مائارىپ
كۆز يېشى دېگەن كەيپىياتنىڭ ئىزھارى.يىغلاشنى كىم ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەيدىكەن؟تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە،يىغلىغۇسى كېلىپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى زورىغا بېسىۋېلىپ يىغلىمىسا،ئادەم ناھايىتى ئاسانلا خاپىغانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن ھەم فىزىئولوگىيلىك ساغلاملىقىغا زىيانلىقكەن،كېلەر قېتىم كەيپىڭىز بۇزۇلغاندا،ئەنە شۇ ناچار كەيپىياتنى كۆز يېشىڭىز ئارقىلىق سىرتقا قويۇپ بېرىڭ، شۇ چاغدا سىز بەلكىم يۈرىكىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ھەقىقىي ئۆزىڭىزنى بايقاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
' W: i( c, l% D8 }ئۇزۇندىن بۇيان،تولىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن بىر كۆز قاراش بىزگە يىغلاش ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى،بولۇپمۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتىقاندا تېخىمۇ شۇنداق،دەپ ئىزچىل تەلىم بېرىپ كەلمەكتە،مانا بۇ بويۇنتۇرۇق بىزنىڭ يىغلاش ئىقىتىدارىمىزنى بېېسىپ قويىدۇ،بىز ئازاپ ۋە قايغۇ-ھەسىرەتنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىمىزنى غاجىلاپ تۈگىتىشىگە يول قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ساغلام بولغان ئىچىمىزنى بوشتىش ئەندىزسىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.' k1 ]9 }6 F9 [9 a
بوۋاقلار يىغلاش ئارقىلىق ئۆپكىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلىگىرى سۈرىدۇ.ئاياللارمۇ يىغلاشقا ئەرلەردىن ئۇستا بولغىنى ئۈچۈن ئەرلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ،يىغلاش پەرۋەردىگار بىزگە ئىنئام قىىلغان تەبئىي قابىلىيەت،شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزىگە لايىق خاسىيىتى بار.
+ [' k9 H. ~& Y, a Wئامېرىكا مىننسوتا شتاتىدىكى بىئو-خىمىيە ئالىمى فروي مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەجرىبىنى ئىشلىگەن،ئۇ بىر تۈركۈم پىدائىيلارغا ئالدى بىلەن ئادەمنى تەسىرلەندۈردىغان ھېسىياتلىق كىنونى كۆرسەتكەن،ئۇلار كىنودىن تەسىرلىنىپ يىغلىغاندا تامچىلاپ چۈشكەن ياشنى ئەينەك نەيچىگە يىغلىغان،بىر نەچچە كۈندىن كېيىن،يەنە ئوخشاش بىر توپ ئادەملەرنى چاقىرىپ كېلىپ،ئۇلارغا پىياز توغرىتىپ،پىيازنىڭ ئاچچىقىدا كۆزدىن چىققان ياشنىمۇ ئەينەك نەيچىگە يىغىۋالغان.بۇ قىزىقارلىق تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىدىن شۇ نەرسە مەلۇم بولغانكى،قايغۇ-ھەسىرەت تۈپەيدلىدىن ئاققۇزغان (كەيپىيات يېشى)بىلەن پىيازنىڭ ائچچىقى تۈپەيدلىدىن چىققان(خىمىيىلىك ياش)نىڭ تەركىبى زادىلا ئوخشاش بولمايدىكەن.(كەشپىيات يېشى)دا بىر خىل ئاممونىي تۈرىدىكى ماددا بار بولۇپ،بۇ ماددا(خىمىيلىك ياش)تا بولمايدىكەن،بۇ چوڭ مېڭە ئادەمنىڭ كەشپىياتى بېسىمغا ئۇچرىغاندا قويۇپ بېرىدىغان (خىمىيلىك ماددا بولۇپ،مېقىدارى كۆپ بولۇپ كەتسە،يۈرەك،مېڭە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن،ئېغىر بولغاندا،يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن،شۇنىڭ ئۈچۈن،بىز(كەيپىيات يېشى)تۆككىنىمىزدە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغىنىمىز ھەتتا جانغا زامىن بولىدىغان (زەھەر)بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.( Q( Y& d0 @7 o0 N8 e
مەنبە:ھاياتلىق ژۇرنىلى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |