باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • RM شەكلىدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى كېسىش

    ۋاقىت:2008-07-27 | تۈرى:كۆپ ۋاستە دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/25674870.html

    RM  ۋەRMVB   شەكلىدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى كېسىشتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان قوراللار كۆپ بولسىمۇ مەن بۇ يەردە پەقەت ئىككىنىلا تونۇشتۇراي.

    1-1. Easy Realmedia Tools نى ئىشلىتىش
    Easy Realmedia Tools دېتالى بولسا  Easy Realmedia  Producerۋە Easy Realmedia  Editor دىن ئىبارەت ئىككى قورالدىن تەركىب تاپقان. بىز ئالدى بىلەن باشقا شەكىلدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى  RM  ۋەRMVB   شەكلىدىكى  ھۆججەتكە ئايلاندۇرىغان قورال Easy Realmedia  Producer دېتالى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
    تۆۋەندىكى رەسىم بۇ دېتالنىڭ قوزغالغان چاغدىكى كۆرۈنۈشى
     

    بىز بۇ دېتالنى قوزغاتقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن RM  ۋەRMVB   شەكلىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان خالىغان باشقا شەكىلدىكى ھۆججەتنى قىستۇرىمىز. يەنى دېتالنىڭ ئۈستۈنكى ستونىدىكى قورال كۇنۇپكىلىرىدىن «قوشۇش» (添加) دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن بىز RM  ۋەRMVB   شەكلىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان فىلىم بار جاينى تېپىپ تاللاپ قويساقلا بولدى. بۇ چاغدا بۇ فىلىم يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك ئورۇنغا قىستۇرۇلىدۇ. بىز بۇ چاغدا يىڭىدىن ھاسىل بولىدىغان RM  ۋەRMVB   ھۆججىتىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. يەنى «پارامېتىرلارنى تەڭشەش» (参数设置) دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئىچىلىدۇ.

    مانا بۇ كۆزنەكتە ھاسىل بولغۇچى RM  ياكىRMVB   ھۆججىتى ئۈچۈن ئاساسلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ھاسىل  قىلماقچى بولغان ھۆججىتىڭىزنىڭ ھۆججەت تىپىنى RM بولسۇن دېسىڭىز «پىرىسلاش تەڭشىكى»(压缩设置) دىن «مۇقىم كود نىسبىتى» (固定码率) دېگەن ئورۇنغا مۇۋاپىق ساننى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە 450 ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. ئەگەر بۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، سۈرەتنىڭ ئېنىقلىقىغا تەسىر يېتىدۇ، ئەمما ھۆججەت سىغىمى كىچىكلەيدۇ.
    ئەگەر ھاسىل بولغۇسى ھۆججەتنىڭ تېپىنى RMVB بولسۇن دېسىڭىز، «پىرىسلاش تەڭشىكىدىن» دىن «ئۆزگىرىشچان كود نىسبىتى» (动态码率) دېگەن تۈرنى تاللاپ، مۇۋاپىق نىسبەتنى تولدۇرىسىز بولىدۇ. ئادەتتە ئۆزىنىڭ كۆڭۈلدىكى قىممىتى 900 ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ، ئەگەر ئېنىقلىقىغا يۇقىرى تەلەپ قويسىڭىز بۇ ساننى يۇقىرى قىلسىڭىز بولىدۇ.
    « ئوتتۇرىچە كود نىسبىتى» (平均码率) دېگەن تۈرگە كۆڭۈلدىكى قىممەتنى ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭ يېنىدىكى «فىلىم سۈپىتى»  (视频质量) دېگەن تۈرنى 100 گە تەڭشەپ قويۇڭ. شۇنىڭدا ھاسىل بولغان فىلىمنىڭ سۈپىتى بىلەن ئەسلىدىكى فىلىم سۈپىتى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما سىغىمى ئەسلىدە ھاسىل بولۇشقا تېگىشلىك ھۆججەت سىغىمىدىن سەل چوڭىيىپ قالىدۇ. بىراق يەنىلا ئەسلى ھۆججەتتىن كېچىك بولىدۇ.
    ئەگەر سىز ھاسىل بولغۇچى ھۆججەتنىڭ ئاۋاز ئۈنۈمىنى ياخشى ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز، ئوتتۇرىچە كود نىسبىتى ئاستىدىكى تەڭشەكلەردىن «ئاۋاز كودى»(音频编码) دېگەن تۈرنىڭ قىممىتىنى 64 دىن يۇقىرى قىلىپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بەك چوڭ قىلىۋەتسىڭىز ھۆججەت سىغىمى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى 128 دىن ئېشىپ كەتمىسۇن. بۇ ئورۇندىكى باشقا جايلا كۆڭۈلدىكى قىممىتى بويىچە تۇرسا بولىدۇ.
    «سۈزگۈچ تەڭشىكى» (过滤设置) دېگەن جايدىكى تۈرلەرنى تەڭشەش ئارقىلىق، فىلىم ھۆججىتىنىڭ ئېگىزلىك ۋە كەڭلىكىنى تەڭشەش، ئاۋازنى يۇقىرىلىتىش ياكى تۆۋەنلىتىش، ئەگەر ئاۋاز بىلەن سۈرەت ماسلاشمىغان بولسا، ئاۋازنى ئالدىغا ياكى كەينىگە سۈرۈش دېگەندەك تۈرلەرگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇلارنى ئۆز ئېھتىياجىڭىز بويىچە تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
    «مونتاژ ئۇچۇرلىرى» (剪辑信息) دېگەن جايغا فىلىم ئىسمى، فىلىم ئىشلىگۈچى، نەشر ھوقۇقى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. ياكى تولدۇرمىسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ.
    «ھۆججەت چىقىرىش مۇندەرىجىسى» (输出路径)  دېگەن جايدىن يىڭى ھۆججەتنى قايسى ئورۇنغا چىقارماقچى بولسىڭىز شۇ ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئەسلىدىكى ھۆججەت بىلەن بىر مۇندەرىجە دېگەن تۈرنى تاللاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ،«پرېسلاشنى باشلاش» (开始压缩) دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، پرېسلاشنى باشلايدۇ. ئاخىرلاشقاندا ئاۋاز چىقىرىپ بەلگە بېرىدۇ. ئاندىن سىز ئۆزىڭىز چىقىرىپ بېرىشنى بەلگىلىگەن مۇندەرىجە ئىچىگە كىرىپ قارىسىڭىز يىڭىدىن RM  ياكىRMVB   شەكلىدە بىر ھۆججەتنى تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. مانا  بۇ سىز ئېرىشمەكچى بولغان ھۆججەت شۇ. قانداق ئاسانمىكەن.
     يۇقىرىقى تەڭشەش تۈرلىرىدىن باشقا يەنە   «پىرىسلاش تەڭشىكى» دېگەن تۈر ئارىسىدا « RM 10/9 يۇقىرى دەرىجىلىك تەڭشىكى»(RM 10/9 高级属性) ۋە «سۈزگۈچ تەڭشىكى» دېگەن تۈر ئارىسىدا «تېخىمۇ كۆپ تەڭشەك» (更多)  دېگەن ئىككى كۇنۇپكا بار بولۇپ، بۇلارنى چەكسەك باشقا بىر يىڭى كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بىز بۇ تەڭشەك تۈرلىرى ئارقىلىق RM  كودلاش شەكلى، فىلىم رەڭلىرى، ئېگىزلىك ۋە كەڭلىكى قاتارلىقلارغا قارىتا تىخمۇ ئىنچىكە تەڭشەش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەمما ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بۇ يەردىكى تەڭشەكنى كۆڭۈلدىكى قىممەت بويىچە ئالغىنى ياخشى.
    1-2. Easy Realmedia  Editor ئارقىلىق فىلىملەرنى كېسىش ۋە ئۇلاش
    بۇ قورال ئارقىلىق سىز خالىغان RM  ياكىRMVB    شەكلىدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىگە قارىتا مەلۇم بۆلەكنى كېسىش ياكى بىر قانچە پارچە RM  ياكىRMVB    شەكلىدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى ئۇلاپ بىرلا فىلىم ھۆججىتى قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. تۆۋەندىكىسى بۇ قورالنىڭ قوزغالغاندىكى ھالىتى.

    دېتال قوزغالغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن كېسىش ياكى ئۇلاش مەشغۇلاتى قىلماقچى بولغان فىلىم ھۆججەتلىرىنى قىستۇرىمىز. يەنى «قوشۇش» (添加) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەك ئارقىلىق RM  ياكىRMVB    شەكلىدىكى فىلىم ھۆججىتى ساقلانغان مۇندەرىجىنى ئېچىپ، ئۆزىمىز مەشغۇلات ئىلىپ بارماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ جەزملەشتۈرسەك يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك ئورۇنغا قىستۇرۇلىدۇ.
    ئالدى بىلەن بىز بۇ فىلىم ھۆججەتلىرى ئارىسىدىكى خالىغان بىر ھۆججەتكە قارىتا كېسىش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارايلى. يەنى كېسىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ، «پارامېتىرلار تەڭشىكى» دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئىچىلىدۇ.

      بۇ كۆزنەكتىكى «مونتاژ ئۇچۇرلىرى» (剪辑信息) دېگەن ئورۇنغا قىسقىچە قىلىپ ئۆزىڭىز خالىغان ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ ۋە ياكى تولدۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىز فىلىمنى كېسىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «يالغۇز ھۆججەتنى تەھرىرلەش»(编辑单个文件) دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇۋېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىدىكى  «باشلىنىش ۋاقتى» 起始时间) بىلەن «ئاخىرلىشىش ۋاقتى» (结束时间) دېگەن ئورۇنغا ئاشۇ فىلىمدە ئۆزىڭىز كېسىپ ئالماقچى بولغان دائىرىنىڭ ۋاقىت سانىنى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن سىز ئەگەر بىر فىلىمدىكى مەلۇم بىر ناخشىنى كېسىپ ئېلىۋالماقچى بولسىڭىز، فىلىمنى فىلىم قويۇش دېتالى بىلەن قويۇپ تۇرۇپ، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى كۆرۈۋېلىپ، باشلىنىش ۋاقتى دېگەن ئورۇنغا شۇ ناخشا باشلانغان ۋاقىتنى، ئاخىرلىشىش ۋاقتى دېگەن ئورۇنغا شۇ ناخشا ئاخىرلاشقان ۋاقىتنى كىرگۈزۈپ بېرىسىز. ئاندىن بۇ كېسىپ ئالماقچى بولغان بۆلەكنى قايسى ئورۇنغا ساقلىماقچى بولسىڭىز شۇ ئورۇننى «چىقىرىش مۇندەرىجىسى»(输出路径)دېگەن تۈر ئارقىلىق بەلگىلەپ، ئاخىرىدا جەزىم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ، ئاساسى كۆزنەكتىكى «تەھرىرلەشنى باشلاش» (开始编辑)دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك بىز بەلگىلىگەن ئورۇندىكى بۆلەك ئايرىم بىر ھۆججەت شەكلىدە بىز بەلگىلىگەن مۇندەرىجە ئىچىگە چىقىرىلىدۇ.
    ئەمدى بىر قانچە RM  ياكىRMVB    شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۇلاپ بىر ھۆججەت قىلىشنى كۆرەيلى. بۇنىمۇ يەنىلا شۇ بايامقى «پارامېتىرلار تەڭشىكى» دېگەن كۆزنەك ئارقىلىق ئېلىپ بارىمىز.
    ئالدى بىلەن «كۆپ ھۆججەتنى بىرلەشتۈرۈش» (多个文件合并)دېگەن خەت ئالدىغا بەلگە قويىمىز. بۇ چاغدا سول تەرەپتىكى كۈلرەڭ ھالەتتىكى كۇنۇپكىلار قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ، ئىشلەش ھالىتىگە كىرىدۇ. بىز بۇ يەردە «قوشۇش» (添加) كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق بىرلەشتۈرمەكچى بولغان ھۆججەتلەرنى تاللاپ كىرگۈزىمىز. تاللانغان ھۆججەتلەر ياندىكى تىك تۆت بۇلۇڭلۇق رامكا ئىچىدە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر خاتا قوشۇۋالغان بولساق، «ئۆچۈرۈش»(删除) كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۆچۈرۈۋەتسەك بولىدۇ.(بۇ يەردىكى ئۆچۈرۈش پەقەتلا شۇ يەردىكى رامكا ئىچىدىن تازىلاپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ھەرگىزمۇ ئەسلى ھۆججەتنى دىسكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى كۆرسەتمەيدۇ) ھۆججەتلەرنى قوشۇپ بولۇپ، بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆججەت چىقىرىلىدىغان مۇندەرىجىنى بەلگىلەپ بولۇپ، جەزىم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ، «تەھرىرلەشنى باشلاش» (开始编辑)دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، بىرلەشتۈرۈشنى باشلايدۇ. ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆزىمىز بەلگىلەپ بەرگەن مۇندەرىجە ئىچىگە قارىساق، يىڭى بىر ھۆججەتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ دەل بىز بىرلەشتۈرگەن ھۆججەتتۇر.
    بۇ دىتالنىڭ توردىن چۈشۈرۈش ئادىرىسى :  http://www.onlinedown.net/soft/25946.htm
    بۇ قورال ئارقىلىق RM  ياكىRMVB    شەكلىدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىگە قارىتا كېسىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا، سىز بىر تەرەپتىن ئەسلى فىلىم فىلىم قويۇش دېتالى ئارقىلىق قويۇپ تۇرۇپ، ۋاقتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كىرگۈزۈشىڭىز كېرەك. ئەگەر بۇنداق قىلىشنى ئاۋارىچىلىك كۆرسىڭىز تۆۋەندىكى realmediaeditor دېتالى ئارقىلىقمۇ RM  ياكىRMVB    شەكلىدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىگە قارىتا كېسىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايسىز.
    2- realmediaeditor 10.0 ئارقىلىق كېسىش
       بۇ دېتال ھەقسىز دېتال بولۇپ، توردىن realmediaeditor 10.0 دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز. بۇ دېتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى قاچىلاش ھاجەتسىز بولۇپ، چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىپلا ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ، پۈتۈنلەي يېشىل دېتال. كۆرۈپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىسىز، كېسىش سۈرئىتى تېز. تۆۋەندە بۇ دېتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرەيلى:
    تۆۋەندىكىسى بۇ دېتالنىڭ قوزغالغاندىكى ھالىتى

    مەلۇم بىر  RM   شەكلىدىكى فىلىمنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى كېسىپ ئېلىش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن تىزىملىكتىن« ھۆججەت Real ھۆججىتىنى ئېچىش» (打开Real媒体文件) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىن RM ھۆججىتى بار مۇندەرىجىنى ئېچىپ، ئۆزىمىز كېسىش مەشغۇلاتى قىلماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ جەزملەشتۈرسەك، بۇ فىلىم ئېكراندا پەيدا بولىدۇ.

       ئاندىن بىز بۇ ھۆججەتنىڭ كېسىلىش ئورنىنى بەلگىلەيمىز. يەنى كېسىشنى باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى بەلگىلەيمىز. باشلاش نۇقتىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن «قويۇش» (播放) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، فىلىمنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزىمىز كېسىشنى باشلىماقچى بولغان ۋاقىتقا كەلگەندە دەرھال «باشلىنىش نۇقتىسى» (起始点) دېگەن خەتنى باسساق بولىدۇ. ياكى قويۇش كۇنۇپكىسىنى باسماي بىۋاسىتە ۋاقىت سىزىقى ئۈستىدىكى قىزىل سىزىقنى مائۇس سىتىرىلكىسى  بىلەن تۇتۇپ سۆرەپ، باشلاش نۇقتىسىغا ئەكېلىۋېلىپ، ئاندىن «باشلىنىش نۇقتىسى» دېگەن كۇنۇپكىنى باسساقمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە باشلىنىش نۇقتىسىنى بەلگىلىگەندىن كېيىن ئاخىرلىشىش نۇقتىسنىمۇ (结束点)يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق بەلگىلىسەك بولىدۇ. مەيلى قانداق ئۇسۇل قوللىنايلى بىز كېسىپ ئالماقچى بولغان ئارىلىق تاللىنىشى كېرەك.
    ئاخىردا قىلىدىغىنىمىز تىزىملىكتىن « ھۆججەت-
    Real ھۆججىتىنى باشقا نامدا ساقلاش»(保存Real媒体文件为) دېگەن بۇيرۇقنى تاللىساق، ھۆججەتنى ساقلاش مۇندەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز مۇندەرىجە ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپ جەزم كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، فىلىمنى كېسىشنى باشلايدۇ. (دىققەت: ھۆججەتنى ساقلىغان چاغدا ئېھتىياجىڭىز بويىچە Real ھۆججىتىنى باشقا نامدا ساقلاش ۋە Real ھۆججىتىنى ساقلاش دېگەن ئىككى تۈرنى تاللاپ ئىشلىتىڭ. ئەگەر Real ھۆججىتىنى ساقلاش(保存Real媒体文件) دېگەن تۈرنى تاللىسىڭىز يىڭى ھاسىل بولىدىغان ھۆججەت ئەسلىدىكى ھۆججەتنى قاپلاپ، ئەسلىدىكى ھۆججەت بىلەن ئوخشاش ئىسىمدە ساقلىنىدۇ. يەنى ئەسلىدىكى ھۆججىتىڭىز ئۆچۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سىز ھازىر بەلگىلىگەن دائىرىنى ئۆز- ئىچىگە ئالغان بىر ھۆججەت قۇرۇلىدۇ.)
    كونترول كۇنۇپكىلىرى ئاستىدىكى مونتاژ ئۇچۇرلىرى(
    剪辑信息) ئورۇنلارغا ئۆزۈڭلار يىڭى قۇرغان بۇ فىلىم ھۆججىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇ دىتال ئارقىلىقمۇ بىر قانچە فىلىم ھۆججەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. قىززىققۇچىلار ئۆزلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ.

    دەرسلىكتە سۆزلەنگەن نەشىرىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://www.ppfiss.cn/jd_xj/skype_4005/index.htm
    بۇ دېتالنىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرىنى توردىن چۈشۈرۈش ئادرىسى توردىن چۈشۈرۈش ئادىرىسى :http://www.csdzzx.com/soft/softdown.asp?softid=91


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    引用

    下面Blog引用了该文:
  • Blog:ئابرال ئېلكىتاپ تارقىتىش مەركىزى
    2008-09-04 13:20:39

    评论

  • [avatar:30]بولسا مۇشۇ كېڭەيتىلگەن نامى RMVB. ياكى RM. بولغان ھۆججەتلەرنى VCD قىلىپ بىۋاستە قويۇلىدىغان قىلىپ ئويغىلى بولىدىغان ھۆججەت شەكلىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان، شۇنداقلا فىلىم سۈزۈكلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان يۇمشاق دېتالنى ئېيتىپ بەرگەن ياكى بىرەر نەرسە يازغان بولسىڭىز بوپتىكەن.
    ئابرال回复بوغلان说:
    logs/26342619.html
    مۇشۇ يازمىدىكى مەزمۇننى تەپسىلى ئوقۇپ چىققايسىز.
    2008-08-02 10:36:41
  • [avatar:30]
  • [avatar:30]ئابرال دوستۇم ئەمدى بوپتۇ[defFace:0]

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !