باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا تېكىست تىپىدىكى سانلارنى سانلىق قىممەت تىپىدىكى

    ۋاقىت:2008-08-25 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28135719.html

     Excel    دا تېكىست تىپىدىكى سانلارنى سانلىق قىممەت تىپىدىكى سانلارغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇللىرى

     

    باشقا بىر سىستېمىدا قۇرۇلغان(مەسىلەن: dBASE ياكى Lotus 1-2-3) جەدۋەل ھۆججەتلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى  Excel غا (导入) ئەكىرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭدىكى سانلىق قىممەت تىپىدىكى مەلۇماتلار  Excel دا تېكىست تىپىدىكى سانلىق مەلۇمات بولۇپ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. (مەسىلەن: مائاش سىستېمىسىدىكى ئۇچۇرلارنى Excel ھۆججىتىگە چىقارغاندا شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.) بۇنداق چاغدا ئۇلارنى ئۆز-ئارا قوشۇش- ئېلىشقا ياكى فورمىلا ئارقىلىق ھېسابلاش ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ. شۇڭا بىزگە بۇ سانلارنىڭ سانلىق قىممەت تىپىدىكى ھالىتى كېرەك بولىدۇ. بىز قانداق قىلساق بۇ سانلارنى سانلىق قىممەت تىپىدىكى سانلارغا ئايلاندۇرالايمىز؟
    بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ قايسى بىرىنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.
    دىققەت بىز تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىدە جەدۋەلدىكى بارلىق كاتەكچىلەرنىڭ سانلىق قىممەت خاسلىقىنى «دائىمى» (常规
    ) ھالىتىدە دەپ پەرەز قىلدۇق. شۇڭا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناش ئۈچۈن سىزنىڭمۇ تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە كاتەكچە خاسلىقىنى «دائىمى» ھالەتكە تەڭشىۋىلىشىڭىزنى سورايمىز.
       1. تىزىملىكتىن فورمات بۇيرۇقىنى تاللاپ ئۇنىڭ ئاستىدىن كاتەكچە دېگەن بۇيرۇقنى چېكىڭ.
       2. «سان» دېگەن تاللانمىدىكى «تۈرلەر»  ئاستىدىن «دائىمى» دېگەن تۈرنى تاللاپ، جەزملەشتۈرۈڭ.
    1- ئۇسۇل: خاتالىق كۇنۇپكىسىنى ئىشلىتىش
    ئەگەر تېكىست تىپىدىكى سانلىق قىممەت دەپ كۆرسىتىلگەن كاتەكچىلەرنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدە خاتالىق كۆرسىتىش «خاتالىق كۆرسەتكۈچى» بولسا، تۆۋەندىكى باسقۇچ بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.
    دىققەت: بۇ ئۇسۇلدا Excel
    نىڭ ئارقا سەھنىدىكى خاتالىق تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلگەن دەپ پەرەز قىلىنغان. ئەگەر بۇ ئىقتىدار ئېچىلمىغان بولسا، سىز چوقۇم شۇ ئىقتىدارنى ئېچىشىڭىز كېرەك. يەنى تىزىملىكتىن «قورال- تەڭشەك» (工具-选项) نى بېسىپ، ئېچىلغان تىزىملىكتىن «خاتالىق تەكشۈرۈش»() تاللانمىسىنى تاللاڭ. بۇ كۆزنەكتىن ئالدى بىلەن «ئارقا سەھنىدە خاتالىق تەكشۈرۈشنى ئېچىش»(启用后台错误检查) دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇڭ، ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىدىكى قائىدىلەر (规则) دېگەن خەت ئاستىدىكى تۈرلەر ئارىسىدىن «سانلارنىڭ تېكىست شەكلىدە ساقلىنىپ قېلىشى» دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇڭ. ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز كۆرسەتمەكچى بولغان باشقا تۈردىكى خاتالىقلارنىمۇ مۇشۇ يەردە تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تەڭشەكتىن چېكىنىمىز.
    «خاتالىق كۆرسەتكۈچى»(错误指示器
    ) بار بولغان كاتەكچىنى تاللاپ، ياندىكى «خاتالىق كۆرسەتكۈچىنى» باسساق، بىركېچىك تىزىملىك ئېچىلىدۇ. بۇ تىزىملىكتىن «سانغا ئايلاندۇرۇش»() دېگەن تۈرنى تاللىساقلا بۇ تېكىست ھالەتتە ساقلانغان سان سانلىق قىممەت ھالىتىدىكى سانغا ئايلىنىدۇ.
    2- ئۇسۇل: كاتەكچىنى ساننى قايتا كىرگۈزۈش
    ئالدى بىلەن كاتەكچىنى تاللاپ، تىزىملىكتىن ياكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، تىزىملىكتىن «كاتەكچە خاسلىقى» نى تاللاپ، «سان» تاللانمىسىدىن كاتەكچىنىڭ خاسلىقىنى تېكىست خاسلىقىدىن باشقا ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان خاسلىققا (مەسىلەن: سانلىق قىممەت) ئۆزگەرتىپ جەزملەشتۈرۈپ، ئاندىن قايتىدىن شۇ ساننى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
    3- ئۇسۇل: تاللاش خاراكتېرلىك چاپلاش بۇيرۇقىنى ئىشلىتىش
    ئالدى مەلۇم بىر بوش كاتەكچىگە 1 دېگەن ساننى يېزىپ، ئۇنى كۆچۈرۈۋالىمىز. ئاندىن تېكىست تىپىدىكى سان يېزىلغان كاتەكچىنى تاللايمىز. مۇشۇ كاتەكچە تاللانغان ھالەتتە تىزىملىكتىن «تەھرىرلەش- تاللاش خاراكتېرلىك چاپلاش» دېگەن بۇيرۇقنى تاللايمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىكى چاپلاش تۈرلىرى ئارىسىدىن «قىممەت ۋە سانلىق قىممەت فورماتى»(直和数字格式
    ) دېگەن تۈرنى ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ھېسابلاش دېگەن تۈرلەر ئارىسىدىن «كۆپەيتىش» دېگەن تۈرنى تاللاپ جەزم كۇنۇپكىسىنى باسساق، بۇ كاتەكچىدىكى سانلار سانلىق قىممەت تىپىدىكى سانلارغا ئۆزگىرىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزىمىز ۋاقىتلىق كىرگۈزگەن 1 نى ئۆچۈرۈۋەتسەك بولىدۇ.
    دىققەت: بەزى ئەھۋاللاردا مەنپىي سانلاردىكى (-) مىنۇس بەلگىسى ئوڭ تەرەپكە ئۆتىۋېلىشى مۇمكىن، بۇنداق چاغدا تۆۋەندىكى فورمىلا ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ.
    =LEFT(A2, LEN(A2)-1)*-1ئەگەر A2 كاتەكچىدىكى سان (-252) دەپ كۆرۈنگەن بولسا، يۇقىرىقى فورمىلا ئارقىلىق بۇنى (252-) قىلىپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
    4- ئۇسۇل: يوشۇرۇنغان تېكىست ۋە بوش
     ئورۇننى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى
     ئەگەر يالغۇز قۇر ۋە رەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇشقا توغرا كەلسە، بۇ ئۇسۇل ئەڭ ئۈنۈملۈك. بۇ ئۇسۇلدا TRIM ۋە CLEAN فۇنكسىيىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، باشقا پروگراممىلاردىن سانلىق مەلۇماتلارنى ئەكىرگەندە بىللە كىرگەن بىللە كىرگەن ئارتۇق ھەرپ-بەلگىلەر ۋە بوش ئورۇنلارنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى مىسالدا سانلىق مەلۇماتلار A رەتنىڭ 1-قۇرىدىن باشلانغان ($A$1) دەپ پەرەز قىلىمىز. يوشۇرۇنغان تېكىست ۋە بۇ ئورۇنلارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.
    تېكىست تىپىدىكى سانلار بار رەتنى تاللاپ، تىزىملىكتىن «سانلىق مەلۇمات-رەتنى بۆلۈش»          (分列
    -数据)  بۇيرۇقىنى چېكىمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىكى «ئەسلى سانلىق مەلۇمات تىپى» (原始数据类型) ئاستىدىن «ئايرىش بەلگىسى»(分隔符号) دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. كېيىنكى كۆزنەكتىكى «ئايرىش بەلگىسى» تۈرلىرى ئارىسىدىن « Tab كۇنۇپكىسى»( Tab ) دېگەن تۈرنى تاللاپ، يەنە كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بۇ يىڭى كۆزنەكتىكى« رەت سانلىق مەلۇمات فورماتى» (列数据格式) دېگەن تۈر ئاستىدىن «دائىمى» دېگەن تۈرنى تاللايمىز. ئاندىن يەنە «ئالىي دەرىجە» (高级) دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئۆزىمىز بەلگىلىمەكچى بولغان خانە ئايرىش بەلگىسىنى بېكىتسەك بولىدۇ. ئاندىن جەزم كۇنۇپكىسىنى باسساق ئىش پۈتىدۇ.
    5- ئۇسۇل: Value
    فۇنكسىيىسىنى ئىشلىتىش
    ئالدى بىلەن تېكىست تىپىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بار بولغان رەتنىڭ ئوڭ يېنىغا يەنە بىر قوشىمىز. ئاندىن شۇ رەتكە تۆۋەندىكى فورمۇلىنى يازىمىز. (دىققەت: بۇ فورمىلادا تېكىست تىپىدىكى سانلىق مەلۇمات
    A رەتتە، نەتىجە رەتكە چىقتى دەپ پەرەز قىلىندى.)

    =VALUE) A2 (

    ئاندىن بۇ فورمۇلىنى سىرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆپەيتىمىز. ئاندىن يەنە شۇ قۇرنى تاللاپ، كۆچۈرۈۋېلىپ، ئەسلىدىكى ئورۇنغا ياكى ھازىرقى ئورنىغا (قايسى ئورۇنغا قويۇشنى ئۆزىڭىز بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.) «تاللاش خاراكتېرلىك چاپلاش» بۇيرۇقى ئارقىلىق چاپلاپ قويساق(بۇنىڭدا پەقەتلا «قىممەت ۋە سان فورماتى دېگەن تۈرلا تاللىنىدۇ) ياكى ئەسلىدىكى A رەتنى يوشۇرۇن قىلىپ قويساق بولۇۋېرىدۇ.
    بۇلاردىن باشقا يەنە VBA
    قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپمۇ تېكىست تىپىدىكى سانلارنى سانلىق قىممەت تىپىدىكى سانلارغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !