باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • قاتتىق دىسكىدىكى بۇزۇق سېكتورلارنى ئوڭشاش ئۇسۇلى

    ۋاقىت:2008-08-13 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27615332.html

    قاتتىق دىسكىدىكى بۇزۇق سېكتورلارنى ئوڭشاش ئۇسۇلى

    قاتتىق دىسكىدا بۇزۇق سېكتور پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى قانداق قىلىپ بىلەلەيمىز.؟ بۇزۇق سېكتور پەيدا بولۇپ قالسا قانداق ئوڭشايمىز؟ بۇلارغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.

    ئادەتتە قاتتىق دىسكىدا بۇزۇق سېكتور پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بولسا كومپيۇتېرنى Dost ھالىتىدە قوزغىتىپ، Scandisk بۇيرۇقى ئارقىلىق تەكشۈرسەك قارا تەگلىك قىزىل خەت بىلەن “B”bad دېگەن ھالەتتە كۆرۈنگەن جايلار بۇزۇق سېكتور بولىدۇ. بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق بۇزۇق سېكتورلارنى ئوڭشاشقا بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى قاتتىق دىسكىلارنىڭ سىغىمى چوڭ بولغاچقا بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ئوڭشاش ئىلىپ بېرىشقا ۋاقىت كۆپ كېتىدۇ.

    ئەگەر كومپيۇتېر يەنىلا نورمال قوزغىلالىسا، سىز پەقەت مېنىڭ كومپيۇتېرىم ئىچىدىن بۇزۇق سېكتور بار بولغان قاتتىق دىسكىنى تاللاپ، مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بىر چېكىپ، تىزىملىكتىن خاسلىق (属性) بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «قورال»(工具) تاللانمىسىنى تاللاپ، بۇنىڭ ئىچىدىن «خاتالىق تەكشۈرۈش»(查错) تۈرى ئاستىدىكى «تەكشۈرۈشنى باشلاش»(开始检查) كۇنۇپكىسىنى باسساق يەنە بىر دىئالوگ رامكىسى ئىچىلىدۇ. بىز رامكىدىكى «ئاپتوماتىك ھۆججەت سىستېما خاتالىقىنى ئوڭشاش»(自动修复文件系统错误) ۋە «بۇزۇق سېكتورلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئوڭشاش»(扫描并试图恢复怀扇区) دېگەن تۈرگە بەلگە سېلىپ «باشلاش» (开始)  كۇنۇپكىسىنى باسساقلا دىسكىدىكى بۇزۇق سېكتورلارنى تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ ھەمدە ئوڭشىيالىغۇدەك بولسىلا ئوڭشايدۇ.

    2. نورتون قوراللىرى (Norton tools) ئىچىدە NDD دىسكا دوختۇرى دەپ بىر دېتال بار شۇنداقلا يەنە PCTOOLS قاتارلىق قوراللار ئارقىلىقمۇ دىسكىدىكى بۇزۇق سېكتور لارنى تاپقىلى ۋە ئوڭشىغىلى بولىدۇ.

    3. ئەگەر بەزى بۇزۇق سېكتورلارنى ئوڭشىغىلى بولمىسا، بەزى بىر يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ، بۇ  سېكتورلارنى يوشۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

    4. ئەگەر سىستېمىڭىز TRACK 0 BADDISK UNUSABLE دېگەن ئۇچۇر چىقارسا، بۇ سىزنىڭ قاتتىق دىسكىڭىزنىڭ نۆلىنچى نومۇرلۇق سېكتورىنىڭ بۇزۇلۇپ، قاتتىق دىسكىنى ئىشلەتكىلى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا بىز بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق بۇ بۇزۇلغان نۆلىنچى سېكتورنى يوشۇرۇپ قويۇپ، بىرىنچى نومۇرلۇق سېكتورنى نۆلىنچى سېكتورنى قىلىپ بەلگىلىسەك بولىدۇ. بۇنى Pctools9.0ۋە NU8 دېگەندەك دېتاللار بىلەن قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە Pctools9.0 نى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرەيلى.

    يۇمشاق دىسكا ياكى نۇر دىسكا ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندىن كېيىن، Pctools9.0 مۇندەرىجىسى ئاستىدا De. exe دېگەن بىر ھۆججەت بار. مۇشۇ ھۆججەتنى قوزغىتىپ، تىزىملىكتىكى Select تۈرى ئاستىدىن Drive دېگەن تۈرنى تاللاپ كىرگەندىن كېيىن Drive type تاللاش تۈرىگە Physical (فىزىكىلىق دىسكا دېگەن مەنىدە) دېگەن تۈرنى تاللاپ، بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تاللايمىز. ئاندىن يەنە tab  كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Drives تۈرى ئاستىدىن hard disk دېگەن تۈرنى تاللاپ، جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاساسى تىزىملىككە قايتىپ كېلىمىز. بۇ چاغدا تىزىملىكتىكى Select دېگەن تۈرنى ئاچساق، Partition Table دېگەن تۈر كۆرۈنىدۇ. بۇ تۈرنى تاللىغاندىن كېيىن، قاتتىق دىسكىنىڭ رايونلارغا ئايرىلىش ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ. بۇ چاغدا بىز C رايوننى تاللايمىز. چۈنكى C رايون قاتتىق دىسكىنىڭ نۆلىنچى نومۇرلۇق سىلىندىرنىڭ 0- نومۇرلۇق سېكتوردىن باشلاپ رايونلارغا ئايرىلغان بولىدۇ. بىز بۇ يەردە پەقەتلا 1- رايوندىكى (يەنى C رايوندىكى) Beginning Cylinder دېگەن جايدىكى 0 دېگەن ساننى 1 دېگەن سانغا ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ. ئاندىن بۇ مەشغۇلاتنى ساقلاپ قويۇپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ، قاتتىق دىسكىنى باشقىدىن رايونلارغا ئايرىپ، فورماتلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارساقلا بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ مەشغۇلاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغان بولمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز  نۆلىنچى سېكتورنى ئوڭشاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم، ئوڭشاپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم كومپيۇتېر قوزغىلىۋاتقاندا Del كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، Coms تەڭشىكىگە كىرىپ Ide Auto Detect دېگەن تۈرنى قوزغىتىپ باقسىڭىز. بۇ يەردىكى سىلىندىر سانىنىڭ ئوڭشاشتىن كېيىن بىرسى قىسقىراپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. مەسىلەن ئوڭشاشتىن بۇرۇن 782 بولغان بولسا، ئوڭشاشتىن كېيىن 781 بولۇپ قالىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !