باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
Excel ئارقىلىق مۇئاش تارقىتىش تاسمىقى ئىشلەش-3
ۋاقىت:2008-09-03 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/28484768.html
3-ئۇسۇل : رەتكە تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى.ئەگەر مەلۇم بىر ئورۇندا 100 خىزمەتچى بولسا، مۇئاش تارقىتىش جەدىۋىلىدىكى مۇئاش سانلىق مەلۇماتلىرى A2:R101 گىچە بولغان رايۇندا دەيلى.بىز ئىشلىمەكچى بولغان مۇئاش تارقىتىش ۋاراقچىسىدا بولسا A1:R1 گىچە بولغان 1- قۇردا ماۋزۇ قۇرى بولۇپ، مۇئاش تۈرلىرى ۋە ئىسىم فامىلىس دىگەندەك خەتلەر بار. 2-قۇردا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسمى ۋە تەپسىلى مۇئاش ئۇچۇرلىرى بار. 3- قۇر بولسا بوش قۇر بولىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن 1- قەدەمدە A رەتنىڭ يېنىغا قوشۇمچە بىر رەتنى قىستۇرىمىز.بۇ چاغدا ئەسلىدىكى A رەت B رەتكە ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن A2、A3、A4 كاتەكچىلەرگە «2،5،8» دىگەن ئۈچ ساننى تولدۇرىمىز. ئاندىن يەنە بۇ ئۈچ كاتەكچىنى تاللاپ تۇرۇپ، كاتەكچە تولدۇرغۇچىنى تۇتۇپ، تۆۋەنگە سۆرەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، A101نومۇرلۇق كاتەكچىگىچە رەت نومۇرى تولدۇرىمىز.
2- قەدەمدە A1:R1 گىچە بولغان ماۋزۇ قۇرىنى كۆچۈرۈپ، A102 نى تاللاپ تۇرۇپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، چاپلاش بۇيرۇقىنى بىرىمىز. ھەمدە A102:R102 گىچە بولغان رايۇننى تاللاپ، كاتەكچە تولدۇرغۇچنى تۇتۇپ، تۆۋەنگە سىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ماۋزۇ قۇرىنى تۆۋەندىكى A200:R200 گىچە بولغان دائىرىنى تولدۇرىمىز. يەنى ماۋزۇ قۇرىنى تۆۋەندىكى 99 قۇرغا كۆچۈرۈپ قويمىز.ئاندىن A1 كاتەكچىگە 1 نى يازىمىز. A102、A103、A104 قاتارلىق ئۈچ كاتەكچىگە «4،7،10» دىگەن سانلارنى يازىمىز.ئاندىن بۇئۈچ كاتەكچىنى تاللاپ، تۆۋەنگە سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۆۋەندىكى A200 كاتەكچىگىچە تولدۇرىمىز.
3- قەدەمدە A201、A202、A203 قاتارلىق ئۈچ كاتەكچىگە «3،6،9 » قاتارلىق ئۈچ ساننى تولدۇرىمىز. ئاندىن بۇ ئۈچ كاتەكچىنى تاللاپ، يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە تۆۋەنگە سۆرەش ئۇسۇلى بويىچە A300 كاتەكچىگىچە تولدۇرىمىز.
4- قەدەمدە ئەمدى بىز پەقەت A رەت بويىچە كېچىكدىن چوڭ تەرتىپ بويىچە رەتكە تىزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارساقلا، ئۆزىمىزگە كىرەكلىك بولغان مۇئاش تارقىتىش ۋاراقچىسىغا ئىگە بولالايمىز. ئاندىن A رەتنى يوشۇرۇن قىلىپ قويساقلا ئىش پۈتىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !