باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel ئارقىلىق مۇئاش تارقىتىش تاسمىقى ئىشلەش-2

    ۋاقىت:2008-09-03 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28484647.html

    2-ئۇسۇل : فورمىلا ئۇسۇلى
    فورمىلا ئۇسۇلى ماكرۇ ئۇسۇلى قارىغاندا چۈشىنىشلىكرەك، بىراق قەدەم باسقۇچلىرى كۆپرەك. قايسىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆزىڭىز  بەلگىلەڭ.
    ئالدى بىلەن مەشغۇلات قىلماقچى بولغان
    Excel جەدىۋىلىنى ئېچىپ، ئەسلىدىكى جەدىۋەلنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، بىز مۇئاش تارقىتىش ۋاراقچىسىنى باشتىكىگە ئوخشاش Sheet2 جەدىۋەلگە چىقىرايلى. تۆۋەندىكى فورمىلانى ئۆز ئەمىلى ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتىڭ.
    بۇ جەدىۋەلدە جەمئى
    P  رەت ، 37 قۇر بار. كۆچۈرمەكچى بولغان ماۋزۇ قۇرى 2- قۇرغا جايلاشقان. شۇڭا بىز 1- كاتەكچىگە تۆۋەندىكىدەك فورمىلا كىرگۈزىمىز.ئاندىن بۇ فورمىلانى كاتەكچە تولدۇرغۇچنى سېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق رەت بويىچە L رەتكىچە، قۇر بويىچە 37- قۇرغىچە كۆپەيتسەك بولدى.IF(MOD(ROW(),2)=0,INDEX(sheet1!$A:$L,INT(((ROW()+1)/2))+2,COLUMN()),sheet1!A$2)

    فورمىلا ھەققىدە چۈشەنچە : مۇئاش تارقتىش ۋاراچىسدا تاق قۇرلار ماۋزۇ قۇرى، جۈپ قۇرلار سانلىق مەلۇمات قۇرى قىلىپ بېكىتىلدى. شۇڭا فورمىلادا ئالدى بىلەن مەلۇم بىر قۇرنىڭ جۈپ ياكى تاق قۇر ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ.جۈپ قۇر بولسا، بىۋاستە  A2 كاتەكچىدىكى ماۋزۇ قۇرىنى ئوقۇيدۇ. ئەگەر تاق قۇر بولسا، INDEX() فونكىيەسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات رايۇنىدىكى سانلارنى ئوقۇيدۇ. يەنى بۇ فونكىسيە 1- پارامىتىرى sheet1!$A:$L بولسا، سانلىق مەلۇمات ئوقۇش رايۇنى. ئەگەر سىزنىڭ جەدىۋىلىڭىزدە Aدىن L غىچە ئەمەس باشقىچە بولسا ، مۇشۇ يەرنى ئۆز جەدىۋىلىڭىزدىكى ئەھۋالغا ئاساسەن ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ فورمىلانى Sheet2 ياكى Sheet3 جەدىۋەلگە بىۋاستە كۆچۈرۈپ ئىجراقىلسىڭىز بولىدۇ.
    بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بىر يېتەرسىزلىكى بولسا، ئاپتۇماتىك ھالدا بوش قور قوشالمايدۇ. شۇڭا سىز ئۆزىڭىز قۇر ئارلىقىنى تەڭشەش دىگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق تەڭشىمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇ سىزنىڭ كېيىنكى پېرىنتىردا بېسىش مەشغۇلاتى قىلىشىڭىزغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشى مۇمكىن.


     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !