ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 801|ئىنكاس: 2

دەرىس گۈل ۋە بۇلبۇل ھەققىدە يېڭى لىرىكالۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2011-12-26 15:14:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مائارىپ
) `6 ^1 M9 n3 Y8 M6 Z# ?$ ?
گۈل ۋە بۇلبۇل ھەققىدە يېڭى لىرىكا
% J9 e& {+ J  q7 k(نەسىر)
5 w( D; r& w" [+ I: G7 O% Z% gئابدۇمىجىت مۇھەممەد

# l8 x. X3 u3 T2 b
' k) o; K9 c! n$ A% \; J) dئۇ تولىمۇ غەلىتە قىز،دەيتتى دوستۇم ھەسرەت ۋە غەزەپ ئارىلاش. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن بىچارە قەلەندەردەك ئەگىشىپ يۈرگىنىمدە ئۇ قەددىنى قارىغايدەك تىك تۇتۇپ، جان ئېلىۋاتقان ئەزرائىلدەك ئىشق زۇلمىتىدە قىينىلىپ نالە قىلىۋاتقان تېنىمگە پەرۋاسىز كېتىپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭغا ئىنتىلگۈچى تېنىم تەكرار-تەكرار ئۈمىدسىزلىك بېغىدىن يېنىپ، سۆيگۈ ئىلھاملىرىم غەزەپ گۈلخانىغا ئايلانغاندا بولسا پەرۋانە بولۇپ ئۆزىنى يالقۇنىمغا ئاتتى.گەرچە ھارارىتىم ئۇنىڭغا تەۋە بولمىسىمۇ ئۇنىڭ قانات قۇيرۇقىنى، ھاكاۋۇر قەلبىنى، بىر مەررە بولسىمۇ كۆيدۈرۈپ ئۆتۈشنى خالاپ قالدىم.! ~$ k% u* r( t, G

+ u9 X# O' J  _5 {* k+ l1 Y قەلبىم سۆيۈلۈش لەززىتىگە مۇيەسسەر بولغان تۇرۇپ كۆزۈم ئۇنىڭدىن سەسكىنىپ، تېنىم ئۆزۈمدىن شۈركىنىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم قىلدى.كەلگىن جېنىم، دېدىم قەستەن، ئۇنىڭ تەشنالىق ئالدىدىكى بىچارىلىكىنى كۆرمەك بولۇپ. ئۇ بىر ئاشىققا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئالدىمدا يىقىلىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈشكە يېنىك سىلكىنىپ تورغا كۆكسى ئۈستىدىكى شايى كۆڭلىكىنى ئەسەبىيلەرچە يىرتىپ ماڭا قاراپ ئېتىلدى. مېنى چىڭ قۇچاقلاپ لەۋلىرىمنى چىڭ-چىڭ چىشلەشكە، كۆكرىكىمگە باش قويۇپ ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى، ئۇ ھوشسىزلىنىپ ئۇزاق ياتتى.«ئەخمەق»دېدىم ئۇنى سۆيۈپ تۇرۇپ، كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھاكاۋۇرلىقى، ئىشق بوستانىدا سارغايغان سۆيگۈ گۈللىرىمنى دەسسەپ ئۆتكەندىكى شاھانە تەكەببۇرلىقى غىل-پال ئايان بولدى.
* }% b/ ^7 S+ K& G3 C% \( z* O5 @& [9 A: r
  مەن سېنى سۆيىمەن! سەن ئۈچۈن ئۆلىمەن!-دېدىم زورۇقۇپ . ئۇ مەستخۇشلۇق ئىلكىدە يۇلقۇنۇپ پۈتكۈل جىسمىمغا سىڭىپ كىرىشنى ئىلاھى لەززەتكە ئېرىشىشنى ئىستەيتتى!
& N. p& u% K4 R+ w0 T
, ]( a( _! P$ S0 _- H0 R+ j9 k& |ئۇنى سۆيۈشكە، لەۋلىرىنى چىشلەپ قاتتىق سۆيۈشكە، ئېغىر-ئېغىر تىنىشقا باشلىدىم. ئۇنىڭغا كۆيۈپ ئەمەس يىرگىنىپ، شاتلىنىپ ئەمەس غەزەپلىنىپ، ئۆچمەنلىك بىلەن سۆيۈشكە، تەنلىرىنى سىلاشقا باشلىدىم. , N3 V" X2 |+ Z% q2 J

, r+ O6 x! ~3 }9 ]# x  -ئىسىت دېدىم ئېچىمدە، ئەگەر بىر چاغلاردا مېنىڭمۇ شۇنچە تەشنا بولغانلىقىمنى بىلگەن بولسا ئىدى، ئۇزىنىڭ بىر كۈنى ئىشق كانىدىكى قەدىرسىزلىك تونىدا بېزىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، مەن سۆيگەندە سۆيگەن بولسا ئىدى، ھېچ بولمىسىمۇ قەلبىمنى ئۈمىدسىزلىك، قەدىرسىزلىك مەنسىپىدىن مىنۇت خالىي قالغان بولسا ئىدى بۈگۈن ئۇنى باشقىچە، باشقىچە سۆيگەن بولاتتىم. ئەمما بۈگۈنچۇ؟ ' v: h1 f4 s( k3 f: A$ B+ ~7 x9 ~# _

6 p( ^! L! ~* G% h( ~4 A  ئۇ شۇنداق غەلىتە قىز،دەيتتى دوستۇم تەبەسسۇم بىلەن. ئۇنىڭ سۆيۈشلىرى قەلبىمدە ئىلگىرىكى ئامراقلىقىمنى، ئىنتىلىشىمنى قوزغاپ قويدى! ئەشۇ كەچ، ئۇ كۆكرىكىمگە بېشىنى قويۇۋېلىپ يېنىك پىچىرلايتتى.كارۋات قىرىدا نازلىنىپ ئولتۇرۇپ ناز بىلەن جىسمىمنى ئۆزىگە چىللايتتى. ئۇنىڭ مۇھەببەت چاقناپ تۇرغان قوي كۆزلىرى،كەل جېنىم! مەن ساڭا مۇھتاج، مەندىكى بارلىق لەززەت سېنىڭ، دېگەن مەنادا پارلايتتى! قاتتىق كونترۇللۇق ئاستىدا تېنىم ئاخىرقى چېكىنى يوقاتتى. ئۆزۈمنى تۇتاي دەپمۇ تۇتالمىدىم. تىللاپ ، بەزلەپمۇ توختىتالمىدىم. ئۇنىڭ كارىۋاتتىكى يېنىك-يېنىك كۆتۈرۈلۈۋاتقان كۆكسى مېنى ئۆزىگە تارتتى، ئۆزۈمنى ئۇنتۇشقا ئىنسانلىق ھېكمىتىنى ئويغىتىشقا چىللايتتى. ئاڭسىز رەۋىشە ئۇنىڭ يېنىغا قىيسايدىم! ... + c& n0 \( K  V- F) \2 i. c! Z' X
5 d  \* k2 D5 L# G% h" I/ V" Y
  ئۇ بىر ساراڭ، دەيتتى دوستۇم ئاچچىق بىلەن. مېنى مەپتۇن قىلغان، ئىشق بوستانىدا سەرگەردان قىلغانمۇ ئۇ، مەن تولىمۇ جەسۇر ئىدىم.ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا ئاددىي گادايدىنمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدىم. ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ، مەندىچۇ؟! ئۇ مەندىن  قاچتى، ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن تۇتقان گۈلۈمنى ئاچچىق بىلەن چۆرۈپ تاشلىدى.مەكتۇپلىرىم جاۋابسىز، كۈتۈشلىرىم ۋىسالسىزلىق ئىلكىدە خاتىمىلىنىشكە، ئاجىزلىقلىرىم جىسمىمنى قورۇپ تۈگىتىشكە باشلىدى.مەغلۇبىيىتىمنىڭ چېكى قەيەردە؟- دېدىم ئاخىر چىدىماي. ئۈمىد گۈللىرىم سۇلدى. سۆيگۈ غەزەپكە، ئامراقلىقىم ئۆچمەنلىككە ئايلىنىشقا باشلىدى. مەندە نېمە گۇناھ؟ سۇلايمان تەرىپىدىن كوزىغان بەنت قىلىنىپ دېڭىزغا چۆكتۈرۈلگەن دىۋىمۇ  ئاخىرى قۇتۇلۇشتىن ئۈمدىنى ئۈزگەن ئەمەسمىدى؟ ئاخىرى غەزەپ بىلەن قەسەم قىلدىم خەپ، شۇنداق كۈنلەرمۇ كېلەر؟!
; Z9 B$ l* w5 j2 s& B3 Z9 i/ b2 V# q1 ?9 O. K
  ئۇنىڭ يىغا ئاۋازىنى تېلېفۇندا ئاڭلىغىنىمدا يۈرىكىم گۈپ-گۈپ قىلىپ يىرىلىپ كېتىشنى ئىستەيتتى، ياق! ئۇ بۇنداق ئازاپلانماسلىقى كېرەك. ئۇ بىر بىچارە، دېدىم خۇداغا يىلىنىپ. ئۇلۇغ تەڭرىم ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان، قەلبىنى روشەن قىلغىن!
& ?4 k4 V) R! }* w9 f7 b. B: O; ]4 h9 ]# R
  ئۇنىڭ ئىللىق كۈلبىسىگە تەكلىپ قىلىنغىنىمنى دوستلۇق شەپقىتى دەپ بىلدىم. ئۇنىڭ دەرتلىرىگە دەرمان بولۇشنى، تۇرمۇش ئىلكىدە قاتقان يۈرىكىمگە سۆز كانىمدىن ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئىستەيتتىم. ئۇ ئالدىمغا دوستانە قىياپەتتە، سالاپەت بىلەن، ئۆزلۈكىنى يوقاتمىغان ھالەتتە چىقىدۇ، دەپ ئويلغان ئىدىم. ئەپسۇس!  قىيا ئېچىلغان ئىشىكتىن كۆزۈمگە چىللىققىنى قىز سىياقىدىكى بىر پەرىشتىنىڭ يېرىم يالىڭاچ سوزۇلۇپ ياتقان ئۇيقۇلۇق گۈزەل ھالىتى نامايەن بولدى. مەن قانداق ئويلاي؟ ئۇلۇغ ھېكمەتلەرنى جىسمىگە مۇجەسسەملىگەن ھەقىقىي بىر ئەركەك قانداق قىلاتتى؟ خىيالىم ئۆزۈمدىن ھالقىشقا، ئەقىل تەنگە قۇل بولۇشقا باشلىدى.ئاقىۋەت نېمە بولاتتى!بېلىق قورساق ئۈچۈن قارماققا ئېلىنىپ ئۆلىدۇ. ; t: A7 \; k1 R& c7 G9 O

# Z- Y" Z) M4 L; u3 h مەن ئەقلىمنى ئىلكىمگە ئالغىنىمدا كۆزلىرىم ئەلەم دېڭىزىغا بەند، قەلىبم خائىنلارغا قەلئە بولغان ئىدى. ئۆزۈمنى نېمە دەپ ئاقلاشنى، ئوماق نىگارىم چىھرىگە قانداق قاراشنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ بىخارامان ئۇخلاپ ياتقان چېھرىگە يىرگىنىش بىلەن تىكىلدىم. ئۇ چۆچۈپ ئويغاندى، ئۆزىگە تىكىلگەن كۆزلىرىمگە ھەيرانلىق ئىلكىدە بېقىپ خاتىرىسىنى يوقاتقان ئادەم تۇيۇقسىز ئەسلىگە كەلگەندەك چەكچىيىپ چاچلىرىنى يۇلۇپ ئاجىزلىقىنى سەزدۈرۈپ قويغىنىدىن پۇشايمان قىلغاندەك تۈگۈلۈپ، ئۈن-تىنسىز ئولتۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ مۇڭلىرى قەلبىمنى يەنە ئېزىشكە، بولدى يىگىت ھەممە ئۆتتى، ئەمدى كىمنى ئەيىپلەيسەن؟ ئۇنىمۇ ياكى ئۆزۈڭنىمۇ؟ ئازغۇن ئىنساندا نېمە گۇناھ دېگۈزدى،-دە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلدىم،– بولدى، ھەممە ئۆتتى، كىم كىمنىڭ قاتىلى؟ ھەممىسى بىر چۈش. ھەممە يۈرىكىدىكى ئورۇننى قەدىرلسۇن.مەن ئۆلدۈم،تىرىك تۇرۇپ ئۆلدۈم، دەيتتى ئۇ مېنى قوغلاپ. -كېتىڭ! كېتىڭ! مېنى يالغۇز قويۇڭ! غەزەپ بىلەن ئىشىكنى يېپىپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىدىن ئايرىلىپ يامغۇرلۇق سۈبھى قوينىغا سىڭىپ كەتتىم.قەلبىمدە پۇشايمان ئەلەمدىن پۈتكەن يىغا دولقۇنلاۋاتاتتى....
& e! ^3 S& S# Y+ O8 H8 W  [5 u5 E5 Q" U* i
  -ئۇ بىر سارڭ، ھەقىقەتەن بىر دۆت دەيتتى دوستۇم غودىراپ. ئۇ شۇندىن بىرى ماڭا قارىمايدۇ، مەندىن غەزەپلەنسە، نەپرەتلەنسە كېرەك.9 `: D" P) g4 v. p7 [, Q

' ]& a5 g  ^& n( C, b( yمەن نېمە دەپ ئۇنىڭغا تەجرىبە ،ئوغۇللار ھەقىقەتەن ئوپېراتسىيە ئۈلگىسى بولۇپ بەرگەندىمەن؟ مەن كىمدىن رەنجىيمەن! ئەشۇ قىزدىمۇ؟... دوستۇم قاقشايتتى. ئۇنىڭ قاقشاشلىرىغا قوشۇلۇپ كلاسسىك ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ گۈل ۋە بۇلبۇل ھەققىدىكى بايانلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالاتتى.
3 \0 e  y( h" A1 i" R
7 Y3 I, a: b- Y7 B$ D5 Z...بۇلبۇل گۈلدىن زارلاپتۇ، ئۇنىڭ سۆيگۈسىگە پەرۋا قىلمىغىنىدىن، تىكەنلىرىنىڭ باغرىغا سانجىلىپ يارا قىلغانلىقىدىن ئاغرىنىپ يىراققا كېتىپ قالغانلىقى، گۈل ئۆزىنىڭ بۇلبۇلنىڭ ساداقىتىنى سىناش مەقسىتىدە قىلغان قەستەنلكىدىن زارلاپ ساباغا دەرت ئېيتقىنى، سابانىڭ گۈلنى چىللاپ كەلگىچە گۈلنىڭ كۈز لەشكەرلىرى تەرىپىدىن ئەجەل پەرىشتىلىرىگە تاپشۇرۇلغانلىقى، قان قۇسۇپ نالە قىلۋاتقان بۇلبۇلنىڭ ئازاپلىرىنى بايان قىلاتتى. دوستۇم زارلىماقتا! ئۇ شۇنداق بىر  قىز! ..... , z+ I# I" f6 x* z& T7 v
  n% Z( i  ~, S: t
  مۇئەللىم سۆزلىمەكتە- گۈل نازلانغىنى ئۈچۈنلا ئۆلدى! بۇلبۇل تىكەندىن قورققىنى ئۈچۈن! ...
5 N% C" G9 m# c( I. P
  M* H; `) t) U+ @. yقەلبىم چەكسىز ئازاپ ئىلكىدە خيالغا چۆمگەن ئىدى. دوستۇم قىز ئۈچۈن دەرتتە! گۈل بۇلبۇل غېمىدە! ساباغا نېمە غەم؟ ماڭىچۇ؟! ...
% A: u% S; v3 M  E" L! w$ F' W% [3 Uمەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
12 سەر
تۆھپە
10 سەر
تىللا
31 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-6-1 04:19:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

0

تېما

4

يازما

89

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-1-11 16:49:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗