
چەتئەل تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگلىيىلىك بىر ئەر دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن مۇۋاپىق خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ 10يىل كۆڭۈل قويۇپ ئۆستۈرگەن بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېچىنى كېسىۋەتكەن.
29ياشلىق تىموزىي پرايس ئەنگلىيىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ بۇ يىل پۈتتۈرىدۇ. ئۇ 2002-يىلىدىن باشلاپ چېچىنى كېسىپ باقمىغان. ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر كېلەتتى. ئەمما مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئايالى ۋە بالىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ساتىراشخانىغا بېرىپ ئۇزۇن چېچىنى كېسىۋەتكەن. ئۇ بۇ چاچنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، توردا 600فوندستېرلىڭ باھا قويۇپ كىم ئارتۇق قىلىپ ساتماقچى بولغان.