىمنى بۇ قەدەر قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئەمەلىيەتتىمۇ بىر قىزنىڭ قار ئىچىدە ماشىنا ساقلاپ تۇرۇشى بىلەن مۇھەببەتنىڭ شەكىللىنىشىدە ھېچقانداق باغلىنىش يوق ئىدى. چۈنكى، بۇ يەردە سەندىن باشقىمۇ نۇرغۇن قىزلار تۇرغان - دە!1 K& @* S/ B# a" T$ M
قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. قىزىل رەڭنىڭ بېشارىتى بولغان بىر تامچە قان ئاق قار ئىچىدە سېنىڭ شەكلىڭدە تىك تۇراتتى. بۇ ھال خۇددى قار قان ئىچىدە ئېرىپ كەتمەي، قان قار ئىچىدە توڭلاپ قالماي بىرى يەنە بىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ تۇرغاندەكلا ئىدى. سەن بولساڭ پات - پات لەيلەپ چۈشۈۋاتقان قارلارنى ئالىقىنىڭغا قوندۇرۇۋېلىش بىلەن ماشىنا كۈتۈشتەك زېرىكىشلىك ھالەتنى ئۇنۇتماقچى بولغاندەك قىلاتتىڭ...  \# ?6 R! o/ n0 n" f% V. {
−− ياخشىمۇسىز؟4 a& e/ X* {' k# T: V
بۇ مېنىڭ ئاۋازىم، شۇنداقلا يەنە بىر ئەرنىڭ ئاياللار ئالدىدىكى مۇلايىم ئاۋازى ئىدى. نېمىشقىدۇر، ئەرلەرنىڭ قوپال ئاۋازى ئاياللار ئالدىدا مانا مۇشۇنداق مۇلايىملىشىپ كېتەتتى., A: P; P9 Y' ], T, b
−− ياخشى.4 P$ H6 I0 Q% k, q( L2 M5 @5 p
بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭ ئىدى. سېنىڭ ئاۋازىڭنىڭ شەكلى ماڭا قاردەك ئاق ۋە قاردەك يۇمشاق تۇيۇلۇپ كەتتى.8 L  k! W( p2 ]% X2 `2 a! u, O
−− سىز قارنى ياخشى كۆرەمسىز؟3 G0 d$ S: H( e) w
−− ياخشى كۆرىمەن، −− دېدىڭ سەن جاۋابەن بىر تال قارنى ئالىقىنىڭغا قوندۇرغاچ.
  k; \& Z) T9 y4 F3 Y3 _: c- Q−− قار سوغۇق تۇرسا، −− دېدىم مەن گېپىمنى داۋاملاشتۇرۇپ.
6 ~, v* z; h# g* L' M7 N; V, d6 Y−− قار سوغۇق بولغىنى بىلەن مېھرى ئىسسىق بولىدۇ- دە!
  n- \. G5 K+ b; ?−− يەنىچۇ؟8 ?+ |1 Z* s; x$ ?# X: Q. s
−− قارنىڭ ئىچىدە ئۆزۈممۇ بار ئەمەسمۇ...8 g5 c/ B" ?0 A3 V& z: w3 @* @4 g6 p
قار خۇددى بۈگۈنلا يېغىۋالمىسا بولمايدىغاندەك لەپىلدەپ چۈشۈۋاتاتتى. 536 - بېكەتتە يەنىلا ئىككىمىز يالغۇز تۇراتتۇق. سېنىڭ تېخى ھېلىلا ئاۋازى مۇلايىم چىقىدىغان بىر ئەر بىلەن بولغان سۆھبىتىڭ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ خىيالىم ئىدى. بۇ مۇلايىم ئاۋاز بىلەن سېنىڭ ئاۋازىڭ مېنىڭ ئىچىمدىكى ئاۋاز ئىدى. بۇ ئاۋازنى مەندىن بۆلەك ئىككىنچى بىر ئادەم ھەتتا سەنمۇ ئاڭلىيالمايتتىڭ. ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە شېرىن خىياللارغا ئەسىر بولۇپ، ئۆز- ئۆزى بىلەن ئۈنسىز پىچىرلىشىشى ئېھتىمال ئەرلەرنىڭ تەسەۋۋۇر ئېكىنزارلىقىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك. بەلكىم ئەرلەر ئاياللار بىلەن تولۇپ تۇرغان مەۋجۇت رېئاللىقىدا ئۆزىنىڭ تەنھالىقىنى ھېس قىلغاندا مۇشۇنداق ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى نامايان قىلىدىغاندۇ. شۇ ئەسنادا ئىچىمدىكى ئاۋاز يەنە پەيدا بولۇپ قالدى:* n) S/ v# j* L
−− بالىڭىز باردۇر- ھە؟
8 v3 @. f/ |  U0 I4 J- E+ _: B# P: \−− قىزنىڭمۇ بالىسى بولامدۇ؟* U% `) R& J$ r1 O: I  u
−− رەھمەت.  Q+ z' f, e$ Z
−− نېمىگە؟
0 G! R- x3 v  }' \/ p! h/ s−− قاردەك ئاقلىقىڭىزغا.! b% V. W( Y* z  W/ S' Q$ Q" m+ W
−− يەنىچۇ؟
3 E6 n) i3 s2 v−− قاندەك ئىسسىقلىقىڭىزغا." B" Q( v3 J; \5 B. ^2 A2 g
−− قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز- ھە!
$ G* o0 X* \0 Bكۆزۈم لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قېلىن قار ئىچىدە سۆرىلىپ كېلىپ ئالدىنقى بېكەتتە توختىغان ماشىنىغا چۈشتى. بۇ شەھەرنىڭ ماشىنا بېكەتلىرىمۇ خۇددى شەھەرنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئەپچىل بولۇپ، قارا يۇمۇرچىلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا بىر غېرىچ مۇساپىدە بىر بېكەت بار ئىدى. ماشىنا ئالدىنقى بېكەتتىكى ئېلىم - بېرىمىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن قوزغىلىپ بىز تەرەپكە يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. سەن كېلىۋاتقان ماشىنىغا بويۇنداپ قارايتتىڭ. مەن ماشىنىغا قارىغان بولۇپ ساڭا قارايتتىم. گەرچە ھەر ئىككىمىز 536 - بېكەتنىڭ يولۇچىسى بولساقمۇ، مەن خۇددى سېنى ھېلىلا كۆرۈش دائىرەمدىن چىقىرىپ قويىدىغاندەك، سەن ماشىنىغا چىقساڭلا ئېرىپ بىر تامچە سۇغا ئايلىنىپ، ئارقىدىن غايىب بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلماقتا ئىدىڭ. ھايال ئۆتمەيلا ماشىنا ئالدىمىزدا توختاپ ئىشىكى ئېچىلدى. بىز بىرىمىز يەنە بىرىمىزنىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ داۋامىدەك ماشىنىغا چىقتۇق. سەن مېنىڭ ئارقامدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ئىدىڭ. ئەمدى ئارقامغا بۇرۇلۇپ ساڭا قاراش خۇددى خەقنىڭ يانچۇقىغا بويۇنداپ قاراشتىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. قاراپ ئولتۇرۇش نۆۋىتى ساڭا كەلگەن بولۇپ، سەن ماڭا ئەمەس، بەلكى شەلۋەرەپ كەتكەن بىر جاراھەتكە قاراپ ئولتۇراتتىڭ.
1 L/ D4 E# `' x- }+ aلەپىلدەپ يېغىۋاتقان ئاق قار ئۇچۇپ كېلىپ ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە سوقۇلۇپ پەسكە چۈشۈپ كېتەتتى. قويۇق بۈدۈر چاچلىرىڭدىكى قار گۈللىرى ئېرىپ سۇ تامچىلىرىغا ئايلانماقتا ئىدى. كۆزۈم قويۇق بۈدۈر چاچلىرىڭدىكى سۇ تامچىلىرىدا ئىدى. ئىچىمدىكى ئىككىمىزنىڭ ئاۋازى يەنە ياڭراشقا باشلىدى:5 V9 V" W- @8 i0 p7 H% |
−− چېچىڭىزدىكى قار گۈللىرى ئېرىپ كېتىۋاتىدىغۇ؟$ {* e( o3 K; o% Y; T
−− شۇنداق، دۇنيادا مەڭگۈلۈك نەرسە يوق.* A. g# ~8 V! x  C6 j
−− سىز ئالدىمىزدىكى قايسىدۇر بىر بېكەتتە چۈشۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن - ھە!
! O( H- F+ m/ b/ h6 _−− شۇنداق، ئالدىنقى بېكەتتىن ئايرىلغاندىلا يەنە بىر بېكەتتە چۈشۈپ قېلىش تەقدىرى پېشانەمگە پۈتۈلۈپ كەتكەن.$ ~" g8 B& U! @; _
−− سىز مەسىلىلەرگە ناھايىتى ئەستايىدىل باھا بېرىدىكەنسىز.$ ^' v3 j, ?! k' O
−− شۇنداق، مەن تولىمۇ تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن ماتېرىيال.- w1 q# c! X. O$ h
−− ئۇنداقتا سىز قايسى قولى گۈلى زات ئىشلىگەن ماتېرىيال؟' F8 i' B& Q- T# R. `# s+ U- s
−− سىزنى ئىشلەپ زاۋۇتتىن چىقارغان زات.  H. V1 v6 E" K, ]( I* @
−− دېمەك ئىككىمىز بىر زاۋۇتنىڭ ماتېرىيالى ئىكەنمىز-دە؟" r# y! L# h0 o0 U6 ~* l  S5 X
−− شۇنداق، بىراق ئىشلىتىلىش ئورنىمىزدا پەرق بار ماتېرىيال بىز.. _: e& k, ?: }8 X
−− مەسىلەن، قانداق پەرق بار؟
* D# q" D1 `7 e& b+ ]−− مەن گۈزەللەشتۈرگۈچى، سىز مۇستەھكەملىگۈچى...: h9 Q& N; _' z  ?
ماشىنىنىڭ تۇيۇقسىز تورمۇز قىلىپ مۇز ئۈستىدە سىيرىلىپ توختىشى ئىچىمدىكى ئىككىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئۈزۈپ قويدى. بۇ چاغدا سەن پېشانەڭگە پۈتۈلگەن بېكەتتە چۈشۈپ قېلىش ئۈچۈن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بولغانىدىڭ. كۆز ئالدىمدا يەڭگىل ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى پۇتۇڭ ئۇزۇن، ئىنچىكە، سىلىق ئىدى. بەلكىم ھەر قېتىم پايپاق كىيگەن ۋاقتىڭدا بۇ ئۇزۇن، ئىنچىكە، سىلىق پۇتلىرىڭنى ئاڭسىز رەۋىشتە نەچچىنى سىلايدىغانسەن. بۇ چاغدا سەن ئوڭ ق−ول−ۇڭ بىلەن سول قولۇڭنى تۇت−قاندەكلا تۇيغۇدا بولارسەن. لېكىن مەن شۇ ئۇزۇن، ئىنچىكە، سىلىق پۇتلىرىڭغا قاراپ شېرىن خىياللارغا غەرق بولۇپ كەتتىم. مەن بۇ خىل شېرىنلىك ئىچىدە سېنىڭ پۇت تومۇرلىرىڭدىكى قاننىڭ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. تومۇردىكى قان راستلا شىلدىرلاپ ئاقامدىغاندۇ؟ ئېھتىمال ئۇنداق بولماس. لېكىن سېنىڭ پۇت تومۇرلىرىڭدىكى قان مېنىڭ تۇيغۇمدا راستلا شىلدىرلاپ ئاقماقتا ئىدى. ۋاقىت چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئۇزۇن، ئىنچىكە، سىلىق ئىككى پۇتتا شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان قان ئىشىك تەرەپكە ئاقماقتا ئىدى. تۇيۇقسىز يۈزۈمگە مۇزدەك سوغۇق ھاۋا ئۇرۇلدى. بۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلغان بولۇپ، سەن ماشىنىدىن چۈشۈپ لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار بىلەن قوشۇلۇپ كېتىۋاتماقتا ئىدىڭ...
* {+ \6 Y" H' B  e$ tئەتىسىدىن باشلاپ سېنىڭ لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ئىچىدىكى شەكلىڭ كۆز ئالدىمدىن بىردەممۇ نېرى كەتمىدى. ھەيرانمەن، ھەر يىلى بۇنداق لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ئىچىدە بۇ بېكەتتە تالاي قېتىملاپ تۇرىمەن. بۇ بېكەتتە نۇرغۇن قىز- ئاياللار ماڭا ھەمراھ بولۇپ ماشىنا ساقلايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مەندە بۇنداق مۇھەببەت تۇيغۇسى شەكىللەندۈرەلمىگەنىدى. يەنە كېلىپ قاردا قالغان قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ مەنتىقىسىزلىك ئىدى.
8 F5 B+ e5 E1 n4 x  Oمەن ئىدارە ئالدىدىكى قارلارنى تازىلىغاچ سەن ھەققىدە شۇنداق خىياللارنى سۈرۈپ قالدىم. ئاپئاق قارلار قۇياش نۇرىدا ۋالىلداپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. توساتتىن خىيالىمغا يەنە تۈنۈگۈنكى ماشىنا كېلىپ قالدى. تۈنۈگۈن سەن بىر تامچە قاندەك شىلدىرلاپ ئېقىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، مېنىڭ كۆرۈش سەزگۈممۇ كاردىن چىقىپ كەتكەنىدى. ئەمدى ئويلاپ باقسام تۈنۈگۈنكى ماشىنا سەن چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، يوغان بىر ئۆلۈك ساندۇقىغا ئوخشاپ قالغانىدى. سەن بولساڭ ئۆلۈك ساندۇقىدىن چۈشۈپ قالغان تىرىك ئادەم ئىدىڭ. بۇ ئۆلۈك ساندۇقىدا مېنىڭ قانچىلىك بىئارام بولغىنىمنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن.
' ~6 p- A* l! I" F−− مەن گۈزەللەشتۈرگۈچى.
* Q& _, g) ?* Y9 W: ~سەن مېنىڭ ئىچىمدىكى ئاۋازدا مۇشۇنداق دېگەنىدىڭ. ئەمەلىيەتتە سەن ھەقىقەتەنمۇ گۈزەللەشتۈرگۈچى ئىكەنسەن. سەن ماڭا لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارنى، قار ئىچىدىكى سوغۇق بېكەتنى، تۇيۇقسىزلا ئۆلۈك ساندۇقىغا ئايلىنىپ قالغان ماشىنىنى گۈزەل بىر شەكىلدە كۆرسەتكەن ئىدىڭ. مەن مانا شۇ گۈزەل شەكىللەر ئىچىدە سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم.
9 G. G: C) z* _2 C( e4 B% T( J−− ئاھ، جېنىم... قار...
) ?8 U) v3 _/ D' M0 a/ @لەۋلىرىمنىڭ ئىختىيارسىز مىدىرلاپ كېتىشى بىلەن تەڭ ئاۋازىم سىرتقا چىقىپ كەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىنى ئۆزۈملا ئاڭلىيالىدىم. ئەمما، ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىدىكى خاتالىق قەلبىمنى ساراسىمگە سېلىپ قويدى. مەن مۇشۇ چاغدىلا سېنىڭمۇ ئۆزۈڭگىلا مەنسۇپ ئىسمىڭنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، مەن ساڭا ئۆزۈم خالىغانچە ئىسىم قويۇپ قويسام بولمايتتى. بەلكى، سەن ئىسمىڭنى نېمە دەپ بەرسەڭ سەن شۇ ئىسىملىك قىز بولۇپ قېلىۋېرەتتىڭ. مەن سېنىڭ قار ئىچىدىكى شەكلىڭنى تەسەۋۋۇر قىلالىغىنىم بىلەن سېنىڭ ئىسمىڭنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم، شۇڭا مەن ساڭا نەچچە ئىسىمنى قويۇپ باققان بولساممۇ، بۇ ئىسىملار ساڭا پەقەتلا سىڭمەيتتى. ئەمدى مەندە سېنىڭ ئىسمىڭنى بىلىش ئىستىكى پەيدا بولدى. لېكىن سەن ئۇدا نەچچە كۈن بېكەتتە كۆرۈنمىدىڭ. شۇ چاغدىلا مەن سېنىڭ 536 - بېكەتتىكى پەقەت بىر قېتىملىق يولۇچى ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلدىم. بەلكىم، مەن مۇشۇ بېكەتتە سېنى كۈتۈپ تۇرغان ۋاقتىمدا سەن يەنە باشقا بىر بېكەتتە تۇرغان بولۇشۇڭ، مېنىڭ 536 - بېكەتتە سېنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىمنى ئەسلا بىلمەسلىكىڭ مۇمكىن. چۈنكى، سەن ھەققىدىكى شېرىن خىياللارنىڭ ھەممىسىنى مەن سۈرگەن. مېنىڭ خىيالىمدا سەن بولغان بىلەن سېنىڭ خىيالىڭدا مېنىڭ بولۇشۇم ناتايىن.* Z- n! o& ^  l( A
−− قارىڭە، يەنە قار ياغقىلى تۇردى.
& b& Y  N( ]3 H3 ^# M: t  j# |/ ^! iمەن بىلەن خىزمەتداش قىزنىڭ ئاۋازىدىن يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى. چۈنكى، قار دېگەن بۇ گەپ ماڭا يەنە سېنى ئەسلەتكەن ئىدى. دېرىزىدىن قارىسام لەپىلدەپ قار يېغىۋېتىپتۇ. تۇيۇقسىز كۆزۈم مول سەدىقىگە ئېرىشكەن بىچارىنىڭ كۆزىدەك چاقناپ 536 - بېكەتتە تۇرغان ساڭا چۈشتى. سەن يەنىلا لەپىلدەپ يېغىۋاتقان ئاق قار ئىچىدە ئاۋۋالقىدەكلا تۇراتتىڭ. سېنىڭ قېلىن ئاق قار ئىچىدىكى شەكلىڭ يەنىلا شۇنداق گۈزەل ئىدى. مەن ئالدىراپلا ئىشخانىدىن چىقىپ بېكەت تەرەپكە يول ئالدىم. چۈنكى، مەن بېكەتكە ئاشۇ كۈندىكى ئۆلۈك ساندۇقىدىن بۇرۇن يېتىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، بولمىسا سەن كۆز ئالدىمدىن يەنە غايىب بولاتتىڭ.0 _% R0 ?; R6 d2 M$ ]
شۇنداق قىلىپ مەن سەن بىلەن ئىككىنچى قېتىم يەنە لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ئىچىدە ئۇچراشتىم.6 ]! \: M5 R% z6 J7 u% B- b0 `
−− ئەجەب قاتتىق ياغدى - يا، بۇ قار!
" V0 e( T$ U0 x$ N3 h! U* Uبۇ مېنىڭ ساڭا رېئاللىقىمدا تۇنجى قېتىم گەپ قىلىپ ئەھۋال سورىشىم ئىدى. ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزدىن مۇشۇنداق ئۇسۇلدىمۇ ئەھۋال سوراشنىڭ بولىدىغانلىقىدىن ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم.1 P* `4 U$ a, z) j( ~7 i
−− سىزمۇ قارنى ياخشى كۆرەمسىز؟; w/ q* k3 W# M% \* M
سېنىڭ ئاۋازىڭ ماڭا قاراپ بىر تامچە قاندەك ئېقىپ كەلدى.
7 I( V1 t' V" m, S: {7 y8 z−− ئەلۋەتتە، چۈنكى قار ياغسىلا ئىككىمىز مۇشۇ بېكەتتە قاردا قالىدىكەنمىز.8 u7 a4 T+ M& c" [5 Q4 D8 o
−− باشقىلارچۇ؟
1 Z2 N% D. W1 I* f. m- e−− باشقىلار قاردا قالسىمۇ قاردا قالغاندەك كۆرۈنمەيدىكەن.
% m& ~6 H& G6 |. [سەن سوغۇقتا قىزارغان بارماقلىرىڭنى غۇنچىدەك لەۋلىرىڭدە پۈۋلىگەچ:
# l9 }3 N. H3 u% @* ?* n0 C; Z- f−− سىز ئاجايىپ تېگى بار گەپ قىلىدىكەنسىز- ھە، −− دېدىڭ.1 U8 N$ y# a& u! G, c( z3 n; u2 X
بۇ گېپىڭدىن ھەيران قالدىم. سەن مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى قانداق بىلىۋالغانسەن. ياكى مەنمۇ سېنىڭ خىيالىڭدا بىر تامچە قانغا ئايلىنىپ قالغاندىمەنمۇ؟
1 N( H* F) h3 o+ d; B1 Uسەن شۇنداق دېگەچ ماڭا قاراپ ۋىللىدە كۈلۈمسىرىدىڭ. مەن سېنىڭ بۇ تاتلىق كۈلۈمسىرىشىڭدىن يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ سورىدىم:2 j1 Y3 c0 l& T' d. H5 ^
−− ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟6 M- j* j, y8 ?/ o! C2 S2 u6 z- ~
−− مەھبۇبە.
# \0 B  |0 q* u& B$ @  Wسېنىڭ ئىسمىڭ ماڭا تولىمۇ چىرايلىق ۋە يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتتى.7 x3 G7 f" J8 ~* |
ئەمەلىيەتتە ئىسمىغا قاراپ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن پەقەت سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاچقىلا ئىسمىڭمۇ ماڭا يېقىملىق تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى. بولمىسا مەن بىلەن بىر بۆلۈمدە ئىشلەيدىغان قىزنىڭمۇ ئىسمى مەھبۇبە، ئۆزى ئوچۇق - يورۇق، خۇش چاقچاق قىز ئىدى. ئۇنىڭ قاراشلىرى ئادەمگە تولىمۇ سىرلىق تۇيۇلاتتى. مەندىن بۆلەك ئادەمگىمۇ شۇنداق تۇيۇلامدۇ قانداق، بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن بىر قىزنىڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتىگە قارىغاندىكى ھالىتىنى ھېس قىلىمەن. لېكىن ئۇ مەن ياخشى كۆرگەن قىز ئەمەس ھەم مەنمۇ ئۇنىڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتى ئەمەس. بەلكىم بۇ مەندىكى خاتا تۇيغۇ بولۇشىمۇ مۇمكىن.1 H# O" ]. X, G1 B% Y
لەپىلدەپ يېغىۋاتقان ئاق قار ئىچىدىكى 536 - بېكەت تولىمۇ گۈزەل ئىدى. تۇيۇقسىز بىر تال قار لەيلەپ چۈشۈپ كىرپىكىمگە قوندى. مۇشۇ بىر تال قار ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى بىر قىز ساۋاقدىشىمنى خىيال بوستانلىقىمغا سۆرەپ كىردى. مەن ئۇ قىز ساۋاقدىشىمنى قاچانلا كۆرسەم ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ھالەتتىلا كۆرەتتىم. ئۇنىڭ بۇنداق زېرىكمەي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشى ماڭا تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلاتتى. كېيىن ئۇقسام، ئۇ قىز ساۋاقدىشىم مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئاشۇ كۈلۈشلىرى بىلەن ماڭا ئىزچىل مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ كەلگەنىكەن. مەن شۇ چاغدا كۈلكە بىلەن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتەك بۇنداق رومانتىك تۇيغۇنى ئەسلا ھېس قىلالمىغان ئىكەنمەن. مېنىڭ بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىم بولسا ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىم ئاخىرلاشقان ۋاقىت ئىدى. ئۇ كۈنى مەن ئۇ قىز ساۋاقدىشىم بىلەن مەكتەپ ئىچىدىكى گۈللۈكتە پاراڭلىشىپ قالدىم./ |2 r4 }( b. Y3 I; C
−− قاچان ماڭىسىز؟) }8 n( f0 d0 J, [& l
ئۇ قىز ساۋاقدىشىم مەندىن ئەڭ بۇرۇن مۇشۇ سوئالنى سورىدى. خۇددى ئۆزى كەتمەي مەكتەپتە ئۆمۈرۋايەت قالىدىغاندەك.
& a5 l9 J- `8 `, I  Q$ W0 }−− ئەتە كەچتە ماڭىمەن.
$ D5 T; {3 X$ D% G: Kجاۋاب بېرىۋېتىپ ئۇنىڭ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. شۇڭا:& Z2 H1 Y/ G" G7 K0 M$ A
−− مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟ −− دەپ سورىدىم.. R4 Z1 p; N: d% M
−− قانداق دەيسىز؟ −− مەندىن قايتۇرۇپ سورىدى ئۇ.4 c, L) q9 n& g' f9 `* m) w" E
−− كۆزىڭىزدە ياش تۇرىدۇ، ئەسلىي بۇ بىر كۈلۈپلا تۇرىدىغان چىرايلىق كۆز ئىدى، −− دېدىم.
% V3 j5 c" E# y9 A; a4 i−− ياقەي، −− دېدى ئۇ لېۋىنى بوشقىنە چىشلەپ قويغاندىن كېيىن، −− بۇ ياش ئەمەس كۈلكە. بۇرۇن كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلىغان بۇ كۆز ئەمدى يىغلاپ تۇرۇپ كۈلۈۋاتىدۇ.
4 j6 n8 u" T" l8 j/ O6 ]) [مەن ئۇنىڭ گرامماتىكىغا چۈشمەيدىغان بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ چوڭقۇر بىرنى تىنىۋالغاندىن كېيىن:
6 t+ L# N# {; \- @9 i−− مەن سىزنى سۆيەتتىم، −− دېدى بوش ئاۋازدا.
: ]: F) G/ g# V( {# V) C4 A−− نېمە؟ قاچاندىن باشلاپ؟7 w! d1 G( b5 v8 _% \5 \
مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان غەلىتە بىر گەپنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقاندەك ئالدىراپ سورىدىم.
/ _' u  {( V- V5 z, V2 ]−− مەن كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلاشقا باشلىغاندىن بۇيان.
' R: r! u$ q+ g/ u6 v' {−− دېمەك... بەش يىل بۇرۇنلىما؟- ?) C' Z5 M, U' U+ R- p
ئۇ ماڭا قارىماي تۇرۇپلا بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئىچىم ئاچچىققا تولدى. بەش يىل بىر ئادەمگە قاراپ كۈلۈپ ئۆتۈش نەقەدەر قىيىن - ھە! مەن شۇ چاغدىمۇ ئۇ قىزنىڭ يۈرىكىدىكى ئازاب يىلتىزىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلالمىغان ئىدىم. بۇنى مەن پەقەت سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىنلا تولۇق ھېس قىلىپ يەتتىم. بىچارە قىز بەش يىللىق ھاياتىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىرئادەم بىلەن بىر قېتىممۇ پىيادە ماڭالماي چۈشكە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. مەنچۇ؟ مەن سەن بىلەن بۇ شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدە، چىرايلىق باغچىلىرىدا بىللە ماڭالامدىم؟' m, {8 r* I, G" `9 @, ~& _5 n5 `1 n
مەن ساڭا بۈگۈن ئوچۇقلا تەكلىپ قويۇش قارارىغا كەلدىم. كىم بىلىدۇ، كېلەر قېتىملىق قار يەنە قاچان ياغىدۇ.
* B/ Q  r2 N2 U6 r) p+ r1 t−− پىيادە ماڭساق بولامدۇ؟  P3 \2 ^: e* y$ Q
−− ئەنە، ماشىنا كېلەيلا دەپ قالدى., j: G7 U" X' G7 Q5 M8 {/ O
بۇ سېنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابىڭ بولدى. قارىسام راستلا كۆز يېتىم يەردە ماشىنا لۆمۈلدەپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
# g1 z: R& P8 `, J/ P: |& U" nكاساپەت!# `9 [8 U0 u0 r# n9 a: w
مەن سېنى تىللىدىممۇ ياكى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ماشىنىنى تىللىدىممۇ، بىلمەيمەن. ئىچىمدە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ماشىنىنىڭ مۆجىزە يارىتىپ باشقا بىر تەرەپكە ياكى بۇرۇلۇپلا ئارقىسىغا كېتىپ قېلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. لېكىن ئاپتوبۇس بارا - بارا بىزگە يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.
  f# D. u/ m* ]) d8 |قار لەپىلدەپ چۈشۈۋاتاتتى. ماشىنا قار ئىچىدە يوغان بىر دىۋىدەك گۈركىرەپ تۇراتتى. ھايال ئۆتمەيلا بۇ ماشىنا سېنى پېشانەڭگە پۈتۈلگەن يەنە بىر بېكەتكە ئېلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ قەلبىمدىكى مەخپىي گۈللۈككە كىرەلمەي چۈشتەكلا غايىب بولغان ئالىي مەكتەپتىكى ھېلىقى قىز ساۋاقدىشىمدەك مەنمۇ سېنىڭ قەلبىڭدىكى مەخپىي گۈللۈككە كىرەلمەي چۈش بولۇپ كېتىمەن.& i9 M( P  A, `, t) P( \
كۆز ئالدىمدا يېقىمسىز ئاۋازدا گۈركىرەپ تۇرغان ماشىنا ئورنىدىن قوزغىلىپ ئاستا - ئاستا يىراقلاپ كېتىشكە باشلىدى. شۇ تاپتا ئىچىم ئاچچىققا تولۇپ، بۇرۇن تۆشۈكچىلىرىم ئېچىشىپ، بوغۇزۇمغا بىرنېمە قاپلىشىپ قالغاندەك قىينىلىپ كەتتىم...9 p& x3 @2 |% ?; W
−− نېمە بولدىڭىز، مىجەزىڭىز يوقما؟
. E2 [" \( p/ R" O1 }  n: t- X+ Kقۇلاق تۈۋۈمدە تۇيۇقسىزلا ئاڭلانغان سېنىڭ ئاۋازىڭنىڭ رېئاللىق ياكى خىيال ئىكەنلىكىنى دەماللىققا ھېس قىلالمىدىم. چۈنكى، سەن ئاللىقاچان ماشىنىغا چىقىپ پېشانەڭگە پۈتۈلگەن بېكەتتە چۈشۈپ قېلىش ئۈچۈن كەتكەن ئەمەسمىدىڭ. ئېھتىمال مەن يېنىمدا بولۇشۇڭنى ئويلىغاچقا تۇيغۇمدا سېنىڭ ئاۋازىڭ پەيدا بولۇپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەن سېنىڭ ئاۋازىڭنىڭ راستلا تۇيغۇمدىكى سېنىڭ ئاۋازىڭ ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەنچ ھاسىل قىلدىم.! H! z" u) p& x( U! B" O" o
−− سىز بەك قۇۋ ئىكەنسىز- ھە!4 G3 p+ Q9 w1 p7 ?$ t
چۆچۈپ كەتتىم. ماڭا تونۇش ئاۋازىڭ يەنە يېنىمدىلا ئاڭلاندى. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىدىم، قاراپلا يەنە چۆچۈپ كەتتىم. سەن ماڭا قاراپ تۇراتتىڭ.
; o9 W; A7 e  P2 w−− سىز... ماشىنىغا چىقمىغانمۇ؟
  h) w4 I4 A$ o$ u' k3 V4 {, n−− ئۆزىڭىز پىيادە ماڭايلى دېمىگەنمۇ، ئۇنتۇغاق.7 a2 A9 F1 v& S& K0 z( n" s2 W4 S
−− توغرا، مەن شۇنداق دېگەن. ئۇنى سىز ئاڭلىغانمىدىڭىز؟  e/ q- Y9 R: R' ?
−− ئەمىسە ئۇنى سىز باشقا بىرىگە دېگەنمىدىڭىز؟- L! E, |% e+ O2 m
−− دېگىلى بولمايدۇ... گەپ دېگەننى... ھەممە باشقىغا...
- q$ p4 s8 g0 a6 b6 @6 Aئۆزۈمنىڭ نېمە دەۋەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلەلمەي قالدىم. مۇھەببەت دېگەن ئادەمنى ھەقىقەتەن دۆت ھەم گاچا قىلىۋېتىدىكەن. " d- @% n4 U- X% q$ J/ r* t+ [9 \
−− سىز بەكلا رومانتىككەنسىز- ھە!
  p5 f$ M- D9 z0 pسېنىڭ ئاۋازىڭ مېنى تېخىمۇ بىئەپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.% p! c' E* _8 m, J$ l
−− قانداق دەيسىز؟
8 L3 I: ], _( W/ [9 t) R. K0 m−− خىيال بىلەن رېئاللىقنى سۇغا سۇنى قوشقاندەك قوشۇۋېتىدىكەنسىز ئەمەسمۇ.- E1 A6 H( k1 s( L# f
نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. بۇ چاغدا سەن يەنە ئېغىز ئاچتىڭ:4 D+ S9 j% l! J: O7 ]  D8 j
−− باياتىن نېمىنى خىيال قىلىپ تۇرغانتىڭىز؟
% w6 g' ?. S/ ?; [! O" `−− سىز ماشىنىغا چىقىپ كەتكەندىما؟( G2 k9 j" ~4 f2 `6 Y$ J5 d+ P6 H
−− سىز شۇنداق تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا.
( P; B0 D1 v6 l* h" T−− سىزنى چىرايلىق بىر كۆۋرۈك دەپ، ئاندىن بۇ چىرايلىق كۆۋرۈك پارتلاپ كېتىپ خىيال قىلغانىدىم.* D& T4 c' X2 |& A5 P2 j
−− يەنىچۇ؟
% s1 O" O3 e! B8 l0 K0 t−− يەنە... ئىست، ھەقىقەتەن ئېسىل كۆۋرۈكتى، دەپ.2 `8 w! V& s5 A5 U( G7 w: n
جاۋابىم ساڭا غەلىتە تۇيۇلدىمۇ ياكى قىزىقارلىق تۇيۇلدىمۇ ئەيتاۋۇر سەن ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ. ئاندىن:7 z6 P* G& `2 K- K( s' N
−− سىزنىڭ خىيال قىلمايدىغان نېمىڭىز يوقكەن - ھە، −− دېدىڭ.
2 ~' G( Z5 I& G* hئەمەلىيەتتە مېنىڭ تېخى خىيال قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىم بار ئىدى. مەسىلەن، مەن سېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئىسسىق لەۋلىرىڭگە سۆيۈشنى خىيال قىلىشقا قۇربىم يەتمەيتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن چوقۇم ساڭا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي سۆيگۈچى، سېنىڭ ھەقىقىي سۆيۈلگۈچى ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلدۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. بۇنى ھېس قىلدۇرالماسلىق مېنىڭ مەغلۇبىيىتىم بولسا، ھېس قىلالماسلىق سېنىڭ مەغلۇبىيىتىڭ بولاتتى. ئالىي مەكتەپتىكى ھېلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلاپ، يىغلاپ تۇرۇپ كۈلىدىغان قىز ساۋاقدىشىم بۇنىڭ دەلىلى ئىدى. بۇ چاغدا سەن يەنە سوراپ قالدىڭ:
7 d0 ?& s3 A8 l+ \& a−− سىز نېمىشقا ماشىنىغا چىقماسلىقنى ئويلاپ قالدىڭىز؟
: q/ ]2 [5 {- Y8 N8 ~1 y−− ئىشقىلىپ مەن پۇل تېجەپ قېلىشنى مەقسەت قىلمىدىم، −− دېدىم مەن جاۋابەن.
/ ?- w, K; [4 j0 g% u: L( \( w−− بۇنىڭغا مەنمۇ ئىشىنىمەن، −− دېدىڭ سەن سۆزۈڭنى داۋاملاشتۇرۇپ، −− شۇنداقتىمۇ قارلىق يولدا پىيادە مېڭىشنىلا مەقسەت قىلمىغانسىز؟
" F1 k0 T7 F* N/ \% L  ^8 Mسېنىڭ ھەر بىر سوئالىڭدىن مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى سېزىۋاتاتتىم." i. M( `* N/ s
−− گەپ قىلمامسىز؟4 U& s& Y  H, z2 a3 y
سېنىڭ زەردىلىك ئاۋازىڭ ماڭا خۇددى »تەسلىم بولمامسىز« دېگەندەكلا ئاڭلىنىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە مەن سېنى ھېلىقى كۈنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا تەسلىم بولغانىدىم. لېكىن ساڭا تەسلىم بولۇشتا ئىككى قولۇمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تەسلىم بولىمەنمۇ ياكى سەن بىلەن لىق تولغان قەلبىمنى كۆتۈرۈپ تەسلىم بولىمەنمۇ؟ ناۋادا مەن ساڭا سەن بىلەن لىق تولغان قەلبىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ تەسلىم بولسام، سەن مېنىڭ قەلب تەسلىمنامەمدىكى شىددەت بىلەن كۆيۈپ تۇرغان بىچارە خەتلەرنى راۋان ئوقۇيالارسەنمۇ؟
6 h! V3 @% N' F$ e−− نېمە دېسەم بولار؟ −− دېدىم مەن قەلبىمدىكى بىر دۆۋە گەپلەرنى قايەردىن باشلاشنى بىلەلمەي.
. p  f! T0 ^# U% S7 f3 |−− نېمە دېسىڭىز مەيلى، راست گەپ تاپالمىسىڭىز يالغان گەپ قىلسىڭىزمۇ مەيلى.$ d3 G- s1 x/ l, Y5 R# g& ?  c8 u
−− ئەمىسە مەن راست گەپ قىلاي، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مەھبۇبە، −− مەن ھەممە ئادەمگە دېگىلى بولمايدىغان بۇ پارتلاتقۇچ گەپنى ئاخىر غەلىبىلىك ھالدا ئاغزىمدىن چىقاردىم. خىيالىمدا بولسا سېنى باشتا ھەيران قالىدۇ، ئاندىن ياخشى كۆرۈش نان يېگەندەك مۇشۇنداق ئاسانلا ئىشمۇ دەيدۇ، دەپ سەل جىددىيلىشىپ كەتتىم. شۇڭا پۈتۈن دىققىتىم بىلەن سېنىڭ كەيپىياتىڭنى كۆزىتىشكە باشلىدىم. ناۋادا بۇ گەپ بىلەن تەڭ سېنىڭ قەدەم ئېلىشلىرىڭ توختىسا، مەنمۇ سەن بىلەن تەڭلا توختاپ سېنىڭ كۆزۈڭگە يېتىم كېيىكتەك تىكىلىشنىمۇ خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇم. لېكىن سەندە ئۇنداق ھالەت يۈز بەرمىدى. قەدەم ئېلىشلىرىڭمۇ يۇمشاق قار ئۈستىدە بىر خىللا داۋاملىشىۋەردى. شۇ ھامان بۇ گەپلەرنى ئىچىمدە دېگەن بولسام سېنى ئاڭلىيالماي قالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. بىر ئازدىن كېيىن سەن ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن ئېغىز ئاچتىڭ:! u3 d7 q& y* R
−− سىز مېنى شۇنچە تېزلا ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزما؟
/ |8 k( U. X" e% m- ?, a2 g) ^. v$ Qمەن سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا بۇ گەپنى ئىچىمدە ئەمەس، ساڭا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ تېشىمدا دېگەنلىكىمگە ئىشەنچ ھاسىل قىلدىم، لېكىن ئەمدى سېنىڭ ماڭا قايتۇرغان سوئالىڭ مېنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى، بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ نەرى خاتا؟ بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىشتەك مۇھەببەت ھېكايىلىرى ساماندەكقۇ! دۇنيا دېگەن−دە ھەت−تا بىر قېتىممۇ كۆرمەي تۇرۇپ ئۆي تۇتۇپ قالىدىغانلار بارغۇ!- E5 E! _# ]1 h: L
مەن سېنى قايىل قىلىش ئۈچۈن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم:
/ ?, x# l) q2 m: ?−− سىزنىڭچە، مەن سىزنى بىر نەچچە يىل كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ياخشى كۆرۈپ قالسام توغرا بولامتى؟
- C7 R5 A( N" J! O  o; \−− مەن ئۇنداق دېمىگەندىمەن؟( k: S. ?# y* a. h, Z. B, r! T
−− سىزغۇ ئۇنداق دېمىدىڭىز، لېكىن مەن، مەن بىلەن 20 يىل بىر كوچىدا ئويناپ چوڭ بولغان قوشنامنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى بىر قېتىممۇ ھېس قىلمىغان تۇرسام.
1 W& ^, s% K& V4 w3 p3 F1 T  f  R−− لېكىن مەن قوشنىڭىزنىڭ قىزى ئەمەستە!
9 d6 V' t3 }5 Y5 P−− شۇنداق، مەن يەنە يول بويىدىكى باققال ئاياللارنىمۇ كۈنىگە نەچچە قېتىملاپ كۆرۈشۈم مۇمكىن. لېكىن كۆرۈش قېتىم سانىمنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن مېنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىم مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، كۆرۈش قېتىم سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن قەلبتە مۇھەببەت ئويغىنىشى ناتايىن.
) n4 A$ p8 R6 b( d. X8 g3 U) y−− نېمىدېگەن رومانتىك تەلەپ قويۇش ئۇسۇلى بۇ! قارىماققا سىز ھېساب - كىتابقا بانكىنىڭ بوغالتىرىدىنمۇ پۇختىدەك كۆرۈنىدىكەنسىز.$ m+ I  A  P; X5 @6 K4 I& U
−− سىز مېنى ياقتۇرمىدىڭىزمۇ - قانداق؟
( d' H, s/ p; ^: G−− ياقەي، بەك تەسىرلەندىم.$ u4 q% N+ A$ ?
−− ئىككىمىزنىڭ تەسىرلىنىش شەكلىدە كۆپ پەرق باركەن ئەمىسە.
3 {( g) {% B+ K! X7 b7 O−− قانداق دەيسىز؟4 M( r' U  p2 }* ]! d
−− مەن تەسىرلەنسەم كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كېتىدۇ.
% @, y( [* \0 a# ^1 A  H−− مەن تەسىرلەنسەم سۈكۈتكە چۆمىمەن.
& Y" `1 o9 U" P4 ~4 f5 B−− مەن شۇ سۈكۈتكە چۆمگەن قىزنى سۆيىمەن، مەھبۇبە.
; c1 n0 w( \4 z+ E& J9 o/ Nسەن بىلەن پاراڭلاشقانسېرى يۈرىكىم يوغىناپ كەتمەكتە ئىدى.! w4 ]# V5 @/ s! W5 _
سەن خىيال ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزۈڭ بىلەن كۆزۈمگە تىكىلدىڭ. كۆزۈڭنىڭ نۇرى شۇ قەدەر سۈزۈك، تېگى شۇ قەدەر چوڭقۇر ئىدى. بۇ چىرايلىق كۆزلەردە يەنە مەن تەشنا بولۇپ كۈتۈۋاتقان مۇھەببەتمۇ پارلاپ تۇراتتى./ j5 ^! X6 L, A6 ^* x3 q+ q. t
−− مېنى راست سۆيەمسىز؟ −− بىر ھازادىن كېيىن سەن مەندىن سورىدىڭ. سوئال سورىغاندىكى ئاۋازىڭ ماڭا تىترەپ چېقىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.
9 s& c# g& D. s* _7 N−− مەن سىزگە ھېسسىياتىمنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە تولىمۇ ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن. بۇ بىر خىل فورمۇلىغا چۈشمەيدىغان تۇيغۇ ئىكەن.: J% w  D; z# {0 v& g9 L5 C- {
−− ئەمىسە بۇ فورمۇلغا مەنلا چۈشسەم بولغۇدەك.6 S! E$ Z  l/ o+ Q
−− رەھمەت.
& T; l: x( ^/ j. k8 X* F−− نېمىگە؟
# a- y8 T$ D# b1 M−− مېنى يەككە - يېگانە ماتېماتىك سۈپىتىدە قوبۇل قىلغىنىڭىزغا./ d* B( V6 W+ H
−− ئەمىسە سىزگە تولۇق ئىشەنسەم بولامدۇ؟0 I6 l8 N4 s8 y( a* m7 D* W* p
−− ئەلۋەتتە بولىدۇ. ; @) Z% @' a" P5 E" Z! {4 `+ R
قېلىن قار ئاق مامۇق پەيدەك لەپىلدەپ تۆكۈلۈۋاتاتتى. سېنىڭ خۇمارلاشقان كۆزۈڭدە بولسا بىر دەريا ئىشق شىلدىرلاپ ئاقماقتا ئىدى. مەن تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ھاياجان ئىچىدە:
  n1 Q2 k1 S; P9 E. C0 k3 y  \−− ئەمىسە مەن 536 - بېكەتكە رەھمەت ئېيتسام بولغۇدەك، −− دېدىم تېخىمۇ مۇلايىم ئاۋازدا.2 M4 s& i3 X& ~& I/ r9 ~9 C
−− 536 - بېكەت سىزنىڭ رەھمىتىڭىزنى قوبۇل قىلدىم، دەيدۇ.
/ u9 A+ x% C0 \% [3 Rشۇنداق قىلىپ مەن بىر قىزنى ئىككى قېتىم كۆرۈپ، ئىككى قېتىملىق كۆرۈشتە شۇ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتەك تەقدىرنىڭ كۈچى بىلەن، باغرى مۇھەببەتكە تەشنا ئەردىن باغرى ئىسسىق ئەرگە ئايلاندىم. ئۇ بولسا سوغۇقتا توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن قوللىرىنى پات - پات ئۇۋۇلاپ قوياتتى. تۇرۇپلا مەندە بۇ تېشى سوغۇق، ئىچى ئىسسىق قوللارنى تۇتۇپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. شۇ خىيالنى قىلىشىم بىلەن تەڭ بەدەنلىرىم ئوت ئالغاندەك قىزىپ، يۈرىكىم گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. مەن تىترەپ تۇرغان قولۇمنى تەستە ھەرىكەتلەندۈرۈپ خۇددى كوچا ئاپتوبۇسىدا باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا قول ئۇزاتقاندەك جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۇنىڭ قولىغا قول ئۇزاتتىم. شۇ ھامان ۋۇجۇدۇمغا قىشتىنمۇ سوغۇق بىر خىل يات سېزىم تارقىلىپ، ئارقىدىنلا بۇ يات سېزىم تومۇر - تومۇرلىرىمغا خۇددى بىر ئىستاكان قايناق سۇدەك شىلدىرلاپ ئېقىپ كىرىپ كەتتى. شۇ ھامان لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ئىچىدىكى سېنىڭ شەكلىڭ، مېنىڭ كۆرۈش سەزگۈمنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ تۇماندەك غۇۋالىشىپ كەتتى...8 C% t  g* t% H- c, o% C: `4 f; q
ماشىنىنىڭ يېقىمسىز سىگنالى دەقىق ئىچىدىلا مېنى خىيال دەرياسىدىن تارتىپ چىقىپ 536 - بېكەتكە تاشلاپ قويدى. كۆز ئالدىمدا ئاق قار ئىچىدىكى سەن ئەمەس، بەلكى بېكەتكە ئەمدىلا كىرىپ تۇرغان ماشىنا تۇراتتى. بارماقلىرىمنىڭ ئارىسىدا تېخىچە مۇزدەك بىر نەرسە باردەك قىلاتتى. قارىسام يېنىمدا بىر ئايال ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ. بارماقلىرىم ئارىسىدا ئۇنىڭ مۇزدەك قوللىرى تۇراتتى. لېكىن، يېنىمدىكى بۇ ئايال سەن ئەمەس، بارماقلىرىم ئارىسىدىكى بۇ قوللارمۇ سېنىڭ قولۇڭ ئەمەس ئىدى. سەن ئاللىقاچان ماشىنىغا چىقىپ پېشانەڭگە پۈتۈلگەن بېكەتتە چۈشۈپ قېلىش ئۈچۈن كېتىپ بولغان ئىدىڭ. بۇ ئارىدا مەن پەقەت خىيال سۈرگەن، ياق، ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرگەن ئىدىم.
+ C( `* X/ ^" U" e* {−− قولىڭىز توڭلاپ كەتتىمۇ، جانىم؟
/ m8 J# k2 c8 \1 Yبارماقلىرىم ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ قالغان بىر پارچە مۇزدەك سۆڭەكلىك گۆشنى قويۇپ بېرىشىم بىلەن تەڭ يېنىمدىكى ئايال سوزۇلۇشچان ئاۋازدا مەندىن سورىدى. بىراق ماڭا ئۇنىڭ گېپى خۇددى ئېچىرقاپ كەتتىڭمۇ، بەتبەخت، دېگەندەك غەلىتىلا ئاڭلىنىپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ھومىيىپ قاراپ قويدۇم. بىراق ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك:' r; g: ^9 \2 @4 w' Z3 t) @. u
−− بۇ ئەر خەق دېگەننىڭزە، ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ دېسە، ھەممىسى خىمىيىلىك نەرسە يېگەننىڭ كاساپىتى شۇ، −− دېدى بىر خىل ئۈمىدسىز كەيپىياتتا. ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى سويۇپ تاشلىغان پىيازدەكلا قىپيالىڭاچ ئىدى.% V9 v3 E' k6 L  R; ^! ^
شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۆزۈم ئۆزۈم ئەمەستەكلا بولۇپ قالدىم. كۆز ئالدىمدىن سېنىڭ قار ئىچىدىكى شەكلىڭ بىردەممۇ كەتمەيتتى. سەندىن مەھرۇم بولۇپ قالغان قەلبىم يەنىلا ساڭا تەلپۈنەتتى. تۇرۇپلا، شۇ كۈنى سەن شۇ ماشىنىغا چىقماي مەن بىلەن پىيادە ماڭغان بولساڭ قىش تۈگەپ كېتىپ قالارمىتى ياكى قىش بولسىمۇ قار ياغماي قالارمىتى، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. بۇ كۈنلەردە ماڭا ھېچنېمە خۇشياقماس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، خىزمەتكە ئۆزۈمنى مەجبۇرلاپ بارىمەن. ئىسمى سېنىڭ ئىسمىڭگە ئوخشىسىمۇ، ئۆزى ساڭا ئوخشىمايدىغان مەھبۇبە ئاتلىق قىز خىزمەتدىشىم ماڭا پات - پات قاراپ قوياتتى. بۇ قاراشلاردىن مەن بىر خىل سەمىمىيلىكنىمۇ ھېس قىلغاندەك بولاتتىم. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ خىل سىرلىق قاراشلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا زادى نېمىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلالمايت−تىم. تۇرۇپلا يەنە ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن ئالىي مەكتەپتىكى ھېلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلاپ، يىغلاپ تۇرۇپ كۈلىدىغان قىز ساۋاقدىشىمنى ئەسلەپ قالاتتىم.+ p0 N9 R/ q9 a5 d. n
−− قارىڭە، شۇنداق چىرايلىق قار ياغقىلى تۇردى يەنە.7 [# B! M9 p# c$ V- f
قىز خىزمەتدىشىمنىڭ ئاۋازى مېنىڭ سەن بىلەن لىق تولغان قالايمىقان خىياللىرىمنى بۇزۇۋەتتى. مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى »قار« دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. قارىسام لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار دېرىزە كۆزنەكلىرىگە يۇمشاققىنە ئۇرۇلۇۋېتىپتۇ. شۇ تاپتا يەنە دېرىزە ئالدىغا بارغۇم، دېرىزىدىن 536 - بېكەتكە قارىغۇم كېلىۋاتاتتى. ھەيرانمەن، نېمىشقا قار ياغسىلا سېنى ئەسلەيمەن؟ سېنى ئەسلىسەملا 536 - بېكەت يادىمغا كېلىدىغاندۇ؟
8 p! n: q3 W# |دېرىزە سىرتىدىكى 536 - بېكەتتىن ئىبارەت يوغان بىر ماگنىت مېنى ئۆزىگە شىددەت بىلەن تارتماقتا ئىدى. مەن بۇ ماگنىتنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە كىچىككىنە بىر تال تۆمۈر پارچىسىدەك دېرىزە ئالدىغا سۈرۈلۈپ كەلدىم.( f. Z3 w2 D$ t6 c5 w1 @8 m/ B9 l
قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. 536 - بېكەت قار ئىچىدە تولىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن بولۇپ، سەن ئۇ يەردە يەنىلا مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىكى بۈيۈكلۈكتەك تۇراتتىڭ. كۆزۈم تۇيۇقسىز يېنىڭدىكى ئۇزۇن خۇرۇم پەلتۇ كىيىۋالغان بىرىگە چۈشتى. ئۇ خۇددى سېنىڭ يېنىڭدىكى مەندەكلا ساڭا يېقىن تۇراتتى. بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپلا بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. ئەسلىي ئۇ يەردە سەن بىلەن مەن تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. لېكىن، ھازىر سېنىڭ يېنىڭدا تۇرغان ئەر مەن ئەمەس ئىدىم.
# U; A; ?( n% j) j0 R4 S536 - بېكەتكە قانداق چىققىنىمنى بىلمەيمەن. سەن مېنى كۆرۈپ يېنىككىنە باش لىڭشىتقاچ كۈلۈمسىرەپ قويدۇڭ. مەن سېنىڭ بۇ سالىمىڭغا ئىپادىسىزلا قاراپ تۇردۇم. چۈنكى، يېنىڭدىكى ئەر ساڭا قىزغىنلىق بىلەن گەپ قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ساڭا گەپ قىلىۋاتقان چاغدىكى ھالىتى خۇددى مېنىڭ ساڭا خىيالىمدا گەپ قىلغان ھېلىقى قارلىق كەچتىكى ھالىتىمگە تولىمۇ ئوخشايتتى.
+ M# F" x- X& W, C/ K; fھايال ئۆتمەيلا ئاپتوبۇس يەنە يېتىپ كەلدى. بۇ سېنىڭ بۇ يەردىن كېتىشىڭنىڭ بېشارىتى ئىدى. مېنىڭ كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئەر سېنىڭ قولۇڭنى تۇتقىنىچە ماشىنىغا سەن بىلەن چىقىپ كەتتى.
; r% \/ h/ M# X5 @0 ]8 @( w/ K' t& @' sئۇھ...
" U* y* t8 v5 Z7 I7 @, K- P- Kئاچچىق، زەردىلىك بىر تىنىق ئۇزۇن ھور بولۇپ ئاغزىمدىن پۇرقىراپ چىقىپ كەتتى.4 T: [8 N' Z7 A8 N$ F
−− ماشىنىغا چىقامسىز؟& L8 ~# n( u8 {$ a
بۇ ئۆزى ساڭا ئوخشىمىسىمۇ، ئىسمى سېنىڭ ئىسمىڭغا ئوخشايدىغان قىز خىزمەتدىشىمنىڭ ئاۋازى ئىدى.+ {( T1 W6 x/ j( C! o8 C
−− شۇنداق، ئايروپىلان بولسىغۇ تېخىمۇ ياخشى بولارئىدى بەلكىم., ^! C$ d/ D9 Z# O
مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ روھىي ھالىتىمدىكى مەغلۇبىيەتنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر قاملاشمىغان جاۋابنى بەردىم.
' ?7 E( X# ~7 ?+ R−− ئايروپىلان بولمىغاندىن كېيىن پىيادە ماڭساق بولامدۇ؟
* ?4 D4 f2 O* _* @% G) b( U: ]ئۇنىڭ بۇ ئاۋازى ۋۇجۇدۇمدا بوراندەك گۈركىرەپ ئۆتتى. ئەمدى مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە پىيادە مېڭىشنى رەت قىلىشىم ئۇنىڭ باشقا بىر ئەرنىڭ مۇزدەك بارماقلىرىنى تۇتۇۋېلىشى بىلەن خۇلاسىلىنىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق خۇلاسىنىڭ تۇز تەمى ماڭا تاماكىنىڭ تەمىدەكلا ئېنىق ئىدى. لېكىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن قار ياغقان كۈندە بىللە پىيادە مېڭىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانىدىم. ئېھتىمال سەنمۇ قار ياغقان كۈندە مەن بىلەن پىيادە مېڭىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان بولۇشۇڭمۇ مۇمكىن.7 ?# t5 g9 Q) t5 M9 h3 U, z. q8 j# ^
−− گەپ قىلمايسىزغۇ؟' j2 {7 w2 y, o) ^3 W
−− نېمە دەيمەن؟
) W9 f2 Z  L* j, Y8 u6 E: ~1 l. ~ئۇنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم.+ E; s! {7 @3 c8 o7 f) G
−− تاكسى توسۇپ بېرەيمۇ- يا؟ تاكسى گەرچە ئايروپىلانغا يەتمىسىمۇ ھەرھالدا كوچا ئاپتوبۇسىدىن ياخشى - دە!
0 u$ h( P' x# V( v3 t. zئۇنىڭ بۇ گېپى ماڭا ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندىنمۇ سىرلىق تۇيۇلۇپ كەتتى.
) G; Z" K1 R* |! y' d! X9 H−− ياق، مېنىڭ پىيادە ماڭغۇم بار، كۈندە ياغامتى بۇ قار دېگەن.
; H/ I  V+ X. ^/ dقار بارا - بارا كۈچىيىپ لەپىلدەپ چۈشمەكتە ئىدى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى چىراغلار قىزغۇچ رەڭدە يورۇپ تۇرغان بولسىمۇ، قېلىن قار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن گۇگۇم قوينىدا سەل نېرىدىكى ئادەمنى پەرق ئەتمەكمۇ تەس ئىدى. تۇيۇقسىز ئۇ مېنى بىلىكىمدىن تۇتۇۋالدى. شۇ ھامان ۋۇجۇدۇم يات جىنستىن كېلىدىغان غەيرىي سېزىمدىن تەۋرىنىپ كەتتى.4 y" Z5 T+ j7 g( |7 h( x
−− ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىردىن مەخپىي گۈللۈكى بولىدۇ- ھە؟- m2 x0 ~2 v; W) I" P
−− شۇنداق.5 q* Z8 \8 E5 }" _5 n
−− مېنىڭ بۇ مەخپىي گۈللۈكۈمدە نېمە بارلىقىنى بىلەمسىز؟
+ G1 T2 P6 H9 {−− بىلمەيدىكەنمەن.
- }- f# e: E/ f" T−− مېنىڭ گۈللۈكۈمدە بىر ناخشا بار.9 C; }8 C: T! |0 X& X+ v! @
−− قايسى ناخشا؟4 M* s" W( D# @' a( n  q
−− »536 - بېكەتتىكى قار« دېگەن ناخشا.6 s9 p  ^- e: _- {/ i' c
−− مەن ھېس قىلمىغان ئىكەنمەن.: g6 J" B& K. h4 W/ A$ k
−− مەن بۇ ناخشىنى ئۇزاقتىن بۇيان قەلبىمدىكى مەخپىي گۈللۈكۈمدە يالغۇزلا ئېيتىپ كەلگەن.: p% n* A8 P6 G0 X$ t
−− بەلكىم بۇ بىر يېقىملىق ناخشا بولۇشى مۇمكىن.
1 m3 c+ Z5 |* I9 Y$ I' S4 ], N, ]$ |( t−− ئېيتىپ بەرسەم ئاڭلاشنى خالامسىز؟5 u% {/ }5 }& q3 S$ }- p# G1 p
−− خالايمەن.
  I4 c' d" R  j2 y5 x$ tقار مەڭگۈ توختىمايدىغاندەك لەپىلدەپ ياغماقتا ئىدى. 536 - بېكەت قار ئىچىدە تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ سۆيۈملۈك بىر ھالەتتە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. »536 - بېكەتتىكى قار« دېگەن ناخشا بولسا 536 - بېكەتنىڭ ئۆزىدىنمۇ گۈزەل ۋە سۆيۈملۈك بىر ھالەتتە قار بىلەن قوشۇلۇپ، مەن مەنسۇپ بولغان بۇ شەھەرنىڭ يۈرىكىگە ھەقىقىي بىر تامچە قان بولۇپ ئاقماقتا ئىدى.6 F  ]1 C$ e& ^3 w# G7 \: o) f4 n
ئاھ، 536 - بېكەتتىكى سۆيۈملۈك قار ناخشىسى!8 v& c! ^( J. j% f# |  o8 e
رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق




ئالدىنقىسى:20- ئەسىردىكى 100 مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەر
كىيىنكىسى:بۇغدايلىق
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]

0

تېما

6

يازما

137

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
4 سەر
تىللا
120 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-25 09:06:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ئۈزۈلمىگەي  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗