باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا كىملىكتىكى ئۇچۇرلارنى قېزىپ چىقىش

    ۋاقىت:2008-08-15 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27749792.html

    1. كىملىك نومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر

    ئىلگىرىكى كىملىك  نومۇرلىرى  15 خانلىق بولۇپ، ھازىرقى كىملىك نومۇرلىرى 18 خانلىق. بىز بۇ كىملىك نومۇرلىرى ئارقىلىق شۇ بىر ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز. يەنى:
    15 خانىلىق كىملىك نومۇرى:
    1-6 خانىگىچە بولغان نومۇرلار  مەمۇرى رايون نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛7-8 خانلىرى تۇغۇلغان يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 9-10 خانىلىرى تۇغۇلغان ئاي؛ 11-12 خانىلىرى تۇغۇلغان كۈنى؛ 13-15 خانلىرى رەت تەرتىپى بولۇپ، تاق سان بولسا ئۇ كىشىنىڭ جىنسى ئەر، جۈپ سان بولسا ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
    18 خانلىق كىملىك نومۇرى:
    1-6 خانىگىچە بولغان نومۇرلار مەمۇرى رايون نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 7-10 خانلىرى تۇغۇلغان يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 11-12 خانىلىرى  تۇغۇلغان ئاي؛ 13-14 خانىلىرى بولسا تۇغۇلغان كۈنى؛ 15-17 خانلىرى بولسا رەت تەرتىپى بولۇپ، تاق سان بولسا ئەر، جۈپ سان بولسا ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 18- خانىسى تەكشۈرۈش خانىسى ھېسابلىنىدۇ.
    2. ئىشلىتىلگەن فۇنكسىيىلەر:
    (1).  IF
    فۇنكسىيىسى . شەرتكە ئاساسەن نەتىجىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. قاپلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
    (2).  CONCATENATE
    فۇنكسىيىسى. بىر قانچە ھەرپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
    (3).  MID
    فۇنكسىيىسى. تېكىستلەر ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندىن  بەلگىلەنگەن ئۇزۇنلۇقتىكى ھەرپلەرنى ئۈزۈۋالىدۇ.
    (4). TODAY
    فۇنكسىيىسى. كومپيۇتېرنىڭ نۆۋەتتىكى چېسلاسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
    (5). MOD
    فۇنكسىيىسى. ئىككى ساننى بۆلگەندىكى قالدۇقنى تېپىش فۇنكسىيىسى.
    (6). VALUE
    فۇنكسىيىسى. تېكىست تىپىدىكى  سانلارنى سانلىق مەلۇمات تىپىدىكى سانلارغا ئايلاندۇرىدۇ.
    (7). RIGHT
    فۇنكسىيىسى. بەلگىلەنگەن سان بويىچە ھەرپ-تىزمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپلەرنى ئۈزۈپ ئېلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
    (8). INT
    فۇنكسىيىسى. پۈتۈن ساننى چىقىرىپ بېرىدۇ.
    (9). LEN
    فۇنكسىيىسى. بىر ھەرپ تىزمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى تېپىش فۇنكسىيىسى.
    (10).
    YEAR فۇنكسىيىسى. يىل سانىنى تېپىش فۇنكسىيىسى.
    (11). TRUNC فۇنكسىيىسى. بۇ فۇنكسىيە كەسىر چېكىتى كەينىدىكى سانلارنى تاشلىۋېتىدۇ.
    (12). DATEDIF
    فۇنكسىيىسى. ئىككى چېسلا ئارىسىدىكى پەرقنى تېپىپ چىقىدۇ.
    3.  كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن جىنسىغا ھۆكۈم قىلىش.
    جىنسىنى چىقىرىپ بېرىش فورمۇلىسى. 18 خانلىق كىملىك ئۈچۈن:

    فورمىلا چۈشەندۈرۈلۈشى.
    فورمۇلىدىكى MID
    (A14,14,1)  دېگىنىمىز بولسا، A14 كاتەككە يېزىلغان كىملىك ئىچىدىن 14-خانىدىن باشلاپ بىر خانە ساننى ئايرىۋېلىشنى ئىپادىلەيدۇ. MOD(MID(A14,17,1),2)=1 بولسا MID  فۇنكسىيىسى ئارقىلىق ئايرىپ چىققان ساننى ئىككىگە بۆلۈپ، ئېشىپ قالغان قالدۇق سان  بىرگە تەڭمۇ-يوق شۇنى سېلىشتۇرىدۇ. ئەگەر

    فۇنكسىيىسى بويىچە تەڭ بولسا ئەر، تەڭ بولمىسا ئايال دېگەن نەتىجىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
    ياكى تۆۋەندىكى فورمىلا ئارقىلىقمۇ جىنسىنى ئايرىغىلى بولىدۇ.15 خانىلىق كىملىك ئۈچۈن:


    فورمىلا چۈشەندۈرۈلۈشى.
    فورمۇلىدىكى RIGHT
    (E4,3) دېگىنىمىز بولسا، E4 كاتەككە يېزىلغان كىملىك ئىچىدىن ئاخىرقى ئۈچ خانىنى ئايرىپ ئىلىشنى ئىپادىلەيدۇ؛  VALUE(RIGHT(E4,3) بۇ فورمىلا يۇقىرىقى فورمىلا بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت تېكىست تىپىدىكى كىملىك نومۇرىنى سانلىق مەلۇمات تىپىدىكى سانغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.  
    VALUE
    (RIGHT(E4,3))/2=INT(VALUE(RIGHT(E4,3))/2 بۇ فورمىلا بولسا بۇ كىملىك نومۇرىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ خانىسى تاق سانمۇ ياكى جۈپ سانمۇ شۇنى بېكىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. پۈتۈن فورمىلا.


    ئالدى بىلەن كىملىك نومۇرى ئىچىدىن ئاخىرقى ئۈچ خانىنى ئايرىپ ئېلىپ، ئۇنى سانغا ئايلاندۇرۇپ، ئىككىگە بۆلۈپ، نەتىجىنىڭ  تاق سان ياكى جۈپ سانلىقىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىپ، ئاندىن  ئەر ياكى ئاياللىقىنى بېكىتىدۇ.
    15 ۋە 18 خانلىق كىملىككە ئورتاق بولغان جىنسىنى بېكىتىش فورمۇلىسى:


    بۇ فورمۇلىنى ئۆگەنگۈچىلەر يۇقىرىقى فورمىلا ئاساسىدا تەھلىل قىلىپ كۆرسە بولىدۇ.
    4. تۇغۇلغان كۈنىنى تېپىپ چىقىش.
    2.  تۇغۇلغان كۈنىنى چىقىرىش (15 خانىلىق كىملىك ئۈچۈنلا)


    فورمىلا چۈشەندۈرۈلۈشى.
    MID
    (E4,7,2) بولسا كىملىك نومۇرى ئىچىدىن 7-خانىدىن تارتىپ ئىككى خانە ساننى ئايرىپ چىقىشنى بىلدۈرىدۇ. يەنى 7-8- خانىسىنى. MID(E4,9,2) بولسا كىملىك نومۇرى ئارىسىدىن 9-خاندىن تارتىپ ئىككى خانە ساننى ئايرىۋېلىشنى بىلدۈرىدۇ. MID(E4,11,2) بولسا كىملىك نومۇرى ئارىسىدىن 11- خانىدىن تارتىپ ئىككى خانە ساننى ئايرىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن فورمىلا رولى بولسا، بۇ ئايرىپ ئېلىنغان ھەرپ تىزمىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. بۇ فورمۇلىنى 18 خانىلىققا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سىز پەقەت MID(E4,7,2) جۈملىسىدىكى 2 دېگەن ساننى 4 دېگەن سانغا ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ.
    15 خانلىق ۋە 18 خانىلىق كىملىك ئۈچۈن ئورتاق بولغان فورمىلا:

    فورمىلا چۈشەندۈرۈلۈشى:
    فورمۇلىدىكى LEND2=15 جۈملىسى بولسا لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش جۈملىسى بولۇپ، D2 كاتەكتىكى ساننىڭ 15 خانىلىق سانغا تەڭ ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ.CONCATENATE("19",MIDD272)," يىلى",MIDD292),"ئاينىڭ",MIDD2112),"كۈنى"

    جۈملىسى بولسا ئالدى بىلەن D2 كاتەكتىكى كىملىك نومۇرىنىڭ سول تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7-خانىدىن،9-خانىدىن،11-خانىدىن باشلاپ ئىككى خانە ساننى ئايرىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى 19 بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇرۇنقى 15 خانىلىق كىملىكلەردىكى 2000- يىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قېتىلغان. 18 خانلىق كىملىكلەردە بۇنداق مەسىلە بولمىغانلىقى ئۈچۈن 19نى قوشۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
    تۇغۇلغان كۈنىنى ئايرىپ چىقىشنىڭ بۇندىن باشقا ئۇسۇللىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن. قىزىقىدىغانلار ئۆزلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ.
    5. يېشىنى ھېسابلاش:


    بۇ فورمىلا ئارقىلىق يۇقىرىقى فورمىلالاردا كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇغۇلغان كۈنى ئاساسىدا يېشىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن سىستېما چېسلاسىنى تېپىپ چىقىپ، بىز ئالدىدا چىقارغان تۇغۇلغان كۈنى ساقلانغان كاتەكتىكى (بۇ فورمىلادا5  F كاتەك)  ساندىن ئېلىۋېتىش ئارقىلىق يېشىنى ھېسابلاپ چىقارغىلى بولىدۇ.
    بۇندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى فورمىلا ئارقىلىقمۇ ياشنى ھېسابلاپ چىقارغىلى بولىدۇ.


     يۇقىرىقى فورمۇلىلار ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ يېشىنى ھېسابلىغاندا پەقەتلا بىر يىڭى يىل ئۆتسىلا بىر ياش قوشۇلدى دەپ ھېسابلايدۇ. مەسىلەن سىز 10-ئايدا تۇغۇلغان بولسىڭىزمۇ يۇقىرىقى فورمىلا بويىچە بولسا پەقەت چېسلا 1-ئايدىن ئۆتسىلا سىزنى بىر ياش چوڭايدى دەپ ھېسابلايدۇ. قانداق قىلغاندا تۇغۇلغان كۈنىڭىز تولغاندا ئاندىن بىر ياش چوڭاي دەپ ھېسابلايدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى فورمۇلىغا دىققەت قىلىڭ.


    بۇ فورمىلا ئارقىلىق ئالدى بىلەن كومپيۇتېر چېسلاسىدىن 5F كاتەكتىكى تۇغۇلغان كۈننى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇنى 365 گە بۆلىدۇ. ئاخىردا TRUNC فۇنكسىيىسى ئارقىلىق كەسىر سان قىسمىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھەقىقىي يېشىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ.
    بۇلاردىن باشقا كىملىك نومۇرى ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. يەنى كىملىك ئالدىنقى 6 خانىسى مەمۇرى رايون نومۇرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئىككى خانىسى ئۆلكە –ئاپتونوم رايونغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ يۇرتىنى ھېسابلاپ چىقىشقا بولسىمۇ، بىراق دۆلىتىمىزنىڭ كىملىك نومۇرى ئۇلىنىپ كەلمىگەن بولۇپ، كېيىنكى ئېھتىماللىق ئۈچۈن ئارىلىق قالدۇرۇپ قويغان. مەسىلەن دۆلىتىمىزدە ئۆلكە سانى ئوتتۇر نەچچە بولسىمۇ بىراق كىملىك نومۇرىدىكى رايون نومۇرى 65-گىچە بارىدۇ. يەنى شىنجاڭنىڭ رايون نومۇرى 65. شۇڭا فورمىلا  قاتلىمىنىڭ كۆپلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇ يەردە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك فورمۇلىنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمىدىم. ئەگەر قىزىقسىڭىز مەن تەمىنلىگەن مىسال ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ..
    6. خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتىغا ئاساسەن سىتاژىنى ھېسابلاش.


    فورمىلا چۈشەندۈرۈلۈشى.
    TODAY
    () كومپيۇتېرنىڭ نۆۋەتتىكى چېسلاسىنى تېپىپ چىقىدۇ. DATEDIF(F4, TODAY(),"y") بولسا كومپيۇتېرنىڭ نۆۋەتتىكى چېسلاسى بىلەن خىزمەتكە قاتناشقان چېسلادىكى يىل پەرقىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. DATEDIF(F4, TODAY(),"ym") ئاي پەرقىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. يىل ۋە كۈننى ھېسابلىمايدۇ.
    CONCATENATE
    فۇنكسىيىسىنىڭ رولى بولسا، بىر قانچە ھەرپ تىزمىسىنى ئۇلاپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    يۇقىرىقى فورمۇلىلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى مىسال ھۆججىتى چۈشۈرۈپ كۆرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيسىز. ئەگەر قىزىقسىڭىز دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ.
    قوشۇمچە:
    ئەگەر سىز بىر جەدۋەلنىڭ ئاستىغا جەدۋەل قۇرۇلغان ۋاقتىنى يېزىپ قويماقچى بولسىڭىز. بۇ فورمۇلىنى ئىشلىتىڭ.


     

    ئەگەر بۇ فورمىلاغا مۇناسىۋەتلىك مىساللارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى مەشىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. يۇقارقى فورمىلالارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى بىلەلەيسىز.

    بۇ يەرنى بىېسىڭ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ قۇيارسىز، ئېلانلىرىڭىزنى چەيلىۋەتتىم
    گوگېل ئېلانى مۇلازىمەت ئېلانى چىقىۋاپتۇ،تىل كودى قوشۇپ قويسىڭىز بولغۇدەك

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !