باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا جەدىۋەلنى قوغداش

    ۋاقىت:2008-08-11 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27524530.html

    ئەگەر سىز مەلۇم بىر جەدىۋەلنى نۇرغۇن فورمىلالار بىلەن  لايىھەلەپ، باشقىلارنىڭ تولدۇرۇپ بىرىشىغا بەرگەن بولسىڭىز، ئەمما باشقىلارنىڭ ئىھتىياتسىزلىقى سەۋەبلىك فورمىلالارنى ئۆزگەرتىۋىتىشىدىن ئەنسىرىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ناھايىتى ئاددى جەدىۋەلدىكى فورمىلالارنى قوغدايسىز، يەنى پەقەت تولدۇرغۇچىلار سان يازىدىغان كاتەكلەرنى تەھرىرلەشكە بولدىغان ، باشقا كاتەكلەرنى تەھرىرلەش ئەمەس ھەتتا تاللاشقىمۇ بولمايدىغان قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ..

    بۇنى مۇنداق لاىيىھەلەيىمىز.

    ئالدى بىلەن بارلىق كاتەكچىلەرنى تاللايمىز. يەنى قۇر بىلەن رەت تۇتاشقان جايدىكى يەنى سول تەرەپتىكى 1 قۇرنىڭ ئۈستى، A رەتنىڭ سول تەرىپىدىكى ھىچقانداق ھەرپ ياكى سان يىزىلمىغان جاينى بىر چەكسەك بارلىق جەدىۋەل تاللىنىدۇ. ئاندىن مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىش ئارقىلىق «كاتەكچە فورماتىنى بەلگىلەش»     (设置单元格属性) دىگەن بۇيرۇقنى چىكىمىز. ئىچىلغان كۆزنەكتىن «قوغداش» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، ئاستىدىكى قۇلۇپلاش دىگەن تۈر ئۈستىدىكى بەلگىنى ئېلىپ تاشلايمىز.

    2- قەدەمدە قوغدىلىدىغان بارلىق كاتەكچىلەرنى تاللاپ تۇرۇپ، تىزىملىكتىن «قورال-قوغداش- خىزمەت جەدىۋىلىنى قوغداش»  (工具-保护-保护工作表) بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئىچىلغان كۆزنەكتىكى «قۇلۇپلانمىغان كاتەكلەرنى تاللاش»  (选定未锁定的单元格) دىگەن تۈرگە بەلگە قويمىز. (باشقا تۈرلەر ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋەتسەك ياكى ئېھتىياجىمىز بويىچە قويساق بولىدۇ. ) ئاخىردا جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساقلا ئىش پۈتىدۇ. باشقىلار سىز بەلگىلەپ بەرگەن جايدىن باشقا جايلارنى  تەھرىرلەش ئەمەس، ھەتتا تاللاش مەشغۇلاتىمۇ قىلالمايدۇ. ئەگەر قوغداشنى تىخمۇ ياخشى قىلسۇن دىسىڭىز  مەخپى نومۇر يىزىش ئورنىغا مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز، مەخىپى نومۇرنى بىلمىسە قوغداشنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ. ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]بولمىدىغۇ ..........[defFace:7]
    ئابرال回复جاھانشاھ说:
    نىمىسى بولمىدى؟ تولۇق دەڭ. ياردەم قىلىشقا تەييارمەن.
    2009-02-17 22:38:14

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !