باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • AVI شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى كېسىش

    ۋاقىت:2008-07-30 | تۈرى:كۆپ ۋاستە دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/26342619.html

    فىلىم ھۆججەتلىرىنى پرېسلاش، ئۆز-ئارا بىر- بىرىگە ئايلاندۇرۇش، مەلۇم بۆلەكنى كېسىپ ئېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار قىلغىلى بولىدىغان دېتاللار كۆپ بولسىمۇ، بىراق سۆزلىمەكچى بولغان بۇ دېتالنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار. بۇ دېتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە:
       1. فىلىم ھۆججەتلىرىدىن
    AVI, VOB, MPG, WMV, ASF قاتارلىق شەكىللەردىكى ھۆججەتلەرنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇپلا قالماي يەنە باشقا ئۆزى ئوقۇيالىغانلىكى فىلىم ھۆججەتلەرنى بۇ خىل شەكىللەرگە ئايلاندۇرالايدۇ.
      2. فىلىم ھۆججەتلىرىدىن
    AVI, VOB, MPG, WMV, ASF, RM, RMVB قاتارلىقلارنى كېسىپ، ئايرىم ھۆججەت شەكلىدە ساقلىغىلى بولىدۇ.
    تۆۋەندە بۇ دېتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ ئۆتەيلى


    بۇ دېتال بىلەن فىلىم ھۆججەتلىرى شەكلىنى ئۆز-ئارا ئايلاندۇرۇشتا، ئالدى بىلەن «ھۆججەت ئېچىش» كۇنۇپكىسى(
    打开) نى بېسىپ، ئايلاندۇرماقچى بولغان ياكى كەسمەكچى بولغان ھۆججەتنى ئاچىمىز. ئەگەر سىز كىرگۈزمەكچى بولغان ھۆججەت بۇ دېتالنىڭ بىۋاسىتە قوللايدىغان فىلىم ھۆججىتى تۈرلىرى ئارىسىدا بولمىسا، سىز ئەڭ ئاستىدىكى(*.*) All Files (所有文件) دېگەن تۈرنى تاللىسىڭىز، ھەممە ھۆججەت كۆرۈنىدۇ. ئاندىن ئۆزىڭىز تاللىماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ، جەزملەشتۈرسىڭىز، ئېكراندا فىلىم قويۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا سىز تۆۋەندىكى كونترول كۇنۇپكىلىرى(بۇ كۇنۇپكىلارنىڭ رولى ئائىلىدىكى VCD لاردىكى كۇنۇپكا رولى بىلەن ئوخشاش) ئارىسىدىن توختىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، قويۇشنى توختىتىپ قويۇپ تۇرۇپ، كېسىش ھالىتىنى (分割模式) بەلگىلەڭ. بۇيەردە ئۈچ خىل كېسىش ھالىتى بار. 1- سى (切割标记范围至一个时段) بولۇپ، ئۆزىڭىز ئىختىيارى بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ. 2- سى (切割标记范围至  4 片段) بولۇپ، سىز قانچە بۆلەككە بۆلمەكچى بولسىڭىز 4 دېگەن ساننى  تۇغۇرلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. 3- سى (切割标记范围每600) بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ بەرسىڭىز ھەر بىر بۆلەكنى شۇنچىلىك ۋاقىتتىن قىلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. كۆڭۈلدىكى قىممىتى 600 سېكۇنت يەنى 10 مىنۇت.

    ئىككىنچى قەدەمدە ھۆججەت شەكلىنى بەلگىلەش دېگەن جايدىن ئۆزىڭىز قايسى ھۆججەت شەكلىگە ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز شۇ خىل ھۆججەت شەكلىنى تاللايسىز. بۇ يەردە ھۆججەت شەكىللىرىنى تاللىغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتا سىز بۇ ھاسىل بولغان يىڭى ھۆججەتنى VCD قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتەمسىز ياكى DVD ئۈچۈنمۇ، ۋە ياكى كومپيۇتېرغا سىغىمىنى كىچىكلىتىپ ساقلىماقچىمۇ شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن ھۆججەت شەكلىنى بەلگىلەڭ. ئەگەر VCD قىلماقچى mpeg1, vcd, svcd دېگەندەك تۈرلەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر DVD قىلماقچى بولسىڭىز vob شەكلىنى تاللايسىز. ئەگەر ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان HDVD شەكىلدىكى ھۆججەت قىلماقچى بولسىڭىز Divx, Xvid دېگەن تۈرلەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىغىمىنى كىچىكلىتىپ  كومپيۇتېرغا ساقلاپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، wmv, asf شەكلىنى تاللاڭ.
    ئۈچىنچى قەدەمدە ھاسىل بولىدىغان ھۆججەتنىڭ سۈپىتىنى(
    输出品质) بەلگىلەڭ. ئادەتتە 6-دەرىجە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. فىلىم ھۆججىتىنىڭ ئېگىزلىك ۋە كەڭلىكىنى(高度/宽度) بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بەلگىلىمىسىڭىز ئەسلى فىلىم قانچىلىك كەڭلىكتە بولسا شۇنچىلىك كەڭلىكتە چىقىدۇ.

    تۆتىنچى قەدەمدە يىڭى ھۆججەتنى چىقىرىپ بېرىش مۇندەرىجىسىنى بەلگىلەپ بەرمىسىڭىز دېتال ئۆزى كۆڭۈلدىكى قىممەت بويىچە بىۋاسىتە C:\AoneSoftOutput مۇندەرىجىسىگە چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەگەر يىڭى ھۆججەتنى چىقىرىپ بېرىش مۇندەرىجىسىنى بەلگىلەپ بەرسىڭىز شۇ مۇندەرىجىگە چىقىرىپ بېرىدۇ. مۇندەرىجىنى بەلگىلەش ئۈچۈن(输出目录) دېگەن خەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مۇندەرىجە نامى يېنىدىكى  كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، مۇندەرىجە بەلگىلەش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ. شۇ يەردىن ئۆزىڭىز خالىغان مۇندەرىجىنى بېكىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
    ئەگەر بىز فىلىمنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى كېسىپ ئېلىپ ئايرىم ھۆججەت قىلىپ ساقلاپ قويماقچى بولساق، ئالدى بىلەن سۆرەش تالچىسنى سۆرەش ئارقىلىق فىلىمنى كېسىپ ئالماقچى بولغان جاينىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا ئەكېلىپ، كونترول كۇنۇپكىلىرى ئارىسىدىكى باشلىنىش نۇقتىسىنى بەلگىلەش   كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن يەنە كېسىپ ئالماقچى بولغان جاينىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا ئېلىپ كېلىپ، ئاخىرقى نۇقتىنى بەلگىلەش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئەگەر خاتا بەلگىلىنىپ قالغان بولسا، بەلگىلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كۇنۇپكىسى  نى بېسىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئاندىن يەنە قايتىدىن بەلگىلىسەك بولىدۇ. ئاندىن كېسىش (
    分割) دېگەن كۇنۇپكىنى  باسساق، كېسىشنى باشلايدۇ. كېسىش ئاخىرلاشقاندا كۆرسەتمە ئۇچۇر چىقىرىپ بېرىدۇ.

    ئەگەر سىز فىلىمنى كەسمەستىن پۈتۈن فىلىمنى بىراقلا باشقا خىلدىكى فىلىم ھۆججىتى شەكىلگە ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز، كېسىش ھالىتىنى يەنىلا 1-تۈرگە توغۇرلاپلا، بىۋاسىتە كېسىش دېگەن كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز ھۆججەت ئۆزگەرتىشنى باشلايدۇ.

    ئەگەر سىز پۈتۈن  فىلىمنى تەپمۇ-تەڭ بىر قانچە بۆلەككە بۆلمەكچى بولسىڭىز، كېسىش ھالىتىدىن  ئىككىنچى تۈرنى يەنى  (切割标记范围至  4 片段)  نى تاللاپ، قانچە بۆلەككە بۆلمەكچى بولسىڭىز 4  دېگەن ساننى شۇنچىگە تۇغۇرلاپ قويسىڭىز، شۇنچە بۆلەككە بۆلۈپ چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەگەر كېسىش ھالىتىنى 3- تۈرگە يەنى (切割标记范围每600) توغرىلىسىڭىز بارلىق فىلىمنى ۋاقتى ئوپمۇ ئوخشاش بولغان بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈپ چىقىرىپ بېرىدۇ.  بۇ ئىقتىدارلىرى فىلىملەرنى يۇكۇ ياكى www.56.c56om  غا ئوخشاش تور بەتلىرىگە فىلىم يوللايدىغانلار ئۈچۈن ناھايىتى ئەس قاتىدۇ.

    ئەگەر سىز  بىر قانچە AVI ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ھۆججەت قىلماقچى بولسىڭىز. AVI Joiner ياكى AVI/WMV/RM视频文件合并工 دىگەندەك قوراللارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ قورالنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ ئالالايسىز.

    http://www.downbai.com/wdown/5662.html

    دەرسلىكتە سۆزلەنگەن  دېتالنى توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:

     

    http://www.quick8.cn/soft/00134.htm

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !