باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا تاسقاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، قايتىلانغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش

    ۋاقىت:2008-08-10 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27490161.html

    Excel دا قايتىلىنىپ كەتكەن ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇلمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.بىز ئالدى بىلەن بىر قايتىلىنىپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتلار بار بولغان جەدىۋەلدىن بىرنى ئېچىپ، كۆرەيلى يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.ئوخشاش رەڭلىك ئۇچۇرلار قايتىلانغان ئۇچۇرلاردۇر.


    بارلىق جەدىۋەلنى تاللاپ،تىزىملىكتىن «سانلىق مەلۇمات تاسقاش يۇقۇرى دەرىجىلىك تاسقاش» (数据筛选高级筛选)بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.(دىققەت بۇ يەردە ھەر بىر رەتنىڭ ماۋزۇ قۇرىنىمۇ چوقۇم تاللاڭ. بولمىسا تاسقاشتىن كېيىنكى سانلىق مەلۇماتلاردا ماۋزۇ قۇرى يوق بولۇپ قالىدۇ.)

    ئېچىلغان «يۇقۇرى دەرىجىلىك تاسقاش» كۆزنىكىدىكى « تاسقاش نەتىجىسىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش» (将筛选结果复制到其他位置) دىگەن تۈرنى تاللايمىز.ھەمدە يىڭى پەيدا بولغان ئەڭ ئاستىدىكى «كۆچۈرۈپ ئاپىرىش» (复制到) دىگەن تاللاش رامكىسى ئارقىلىق كۆچۈرۈپ ئاپارماقچى بولغان رايۇننى تاللايمىز.(دىققەت : ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى سانلار بار رايۇننى تاللاپ سالماڭ) ئاندىن ئەڭ ئاستىدىكى « قايتىلانمىغان سانلارنى تاللاش» (选择不重复的记录) دىگەن تۈرنى تاللاپ ، جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق بولدى.

     

    بۇ چاغدا Excel بارلىق قايتىلىنىپ كەتكەن ئۇچۇرلارنى ئاپتۇماتىك ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، سىزگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلارنى بىر يىڭى جەدىۋەل قىلىپ چىقىرىپ بىرىدۇ. سىز پەقەت بۇ يىڭى جەدىۋەلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ، خاتالىق يوقلىقىغا ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن يىڭى بىر جەدىۋەلگە ئايرىپ كۆچۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.


    历史上的今天:

    سەن 2011-08-10

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !