باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Windows نىڭ دەۋرى ئاخىرلىشامدۇ؟

    ۋاقىت:2008-07-31 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/26425017.html

    يېقىندا چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفت ھازىر بىر تۈرلۈك مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ سىستېمىنىڭ ئىسمى Midori بولۇپ، Windows قا ئوخشىمايدىغان باشقىچە مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپWindows نى تاشلىۋېتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تەييارلىق ئىكەن.
    ئىنتېرنېت تورىنىڭ كۈندىن -كۈنگە شەخسى كومپيۇتېر ساھەسىدە ئومۇملىشىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەۋھۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە گۈللىنىشىگە  ئەگىشىپ، يىگىرمە يىلدەك دەۋر سۈرگەن
    Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تاشلىۋېتىلىشى )بىراك قىلىنىشى(ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغان.
    مىكروسوفت شىركىتى بۇ كۈننىڭ ھامان بىر كۈنى يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى  چۈشەنگەن بولۇپ،  ئاللىبۇرۇن بىر تۈرلۈك ، نامى
    Midori بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى پىلانىنى باشلىۋەتكەن. Midori بولسا بىر تۈرلۈك بۆلەكلەشكەن، Windows قا ئوخشاش بولمىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، مىكروسوفت بۇ ھەقتە كۆپ ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن خەۋەرلەر Modori نىڭ بىر خىل ئىنتېرنېتنى مەركەز قىلغان مەشغۇلات سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى ، نۇرغۇن جەھەتلەردە يەرلىك قوللىنىش ۋە قاتتىق دېتال سەپلىمىسى جەھەتتە مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

    ئىگىلىنىشىچە مىكروسوفت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلگىرى بىر تۈرلۈك«تەنھا مەشغۇلات سىستېمىسى» دېگەن تۈرى بولۇپ، بۇنىڭ يادروسىنىڭ » يۇمشاق دېتالنىڭ ئىجرا بولۇشىدىن مۇستەقىل بولۇش » (立于软件的进程)بولۇپ، ھەر قايسى يۇمشاق دېتاللار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا تايىنىش ئەڭ چوڭ دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، Modori بولسا، بۇ تۈرنىڭ بىر تارمىقى ئىدى.
    تەھلىلچى
    Brian Madden مۇنداق دېگەن : مەۋھۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇنقىغا ئوخشاش مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاش، ئاندىن يەنە يۇمشاق دېتال قاچىلاشتەك ئۇسۇل ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالىدۇ. مەۋھۇم كومپيۇتېر خېلى ئومۇملاشتى يەنە بۇرۇنقىدەك قىلىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
    ئۇ يەنە : كەلگۈسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى ئۆزى بىر مەۋھۇم كومپيۇتېر. ئۇ ئابونتلار بۆلىكىگە تايانغاچقا، يۆتكەپ كېلىش ناھايىتى ئاسان دېگەن
    .
    Midori غا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلارغا قارىتا، ئۇمۇ ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ  يەنە » ئېھتىياجغا قارىتا مۇلازىمەت قىلىش يۆلىنىشىدىن قارىغاندا، ئىنتېرنېتنى مەركەز قىلغان ھالدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا ئالاقە ئىلىپ بېرىش مەنتىقىغا ئۇيغۇن. ئۇ يەنە: ھامان بىر كۈنى كىشىلەر ئۆزىنىڭ Windows قا ھاجىتى چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. مىكروسوفت بولسا ، بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ . دېگەن.
    ئەمەلىيەتتىمۇ مىكروسوفتمۇ ئىزچىل ھالدا مەۋھۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇلازىمېتىر مەشغۇلات سىستېمىسىدا
    مەۋھۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىشتىن باشقا، ئۇ يەنە يىڭىدىن Hyper-V ناملىق مەۋھۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئېلان قىلدى.ئۇندىن باشقا مىكروسوفت يەنە مەۋھۇملاشتۇرۇش ۋە ئائىلە كومپيۇتېرىنى مەۋھۇملاشتۇرۇش بازىرىغا قاراپ يۈرۈش قىلماقچى.
    مەۋھۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مىكروسوفت نۇرغۇن قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىش مەسىلىسىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ مەسىلە بولسا مىكروسوفتنىڭ يىڭى مەشغۇلات سىستېمىسى
    Vista نى قىيناۋاتقان نۇقتا.
    پەن- تېخنىكا مۇلازىمەت-مەسلىھەت بېرىش شىركىتى
    Twentysix New York نىڭ مەسئۇلى Andrew Brust مۇنداق دەيدۇ:
    ئەگەر
    Midori راستلا خەۋەردە دېيىلگەندەك بولسا، بۇنى بىر تۈرلۈك زور ئىلگىرىلەش دېيىش كېرەك. ئەمما مىكروسوفتقا نىسبەتەنبۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەكمۇ تەس.

    ئۇ يەنە : تېخنىكىنىڭ مۇرەككەپلىكى تەرەپتىن باشقا، Midori يەنە بىر مەھسۇلاتنىڭ تەتقىق قىلىنىشتىن سودىدا ئىشلتىلىشىگىچە بولغان ئازابلىق مۈرەسسەگە يۈزلىنىشى كېرەك. يىڭى مەھسۇلات يارىتىپ، Google بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن مىكروسوفت بۇ خىل مەھسۇلاتقا بەكمۇ موھتاج. شۇڭا مىكروسوفت مەھسۇلاتنى باشقۇرۇشقا قۇلاي بولۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن 23 يىل ساقلاپ كەلگەنWindows ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلىشى كېرەك.

    مەنبە : http://server.zol.com.cn/101/1018929.html


     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !