ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئون پادىشاھ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> ئىقتىسادى خەۋەرلەر >>
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئون پادىشاھ
 يوللىغۇچى:adiljan  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:724  

 

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى فاھىد (Fahd Ibn Abdul-Aziz)

بايلىقى: 25 مىليارد ياۋرو

   دۇنيادىكى ئەڭ باي بۇ پادىشاھ غايەت زور سوممىلىق نېفىت كىرىمىنى باشقۇرىدۇ ، سودا ۋە بانكىنى كونترول قىلىدۇ ، پايچەك ۋە شىركەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ ، ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۆچمەس مۈلۈك سېتىۋالغان . 1000 دىن ئارتۇق ئۇرۇق–تۇغقىنى ئۇنىڭغا تايىنىپ ھايات كەچۈرىدۇ .

 


بىرۇنېي سۇلتانى ھاجى (Haji Hassanal Bolkiah Mu'izzadin Waddaulah)
بايلىقى: 13 مىليارد ياۋرو
 
   بۇ كىچىك پادىشاھلىق بورنېئو ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ ، كۆلىمى ئىسپانىيەنىڭ ماللوركا ئارىلىدىن ئازراقلا چوڭ ، نوپۇسى 400 مىڭغا يەتمەيدۇ ، لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ يەر ئاستى نېفىت زاپىسى مول بولغاچقا، ئاتا–بوۋىسىنىڭ ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان سۇلتان دەرىجىدىن تاشقىرى بايغا ئايلانغان . ئۇنىڭ خوتۇن–توقاللىرى كۆپ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئوردىسى بار . ئوردىنىڭ زىياپەت زالىغا 4000 مېھمان سىغىدۇ . ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بىباھا گۆھەرلەرنى يىغىپ ساقلىغان ، Rolls-Royce ماركىلىق ئاپتوموبىلىدىن 181 ى ۋە 20 نەچچە خۇسۇسىي ئايروپىلانى ھەم ئۆزىنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى بار.


ئومان سۇلتانى قابۇس (قابوس بن سعيد آل سعيد‎‎)
 
بايلىقى: 12 مىليارد ياۋرو
 
   ئومان پادىشاھلىقى سەئۇدى ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئۇنىڭ بومبا ساقاللىق مۇستەبىت پادىشاھى نېفىتقا ئىگىدارچىلىق قىلىپلا قالماي ، يەنە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىدۇ . قابۇس مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا بەك ئۇستا ، ئۇ مەبلەغنى ساياھەت ، بانكا ۋە بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەرگە سالغان . ئۇنىڭ 22 مىڭ 500 پۇقراسىنىڭ كۆپى ‹‹ئىنجىل›› دا تەسۋىرلەنگەندىكىدەك ئىپتىدائىي ھالەتتە ياشاۋاتىدۇ . ئۇ كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ياخشى كۆرگەچكە ، بىر خۇسۇسىي مۇزىكا زالى سالدۇرغان.



قاتار ئەمىرى ھاماد (Sheikh Hamad Bin Khalifa Al-thani)
بايلىقى: 11 مىليارد ياۋرو
 
   بۇ دۆلەتنىڭ يەر كۆلىمى گېرمانىيەنىڭ تۇرىنگېر ئۆلكىسىدىنمۇ بەك كىچىك بولۇپ ، نوپۇسى بىر مىليونغىمۇ يەتمەيدۇ ، لېكىن نېفىت بۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنى باي قىلىۋەتكەن . باشقا كىچىك دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرىغا ئوخشاش ھامادمۇ شان - شۆھرەتكە ئامراق : ئۇ قاتارنىڭ خەلقئارادىكى شۆھرىتىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا ئىزچىل تۈردە تېننىس توپ مۇسابىقىسى ، گولف توپ مۇسابىقىسى ، ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ۋە كېمە ھەيدەش مۇسابىقىلىرىنى تەسىس قىلىپ ، ئۇتقانلارنى يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلاۋاتىدۇ .



كۇۋەيت ئەمىرى جابىر (Jabir)
بايلىقى: 10 مىليارد ياۋرو
 
   سادام كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ، جابىرنىڭ مۈلۈك گۇرۇپپىسىنى بۇزۇۋەتتى: ئىراقلىقلار ئۇنىڭ دۆلەت خەزىنىسى ۋە بانكا ئامانەت پۇلىنى بۇلاپ ، قاق سەنەم قىلىپ قويدى . بىراق ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە بەھرەيىنگە ئوخشاش ، جابىرمۇ خۇددى جەمەتىنىڭ شىركىتىنى باشقۇرغاندەك نېفىت ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان بۇ قۇملۇق دۆلىتىنى باشقۇرۇۋاتىدۇ . ئۇ پايدىسى كۆپ سودىنى كونترول قىلىدۇ ، چەت ئەل شىركەتلىرى ۋە ئاكسىيە بازارلىرىغا كۆپ مىقداردا مەبلەغ سالغان ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يەر سېتىۋالغان ، يەنە نۇرغۇنلىغان بانكىلاردا پېيى بار . قارىغاندا جابىر سادامنىڭ بۇلاڭ–تالىڭىدىن ئاللىقاچان قۇتۇلۇپ ، دەرمانىغا كەلگەندەك قىلىدۇ .


لۇكسېمبۇرگ كىنەزى ھېنرى (Henri)
بايلىقى: 5 مىليارد ياۋرو
 
   بۇ چوڭ كىنەز ھازىرقى بارلىق پادىشاھلار ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ قالغانلارنىڭ بىرى . ئەمەلىيەتتە ، ئۇنىڭ جەمەتى لۇكسېمبۇرگ زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەپ بولدى ، ئۇ بانكا ۋە كانلارغا پاي قوشقان بولۇپ ، بىر تالاي پايچېكىگە ئىگە بولغان ، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەرگىمۇ مەبلەغ سالغان . ئەلۋەتتە ، ئۇ باجدىن قاچقىلى بولىدىغان بۇ جەننەتكە جەلپ قىلغان چەت ئەل مەبلىغىدىنمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن .

 


 

ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابت Elizabeth) II)
بايلىقى: 4 مىليارد ياۋرو
 
   ئۇ كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنچە باي ئەمەس ، ئەگەر سەللا بىخەستەلىك قىلسا ، ‹‹خاررى پوتتېر›› نىڭ ئاپتورى J.K. Rowling ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ . بىراق ، ئۇنىڭ نىمىلا بولسۇن يەنە ئالتە ئوردا–سارىيى بار ، يىغىپ ساقلىغان سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە پوچتا ماركىلىرىنىڭ قىممىتى بىباھا بولۇپ ، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ . ئۇنىڭ يەنە ئۈنچە– مەرۋايىتلىرى ، كەڭ يەر–زېمىنى ۋە 100 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى پېيى بار . پۈتۈن خان جەمەتى ئىچىدە ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ كۆپ ، بۇمۇ ئۇنىڭ بايلىقى.



ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Sidi Mohammed) VI)
بايلىقى: 3 مىليارد ياۋرو
 
   ئۇنىڭ پادىشاھلىقى بۇ دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىلى ئۈچ ئەسىر بولغان بولۇپ ، بەزىدە ئىنتايىن مۇتلەق ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ قالغان . ماراكەش خان جەمەتىنىڭ ئون نەچچە ھەشەمەتلىك ئوردىسى بار ، ئوردىنىڭ ۋەزىرلىرى خۇددى ‹‹ مىڭ بىر كېچە›› دە تەسۋىرلەنگەنگە ئوخشاش شۇنداق كۆپ . ماراكەش خان جەمەتىنىڭ فىرانسىيە ، ئىسپانىيە ۋە ئامېرىكىلاردا يەر– زېمىنى بار.


بەھرەيىن ئەمىرى ھاماد (Sheikh Hamad Bin Isa al-Khalifa)
بايلىقى: 2 مىليارد 500 مىليون ياۋرو
 
   بۇ ‹‹ھۆكۈمران›› نېفىت ۋە كۆپلىگەن سانائەت كارخانىلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، پايدىسى بەك كۆپ . ھاماد بەھرەيىننىڭ مۇستەبىت پادىشاھى، دۆلەت ئۇنىڭ جەمەتىدىن قالغان مىراسى . بەھرەيىن پارلامېنت ۋە سىياسىي پارتىيە مەۋجۇت بولمىغان بىر مۇستەبىت دۆلەت بولۇپ، بارلىق ئىشلار ھامادنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ شەخسەن ئۆزى نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەرگە پاي قوشقان، ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن يەر–زېمىن سېتىۋالغان ، بىر تالاي پېيى بار . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ قولىدا يەنە روناق تاپقان ئىمپورت–ئېكىسپورت سودىسى بار.


ليېچتېنستېين كىنەزى خانس ئادام Hans - Adam) II)
بايلىقى: 2 مىليارد 500 مىليون ياۋرو
 
   بۇ ۋارسلىق ھوقۇقىغا تايىنىپ ئەمەس ، بەلكى سېتىۋېلىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتكە ئېرىشكەن دۇنيادىكى بىردىنبىر خاندانلىق. كىنەز ھانس ئادام II باجدىن قاچقىلى بولىدىغان بۇ جەننەتكە يالغۇز دېگۈدەك ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ كۆپلىگەن پايدىسى كۆپ سودىلارغا قاتناشقان ، ساقلىغان سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ . ئۇ ئاۋستىرىيە ، شىۋېتسارىيە ۋە چېخلاردىن كۆپلەپ يەر–زېمىن سېتىۋالغان ھەمدە ئۆز ئائىلىسىنىڭ بانكىسىدىكى نەچچە يۈز مىليون ياۋروغا ۋارسلىق قىلغان ، ئۇ نۇرغۇن پاي سېتىۋالغان ھەمدە نۇرغۇن كارخانىلارغا پاي قوشقان .

 

يېڭى خەۋەرلەر
 ئايروپىلان قانىتىدا تۇرۇپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن يۈرەكلىك قىز-يىگىت
ئايروپىلان قانى...
 روسىيىلىك بىر ئېنژىنىر 82يىل بۇرۇن مېڭىسىگە ئوق يەپ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زىيان يەتمىگەن
روسىيىلىك بىر ئ...
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ مودېللارنى كۆرگەنمۇ
دۇنيادىكى ئەڭ قى...
 ئوقۇر ئاتلىغان «KTV» خانا قىز مۇلازىمىنىڭ چىرايى بۇزۇۋېتىلدى
ئوقۇر ئاتلىغان ...
 ئىسرائىلىيە گازا رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە گاز...
مەرھۇم لىۋىيە رەھبىرى كازافىينىڭ 20 توننا ئالتۇنى بايقالدى
مەرھۇم لىۋىيە رە...
 ھەددىدىن زىيادە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇۋالغان «خوتۇنپۇرۇشلار»
ھەددىدىن زىيادە...
بىلەكسىز دۇمباق چالغاننى كۆرگەنمۇ؟(9)
بىلەكسىز دۇمباق ...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەركىزى شەھەرنىڭ مال باھاسى...
نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ قالايمىق...
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە 21 ئۆلكە،شەھەر ئەڭ تۆۋەن مائ...
جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى بايلىق يارىتىش مۇساب...
ىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات...
ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگو ئۈستىدىن ئەرز قىلدى
كېنىيە جۇڭگو ئىقتىسادىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشى كې...
خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرۋوت نى...
ياپونىيە ھۆكىمىتى توكيو ئىلېكتىر ئېستانتىسىغا ت...
4-ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ CPI ئوخشاش نىسبەتتە %5.3 ئاشقان
نىيۇيورۇكدا ماي باھاسى ئۇدا 5 كۈن چۈشۈپ ھەر بىر تۇ...
نىيورۇكنىڭ ماي باھاسى 4 كۈن ئۇدا چۈشتى
نىيۇيورۇكدىكى ئالتۇننىڭ باھاسى %1.1 چۈشتى
نىيۇيورۇكدا ماي باھاسى %2 چۈشتى
ياۋرۇ ئامېرىكا پاي بازىرىدىكى باچىكىنىڭ ئۆسۈش چۈ...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603