ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1071|ئىنكاس: 3

سېرىق 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرگە مەستلىكىم كېلىدۇ ھ ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2011-12-17 10:35:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرگە مەستلىكىم كېلىدۇ ھەم ئىچىم ئاغرىيدۇ* a4 H7 a0 S( N( M% L: J0 s. {" _
ئادەمنىڭ 40 ياشتىن ئاشقان ۋاقتى ھاياتتىكى مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ ياشتا تۇرمۇشنى تېخىمۇ سۆيىدىغان، كەلگۈسى تۇرمۇشقا ئىشىنىپ ياشايدىغان ئېتىقاد پەيدا بولىدۇ. ئەرلەر مۇشۇ ۋاقىتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى، ئىش - ھەرىكەتتىكى، كاللىسىدىكى، قەلبىدىكى نازۇك ھېسلارنى بايقايدۇ. ئۇلاردىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان نازۇك ھېسلار جىسمىدا چاپچىپ تۇرسىمۇ، زىممىسىگە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئۇلار بۇ ياشتا تۇرمۇشتا پىشقان، خىزمەتتە يېتىلگەن، ئەمما، ھاياتتا چۈشىنىپ بولمايدىغان سىرلىرى كۆپەيگەن بولىدۇ. ھاياتنىڭ سېھرىي كۈچى مۇشۇنداق جۇش ئۇرۇۋاتقان چاغ ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتەڭ. 7 k: Y' q( ~' m3 J+ v* p- G* m" p
ئەرلەرنىڭ 40 ياشتىن ھالقىغان مەزگىلى ئېگىز تاغقا، تاغ ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغايغا ئوخشايدۇ. كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ ئېگىز، ھەيۋەتلىك نەرسىگە ھەۋىسى كەلگەندەك، ھەر خىل ئىشقا ئىنتىلىدۇ. ئەمما، ياخشى ئىشقا كاشىلا كۆپ دېگەندەك، بۇ دەۋردىمۇ كاشىلىلار سايىدەكلا ئەگىشىپ يۈرىدۇ. 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر تۇرمۇش، خىزمەتتە تۈرلۈك قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەمما، كۆپ ھاللاردا ئائىلە، ئاتا - ئانا، پەرزەنت، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئادەتتىكى، تولىمۇ زىل-نازۇك سىناقلىرى ئالدىدا بىچارە، ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈپمۇ قالىدۇ. قىلغىلى بولۇپ، دېگىلى بولمايدىغان، دېگىلى بولۇپ، قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلار مۇشۇ باسقۇچتا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا، بالىنىڭ ئىشلىرىغا يۈگۈرمىسە بولمىغان، ئائىلە تۈگمىنىنى كۈچەپ چۆگىلەتمىسە تېخى بولمىغان. بۇ ۋاقىت ئائىلە ئىقتىسادىمۇ ئىزىغا چۈشمىگەن، يەنى بايمۇ ئەمەس، كەمبەغەلمۇ ئەمەس باسقۇچتا بولىدۇ. كونىلارنىڭ «ئۇياققا تارتساڭ ئات ئۆلىدۇ، بۇياققا تارتساڭ ھارۋا سۇنىدۇ» دېيىشلىرى مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ. بۇ چاغدىكى ئىشلارنى، زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلماق ئاسان ئەمەس.
9 Q1 d' i1 `. k" v" F# N) D40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ قەلبىدە ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئوتلىرى يېلىنجاپ تۇرىدۇ. ئۇلار قوپال، قارام ئەمەس، ھاياتقا يەڭگىلتەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ. كۆپىنچە يېپىق قازان يېپىق پېتى قالىدۇ. 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئائىلە، تۇرمۇش، خىزمەتتىكى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ناچار شارائىتقا تاقەت قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىمكان قەدەر ساقلىنالايدۇ. 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆتكەن ئىشلارنى كۆپ ئەسلەيدۇ ھەم يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدۇ. بۇ ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغىنى كەسىپ. ئەگەر خىزمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى ياكى يەپ - ئىچىپ، ئويناپ يۈرۈش بولسا، ئۇنداقتا، ئۆزىنى قابىلىيەتسىزلىك تۈۋرۈكىگە مىقلىغان بولۇپ، كۈنلىرى روھى چۈشكۈن، ھېچقانداق نەرسىدىن خۇشاللىنالمايدىغان ياكى ھېچقانداق نەرسىگە ئاغرىنمايدىغان بىر خىل كەيپىياتتا ئۆتكەن بولىدۇ. ئەگەر خىزمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن قابىلىيىتى، ئىقتىدارى ۋە قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بولسا، ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى ھەمىشە ئالغا باستۇرۇشقا ۋە نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىدۇ. ئاياللار شۇ ياشتىكى ئەرلەرنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، ئۇلارنىڭ قەيسەرلىكىدىن، كۆڭلى يۇمشاقلىقى ۋە ئاق كۆڭۈللۈكى، رەھىمدىللىقىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ياشتىكى ئەر - ئاياللار ئوخشاشلا توققۇزى تەل بولۇپ كەتكەنلەردىن ئەمەس - تە. شۇڭا، ئاياللار كۆپ ھاللاردا جەسۇرلۇق، باتۇرلۇق بىلەن ئەرلەرنىڭ قايغۇسىنى، ئاجىزلىقىنى، تۇرمۇشتا بىلىنەر - بىلىنمەس يۈز بېرىپ قالغان ياكى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار سەۋەنلىكلىرىنى كەڭ قورساقلىق، كۈلۈمسىرەش بىلەن ئەپۇ قىلىپ، ئەرلەرنى سۆيۈشتىكى ھەقىقىي سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.  T9 z2 r! v# L: M  P6 I
40 ياشتىن ھالقىغان باسقۇچ كىشى ئۆمرىدىكى ئالتۇن ياش باسقۇچى، شۇنداقلا بېسىم ئەڭ ئېغىر باسقۇچتۇر. ئەرلەردىكى بەش چوڭ بوسۇغا - غېرىبانىلىق، ئۆچەكىشىش، دىلى سۇنۇقلۇق، قىسىلىش، تەشۋىشلىنىش مانا مۇشۇ باسقۇچتا باشلىنىدۇ. شۇ ياشتىكى ئەرلەر تۇرمۇشتا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. يەنە ئاشۇ ياشتا نام چىقارغان ئەرلەرمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ياشتىكىلەرنىڭ يەنە ئېسەنگىرەپ يۈرىدىغانغا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش قىلىدىغانغا، بەدخەجلىك قىلىپ بۇزۇپ -چاچىدىغانغا، مەسئۇلىيەتنى، نىيەت-ئىرادىنى كېيىنكىلەرگە ئارتىپ قويىدىغانغا ۋاقتى قالمايدۇ. 40 ياشتىن ئاشقاندا ھاياتلىقنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىغان ھالدا ۋاقىتنىڭ ئۇچقۇر ئايروپىلانىدا ئولتۇرغان بولىدۇ، پەقەت ئالغا بېسىشتىن باشقا ئامال يوق. قەيسەرانە بولغاندىلا، بۇ يولنى ئاداشماستىن بېسىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.4 z; a" E0 m1 _. r3 X9 A" j2 f
40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرگە مەستلىكىم كېلىدۇ ھەم ئىچىم ئاغرىيدۇ.
% c( p$ c' K3 \( E  A1 Q, k; p1 w+ h$ jمەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

4

يازما

524

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
161 سەر
تۆھپە
138 سەر
تىللا
61 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-4-12 08:58:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما,رەھمەت سىزگە

0

تېما

4

يازما

89

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-4-12 08:58:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك تېما ئېلىپ كەپسىز  

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-4-12 08:58:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخمۇ تىرىشىڭ!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗