باش بەت / ساقلايمەن

كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (5)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-21 13:30 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    زىبا شورپا تۆكۈلۈپ كەتكەن كۆينىكىنى قېقىشتۇرۇپ، يىنىدىكى قىزغا دەپ ياتىقىدىن بىر قۇر كىيىم ئەكەلدۈردى ۋە ئاشخانا يىنىدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى ھاجەتخانىسىغا كىرىپ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپلا، خاتىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۈلۈشكۈن ئۇ بۇ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ ئالدىراشچىلىقتا خاتىرىنى ئۇنتۇپ قالغان، رۇخسەت ئېلىشنىڭ ئالدىراشچىلىقى ۋە باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ، تېخى ئاخشاملا خاتىرىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ ئىنتايىن تىت- تىت بولغان ئىدى. ئويلا-ئويلا ئاخىرى ئاشخانىدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. «ئاشخانىدىكىلەر تېپىۋالغان بولسىغۇ قايتۇرۇپ بىرەر، لىكىن تاماق يىگىلى كىرگەنلەر تىپىۋالغان بولسىچۇ؟! بۇ خاتىرىنى تاپالىشىم ناتايىن».

    زىبا ئاشخانىدىن چىقىپ كەچكە يېقىن ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقتى. ئەسلى يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۆيدىكىلەرگە تېلىفون قىلىپ خەۋەر قىلىشنىمۇ ئويلىغان، لىكىن نىمىلەردىندۇر ئەنسىرەپ تىلىفون قىلمىدى. ئانىسى گىپىنى قىلغان ھېلىقى بالا ئالدىغا چىقىپ قالسا ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ كىتىشى، ھېچبىر ئىشى ئوڭغا تارتماسلىقى مۇمكىن. ئۇ مۇشۇ سەپەرنى ئۆزىگە بىرىلگەن بىر ئويلىنىش، ئەسلەش پۇرسىتى دەپ ئويلىدى.

    زىبا ھەر ھالدا ئۆزىنى بەختلىك ھىس قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسمۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئامراق، ئۇلار ھەر ئىككىلىسى ئوقۇتقۇچى بولغاچقىمىكىن زىبا مەكتەپكە كىرمەستىلا ساۋادى چىقتى، مەكتەپتىمۇ تىرىشىپ ئوقۇدى. ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ خەنزۇ تىلى مەخسۇس كۇرس ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. زىبا ئەسلى چىڭخۇا، فۇدەن ئۇنۋىرسىتىتىدا ھىچ بولمىسا شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتىتىدا ئوقۇش ئارزۇسى بار، نەتىجىسى ياخشى، ئىرادىلىك ئوقۇغۇچى ئىدى، ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى. ئەپسۇس، زىبا ئاخىرقى يىلى چىكىنىپ كەتتى. ئىمتىھاننىمۇ كۆڭۈلسىزلا بەردى.« ئەگەر ئۆتەلمەي قالساڭ قايتا ئىمتىھان بېرىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما، ئەقىلسىز زىبا»دەيتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە. ھەممە ئادەمنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان، چىرايلىق ھەم ئەخلاقلىق تىرىشچان بۇ قىزنى يىقىن دوستلىرى «ئۆگىنىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ھىسىياتسىز مەخلۇق» دەپ ئاتايتتى. دەل مۇشۇ «ھىسىياتسىز مەخلۇق» ھىسىيات توزىقىدىن ئاتلاپ ئۆتەلمىدى. تولۇق 1-يىللىقنى پۈتتۈرىدىغان يىلى 4-ئايلاردا ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى يەڭگىگەنلىكى سەۋەبلىك، يېڭىدىن پىراكتىكا قىلىش ئۈچۈن بۇ مەكتەپكە كەلگەن ئەنقەر مۇئەللىم ئۇلارغا خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتتى ھەم قوشۇمچە سىنىپ مۇدىرى بولدى. ئىگىز بوي، ھەمىشە دىگۈدەك پادىچىلار شىمى ۋە ئاق كۆينەك كىيىۋالىدىغان ئاق سېرىق بۇ مۇئەللىمنىڭ زىيادە يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا بايلىقى، نۇرغۇن بالىلارنى بولۇپمۇ قىزلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. يەنە تېخى ئۇنىڭ ئىسمىمۇ خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. ئانچە كۆپ كۈلمەيدىغان زىبامۇ بۇ مۇئەللىمنىڭ دەرسىدە شۇنچىلىك ئېچىلىپ- يېيىلىپ كۈلەلەيتتى. 4-ماي ياشلار بايرىمىغا 2 ھەپتە قالغاندا مەكتەپتىن ھەر بىر سىنىپ ئىككىدىن نومۇر تەييارلاشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئىتتىپاق ياچېيكا شۇجىسى بولغان زىبا بۇ ئىشقا مەسئۇل بولدى ھەم بىر كوللىكتىپ ئۇسۇل، بىر ئىتوت تەييارلىدى. كوللىكتىپ ئۇسۇلدا قىزلارنىڭ ئۇسۇلىنى زىبا، ئوغۇللارنىڭ ئۇسۇلىنى ئەنقەر مۇئەللىم ئۆگەتتى. ئۇ ئىككىسى شۇنداق قاملىشىپ ئوينىدى، بىرسى ئولتۇرسا يەنە بىرسى ئەتراپىنى ئايلىنىدىغان ھەرىكەتتە قىز-ئوغۇللار قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇشۇپ تۇراتتى. تېخى بىرەر ئوغۇل بالىغا تىكىلىپ قاراپ باقمىغان زىبانىڭ قولى ئەنقەر مۇئەللىمنىڭ قولىغا تەگكەندە شۇنداق ئەندىكىپ، قىزىرىپ كەتكەن. لېكىن ئەنقەر مۇئەللىم يەنە شۇ شوخلۇقلىرى بىلەن ئويناۋەرگەن ئىدى. ئىش تېخى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى. ئېتوتنى رەپىتىس قىلغاندىن تارتىپ زىبانىڭ كۆڭلى ئۆزىگە بويسۇنمىدى. ئېتوت ۋەقەلىكىدە بىر جۈپ ئەر-ئايال قىزىنى مەكتەپكە ئەۋەتمىگەنلىكى، سىنىپ مۇدىرى ۋە قىزنىڭ ساۋاقداشلىرى ئاتا- ئانىسىغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەن كۆرۈنۈش بار ئىدى. ئەنقەر دادىنىڭ رولىنى، زىبا ئانىنىڭ رولىنى باشقىلارغا كۆرسىتىۋاتاتتى. 

    - ھاي خوتۇن، ماۋۇ ۋات- ۋات مۇئەللىمنى يولغا سال، قىز مىنىڭ... ھاي خوتۇن...

    «ھاي خوتۇن» دىگەن گەپلەرنى دەۋاتقان ئەنقەر مۇئەللىم بۇنى بىر رەپىتىس دەپ ئويلاپ شۇنداق بىخارامان تۇرغان بىلەن، زىبا راستىنلا ئۇنىڭ مۇلايىم ئايالىدەك رول ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا يۈرىكىدە شۇنداق بىر سىما، ئەنقەر مۇئەللىمنىڭ سىيماسى ئويۇلۇپ قالدى. يۈرىكىنىڭ پىنھان جايىدا ئەمدىلا يېلىنجاۋاتقان بىر تال چوغ دوستلىرىنىڭ ئەنقەر مۇئەللىم بىلەن ئۇنى چېتىۋىلىپ قىلغان چاقچاقلىرى ئارقىلىق ئوتقا ئايلاندى. «ئوقۇغۇچىسى ئوقۇتقۇچىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىش نەدە بار؟» دەيتتى زىبا. بىراق، رىئاللىق رەھىمسىز، بۇنداق پىرىنسىپلارغا بويسۇنمايدۇ. يەر شارىنىڭ ئايلىنىش قائىدىسى، قۇياشنىڭ شەرقتىن چىقىپ غەربكە پىتىشى ئۆز قائىدىسىدىن چەتنىمىگەن بىلەن كۆڭۈل ئوخشىمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ «مۇنداق ئادەمنى ياخشى كۆرۈش، مۇنداق ئادەمنى ياخشى كۆرمەسلىك كىرەك» دىگەندەك پىرىنسىپلارنى ۋاقتى كەلگەندە بىر سەپسەتىگە چىقىرىۋىتىدىكەن.

    «ھېسىياتسىز مەخلۇق» ھېچنىمىنى چاندۇرمىدى،لېكىن پۈتۈن ېوي-خىياللىرى، شېرىن چۈشلىرى ۋە مۇھەببىتىنى ېەڭ يېقىن دوستى كۈندىلىك خاتىرىگىلا يازاتتى. پائالىيەت ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن دوستلىرىنىڭ چاقچاقلىرى جايىدا توختاپ قالدى. سىنىپ تېمىغا قىپقىزىل بىر شەرەپ بايرىقى قادالدى، ئەشۇ بايراققا ئەگىشىپ ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ بىر ئوت ساقلىنىپ قالدى. 6-ئاينىڭ بىشىدا ئەنقەر مۇئەللىم پىراكتىكىنى تاماملاپ قايتىپ كەتتى. ئۇ زىبانىڭ يۈرىكىگە بىر ئوتنى سېلىپ قويۇپ كىتىپ قالدى. ئۇ بۇنى بىلەرمۇ؟

    زىبا بۇرۇنقىدەكلا تىرىشىپ ئۆگەندى، يەنە شۇ ئۈن-تىنسىز قەيسەرلىكى بىلەن روھى دۇنياسىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ھىچكىمگە چاندۇرمىدى. بىراق، ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ يۈتۈپ كىتىشى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. زىبا تولۇق 3-يىللىققا چىققان يىلى كۈزدە ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن ئەنقەر مۇشۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندى. زىباغا ئىللىق، چاقچاق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ قويۇشلىرى زىبانى تېخىمۇ ئازابلايتتى. ئەنقەر مۇئەللىم گەرچە ھازىر ئۇلارغا دەرس بەرمىسىمۇ لىكىن ئۇلار كۈندە نەچچە رەت ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. پۇتبول مەيدانىنىڭ بىر بۇرجىكىدە كىتابقا قاراپ ئولتۇرغان زىبانىڭ كۆزلىرى يوشۇرۇن ھالدا ئەنقەر مۇئەللىمنى ئىزدەيدۇ، ئۇنى كۆرگەندىن كىيىن دەرھاللا كىتابقا قارىۋالىدۇ، گەرچە ئەنقەر مۇئەللىم تۆت-بەش يۈز مىتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاراشلىرىنى تۇيۇپ قالىدىغاندەك شۇنداق قىلىدۇ.

    كۈندىلىك خاتىرە. زىبا كۈندىلىك خاتىرىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى دەپ ئويلايتتى. ئەپسۇس، دەل ئەشۇ خاتىرە ئۇنىڭ گۈزەل چۈشلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇنىڭ كىچىككىنە بىخەستەلىكى سەۋەبلىك بارلىق سىرلىرى قۇلاقتىن قۇلاققا يىتىپ پۈتكۈل مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارا بولدى. ئەنقەر مۇئەللىممۇ ئۇنى كۆرسە زورىغا كۈلۈپ باش لىڭشىتىپلا قوياتتى. «قارا كۆز قىز، يەنە ئۆگىنىشكە ماڭدىڭىزمۇ» دىن باشلىنىدىغان چاقچاقلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بۇرۇنقىدەك قىزغىن مۇئامىلە قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇ بىراقلا ئېغىر- بېسىق، تەمكىن يىگىتكە ئايلىنىپ قالغاندەك تۇراتتى. زىبا 1- ئايدا ئاخىرقى قېتىملىق خۇلاسە ئىمتىھانىنى تۈگىتىپلا مەكتەپكە كەلمىدى. خاتىرىسى باشقىلار تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ خۇلاسە ئىمتىھانىغا قەدەر ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئەڭ ئازاپلىق، نومۇسلۇق كۈنلەرنى يەڭدى. باشقىلارنىڭ كەينىدىن پىچىرلاشلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، قىزلار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇدىر ۋە سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئۇنى ئايرىم چاقىرتىپ قىلغان نەسىھەتلىرى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ھار كەلدى. ئەنقەر مۇئەللىممۇ «ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلمىغان» دەپ پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا تەنقىدلىنىپ، ئۆزىنى تەكشۈردى. بۇنىڭ ئۈچۈن زىبا ئۆزىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى تېخى بىخ سۈرمەي تۇرۇپلا ئېغىر كۈلپەتلەرگە دۇچ كەلدى. ھەتتاكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۆيدىكىلىرىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان، گەرچە ئاتا- ئانىسى ئارتۇق گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، زىبا تۈگىشىپلا كەتكەن ئىدى. ئاخىرى ئۇ بىر ئاي ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى ۋە مەكتەپكە بارمىدى. ئىمتىھانغا ئۈچ ئاي قالغاندا دادىسى زىباغا مەسلىھەت سېلىپ ئۇنى ۋىلايەتتىكى تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەكرار سىنىپىغا ئاپىرىپ بەردى. ئۇ ئالى مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانىدىلا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈش خاتىرە سۈرىتىدىمۇ زىبا يوق بولۇپ قالدى. ئۇ زادى نىمە ئۈچۈن ئارزۇسىغا خەنزۇ تىلى كەسپىنى تولدۇرغاندۇ؟ ئەنقەر مۇئەللىمنىڭ تەسىرىمۇ؟ بۇنىڭغا زىبامۇ ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ. غورۇرى كۈچلۈك بۇ قەيسەر قىز 2003-يىلى 9-ئايدا بەردەم ھالدا شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىغا قاراپ يول ئالدى.

    مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن قايتىدىن قەددىنى رۇسلاپ تىرىشىپ ئۆگەندى. ئەسلىدىغۇ ھەرگىز كۈندىلىك خاتىرە يازمايمەن دەپ ئويلىغان، لىكىن ئۇ يەنە يازدى، چۈنكى ئۇ قاباھەتلىك چۈش بۇندىن كىينكى ھاياتىغا سايە تاشلىسا بولمايتتى. ئۇ ئۈچ يىل تىرىشىپ ئۆگەندى، ئارقىسىدىن قوغلاشقان يىگىتلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، بىرەرسىگىمۇ شېرىن جاۋاب بەرمىدى. ئۇ ئەنقەر مۇئەللىمنىڭ ئورنىغا شۇنداق بىر غايىۋى ئوبرازنى سىزىپ چىققان، ئۇ شۇنىڭغا ئەقىدە باغلاپ، بىر ئۆمۈر خىزمىتىدە بولۇشنى ئويلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ « مۇھەببەتنىڭ زادى نىمىلىكىنى بىلمىسەم كىرەك، ئەنقەر مۇئەللىمگە بولغان ھىسىياتىم بەلكى ياخشى كۆرۈش ئەمەستۇ» دەپ ئويلىدى. زىبا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنگە قەدەر تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان مەكتىپىگە قەدەم ئېلىپمۇ باقمىدى. پەقەت ئانچە- مۇنچە ھېيىت بايراملاردا ئۇستازلىرىغا تېلىفون ئۇرۇپ تەبرىكلەپ تۇردى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كىلىپ، بىر ھەپتىدىن كىيىن ئەنقەر مۇئەللىم بىرسى ئارقىلىق زىبانى چاقىرتتى ۋە ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت بەردى. خەتتە ئۇنىڭ زىباغا بولغان مۇھەببىتى يېزىلغان ئىدى. زىبا خەتنى ئوقۇپ بولۇپلا يىرتىۋەتتى- دە، مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى.

    زادى ئەرلەر دېگەن ئۈجمە كۆڭۈل، ئالدامچى، زىبا ئەڭ يىقىن دوستى گۈلزاردىن ئەنقەر مۇئەللىم توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىماي قالدىمۇ؟ ئۇنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان قانچىلىك قىزنىڭ ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى، كىملەر بىلەن ئولتۇرۇپ قوپقانلىقىنى، قانچە قىز بىلەن ئارىلىشىپ بولغىنىدىن تارتىپ ئاڭلاپ تۇردى.

    قىزلار گاھى چاغدا مۇشۇنداق قىززىق قان بولۇپ قالامدۇ ئىشقىلىپ زىبا ئەنقەرگە ئۆز بولۇپ كەتتى. ېۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىغىنى ئەنقەر مۇئەللىمنىڭ زىبانىڭ دوستى گۈلزارغا تەلەپ قويۇپ مەكتەپلىرىگىچە ئىزدەپ بارغىنىنى ئېيتقىنى بولدى. گۈلزار تاكى شۇ چاغقىچە ئەنقەر مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنى قوغلاشقانلىقىنى ئېيتىپ باقمىغان ئىدى. بۇ زىبانىڭ غۇرۇرىغا تەگدى، نېمىگە بۇنچە ئاچچىقى كەلدى، ئەجىبا ھازىرغىچە ئەنقەرنى ياخشى كۆرەمدۇ؟

    زىبا يەكەنگە مۇنبەرگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن يول ئالىدۇ. ئۇ بۇ يەردە يېپيېڭى تۇرمۇشنى، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ خۇشال-خۇرام مەنىلىك ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىماقچى ئىدى. ئۇ ئەمدى ئەنقەرنى ئۇنتۇپ كۈتۈشكە بەل باغلىدى، ئۇ ئەمدۈ يەنە تۇرمۇشىغا سايە بولۇۋالسا بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قانچىلىك قىزلارنى ئالدىمىدى، ئەمدى ھۇجۇمىنى دوستىغا قاراتقىنى نېمىسى؟ يەنە تىخى نومۇس قىلماي كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ يازغان تەسىرلىك خەتلىرىچۇ؟ بۇنداق ھەييار كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى جىق بولىدۇ زادى.

    زىبا يەكەنگە كېلىپ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئەنقەر ئۇنى ئىزدەپ كەلدى. ئۇ خېتىنىڭ جاۋابىنى كۈتىۋېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ زىبانۈڭ يەكەنگە كەتكىنىنى ئاڭلاپ شۇ ھامان كەينىدىن كەلگەن ئىدى.

    -مۇشۇنداق خوشمۇ دەپ قويماي كېتەمسىز؟

    زىبانىڭ ئەنقەرنى شۇنداق تىللىغىسى كەلسىمۇ لېكىن ھېچنېمە دېيەلمىدى. بەلكىم ئەنقەر ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان سەۋەبلىك يەنىلا مۇشۇنداق سۈرى باردۇ؟ شۇڭا ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىۋاتاتتى.

    -ئىشلىرىم كۆپ بولۇپ كەتتى ھەم سەل ئالدىراپ قالدىم.

    -ھېلىقى كۈنى مېنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتتىڭىز كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. بۇ يەردە تۇرماي بىرەر يەردە تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى.

    -كەچۈرسىز، ئاتايىن كەلگەندە مەن مېھمان قىلسام بولاتتى. لېكىن ھازىر ۋاقتىم يوق.

    -نېمىشقا بۇ يەرگە كەلمەكچى بولۇپ قالدىڭىز؟ ئاقسۇدىمۇ ئىش تاپقىلى بولار ئىدىغۇ؟

    - مىنىڭ يۈرگەن يىگىتىم يەكەندە بولغاچقا شۇنى دەپ كەلدىم، بالدۇرراق قايتىپ كىتىڭ، ماڭىمۇ ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەڭ، سىزمۇ ئۆز خىلىڭىزنى تېپىڭ. 

    ئەنقەر زىبانىڭ بۇنچە قاتتىق پوزىتسىيىسى ۋە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئەلەمدىن تولغىنىپ كەتتى. شۇندىمۇ ئۇ زىباغا شۇنچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل زىبانى ياخشى كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدى. زىبا ئەنقەرنى «مۇئەللىم»كەن دەپ يۈز-خاتىرە قىلماي، چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىماستىن كۈتۈپ قالدى.

    ئەنقەرگە ئەڭ تەسىر قىلغىنى «ماڭىمۇ ئاۋارىچىلىق تىپىپ بەرمەڭ» دەپ كەسكىن ئېيتىلغان سۆز بولدى. ئۇ خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئاقسۇغا قايتتى. شۇ كۈنى زىبا بىر كېچە يىغلاپ چىقتى. ئۇ زادى نېمىشقا يالغاننى توقۇدى، زىبا ئۆزىمۇ بىلەلمەي قالدى. زىبا ئۆزىگە ئېغىر ئازاب بەرگەن ئەشۇ كىشىلەر بىلەن بىللە ياشاشنى خالىمىدى، ئۇنىڭ ھاياتىدا شۇنداق بىر ئېغىر ئۇھسىنىش قالدى. يەكەنگە كەلگەندىن كىيىنمۇ بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئىشلىدى. ئۇ بۇ سەبىي بالىلار ئالدىدا شۇنچىلىك خۇشخۇي چاقچاقچى بولۇپ كەتتى. ئەسلى زىبانىڭ تەبىئىتى ئوچۇق-يورۇقلۇقكەن ئەمەسمۇ؟

    چەكسىز چۆللۈكتە يىگانە كېتىۋاتقان ئاپتۇبۇستىكى ھەممە كىشىلەر شىرىن ئۇيقۇدا، بىراق زىبالا تۈن ئاسمىنىدىكى چاراقلىغان يۇلتۇزلارغا قاراپ خىيال سۈرىدۇ. راست، ئۇنىڭ ھاياتىدا ئەسلىگۈدەك ئىشلارمۇ شۇ بولسا كىرەك.ئالىي مەكتەپتىكى چىرايى ئەنقەرگە ئوخشاپ كىتىدىغان ھېلىقى بالىنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدۇ، بىراق، زىبا خىلى چاغلارغىچە ئۇ بالىنى تولا ئويلايدىغان، ئۇ بالىنى كۆرگىسىلا، كۆرگەندە بولسا ھودۇقۇپ يەردىن بىشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. مەتروزى ھەقىقەتەن ياخشى يىگىت ئىدى، زىبا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھىسىياتىنىڭ دوستلۇق ياكى مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ، لىكىن ئۇ مەتروزىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە مېھرىدىن ئايرىلىپ قىلىشنى خالىمايتتى. دوستى بۈۋمەريەم بىلەن يۈرگەن چېغىدا زىبانىڭ خىلى چاغلارغىچە يۈرىكى ئېچىشقان، لىكىن بىلىندۈرمەي يۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مال يەتكۈزۈش ئورنى ئارقىلىق قىزىلگۈل ئەۋەتكەن بالا چوقۇم زىبانىڭ كەينىگە كىرىۋىلىپ ئۇنى زېرىكتۈرۋەتكەن ېدىن دېگەن بالا بولۇشى مۇمكىن، لىكىن ئۇمۇ ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل بالا ئىدى. بۇلار زىبانىڭ ھاياتىدىكى ئۆتكۈنچى كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى كەلگۈسى قانداق بولار؟ ئۇ چوقۇم ياخشى ئايال، ياخشى ئانا بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇنىڭغا زامانغا ماسلاشقان،نورمال بىر يۈرۈش ئۆي بولسا بىرسىنى ياتاق ئۆي، بىرسىنى مەخسۇس كىتابخانا،بىرسىنى مىھمان باشلايدىغان ئۆي، ئاندىن بالىلار ئۇخلايدىغان ئۆي، ئاشخانا،مۇنچا-ھاجەتخانىلىرى تولۇق، راۋان بولسا بولدى. ئۆينى ئاددى-ساددا چىرايلىق بىزەيدۇ. ئۇ تام رەڭگىدىن تارتىپ پەردە ۋە تامغا ئېسىلىدىغان رەسىملەرگىچە ئويلاپ قويدى.بىراق شۇ ئۆينىڭ ئەر خوجايىنىنى ئۇ بىلمەيدۇ. پەقەت غايىسىدىكى كىشىنىڭ بىر سىماسىلا مەۋجۇت.

    ئەنە،زىبا كۇتۇپخانىدا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپلا ئۇخلاپ قالدى.ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان سوغۇق چاي كۆتۈرۈپ كىرگەن ئېرى ئۇنىڭ چاچلىرىنى مىھرى بىلەن تۈزەشتۈرۈپ قويىدۇ، ئاندىن قوللىرى ئاستىدىكى تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى ئاۋايلاپ ئېلىپ رەتلەيدۇ. بۇ چاغدا زىبا ئويغىنىپ كىتىدۇ-دە،ئېرىنىڭ بوينىغا ئېسلىۋالىدۇ. ئۇنىڭ خىيالى ھەمىشە مۇشۇ يەردىلا توختايدۇ. ئۇ بوينىغا ئېسىلغان كىشى زادى كىم؟

    زىبا تېخى ئۆزىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئانىسى گىپىنى قىلغان بالا بىلەن بولغان تويىنى ئويلاپ تىنى شۈركىنىپ كەتتى. بىر كۈنلۈك نەغمە-ناۋا ئىچىدە ئۇ ئەلەملىك ياش تۆكۈشى، توي كىچىسى زىبا چوقۇم قەپەستىكى قۇشتەك، بوغۇزلاش ئالدىدا تىپىرلاۋاتقان قويدەك تۆت تام ئىچىدە تەرەپ-تەرەپكە قېچىشى،بار ئاۋازى بىلەن ھەممىنى ياردەمگە چاقىرىپ ۋارقىراپ كىتىشى،تويغا«قوشۇلدۇم»دېگىنىگە مىڭلاپ پۇشايمان قىلىشى، بىراق ئەتراپتىكى ھېچكىم ئۇنىڭ نالە-پەريادى، يىغا-زارىغا قۇلاق سالماي ئەكسىچە قاقاھلاپ كۈلۈشى،زىيادە قورقۇنۇچتىن ھۇشىدىن كىتىپ،بىر ئويغىنىپلا ساراڭ بولۇپ قېلىشى،ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن يولدىشىنىمۇ تونۇمايدىغان بىر ساراڭغا ئايلىنىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. زىبا تويى بولغان قىزلارنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ كۈلۈپ،خاتىرجەم ئولتۇرغىنىغا ئەمدى ھەيران بولماقتا. ئەجىبا زىبا نىمىشقا شۇنداق ئويلىيالمايدۇ. قارىغاندا زىبا يارىتىلىشىدىلا بىرەر ئېلىمىنتى خاتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغان بولغىيمىتى.

    زىبا يەنە خىيالىنى داۋاملاشتۇردى. ئەمدى ئۇ ئۈمىدۋارراق بولۇشنى ئويلىدى. 

    ئەنە،دوختۇرلارنىڭ زىبانى كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن زىبا ساقايدى. بىر قېتىم كۆرۈپلا توي قىلغان مۇنۇ ئادەمنىڭ زىباغا شۇنچە پايپىتەك بولۇشلىرى، ئۈچ ۋاق تاماق توشۇپ،ئۇنىڭغا قىزىقارلىق نەرسىلەرنى،يېڭى-يېڭى خەۋەرلەرنى ئوقۇپ بېرىشلىرى ئۇنى سەل تەسىرلەندۈردى. ياتاقتا ھچىكىم قالمىغاندا يىنىدا ئولتۇرۇپ ئالما سويۇۋاتقان ئېرى:

    - كەچۈرۈڭ زىبا، مەن سىزنى بۇنچە قورقۇپ كىتەر دەپ ئويلىماپتىمەن. ھەر نىمە بولسا ساقايدىڭىز. بولمىسا مەن بىر ئۆمۈر... يەنە تېخى ئاتا-ئانىڭىزغا نىمە دەر ئىدىم. سىزدەك ئىسىل قىزدىن بىرەرنى تۇغۇپ بىرەي دىسەم يا مەن تۇغالمىسام... شۇڭا سىز تۇغۇڭ، قانچىنى تۇغسىڭىز بولار؟ 5 ئوغۇل 5 قىز تۇغۇڭ...

    - پىلانلىق تۇغۇت دىگەننى بىلمەمسىز كالۋا، نومۇس قىلماي دەۋاتقان گىپىنى، مىنى شۇنچە كۆپ تۇغىدىغان چاشقانغا ئوخشىتىپ قالدىڭىزما؟

    ئاپلا، زىبا قانداق بولۇپ بۇنداق دەپ سالدى، تېخى ئەڭ يىقىن كىشىلىرىگە دەيدىغان «كالۋا» گىپىنى يىنىدىكى مۇنۇ ئادەمگە دەۋەتتى. ياكى بۇ كىشىنى شۇنچىلىك يىقىن ھىس قىلىپ قالغاندىمۇ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئاۋۇ كىشىنىڭ ئېغىزى قۇلىقىغا يىتەيلا دېدى، زىبا يوتقان بىلەن يۈزىنى پۈركۈۋالدى... زىبانىڭ خىياللىرى يەنە ئۈزۈلدى. بۇ كىشىنىڭ چىرايى قانداق ئۇ بىلمەيدۇ، پەقەت شۇنداق بىر سايە...

    سەپەر ئاخىرلىشىپ زىبانىڭمۇ تۈگىمەس خىياللىرى دەملىك ئاخىرلاشتى. چامادانلىرىنى ئاپتوبۇستىن ئېلىۋاتقان زىبانىڭ يىنىغا بىرەيلەن كەلدى- دە، «ئەكىلىڭ مەن ئېلىپ بىرەي» دەپلا چاماداننى ئالدى. ئارقىسىدا ئانىسى زىباغا قاراپ تۇراتتى. ئۇلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ھال-ئەھۋال سوراشتى. زىبا چامادانلىرىنى ئېلىپ بىكەت دەرۋازىسى ئالدىدا توختىتىلغان قارا سانتانا پىكاپقا سېلىۋاتقان بايىقى يىگىتكە پەقەتلا دىققەت قىلمىدى. ئۇ چامادانىنى ئىزدەپ ئەتراپقا قارىغاندىلا ئانىسى:

    - بالام، چامادانىڭنى لۇتپۇللا بالام تاكسىغا سېلىپ بولدى، ئەنە ئاۋۇ شۇ. مەن ساڭا گىپىنى قىلغان بالا شۇ.

    - ئانا، كىلىدىغىنىمنى قانداق بىلدىڭ؟

    - مەن دىگەن سىنىڭ ئاناڭ، ئەتىگەن سەھەردە سىنىڭ مەكتىپىڭگە تىلىفون قىلسام، سىنى تۈنۈگۈن كەچتە يولغا چىقتى دېدى. بىز چىققىلىمۇ 3 سائەتچە بولغاندۇ. مۇشۇ لۇتپۇللا ئالدىراپ بۇرۇن چىقىۋالغان. 

     ئۇلار پاراڭلاشقاچ ماشىنا تۈۋىگە يىقىنلاشتى. ئىگىز بويلۇق، قاپقارا چاچلىرى قىرقىم، پەس قىلىپ ياسىتىلغان، ئۇچىسىغا خۇددى يېڭى تويى بولىدىغان يىگىتلەردەك ئاق كۆينەك، قارا كاستىيوم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان، پۇتىدىكى ئايىغى شولا چاچقۇدەك دەرىجىدە مايلانغان، چىرايلىققىنە كەلگەن بۇ بالا زىبانىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى.

    زىبا ئانىسى بىلەن ئۇنى-بۇنى پاراڭلىشىپ ئۆي ئالدىغا كەلدى. ماۋۇ «شوپۇر» زىبانىڭ ئۆيىگە تولا بىرىپ يول تونۇش بولۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ. «قاندان ماڭىمەن» دەپ سوراپمۇ قويماي ئۇدۇل ئىشىك ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتتى. ماۋۇ بالىنى كۆرۈڭ، يۈزى قىلىن تارتىنچاق بالىمۇ نىمە بۇ؟ ئەكىلىپ قويغاندىكىن گەپ قىلماي ئۆيىگە كەتمەي، چامادانلىرىنى ھويلىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، زىبانىڭ دادىسى بىلەن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا» دەپ كۆرۈشتى.«دادا» سى مىش تېخى. زىبا دادۈسۈ بۈلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ گەپ قىلمايلا ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ نەرسىلىرىنى جايلاشتۇردى. ئانىسى بۇ ئۆينى چىرايلىق تازىلاپ، رەتلەپ قويغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپلا ياتتى. ئىككى-ئۈچ مىنۇتتىن كىيىن ئانىسنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

    - زىبا قىزىم، تاماق يەپ ئاندىن ئارام ئال، گۈلنىسا ئاچاڭ چۆچۈرە ئىتىپ تۇرۇپتۇ.

    زىبا تېخى ئۆيدىكىلەر بىلەن تۈزۈك كۆرۈشمىگىنىنى ئىسىگە ئېلىپ سەل خىجىل بولدى- دە، ھويلىغا چىقتى. قاراڭلار لۇتپۇللاغا. ئۇ تېخى كەتمەپتۇ. خۇددى بۇ ئۆينىڭ كۈيئوغلىدەك تۆرگە چىقىپ ئورۇن ئېلىپ بوپتۇ. زىبا ھاممىسى گۈلنىساغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇ جىمجىتقىنە ئولتۇرۇپ ئېشىنى ئىچتى. باشقىلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا «ھەئە، ياق» دىگەندەك ئاددى جاۋابلارنى بىرەتتى. تاماقتىن كىيىن ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

    «لۇتپۇللا» تولىمۇ چىرايلىق ئىسىم -ھە! ئىھتىمال ئوت يۈرەك شائىرىمىز «قاينام ئۆركىشى» نىڭ ئىسمى لۇتپۇللا بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟ زىبا بۇ يىگىتنىڭ ئىسمىدىن سۆيۈنۈپ قالدى. توغرا، ئۇلار كىچىكىدە بىرگە ئوينىغان. زىبانىڭ ئېسىگە تۇيۇقسىز ئانىسىنىڭ دوستلىرى ئىچىدىكى ئامانگۈل دىگەن ئايالنىڭ «لۇتپۇللا» دىگەن بالىسى كەلدى. ئۇ چاغلاردا زىبا تېخى مەكتەپكە كىرمىگەن، لۇتپۇللا خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيتى. چوڭلار لۇتپۇللانى گەپكە سېلىپ «چوڭ بولغاندا كىمنى ئالىسەن» دەپ سورىسا «زىبانى ئالىمەن» دەپ جاۋاب بىرەتتى. ئۇ چاغلاردا ئۇلار «ئېلىش-تىگىش» نىڭ نىمىلىكىنى نەدىن بىلسۇن؟ زادى گەپ دىگەننى ئېغىزدىن ئاسان چىقارمىسا بولغۇدەك. زىبادىن «لۇتپۇللاغا تىگەمسەن؟» دىسە «ھەئە» دەيتى. ئەمدى راستىنلا تىگىپ قالامدۇ نىمە؟ ئانىسى يەكەنگە بارغاندا لۇتپۇللا توغۇرىلىق نۇرغۇن گەپلەرنى قىلسىمۇ قەتئىي قۇلىقىغا كىرمەپتۇ، زىبا لۇتپۇللا بىلەن بىرنەچچە قىتىم بىللە ئوينىغان، كىيىن لۇتپۇللا ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەتكەندىن كىيىن ئىككى ئائىلىنىڭ ئالاقىسى تەدرىجى ھالدا ئۈزۈلۈپ قالغان، زىبانىڭ خاتىرىسىدىنمۇ ئۇ تەلتۆكۈس يوقاپ كەتكەن ئىدى. ئەسلى ئۇلار «كونا تونۇش» لار كەندە.

    ئەتىسى لۇتپۇللا زىبانىڭ ئانىسىغا تىلىفون ئۇرۇپ زىبا بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئانىسى زىبانى زورلاپ دىگۈدەك ياساندۇردى ۋە «ساباھ چايخانىسى» غا يولغا سالدى. بالىلىرىنى شۇنچە چىڭ باشقۇرىدىغان ئانا ئەمدى قىزىنى بىر يىگىت بىلەن كۆرۈشۈشكە مەجبۇرلاپ يولغا سىلىۋاتاتتى. ئانا بولماق نىمە دىگەن تەس.

    - جىنىم قىزىم، لۇتپۇللا ئىسىڭگە كەلگەندۇ؟ ئۇ بالا كىچىكىدىن تارتىپ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولسىمۇ شۇنداق ئەدەپلىك، قائىدە يوسۇنلۇق، پاكىز بالا بوپتۇ، ئىسىڭدىمۇ، سەن ئۆتكەن يىلى ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆيگە كەلگەندە يولغان چىقىدىغان كۈنۈڭ ئۈرۈمچىدىن مىھمان كىلىپ قالدى. شۇ ئامانگۈل ھەدەڭتۈ. سىنى بىرلا كۆرۈپ ئىچى ئىللىق بولۇپ قاپتۇ، سىنىڭ سۈرىتىڭنى ئېلىپ كىتىپ لۇتپۇللاغا كۆرسىتىپتىكەن، قەتئى نىيەتكە كىلىپ سەن بىلەن توي قىلماقچى بوپتۇ، تېخى ئۇيغۇرچە يېزىشنى، ئوقۇشنى ئۆگىنىۋىتىپتۇ سىنى دەپ. 

    ئانىسىنىڭ يۇقارقى گەپلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭراۋاتاتتى. نەدىمۇ سۈرىتىنى كۆرۈپلا توي قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئىش بار. توي دىگەن ئۆمۈر ئىشى تۇرسا.

    زىبا چايخانا ئالدىغا كىلىشىگە لۇتپۇللا ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇ بېشىغا بادام دوپپا، ئۇچىسىغا ئۇزۇن يەڭلىك قارا كانىۋاي كۆينەك كىيىۋالغان لۇتپۇللاغا قاراپ راستىنلا كۈلگۈسى كەلدى. ئۇنىڭ نەزەرىدە كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغانلار تولىمۇ مودا كىلەتتى. بۇنداق ئەنئەنىۋىلكنى سۆيمەيدۇ دەپ ئويلايتى، راست، ھاياتتا ، بۇنداق بىر تەرەپلىمىلكتىن خالىي بولۇشقا تىرشىش كىرەككەن.

    سۇس چىراغ نۇرلىرى، يېقىملىق ساكىس مۇزىكىسى ھەممە يېرى گۈلەر بېزەلگەن بۇ چايخانىغا ئالاھىدە ھۆسىن قوشقان ئىدى. ئۇلار بۇلۇڭدىكى بىر ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرۇپ، تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشقاچ تاماق يېدى. لۇتپۇللا ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخىنى ۋە جاھاننىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى. زىبامۇ لايىقىدا پاراڭ قىلغاچ ئولتۇردى. گەپ بالىلىق چاغلارغا يۆتكەلگەندە ئۇلار خۇددى كونا تونۇشلاردەك قىزغىن پاراڭلاشتى.

    - سىزنى ئالىمەن دىسەم يۈزۈمنى تاتىلىۋالغان ئېدىڭىز، ئىسىڭىزدىمۇ؟

    - كىچىك چاغلارغۇ ئۇ، نېمىنى بىلەتتۇق.

    - لىكىن مەن بىلىپ دەپتىكەنمەن دەيمەن. 

    -شۇنداقمۇ. شۇ چاغدا پىشىپ قاپتىكەنسىز دەڭە.

    - ھېلىھەم شۇنداق دەيمەن سىزگە، قانداق قىلىسىزكىن.

    - يەنە يۈزىڭىزنى تىرنىلايمەن.

    - ماقۇل دىسىڭىزلا مەيلى تىرنىلىسىڭىز، يەنە ئۆزىڭىز ساقايتىسىزدە ئۇ چاغدا.

    -مەن دوختۇر ئەمەس.

    -سىز مەن ئۈچۈن بىردىنبىر دوختۇر.

    -سىز ئاغرىپ قالغانمىدىڭىز، قانداق گەپ ئەمدى بۇ.

    - يۈرىكىم ئاغرىپ قالغىنىدىن خەۋىرىڭىز بارغۇ. توي قىلايلى زىبا...

    زىبا ناھايىتى بۇنداق تۇيۇقسىز«ھۇجۇم»دىن ئۇ گاڭگىراپ قالدى. نەدىمۇ تۇنجى كۆرۈشۈپلا «توي قىلايلى» دەيدىغان ئىش بار؟ ئۇ ھازىر قانداق قىلىشنى، «ئويلىنىپ باقاي» دەپ ئۆزىگە ئازراق ۋاقىت بېرىشكە ياكى مۇشۇ يەردىلا پېشىنى قېقىپ كىتىپ قىلىشنى بىلمەيتتى. ھەي، تولىمۇ ئاددى دۇنيانى كىشىلەر نېمانچە مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەن ھە! بەلكىم نىكاھ ۋە مۇھەببەتنىڭ مۇقەددەسلىكى كىشىنى ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشتىن توسۇپ قالسا كىرەك.

    -راست دەۋاتىمەن زىبا قىز.

    -مىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

    -ئۇنى سىزگە ئېيتىپ بىرەلمەيمەن. بىراق...مەن گەپنى تازا قاملاشتۇرۇپ دىيەلمەيمەن. لىكىن ماڭا ئىشىنىڭ، سىزنى بەخىتلىك قىلالايمەن.

    زىبا نىمە دىيىشنى بىلەلمىدى. ئۇ تىز سۈرەتتە كەيپىياتىنى تەڭشىمەكچى بولسىمۇ دەماللىققا بىرەر ئامال تاپالمىدى.

    -زىبا قىز، سىزنى ھازىرلا جاۋاب بېرىڭ دەپ تۇرۇۋالمايمەن. ئويلىنىپ ئاندىن جاۋاب بېرىڭ. لىكىن مىنى بەك ساقلىتىۋەتمەڭ...بولامدۇ؟

    -بولىدۇ. ئەمىسە مەن قايتاي.

    زىبا سومكىسىنى ئېلىپلا تۇيۇقسىزلا كەتمەكچى بولدى. لۇتپۇللا خۇددى بىرەر ئىشنى خاتا قىلغاندەك تېپىرلاپ قالدى، «ماشىنام بىلەن ئاپىرىپ قوياي»دىگىنىگىمۇ ئۇنىماي پىيادە قايىتماقچى بولغان زىبانىڭ«مېنىڭ يالغۇز قايتقۇم بار»دېگەن گىپى ئۇنىڭ ئالدىغا سىلجىغان قەدەملىرىنى توختىتىپ قويدى.

    ئادەملەر زىبانىڭ مۇڭلۇق قارچۇقلىرىغا، شەبنەم تامچىسى سۆيگەن گۈلبەرگىدەك مەڭزىدىكى تامچە ياشلارغا دىققەت قىلمىدى. ئاستا پېتىۋاتقان قۇياش ئاخىرقى نۇرلىرىنى ئۇنىڭ مىسكىن، مۇزلاۋاتقان قەلبىگە چېچىپ بۇ دۇنيانىڭ گۈزەلىكىنى ھېس قىلدۇرماقچى بولغاندەكلا تۇراتتى. ئەمما بۈگۈن زىبانىڭ قاپىقى تارتىپ، يۈرىكى ئېغىپلا تۇردى. كىچىدىن كۆرگەن چۈشى تۇيۇقىز يادىغا يەتكىنىدە بەدەنلىرىگە تېتىرەك ئولاشتى. چۈشىدە ئۇ مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان بىر باغدا ئۆرۈك يەۋاتاتتى، يەپ بولغان ئۆرۈكلىرىنىڭ ئۈچىكىسىنى ئۇدۇللۇق چېقىپ پىيالىگە يېغىۋاتاتتى. ئۇ ئەنقەر ئۈچۈن تېزىق ياساشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. چاققان ئۆچكىلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىر جۈپ قوش مېغىز چىققانمىش، دەل شۇچاغدا ئەنقەر ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرغۇدەك، بېشىغا چېمەن تاشكەنت دوپپىسى، ئۇچىسىغا كانۋاي كۆينەك كىيگەن ئەنقەر بۈگۈن ئاجايىپ سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەنمىش. ئەنقەر زىبادىن قوش مېغىزنى سوراپ قولىنى سۇنغانمىش. بىراق زىبا ئۇنىڭغا يالغاندىن دومسىيىپ بەرمىگەنمىش.

    -قوش مېغىزنىڭ بېرى مېنىڭدۇ؟

    -كىم دەيدۇ سىزنىڭ دەپ.

    -ئەمسە كىمنىڭ؟

    -ئىشقىلىپ ئىگىسى بار، بۇ دېگەن مەخپى.

    -نېمىشقا ماڭا بەرمەيسىز، مېنى ياخشى كۆرمەمسىز؟ 

    بۇ سۆزلەردىن زىبانىڭ يۈرىكى تىتىرىدى. ئۇ دەرھال قايرىلدى-دە:

    -شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان مېنى نېمىشقا ئىزدىمەيسىز. مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى سوراش كىتەمدۇ؟ بەك ئەسكىكەنسىز!

    -سىزنى ئىزدىسەم ئۆزىڭىز قارىمىسىڭىز، قانداق قىلىمەن؟

    -ئەركەك تۇرۇپ قىز بالىنىڭ ناز قىلغىنىنىمۇ بىلمىدىڭىزما؟ كالۋا...

    زىبا يەنە دومسىيىۋالدى، بىراق ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنى بېرى ئېتىۋالدى. زىبا ئەنقەر چاقچاق قىلىپ كۆزۈمنى ئىتىۋالدىمىكىن دېسە، بۇ قوللا يۇمشاق، ئىنچىكە قوللار بولۇپ قىز بالىنىڭ قولىدەك قىلاتتى. زىبا خىلى تىپىرلىغاندىن كىيىن بۇ قول ئۇنىڭ كۆزىنى قويۇۋەتتى، بىراق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھىچكىم يوق ئىدى، زىبا ئالقىنىدىكى قوش مېغىزنى يەرگە چېچىلىپ كەتكەنمىكىن دەپ ئىزدىدى، ئەنقەرنى توۋلىدى. بارغانسىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئەنقەرنى توۋلاپ كەتتى. زىبا ئەنقەرنىڭ ئىسمىنى توۋلىغىنىچە ئويغىنىپ كەتتى. بۇ قانداق چۈش ئەمدى. زىبا كىچىك چېغىدا ئانىسى ھەمىشە ئۇنىڭغا «ئەگەر يامان چۈش كۆرۈپ قالساڭ، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قىتىم تۈكۈرۋىتىپ، بىسىمىللاھ دېسەڭ بولىدۇ» دېگەن ئىدى. بۇ چۈشتىن زىبانىڭ كۆڭلى بەكلا پاراكەندە بولدى، ئەنقەرنىڭ چۈشىدىكى ھالىتى كۆز ئالدىغا كەلسىلا ئۇنىڭ يۈرىكى ئېچىشاتتى، بۇ بىر چۈشقۇ دەي دېسىمۇ لىكىن ئۆزىنى بەزلىيەلمەيۋاتاتتى. ئۇ شۇ ئويغىنىپ كەتكەنچە ئۇخلىيالمىدى. ئەتىگەنلىك ناشتىنى قىلىپ بولۇپلا، يەنە «سەپەردە ھېرىپ قاپتىمەن، ئارام ئالايچۇ» دەپ ياتىدىغان ئۆيىگە كىرىۋىلىپ كىچىدىن كۆرگەن چۈشىنى ۋە ئەنقەرنى ئويلىدى. شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان نېمىشقا شۇنچە جاھىللىق قىلىپ ئەنقەر بىلەن كۆرۈشمىگىنىنى ئويلىدى. مەيلى ئۇ قانچىلىك ئەسكى، قىز ئوۋلايدىغان يىگىت بولسۇن زىبا ياخشى كۆرىدىغان بولغاندىكى كىيىن ياخشىراق بىر پاراڭلىشىپ باقسىمۇ بولاتتىغۇ! بەلكىم تولۇق ئوتتۇرىدىكى كۈندىلىك خاتىرە ۋەقەسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى شۇنچە چوڭقۇر بولغاندۇ. بولۇپمۇ زىبادەك ئىچى كۈچلۈك، مەغرۇر قىزلار ئۈچۈن بۇنىڭ تەسىرى چوڭ بولسا كىرەك. مانا شۇنىڭغىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە بەش يىلدىن ئېشىپتۇ، شۇ چاغدىن باشلاپ ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى دوستلىرى ۋە پەقەت دوستى گۈلزاردىن باشقا تولۇق ئوتتۇرىدىكى ھىچقايسى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقە قىلمىدى. تەتىللەردە ئاساسەن ئۆيگە قايتماي تىل ئۆگەندى، كەلسىمۇ بىرەر ھەپتە تۇرۇپلا مەكتەپكە قايتىپ كىتەتتى. مەھەللىدىكىلىرىمۇ ئۇنىڭ كەلگەن- كەلمىگەنلىكىنى ئۇقۇپ بولالمايتى.

    «مۇھەببەت قانچە چوڭقۇر بولسا نەپرەتمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ»دېگەن گەپ راست بولسا كىرەك، ئۆزى شۇنچە ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ كوچا لۈكچەكلىرىدىن قىلىشمايدىغان قىلىقلىرى(ئۇ بۇلارنى گۈلزاردىن ئاڭلىغان ھەم بىر قىتىم بىر قىز بىلەن كىتابخانىدا قولتۇقلىشىپ ئايلىنىپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرگەن ئىدى، شۇڭا ئۇ كىيىن ئەنقەرگە پەقەتلا ئىشەنمەس بولغان ئىدى)، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغا تەلەپ قويۇشى زىباغا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئۆچلۈك ياكى بىزارلىق ھىسىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن ئانىسى ئۇنى لۇتپۇللا بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. بىراق، زىبا كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق يەنىلا بىر قىتىم، پەقەت مۇشۇ بىر قىتىملا ئەنقەرنى ئىزدەپ پاراڭلىشىپ بېقىشنى ئويلىدى. بەلكىم نۇرغۇن ئىشلار ئايدىڭلىشىپ، زىبانىڭ ھاياتىدا يېڭىچە بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ قالار!

    بۈگۈن شەنبە بولغاچقىمىكىن كوچىدا ئادەملەرمۇ كۆپ بولۇپ، «بەھران» رىستۇرانىنىڭ ئالدى توي كۆچۈرۈش ماشىنىلىرى بىلەن تولغانىدى. زىبانىڭ قەدەملىرى توختاپ قالدى. ئۇنىڭمۇ تويى بولسا، مۇشۇنداق ھەممە كىشى خۇشال بولىشىدۇ، نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ، زىبا خۇشال بولالارمۇ؟ لۇتپۇللادا مۇھەببەت قارىشى دېگەن يوقمۇ نېمە، رەسىمىمنى كۆرۈپلا ئالىمەن دەپ تۇرۇۋالغىنى نېمىسى؟ ئانىسىمۇ قىززىقكەن، «زىبا قوشۇلسا مەن جان دەپ قوشۇلىمەن، ھازىرقى بالىلارنى بىز بېقىپ چوڭ قىلغان بىلەن ئىگە بولالماي قالىدىكەنمىز»دەپ بولۇپتۇ. «نېمىشقا تويدىن بۇنچە ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن، كىم بىلەن توي قىلسام بولار؟! يەنىلا لۇتپۇلا مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. ئەنقەرچۇ؟ » زىبانىڭ خىيالى ئەنقەر بىلەن لۇتپۇللانىڭ ئارىسىدا توختىماي ئايلىناتتى. مۇرادىل مۇئەللىمچۇ؟ ھەي! ئەرلەر نېمانچە شەخسىيەتچى؟ ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويىنى دەپ باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارى يوقكەن. ئۇ نېمىشقا ماڭا قارا چاپلايدۇ». زىبا نۇرغۇن كىشىلەرنى خىيال ئەگلىكىدىن ئۆتكۈزگىنىدە ئاخىرى يەنە ئەنقەرگە كىلىپ توختاپ قالاتتى. يەكەنگە ئىزدەپ بارغان چېغىدا نېمىشقا شۇنچە چىڭ تۇرۇۋالغاندۇ؟ ئەگەر ھازىر بولغان بولسچۇ؟ ئۇ چوقۇم ئەنقەر بىلەن تەپسلىي پاراڭلىشىپ باققان بولاتتى.

    ماشىنىنىڭ كۈچلۈك سىگنال بېرىشىدىن زىبا خىيالىدىن چۆچۈپ ئويغاندى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرغۇن ئادەملەر ئارىسىدا ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرغان ئەنقەرگە چۈشتى.ئۇنىڭ قاپقارا كاستۇمىنىڭ مەيدىسىگە تاقالغان قىزىلگۈلدىن قارىغاندا بۇ توي...ياق، ئۇ قولداش بولىشى مۇمكىن. زىبانىڭ يۈرىكى ئېغىپ كەتتى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كىچىدىن كۆرگەن چۈشى قايتا نامايان بولۇشقا باشلىدى. ئاھ خۇدا، بۇ كۈندىن ساقلىغىن. زىبا نېمىشقا ھازىرغىچە ئەنقەرنى باشقا قىزلار بىلەن توي قىلا دېگەننى ئويلاپ باقمىدى، نېمىشقا ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسيادى ئەنقەرنىڭ يامان تەرەپلىرى بولدى؟ ئادەم شۇ نەرسىنى ئېسىدە تۇتۇشى كىرەككى، ھايتقا مۇھەببەت بىلان قاراش كىرەك، ئۆزى ئەقىدە قىلغان سۆيگەن ئادەمگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق كەڭ قورساق، مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كىرەك. ئۇنىڭمۇ ئادەم، ئۇنىڭمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدىغىنىنى، ئۇنىڭغا تۈزىتىش پۇرسىتى بېرىش كىرەكلىكىنى بىلىش كىرەك.

    بۇ يەردە خىيال سۈرۈپ تۇرغان زىبانى كۆرگەن ئەنقەر ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا توپتىن ئايرىلىپ زىبانىڭ ئالدىغا كەلدى.ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى.ئاھ، ئاسي كۆزلەر! نېمىشقىمۇ بۇرۇنراق ئۇچراشمىغانسەن كۆزلەر. قەلب ئىزھارىڭنى ئەمدى تۆكۈۋاتامسەن.

    -قاچان كەلدىڭىز زىبا.مەن تېخى سىزنى يەكەندە دەپ...

    -يەكەندە دەپ تويىڭىزغا چاقىرمىدىڭىزمۇ؟

    -... ... 

    زىبا ئەسلى مۇنداقلا دەپ قويغان، ئەنقەرنىڭ «ياق، بۇمېنىڭ تويۇم ئەمەس، دوستۇمغا قولداش بولۇۋاتىمەن» دېيىشىنى كۈتكەن ئىدى. ئۈن-تىنسىز بېشىنى سېلىپ تۇرغان ئەنقەرگە قاراپ زىبانىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈدى-دە، شۇندىمۇ كەيپىياتنى تەڭشەش ئۈچۈن، چىرايىغا يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭشىدى.

    -بەخت قۇشى ئەنقانىڭ بېشىغا قونغان قايسى گۈل ئۇ، كېلىنىمىزنىڭ ئىسمى نىمە؟

    -گ..گۈلزار.

    -قايسى گۈلزار، مەن تونۇمدىم.

    -ھەئە...تونۇيسىز،

    -كىم؟-زىبانىڭ چىرايى ئۆڭۈشكە باشلىدى.

    -سىز... سىزنىڭ دوستىڭىز.

    -ھە!

    زىبا ئېغىزىنى تۇتۇۋالدى. ئەنقەرنىڭ «جىنايەت» لىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان جان-جىگەر دوستى گۈلزار ئەنقەر بىلەن توي قىپتىمۇ؟ ئانىسى توغرا دەپتىكەن، قىزلارنىڭ دوستى بولمايدىكەن. زىبا بەكمۇ ئەقىلسىز ئىكەن. گۈلزار نىمە دىسە شۇنىڭغا ئىشىنىپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە دادىللىق بىلەن كۆڭۈل ئىزھار قىلالمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ سۆيگۈسىگە شەكلىنىدۇ. زىبا ئەسلى ئۆزىنىڭ ھېسىياتىنى تولۇق چۈشەنمىگەن ياكى بۇنداق رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. باشتا ئىھتىمال ئەنقەر ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالغىنى سەۋەبلىك كۆڭلىنى ئىزھار قىلالمىغاندۇ. ياق، زىبا ھەر قانداق بىر ئوغۇل بالىغا، ئۇنى ياخشى كۆرسىمۇ دىيەلمەسلىكى مۇمكىن.

    -دوستلىرىڭىز قاراۋاتىدۇ، مەن ماڭاي.

    زىبا شۇنداق دەپلا كەينىگىمۇ قارىماي تىز-تىز قەدەم ئېلىپ كىتىپ قالدى. زىبانىڭ پۇتلىرى بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتى. ئەمدى ئۇ ئۆزىنى قويۇۋىتىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى. «نېمىشقا يىغلاۋاتىسەن زىبا، ياش تۆكمە، قارا، كىشىلار ساڭا قاراۋاتىدۇ، ئۇلار نېمە دەپ قالىدۇ، بولدى قىل زىبا» بۇنداق چاغدا ئادەمگە ھېچنېمە كار قىلمىسا كىرەك.

    ئەنقەرنىڭ زىباغا ئەگىشىپ ئېلىنغان ئىككى قەدىمى جايىدىلا توختىدى. ئۇ نېمىشقا بۇ توينى ئالدىراپ قىلدى، زىبانىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرالمىدى؟ ئاھ كۆزلەر! نىمىشقىمۇ بۇرۇنراق ئۇچراشمايسەن...ئەنقەرنىڭ تويى ئۆزىگە ماتەمدەك تۇيۇلۇپ كەتتى. 

    زىبانىڭ«ماڭا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەڭ»دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ قايتىپ كەلگەن ئەنقەر يەنە ئىككى قېتىم يەكەنگە باردى.ئىككىلا قېتىم زىبا بىلەن كۆرۈشەلمىدى.

    تۇنجى قىتىم زەربە يېگەن ئەنقەر يەنە نېيىتىدىن ۋاز كەچمەي ماي بايرىمىدا زىبانى ئىزدەپ كەلدى. بىراق زىبانىڭ خىزمەتدىشى ئايشەمگۈلدىن ئۇنىڭ قەشقەردىكى دوستىنىڭ ئۆيىگە كەتكەنلىكىنى بىلدى. زىبانىڭ يېنىدا تىلفۇن بولمىغاچقا ئۇنىڭ قايتىپ كىلىدۇ دەپ ئۈچ كۈن ساقلىدى. يەنە كەلمىگەندىن كىيىن گۈلزار ئارقىلىق زىبانىڭ ئۇ دوستىنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى تاپتى. بىراق، ئۇ ئىشلىتىشتىن توختىغان نومۇر ئىدى. شۇندىمۇ ئۇ ئايشەمگۈلنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى يىزىۋىلىپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتى. توۋا، تەقدىرنىڭ ئويۇنلىرىغا نېمە دېگۈلۈك؟ ئۇلار يولدا ئۆتۈشۈپ كەتتى. بۇنداق ئىشلار بەلكىم كىنولاردىلا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما، تۇرمۇش دەل مانا مۇشۇنداق بولىدىكەن، ھاياتىڭىز دەل ئەنە شۇنداق دوقمۇش ۋە تاللاشلاردا بۇرۇلۇپ، يېڭىچە مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇپ بارىدىكەن.

    ئەنقەر قەشقەرگە بېرىپ يەنە يەكەنگە بارماقچى بولغان، بىراق مەكتەپتە جىددى ئىش چىقىپ قىلىپ قايتىپ كەتتى. ئايشەمگۈلدىن ئەنقەرنىڭ كەلگىنىنى بىلگەن زىبا دەرھال دوستى گۈلزارغا تىلفۇن قىلدى.

    -مېنى نېمىگە ئىزدەپ كەلگەندۇ گۈلزار. ئۇ خىزمەتدىشىم ئايشەمگۈلگە بىر قانچە قىتىم تىلفۇن قىلىپتىكەن، يوقكەن دەپ قويۇڭ دەپ تىلفۇننى ئالمىدىم. سەنچە قانداق قىلسام بولار؟

    - سېنى يەنە ئەخمەق قىلاي دېگەن چېغى ئۇنىڭ. مەكتەپتىن شۇ يەرگە بىر خىزمەت ئىشى بىلەن ئەۋەتىپتىكەن. ھەم ئالىي مەكتەپتىكى بىر مۇھەببىتى يەكەندە بارمىش. سېنىمۇ يوقلاپ قويغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ.

    زىبا بىلەن ئەنقەرنىڭ تېپىشىپ قىلىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىدىغان ئايشەمگۈلمۇ ئەمدىلىكتە ئەنقەرنىڭ ئۇرغان تىلفۇنىنى زىباغا بەرمەس بولدى. بەلكىم ئاياللار بايرىمىدىكى ھېلىقى چازا ۋە مۇرادىل مۇئاللىمنىڭ زىباغا ۋاي دېيشلىرى بەلكىم ئۇنىڭ ھەسىتىنى قوزغىغاندۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئاچچىقىنى چېقىرۋىلىشنى ئويلىغاندۇ. ئەنقەر «مەرتەم، مەرتەم ئۈچ مەرتەم» دەپتىكەن دەپ قايتا يەكەنگە بارغىنىدا دوستلىرى ئارقىلىق سۈرۈشتۈردى. نېمىا دېگەنبىلەن ئالدىنقى ئىككى قىتىملىق مەغلۇبىيەت ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدى، نېمىلا دېگەنبىلەن يىگىتتە، ئۆزىگە چۇشلۇق غۇرۇرى بار دە! ئۇ زىبانىڭ مۇرادىل مۇئەللىم بىلەن بولغان ئىشىنى ئۇقتى ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى شۇنچىلىك قاچۇرغىنىنى بىلىپ ئەلەمدە قايتىپ كەتتى ۋە ئاچچىقىدا تويغا تۇتۇش قىلدى. ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە زىبانىڭ «ماڭا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەڭ » دېگەن ئەشۇ بىر ئېغىز گىپى قايتا-قايتا ياڭراۋاتاتتى. ئۇ زىبا توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تولىسىنى گۈلزاردىن ئۇقۇپ تۇراتتى، لىكىن زىبانىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بىراق يەكەندە ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان، يەنە كىلىپ زىبانىڭ مەكتەپدىشى ۋە دوستى بولغان ئايشەمدىن ئاڭلاپ ئارتۇق گەپ قىلماي، زىبا بىلەنمۇ كۆرۈشمەي قايتىپ كەلدى. مانا، ئەمدى ئۇنىڭ تويى بولىۋاتىدۇ. يۈگۈرەپ كىتىۋاتقان زىباغا قاراپ ئەنقەرنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ قالدى، ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە يەنە بىر ئاشىق-مەشۇقلار قىسسى ئويۇلۇۋاتقاندەك قىلاتتى. نېمىشقا ۋىسالغا شۇنچە ئىمكانىيەت تۇرۇپ يەنە ھىجرانغا يول ئاچتى، بۇنىڭ سەۋەپكارى كىم؟ 

    جاھان ياش تۆكىۋاتىدۇ، ئاسماندىكى كۈلۈپ تۇرغان قۇياش نۇرلىرىمۇ چەكسىز مۇڭ-ئەلەمدە، زىباغا ھەممە نەرسە شۇنداق ھەسرەتلىك كۆرۈنمەكتە.ئۇ ئۆيىگە كىلىپلا ياتاق ئۆيىگە سولىنىۋالدى، قىزنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرغان ئانا قىزدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ مەڭدەپ قالدى. قېزى ياتىدىغان ئۆينىڭ ئىشىكىگە قۇلىقىنى يېقىپ تۇرغان ئانا قىزنىڭ بىرنەرسىنى چىشلىۋىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ يۈرىكى ئېغىپ قالدى-دە، دەرھال لۇتپۇللاغا تېلىفۇن ئۇردى.

    -زىباغا نىمە بولدى بالام، ئىشىكتىن كىرىپلا ياتىقىغا سولىنىۋىلىپ قاتتىق يىغلاۋاتىدۇ. مەن ئانا بولۇپ قىزىمنىڭ بۇنداق يىغلىغىنىنى كۆرمىگەن...

    لۇتىپۇللا يەنە نىمىلەرنى دىدىكىن، ئانا گەپنىمۇ ئاڭلىماستىن تېلىفۇننى قويۇۋەتتى. ئېشىك سىرتىدا تۇرۇپ زىبادىن گەپ سوراپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ ئاۋارە بولغان ئانا قىزنىڭ ئەمدى ئۈنىنى قويۇۋىتىپ يىغلىغىنىنى ئاڭلىدى. 15 مىنۇت بولا-بولماي ھويلىدا لوتپۇللا پەيدا بولدى. ئۇ زادى نېمە ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى بىلمەي تىپىرلاپ كەتتى. ئۆزىنىڭمۇ تۇنجى قېتىمدىلا«توي»توغرىسىدا ئېغىز ئاچقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. لوتپۇللانىڭ كەلگىنىنى بىلگەن زىبا يىغىدىن توختاپ ھويلىغا چىقتى.

    -لۇتپۇللا، تەلىپىڭىزگە قوشۇلدۇم. لىكىن مەن يەكەندىن بۇ يەرگە كەلمەيمەن. سىز بارامسىز ياكى تويدىن ۋاز كىچەمسىز ئىختىيارىڭىز.

    لۇتپۇللا گاڭگىراپ قالدى. تويغا قوشۇلغىنىمۇ زور خۇشاللىق بولدى. لىكىن نېمىشقا يەكەندە ياشاشنى تاللىۋالىدۇ؟ خىزمەتنىمۇ ئاقسۇغا يۆتكەپ كىلىش ئىمكانىيىتى بولۇۋاتسا. لۇتپۇللا تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئىشتىن مەڭدەپ قالدى. ئۇ ئەمدى يەنە يېڭى يېڭى قارارلارنى چىقىرشقا دۇچ كىلىۋاتاتتى.

    زىبا ئاقسۇدىكى ئىمتىھانغىمۇ تىزىملاتمايلا ئەتىسى يەكەنگە قايتىپ كەتتى. ئۇ ئەشۇ بىغۇبار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەقىقىي خۇشاللىق تاپالايدىغىنىنى، پۈتكۈل غەملىرىنى ئۇنتۇپ كىتىدىغىنىنى ھېس قىلدى. مېڭىش ئالدىدا لۇتپۇللانى ساباھ چايخانىسىغا تەكلىپ قىلدى ۋە تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى، ھەم ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغان لۇتپۇللاغا «مەن تۈنۈگۈنكى گىپىمدىن يېنىۋالمايمەن، ئەمدى قارارنى سىز چېقىرسىڭىز بولىدۇ»دەپلا كىتىپ قالدى. لۇتپۇللا بولسا زىبانى ئۇزىتىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ تاغ بېسىۋالغاندەك ئولتۇرۇپ كەتتى. بەرھەق، بىر قىز قاراپ تۇرۇپلا ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىر يىگىتنىڭ سۆزىنى ئېىيتسا قايسى يىگىت بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟

    لۇتپۇللا بۇ قىزنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدۇ؟ ئۆزىمۇ بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ. لىكىن ئۇ «بەخىتنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتقان پىتى يەكەنگە بارىمەن» دەپ ئويلىدى ۋە ھەپتىدىن كىيىن يەكەنگە قاراپ ماڭدى. ېۇلار ېۈككۈ كۈن قەشقەردە تۇرۇپ مەنزىرىلىك جايلاردا ئوينىدى، ئايلاندى. زىبا لوتپۇللا نىمە دېسە «ھە» دەپ ئەگىشىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ،كۆڭلىدە لۇتپۇللاغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ زورىغا كۈلۈمسىرەيتتى. بۇ 2 كۈن ۋە پۈكۈر ېالماشتۇرۇشلار ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى بارا-بارا كىچىكلەتتى. يەكەنگە كەلگەندە، لۇتپۇللا زىبانى مەكتىۋىگە ئاپىرىپ قويۇپ، ناھىيە ئىچىگە قايتىپ كەلدى ۋە دوستلىرىنى ئىزدەپ يەكەن قارمىقىدا ئىشلەشكە دېيىشمەكچى بولدى. 

    زىبا كەلگەن كۈنى كەچتە يېزىلىق پوچتىخانىدىكى ئايال ئۇنىڭغا ئىككى دانە پوسۇلكا بەردى. ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ كەلگىنىگە ھەپتە، يەنە بىرسىگە 3 كۈن بولغان ئىدى. «بۇ نېمە ئىش ئەمدى،ھەر ئىككىلىسى نامسىز پوسۇلكىغۇ» ئويلىدى زىبا.

    زىبا ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قويۇپ، نېپىزرەك پوسۇلكىنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئىچىدە بىرخاتىرە (زىبانىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا يۈتتۈرۈۋەتكەن خاتىرىسى) ئون پارچىغا يېقىن كونۋىرىت ھەم بىر تال قارىغاي شەكىلدە قاتلانغان قەغەز تۇراتتى. زىبا قەغەزنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى.

    < ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سۆيۈملۈك زىبا. بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا نۇرغۇن ئىشلاردا ئاسمان زىمىن ئۆزگىرىش بولۇپ كىتىشى مۇمكىن. ئۆزۈم خالىمىغان بىر نىكاھقا قوشۇلۇش ئالدىدا، ئۆزۈم چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن قىزغا كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتىۋىلىشنى توغرا تاپتىم. سىز ئوقۇشقا كەتكەندىن تارتىپ نۇرغۇن قېتىم خەت يازغان بولساممۇ،سىزنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىڭىزگە بەخىتسىزلىك ئېلىپ كىلىشتىن قورقتۇم.ئەمما ھەممە ئەھۋالىڭىزنى گۈلزاردىن ئۇقۇپ تۇردۇم.ئىككى قېتىم ئۈرۈمچىگە باردىم. ئەمما ھەر ئىككى قېتىم سىزنى يىراقتىن كۆرۈۋىلىپلا قايتىپ كەلدىم. كېيىن يەكەنگە كەلگىنىڭىزنى ئاڭلاپ كەينىڭىزدىن بېرىپ گۈلزارنىڭ سۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم. توۋا، كۆڭۈل دىگەن شۇنداق نەرسىمىدۇ؟ مەن يەنىلا سىزدىن ۋاز كىچەلمىدىم. سىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىڭىزنى ھەر كۈنى دىگۈدەك ئوقۇپ ئۆزۈمگە تەسەللىي تاپتىم. بىلەمسىز زىبا، پىراكتىكىغا كەلگەن چېغىمدىلا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانمەن، ئەمما چاندۇرمىغان ئىدىم. كىيىن ئاشۇ خاتىرە سەۋەبلىك دىلىڭىز ئېغىر ئازار يىدى. ئەشۇ چاغلاردا سىزگە ياردەم قىلىشقا ئامالسىز قالدىم... بولدىلا، بۇ گەپلەرنى ئەمدى دىگەننىڭ پايدىسى يوق. لىكىن سىزگە ئەقىدە قىلغىنىمغا ئىشىنىڭ، ماڭا مەڭگۈ ئۆچمەنلەك ساقلاپ ئۆتۈپ كىتىشىڭىزنى خالىمايمەن. شۇڭا بەزى خەتلىرىمنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتتىم. خاتىرىڭىزنى مەن ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرىدىن ئېلىۋالغان ئىدىم. ئۇنىمۇ سىزگە قايتۇرۇپ بىرەي. مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇڭ. سىزنىڭ كۈلگىنىڭزنى ئاز كۆردۈم، كۈلسىڭىز بەك چىرايلىق بولۇپ كىتىسىز. شۇڭا چىھرىڭىزدىن مەڭگۈ كۈلكە كەتمىسۇن.

سىزنى سۆيۈپ:

ئەنقەر. 2008-يىل مارت >


********************************************************


    زىبا كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى.كۆڭلىدە ئۆزىنى ئەيىپلەيتتى.گۈلزارنىڭ قانداق ئويۇنلىرى ئارىلاشقاندۇ بۇ ئىشلارغا دەپ ئويلايتتى. ئەمدى بۇنىڭ خەتلىرىنى ئوقۇغاننىڭ نىمە پايدىسى ؟ زىبا كونۋىرىتلارنى ئاچمايلا بىر-بىرلەپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدى.ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خەتنىڭ ئىچىىدە سۈرەت تۇرغاندەك قىلاتتى. زىبا ئېچىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى. ئىچىدىن ئۇنىڭ بىر پارچە سۈرىتى چىقتى. مەكتەپتىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىمىنى يىغىپ، شەرەپ سەھنىسىگە چاپلىغان، ئوماققىنە كەلگەن زىبانىڭ تولۇق 1-يىللىقتا چۈشكەن بۇ سۈرىتىمۇ ئەشۇ سەھنىگە چاپلانغان. شۇنداق بىغۇبار، غەمسىز ئىدى. زىبا خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.


* * * * * * *

 
    < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدىرلىك زىبا. سەن دىسەم رەنجىمىگىن. سىنى«قەدىرلىك ، سۆيۈملۈك سەن» دىگۈم بار. ھازىر ساڭا نىمە دېيىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.نۇرغۇن سۆزلەرىم بار ئىدى، لىكىن نېمىشقىدۇر قەلەملىرىم گاچا بولۇپ قالغاندەك....

    نويابىر ئايلىرىدىكى تۇغۇلغان كۈنۈڭنى مەن شۇنداق ئۆتكۈزدۈم. خىيالىمدا سەن بىلەن ئۇچراشقاندىكى ھالەتنى قانچە قېتىملاپ مەشىق قىلدىم.

    غايەت زور ئىرادە بىلەن ئالدىڭغا كىلىمەنۇ، دەيدىغان گېپىمنى تاپالماي، ئۆزۈمنىڭ نەدە تۇرغىنىنى بىلمەيمەن.تىلىم گويا سۆزلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغاندەك. ئوتلۇق كۆزلىرىمنى نۇرلۇق كۆزلەرىڭگە خىيالىي تىكىمەن. سىنى قۇچاقلىماقچى، شىرىن لەۋلىرىڭنىڭ تەمىنى تېتىماقچى بولىمەنۇ، ھەتتاكى خىيالىمدىمۇ بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمايمەن. چۈنكى سەن بۇنداق ئىشلارنى ھەرگىز ياقتۇرمەيسەن، خاپا بولۇپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن. قەتئىي نىيەتكە كەلگەندىن كىيىن تۇغۇلغان كۈنۈڭگە ئۈلگۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتىم. سېنى ساراڭلارچە سۆيىدىغىنمنى، سىنىڭ ھاياتىم، تېنىقلىرىم، بارلىقىم ئىكەنلىكىڭنى ئىيتىش ئۈچۈن، بار ئارزۇ-ئارمانلىرىم مۇجەسسەملەنگەن بىر دەستە ئەتىرگۈل تەييارلىدىم. گۈل ستىش دۇكىنىدىكى قىزغا گۈلنى كۆتۈرتۈپ، فاكۇلىتتىڭ ئالدىغا كىلىپ خىلى ساقلىدىم. دەرسكە كىرىپ كىتىپتىكەنسەن، بىر مىنۇتمۇ شۇنچىلىك ئۇزاق تۇيۇلۇپ تۇراتتى، ئاخىرى بولماي 3-قەۋەتتىكى سىنىپىڭغا چىقتىم. يەنە 20مىنۇت ۋاقىت بار ئىدى، نېمىلەرنى خىيال قىلغانلىقىمنى بىلمىدىم ئىشقىلىپ نىرۋىلىرىم زىيادە جىددىيلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى. دەرس قوڭغۇرىقى چېلىنىش بىلەنلا گۈلنى ساڭا تاپشۇرۇشنى گۈلچى قىزغا تاپىلاپ، پەسكە ئوقتەك يۈگۈردۈم. ئۇ قىز گۈلنى بېرىپ بولۇپ ئارقامدىن چۈشتى-دە، بېرىپ بولدۇم، دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. گۈلنى نېمىشقا ئۆزۈم بەرمىدىم؟ بۇ ھەرگىزمۇ قورقۇنچاقلىق ئەمەس، (بەلكى قورقۇنچاقلىقتۇ) ئىشقىلىپ سىنىڭ گۈلنى ئالمايلا قالماستىن، يەنە ماڭا بولغان ئۆچمەنلىكىڭنىڭ كۈچىيىپ كىتىشىدىن قورقتۇم. سىنى خىلى ساقلىساممۇ چۈشمىدىڭ. سىنىپىڭغا قايتا چىقتىم، ئۈچىنجى قەۋەتكە چىققۇچە خۇددى سەن گۈلنى تاپشۇرۋىلىپ، خۇشاللىقتا ئۇنىڭ ھەر بىر بەرگىسىگىچە سىلاپ، مۇھەببەت بىلەن قاراپ تۇرغاندەك...كۆرۈنۈشلىرىڭنى خىيال قىلىپ كەتتىم. ئەپسۇس، سىنىپنىڭ ئىشىكى قۇلۇپلانغان، ھېلىقى بىر دەستە گۈل ئوتتۇرا رەتتىكى سەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ پۇتىغا يۆلىنىپ، بويۇن قىسىپ تۇراتتى. گويا بىرسى ئېگىز تاغ ئۈستىدىن ھاڭغا ئىتتىرۋەتكەندەك، يىگانە چۆلدە قارا قۇيۇندا قالغاندەك بولۇپ قالدىم. ئېچىمدىن بىر پىغان-يىغا ئۆرلەۋاتاتتى. يەنە ئۆزۈمنى بەزلەشكە باشلىدىم،«گۈل نامسىز ئىدى، دېمەك زىبا تىخى بىرەرى بىلەن يۈرمەپتۇ. بولمىسا بۇنداق بىپەرۋا قارىمىغان بولاتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە يەنىلا مەن باركەنمەن» دەپ ئويلىدىم. سىنڭ قەلبىڭدىكى جاراھەت تېخى ساقايماپتۇ، راست، سەن تولىمۇ ناھەقچىلىق تارتقان ئىدىڭ، ئۇ ئىشتا زادى كىم ئەيىپلىك؟ ھېچكىم ... 

    يەنە ئىزدەش نىيىتمدىن ۋاز كەچمەي، يىراقتىن بولسىمۇ سېنى كۆرۈۋالماقچى بولدۇم. كۈتۈپخانا بىناسى ئالدىدىكى تاش ئورۇندۇقتا خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتىم، سەن يىراقتىن بىر توپ دوستلىرىڭ بىلەن كەلدىڭ، ئۇ چاغقىچە ماڭا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ساۋاقدىشىم ئۇچراپ قىلىپ، سىنى كۆزدىن يوقىتىپ قويدۇم.

    قايتىپ كەلدىم زىبا. لىكىن يۈرۈكۈم يېنىڭدا قالدى. بۇ سۈرىتىڭنى ھەمىشە يىنىمدا ساقلاپ كەلدىم. مەن يەنە بىر تال كۆپەيتىۋالدىم. ساڭا راست گەپنى دەي، خاتىرەڭ يېنىمدا، ئۇنىڭدىكى نازۇك تۇيغۇلىرىڭ، چىن مۇھەببىتىڭمۇ كۈنسىرى يۈرۈكۈمگە ئويۇلۇپ ماڭىدۇ. ساڭا تالاي رەت خەت يازغان بولساممۇ، ئەۋەتەلمىدىم، ئىھتىمال بۇنىمۇ ئەۋەتەلمەسلىكىم مۇمكىن. ئەمما، ئۆزۈمگە جۈرئەت تىلەپ، سىنى كۈتۈپ ئۆتۈۋاتىمەن. سىنىڭمۇ مېنى ئەسلەپ تۇرىدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن زىبا. خەير ئامان بول.

سىنى سۆيۈپ: ئەنقەر 29-نويابىر >


*******************************************************


    زىبا خەتكە تامغان كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. ئىسەدەشلىرى ھېچ توختاي دېمەيتتى. ھېلىقى گۈلنى ئەسلى «ھۇ ئەبلەخ... نېمىشقا جۈرئەتلىكرەك بولمايدۇ. مىنىڭ شۇنچە ياخشى كۆرىدىغىنمنى بىلىپ تۇرۇپ ... »

    «گۈلزار دېگەن تۈلكە جىننىڭ دېپىغا ھەر ئىككىلىمىز ئۇسۇل ئويناپتۇق» دېگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇ كىمدىن ئاغرىنسۇن؟ گۈلزاردىنمۇ ياكى ماۋۇ يۇرتتا ئارقىسىدىن گەپ تارقىتىپ يۈرگەن ئايشەمدىنمۇ ۋە ياكى ئەنقەردىنمۇ، «مۇئەللىمنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ چوڭ گۇناھ قىلدىم»دەپ قاراپ، رىئاللىققا توغرا مۇئامىلە قىلالمىغان ئۆزىدىنمۇ، زىيادە جاھىللىقى ۋە كۈچلۈك غۇرۇرىدىنمۇ؟ ئەنقەر نېمىشقا بۇ نەرسىلەرنى ئەۋەتىدۇ. «يېپىق قازان يېپىق پېتى» قىلىۋەرسە بولىۋىرەتتىغۇ...

    زىبا پوسۇلكا تاپشۇرۋىلىنغان ۋاقىتقا قارىدى. يېزىلىق پوچتىخانىغا كەلگىنىمۇ بىر ئاي بوپتۇ. ماۋۇ ئىشنى قارىمامدىغان. بۇ ئايال نېمىشقا بالدۇرراق ئەكىلىپ بەرمىگەندۇ. تەڭرى زىباغا تولىمۇ ئېغىر چاقچاق قىلدى. ئەگەر زىبا پوسۇلكىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۋالغان بولسىچۇ، ئەنقەرنى ئىزدەپ بارارمىدى؟ بۇنىڭغىمۇ ئېنىق بىر نىمە دىيەلمەيدۇ. ئۇ خەت توشۇغۇچى ئايال بىلەن تۇتۇشۇش نېيىتىدىن ۋاز كىچىپ ئىككىنجى پوسۇلكىغا قارىدى. كىملەر بىلىدۇ، بۇ پوسۇلكا يەنە قانداق ئازاپلارنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئەگەر بۇنىڭ ئىچىدىنمۇ يەنە ئېغىر زەربە بېرىدىغان«توقماق»لار چىقىپ قالسا زىبا بەرداشلىق بىرەلمەسلىكى مۇمكىن.

    توۋا، ھاياتتىكى بۇنداق ئۇدۇل كىلىپ قېلىشلار پەقەت كىنو-تىلۋوزوردىلا چىقسا بولاتتىغۇ. بىراق ھاياتمۇ ئەشۇنداق ئويۇنغا ئوخشايدىكەن. «بۇ دۇنيادا كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ»دېگەن راست ئىكەن. بۇ پوسۇلكىدىن زىبا قايسى كۈنى ئاشخانىدا ئۇنتۇپ قالغان خاتىرىسى بىلەن يەنە بىر تال خاتىرە تۇراتتى. خاتىرىنىڭ تۇنجى بېتىگە سۇلۇس خەت نۇسخىسىدا «ئۇچقۇن»دەپ يېزىلغان بولۇپ، خاتىرە ئارىسىغا بىرتال خەت قىستۇرۇلغان ئىدى. زىبا خاتىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى :


*************

    مەن ئاخىرى ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلدىم. ئىسمى زىبا . ئاقسۇ ئونسۇدىن. قان تىپى B، مۆچىلى كالا. تۇغۇلغان كۈنى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى. يېزىمىزدىكى مەركىزى مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى.«چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» دېگەن شۇدە. ئۇ ئەسلى سىڭلىم ئىلنۇرنىڭ ئوقۇتقۇچىسىكەن ئەمەسمۇ؟ .....

    بۈگۈن مىنى پىشكەللىك باستى. چۈشتە تاماق ۋاقتى بولاي دېگەندە قازان بىشىدىن تاماق توشۇشقا چىقىۋالدىم. پات-پات ئىشىككە قاراپ قويىمەن، ئۇ ھەر كۈنى ئوخشاش قارادا تاماققا كىلىدۇ. ئەنە، ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى، ئۇچىسىغا قىزىل كۆينەك كىيىۋالغىنىغىلا دىققەت قىلالىدىم، ئۆزۈمچە پۇت-قوللىرىم كالۋالىشىپ، نېرۋام قالايمىقانلىشىپ، جىددىيلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ سورىدىم:

    -نېمە يەيسىز؟

    -تاماق يەيمەن. 

    "ئاپلا" دەپ قالدىم ئىچىمدە . نېمە دىيىشنى بىلەلمىدىم. ھەجەپ چاققان، گەپتان قىزكىنا بۇ. بۇنداق گەپلەرگىغۇ نەق مەيداندا جاۋاپ قىلالايتتىم. بىراق، قانداق بولۇپ ئۇنچە قىزىرىپ كەتتىمكىن بىلمىدىم، ئۇمۇ سەل ئوڭايسىزلانغاندەك "يىرىم ئاش"دەپ قويۇپ، پىيالىگە چاي قۇيغاچ نەزىرىنى ئۇدۇل تامدىكى تېلىۋىزورغا تىكىپ ئولتۇردى. مەنمۇ ئۇنىڭ يىنىدىن ئاستا يىراقلىدىم، ئۇنىڭدىن ئاجايىپ مەست قىلغۇچ خۇشپۇراق تارقىلاتتى، بۇ ئەتىر، گىرىم بويۇملىرىنىڭ ئەمەس تەسۋىرلىگۈسىز بىغۇبارلىق، پاكلىقنىڭ پۇرىقى، راست، شۇنداق پۇراق ئىدى.


    بۈگۈن چۈشتىن كىيىن كۆڭلۈم بەكلا يىرىم يۈردۈم. ئەجىبا ئۇ تاماققا كەلمىگىنى ئۈچۈنمۇ؟ كەچلىك تاماققا بولسىمۇ كىلەر دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۆزۈمنى بەزلەپ تۇرساممۇ ئۇ كەلمىدى. مەن قانداق يىگىت ئىدىم-ھە! ئەمدىلىكتە نېمە بولدۇم؟ ئىلگىرى قىزلارنىڭ ئارقىسىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرگەن دوستلىرىمنى كۆرسەم ئىچىمدە مەسخىرە قىلاتتىم. راست،«ئاشۇ مىجىق قىزلارغا بارغۇ، گەۋدىسىنى تىك تۇتۇپ تۇرۇش كىرەك، بولمىسا ئوغۇل بالا بولامدۇ ئۇ» دەيتىم. دوستلىرىمدىن ئەكبەر قوناقنىڭ «ئالدىرماي تۇر ئاستا كىلەر ئاداش، سەنمۇ ئۇنداق گەپنى ئاز قىل. بۇ كۈن بىشىڭغا چۈشسە سىنىمۇ كۆرىمىز» دېگەندە مىيىغىمدا كۈلۈپ قويغان، «قىنى كۆرەرمىز» دەپ، دېمىغىمنى قىقىپمۇ قويغان ئىدىم. ئەمدى، راستىنلا توۋا دېدىم. ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك ئاجىز، نازۇك بارماقلىرى ئارىسىدا يانجىلىپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. ياق، ئەڭ ياخشىسى يىگىتكە خاس غورۇرۇمنى ساقلاي، بۇنى تىلىمدىنمۇ چىقارماي، قەغەز يۈزىگىمۇ چۈشۈرمەي. راست شۇنداق قىلاي.

............

    كۈنلەر شۇنچىلىك ئاستا ئۆتىۋاتىدۇ. مەن شۇنچىلىك ئاجىزمۇ؟ ياق، يىگىتمەن، يىگىت بولغاندىمۇ ھەقىقىي ئېسىل يىگىتمەن. مۇھەببەتنىڭ بۇ خىل سەۋداسىنى نېمىشقا ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن قوبۇل قىلىپ پىنھان تۇيغۇلىرىمنى مۇشۇ سادىق دوستۇم كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىشتىنمۇ قورقىمەن. ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى يىرتىپ تاشلاپ، دادىللىق بىلەن ئۆز مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتلىرىم ئۈچۈن قول بەرگىنىمدىن تاكى ھازىرغىچە ھەر قانداق بىر ھۈنەرنى چىن دىلدىن سۆيۈپ ئۆگەندىم. ئاشپەزلىكمۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما ھازىرقى تۇيغۇلىرىم تولىمۇ زىددىيەتلىك. مەن كىم؟ مەن دېگەن بىر تاڭجاڭ(مۇلازىم) ئۇچۇ؟...

........

    بۈگۈن بالىلار بايرىمى. شۇنداق شوخ، غەمسىز بالىلارغا قاراپ زاھىر بۇرھاننىڭ «بالىلىققا قايتقۇم بار» دېگەن ناخشىسى يادىمدىن كەچتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، تولۇقسىز 2- يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر قىتىملىق سەنئەت پائالىيىتىدە مەن مۇشۇ ناخشىنى ئېيتقان، ئىيتقاندىمۇ شۇنچىلىك مۇڭلۇق، ئۆزۈممۇ راستىنلا شۇ بالىلىقنى سېغىنىۋاتقاندەك ھېسياتتا ئوقۇغان ئىكەنمەن. ئەمدىلىكتە بالىلىقنى سېغىنىپ قىلىۋاتىمەن. كىچىكىمدىن شۇنچىلىك ئېغىر-بېسىق، چوڭ سۈپەت بالا ئىدىم. ئەسلى ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولغاندەك بالىلىقتا خۇشال-خۇرام ئوينىۋالغان ياخشىكەن. بىرەيلەن ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى.


يىشىڭ ئون سەككىز، سەندە ئۈمىد چەكسىز.

يىشىڭ يىگىرمە بەش، سەن بىر ئوتلۇق مەش.

يىشىڭ ئوتتۇز، سەن بىر ئۈمىد يۇلتۇز.

يىشىڭ قىرى بەش، كۈنۈڭ سېنىڭ كۈنلەش.

يىشىڭ ئەللىك. يېگىنىڭ يەللىك....


    ئىشقىلىپ ئاخىرى ئېسىمدە قالماپتۇ. ئەمما، مەن «ئوتلۇق مەش» بولۇشقا ئاز قاپتىمەن. يەنە يېرىم يىلغا قالماي يىگىرمە بەش ياشقا كىرىمەن...

....... 

    ئۇنىڭسىز بۇ ھاياتىمنىڭ مەنىسى يوقتەك. ئۆزۈمنىڭ بۇ قارارىغا ھەيرانمەن. داڭلىق بىر ئاشپەز بولۇش نىيىتىمدىن ۋاز كىچىپ شوپۇرلۇقتا ئوقۇماقچى بولىۋاتىمەن. ئۇنىڭ كەينىدىن بولىنىۋاتقان گەپلەر چوقۇم يالغان...

    ياق، راست بولۇپ قالسىچۇ؟ ئىلاھىم مىنى ئۇنداق قىسمەتلەردىن يىراق قىلغىن. مەن قانداق بولۇپ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئويلاپ باقسام باشلانغۇچتىن تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ياخشى قىزلارنى خىلى كۆپ كۆردۈم. ماڭا سۆيگۈ خىتى يازىدىغان قىزلار شۇنچە كۆپ بولغاچقا ۋە ياكى پۈتۈن ئەس يادىم بىلەن ئالىي مەكتەپنى كۆزلىگخنىم ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ بىرەر قىزنى ياخشى كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق. پەقەت تولۇق ئوتتۇرا ئۈچىنجى يىللىققا چىققىنىمىزدا سىنىپىمىزنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى قىز بىلەن دائىم بىرگە ئۆگىنىش قىلغۇم، كۆرمىسەم كۆرگۈم كىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئىمتىھاننى تۈگىتىپ سىنىپ بويىچە بىر سەيلىگاھقا يىغىلغان كۈنىمىز ئۇ ماڭا بىر پارچە خەت بەرگەن. ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدىكەنتۇق. ئەمما، نەدىمۇ قىزبالا ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ خەت يازىدىغان ئىش بار؟ شۇ چاغلاردا تەنتەكلىك بىلەن ئۇ قىزنىڭ ئەخلاقىدىن گۇمان قىلىپ يۈرگەن ئىكەنمەن. كىيىن ئۇ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرىستىتىدا، مەن تىببى ئۇنۋىرىستىتا ئوقۇيدىغىنىمزنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولغان. ئۇنى بىر مەزگىل كۆزىتىپ باقماقچىمۇ بولغان. بىراق مەن ئوقۇشقا بارمىدىم. ساۋاقداشلار بىلەنمۇ كۆپ ئالاقىلەشمىدىم. ئۇمۇ مىنى كۆپ ئىزدەپ ھاردى. قىز بالا بۇنداق قىلىشقا ئەرزىمەيتى مىنىڭ نەزەرىمدە. ئويلاپ باقسام، بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئۈچۈنكەن. مەيلى ئاخىرى قانداق بولسا بولسۇن مەن بۇ قارارىمدىن يانمايمەن.

.......

    مەن ئۇنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇدۇم، ئەسلى ئوقۇماسلىقىم كىرەك ئىدى. لىكىن مەن ئوقۇدۇم. ئۇنىڭ خۇددى خرۇستالدەك نازۇك، سۈزۈك، پاكىز قىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. خەير، مەيلى مەن ئۇنىڭ ۋەسلىگە يىتەي ياكى يەتمەي شۇنچىلىك بىر قىز ئۈچۈن ئەقىدە قىلغىنىمدىن خۇشالمەن.

زىبا، ئارىسىدىكى قىستۇرۇقلۇق خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى :

< ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زىبا مۇئەللىم، بۇنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قېلىۋاتقان بولىشىڭىز ئېنىق. سىز يۇرتىڭىزدىن قايتىپ كەلگىنىڭىزدە قانداق قارارلارنى چىقىردىغىنىڭىزنى بىلمەيمەن. ئەمما، مەن «يىتىپ ئۆلگىچە ئىتىپ ئۆلۈش»نى توغرا تىپىپ، بۇنى ئەۋەتتىم. نېمىلەرنى دېيىشنى بىلمەيمەن بىراق....

سىزنى سۆيۈپ: ئەلى


*******************************************************


    زىبا ئېغىر تىنىپ قويدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئېغىرلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. راست، ئەلىگە زىبامۇ دىققەت قىلغان ھەم ئۇنىڭدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنى بايقىغان، بىراق ئۇنى ئوغۇللاردا بولىدىغان دەقىقىلىك ھەۋەس دەپ ئۇنىڭغا پەقەتمۇ پەرۋا قىلمىغان ئىدى.

    - سەن زادى كىمنى ياخشى كۆرىسەن؟ ئەنقەر دېمە زىبا. ئۇ ئەمدى باشقا بىرىسىگە تەۋە يىگىت. لۇتپۇللا دېگىن.

    -ئەلى قانداق قىلا؟

    - ئاڭلا، مۇھەببەت دېگەن سەدىقە ئەمەس، ئەلىمۇ ھەم سۆيگۈ تىلەمچىسى ئەمەس .

    - ئۇمۇ ناھايىتى ياخشى بالا.

    - شۇنداق، جاھاندا ياخشى ئادەملەر دېگەن كۆپ زىبا. سەن ھەممىسىگە سۆيگۈ بىرەلەمسەن؟

    - مەن داۋاملىق مۇشۇ يەردە ئىشلەۋىرىمەنمۇ؟

    -نېمە بولدۇڭ زىبا. قىنى غايىلىرىڭ؟ نېمىشقا بۇ يەردە تۇرمىغۇدەكسەن؟

    -ئارقامدا بولۇنغان گەپلەر ئازمۇ؟ مۇرادىل مۇئەللىم، يەنە تىخى بۇ ئەلىمۇ قوشۇلدى، مەن ئۇلارغا قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمىدىم.

    -نېمىشقا يۈزلىنەلمىگۈدەكسەن؟ ئاڭلا «ئىت قاۋاپ قىلىۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ». باشقىلار نېمە دىسە دېسۇن، ئادىمىيلىك ئۆلچىمىڭگە ئۇيغۇن بولسىلا، قارا قىلغان بولساڭلا ئالدىڭغا قاراپ قىلىۋەر.

    زىبا، مانا مۇشۇنداق ئۆز-ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىپ خىلى ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى. ئىشىك يىنىدىكى ئەخلەت تۆكىدىغان تۈنكە داسنى ئەكىلىپ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى پارچە خاتىرىسىنى، ئەلىنىڭ خاتىرىسىنى، يەنە خەتلەرنى قولغا ئېلىپ، بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، ۋاراقلىرىنى بىر-بىرلەپ يىرتىپ داستا كۆيىۋاتقان ئوتقا تاشلاۋاتاتتى. ئۇ زىرىكمەي ھەر بىر ۋاراق كۆيۈپ بولاي دېگەندە، ئاندىن يەنە بىر ۋاراقنى يىرتىپ تاشلايتتى. ھەر بىر ۋاراق يىرتىلىغاندا بىر تامچە ياش مەڭزىنى بويلايتتى ...

    خاتىرىلەر كۈلگە ئايلاندى. زىبا داستىكى لىققىدە كۈلگە قاراپ، ئۆزىنىڭمۇ ئۆتمۈشتىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى مۇشۇنداق كۈل قىلىۋىتىشى لازىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ تۇيۇقسىز لۇتپۇللانى سېغىنىپ قالدى. چىن كۆڭلىدىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى، ئۇنىڭ بىلەن ھايات سەپىرىنى قول تۇتۇشۇپ تەڭ بېسىشنى ئويلىدى. ئۇ قانچىلىك خىيال سۈردىكىن، ئىشىك چېكىلىپ لۇتپۇللا بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.

    -ۋاي زىبا، نېمە ئىش بولدى. ياتاق ئىچىنى ئىس پۇرىتىپ ئولتۇرۇپسىزغۇ؟

    زىبا ھەممە ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئۇلار خىلى بىر چاغقىچە جىمجىت ئولتۇرۇشتى.

    -مەن بىلەن يەنە توي قىلىۋىرەمسىز؟-دېدى زىبا.

    -بۇ نېمە گەپ؟ ئەلۋەتتە، سىز خالىسىڭىزلا سىز بىلەن جان دەپ توي قىلىمەن. بۇ جەھەتتە مەندە بۇرۇنلا ئىدىيىۋى تەييارلىق بارئىدى. ئەنقەرنىڭ ئىشلىرىنى بىلىمەن. باشقىلىرى نەزەرگە ئالغۇدەك ئەمەس. بىز توي قىلساقلا ھەممىسى بىسىقىپ قالىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ 

    -راستما؟

    -جىنىم زىبا. ماقۇل دېسىڭىز ئەتىلا توي قىلغۇم بار سىز بىلەن.

    -...

    -دەڭە قاچان قىلايلى. ۋاي ، ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن. ماۋۇ گۈلنى سىزگە تۇتۇپ، مۇھەببىتىمنى يەنە بىر ئىپادىلەي. گۈل-ئۇدېگەن كۆڭۈل-لۇتپۇللا گۈلنى ئىككى قوللاپ ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئاندىن زىباغا سۇندى. زىبا لۇتپۇللانىڭ كۆزىگە قاراپ قويۇپ، گۈلنى قولغا ئالدى ۋە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قويدى.

    -دەڭە، قاچان توي قىلىمىز زىبا.

    - چوڭلار بىكىتسۇن ...



2008- يىل 29-ئىيۇل تاماملاندى. قەشقەر 

 


كۈلگە ئايلانغان خاتىرە باشقا تېمىلار
كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (1)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (2)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (3)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (4)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (5)