مائارىپ
3 h S" ]/ |0 o$ d' ]5 D
ئادەتتە كومپىيۇتېربىلەن ئانچە ھەپىلىشەلمەيدىغان كىشىلەر ماركىلىق كومپىيۇتېر ۋە قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ پەرقىنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ . ماركىلىق كومپىيۇتېر دېگىنىمز ئىسىم – فامىلىسى بار(داڭلىق ماركىلىق)كومپىيۇتېر بولۇپ ، بۇ كومپىيۇتېرلار پۈتۈنلەي تەييار قۇراشتۇرۇلغان ھالەتتە بولىدۇ . ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى تەرەپ قۇراشتۇرۇپ يۈرمەيدۇ . قۇراشتۇرۇما كومپىيۇتېر بولسا ، ئاساسىي تاختا ، قاتتىق دىسكا ، كۆرسېتىش كارتىسى ، ئىچكى ساقلىغۇچ ، ئىكران قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇلارنى ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى قۇراشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ . ئۇنداقتا بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟+ m' ]* f% q6 a; U2 [+ w( @" ~
كۆپ قىسىم ماركىلىق كومپىيۇتېرلاردا سىزگە ھەقىقىي نۇسخىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە باشقا بىر قانچە يۇمشاق دېتاللارنى قۇشۇپ قاچىلىغان بولىدۇ . بىلىشىڭىز كېرەككى ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، بۇلارنىڭ تەننەرخى خېلىلا ئۈستۈن . ئاۋارىچىلىقى ئاز ، ئۇنى بىرمۇ بىر قۇراشتۇرۇپ يۈرمەيسىز ، باشقىچە تەڭشەش ھاجەتسىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى تولۇق ، بۇ ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى . بۇ ئەۋزەللىك سىزنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدىكى مەسلىلىرىڭىزنى ھەل قىلىپ بىرىدۇ . ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىگە كەلسەك ، بۇنىڭ سىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن باشقا ئىقتىساد ۋە ئىقتىدار ئالدىدا ، مېنىڭ كومپيۇتېرىم پالانى ماركىلىق ، دەپ ئۆزىڭىز كۆرسىتىسىز خالاس . مانا بۇلار ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدۇر . قۇراشتۇرۇما كومپيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك ، زاپچاسلارنى ئىختىيارى تاللىغىلى بولىدۇ . ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ، كومپيۇتېرىڭىزدا چوڭ ئويۇنلارنى ئوينىماقچى بولسىڭىز ، كومپيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ بىلەن كۆرسېتىش (سىن) كارتىسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا زاپچاسلارنى يېڭلاش ، ئۆزگەرتش ناھايىتى قولاي . ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنىڭ زاپچاسلىرىنى شۇ خىلدىكى زاپچاسلارغا ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز ، بۇ ناھايىتى قۇلاي بولۇپلا قالماسىتىن ، ئەسلىي سەپلەنمىدە يوق بولغان باشقا زاپچاسلارنى قوشۇشمۇ ئوخشاشلا قولاي . بۇ خىلدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ باھاسى مۇۋاپىق ، ئىقتىدارى يۇقىرى ، ماركىلىق كومپىيۇتېر ئوخشاش سەپلىمىدىكى كومپيۇتېرنى قۇراشتۇسىڭىز ، قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ تەننەرخى كۆپ ئەرزان توختايدۇ . ئۇنداقتا ، زادى قانداق ئادەملەر ماركىلىق كومپيۇتېرنى ، قانداق ئادەملەر قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنى ئالسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
6 R: q2 q1 y- q; w$ B/ V ئازراق پۇل خەجلەپ ئىقتىدارى يۇقىرىراق كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى بولغان ئاداملەر قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنى سېتىۋالسا ئەڭ مۇۋاپىق . ھازىر بۇنداق كومپيۇتېرنىڭمۇ بىريىللىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىىتى بار.
, T# y+ e9 |7 @' I زاپچاسلاردا دېتاللىرى ئۆزئاران ماسلاشماسلىق ھادىسلىرى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ . قاتتىق دېتال جەھەتتە ئازراق بىلىمىڭىز بولسا ، كومپيۇتېر سەپلىمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىڭىزگە پايدىلىق . ئەگەر سىز ئاۋارىچىلىقدىن قاچىدىغان ، كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇش ، سىستېما ۋۇ يۇمشاق دېتال قاچىلاشنى ئاۋارىچىلىك كۆرىدىغان ئادەم بولسىڭىز ، ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېر بىلمىڭىز يېتەرلىك بولمىسا ، ئۆزىڭىز يالغۇز كومپيۇتېر سېتىۋالغىلى بارسىڭىز ، كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى ئەمدى ئۆگەنگەن بولسىڭىز ، يېتەكچىلىك قىلدىغان ئادەم بولمىسا ۋە ياكى قاتتىق دېتال جەھەتتە ئالدىنىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرسڭىز، ئەڭ ياخشىسى ماركىلىق كومپىيۇتېر سېتىۋېلىڭ .
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |