ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى يۈزلىنىشكە نەزەر - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> مائارىپ-ئىمتىھان >>
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى يۈزلىنىشكە نەزەر
 يوللىغۇچى:佚名  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:95  

2011 – يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدە پائال، مۇقىم بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئەسلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى لايىھەسىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقى ساقلىنىپ، كۆپ خىل باھالاش ئەندىزىسى قوللىنىلدى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى: ‹‹ئالىي مەكتەپ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى + ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىسى + ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسى + يەرلىك ئورۇن ۋە مەكتەپ ئىمتىھانى(سىناق)››، يەنى، 2011 – يىللىق ئالىي مەكتەپ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى يەنىلا تۈركۈملەر بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىشنى تىزگىنلەش نومۇر چېكى بەلگىلەش ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئارخىپ چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسى، يەرلىك ۋە مەكتەپنىڭ ئىمتىھان (سىناق) نەتىجىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىشىغا بېرىلىدۇ.

  ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىسلاھ قىلىنىدۇ:

  (1) ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن بويىچە ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر ۋە ھازىر ئىمتىھان ئېلىنىۋاتقان پەنلەردە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، يەنىلا ‹‹+3ئىجتىمائىي ئۇنىۋېرسال پەن /تەبىئىي ئۇنىۋېرسال پەن›› ئىمتىھان پېنى تەسىس قىلىنىدۇ. ئەمما تەنتەربىيە، سەنئەت مەكتەپلىرىگە يەككە ياكى قوش ئىمتىھان بېرىدىغانلار ئۈچۈن ‹‹+3 تېخنىكا پەنى›› ئىمتىھان پېنى تەسىس قىلىنىدۇ. ‹‹3›› ‹‹ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل (خەنزۇ) تىلى››نى، ‹‹X›› بولسا تەنتەربىيە ۋە سەنئەت مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بېرىدىغان تېخنىكا پەنىنى كۆرسىتىدۇ.

  (2) ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىدىغان ئاساس قىلىنىدۇ. ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ دەرىجىسى ماس نومۇرغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى دەرىجە نومۇرى يۇقىرى بولغان ئوقۇغۇچى ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

  (3) ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ مەزمۇنى ئېلېكتىرون ئارخىپ شەكلىدە كۆرسىتىلىدۇ، باھالاش نەتىجىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ئاساسى قىلىنىدۇ. يەرلىك ئورۇن، مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان (سىناق) پەنلىرى (ئاساسلىقى تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي پائالىيەت، يەرلىك ۋە مەكتەپ دەرسلىكلىرى، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە ۋە تېخنىكا دەرسلىكىنىڭ تەجرىبە مەشغۇلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ دەرىجە نەتىجىسى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرون ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

  (4) 2011 – يىلى چەت ئەل (خەنزۇ) تىلى ئىمتىھانىدا، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانى چوقۇم ئېلىنىدىغان ئىمتىھان مەزمۇنى قىلىنىدۇ، ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نومۇرىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، قوبۇل قىلىنغاندا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلىدۇ، پايدىلىنىش – پايدىلانماسلىقنى ئالىي مەكتەپ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ]ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن باشقا يازما ئىمتىھاندا بېرىلىدىغان 120 نومۇر 150 نومۇرغا تەڭشەلدى، تەڭشەپ ئالماشتۇرۇش چارىسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىدىن باشقا قىسىمدىن ئالغان ئىمتىھان نەتىجىسى 1.25 كە كۆپەيتىلىپ، چەت ئەل(خەنزۇ) تىلى نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

  يۇقىرىقى ئىسلاھات سىياسەتلىرى 2008 – يىلى مەكتەپكە كىرگەن تولۇق 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىپ، 2011 – يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ. كېيىن ھەر يىلى تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئاساسەن، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى، ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسى، يەرلىك ئورۇن ۋە مەكتەپنىڭ ئىمتىھان (سىناق) پەن باھا نەتىجىسىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتىكى پايدىلىنىش سالمىقى تەدرىجىي زورايتىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا تىزىملىتىشنى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئارزۇسىنى توردا تولدۇرۇش، يىغىش، قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنى كۆپەيتىش، ئارزۇسىنى باراۋەرلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:بىرىنچى، ئارزۇسىنى توردا تولدۇرۇش، يىغىش تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلىدۇ. ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئارزۇ تولدۇرۇش كارتىسىنى بوياش، قوبۇل قىلغاندا ئارزۇنى تېلېفون ئارقىلىق يىغىش، ئارزۇنى توردا تولدۇرۇش، قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئارزۇنى تۈركۈم بويىچە توردا يىغىشقا ئۆزگەرتىلىدۇ.

  ئىككىنچى، قوبۇل قىلىش تۈركۈمىدىن ئىككىسى كۆپەيتىلىدۇ. تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمىنىڭ ئالدىنقى تۈركۈمى ]مۇستەقىل ئىنستىتۇتلار (ئەسلىدىكى 2 – دەرىجىلىك ئىنستىتۇت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە پۇقراۋى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىنىڭ سەنئەت، تەنتەربىيە تولۇق كۇرس كەسىپلىرى[ ۋە ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) 2 – تۈركۈمى ]باشقا ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى[ كۆپەيتىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، 2011 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز خەنزۇ تىلى سىنىپى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى سىنىپى، خەنزۇچىدە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەتلەر سىنىپى، موڭغۇل تىلى سىنىپى، ‹‹قوش تىل›› سىنىپىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخ، تەبىئىي پەنلەر تۈرىدىكى مەخسۇس كۇرس 1 – تۈركۈمدىكى مەكتەپلەردە ئارزۇ تولۇق باراۋەرلەشتۈرۈلىدۇ، باشقا تۈركۈملەردە ئارزۇ تولۇق باراۋەرلەشتۈرۈلۈش ۋاقتىنچە يولغا قويۇلماي، يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2010 – يىلىدىكى قوبۇل قىلىش ئەندىزىسى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا ئارزۇنى باراۋەر ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ، دېگەنلىك مەلۇم بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىش تۈركۈمىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باراۋەر، ئەمما تىزىملىتىش تەرتىپى بار بىر قانچە مەكتەپنى ئارزۇسىغا تولدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىپ، ‹‹نەتىجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش›› پىرىنسىپى بويىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىك تەرتىپى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئارزۇ تەرتىپىگە ئاساسەن ئارخىپ چىقىرىش، چىقىرىلغان ئارخىپنى بىرىنچى ئارزۇ دەپ قاراپ، ئالىي مەكتەپلەر ئالدىن قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  يۇقىرىقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا يولغا قويۇلۇۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولدى، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىدۇ.

  ھازىر، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى، 2011 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 118 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى(بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا 60 مىڭدىن ئارتۇق، مەخسۇس كۇرسقا 58 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى) قوبۇل قىلىنماقچى؛ بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ئارتۇق؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتىدىكى مەكتەپلەرگە 51 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچىدىكى مەكتەپلەرگە 65 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى(بىڭتۈەن، ‹‹كەسپىي ئوتتۇرا، ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىكا مەكتەپلىرى›› پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قوبۇل قىلىنماقچى، ئېشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنىدىغانلار 4500دىن، مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىنىدىغانلار 6700 ئارتۇق كۆپەيتىلدى. پىلاندىكى سان ئالدىنقى يىللاردىكىدىن كۆپ، ئىمتىھان بېرىدىغانلار سانى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئاز بولۇپ، پىلان بىلەن ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئالدىنقى يىللاردىكىدەك كۈچلۈك ئەمەس. ئومۇمەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش بېسىمى سەل يېنىكلىدى، ئەمما ياخشى مەكتەپكە كىرىش زىددىيىتى يەنىلا گەۋدىلىك.

 

مەنبەسى تەڭرىتاغ تورى


 

 

يېڭى خەۋەرلەر
ئالما بىلەن سەنشىڭنىڭ پاتىنېت جېڭىدە ئادۋوكاتلار قانچە پۇل تاپتى
ئالما بىلەن سەنش...
ئالما OS X Mountain Lion مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەتە بازارغا سالماقچى
ئالما OS X Mountain Lion ...
2D باش سۈرىتىنى 3D مودېلىغا ئايلاندۇرۇشتىكى ئەڭ ئاددىي تېخنىكا بارلىققا كەپتۇ
2D باش سۈرىتىنى 3D ...
2012-يىللىق داڭلىق ماركىلق يانفونلار رەت تەرتىپى
2012-يىللىق داڭلىق...
USB ئېغىزلىق SD كارتىسى 24.99دوللارلىق باھا بىلەن بازارغا سېلىندى.
USB ئېغىزلىق SD كار...
گۈزەل چولپانلار ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
گۈزەل چولپانلار ...
جاڭ بوجىنىڭ ئەرەنچە ياسىنىپ چىققان فىلىمىدىكى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
جاڭ بوجىنىڭ ئەرە...
بېكخامنىڭ يەنە بالىلىق بولۇش پىلانى ۋېكتورىيەنى چۆچۈتۈۋەتتى
بېكخامنىڭ يەنە ب...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى...
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدىكى يېڭى ئۆزگى...
گۇيياڭ بىر ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بىردىغان ئوقۇغۇ...
دۆلىتىمىز ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش ئەڭ راھەت ئى...
بوغۇنلار ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان شام
قاغىلىقتا 50نەپەر ئوقۇغۇچى 30مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپا...
قۇمۇلدا سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلى...
ئاۋات بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 ...
ئۇلۇغچات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ...
سۈرەتلىك خەۋەر
فۇكاڭ شەھىرى مەكتەپ–كارخانا سۇپىسى ھازىرلاپ،ئەم...
سۈرەتلىك خەۋەر
ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوق...
قوراللىق قىسىم بارىن يېزىسىدىكى قىيىنچىلىقى بار ...
ئونسۇ ناھىيەلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526