باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ھۆججەتلەرنى مەخپى ساقلاشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى-2

    ۋاقىت:2008-07-28 | تۈرى:سىستىما ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/25839096.html

    يۇمشاق دىتال ئارقىلىق مەخپىلەشتۈرۈش

    ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىنى مەخپىلەشتۈرۈش ياكى مەخپى شىفىر ئورنىشتا ئىشلتىلىدىغان يۇمشاق دىتال ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەگەر توردا تۇرۇپ،بەيدۇدىن «ھۆججەت مەخپىلەشتۈرۈش دىتالى» (文件加密软件)دىگەندەك ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن ئىزدىسىڭىز بۇ خىل دىتالدىن نۇرغۇننى تاپالايسىز.ئادەتتە بۇ خىل دىتاللار مەخپىلەشتۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى بىر ھۆججەتكە ياكى بىر مۇندەرىجە ئىچىگە ساقلايدۇ. تۆۋەندە مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان دىتال مەخپىلەشتۈرمەكچى بولغان ھۆججەتلەرنى دىسكىدىكى بىر ئالاھىدە مۇندەرىجە ئىچىگە يەنى RECYCLER  (ئەخلەت ساندۇقى مۇندەرىجىسى)دىگەن مۇندەرىجە ئىچىگە ساقلايدۇ.بۇ مۇندەرىجە سىستىما خاسلىقىدىكى يوشۇرۇن مۇندەرىجە بولۇپ، ئادەتتە ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ.
    تۆۋەندە مەن ئۆزۈم ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان سىغىمى كىچىك، ئۆزى ئاددى، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بىر دىتالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.بۇ دىتالنىڭ ئىسمى« شەخسى دىسكا»(私人磁盘)ئەگەر بۇ دىتالنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز توردىن مۇشۇ ئىسىم بويىچە ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.
    بۇ دىتال ئورتاق پايدىلىنىدىغان دىتال بولۇپ،  مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم 3.6 نۇسقىسى بولۇپ،بۇ نۇسقىسىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى يوق،ئىشلىتىش ۋاقتى توشقاندا،پەقەت 5-6 سىكۇنت تىزىملىتىڭ دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ. ئىشلىتىشڭىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.شۇڭا نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرمەي ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.
    تۆۋەندىكىسى بۇ دىتالنىڭ قوزغالغان چاغدىكى ھالىتى.

     

     

    دىتال كۆرۈنۈشى رەسىمدىكىدەك بولۇپ، بىز پەقەت مەخپى دىسكا قۇرماقچى بولغان دىسكا رايۇنىنى تاللاپ، ئوڭ تەرەپتىكى كۇنۇپكىلىق بۇيرۇق رايۇنىدىن «شەخسى دىسكا قۇرۇش» دىگەن بۇيرۇقنى (创建私人磁盘)ياكى بولمىسا مائۇس سىتىرلكىسنى شەخسى دىسكا قۇرۇلغان دىسكا بەلگىسىئ ئۈستىگە ئېلىپ كېلىپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، شەخسى دىسكا قۇرۇش(创建私人磁盘) دىگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلساقلا بىر مەخپى دىسكا قۇرۇلغان بولىدۇ.( رەسىمدە F دىسكا  يەنى nahxa  دىگەن نام قويۇلغان دىسكا مەخپى دىسكا قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، رەسىمدىكى nahxa دىگەن دىسكا يىنىدىكى يۇلتۇز بەلگىسىگە دىققەت قىلىڭ، بۇ بەلگە مەخپى دىسكا قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.)

     

    ئەگەر بۇ مەخپى دىسكىنى ئاچماقچى بولساق، ئوڭ تەرەپتىكى كۇنۇپكا رايۇنىدىن «شەخسى دىسكىنى ئېچىش»(打开私人磁盘) ياكى مائۇسنى يۇلتۇز بەلگىسى بار دىسكا بەلگىسى ئۈسىتىگە ئەكىلىپ،ئوڭ كۇنۇكىنى چىكىپ، تىزىملىكىتىن « مەخپى دىسكىنى ئېچىش»(打开私人磁盘) دىگەن بۇيرۇقنى بەرسەكلا بولىدۇ. ئاندىن بىز مېنىڭ كومپىيۇتۇرۇم(我的电脑) ئىچىگە كىرىپ قارىساق، يىڭىدىن بىر دىسكا رايۇنىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز،( بۇ دىسكا رايۇنىنى ئۆزىمىز بەلگىسەك بولىدۇ. يەنى ئوڭ تەرەپتىكى كۇنۇپكىلاردىن «شەخسى دىسكا تەڭشىكى»(私人磁盘设置) دىگەن تۈرنى چەكسەك بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتە تۇرۇپ، شەخسى دىسكىمىزنىڭ دىسكا بەلگىسىنى ئۆزىمىز خالىغانچە بەلگىلسەك بولىدۇ. مەن ئادەتتە U غا توغۇرلايمەن. ) بۇ دەل بىز قۇرغان مەخپى دىسكا بولۇپ، يوشۇرۇن ساقلىماقچى بولغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ دىسكىغا ساقلاپ قويساق، بۇ دىتالنى بىلمەيدىغان ئادەملەر ئاسانلىقچە تاپالمايدۇ. ئەگەر مەخپى نومۇر ئورنىتىپ قويساق، تاپقان تەقدىردىمۇ ئاچالمايدۇ.
    بۇ دىتالنى قاچىلىغاندا باشلاش تىزىملىكىگە تۈر قاتمايدۇ، شۇڭا بۇنى  ئىككىنچى قېتىم قوزغاتقاندا مائۇس سىتىرىلكىسىنى«مېنىڭ كومپىيۇتېرىم» ياكى «باشلاش»(开始) دىگەن خەتنىڭ ئۈستىگە ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چىكىپ، ئىچىلغان تىزىملىكتىن « شەخسى دىسكىنى ئىجرا قىلىش»(运行私人磁盘) دىگەن بۇيرۇقنى تاللىساقلا ،بۇ دىتال قوزغىلىدۇ.
    ئۇندىن باشقا بۇ دىتالنىڭ يەنە  قوزغىتىلىدىغان پىراگراممىلارنى چەكلەش،سىستىما بىخەتەرلىك تەڭشىكى قاتارلىق تەڭشەش تۈرلىرى بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق مەلۇم بىر ئابونتىنى مەلۇم پىراگراممىنى ئىشلىتەلمەيدىغان قىلىپ قويغىلى، سىستىما بىخەتەرلىك تەڭشىكى ئارقىلىق كونتىرۇل تاختىسى،تور خوشنىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ قويۇش دىگەندەك بىر قانچە قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى بولۇپ، بۇ ئىقتىدارلار ھۆججەت مەخپىلەشتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا بۇ يەردەتەپسىلى سۆزلەپ ئۆتۈلمەيدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ.

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]alimama ئېلانىنىمۇ بىر ئوبداق قىستۇرىۋاپسىز مانا، ئاۋۇ گوگېلى ئېلانىنى چېكىپ قۇياي دېسەم ئاممىۋې ئېلان دەپ باشقا نەرسە يوققۇ؟
    ھە راسىت، سىز بۇ گوگىل ئېلانىنى قانداق ئالغان ئىدىڭىز، بولسا ماڭىمۇ بىرنى ئېلىپ بىرەمسىز؟ مەن بلوگگېرغا نەچچە قېتىم خەنزۇچە تور بەتتىن بىر نەرسىنى كۆچۈرۈپ يوللاپ ئىلتىماس قىلىپ باقتىم، ئەمما ئۇلار بلوگنى تاقىۋەتتى، يازمىنى كۆچۈرۈپسەن دەپ .
    تەكلىماكان بلوگدا بار ئىكەن، بۇ توغرىسىدىكى تېما ئەمما شۇنچە قىلىپمۇ ئالالمىدىم، ئەگەر ئېلىپ بەرسىڭىز مۇكاپاتى چوڭ جۇمۇ
    ئابرال回复يوليار说:
    مەن بۇرۇن ئىلىۋالغان. بىر تۇركچە ئۈگىنىش بىلوگى قۇرۇپ، ئازراق بىر نەرسە يوللاپ قويغان ئىدىم. شۇ چاغدا تەستىقلىنىپ بىرىلىپتىكەن. كېيىن ئىشلەتمىگەن. بۇ قېتىم بىلوگباسدىن بىلوگ ئالغاندا تەكلىماكان بىلوگىدىكى تىمىلارنى كۆرۈپ ئۇنى قىستۇرىۋالدىم. مېنىڭچە سىزمۇ تۇركچە ئۈگىنىش بىلوگى قۇرۇپ بېقىڭ.بەلكىم بولۇپ قالار
    ھە ئاۋۇ تور تىلىۋىزىيەسىنى قانداق چەككەندە ئاندىن پۇل ھىساپلايدۇ. مەن 27 -چىسلا كۈنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى يەردىن ئىككى قېتىم چۈشۈرۈۇپ، قاچىلىغان ئىدىم ، پۇل ھىساپلىماپتۇ. بولسا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
    2008-07-30 09:52:29

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !