AD-242-60
يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، ‹بېلنى قوغلاپ ئۆلتۈرۈش› ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ھەرىكەتلىك فىلىمى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى قورقۇنچلۇق فىلىم ئىشلەش شاھى كۈۋەنتىن تارانشىن رېژىسسورلۇق قىلغان.
بۇ فىلىم قورقۇنچلۇق فىلىملەردىكىگە ئوخشاش ۋەقەلىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم قورقۇنچلۇق بولۇپ كىشىگە ئىنتايىن سۈرلۈك تۇيغۇ بېرىدۇ. فىلىمدە ئاساسلىق ئۇما زۇرمان رول ئالغان قىزنىڭ توي مۇراسىمىدا قەستكە ئۇچراپ پۈتۈن يەر قىپقىزىل قان بىلەن بويالغانلىقى، بەختكە يارىشا كېلىنچەكنىڭ ھاياتىنىڭ ئامان قالغانلىقى، ئەمما تۆت يىلدىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ھەر خىل چامباشچىلىق ماھارەتلىرىنى مەشىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆچ ئېلىش يولىغا قەدەم قويغانلىقىدەك مەزمۇن سۆزلەنگەن.
يېقىندا مىرامەكس فىلىم ئىشلەش شىركىتى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدىكى ئەزەلدىن ئاشكارىلىنىپ باقمىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەرنى ئاشكارىلىغان. ئۇلارنى كۆرگەندە قورقۇنچلۇق فىلىم كۆرگەندەك بولىسىز.