خەۋەر2011-يىلى ئەرەب دۇنياسىدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر 2 2011-يىلى ئەرەب دۇنياسىدا داۋالغۇش ئۈزۈلمىدى، چوڭ ئىشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇردى. تۆۋەندىكىلەر 2011-يىلى ئەرەپ دۇنياسىدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر: بىرىنچى، تۇنىس پىرېزىدېنتىنىڭ سەرگەردان بولۇشى، رايون داۋالغۇشى چوڭقۇر ئوي پەيدا قىلدى 2011-يىلى 14-يانۋار، يېقىنقى بىر ئايدا مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاممىنىڭ نامايىشى تىنجىمايۋاتقان ئەھۋالدا، تۇنىس پىرېزىدېنتى بىن ئەلى نائىلاج ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئارقىدىن ئايالى ۋە بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ ئەرەب دۆلىتىدە سەرگەردان بولۇپ، 24 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىقىنى ئاياغلاشتۇردى. تۇنىستىن باشلانغان بىر مەيدان ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي داۋالغۇش غەربىي ئاسىيا شىمالىي ئافرىقىغا ئۈزلۈكسىز يامرىدى، نۇرغۇن دۆلەت ھاكىمىيەت ئالمىشىش ياكى كرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن سىياسىي، ئىقتىسادى چىگىش ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالدى. ئىككىنچى، مۇبارەك ئىستېپا بېرىپ، مىسىرنىڭ مۈشكۈل سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىلى باشلاندى 2011-يىلى 11-فېۋرال، مىسىر پىرېزىدېنتى مۇبارەك ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ھوقۇقنى ئارمىيە دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ 30 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان ھاكىمىيىتىنى ئاياغلاشتۇردى. 3-ئاۋغۇست، مۇبارەك ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، شەخسىي مەنپەئەتىگە چوغ تارتتى، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرگە ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق بەردى دېگەندەك شىكايەتلەر بىلەن سوتقا تارتىلدى. ھازىر، مىسىر خەلق پارلامېنتى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى) سايلىمى مۇبارەك دەۋرىدىن كېيىنكى سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىلىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، لېكىن جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇش تېزدىن توغرا يولغا قايتىپ كېلەمدۇ-يوق؟، ئارمىيە دائىرىلىرى ھاكىمىيەتنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرەمدۇ-يوق؟، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟ دېگەن مەسىلىلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۈچىنچى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لىۋىيەنى بومباردىمان قىلدى، كازافى ئەسىرگە چۈشۈپ، قازا قىلدى 2011-يىلى 17-مارت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1973-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ، لىۋىيەدە ئۇچۇش مەنئى قىلىنغان رايون تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى ھەمدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بارلىق زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ لىۋىيە پۇقرالىرى ۋە پۇقرالار ئولتۇراق رايونىنىڭ قوراللىق ھۇجۇم تەھدىتىگە ئۇچرىماسلىقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. 19-مارت، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپ دۆلەت قىسمى بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئارىلىشىشى ئارقىسىدا لىۋىيەگە ھاۋادىن زەربە بەردى. بۇ قىلمىش شۇ چاغدا ئاجىز ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئۆكتىچى گۇرۇھ «مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى»نى ھەل قىلغۇچ قوللاپ، لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ قارشىلىشىشىنى يامانلاشتۇرۇۋەتتى. 23-ئاۋغۇست، ئۆتكۈنچى كومىتېت ئارمىيىسى پايتەخت تىرىپولىغا ھۇجۇم قىلىپ، كازافى ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەزىزىيە لاگىرىنى بېسىۋالدى. 20-ئۆكتەبىر، لىۋىيەگە 42 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان كازافى يۇرتى سىرتتا ئەسىرگە چۈشۈپ، قازا قىلدى. تۆتىنچى، بېن لادىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر مەنزىل يىراق 1-ماي، ئامېرىكىنىڭ «دېڭىز يىلپىزى» زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تىك ئۇچار بىلەن چېگرا ھالقىپ ھۇجۇم قوزغاپ، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادنىڭ شىمالىدىكى ئاببوتاباد رايونىدا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈردى، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىقا ئېغىر زەربە بولدى. لېكىن، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقى يەمەندە داۋاملىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، «بازا» تەشكىلاتى بىلەن ئىرماش-چىرماش مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەتكەن سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى يەنىلا ھەددىدىن ئاشتى. بېن لادىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ئېغىر زەربە بەرگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھادىسىنىمۇ، ماھىيەتنىمۇ تۈزەش، نامراتلىق، جەمئىيەت ئادىلسىزلىقى قاتارلىق تېررورچىلىق مەنبەسىنى تۈپتىن يوقۇتۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا بەشىنچى، جەنۇبىي سۇدان دۆلىتى قۇرۇلدى، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى خەرىتىسى قايتا سېزىلدى 2005-يىلدىكى سۇداننىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنىڭ «ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى» ۋە 2011-يىلى يانۋاردىكى سۇداننىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن، سۇداننىڭ جەنۇبى 9-ئىيۇل سۇداندىن رەسمىي ئايرىلىپ، جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى شۇ كۈنى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئافرىقا زېمىندىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت شۇنىڭ بىلەن ئىككىگە ئايرىلدى، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. 14-ئىيۇل، 65-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا بىردەك قارار ماقۇللىنىپ، جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 193-ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى. ئالتىنچى، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش تىرىشچانلىقى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىغا توغرا كەلدى 23-سېنتەبىر، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونغا پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 194-ئەزاسى بولۇش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى سۇندى. ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش تىرىشچانلىقى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، لېكىن بۇ ئىش پەلەستىننىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى قاتماللىقىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنى جىددىي ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. 31-ئۆكتەبىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى يىغىنى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق پەلەستىننىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق سالاھىيىتى بىلەن مەزكۇر ئىتتىپاققا كىرگەنلىكىنى قوبۇل قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىنگە ھېسسىداشلىق قىلىشى ۋە قوللىشى كۈچەيدى، لېكىن پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا يەنە ئۇزۇن مەزگىل تېرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. يەتتىنچى، ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، ئىسلام پارتىيىلىرى كۆرۈنەرلىك باش كۆتۈردى 14-نويابىر، تۇنىس ئالىي مۇستەقىل سايلام ئورگىنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشى سايلىمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى، ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتى ئاساسىي قانۇن كېڭىشىدىكى 217 ئورۇننىڭ 89 غا ئېرىشىپ، ئاساسىي قانۇن كېڭىشىدىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولۇپ قالدى. ماراكەشتە ئوخشاشلا ئىسلام دىنىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى يىلنىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورنىغا ئېرىشتى. مىسىردا يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا ئىسلام پارتىيىسىمۇ باش كۆتۈردى. بۇ ئىسلام پارتىيىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۆتىدىل يولدىكىلەر بولغاچقا، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەرەب دۇنياسىدىكى بىر مۇھىم سىياسىي كۈچ بولۇپ قالدى سەككىزىنچى، سالىھ ياراشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى، يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ كېلەچىكىنى مۆلچەرلەش تەس 23-نويابىر. يەمەن پىرېزىدېنتى سالىھ پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى ئوتتۇرغا قويغان ئون ئايدىن كۆپىرەك داۋام قىلغان يەمەننىڭ سىياسىي كرىزىسىنى ياراشتۇرۇش مەقسىتىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. كېلىشىمدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: سالىھ ھوقۇقنى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ھادىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرىدۇ، 90 كۈن ئىچىدە پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، سالىھ بۇ مەزگىلدە پەخرىي پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ ھەمدە كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. 7-دېكابىر، يەمەن بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. شۇنداق بولسىمۇ، يەمەن ۋەزىيىتى يەنىلا ئاجىز، بىرلەشمە ھۆكۈمەت دۇچ كەلگەن دۆلەت ئىچىدىكى قەبىلە زىددىيىتى ۋە بۆلگۈنچىلىك، تېررورىزم تەھدىتى كەسكىنلەشتى، خەلقئارا جەمئىيەت يەمەننىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىللىك مۇساپىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللىمىسا بولمايدۇ. توققۇزىنچى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى جازا قوللاندى، سۇرىيە ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 27-نويابىر، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى قاھىرەدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، سۇرىيەدە ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقان ئىچكى كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سۇرىيەنى جازالاشنى قارار قىلدى، بۇ سۇرىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ۋە ئەمەلدارلارنىڭ باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىگە بېرىشىنى چەكلەش، سۇرىيەنىڭ مەركىزى بانكىسى بىلەن بولغان باردى كەلدىنى توختىتىش، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى توختىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تارىخىدا ئۆز ئەزاسىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن تۇنجى قېتىم جازالىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن بۇرۇن، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 16-نويابىردىن ئېتىبارەن سۇرىيەنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى توختاتقان. سۇرىيەنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئونىنچى، ئامېرىكا ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى، ئىراقتىكى داۋالغۇش داۋاملاشماقتا ئىككى دۆلەت 2008-يىلى ئىمزالىغان تۇرۇشلۇق ئارمىيەنىڭ ئورنى كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئامېرىكا ئارمىيىسى 2011-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىچە ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈردى. ئىراقتىكى ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى بىر كالونى ئىراقتىن ئايرىلىپ كۇۋەيتكە كىرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانىتتا 18-دېكابىر ھۆكۈمەت ھۆججىتى ئىمزالاپ ئىراق ئۇرۇشىغا رەسمىي خاتىمە بەردى. ئىراق ئۇرۇشنى 2003-يىلى پارتلىغان، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 170 مىڭغا يەتكەن. ئىراق تەۋەسىدە 505 ھەربىي بازا قۇرغان، بۇ ئۇرۇشتا 4500 چە ئامېرىكا ئەسكىرى قازا قىلدى، قازا قىلغان ئىراقلىق يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. يارىدارلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. سەككىز يىلغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىراقتىكى دىنى مەزھەپلەرنىڭ زىددىيىتى ئۆتكۈرلىشىپ، قەبىلە توقۇنۇشى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىپ ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3 e: t; E8 h0 C( q1 N
5 z& v! m% P3 {# t2 B) o2 ?, Z4 G9 [1 ]8 Y5 u# Y3 p
چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |