باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۇسۇلى
ۋاقىت:2008-08-20 | تۈرى:كۆپ ۋاستە دىتاللىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/27943390.html
«تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسى سەردار گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغاندىن كېيىن، سەردار گۇرۇپپىسىدىن باشقا يەنە بىر سەرخىل گۇرۇپپا «بىلىك-ئېنتىل تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، خېلى كۆپ فىلىملەر ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى ھەمدە تورداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تېخنىكىغا قىزىقىدىغانلار كۆپەيدى. بىر قانچە تورداشلار بۇ تېخنىكىنى ئىنتىل سەيناسىدا ئېلان قىلغان بولسىمۇ بەزىلەر چۈشىنەلمىدىمۇ بىلمىدىم. يەنىلا نۇرغۇن تورداشلار «بىلىك ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى» دىكىلەردىن « تېخنىكىنى مەخپىي تۇتتى» دەپ ئاغرىنىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ تېخنىكا خېلى بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان. ئەگەر سىز خەنزۇچىگە پىششىق بولسىڭىز بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىزمۇ بۇ توغرىدا يېزىلغان نۇرغۇن ياخشى يازمىلارغا ئېرىشەلەيسىز.
تۆۋەندە مەن ئىنتىل سەيناسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كىرىشتۈرۈش توغرىسىدىكى يازمىلار ئاساسىدا، ئۆزۈم كىرىشتۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغا ئۇسۇلنى (باشقىلارمۇ مۇشۇنداق قىلامدۇ بىلمەيمەن)ئامال بار چۈشىنىشلىك، تەپسىلىي قىلىپ سۆزلەپ ئۆتىمەن. يېزىق ھۆججىتى ۋە فىلىم ھۆججەتلىرىنى تېپىش ۋە چۈشۈرۈش، يېزىق ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇللىرى سۆزلەنمەيدۇ. چۈنكى بۇ تېمىدىكى يازمىلار ئىنتىل سەيناسى ۋە باشقا مۇنبەرلەردە كۆپ سۆزلەنگەن.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن سىزگە لازىم بولىدىغان ئەڭ ئاساسلىق دېتال all2.32 vobsub نىڭ تولۇق نۇسخىسى. ئەڭ ئاساسلىق دېتال مۇشۇ. بۇ دېتالنىڭ باشقا نۇسخىلىرى بولسا بولمايدۇ. (بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق باشقا نۇسخىلىرىدا بىزگە كېرەكلىك ھۆججەت چىقىرىۋېتىلگەن. ئەگەر شۇ ھۆججەت بار باشقا نۇسخىسىنى تاپالىسىڭىز بولىدۇ) شۇڭا جەزمەن توردىن مۇشۇ نۇسخىسىنى تېپىپ چۈشۈرۈڭ. ئۇندىن قالسا ھەر خىل فىلىم كودلىرىنى يېشىش پروگراممىلىرى. ئادەتتە سىز پەقەت 暴风影音دېتالىنى قاچىلىغان بولسىڭىزلا بۇ كود يېشىش پروگراممىلىرى قاچىلانغان بولىدۇ. ئەڭ ئاخىردا سىزگە كېرەك بولىدىغىنى فىلىم پرېسلاش دېتالى. بۇنىڭغا Helix Producer Plus، VirtualDubMod، WINAVI9.0ۋە Easy RealMedia ProducerV1.94 قاتارلىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ، يېزىق ھۆججىتى بىلەن فىلىم ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئالدى بىلەن سىز فىلىم ھۆججىتى بىلەن يېزىق ھۆججىتىگە ئوخشاش ئىسىم قويۇپ، بىر مۇندەرىجە ئىچىگە كۆچۈرۈڭ. باشلاش- VOBSUB2.32 - Subresync نى ئىجرا قىلىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن Open كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بۇ يەردىن ئۆزىمىز تەييارلىۋالغان يېزىق ھۆججىتىنى ئاچىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
يېزىق ھۆججىتىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، Edit كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، يېزىق ھۆججىتىگە نىسبەتەن تەھرىرلەش ئېلىپ بارىمىز.
بۇ كۆزنەكتىن بىز Font ئاستىدىكى Arial كۇنۇپكىسىنى باسساق تۆۋەندىكى كۆزنەككە كۆرۈنىدۇ.
بۇ كۆزنەكتە ئاساسلىقى يېزىق ھۆججىتىنىڭ خەت نۇسخىسى، خەت چوڭلۇقى ۋە يېزىق تىلىنى بەلگىلەيمىز. خەت نۇسخىسى ۋە چوڭلۇقىنى خالىغانچە بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما يېزىق تىلى ئۈچۈن ئەرەبچىنى تاللاڭ. ئاندىن ئىككى قېتىم جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، 1-رەسىمدىكى ھالەتكە قايتىپ كېلىپ، بۇ ئۆزگەرتىشلەرنى ساقلاپ قويىمىز. ساقلىغاندا يەنىلا ئەسلىدىكى ئىسىم بىلەن ئوخشاش قىلىپ ساقلاڭ.
يۇقىرىقىلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىز پەقەت خالىغان فىلىم پرېسلاش دېتالى بىلەن فىلىم بىلەن يېزىق ھۆججىتىنى پرېسلاپ بىرلەشتۈرسەك بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر سىز فىلىم ھۆججىتىنى پرېسلاپ RMVB شەكلىدىكى ھۆججەت چىقارماقچى بولسىڭىز Easy RealMedia ProducerV1.94ياكىHelix Producer Plus دېتاللىرىنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر AVI شەكلىدىكى ھۆججەت چىقارماقچى بولسىڭىز WINAVI9.0 دېگەندەك دېتاللارنى ئىشلىتىڭ. تۆۋەندە Easy RealMedia ProducerV1.94 دېتالى ئارقىلىق پرېسلاش جەريانىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئالدى بىلەن Easy RealMedia ProducerV1.94 دېتالىنى قوزغىتىمىز. ئاندىن فىلىم ھۆججىتىنى قوشىمىز. تۆۋەندىكىدەك.
ئاندىن پارامېتىرلارنى تەڭشەش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، چىقارماقچى بولغان فىلىمگە نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. ئاخىردا جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، يەنە مۇشۇ كۆزنەككە كېلىپ، تۆۋەندىكى پرېسلاشنى باشلاش دېگەن كۇنۇپكىنى باسساق پرېسلاشنى باشلايدۇ. ۋەزىپە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھاسىل بولغان ھۆججەتنى قويۇپ كۆرۈپ باقساق. يېزىق ھۆججىتى بىلەن فىلىم ھۆججىتىنىڭ بىرلەشكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز.پرېسلاش سۈرئىتىڭىزنىڭ تىز- ئاستا بولۇشى سىز ھاسىل قىلماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئېنىقلىقى، رازمېرى ۋە تېپى ۋە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەن بىر 43 مىنۇتلۇق فىلىم بىلەن يېزىقنى بىرلەشتۈرۈشتە Easy RealMedia ProducerV1.94 دېتالنى ئىشلىتىپ(بۇ دېتالنى ئىشلتىش ئۇسۇلى ئابرال ئېلكتاپ بىلوگىدا بار. بۇيەردە تەپسىلى سۆزلەنمەيدۇ)، فىلىمنىڭ چوڭلۇقى 624 352 X ، ھاسىل بولىدىغان ھۆججەت تىپى RM، فىلىم سۈزۈكلۈكى %80 بويىچە يەنى ھەممىنى كۆڭۈلدىكى قىممەت بويىچە قىلىپ، پرېسلاش ئېلىپ بارسام، 14 مىنۇتتا پرېسلاپ بولدى. ئەسلى ھۆججەت چوڭلۇقى 350 مىگابايت بولۇپ، پىرىسلانغاندىن كېيىن 149 مىگابايت بولدى. كومپيۇتېرىمنىڭ ئاساسلىق سەپلىمىسى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ AMD5000+ كۆرسىتىش كارتىسى GT8500، ئىچكى ساقلىغۇچ 1G. مۇشۇ ئاساستا ئۆزىڭىزنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى مەن سىناق ئۈچۈن كىرىشتۈرگەن فىلىمدىن بىر كۆرۈنۈش.
(مەن پەقەتلا مىسال ئۈچۈن باشقا كىنونىڭ يېزىق ھۆججىتىنى بۇ كىنوغا كىرىشتۈرۈپ سىناق قىلدىم، بۇ فېلىم تەرجىمە قىلىنىۋىتىپتۇ دەپ قالماڭلار.)
ئەگەر بۇ دېتاللارنى تاپالمىدىم دىسەڭلار. بىلوگدىكى ئېلاننى بىر دەسسىۋىتىپ، ئېلخەت ئادرىسىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار مەن ئەۋەتىپ بىرىمەن.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论
بۇ بەتتە سىز ئىزدىگەن دىتال بار.چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ.
ئېلخەت: al-ak@163.com
ياكى 626903920@qq.com
مۇشۇ بەتتە سىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار
ئېلخەت: al-ak@163.com
ياكى 626903920@qq.com
logs/28524607.html
مانا مۇشۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈڭ
چچ :595183727
رەھمەت
رەھمەت
مەنمۇ ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەشكە قىزىقىپ قالغان ئەمما فىلىم تەھرىرلەشتە تۈزۈك تەجرىبەم بولمىغاچقا بىرەر ئىش قىلالمىغان ئىدىم، ئەمدى بۇ يازمىڭىز ماڭا ھەقىقەتەن زور ئۆگىنىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، ھەقىقەتەن رەھمەت سىزگە !
بۇ ي ازمىدا سىزگە لازىملىق نەرسىلەر بار.
تورداش بۇ تىمىڭىزغا رةھمةت مة فىلىم(ئۇيغۇرچة) ھۆججىتىنى ئاۋۇ ئىككىنجى رةسىمدىكىگة ئوخشاش ئورنىغا قويسام خةتلةر ئورنىدا كاتةكچة كۆرنىۋالدى بۇ نىم ئىش ئةسلى ھۆججةت كومپىيۇتىرىمدا ئۇيغۇرچة كۆرنىدۇ ئةمماvobsub دىتالىدا ئۇيغۇرچة كۆرۈنمةتىدۇ تةڭشةشلةرنىمۇ سىز كۆرسةتكةندةك قىلساممۇ يةنىلا ئۇيغۇرچة تونماتىدۇ ياردةم قىلسىڭىز QQ -276654105 ـTEL-13119980933 بىر ئۇچۇر كىلۋاتسىڭىز بولاپتىكةن
چ چ:120213995
logs/28524607.html
ئۇلىنىشلار دىگەن جاينىڭ ئاستىدا ئالىمامانىڭ ئېلانى تۇرمامدۇ. شۇنى بولسىمۇ دەسسەپ قويۇڭلار دىمەكچى.