باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەتشتىكى زۆرۈر دىتاللار

    ۋاقىت:2008-09-04 | تۈرى:كۆپ ۋاستە دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28524607.html

    ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن بەزى تورداشلار ماڭا مەن ئېيتقان دىتاللانى تاپالمىغانلىقىنى، شۇ دىتالنى ئۆزىگە ئەۋەتىپ بىرىشنى ئېيتىپ ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ.
    بۇ دىتالنى ھەر بىرەيلەنگە ئايرىم-ئايرىم ئەۋەتىپ بەرگەندىن كۆرە بىرەر بوشلۇققا قويۇپ قويسام تىخىمۇ كۆپ ئادەم چۈشۈرۈپ ئالالايدىكەن دەپ ئويلاپ ، مەن ئۆزۈم ئىشلەتكەن ئىككى دىتال بىلەن vobsub 2.32 دىتالنى بۇ تور دىسكىسىغا چىقىرىپ قويدۇم. ئەسلى بىر ھۆججەت قىلىپ چىقارماقچى ئىدىم. بىراق بۇ توردسىكىسىغا ئەڭ چوڭ بولغان 10Mb دىن ئىشىپ كەتسە بولمايدىكەن. شۇڭا ئىككىگە بۆلىۋەتتىم.
    بۇ دىتاللارنىڭ بۇ دىسكىدا قانچىلىك تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇڭا ئىھتىياجلىق تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا چۈشۈرىۋىلىشىنى سورايمەن.
    1. Easy RealMedia ProducerV1.94  ۋە 2.32 vobsub تولۇق نۇسخىسى
    بۇ دىتال ئارقىلىق ئادەتتىكى فىلىم  ھۆججەتلىرىنى rm, rmvb ھۆججەتلىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى يېزىق ھۆججىتىنى فىلىم ھۆججىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ياكى ئۇيغۇرچە خەت بىلەن فىلىم ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى بىلمەكچى بولسىڭىز. تۆۋەندىكى يازمىلارنى كۆرۈڭ.
    ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش توغرىسىدىكى دەرسلىك

    بۇ يەرنى بېسىڭ

    بۇ دىتال ئارقىلىق RM پارچىلاش ۋە بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يازما

    بۇ يەردىن كۆرۈڭ

    ئەگەر بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

    بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

    2. Winavi 9.0  ۋە2.32 vobsub  تولۇق نۇسخىسى
    بۇ دىتال ئارقىلىق فىلىم ھۆججەتلىرىنى ھۆججەت شەكلىنى ئۆز-ئارا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ دىتال ئارقىلىق ئۇيغۇرچە خەت بىلەن فىلىم ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. قىزىقىدىغانلار ئۆزلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ.
    بۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى يازمىنى كۆرۈڭ.
    ئەگەر بۇ دىتالنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ بەتتىن چۈشۈرۈڭ

    بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ


     

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، رەھمەت سىزگە!! چۇقۇم ئىشلىتىپ باقىمەن!!

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !