باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كۆرسىتىش كارتىسى بىلەن تونۇشۇش

    ۋاقىت:2008-08-18 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27864399.html

    كۆرسىتىش كارتىسى بولسا  كومپيۇتېرنىڭ ئاساسى تاختا، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، قاتتىق دىسكا قاتارلىق بەش چوڭ قاتتىق دېتالنىڭ بىرسى بولۇپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا كۆرسىتىش كارتىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشمۇ ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن.
       نۆۋەتتە كومپيۇتېر ئويۇنلىرى ياكى ئۈچ ئۆلچەملىك لايىھىلەشتە ئىقتىدارى كۈچلۈك  بولغان كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ بولۇشى  مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىرقى كۆرسىتىش كارتىلىرى
    3D (ئۈچ ئۆلچەملىك) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا 3D لىق كۆرسىتىش كارتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان كۆرسىتىش كارتىلىرىنىڭ 3D مودېللىرىغا رەڭ بېرىشتىكى(渲染) سۈرئىتىنىڭ تىز-ئاستىلىقى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. كۆرسىتىش كارتىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكىلەرنى بىلىشىمىز كېرەك.
    ئالدى بىلەن بىز تۆۋەندىكى GeForce
    6800 كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى كۆرۈپ باقايلى. سىرتىدىن قارىسىڭىز ئۇنىڭدا بىر سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىسى يەنى شامالدۇرغۇچنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. ئەگەر سىز ئاشۇ شامالدۇرغۇچنى چىقىرىپ تاشلىسىڭىز شامالدۇرغۇچ ئاستىدىكى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرەلەيسىز.
      
    يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.


    رەسىمگە قارىساق ئېلېكترخەت بىلەن تۆت ئورۇنغا بەلگە قويۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇلار كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئۇلاش ئېغىزلىرى، كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىكى، ئاليۇمىن قاپلىق ئېلىكتىر سىغىمى، سەككىز تال كۆرسىتىش كارتىسى ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئىبارەت.
    1. كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىكى
    كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىكى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۆلىكى بولۇپ، ئۇنى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ يۈرىكى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. شۇڭا بەزىلەر يەنە كومپيۇتېرنىڭ CPU
    غا تەقلىد قىلغان ھالدا  GPUدەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ خىل ئاتاش nVIDIA نىڭ GeForce 256 تىپلىق كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىكىدىن باشلانغان بولۇپ، مەنىسى سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ دېگەنلىك بولىدۇ. بىز پەقەت بۇ كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىكىنى چۈشەنسەكلا بىر كۆرسىتىش كارتىسىغا ئىشلىتىلگەن ئۆزەككە قاراپلا شۇ كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىغا باھا بېرەلەيمىز.
    ھازىر دۇنيادا كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىكى ئىشلەيدىغان  ئاساسلىق ئىككى چوڭ گۇرۇھ بولۇپ، بۇلار  nVIDIA
      بىلەن ATi (ھازىرAMD غا تەۋە) بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ئۆزەكلىرىنىڭ ئىقتىدارىدىمۇ ئانچە- مۇنچە پەرقلەر بار.
    تۆۋەندىكىسى nVIDIA
      نىڭ GeForce 6800 يادرولۇق كارتىسىنىڭ رەسىمى بولۇپ، ئادەتتە ئۆزەك كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.


    كۆپ قىسمىنىڭ  ئۆزەكلەرنىڭ مەركىزىگە كود نومۇرى يېزىلغان بولۇپ، بىز بۇنىڭغا قاراپلا كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىكىنىڭ تىپىغا ھۆكۈم قىلالايمىز. مەسىلەن:
    ATi نىڭ Radeon 9550 تىپلىق كارتىسىنىڭ  ئۆزەك مەركىزىنىڭ 1- قۇرىغا Radeon 9550 دەپ يېزىلغان بولىدۇ. يەنە بەزى كۆرسىتىش كارتىلىرىنىڭ ئۆزەك مەركىزىگە پەقەت مەھسۇلاتنى ئېچىش كود نومۇرى ئويۇلغان بولىدۇ. مەسىلەن: nVIDIAنىڭ NV18、NV31 تىپلىق ئۆزەكلىرى؛ ATi نىڭ R340R420 تىپلىق ئۆزەكلىرى.


    GPU
    نىڭ پارامىتىرلىرى كۆپ بولۇپ، ئادت تە بىز بىلىشىمىز زۆرۈر بولغىنى مەركىھېسابلاشتىسى بولۇپ، بىرلىكى MHz . مەسىلەن : FX5200نىڭ تىپلىق كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىكبېرىشتەركىزى چاستوتىسى 250MHz .مەركىزى چا ستوتىسى قانچەبېرىشبولسا، ھىساپلاش سۈرئىتئاز-كۆپلۈكى بولىدۇ. بىراق ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىغا باھا بىرىشتە يەنە باشقا تەرەپلەرگىمۇ قارايمىز.مەسىلەن : رەڭ بىرىش يولى (渲染管道) سانىنىڭ  ئاز-كۆپلىكى قاتارلىقلار.
    2. كۆرسىتىش كارتىسى ساقلىغۇچىسى
    كۆرسىتىش كارتىسى ساقلىغۇچىسىنىڭ مەنىسى كۆرسىتىش بۇففېر رايونى (
    缓存) بولۇپ، ئاساسلىق رولى كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۆرسىتىش كارتىسى بىر تەرەپ قىلىپ بولغان ۋە بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان  ئۇچۇرلارنى ۋاقىتلىق ھالدا ساقلاپ تۇرۇش بولۇپ، كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىكى بىلەن كۆرسىتىش كارتىسى ساقلىغۇچىسى ئارىسىدىكى يول ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، راۋان بولۇش – بولماسلىقى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    يۇقىرىقى 2- رەسىمدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى 8 دانە قارا رەڭلىك كۆرسىتىش كارتىسى ساقلىغۇچى بار بولۇپ، ئوخشاش بولغان كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىكى ئىشلىتىلگەن ئەھۋالدا كۆرسىتىش كارتىسى ساقلىغۇچىسىنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشى  كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز ياكى كۈچلۈك بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن: ئوخشاش يادرو ئىشلىتىلگەن  64 مىگابايتلىق كۆرسىتىش ساقلىغۇچىسى بار كارتىغا قارىغاندا 128 مىگابايتلىق ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن كارتىنىڭ سۈرئىتى تىز بولىدۇ دېگەن گەپ.
    كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ساقلىغۇچىسىنى تىپىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
     1.) SDRAM
    (Synchronous Dynamic Random Access Memory,)SDRAM قىسقارتىلىپ SDR دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرىكى ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە كۆرسىتىش كارتىسى ساقلىغۇچىلىرىغا كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن. ئالاھىدىلىكى بولسا بىر سائەت دەۋرىلىكى ئىچىدە بىر قېتىم ئوقۇش ۋە يېزىش مەشغۇلاتى قىلىدۇ. ئۈنۈملۈك چاستوتىسى بىلەن ئەمىلى چاستوتىسى ئوخشاش.( بۇ يەردىكى سائەت دەۋرىلىكى دېگىنىمىز ئېنىقراق چۈشەندۈرسەك داڭ سائەتنىڭ ئاستىدىكى ئوڭغا بىر سولغا بىر ماڭدىغان ياغىچىنىڭ سول تەرەپتىن ئوڭ تەرەپ  نۇقتىغا بېرىپ يەنە سول تەرەپكە قايتىپ كەلگەن ۋاقتىنى ئىپادىلەيدۇ. (نېمە دەپ ئېلىشنى بىلمەي مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. تۈزىتىۋالارسىلەر.-ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى))
    2.)
    DDR SDRAM(Double Data Rate SDRAM
    DDR SDRAM
     بولسا بىر سائەت دەۋرىلىكىنىڭ ئۆرلەش ۋە تۆۋەنلەش ئىككى نۇقتىسىدا ئىككى قېتىم يېزىش ۋە ئوقۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ. ئۈنۈملۈك چاستوتىسى بولسا ئەمىلى چاستوتىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ.
    3.)
    DDRⅡ/Ⅲ SDRAM
    DDRⅡ SDRAM بولسا DDR
    SDRAM نىڭ ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن نەشرى بولۇپ، 1- ئەۋلاد بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇنىڭ چاستوتىسى يۇقىرى، دەۋرلىك ۋاقتى قىسقا، سەرپىياتى تۆۋەن دېگەندەك ئىقتىدارلارغا ئىگە.
    DDRⅢ بولسا DDR
    دىنمۇ ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، چاستوتىسى تېخىمۇ ئۆرلىتىلگەن بىراق شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارىمۇ ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا ھازىرقى كۆپ قىسىم يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۆرسىتىش كارتىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ھەممىسىنىڭ سىرتىنى بىر قەۋەت قېلىن بولغان شامالدۇرغۇچلار ئوراپ تۇرغان بولىدۇ.
    3. كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئۇلاش ئېغىزلىرى
    كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ  ئۇلاش ئېغىزى بىر قانچە خىل بولۇپ، ئۇچۇر چىقىرىدىغان ۋە  ئۇچۇر قوبۇل قىلىدىغانلىرىمۇ بار. تۆۋەندىكى سۈرەتكە قارىساق، بۇ كۆرسىتىش كارتىسىدا ئايرىم- ئايرىم ھالدا S-Video
    ئېغىزى، DVI ئېغىزى ۋە VGA ئېغىزلىرىنى بارلىقىنى كۆرەلەيمىز.

    بۇنىڭدىكى
    S-Video بولسا كومپتېلېۋىزوركى ئۇچۇكومپيۇتېرنىىزۇرغا چكومپيۇتېردىكىىشلىتىلىدۇ. نۆۋەتتېلېۋىزوردام تېلىۋىزۇرلاردا S-Video ۋە AV ئۇلاش ئېغىزى بولۇپ، بۇ ئېغىز ئارقىلىق  سىز تىلۋىزۇر بىلقىسىمميۇقىرىرنى ئۇلاپ، كومكرىستالىئېكرانو-فىلىمكومپيۇتېرنىزۇردا كۆرسىڭىز بولىدۇ. DVئېغىزنىڭ يەنە سېفىرلىق ئېغىز (数字接口) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئائېنىقلىقىىتېخىمۇميۇقىرىى ئىقتىدارلىق  كىرىستال ئىكران بىلەئېكرانىيۇتېرنى ئۇلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئىغىزنىڭ ئەنئەنىۋئېكرانلار ھېلىھەم سىگنالغا قارىغاندا ئىنىقلىقى تىخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. VGA ئېغىز بولسا ئەنئەنىۋى ئىكران ئۇلاش ئېغىزى بولۇپ، ھازىر نۇرغۇنلىغان CRT تىپلىق ئىكرانلار ھىلىھەم مۇشۇ ئېغىزنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.
    رەسىمدىكى (
    金手指) ئالتۇن بارماق دېگەن خەت يېزىلغان جاي بولسا ئاساسى تاختا بىلەن كۆرسىتىش كارتىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ،  بۇنىڭمۇ ئۇلاش ئېغىزى ئىككى خىل تىپقا بۆلىنىدۇ. يەنى بۇرۇنقى AGP ئېغىز بىلەن ھازىرقى PCI-E ئېغىز. AGPئېغىزنى بىت كەڭلىكى دەسلەپكى 1X2X4X8X يېتىپ بارغان. PCI-E نىڭ بىت كەڭلىكى 16X بولغان بولۇپ، AGP غا قارىغاندا تېخىمۇ تىز بولۇپ، ھازىرقى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىگە ماسلاشقان.
    ئالتۇن بارماق (بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىسىم قويۇلسا بولغۇدەك)  ئاساسى تاختا بىلەن كۆرسىتىش كارتىسى ئارىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشلا ئەمەس بەلكى يەنە كۆرسىتىش كارتىسىنى توك بىلەن تەمىنلەش رولىنىمۇ ئۆتەيدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • بىلوگنى ئۆز-ئارا ئۇلىنىش قىلۋالساق بوپتىكەن:
    logo ئادىرسىم :http://yazay.blogbus.com/files/12191383240.gif

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !