ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 12436|ئىنكاس: 3

سېرىق ئابدۇكېرىم ئابلىزدىن دەۋاگەرلەرگە جاۋاپيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

104

يازما

3048

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1014 سەر
تۆھپە
515 سەر
تىللا
386 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنىتەشۋىقات ماھىرى

ۋاقتى: 2011-12-22 22:29:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر
0 F/ O3 f) Y  w! p( D- C2 R
ئابدۇكېرىم ئابلىزدىن دەۋاگەرلەرگە جاۋاپ

' [" s5 r5 [4 P% k# ~& ?
(فېليەتون)
, R9 }  {* w2 f( C' i* [! p2 j                                                        مەمتىمىن ئابلىز                                                         
4 b- w6 V" {5 v0 q' k; A3 V: e0 ]7 ~$ }: C9 m. J! @/ w, y: i
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۈلكىخۇمار ئېزىز قېرىنداشلار! 3 s" R/ _9 c3 y5 Y# n8 ?7 b. f
     كەمىنە جاۋاپكىرىڭلار ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۇيغۇر ئىتوتچىلىق سەنئىتىدىن ئەلگە نەپ بىرىش يۇلىدا خىزمەتتىن سىرت دادىل ئىزدىنىپ ھەم يېزىپ ھەم ئۇرۇنداپ ئەل-جامائەتنىڭ قوللىشىغا، ئالقىشىغا  ئېرىشىپ كەلدىم. قازانغان ئۇتۇق، ئابۇروي، شەرەپلەرگە قانائەت قىلماي كەمچىلىك ھىس قىلىپ ئاچۆكۆزلۈك بىلەن يەنە ئۆگۈنۈش ئۈچۈن مەركەزدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ ساپا، سەۋىيەمنى ئۆستۈرىدىغان تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى كۈتىۋالدىم. قانات- قۇيرۇقۇم يىتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە دەۋاخور بەڭۋاش ئىتوتلىرىمنىڭ بەزى قېرىنداشلارنى كۈلدۈرۈپ زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۈستۈمدىن دەۋا قىلىپ سوتقا ماڭغانلىقىنى ئاڭلاپ گەدىنىمنى  قاشلاپ، ئىككى كۆزۈمنى ياشلاپ، مەغرۇرلۇقنى تاشلاپ، قەلىمىمنى ياشلاپ جاۋاپ يېزىشنى باشلىدىم. ئاۋال ئىتوتلىرىمدا كىشىلەر تىنىگە زىيانلىق غەيرى ماددىلارنىڭ بار-يوقلىقى توغرىسىدا خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بەزىلىرىنىڭ تەربىيىۋى ماددىسى بىلەن يۇمۇرلۇق ماددىسىنىڭ نىسبىتى تەڭشەلمىگەن ئەھۋاللارنى بايقىدىم. تاماشىبىنلارنىڭ كاللىسىدا ئىرىمەي توپلىشىۋالغان قويۇق يۇمۇرىستىك ماددىلار ئۇلارنى كۈلكىسىنى كونتۇرول قىلالمايدىغان قىلىپ قويۇپ بەزى كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىپتۇ. مەن بۇنىڭغا قايىل. مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىپ دەۋاگەرلەرگە تۈۋەندىكىچە جاۋاپ بىرىمەن: ; O5 e$ l3 y. R5 @, Z6 _
ئەڭ مۇھىمى كۈلۈپ-تېلىقىپ قازا قىلغانلار ئوڭۇشلۇق قايتتۇرۇپ كىلىندى!  
. a- t' u1 w: y/ y- lدېپلۇماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ دەۋادىن يېڭىلىق ھىس قىلىپ - ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا دېگۈدەك كونسۇلخانىمىز بولسىمۇ ئۇ دۇنيادا كونسۇلخانا قۇرماپتۇق، لىكىن ئۇ  دۇنيانىڭ ئەزرائىل ئىسملىك بىر باش كۆنسۇلى بۇ دۇنيادا ئەلمىساقتىن بۇيان  ئەركىن ئىش بىجىرىۋاتىدۇ،ئالاقىلىشىپ باقايلى - دىيىشىپ ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلدى. نەتىجىدە باش كونسۇل ئەزرائىل جاناپلىرى كۈلۈپ ئۆلگەنلەرنى «قانۇنسىز چىگرىدىن چىققانلار» ھىساۋىدا تىرىلدۈرۈپ بۇ دنياغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇندىن كىيىن ئىككى ئالەم چىگرىسىدا تامۇژنا قۇرۇلۇپ ئىتوت كۆرۈپ كۈلۈپ ئۆلىدىغانلارنى بىردەك تەستىقلانمايدىغان بولدى. قايتتۇرۇلغانلانى داۋالاپ يولغا سېلىش ئۈچۈن خۇتەن ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىغا ئۇرۇنلاشتۇردۇم.  
9 A! }5 k; g& s( v. T1.كۈلۈپ تېلىقىپ ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كەتكەنلەر دىققەت!
+ b9 R4 Y, v* R9 k$ Nخۇتەن ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسى كۈلۈپ ئۈچىيى تولغۇشۇپ ئۈزۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئچىيىنى كىسىپ ئۇلاشقا قۇربانلىق قوينىڭ ياغلىق ئۈچىيى ماس كىلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ چىقتى. كۈلۈپ ئچىيى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىمارلارنى ئىسكىلاتقا دۆۋىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۈچەي بىلەن تەمىنلەيدۇ. قايتا تولغۇشۇپ ئۈزۈلۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرۇنقى قالايمىقان ھالەتكە خاتىمە بېرىپ ئۈچەينى ئومۇرتقا تۈۋرىكىگە پۇرژۇندەك يۆگەپ باش بىكەت بىلەن ئاخىرقى بىكەت ئوتتۇرىسدا مەڭگۇ قاتناش ۋەقەسى چىقماسلىققا كاپالەتلىق قىلىدۇ. ئوپراتسىيە ھەققىگە مەن مەسئۇل. % }  e$ l7 E2 }$ R
2.كۈلۈپ-تېلىقىپ ۋىگىتاتىپ ئادەم بولۇپ قالغان بىمارلارنىڭ جورىلىرى دىققەت!
( e( ~) `2 ?' i! k( x; w2 w" Bئۇلارنىڭ يۇقالغان ئەس-ھۇشىنى كەينىگە ياندۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن ئىتوتنى كەينىگە ياندۇرۇپ ئاياغدىن باشقا قاراپ كۆرسىتىش رىتسىپى قوللىنىلىدىغان بولۇپ ئونۈمىگە دوختۇرخانا، چىقىمىغا مەن كاپالەت بېرىمىز. 4 k4 e: T( G9 V# Y+ F0 g- c& d3 G
3.ئىتوت كۆرۈپ سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قالغانلار دىققەت! $ F# b- B+ g) Z
بۇ زىياننى دەلىللەيدىغان موقۇم تەشكىلى ئاپىرات بولمىغاچقا دەۋايىڭلارنى رەت قىلىش ھۇقۇقۇم بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلمەي تۇرالمىدىم: «مەڭگۈ ئايرىلمايمەن» دىگەن ۋەدىنىڭ ئورنىغا« پەندىيات! مەڭگۈ ئىتوت كۆرمەيمەن» دىگەن ۋەدىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭلار. چارە بولمىغاندا ئالماشتۇرۇش ياخشى چارە. ئالماشتۇرۇشقا كۆنۈپ قېلىپ چىققان زىيانغا ئۆزەڭلار ئىگە.  3 _0 M) i# l7 F( C" W+ w- C  t
  4.ئىتوت كۆرۈپ مېڭىپ تېرەك تورمۇز قىلىپ  تۆلەمگە قالغان شوپۇرلار دىققەت.
) h8 f) N7 e3 F5 \5 K/ E$ S" {" X6 J) V   سىلەرگە بىرىدىغان تۆلەمگە قارىتا « قولىڭىز رولدا بولسا، كۆزىڭىز يولدا بولسۇن» دېگەن ماقالە بېسىلغان «قەشقەر گېزىتى»نى تېپىپ كۆپەيتىپ قويدۇم. سىلەر پاكىت قىلغان ئىتوت پىلاستىنكىسى قانۇنسىز كۆپەيتىلگە نۇسقا بولغاچقا  مەنمۇ گېزىتنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى بەرمەيمەن. ) `: I9 V( j8 D5 d7 F
5.ئىش ۋاقتىدا ئىتوت كۆرۈپ جازاغا ئۇچرىغان ئىشچى خىزمەتچىلەر دىققەت!
3 G  B* s! W" W* Wمەنمۇ ئىشتىن سىرت تەييارلاپ كېچىدە ئۇرۇندىغان ئىتوتنى سىلەرمۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۆرمەي خاتا قىپسىلەر. سىلەرگە ھىسداشلىقىم قوزغىلىۋاتىدۇ. ھېلىقى باشلىق ئەستايىدىل ئادەمكەن. كىلەر يىلى سىلەرنى مۇكاپاتلاپ زىيىنىڭلارنى تولدۇرۇپ بىرىدىغان بولدى.
# w0 B, a# r, z/ o4 c7 m  6.كۈلۈپ-تېلىقىپ يۈرىكىدىكى كۆۋرىكى گۈمۈرلۈپ چۈشكەنلەر دىققەت! 1 w+ E- K  a! Y! w9 H7 T& E+ G
   شىپاخانا كۆۋرۈكىڭلارنى قايتا سېلىشقا «كۆۋرۈك» فىلىمىدىكى داڭلىق ئىنژىنىرنى تەكلىپ قىلدى . تۈۋرىكىنى ئالماس چىۋىق بىلەن چۆيۈندىن قۇيۇپ ئۇرۇشتىمۇ پارتلىمايدىغان ھەتتا كەلگۈسىدە قەۋرىنىمۇ كۆتۈرۈپ تۇرغىدەك سېلىپ بىرىدىغان بولدى.چىقىم مەندىن!
+ @3 l# C( A1 O( v  7.دۇكاندا ئىتوت كۆرۈپ ئولتۇرۇپ مېلىدىن زىيان چىققان دۇكاندارلار دىققەت! 4 |, j) n# ~; ?9 [" a% g* P! }
خېرىدارنى ساقلىتىپ قويۇپ ئىتوت كۆرگىنىڭلار سودا ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىش. مالنىڭ زىيىنىغا مال قاپتۇ. خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىدە داغ قاپتۇ. داغنى يۇيۇپ سوپۇنغا كەتكەن چىقىم تالۇنىنى ئېپكىلىڭلار. «دۇلان»ئۈن-سۈن بۇيۇملىرى شىركىتى ئاتچوت قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىپ بېرىدۇ.
5 O: I( E: H6 G5 C/ N   8.كۈلۈپ تېلىقىپ تەرىتىنى تۇتالماي قۇيىۋەتكەنلەر دىققەت! * r! {) V- k, e8 B
  شىپاخانا بىلەن دىيىشىپ سىلەر ئۈچۈن شاڭخەي ئاپتۇموبىل شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ دۇنياۋىي يېڭى تېخنىكا قوللۇنىلغان سەككىز تەرەپتىن تەڭ قارمايدىغان ئاپتۇماتىك ماي تورمۇزنى كەلتۈردۇق. ئاخىرقى بىكەت چىقىش ئېغىزىغا ئورنۇتۇپ مىڭىسىگە «ئىتوتنىڭ كۈلكىلىك يىرى»دىگەن ئۇقۇمنى قاچىلىۋىتىمىز، ئىتوت كۆرۈپ كۈلىدىغان يىرىگە كەلگەندىلا ئاپتۇماتىك ھالدا تىمساقنىڭ چىشىدەك ھەركەتكە كىلىدۇ. كۈلمەي چىقىراپ تاشلىساڭلار مەن ئىگە ئەمەس. لىكىن تورموزنىڭ پۇلى مەندىن.   & y( G% Z5 a7 b0 v& ~  e
9.ئىتوت كۆرۈپ ئولتۇرۇپ سومكىسىنى ماشىنىدائۇنتۇپ قالغانلار دىققەت!
1 y* P1 O7 m1 @% T/ [* F: E   ماشىنىدا سومكا ئۇنتۇلۇپ قالغاندن كىيىن  سومكىنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى كۆرگەن گۇۋاچىنى تېپىپ كىلىڭلار. ئۇلار نېمە باركەن دېسە شۇنى تۆلەپ بېرىمەن. جاۋاپكارلىق ماڭا ئاشمىسا خاپا بولمايمەن.
' Y- }* q* y9 |# h# e  10.ئىتوتنىڭ قىزىقىدا دۋد لىرى كۆيۈپ كەتكەنلەر  دىققەت! ( e' {1 T3 X# T
   سىلەر ئىتوتتا ئاسان ئوت ئالىدىغان رادىئاكتىپ ماددا بارلىقىنى ئىسپاتلىيالمىساڭلار مەن ئىپاتلايمەنكى شۇ چاغدا چۇقۇم د ۋ د نىڭ ئىچىگە توك كىرىۋاپتۇ. ئىتوتنىڭ قىزىقىغا دۆڭگىسەڭلارمۇ ئامالىم يوق. يېڭى دۋد لىرىڭلارنىڭ دۇمبىسىگە رادياتور، مەيدىسىگە خامان سورۇيدىغان ۋىنتىلاتۇر ئورنۇتۇپ ماڭا كۆرسىتىڭلار پۇلىنى بىرىمەن. 4 O2 m4 ^, G& u2 W3 K9 o/ J+ C
11.ئىتوتنىڭ قىزىقىدا كومپىيوتىرىنىڭ ئىكرانى كۆيۈپ كەتسىمۇ ئاداۋەت ساقلىماي، دەۋا قىلماي يەنە دەۋاگەرلەرنىڭ ئەرزىدىن بىشارەت بەرگەن دوستۇم مەمتىمىنگە رەخمەت!. لىكىن قۇرۇق رەخمەت ئېيتىشقا كۆڭلۈم قويمىدى. يەنىلا كونا رەڭنىڭ مېلى ياخشى. كىنو سىتودىيىمىزنىڭ ئىسكىلاتىدا ساقلىنىپ قالغان توققۇز  كۇۋادىرات مىتىرلىق كونا كىنو ئىكرانىدىن بىرنى بېرىپ كۆيگەن ئىكراننىڭ كۆلىمىنى 100ھەسسىلەپ قايتتۇراي! ئارتۇقىغا پۇل ئالمايمەن! 2 e! P* u. Y0 J9 p7 G
   زاسداتىللار مەسئۇلىيىتىمنى بىكىتىشتىن بۇرۇن دەۋاگەرلىرىمگە كۆڭلۈمدىكى مۇرەسسە پىلانىنى بىجا كەلتۈرۈپ زىمبەمدىن تاغ يۆتكەلگەندەك يەڭگىپ قالدىم. قايتا پىكىر چىقمىسا دەۋا مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىگەي!!! ئىتوتلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىنى پىلاستىنكىغا چاپلىماي قارشى تەرەپ سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرىۋەتتىم. خاتىرجەم كۆرىۋىرىڭلار!  ! T! q0 ~0 D- g* d% A) {4 ^
خوش! يەنىلا سىلەرنىڭ كۈلكەڭلار مىنىڭ ئەڭ زور بەختىم، رازىلىقىڭلار مەڭگۈلۈك تەختىم. بەختىم قۇلۇمدا تەختىم يولۇمدا. ئەل نەزىرى بۈيۈك تەخت، موللاق ئاتسا قوپماق تەس. قۇلۇڭلارنىڭ كەينىدە بولسىمۇ يۇلۇمنىڭ راۋانلىقىغا رىزايى ئىلھام بەخش دۇئايى مەدەت بىرىڭلار! تەنقىت بولسا ئاۋال شۇنى تاللايمەن. خەير-خوش!! كونىسىنى كۆرۈپ تۇرۇڭلار، يېڭىسى يېڭى يىلدا بىخ سۈرىدۇ.
, Q! E; u, R# b8 J  Z* J) Uمەنبە: http://bbs.misranim.com/read.php?tid=65931

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9200 سەر
تۆھپە
2744 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2011-12-22 22:30:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچىل سىزنىڭ يازمىڭىزغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، داۋاملىق تىرىشىڭ !
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

0

تېما

37

يازما

422

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
152 سەر
تۆھپە
64 سەر
تىللا
17 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2011-12-23 07:32:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىكىرىم ئابلىزنى ئىلاھلاشتۇرىۋەتمەيلى

332

تېما

814

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7622 سەر
تۆھپە
4883 سەر
تىللا
2969 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

QQ
ۋاقتى: 2011-12-23 14:23:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمىتىمىن ئابلىز ئاكىسى ئابدىكىرىم ئابلىزغا يازغان چاقچىقى دىسەك بولغىدەك.....يا سىز ئابدىكىرماننىڭ ئۇكىسىمۇيا؟مانا سىزگە ماشتاق...{:soso__9772319919162506129_3:} بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاشتېشى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-23 14:24  
9 k2 P( \# P* J  j: M! g1 c6 W9 R4 y9 z
ئۈزىگە ئوخشاش ئىشەك قىلىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗