باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • WMV ۋە ASFھۆججەتلىرىنى كېسىش

    ۋاقىت:2008-07-28 | تۈرى:كۆپ ۋاستە دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/25782840.html

    ئۆتكەندە 1-دەرسىمىزدە RM ۋە RMVB  شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى كېسىش ۋە ئۇلاش توغرۇلۇق توختالغان ئىدۇق. بۇ دەرستە WMV  ۋە ASFھۆججەتلىرىنى كېسىش  ئۇسۇلى توغرۇلۇق توختىلىمىز.
    WMV  ۋە ASFفىلىم ھۆججەتلىرىنى كېسىش ۋە ئۇلاشتىكى ئەڭ ياخشى قورال مىكروسوفت شىركىتى ئىشلىگەن Encoder Microsoft  Windows Media دېتالى بولۇپ، بۇ  دېتالنىڭ خەنزۇچە نەشرىنى توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:
    http://www.onlinedown.net/soft/3333.htm
    سىز بۇ دېتالنى توردىن چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرغا قاچىلىغاندىن كېيىن قارىسىڭىز بۇ دېتالنىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا Windows Media编码器، Windows Media流编辑器، Windows Media配置文件编辑器ۋە Windows Media 文件编辑器 دېگەندەك بىر قانچە قورالى بارلىقىنى بايقايسىز. بۇلاردىن Windows Media编码器 دېگەن قورال ئارقىلىق بىز كامېرادىن(摄像头) كومپيۇتېرغا كىرگەن سۈرەتلەرنى كومپيۇتېرغا ساقلاش، مىكروفوندىن كىرگەن ئاۋازنى كومپيۇتېرغا ساقلاش، كومپيۇتېر ئېكرانىنى فىلىم ھۆججىتى شەكلىدە ساقلاش (بۇ ئىقتىدار سۈرەتلىك دەرس ئىشلەپ، پلاستىنكىغا ئويۇپ ساقلايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ، )، ۋە باشقا شەكىلدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى WMV  ۋە ASF شەكلىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. Windows Media流编辑器نىڭ بولسا، WMV  ۋە ASF شەكلىدىكى ھۆججەتلەر ئىچىدىن ئاۋاز ۋە سۈرەتنى ئايرىپ ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. Windows Media配置文件编辑器 بۇ قورال ئارقىلىق سەپلىمە ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. بىزدەك ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەھمىيىتى يوق. Windows Media 文件编辑器 بۇ دېتال ئاساسلىقى WMV  ۋە ASF ھۆججەتلىرىنى كېسىش ۋە ئۇلاش قاتارلىق تەھرىرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان قورال. بىز بۇ دەرسلىكتە ئاساسلىقى مۇشۇ Windows Media 文件编辑器نى تونۇشتۇرىمىز. تۆۋەندىكىسى بۇ دېتالنىڭ قوزغالغان چاغدىكى ھالىتى

     دېتالنى قوزغاتقاندىن كېيىن، تىزىملىكتىن «ھۆججەت ئېچىش » بۇيرۇقى بىلەن كەسمەكچى بولغان ھۆججەتنى ئاچىمىز. ئېچىلغان ھۆججەت رەسىمدىكىدەك كىچىك ئېكراندا كۆرۈنىدۇ. ئالدى بىلەن سىز بۇنىڭدىن كېسىپ ئالماقچى بولغان بۆلەكنى بەلگىلەيسىز. يەنى فىلىمنى قويۇپ ياكى قويۇش تالچىسىنى سۆرەش ئارقىلىق كەسمەكچى بولغان ئورۇنغا (باشلىنىش نۇقتىسىغا) ئېلىپ كېلىپ، كېسىشنى باشلاش بەلگىسى (标记切入) دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىسىز. ئاندىن كېيىن يەنە ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغا ئېلىپ كېلىپ كېسىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش بەلگىسى (标记切出) نى باسىمىز. بۇ چاغدا دىققەت قىلسىڭىز بۇ ئىككى كۇنۇپكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مەلۇم ئارىلىقنىڭ ئىككى قارا نۇقتا ئارىسىغا ئىلىنغانلىقىنى كۆرىسىز. يەنى رەسىمدىكىدەك. ئەمدىكى قىلىدىغان ئىشىمىز. تىزىملىكتىن «ھۆججەت باشقا نامدا ساقلاش ۋە ئىنكىسلاش»(另存并索引) دېگەن بۇيرۇقنى چەكسەك ھۆججەت ئىسمىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز بىر ھۆججەت ئىسمىنى كىرگۈزۈپ، ساقلاش دېگەن كۇنۇپكىنى باسساق، بۇ بىز بەلگىلىگەن رايون يىڭى بىر ھۆججەت بولۇپ ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر تىزىملىكتىن «ھۆججەت-ساقلاش ۋە ئىندېكسلاش»(保存并索引) دېگەن بۇيرۇقنى چەكسەك، يىڭى ساقلانماقچى بولغان ھۆججەت ئەسلىدىكى ھۆججەتنى قاپلاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ھۆججەت يوقاپ كېتىپ ئۇنىڭ ئورنىنى بىز بەلگىلىگەن رايون ئىچىدىكى مەزمۇنلار بار بولغان بىر ھۆججەت ئالىدۇ.
    دەرسلىكىمىز فىلىم ھۆججەتلىرىنى كېسىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دېتالنىڭ باشقا قوراللىرىنىڭ ئىقتىدارى بۇ يەردە تەپسىلىي سۆزلەنمىدى. قىزىققۇچىلار ئۆزلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ.

     

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !