باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel ئارقىلىق مۇئاش تارقىتىش تاسمىقى ئىشلەش-1

    ۋاقىت:2008-09-03 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28484229.html

    تۆۋەندىكى ئۇسۇللار مەيلى مالىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى باشقا خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولسۇن، ئىشقىلىپ،  Excel دىكى تەپسىلى ئۇچۇرلارنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ۋاراقچە ياكى ماركا شەكىلىدە بېسىپ چىقارماقچى بولغانلار ماس كېلىدۇ. تۆۋەندە مىساللار ئارقىلىق  Excel دا خىزمەتچىلەر قولىغا تارقىتىپ بىرىلىدىغان(工资条) مۇئاش تارقىتىش تاسمىقى (ۋاراقچىسى) ئىشلەش جەريانىنى  سۆزلەيمىز.
    1-ئۇسۇل : ماكرۇ بۇيرۇقىدىن پايدىلىنىش
    Excel
    دا ماكرۇ تۈزۈش VBA ئۈگەنمىگەنلەر ۋە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر  تەس بىر ئىش بولسىمۇ، بىراق تەييار ماكرۇنى كىرگۈزۈپ ئۆزگەرتىشنى ھەر ھالدا خېلى كۆپ ساندىكى كىشلەر قىلالايدۇ.  شۇڭا تۆۋەندىكى ماكرۇدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق  سىز  مۇئاش تارقىتىش ۋاراقچىسى ئىشلەش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.
    ئالدى بىلەن مەشغۇلات قىلماقچى بولغان خىزمەت دەپتىرىنى ئاچايلى. بۇ بۇ خىزمەت دەپتىرى ئېچىدە   Sheet1 جەدىۋەلدە مۇئاش تارقتىش جەدىۋىلى بار بولۇپ، بىز Sheet2 جەدىۋەلگە مۇئاش تارقىتىش ۋاراقچىسى ئىشلىمەكچى دەپ پەرەز قىلايلى. تىزىملىكتىن  «قورال __ ماكرۇ __  Visual Basic تەھرىرلىگۈچ » (工具→Visual Basic 编辑器) بۇيرۇقىنى چېكىپ، تەھرىرلىگۈچنىڭ سول تەرىپىدىكى Sheet1 نى ئىككى چەكسەك، كود يېزىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەككە تۆۋەندىكى كودلارنى يېزىپ كۆچۈرۈپ قويساق بولدى.

     

     

     

     

    11

    تەھرىرلىگۈچنى ئېتىۋىتىپ، Excel گە قايتىپ، تىزىملىكتىن « قورال __ ماكرۇ __ ماكرۇ » (工具) بۇيرۇقىنى چەكسەك، تۆۋەندىكدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

    « ئىجرا قىلىش » دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك ، Sheet2 جەدىۋەلگە مۇئاش تارقىتىش ۋاراقچىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.(تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك) ئەگەر نەتىجىنى باشقا جەدىۋەلگە چىقارماقچى بولسىڭىز، سىز پەقەت Sheet2 نى ئۆزىڭىز خالىغان باشقا جەدىۋەل ئىسمىغا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزلا بولدى.

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !