باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel ئارقىلىق مۇئاش تارقىتىش تاسمىقى ئىشلەش-4

    ۋاقىت:2008-09-03 | تۈرى:wordھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28485162.html

    4-ئۇسۇل :  Word قا پوچتىلاش ئۇسۇلى

    ئەگەر سىز ماكرۇ ۋە فورمىلا ئىشلىتىشكە ئانچە قېزىقمىسىڭىز يەنە بىر ئۇسۇل بار . ئۇ بولسىمۇ Word پوچتىلاش ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئۇسۇل توغرىسىدا ئۇيغۇر مۇنازىرە مۈنبەرلىرىدە كۆپ تىما بولسىمۇ، ئاساسەن سىن ھۆججىتى شەكلىدە ئىكەن. شۇڭا مەن بۇ يەردە بۇ ئۇسۇلنىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرمەكچى.
    ئالدى بىلەن ئاساسى ھۆججەت بىلەن سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىغان ھۆججەتنى(
    Excelياكى  Access ھۆججەت شەەكلىدىكى خاتىرىلەر ساقلانغان جەدىۋەل) بىكىتىۋالىمىز. ئاندىن Word دىكى پوچتىلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، سانلىق مەلۇمات مەنبە ھۆججىتىدىكى ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈش ئېلىپ بارىمىز. يەنى ئالدى بىلەن Word نى ئېچىپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر جەدىۋەل قۇرىۋالىمىز.

    ئاندىن 1- قەدەمدە Word نىڭ تىزىملىكىدىن « قورال __ خەت چەك ۋە ئېلخەت __ پوچتىلاش» (工具信函与邮件邮件合并) بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئو تەرەپكە ئېچىلغان رامكا ئېچىدىن «خەت- چەك » دىگەن تۈرنى تاللايمىز.ئاندىن ئاستى تەرەپتىكى «كېيىنكى قەدەم: ھۆججەتنى باشلاش(قوزغىتىش)»(下一步:正在启动文档) دىگەن خەتنى چىكىپ، كيىنكى باسقۇچقا ئۆتىمىز.
    2-قەدەمدە يىڭى ئېچىلغان كۆزنەكتىن كۆڭۈلدىكى قىممىتى بويىچە يەنى«نۆۋەنتتىكى ھۆججەتنى ئىشلىتىش»(
    使用当前文档) دىگەن تۈرنى تاللاپ، يەنە تۆۋەندىكى «خەت تاپشۇرىۋالغۇچلار تىزىملىكىنى ئوقۇش»(读取收件人) دىگەن خەتنى چىكىپ،كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتىمىز.
    3- قەدەمدە خەت تاپشۇرىۋالغۇچىنى تاللاش دىگەن تۈرگە « ھازىرقى تۈرلەرنى ئىشلىتىش» (
    使用现有列表) دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى «ئىشلىتىشكە بولىدىغان تۈرلەر» (使用现有列表) ئاستىدىكى « كۆرۈش» (浏览) دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىغان ھۆججەتنى يەنى بىزنىڭ سۆزلەۋاتقىنىمىز Excel توغرىلىق بولغاچقا بۇ يەردە بىز بىر مۇئاش جەدىۋىلى ساقلانغان Excel ھۆججىتىنى تاللاپ تۇرۇپ ئاچساق بولىدۇ. بىر كۆزنەك ئېچىلىپ بىزدىن شۇ خىزمەت دەپتىرى ئىچىدىكى سانلىق مەلۇمات بار بولغان جەدىۋەلنى تاللاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز سانلىق مەلۇمات بار جەدىۋەلنى تاللاپ جەزىم كۇنۇپكىسىنى چەكسەك يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىپ، مۇئاش جەدىۋىلىدىكى ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. بۇلاردىن ھەممىنى تاللاپ ياكى كىرەكسىزلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، جەزىم كۇنۇپكىسىنى چېكىپ Word تەھرىرلەش كۆزنىكىگە قايتىمىز.
    4- قەدەمدە « قورال __ خەت چەك ۋە ئېلخەت __ پوچتىلاش قورال سىتونىنى كۆرسىتىش » (
    工具信函与邮件显示邮件合并工具栏) بۇيرۇقىنى بېسىپ، پوچتىلاش قورال سىتونىنى كۆرسىتىمىز. ئاندىن مائۇس سىتىرىلكىسىنى بايا قۇرغان جەدىۋەلنىڭ 1- تۈرى «رەت نومۇرى»(序号) ئاستىدىكى قۇرۇق كاتەككە توغۇرلاپ، «پوچىتىلاش قورال سىتونى ئارىسىدىكى «ساھە كودى قىستۇرۇش» (插入域) (Word ساھە كودىنى قىستۇرۇش (插入Word)دىگەن تۈر ئەمەس، شۇنىڭ سول تەرىپىدىكى كۇنۇپكا) نى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «ساندان ساھە كودى(数据库域 دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئاستىدىكى تۈرلەر ئاستىدىن «رەت نومۇرى(序号 دىگەن تۈرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرىمىز.ئاندىن يەنە يۇقارقى باسقۇچ بويىچە «ئىسىم، ۋەزىپە مۇئاشى،ئاساسى مۇئاشى دىگەندەك باشقا تۈرلەرنىمۇ يۇقارقى «رەت نومۇرى» دىگەن تۈرنى تولدۇرغانغا ئوخشاش ماس ئورۇنغا تولدۇرىمىز.
    5- قەدەمدە.يۇقارقى بوش كاتەكلەرنى يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ياندىكى كۆزنەك ئاستىدىكى « خەتنى كۆرۈپ بېقىش (
    预览信函)» دىگەن خەتنى چىكىپ، ھەر قايسى تۈرلەر توغرا بولدىمۇ يوق كۆرۈپ باقىمىز. ئەگەر خاتا بولۇپ قالغان بولسا مەسىلەن : ئسىملار تولۇق كۆرۈنمىگەن بولسا دىگەندەك.تۈزىتىۋالساق بولىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا مۇشۇ بويىچە بېسىپ چىقارماقچى بولساق، بىر بەتكە بىرلا ئادەمنىڭ مۇئاش تارقتىتىش ۋاراقچىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. بۇ بەكمۇئىسراپچىلىق بولۇپ، بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يۇقارقى تەييار بولغان جەدىۋەلنى كۆچۈرۈپ، شۇ جەدىۋەلنىڭ ئاستىدىن بىر قۇرنى بوش تاشلاپ قويۇپ تۇرۇپ چاپلاڭ.شۇ بويىچە بىر بەتكە قانچىنى چاپلىغىلى بولسا شۇنچىنى چاپلاڭ.ئاندىن ئىككى خاتىرە ئارىسىدىكى تاشلاپ قويغان بوش قۇرغا نۇر بەلگىنى توغۇرلاپ تۇرۇپ، «پوچتىلاش قورال سىتونى» دىكى « Word ساھە كودىنى قىستۇرۇش(插入Word) كۇنۇپكىنى چىكىپ، تىزىملىك ئارىسدىن «كېينكى خاتىرە()» دىگەن بۇيرۇقنى تاللاپ ئىجرا قىلمىز. ھەمدە ئەڭ ئاخىردىكى خاتىرە ئاستىغىمۇ بىر دانە « كىيىنكى خاتىرە» دىگەن «ساھە كودىنى» قىستۇرىمىز. ئاندىن «پوچتىلاش قورال سىتونىدىكى « يىڭى ھۆججەتكە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىش(合并到新文档) »دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق، يىڭى بىر ھۆججەتكە مۇئاش تارقىتىش ۋاراقچىسى شەكلىدە چىقىرىپ بىرىدۇ. ھەمدە بۇنىڭدا بىر بەتتە بىر قانچە ئادەمنىڭ خاتىرىسى بولغان بولىدۇ. بىز بۇنى بىېسىپ چىقىرىپ، ھەر بىر ئادەم بويىچە ئايرىم- ئايرىم كېسىپ ، تارقىتىپ بەرسەكلا بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    ئەگەر بۇ جەدىۋەلنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز. بۇ جەدىۋەلنى ئەندىزە (قېلىپ، ئۆرنەك) شەكلىدە ساقلاپ قويۇپ، كىيىنكى ئايلاردا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !