باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • شاھمات ھەققىدىكى ھىكايىنىڭ يېشىمىنى تېپىش

    ۋاقىت:2008-08-16 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27792350.html

    مېنىڭچە شاھمات ھەققىدىكى ھېكايىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاڭلىغان. شۇنداق بولسىمۇ ئالدى بىلەن بۇ ھېكايىنى قىسقىچە قىلىپ بىر تونۇشتۇرىۋىتەيلى. ئاندىن ئۇنىڭ ھېسابىنى قىلىپ كۆرەيلى.

    بۇرۇنقى زاماندا بىر دانىشمەن بولۇپ، ئۇ كەمبەغەل تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.  ئۇ شاھماتنى كەشىپ قىلىپتۇ ھەمدە بۇنى پادىشاھقا تەقدىم قىلىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئويۇننى ئويناپ كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قاپتۇ ھەمدە دانىشمەننىڭ بۇ كەشپىياتى ئۈچۈن نېمە دېسە شۇنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. دانىشمەن پادىشاھقا «ئەي پادىشاھى ئالەم ماڭا مۇشۇ شاھماتنىڭ 1-كاتەكچىسىگە 1 تال بۇغداي،2-كاتەكچىسىگە 2 تال بۇغداي،3-كاتەكچىسىگە 4 تال بۇغداي، 4-كاتەكچىسىگە 8 تال بۇغداي، مۇشۇ بويىچە ھەر بىر كاتەك ئاشقاندا بىر ھەسسىلەپ، مۇشۇ شاھماتتىكى 64 كاتەكنى تولدۇرۇپ بەرسىڭىزلا بولدى» دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ مىيىقىدا كۈلۈپ« ھەي بىچارە نەگە بارساڭ يەيدىغاننى ئويلاپ يۈرۈپسەندە » دەپتۇ ۋە دەرھال ئادەملىرىنى چاقىرىپ، بىر تاغار بۇغداي ئەكەلدۈرۈپ، كاتەكلەرنى تولدۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئەمما بىر تاغار بىردەمدىلا تۈگەپ كېتىپتۇ. كەينىدىن يەنە بىر تاغار بۇغداي كەلتۈرۈپتۇ. ئۇمۇ بىردەمدە تۈگەپتۇ. شۇ تەرىقىدە مېڭىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بۇغدايلىرى تۈگەپ كېتىپتۇ. ئەمما پادىشاھ بولسا شاھماتنىڭ ئاران يىگىرمە نەچچە كاتەكچىسىنى تولدۇرۇپتۇ. بۇ ئىشتىن قاتتىق ئىزا ھېس قىلغان پادىشاھ دەرھال دانىشمەننى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ ئۆلتۈرگۈزۈپتۇ.

    ھېكايە مۇشۇ يەردە توختىسۇن ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، ئاشۇ شاھمات كاتەكچىسىگە ئەسلى زادى قانچە دانە بۇغداي پاتىدۇ؟ بۇنى ئىنتايىن ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ھېسابلاپ كۆرگىڭىز بارمۇ؟

    تۆۋەندە بىز بۇنى Excel ئارقىلىق ھېسابلاپ، Excel دىكى 64 دانە كاتەكچىگە بۇغداي بولمىسىمۇ ئاشۇ بۇغداينىڭ سانىنى تولدۇرۇپ باقايلى.

    ئالدى بىلەن كومپيۇتېرىڭىزدىن Excel نى قوزغىتىڭ. ئېزىپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن رەتكە بىردىن تارتىپ 64-گىچە يەنى 64 كاتەككە نومۇر قويۇپ بەلگە قىلىۋېلىڭ. ئاندىن رەتتىكى 1-كاتەكچىگە 1 نى يېزىڭ. ئاندىن يەنە 1 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 64 كاتەكچىنى تاللاڭ. ئەمدى تىزىملىكتىن «تەھرىرلەش-تولدۇرۇش-تەرتىپ» (编辑-填充-序列) دېگەن بۇيرۇقنى تاللاڭ. ئېچىلغان كۆزنەكتىن، «تەرتىپ ھاسىل بولۇش ئورنى»(序列产生在) دېگەن يەرگە «رەت»() دېگەننى تاللاڭ.«تۈرى»(类型) دېگەنگە« تەڭ نىسبەتلىك تەرتىپ»(等比序列) دېگەننى تاللاڭ.«قەدەم ئارىلىقى قىممىتى»(步长值) دېگەنگە 2 دەپ يېزىڭ. «ئاخىرلىشىش قىممىتى»(终止值) دېگەن 9 نى يېزىپ كەينىگە 20 نۆلنى يېزىڭ. يەنى 900000000000000000000 نى يېزىڭ. ئەمدى جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ. قانداق نەتىجىنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر سىز ئېرىشكەن نەتىجە ساناق سان ھالىتىدە كۆرۈنمەي،  9.22337E+18 ھالەتتە كۆرۈنسە، دەرھال كاتەكچە خاسلىقى كۆزنىكىنى ئېچىپ، دائىملىق دېگەن تۈرنى سانلىق قىممەت دېگەن تۈرگە تۇغۇرلاپ، مىڭلەر خانىسى بويىچە ئايرىش بەلگىسى ئىشلىتىش دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ قويسىڭىز سىز كىرگۈزگەن سانلار توغرا كۆرۈنىدۇ. يەنى تۆۋەندە مەن ئېرىشكەن نەتىجىدىكىدەك.

     

    مەن ئېرىشكەن 64- كاتەكچىدىكى نەتىجە. 9,223,372,036,854,780,000

    دانىشمەننىڭ پادىشاھتىن تەلەپ قىلغىنى بولسا ئاشۇ 64 كاتەكچىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، جەمئى 18,446,744,073,709,600,000  دانە بۇغداي بولغان بولىدۇ.


     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !