كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (1)
ئەلى ئىتتىك ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى-دە، ئىشىككە يۆلەنگىنىچە قولىدىكى خاتىرىگە قاراپ خىل ئۇزاق تۇرۇپ قالدى، قولىدىكىسى خاتىرە ئەمەس بەلكى قوقاس چوغدەك، قولىدىن تۇتاشقان ئوت پۈتۈن جىسمىنى كۆيدۈرۋىتىدىغاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ خاتىرىنى ئوقۇش-ئوقۇماسلىق ھەققىدە خىلى كۆپ ئويلىنىپ يەنە ئىككىلىنىپ قالدى. ئەتىگەن ھىلىقى قىز ئاشخانىغا كىرىپ ناشتا قىلغان ئىدى، ئالدىراشچىلىقتا بۇ خاتىرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كىرەك، ئەلى ئۈستەل يۇغۇشتۇرۋاتقاندا بۇ خاتىرىنى تېپىۋالدى. خاتىرىنىڭ تۇنجى بېتىنى ئېچىپلا كۈندىلىك خاتىرە ئىكەنلىكىنى بىلىدى-دە، دەرھال يېپىپ ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ يوشۇرۇپ قويدى. ئەمدىلىكتە ئەتىگەندىن بىرى ئوقۇشقا تەشنا بولغان بۇ خاتىرىنى ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدىغۇ؟! « بۇنداق ئوغۇرلۇقچە ئوقۇۋالسام قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دىگەن كىشىنىڭ مەخپىيەتلىكى چۈشكەن كۈندىلىك خاتىرە. مەن يا ئۇنداق ئەخلاقسىز، تەربىيە كۆرمىگەن كىشىلەردىن بولمىسام. بولدى، ئوقۇماي. ئەتە ئۇ قىز يەنە تاماققا كىرگەندە ئاستا قايتۇرۇپ بېرەي. لىكىن... ياق، نېمىشقا ئوقۇمىغۇدەكمەن؟! بۇ شۇنچە ئاسان كەلگەن پۇرسەتمۇ؟ قانچە ۋاقىت بولدى مەن بۇ قىزنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنىۋاتقىلى؟! ئەگەر خاتىرىنى ئوقۇمايلا قايتۇرۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ كىم مېنىڭ ئوقۇغان-ئوقۇمىغىنىمنى بىلىدۇ. ئوقۇش كىرەك...». ئۇ ئەشۇنداق چىگىش خىياللار ئىچىدە خاتىرىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى.
* * * * *
2003-يىل 10-سىنتەبىر
مەن يەنە كۈندىلىك خاتىرە يازماقچى بولدۇم. قايسى بىر ژۇرنالدىن كۈندىلىك خاتىرە قىزلارغا دۈشمەن دېگەندەك بىر مەزمۇننى ئوقۇغاندەك قىلىۋىدىم. بۇنىڭ راستلىقىمۇ ئۆز ھاياتىمدا بىر رەت ئىسپاتلاندى. بىراق، يەنە يازماقچى بولىۋاتىمەن. بۇ قېتىم خاتىرەمگە چوقۇم ياخشى قارايمەن، يۈتتۈرۋەتمەيمەن. بۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ يالدامىسى، مەن ئۇنىڭ ھەر بىر قۇرلىرىنى ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار بىلەن يېزىشقا تىرشىمەن.
2003-يىل 15-سىنتەبىر
«بىر قىزنىڭ ئىپپەت نومۇسىنىڭ قىممىتى سىنىڭ ھاياتىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ. سىنىڭ ئەركەكلىكىڭ سىنىڭ مەھبۇبىڭنىڭ، ئاچا-سىڭىللىرىڭنىڭ ئىپپىتى، ۋەتەن خەلقىڭنىڭ غۇرۇرىنىڭ پاكلىقىدا بولىدۇ». مېڭىشتىن ئاۋال بۇ ئۈزۈندىنى ئۇكامنىڭ خاتىرىسىگە يىزىپ قويدۇم، ئىھتىمال ئۇمۇ ئوقۇدى. مېنىڭچە يىگىت بولغان كىشى بۇنى بىلىشى كىرەك.
بۇ مەكتەپكە كەلگىنىمگە ھەپتە بوپتۇ. يېڭىچە بىر مۇھىت ماڭا يىڭى تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىۋاتاتتى. بۇ مەكتەپكە قەدەم ئالغان تۇنجى كۈنىلا كەچتە ئۆيگە تىلفۇن ئۇرۇپ ياتاققا يېنىۋىتىپ، بىر قىزنىڭ قاتتىق تاياق يېگىنىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. ھېلىقى نامەرت، قىزنى بىر قاراپ قويۇش بىلەنمۇ ئۆزىنى بىلىۋالىدىغان قىلالمىغان يىگىتكىمۇ ئۆچلىكىم كەلدى. قىزنىڭ ئېغىزىمۇ شۈك تۇرمايدىكەن، قىز بالا دىگەن ئۆز قەدىرىنى بىلىشى كىرەكتە! شەرم-ھايانى ئالدىنقى شەرت قىلمىغان مۇھەببەتنىڭ ئاخىرى ياخشى بولمايدۇ. بەلكىم مەن مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغاندىمەن. ئاھ، بىغۇبار قەلبىم، ساڭا كىر يۇقمىسۇن. سېنى سۈرتۈشنى ئۇنتۇغىنىمدا ماڭا ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇما....
ئەلى بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ ھەقىقەتەن ھاياجانلاندى. ھەر كۈنى كۆرىدىغان ھېلىقى قىز يەنە بىر رەت خىيالىدىن ئۇچۇپ ئۆتكىنىدە، «ئۆزىمۇ گۈل، قەلبىمۇ گۈل قىز ئىكەنغۇ بۇ»دەپ ئويلىدى. تۇيۇقسىز يۆتەلگەن ئاۋازدىن چۆچۈگەن ئەلى دەرھال خاتىرنى يېپىپ چىراغنى ئۆچۈرۋالغان بولسىمۇ، بىردەمدىن كىيىن دادىسى ئاستا دەرىزە تۈۋىگە كەلدى:
-ئوغلۇم ئەلى، تېخى ياتمىدىڭمۇ بالام. بولدى كىتاپ ئوقۇۋەرمەي بالدۇر ئۇخلا. ئەتە ئاشخانىغا سەھەردە بارمىساڭ ئۇستام رەنجىيدۇ.
-بولىدۇ دادا. سىز ئۇخلاۋىرىڭ.
ئۇ بۈگۈن مۇشۇ خاتىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئاشخانىدىكى شاگىرىت بالىلار بىلەن بىرگە ياتىدىغان ياتىقىدا ياتماي ئۆيگە قايتىپ كەلگە ئىدى. يېرىم كىچىدىمۇ دادىسىنىڭ «بالدۇر ئۇخلا»دېيىشى خۇددى ئەلىنى باشقۇرۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ باشقۇرۇشى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى. گويا مۇشۇ چاغقىچە ئۆزىگە تەل بىرەر نەرسىگە ئېرىشىپ باقمىغاندەك تۇيۇلدى. ئۆزىنىڭ ئۆيى بولسىدى.... ئۇ شۇلارنى ئويلاپ، شىرىن خىيالغا چۆمدى. چىراغنى يەنە ياقسا ئانىسىنىڭمۇ چىقىپ ئۇخلا دېيىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاستا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ شام بىلەن سەرەڭگىنى ئىلىپ چىقىپ، خاتىرىنىڭ داۋامىنى شام يورۇقىدا ئوقۇشقا باشلىدى.
2003-يىل 23- سىنتەبىر
ياشاش ئۈچۈن بەخت ئىلكىدە ،
مەن قەلبىمنى قىلمىدىم ئىزھار.
راست، مەنمۇ ھەممىنى كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆزگىگە تىنماي ئۆتىۋاتىمەن. مەن قاچانلاردىن بۇيان بۇنداق مۇھەببەتلىك ناخشىلارنى ئاڭلاشقا ئامراق بولۇپ قالدىم. دوستۇم بۈگۈن يەنە مىنى ئىزدەپ كىرىپ دەردىنى تۆكۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. مەن نېمىشقا مۇشۇنداق ھىجران ھىكايىلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ كىتىمەن. بۇ قەلبىمدىكى ئىشەنچكە سوغۇق سۇ سېپىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئەسلىمە ئۇ بىر ئۆتمۈش، قايتلانمايدىغان دەقىقە.
خىياللىرىم مەيلى قانچىلىك گۈزەل ياكى كۆز يىشى بىلەن تويۇنغان بولسۇن ئەڭ پاك، گۈزەل مۇھەببەتنىڭ دەقىقىلىك تاشقىنى ،ياق دەقىقىلىك ئەمەس، ئۇ شۇ قەدەر تەبئىي ھەر ۋاقىت ئەتراپىمدا تەييار، ماڭا ھەمىشە ئۈمىد بىغىشلاپ تۇرىدۇ.
ئاۋۋال قاقاقلاپ كۈلدۈم، قارچۇقلىرىمدىكى تامچىلار مەڭزىمنى سۆيمەكچى بولدىيۇ، ئۆزىنى بىسىۋالدى، گاھى ۋاقىت شۇنچە تىز ئۆتىدۇ، ھازىر نىمىشقا ۋاقىت بۇنچە ئاستا ئۆتىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.
2003-يىل 24-سىنتەبىر
ھەر بىر قەدىمىم ئەھمىيەتلىك بىسىلىشى كىرەك. مىنىڭ ھەر بىر قەدەملىرىمدىن تەنتەكلىك، زىيادە ساددىلىق، ئىش كۆرمىگەنلىك بىلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ.نىمىلەردىن رەنجىيمەن، ئەسلىغۇ ئادەملەر ئەشۇنداق ئاقكۆڭۈل بولۇشى لازىم. بىراق...
سىنىپىمىزدىكى ھېلىقى ئىككى بالىنى ھەجەپ پەرقلەندۈرەلمىدىم، بىرى خوتەنلىك مەتروزى، يەنە بىرى يەكەنلىك روزىمەمەت. چىرايىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىر دىمەي، ئىسمىچۇ تېخى. گەپ قىلىشلىرىمۇ ئوخشايدۇ. بۈگۈن خوتەنلىك ساۋاقدىشىمدىن خەنزۇچە ماقال-تەمسىل لۇغەت سورىسام يوق دېگەن ئىدى، كىيىن يەكەنلىك ساۋاقدىشىمدىن سورىدىم دەپ يەنە شۇ خوتەنلىك ساۋاقدىشىمنىڭ ئالدىغا بېرىپتىمەن. «زىباخان، كۆزىڭىز توكۇركەن. روزىمەت بىلەن مەتروزى قانداق ئوخشايتا» دەپ مېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ كەتتى. زىباخان دېگىنىگە ئاچچىقىم كەلگەنتى، كىيىن ئۇقسام ئۇلارنىڭ ھۆرمەتلەپ ئاتىغىنىنى بىلدۈرىدىكەن. مەن بۇ ساۋاقداشلىرىمنى بارغانسىرى ياقتۇرۇپ قىلىۋاتىمەن. توۋا، مەتروزىنىڭ بىر يەرلىرى ئەنقەر مۇئەللىمگە ئوخشىغاندەك، قارىماي دېسەممۇ تولا قاراپ سالدىم. بولدى، ئەمدى قارىمايمەن.
2004-يىل 16-يانۋار
مۇھەببەت ئىنسان روھىيىتىنىڭ جەۋھىرى، ئىنسان قەدىر-قىممىتىنىڭ يۈكسەك ئۆلچىمى. بىراق ئۇ ۋەتەن، خەلق ئالدىدىكى قەدىر-قىممىتى بىلەن ئۆلچەنگەندىلا مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ" . (قاينام ئۆركىشى رومانىدىن)
بۇ كىتابنى بۈگۈن 2-قىتىم ئوقۇپ تۈگەتتىم. لۇتپۇللا مۇتەللىپكە بولغان ھۆرمىتىم بارغانسىرى ئېشىۋاتاتتى. بولۇپمۇ "قوشئاۋاتتا قوش پەرى"نى ئوقۇغان چىغىمدا ھەقىقەتەن ھاياجانلاندىم. ھازىرغىچە مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان بولساممۇ، مۇھەببەت ھەققىدە خىلى ئىنىق تونۇشقا ئىگىمەن دەپ ئويلايمەن.
بۈگۈن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا، مەن تونۇيدىغان چىرايلىق ئۈچ قىزنىڭ ئىككى يىگىتكە«بىزنى دىباغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلىڭلار»دەپ قولىغا ئىسلىۋالغىنىنى كۆرۈپ، بەك ئەپسۇسلاندىم. مەكتەپكە نېمە دەپ كىلىمىز؟ مەكتەپتىكى مۇھەببەت شۇنداق بولامدىغاندۇ؟ ئەجىبا بىرگە تاماق يەپ، قەيەرگە بارسا بىرگە بىرىپ، ئويناپ يۈرسىلا مۇھەببەت بولامدۇ؟ بەزىلەرنىڭ «بىكەت ئالمىشىش» سۈرئىتىگە ھەيران قالىدۇ كىشى. ھەپتىدە، ئايدا دېگۈدەك «يۈرگەن»لىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىشىدىكەن. شۇڭلاشقىمىكىن گاھى چاغدا ھەرگىز مۇھەببەتلەشمەيمەن، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ بىغۇبار،پاكىز تۇيغۇلىرىمنى مەڭگۈ ساقلىسام دەيمەن.
خاتىرە ئوقۇلۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، خىلى كۆپ يىرتىلغان بەتلەرنىڭ ئىزناسىنى كۆرگەن ئەلىنىڭ ئېچى بىر قىسىم بولۇپ قالدى. خۇددى، شۇ يەرگە قانداقتۇر بىر سىرلار يوشۇرۇنغاندەك، ئۇنى بىلمەكچى بولغاندەك ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ قالدى. ئۇ يەنە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى ...
2004-يىل 11-ماي
ياش تۆككۈم يوق، بىراق ھەممە نەرسە كونتروللىقىمدىن چىقىپ كەتكەندەك. ھېسلىرىم قان-قان يىغلاپ قارچۇقلىرىمنى قىينايتتى. قىز بالا بولساممۇ كۆپ ياش تۆكۈشنى ئەيىپ ئالىمەن، ياش تۆكۈشنى ئىرادىسىزلىك دەپ قارايمەن. بىراق، بۈگۈنكى قىلىقلىرىمغا يىغلىغۇم، ئۆز-ئۆزۈمگە ئېچىنغۇم كىلىۋاتىدۇ. چوڭ كوچىدا ئۇ ئۇچراپ قالدى. بۇ بالىنىڭ چىرايى ئۇنىڭغا ھەجەپ ئوخشايدىكەن توۋا.
ئۇدۇل قاراپ كىتىۋاتىمەن. قەدەملىرىم تولىمۇ تەستە ئالغا سىلجىيدۇ. قاياققا ماڭدىغىنمنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم. ئۇنىڭغا يىقىنلاشقانسىرى پۇتلىرىم كالۋالىشىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە پۇتلىشىپ كىتىدىغاندەك تەستە مىڭىۋاتاتتىم. ئۇ مىنى تونۇمىسىمۇ مەن نىمىگە بۇنچىۋالا جىددىيلىشىمەن. ئىش بار ئوخشايدۇ ماڭا، ئەجىبا ئۇنىڭ ماڭا دىققەت قىلىشلىرى، نەگە بارسام شۇ يەردە پەيدا بولۇپ قېلىشلىرى مېنى تېخىمۇ ئىھتىياتچان قىلىپ قويغاندۇ. بۇ گەپنى ياتاقداشلىرىمغا ئىيتىپ بەردىم. ئۇلار ھەمىشە مېنى «خەلپەم كۈلمەپتۇ، كۈلسە تېلىقىپتۇ» دەپ جىلە قىلاتتى، ئۇلارچە بولغاندا، مەن«باغرى تاش ھېسىياتسىز مەخلۇق، بىرەر ئوغۇل بالىغا نەزەر-گۈزىرىنى سالمايدىغان، ۋاقتى كەلسە بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا ساراڭلارچە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى» مىشمەن. راست، شۇنداقمۇ نېمە؟! ياق، مەن ئۇنداق ساراڭلاردىن ئەمەس. مۇھەببەت، ئۇ زادى نېمە؟ ئەجىبا ھازىر مەندىكىسى مۇھەببەتمۇ؟ ئۆزىنى قاچۇرۇشمۇ مۇھەببەت ھېسابلىنامدىغاندۇ؟!
2004-يىل21 - ئىيۇل
تېنىم كېتىۋاتىدۇ، جىنىم نەگە كەتتىكىن، نېمىلەردىن قېچىپ نېمىلەرنى قوغلاپ ئۆتىۋاتىدۇ. قەدەملىرىم تېڭىرقاشتىن بىرەر نىشان تاپالماي ئىغىر سۈكۈت ئىچىدە مىدىرلىماي تۇرۇپ، ئۆز جايىغا پاتقاققا پىتىۋاتامدىكىن.... خاتىرەمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھېلىقى تاش ئورۇندۇقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن. يالغۇز خاتىرىنىلا ئەمەس، ئۆزۈمنىمۇ شۇ يەردە ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايمەن. مەن بېرىپ ئىزدەپ باقاي، نېمانچە بۇرنۇمغا سۇ كىرمەيدۇ مېنىڭ. بىر قىتىم يۈتتۈرۈپ ئاز دېشىۋارچىلىق تارتتىممۇ؟ تۈنۈگۈن ئۇ كېلىشىگىلا جىددىيلىشىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاستىمغا قويۇپ ئولتۇرغان ئۇخاتىرىنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئۇ چوقۇم كۆردى، بۈگۈن شۇ يەردە ساقلاپ تۇراي، ئۇ كەلگەندە سوراپ باقاي. گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان بولدۇم-دە. بوپتۇ، گەپ قىلماي تۇرۇپ باقاي، ئۆزى بېرىپ قالسا تېخى ياخشى. بولمىسا ئاندىن سوراي.
2004-يىل 22-ئىيۇل
تۈنۈگۈن ساق يېرىم كۈن ساقلاپ ئاندىن خاتىرىنى تاپتىم، دەل ئۇ ئېلىپ قويۇپتىكەن.
-ھەجەپ بېخەستە قىزكەنسىزغۇ. تۇنجى بېتىگە چاپلاقلىق رەسىمىڭىز باركەن، شۇنىڭدىن بىلدىم. ئىسمىڭىز زىباما؟
ئۇ مۇشۇ گەپلەرنى دېگەندە بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئۇ خاتىرەمنى ئوقۇپتۇ-دە. -ئەنسىرىمەڭ، كۈندىلىك خاتىرە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئوقۇمىدىم. مەڭ، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىڭ!
-رەھمەت سىزگە.
مەن شۇنداق دەپلا كەينىمگە ياندىم. بىلسەم ئۇنىڭ يۈرگەن قىزى باركەن ئەمەسمۇ؟ بولدى، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالسام بولمايدۇ. ئەمدى خاتىرەمگە بۇ ناتونۇش يىگىت توغۇرلۇق ھېچنىمە يازمايمەن.
2004-يىل 10-ئىيۇل
بۈگۈن ئىمتىھاننى تۈگەتتۇق. گىرامماتىكا دەرسىدە ئاجىز ئىدىم، بۈگۈن دەل شۇ پەندىن ئىمتىھان بەردۇق. تەلىيىمگە مەتروزى ئالدىمدا ئولتۇرۇپ قاپتۇ. ئۇ ماڭا بىر قانچە جاۋابنى دەپ بەردى. ئىمتىھان ۋاقتىدا خۇش بولۇپ يازدىمەن. لىكىن، ھازىر ئويلىسام خورلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن، چۈنكى بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى رەت كۆچۈرۈشۈم. گەرچە كومسىيىلەر كۆرۈپ قالمىغان بولسىمۇ، بىراق مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ئوقۇۋاتقان تۇرۇپ... تەتىل ۋاقىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئاجىز پەنلىرىمنى ئۆگىنىمەن. مەتروزى ھەجەپ ياخشى بالا-ھە! ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، تىرىشچان، ئىشچان. ياتاقدىشىم ھەم دوستۇم بۈۋمەريەم ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. بۈگۈنكى مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسىتى «مەتروزىغا ئەلچى بوپ بەر دېمەكچى» چوقۇم. مەكتەپكە كەلگىلى ئەمدى بىر يىل بولغاندا كىم قويدى مۇھەببەتلىششىنى. توۋا دەي بولدى. بۇ خېتىدە نېمە مەزمۇن بار، كىم بىلدى. بىراق، قانداقمۇ بېرەرمەن بۇ خەتنى. دوستۇمنىڭ بۈگۈنكى ھالىغا قاراپ ئۇنىڭغا قاتتىق تىگەلمىدىم. ئۆزۈمگە ئايان، مەن بۇنداق ئىشلارغا يارىمايمەن. كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە... ياق!
2004-يىل 15-ئىيۇل
باشقىلارنىڭ شۇنچە دىلىنى ئاياپ تۇرساممۇ يەنە نېمىشقا ئاسان رەنجىتىپ قويدىغاندىمەن. تەتىلگە قايتىدىغان چاغدا بىر قاتار كۆڭۈلسىزلىكنى تېپىۋالدىممۇ نېمە؟ مەن خەتنى بەرگەن كۈندىن باشلاپ ئۇ ماڭا ئۇدۇل كەلمىدى. گەپ قىلىپمۇ باقمىدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردە سۈكۈتتە تۇرۇۋىلىش ئوغۇللارنىڭ تاكتىكىسىمۇ يە! دوستۇمغا قاراپ مەنمۇ ئەنقەر مۇئەللىمنى ئويلاپ قالدىم. ئەشۇ چاغدىكى ھېسىياتىمنى مۇھەببەت دەپ ئويلىغان ۋە قىززىق قانلىق بىلەن خاتىرەمگە چۈشۈرۈپ بار بالانى تاپقان ئىكەنمەن. ھازىر بولسا مەن سورىمىساممۇ گۈلزار ماڭا ئۇنىڭ خەۋىرىنى بېرىپ تۇرىدۇ. مەن ھىچقانداق ئىپادىسىزلا ئاڭلايمەن. 4-ئايدا كىتابخانىدا ئەنقەر مۇئەللىمنى كۆرۈپ قالدىم. يېنىدا بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن بىر قانچىسىمۇ بار ئىكەن. شۇنچە كۆپ كىشىلەر تۇرسىمۇ يېنىدا بىر قىز ئۇنى قولتۇقلىۋاپتۇ، شۇنى كۆرۈپمۇ يەنە گۈلزارنىڭ گەپلىرىدىن گۇمانلىنىپ يۈرۈيمەن. بەلكىم مەن بىر ئۈجمە كۆڭۈلنى ئاجايىپ يىگىت دەپ قىياس قىلىپ كەتكەندىمەن. يۇرتقا قايتساممۇ مەكتەپكە بارمايمەن. ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئۆيىگىلا بېرىپ كۆرۈشۈپ كىلەي.
2004-يىل 22- ئاۋغۇست
ھەرىكەتتە بەرىكەت دېيىشىدۇ. ئەتىگەندىن بىرى توختىماي، ھارغۇدەك ئىشلىدىم. ئاياللارنىڭ جاپاسى راست كۆپكەن جۇمۇ! بىر كۈن ئۆي ئىشىنى قىپتىمەن. بۇنداق قىلىشىم ئۆزۈمنى ھارغۇزۇپ، كەچتە خىيال سۈرۈش ئىمكانىيىتى بەرمەي ئۇخلاپ قىلىش ئىدى. بىراق ئىختىيار مەندە ئەمەس. خىيال سۈرۈپ سائەت- سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتىۋاتىمەن. دوستۇم گۈلزاردىن ئۇ توغۇرلۇق ئاڭلىغان خەۋەرلەر كۆڭلۈمنى بەكلا غەش قىلدى. مەن شۇنداق ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولغىيمىدىم، لەنەت ئۆزۈمگە...
مۇھەببەتسىز، دوست-يارەنسىز بۇ ھاياتنىڭ نېمە لەززىتى؟! ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان دوستۇمدىن كەلگەن تىلفۇننى ئىلىپ بارلىق غەملىرىم يوقاپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم. ئۇ بەك ئاقكۆڭۈل، قولىدىن كېلىشچە باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى ئىستەيدۇ. ئادەم دېگەن تەمەسىز ھالدا باشقىلارغا ياردەم بېرەلىسە ئاندىن قىممىتى بولىدۇ. بۇ تەتىل مىنى زادى قانداق قىلىپ قويغاندۇ؟ ھەجەپ بولۇپ قالدىم دېسە توۋا.
2004-يىل 16-سىنتەبىر
مەكتەپ قوينى ماڭا ھەقىقەتەن ئىللىق تۇيۇلدى. ساۋاقداشلىرىم بىلەنمۇ شۇنداق ياخشى كۆرۈشتۇق. لىكىن، مەتروزى يەنە ماڭا سوغۇق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئۆزۈمدىن كەتتى، مۇھەببەتلەشسە بولمايدۇ يەي، ئانداغەي مانداغەي دەپ پەلسەپە، ئەخلاق توغۇرلۇق يوغان گەپلەرنى قىلىپ، ئارقىدىن بىر قىزنىڭ ئەلچىسى بولغاندىكىن، كۆڭلىدە «بۇ قىزمۇ تايىنلىقكەن، ئېغىزىدا شەھەر ئالغان بىلەن ئەمەلىيەتتە دېگىنىگە ئەمەل قىلمايدىغان ئوخشايدۇ» دەپ قالغانمىدۇ؟ مەيلىلا، مۇھىمى بۈۋمەريەم. ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ قويسام بولاتتى. لىكىن، ئۇ يا ماڭا مۇنداق گەپتى دەپ دېمىسە گەپنى نەدىن، قانداق باشلايمەن. مەتروزىغا مەنمۇ گەپ قىلمىدىم. كويى تۇتقاندا گەپ قىلىپ قالار.
2004-يىل 25-سىنتەبىر
سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنمىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. ئەمما قانداق قىلسام تىخىمۇ ياخشى بولىدىغىنىنى بىلىمەن. گاھى ئەسەبىيلەشكەن قانلىرىم تومۇرلىرىمدا كۈۋەجەپ ھالسىزلانغان تېنىمنى ئازاپ دېڭىزىدا خالىغانچە دومىلىتىپ ئوينايدۇ. كۆزلىرىمدىن خالىغانچە ياش ئېلىپ مىنى ھالسىرىتىدۇ.
ئازاپ شېرىن نەرسىنىڭ قوينىدا تېخىمۇ بەك جۇلالانسا كېرەك. بارغانسېرى ئاجىزلاپ ئۆزۈمگە ئوخشىماي قىلىۋاتىمەنغۇ؟! قىلىدىغان ئىشىم شۇنچە كۆپ تۇرسا. راست، ساراڭ بولغان ئوخشايمەن. سىنى ئۇنتۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. بىراق ئۇنتۇي دېگەنسىرى بەك ئەسلەپ قالىدىكەن كىشى. مەن ئەسلىمگە قايتاي.
2004-يىل 29-ئاۋغۇست
ئەبلەخ! ساڭا ئۆچ بولغۇم كىلىدۇ-يۇ، يەنە ئەسلەپ قالىمەن. شامغا تىكىلىپ ئولتۇرىمەن.كۆز نۇرلىرىم ئارقىلىق ئۆزۈمنى شام نۇرىغا سىڭدۈرۋەتكۈم، سىنىڭ سىمايىڭنى ئىزدىگۈم كىلىدۇ. كۆيۈپ بولغان پىلىكلەرنىڭ شامدىن، ئۆزنىڭ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ تۇرغان گەۋدىدىن ئايرىلغۇسى يوق،گەرچە ئۇنى كۈل قىلسىمۇ، خۇددى مېنىڭمۇ ئەشۇ ئاچچىق ئەسلىمىلىرىم يۈرەك قىتىمدىن ئايرىلىشقا ئۇنىمايۋاتقاندەك.
كۆيۈپ بولغان پىلىكنى چۈشۈرۋەتتىم، گويا شام يوروقىمۇ ئۇنىڭغا قىيمىغاندەك تولغىنىپ كەتتى-يۇ، قەددىنى رۇسلاپ بۇرۇنقىدىن نۇرلىنىپراق كۆيۈشكە باشلىدى. سۆيگۈ-مۇشۇ شامغا ئوخشايدۇ، پىلىك بىلەن گەۋدە بىر-بىرىدىن ئايرىلسا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئاڭلىغىن، پىلىكنىڭ كۈلىنى چۈشۈرۋەت، بولمىسا يورۇقلۇق چىقىرالماي ئېرىپ تۈگەيسەن. جاھاندىكى نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كىچىشكە توغرا كىلىدۇ. زىبا، قەلبىڭدە داغ قالدۇرىدىغان كۈلنى ئۆچۈرۋەت، ياشلىقىڭ ھەرگىزمۇ نۇرسىز ئېرىپ كەتمىسۇن.
مەنمۇ ئۆزۈمگە تەئەللۇق سۆيگۈگە ئېرىشىمەن. خىيالىمدىكى سېنى چوقۇم ئۇچرىتىمەن. دىلخانىمىزگە ياندۇرۇلغان سۆيگۈ شامى كۆيۈپ يۇرۇقلۇق ئاتا قىلسا، كۆزلىرىمىزدىن چاقنىغان ئۇچقۇندىن جاھالەتكە مەشئەل يانالايدۇ، تۈندە ئۇيقۇغا كەتكەن بىچارىلەرنىڭ قەلبىنى ئويغىتىپ ئىنسانى كامىللىققا يېتىش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ ماڭىمىز. مىنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتقىنى دەل مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم بولىدۇ.
2004-يىل-10-ئۆكتەبىر
زىبا، سەن نېمىدىگەن بىچارە! تالاي رەت ئۆز-ئۆزۈڭگە ۋەدىلەرنى بەردىڭ. بىراق قېنى قايسىسىنى ئورۇندىدىڭ. بولدى، بۇندىن كىيىن خاتىرىمۇ يازمىغىن، بۇنداق ۋىسالسىز ھىجراننى خاتىرە بەتلىرىگە پۈتۈپ ئىز قالدۇرۇپ، ئۆزۈڭنى يەنە ئازاپلىما. ئىنكار قىلمىغىن، سەن خۇشاللىق بىلەن قورقۇش، مۇھەببەت بىلەن ھىجران ئازابى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش كۈرىشىگە قاتنىشىپ قالدىڭ. بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، ۋۇجۇدۇڭ، يۈرىكىڭ، بارلىقىڭ كۆيىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئالقىنىدىمۇ؟ ھەمىشە، "كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيمەن" دەيتتىڭغۇ، قەددىڭنى تىك تۇتاتتىڭغۇ؟ ئەمدى نېمە بولدۇڭ؟
2004 -يىل 24-ئۆكتەبىر
مەتروزى ... ئۇنىڭغا ئەنقەر ئىسىملىك بىر ئەبلەخنى ياخشى كۆرگىنىمنى، باشقىلارغا مۇھەببەت بېرەلمەيدىغىنىمنى ئىيتتىم. نېمىشقا شۇنداق قىلدىم، مەندىن ۋاز كەچسۇن دېدىممۇ ياكى ئەشۇ تەنتەكلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدۇممۇ؟ ئۇ يېنىمدىن ئۈن-تىنسىز كىتىپ قالدى. توۋا، ئۇنىڭ يېنىمدىن كەتكەندىكى ئەشۇ قەدەملىرى يەرگە ئەمەس، خۇددى يۈرىكىمگە دەسسىگەندەك ئاغرىپ كەتتى. مەنمۇ نېمە قىلاتتىم، يوق ئىشنى دەپ. ئۇنىڭ خېتىنىڭ جاۋابىنى مۇشۇنداق بەردىمغۇ ئاخىر. ئېيىتقىنا يۈرىكىم، سەن قايسىنى ياخشى كۆرىسەن، ئەقلىڭ بولسا مەتروزىنى ئۆزۈڭنىڭ شاھى قىل، ئۇ تولىمۇ ئېسىل بالا. ماڭا جاۋابىڭنى ئىيتىپ بەر. بۈۋمەريەمنىڭ خېتىنى مەتروزىغا بېرىدىغان چاغدا كۆيگەن يۈرىكىم ھەسەت ئوتىدا كۆيگەن بولغىيمىتى ياكى نومۇس كۈچىدىمۇ؟
2004-يىل 1-نويابىر
مۇھەببەت، ئۇنىڭ كۆكسى گوياكى پايانسىز ئاسمان، تولىمۇ ئەپۇچان. ئىلگىرىكى ئۆتمۈشنى ۋە ئۇ ۋاقىتتىكى ھەر قانداق سەۋەنلىكنى ئەپۇ قىلىپ يىڭى تۇرمۇشقا ئۈمىد شامىنى ياقىدۇ . مۇھەببەتنىڭ ئالەم كېمىسى ۋاپانى ئىنىرگىيە قىلىپ سەييارىلارغا يۈرۈش قىلىدۇ. ئاينى كۆكسىگە زۇننار، يۇلتۇزلارنى بوينىغا مارجان قىلىپ تاقايدۇ، جاھان ئەھلى ئۇنىڭدىن ھەيران. ئۇ ئۈنسىز ياش تۆكۈش ھىسابىغا قەلبىدىكى ئاشىقىنىڭ بىپەرۋالىقى سەۋەبىدىن سۇلىۋاتقان سۆيگۈ گۈلىنى سۇغۇرۇپ ياشارتىپ تۇرىدۇ. يۈرەك تارىغا زەخمەكنى ئورۇنسىز، چىڭراق ئۇرىۋەتسەڭ ئۇنىڭدىن چەكسىزلىك مۇجەسەملەنگەن مۆجىزە-لىرىك كۈي ئەمەس، باغرىڭنى لەختە- لەختە قانغا بويايدىغان ۋەھىمىلىك مۇزىكا ياڭرايدۇ. بىراق ئۇ يەنىلا كۈلۈپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ . ئۇ شۇقەدەر، ئەپۇچان، بىغۇبار، كۆتۈرۈشلۈك.
مۇھەببەت، ئۇنىڭ شۇ قەدەر ئىچى تاركى كۆز نۇرۇڭنىڭ باشقىلارغا دەقىقە چېچىلىشىنىمۇ ئالەمچە ئەيىپ ھىساپلايدۇ. ساڭا ھاياتلىق گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرغان لەئىلى لەۋلىرىڭ يالغۇ ئۇنىڭ ئۈچۇنلا سۈزلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. خىيالىڭنىڭ تاسادىپى بىرەرى ئۈچۈن پەرۋاز قىلىشىنى، چۈشلىرىڭگە ئۆزىدىن باشقا بىرەرىنىڭ كىرىپ قىلىشىنىمۇ ئېغىر ئالىدۇ. ھەممىنى بىر كۆرۈشتە مايىل قىلىدىغان قامىتىڭنى كۆرۈنمەس چۈمپەردىگە يۇشۇرۇپ قويغۇسى كىلىدۇ. ھەتتاكى، شاماللارنىڭمۇ چاچلىرىڭنى بىخارامان سۆيگەنلىكىدىن ھەسەتلىنىدۇ، بارلىقىنىڭ ساڭا تەئەللۇق بولىشنى تىلەيدۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق ئىچى تار، ھەسەتخۇر.
دېمەك، مەتروزى مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆزۈم بارمىغۇچە ماڭا بولغان مۇھەببىتىنى دىلىدا ساقلاپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلمەيدىغىنىنى ئىيتتى. «ئۇ دېگەن ئۆتمۈش. ماڭا لازىمى بۈگۈن ۋە ئەتىڭىز. يۈرىكڭىز ماڭا باغلانغان چاغدا قېشىمغا بېرىڭ، سىزنى كۈتىمەن». مەتروزى، بۇ گىپىڭىزنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايمەن.
2004-يىل 6-نويابىر
بارلىقىنى مۇھەببەت، ئائىلە، بالا، ئەرلەر ئۈچۈن بىغىشلىغان ئاياللار ئەركەكسىز ئەرلەرنىڭ قولىدا تەمىتىرەيدۇ، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتى، بۇرچى، نىشانى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمايدىغان ناباپ ئەرلەر... ئۆز بالىسىنى دوختۇرخانىدا داۋالىتىشتىن باش تارتىپ ئايالىغا تاشلاپ قويۇپ، كوچىمۇ-كوچا يۈندە يالاپ يۈرۈيدىغان ئەرلەر... بولدى، نېمىشقا بۇنداق سەت گەپلەر بىلەن دىلىمنى يىرىم قىلىپ، خاتىرەمنى "بىزەيمەن". نەچچە كۈندىن بۇيان يۆتىلىۋەرگەچكە بۈگۈن دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىلى بارغان ئىدىم، دوختۇر ئۆپكىسى ئىششىپتۇ، ياتاقتا ياتسۇن دەپ ياتاققا ئالدى. تېخى راۋۇرۇس سوغۇق كىرمەستىلا نېمىگە ئىششىپ قالدىكىنە بۇ ئۆپكەم. مەن ياتقان كىسەلخانىدىكى ئايالغا قاراپ بەك ئىچىم ئاغرىپ قالدى، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۆيگە باشقا ئايالنى ئەكىرۋاپتىكەن، بۇ ئايالغا ئېغىر كىلىپ ئۆينى تاشلاپ بېرىپ يېنىپ چىقىپ، بىر ئىدارىدا تازلىق قىلىۋىتىپتىكەن، قىزى ئاغرىپ قالغىلى ھەپتە بولسىمۇ كېلىپ قويماپتۇ.
مەتروزى بۈگۈن بىر كۈن دەرسكە چىقماي مېنىڭ يېنىمدا يۈردى. بايا، ياتاقتا تۇرۇپ سىزگە قاراي دېگەن ئىدى، مەن ئۇنىماي كەتكۈزىۋەتتىم. بىراق، بەكلا تەسىرلەندىم، مەتروزى چوقۇم ياخشى ئەر بولغۇدەك.
2004-يىل 13-نويابىر
سۇنۇلغان ئاددىيىغىنە گۈل، ئۈن-تىنسىزلىك ئىچىدىكى ھاياجان، قورقۇش ئىچىدىكى ئىسيانكارلىق، تەشۋىش ئىچىدىكى باتۇرلۇق، بىپەرۋالىق ئىچىدىكى تىتىرىگەن ۋۇجۇد، تەبەسسۇم تونىغا ئورنىۋالغان لەۋ ئاستىدىكى تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپ، تىكىلەلمىگەن كۆزلەر ئاستىدىكى تۆكۈلىۋاتقان مېھىر-مۇھەببەت، چاچراۋاتقان سۆيگۈ، دىلغۇللۇق ئىچىدىكى سېغىنىش، قىيداش ئىچىدىكى ئەپۇچانلىق، ئارمانلار ئىچىدىكى يوقىلىش، ئۈمىد ئىچىدىكى ئۈمىدسىزلىك.... ئەنە شۇ قىپقىزىل بەرگىگە يىزىلغان ئاددى قەسىدە تالاي توملۇق كىتابلارنى خىجىل قىلىدۇ. ئۇنىڭغا يۈرەكتىن تامچىغان چوڭقۇر مۇھەببەت، ئاجايىپ كۈچ يوشۇرۇنغان. باشقىلارنىڭ ھىسياتىنى ھەقىقى چۈشىنىش ئۈچۈن شۇ كىشىنى چۈشىنىشى ۋە شۇ خىل كەيپىياتىنى باشتىن كەچۈرسە بولغۇدەك.
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. بىراق، يۈرىكىم تىلغاندەك ئېچىشماقتا. ئۇ ئازاپلىق خىياللار، ئەندىشە ئىچىدە ماڭا ئالغان گۈللىرىنى ئېلىپ ئۈن-تىنسىز قايتتى. راستىمنى دېسەم گۈلنى ئېلىش ياكى ئالماسلىقنى بىلمەيتتىم، ئەگەر ئالسام ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلغان بولىمەن، ئۆزۈمنى ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيۋاتسام ...
2004 -يىلى 15-نويابىر
لەيلەۋاتقان خىياللىرىم قۇياش نۇرىدىن بەكرەك بوران-چاپقۇنغا دۇچ كىلىپ، قارچۇق بۇلۇتلىرىدىن تۆكۈلگەن يامغۇرلار كۈزلىرىمدىن يۈرىكىمگە ئىقىپ كىرىدۇ. گاھى-گاھىدا تاشقىنلىرى كۆز چاناقلاردىن سىرغىپ چۈشۈپ مەڭزىمنى سۆيۈپ، ئاھلىرىنى ئىيتىدۇ، نىمىلەرنىدۇ ئۆتىنىدۇ. ئاھ بىچارە ياش! نىمىشقىمۇ بۇنچە ئىسيانكار بولۇپ كىتىدىغانسەن. ئۆز ئىگەڭنىڭ باشقۇرىشىغا بويسۇنمىدىڭ، كۆڭۈل ئىزھارىغا ئوخشاش ئىختىيارسىز چىقىپ كەتتىڭ. يۈرىكىمدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتتىن قەلبىمگە سىياھ بىرىپ،قۇرلارغا سىرىمنى ئىيتىپ يۈرۈيمەن. مۇشۇ دەقىقىلەردە يۈرىكىمنى قىسىۋاتقان سېيما ھەرگىزمۇ ئەنقەر ئەمەس، سەن قانداقسىگە خىياللىرىمغا كىرىۋالغانسەن ياڭاق (مەتروزىنى بۈگۈندىن باشلاپ شۇنداق توۋلايدىغان بولدۇم).
تىنالمايۋاتقان تىنىقلىرىمنى يىڭى-يىڭى غەملەر قورشاپ نەپىسىمنى قىسماقتا. خەيرىيەت، سۇ ئاستىدا قۇرام تاشلار بولغان ئۆستەڭ-دەريالاردا ئاققىنىدىلا ئاندىن دولقۇن ياساپ، چىرايلىق ئۈنچىلەرنى چاچرىتالايدۇ، كۆڭۈلسىزلىك بولغىنىدىلا خۇشاللىقنىڭ شىرىن سىزىمى تومۇر-تومۇرلارغا تارايدۇ .
2004-يىل 23-دىكابىر
تەمەخۇرلۇق-نۇرغۇن ناچار ئىللەتلەرگە ئوخشاشلا قەدىر-قىممىتىمىز، غۇرۇرىمىزنى غاجىلاپ يەۋاتقان قۇرتقا ئايلىنىپ قالدى. پۇل، خىزمەت ئورنى، ئىقتىساد بارغانسىرى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا مۇقەددەسلەشمەكتە. ياتىقىمدىكى بۇ قىزنىڭ ئۆزگىرىشى مېنى تەشۋىشلەندۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. ئۇ يامان يولغا كىرىپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ. كىچىلىرى تورخانىلاردا تۈنەيدىغان، دىسكوخانىلارغا كۆپ قاترايدىغان بولۇپ قالدى. گەپلىرىم قۇلىقىغا مۇشىت بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلانغان ئوخشايدۇ. مىنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ، دەپ ئويلىدى تىخى كۆڭلىدە. خەير...
قىزلىرىمىز نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن يىراقلىشىپ، كەمسىتىلىشىگە ئۇچرايدۇ؟ نېمىشقىكىن، جەمئىيەت ماڭا تۈۋى يوق ھاڭدەك تۇيۇلماقتا. ياتاقداشلىرىمنىڭ كۆپى مۇشۇنداق ھېسىياتتا. بۈۋمەريەمنى قانداق قىلسام بولار، ئۇمۇ ئەگىشىپ يۈرۈيدۇ ئۇ قىزغا. ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن، جەمئىيەتكە قەدەم ئىلىشتىن قورقىۋاتىمەن، نېمىلەرگە تىپىرلاپ يۈرۈيدىغاندىمەن.
2004-يىل 25- دىكابىر
قارارنى چوقۇم كەيپىيات تۇراقلاشقاندا چىقىرىش كىرەك. بۈگۈن قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم. ھىچقانداق چاغدىكىگە ئوخشىمايدىغان غەيرەت بىلەن ئالدىم. "ئون بارمىقىڭنى يارا قىلغۇچە، بىر بارمىقىڭنى كەس". مەن ئۇنىڭغا نېمە دەپ دەيمەن. ئىككىمىزنى پەقەت ياخشى دوستلاردىن دەپلا ئويلايتتىم. بىراق... بىز ئەمدى دوست بولالمايمىز، مەن ئۆزۈمنىمۇ تونۇمايدىغان بىرىنى .... ياق، بۇنداق ئۇدۇل دىسەم ھەم دېيەلمەيمەن. ئىشقىلىپ بىر ئامال بىلەن چۈشەندۈرەي. بىراق، قانداق باھانە تاپسام بولار. ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭغا ياق دېسەم ئۇ بۈۋمەريەم بىلەن يۈرىدۇ. ئۇنداقتا بۈۋمەريەم ھازىرقى قاملاشمىغان يوللىرىدىن يانار، يامان يولغا كىرىپ قىلىشتىن ساقلىنار، مەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
2005-يىل 1-يانۋار
بۈگۈن يېڭى يىل. مەن بۇ گۈزەل شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ئىككىنچى بىر يېڭى يىلنى كۈتۈۋىلىۋاتىمەن. . ئۆتكەن يىلى مۇشۇنداق كۈندە مەن نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزگەن ئىدىم. بۈگۈن ئويلاپ باقسام گەرچە ھەممە پىلانلىرىم ئورۇندالمىغان بولسىمۇ، ھەر ھالدا خىلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم. ۋاقىت نېمىدىگەن تىز ئۆتكەن ھە! بىردەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈشۈمگە بىر يىرىم يىل قاپتۇ. بۈگۈن ياڭاقنى كەچلىك تاماققا تەكىلپ قىلدىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قىتىم ئوغۇللارنى تاماققا تەكلىپ قىلىشىم. ئۇ ماڭا يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە ياڭاق ۋە نۇرغۇن يۇمۇر سوۋغا قىلدى، مەن بىر تال كىتاپ سوۋغا قىلدىم. يېرىم يىلدىن بۇيان بىز تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق خۇشال كەيپىياتتا پاراڭلاشتۇق. مەن خەتنى كىتاب ئارىسىغا سېلىپ بەردىم. بىراق، كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنە بىرقىسما تۇرغاندەك ...
ياتاقتا يالغۇز قاپتىمەن. قالغانلار دىسكوخانىغا كىتىشتى.
بۇ كۈننى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن، يىرىم كىچىدە سائەتكە قاراپ يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەنلا چۇرقىراپ تەنتەنە قىلىۋاتقان ، دىسكوخانىلاردا رومكا سوقۇشتۇرۋاتقان قىز-يىگىتلەر، رومكا سوقۇشتۇرۇش يەتمەي مۇش-پەشۋا، كاللا سوقۇشتۇرىۋاتقان باتۇرلىرىمىز، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بۇ بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزىۋاتقان ياشلىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىزغا، ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى. يېڭى يىلنى زادى قانداق كۈتىۋىلىۋاتىمىز؟
يىڭى يىلغا ئۇلاشتۇق، شۈكرى مۇشۇ دەقىقىلەرگە. كىلەر يىلدىكى ياشاش ئىمكانىيىتىم بولغان ئۆمرۈمدە مەن نېمە ئىشلارنى قىلىمەن، ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا نېمە ئىشلارنى قىلدىم... دېگەنلەرنى ئويلىنىشنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، ئۆز روھىيىتىمىزغا قۇسۇق يۇقۇندىلىرىنى سۇۋاپ، غەرق مەس ھالەتتە يېڭى يىلغا كىرىمىزمۇ؟ بۈگۈن يېڭى يىل ھارپىسى! نۇرغۇن ئولتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئىچىشلەر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ كۈنى بىز قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلدۇق.
ئەلۋەتتە، مۇشۇنداق كۈنلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دىدار-مۇلاقەتتە بولۇشۇپ، دىل ئازادىلىكى بىلەن بىر-بىرىمىزگە مۇھەببىتىمىزنى يەتكۈزۈپ تۇرساق تولىمۇ ياخشى ئىش بولىدۇ. لىكىن، بىزدىكى يېڭى يىل-نورۇزنىڭ ئىتىبارسىز قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئەتىدىكى يېڭى يىلنى زىيادە تەبركىلىۋىلىپ، بىر يىل ئىچىدىكى يەنە بىر يېڭى يىلنى كۈتىۋىلىش بىزگە غەلىتە تۇيۇلغانلىقتىن ئىبارەت. خىرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە قىلۇر، دېگەندەك، نورۇز بايرىمىمىز ئۇنداق، مۇنداق دەپ ئىغىزىمىزدىن كۆپۈك قاينىتىپ سۆزلىگەن بىلەن ئۆزىمىز خىرىدارلىق قىلالمىساق ئۇ جۇلالىنالمايدۇ، ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بىراق ئۆزىمىزگە يات ناشايان يوسۇندا ئەمەس بەلكى ئەقىدە-ئەخلاق نىزاملىرىمىز ئىچىدە، پاكىز، ئەدەبلىك ئۆتكۈزەيلى، رىستۇرانلاردا قالايمىقان ئىسراپ بولىۋاتقان پۇللىرىمىزنى تىجەپ، ئادەتتىكى ياخشى تىز تاماقخانىلىرىمىزدا ياخشى بىر ۋاق غىزالىنىپ، قالغىنىغا ئۆز ئارا ئەھمىيەتلىك سوۋغىلارنى بېرىشەيلى. چىن دىلدىن سەمىمىي، ياخشى تىلەكلەرنى تىلىشەيلى.
2005-يىل 8-يانۋار
شۇنداق ياشا، ياخشىلارنىڭ قەلبىدە ياخشى، يۇقىرى ئورنۇڭ، يامانلارنىڭ قەلبىنى ئېرىتكۈدەك ياخشى ھەركىتىڭ بولسۇن. قىز دېگەن كەلگۈسى ئانا دېگەنلىكتۇر، ئۇ ئۆز خۇلقىنى سۈت بىلەن ئۆز پەرزەنتىگە سىڭدۈرىدۇ. شۇڭا قىز بالا خۇشخۇي، پەزىلەتلىك بولۇشى كىرەك. بىراق مەن نېمىشقا بارغانسىرى توڭلىشىپ كىتىمەن ...
ئاياللار مۇھەببەت قوغلاپ ، ساداقەت ئىزلەپ ھېرىپ كىتىدۈغان بولسا كۈرەك. توختىماي تۆتقۇلاق ئىزدىدىم. مەن تاپتىم، خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم، گەرچە تۆتقۇلاق تېپىۋالسا بەختلىك بولىدۇ، دېگەنگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمىسەممۇ، لىكىن مەن يەنىلا خۇشال بولدۇم. مەن مۇشۇنداق ساراڭ قىز-دە!
2005 -يىل 2-فىۋرال
ياق، سەن مەن ئۈچۈن ئۆتكۈنچى شامال ئەمەس بەلكى ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇقەددەس كۈينى ياڭرىتىدىغان تار ياكى سازەندە. ۋۇجۇدۇمغا تاراۋاتقان ھارارەت يۈرىكىمنى ئىللىتىدۇ-يۇ، ئارقىدىنلا كۈچىيىپ، ئۇنى پۇچۇلايدۇ. ۋىسال شادلىقىدىن بەكرەك ھىجران شىۋىرغانى قۇلاق تۈۋىمدە ھۇشقۇيتۇپ تۇرىدۇ. بەلكىم نۇرغۇن نەرسىلەر ماڭا ئارمان بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
بىلىمەن، ئۇيقۇ قاچقان كىچىلىرى سىنىڭمۇ ئۇيقۇدىن بىدارلىقىڭنى، خىياللىرىم ئۇ تەرەپكە قاراپ ئۇچقىنىدا، خىياللىرىڭنىڭ بوشلۇقىدا باشقا بېرىنىڭ لەيلەۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بىراق...
زىددىيەتلىك خىياللىرىم خىياللىرىمغا ئۇلىنىپ توختىماس چەمبەر ياق مۇرەككەپ تور ھاسىل قىلىپ مىنى قايمۇقتۇرۇپ بارىدۇ. سۇلىۋاتقان غايەمنى ئويلىسام، ۋىسال، غايە دېگەنلەر مەن ئۈچۈن يەتكىلى بولمايدىغان نۇقتىدەك تۇيۇلىدۇ. بىراق ئىرادەم ئارزۇلىرىمنى ئاجايىپ بىر يورۇق نۇقتىغا ئىلىپ ماڭىدۇ. سەن مېنى ئەشۇ يورۇق نۇقتىدا ساقلايسەن ، ئىككىمىز شۇ يەردە ئۇچرىمىشىمىز ...
2005-يىل 9-فىۋرال
يىقىندىن بىرى چۈشلىرىم ۋەھىمىلىك، كۆزلىرىمنى قۇياشقا تىكسەم ئۇنىڭدىن نۇر ئىلىش ئەمەس، چاقناشقا بەرداشلىق بىرەلمەي ياش ئىقىۋاتقاندەكلا. سەھەر تۇرغىنىمدا قەددىمنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇپ، تەستە ئورنۇمدىن تۇرىمەن. بىراق ئۈمىدسىزلىك بورانى تۈگۈل شامىلىمۇ مىنى يىقىتىدۇ.
مانا، ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر يىرىم يىل ۋاقىت قاپتۇ،مەن ئۆكۈنمەيمەن، بەزىلەرگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا شىرىن مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى قالدۇرمىغىنمغا ئۆكۈنمەيمەن. ئەكسىچە كۆڭلۈمگە چاڭ قوندۇرماي بۈگۈنگە كەلگىنىمدىن پەخىرلىنىمەن. مەن ئەنقەرگە ئۆچ ...
2005-يىل 12-مارت
خەير-خوش، ھاياتىمنىڭ گۈلزارلىق بىغىنى خۇشپۇراقلارغا تولدۇرۇپ مىنى مەستخۇش قىلغان شىرىن چۈشلىرىم. يۈرىكىمنىڭ دىل تارىسىنى چىكىپ، خىياللىرىمنى ئۇسۇلغا سالغان ئۇنتۇلماس كۈي. كۆزلىرىم، چاناقلىرىمنىڭ ياشلىرىمنى تۇتۇۋالغۇدەك ماغدۇرى يوق، كىرپىكلىرىممۇ يۈرىكىمدىن، ئۇنىڭ ھەسرەتلىك يىغىسىدىن ئىتىلىپ چىقىۋاتقان ئازاپ كەلكۈنلىرىگە توسۇق بولالمىدى، مۇزلىغان ۋۇجۇدۇم مەشتىن تاراۋاتقان ھارارەتتىمۇ ئىللىيالمىدى. ئاجايىپ مىسرالار-دە بۇ!
يىغىپلا تۇرسا مېھىر يامغۇرى،
يۈرىكى كىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس.
مۇختەر بۇغرا ئاكىنىڭ ھەربىر شىئىرلىرىنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. راست، مۇھەببەتكە كىم تەشنا بولمىسۇن ...
ئەلى كۈندىلىك خاتىرىدىكى ۋاقىتقا قاراپ ھەيران قالدى. خاتىرە بىر يىل يېزىلمىغان. بۇ زادى نېمە سەۋەپتۇ؟
2006-يىل 30-ئاپرىل
سالام سۆيۈملۈك خاتىرەم. سەن بىلەن ئىزھارلاشمىغىلى بىر يىل بوپتۇ. بۇ بىر يىل جەريانىدا مەن ساڭا ھېچنېمە يازمىدىم ، بىراق مەن ئىنتايىن ياخشى بىر ئادەتنى يېتىلدۈردۈم. مەن 400پارچىگە يېقىن قەغەزگە قارىسام ، مەن بۇ بىر يىل جەريانىدا خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلىۋالدىم. ھەر كۈنى كەچتە ئەتىلىك پىلانىمنى يېزىۋالدىم ، ئەتىسى كەچتە پىلانىمنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردۈم، كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىم ، مۇۋەپپەقىيەتلىرىم ، ئوقۇغان كىتاپلىرىم، قىلغان ياخشى ئىشلىرىم ، خاتا قىلغان ئىشلىرىمنى يازدىم ۋە ئۆزۈمنى تەكشۈرۈپ ماڭدىم . ھېسىيات دولقۇنلىرىنىڭ چايقىتىپ ئۆزى خالىغان قىرغاققا ئاپىرىپ تاشلىشىغا يول قويمۇدۇم. ئىككى تەتىلدە خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلى ئۆگەندىم. ھازىز كۆڭلۈم شۇنداق خۇشال.
ئەمدى يەنە سەن بىلەن سىردىشىمەن. بىر قەدەم ئالدىڭغا ماڭغىنىڭدا بىر قىينچىلىققا ئۇچراپ تۇرىدىكەنسەن. باشقىلار ساڭا ئورۇنسىز ئازارلارنى بېرىپ تۇرىدىكەن.
كىشى كۆڭلىنى ئەڭ ئازاپلايدىغىنى تۆھمەت . دىلىم قاتتىق ئازار يېدى. يەنە ساڭا غەشلىكلىرىمنى يازىدىغان بولدۇم خاتىرەم ، كەچۈرگىن !
2006 -يىل2 -ماي
مەن نېمە بولدۇم. ئىككى سائەتچە يالغۇز ئولتۇرۇپ سەن بىلەن خىيالى مۇڭدىشىپ چىقىپتىمەن. سىنىڭ كىملىكىڭنى بىلمەيتتىم. راست، مەن ئۆز-ئۆزۈمگە ئاجايىپ يىقىملىق تۇيغۇنى، ساپ ئىنسانىي سۆيگۈنى ھېس قىلدۇرۋاتاتتىم. ئاپئاق كۆڭۈل بەتلىرىم تىخىمۇ گۈزەل بەتلەر بىلەن بېزىلىپ مېڭىۋاتاتتى. ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر خىيالىي سىماغا ئەگىشىپ، كۈنلىرىمنى ئاۋۇندۇرۇپ يۈرەتتىم. ئەنقەر ھاياتىمدىن ئۆچكەن، ئەمدى مەن خىيالىمدا بىرسى بىلەن ياشاۋاتاتتىم.
2006-يۈل 11-ېۈيۇن
پاكلىق مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن ھەممنىڭ ئەڭ ئىسىل تۇمارى. پاكلىق تولىمۇ نازۇك. ئەدناسى، بىر ھاياسىزلارچە تاشلانغان نىگاھ ئارقىلىقمۇ بۇزۇلۇشى مۇمكىن. بۈگۈن بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىشقا ئامالسىز قالدىم. قىنى ھايا!....
مۇھەببىتىمگە قىلىنغان تۆھمەتلەر مېنى ئەڭ ئازاپلايدۇ. چۈنكى مەن غۇبارسىز مۇھەببەتنى ئارزۇيۇمدىكى ئەشۇ كىشىنى ئۇچراتقۇچە دىلىمنىڭ چوڭقۇر قاتلانلىرىدا ساقلايتتىم. ئۇنىڭ نۇرانە سىمايىغا ھەر قانداق كىشىنىڭ قارا پەردە يايماقچى بولغىنىغا قارشى تۇراتتىم . ئەمدىلىكتە مەن مەتروزىنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ھېس قىلماقتىمەن. نەچچە ۋاقىتتىن خىيالىي سىمالارنى سىزىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى ئىزدەپ يۈرگەن يۈرۈكۈم مانا ئەمدى ئەشۇ سۈرەتنىڭ مەتروزىنىڭ رەسىمىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋاتىدۇ . قانداق قىلىشىم كېرەك؟
2006-يىل 28-ئىيۇن
تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن قورشالغان بۇ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭمۇ يۈرىكى بىر قات ئىزولىياتسىيە قەۋىتى بىلەن ئورالغاندەك ھېس قىلاتتۈم. پويىز ئاستا قەدەملىرى بىلەن مىنى بۇ شەھەردىن ئېلىپ چىقتى. ئادەم دېگەن شۇنداق بولىدۇ، مۇھەببەتكە تەشنا بولمايدىغان، بېرىلگەن مۇھەببەتتىن قەلبى ئىللىقلىققا تولمايدىغان يۈرەك يوق بولسا كىرەك. بۇ شەھەردە كىچىككىنە ئىللىقلىقمۇ ماڭا زەر ئاپتاپتەك تۇيۇلغان.
ئۈرۈمچى، ئەنە شۇنداق شەھەر! سىنى تاۋلايدۇ، سىنايدۇ، ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدۇ، ھاياتنىڭ رەھمسىز ئەلگەكلىرىدە تاسقايدۇ، رەڭگارەڭ قۇچاقلىرىدا سىنى پەپىلەيدۇ، مەست قىلىدۇ. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتۇمغا قايتىۋاتىمەن. ئالىي مەكتەپ ھاياتىممۇ ئاخىرلاشتى، ئەمدى مەن ئۆزۈمگە تايىنىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرشۈم كىرەك...
پايانسىز چۆللۈك، قۇياش ئۆز نۇرىنى يۈرەكلەرگە ئايىماي سىپەتتى، تولىمۇ ھارغىنلىق ئىچىدە بۈگۈننى كۈتىۋالدىم. نۇرسىز كۆزلىرىم ئىلھام ئىزدەپ ئەتراپىمغا باقتى. راست، سەپەر قىلماق ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىدى.
2006-يىل 3-ئىيۇل
سىم-سىم يامغۇر ئۆزىنى دەرىزىگە ئۇرۇپ نالە قىلاتتى، خۇددى مەن بىلەن سىرداشماقچى بولغاندەك، كۆز ياشلىرىنى تۆكەتتى. مەنمۇ، ياق مىنىڭ يۈرىكىممۇ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى. كۆز ئالدىمدا ، كۆز ياشلىرىمدا يەنە شۇ بىرلا سىيما ئەگىيدۇ. ياڭاق، مېنىڭ بۇنداق جاھىللىقىمنى كەچۈرگىن . ئەمدى ئويلىسام سېنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەن ئىكەنمەن. بىراق، مېنىڭ تەنتەكلىكىم ماڭا، ئادەم ھاياتىدا پەقەت بىرلا كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدۇ، دېگەن تەنتەكلىكىمدىكى خىياللىرىم، سېنىڭ پاك مۇھەببىتىڭنى قوبۇل قىلغىلى قويمىغان ئىكەن. مەن نېمە دېگەن نادان، مۇھەببەت سەدىقە ئەمەسقۇ خالىغانچە ئۆتۈنىۋېتىدىغان. بۈۋمەريەم، ساڭا ئۆچمەن . نېمىشقا ئۇنىڭغا ئەلەم قىلىسەن. ئۇ سەن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان. سېنى كۆپ قوغدىغان، كۆيۈنگەن. مەتروزى، نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئىشلارنى مەندىن يوشۇرغانسەن. ئالدىمدا ئويۇن قويۇپ يۈردۈڭمۇ ياكى مېنىڭ ئالدىڭغا بېرىشىمنى كۈتۈپ بۈۋمەريەم بىلەن يېقىن ئۆتىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالدىڭمۇ؟
مەن زادى قانداق قىز ھە! ئىمتىھاندا نېمىشقا يەكەنگە تىزىملاتتىم، ئۇنىڭغا يېقىنراق تۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان ئادەم خوتەنگە تىزىملاتسام بولمىدىمۇ؟ ئىزچىل مۇھەببىتىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كەلگىنىم ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا قېشىڭغا بېرىشتىن، شۇنداقلا بۈۋمەريەمگە يۈز كېلەلمەي قالارمەنمۇ دېگەن خىيالدا مۇشۇنداق قىلغاندىمەنمۇ؟ مەن راستىنلا ساراڭ ...
2006-يىل 11-ئىيۇل
بىر ئايال كىشى ئۈچۈن تەبەسسۇمنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بۈگۈن يەنە بىر قىتىم چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. بىراق ئەنە شۇ بىر تەبەسسۇم بەزىدە سەندىن ناھايىتى زور قۇربانىقلارنى تەلەپ قىلاتتى، يالغان تەبەسسۇملار سەمىمىي يۈرەكلەرنى تىلغاپ ئاندىن چىقاتتى.
ئاھ! رەھىمسىز تۇرمۇش. مىنى ئەندىكتۈرۈپ پىغان دەرياسىغا تاشلاپ ئەلەملىك چىرقىراتتى. ئەسەبىيلەشكەن نىرىپلىرىم ھەممىدىن مەھرۇم، ئۇ خىياللىرىمغا ئەگىشىپ ئۆزىنى ھەر يانغا ئۇرىدۇ. مەندىكى گۈزەللىك قىنى، خۇشخۇي ، زىبالىق قىنى؟! ھەممىنى ئازاپ تۇمانلىرى باسقان، كەڭرى بوشلۇققا چىقىپ قانغۇدەك يىغلىۋالغۇم كىلىدۇ.ئىسىت! ئۆزىنى تۇتۇۋىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتسىزلىك روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ. قىزلارغا قىزلىق نۇقتىنەزىرىدىن چىقىپ كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغان، ئۇلار ئۈستىدىكى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتەلمەيدىغان، ئۆز مۇھەببىتىگىمۇ ئىگە بولالمايدىغان، كەسمەس كۇسپۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئەقىدە قىلىپ يۈرگىنىمنى قاراڭلار. ئەقلىم گەجگەمگە ئۆتۈپ قالغان ئوخشايدۇ، راست شۇنداق ئوخشايدۇ. ياڭاق، نېمىشقا ماڭا تېلفۇنمۇ ئۇرۇپ قويمايدىغانسەن؟ مەن نېمىشقا ئۇرمايۋاتىمەن. مەن سېنىڭ تېلفۇنىڭنى كۈتىۋاتىمەن. پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملىق تېلفۇنۇڭ ئارقىلىق سېنى ئىزدىشىمگە يول ئېچىپ بېرىۋەتكەن بولساڭ...
2006-يىل 15-ئىيۇل
گۈلزارنىڭ يېنىمدا يەنە ئەنقەرنىڭ گېپىنى قىلىشنى خالىمىدىم. بۇندىن كېيىن ئالدىمدا ئۇنى تىلغا ئالما دېدىم. بۈگۈن مەتروزى تېلفون ئۇردى. ئىمتىھان نەتىجەمنى ئۇقۇپتۇ. مەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتىمەن. كېلەر ھەپتە تىزىمغا ئالدۇرۇپ بىر ئاي تەربىيلەشكە قاتنىشىدىكەنمىز. مەنمۇ بەك خۇش بولۇپ كەتتىم، بىراق ئانام بېرىشىمغا تازا قوشۇلمايتتى. مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ ئەنقەرنى كۆرگۈم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەتروزىغا يېقىن تۇرىمەن. بۇ يەردە خىزمەت قىلىمەن دەپ ئۆيدە بىركار ئولتۇرۇشنىمۇ راۋا كۆرمەيمەن. ئۆگەنگەن بىلىملىرىم قىممەت يارىتىشى كېرەكتە. ئۆزۈممۇ كۆپرەك يەرلەرنى كۆرۈشنى ئارزشۇ قىلىمەن .
قايسى كۈنى يولدا ئەنقەر ئۇچراپ قالغان ئىدى. مەن كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن. قارىسام ماڭا گەپ قىلىدىغاندەكلا تۇراتتى، بىراق، يىلاندىن قورققان ئارغامچىدىن قورقۇپتۇ دېگەندەك ئۇ چوڭ كوچىدا مېنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ يەنە ئۆزۈمگە گەپ تېپىۋالغۇم يوق. لېكىن، ئۇنى كۆرۈپلا يۈرۈكۈم سوقۇپ كەتتى.
23 -ئىيۇل
كىچىك چاغلىرىمدا كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم. ئۆيىمىزدىمنۇ كىتاپ كۆپ ئىدى. تۇنجى بولۇپ ئوقۇغان چوڭراق ھەجىملىك كىتابىم "چاھار دەرۋىش" بىلەن "يۈسۈپ زۇلەيخا" ئىدى. يۈسۈپ زۇلەيخا ھەققىدىكى بۇ قىسسە ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان بولسا كىرەك...
زۇلايخا ئۇزۇن يىل يۈسۈپ ئىشقىدا ئۆرتىنىپتۇ. ئۇنىڭ نالىسى خۇداغا يەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر قامچە بىلەن زۇلەيخادىكى ئوت يۈسۈپكە كۆچۈپتۇ. يۈسۈپ زۇلەيخا ئوتىدا قىرىق يىل ياش تۆكۈپ ېاران دېگەندە ئۇنىڭ ۋەسلىگە يىتىپتۇ... ېەنقەرگە مىنىڭ ئىشقىمنى سالدىمۇ يوق بىلمەيمەن. ئەمما، مېنۈڭ ۋۇجۇدۇمدىكى ماگما تەگسىز دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتتى....
2006 -يىل 4-سىنتەبىر
مەن بۇ مېھىر-مۇھەببەتلىك زىمىنغا يۈكسەك ۋەزىپىنى يۈدۈپ قەدەم باستىم. سۇلتان ئابدۇرەشىتخان ھۆكۈم سۈرگەن قەدىمى ماكان يەكەنگە چەكسىز سۆيۈنۈش ئىچىدە نەزەر تاشلىدىم، تىزناپ دەرياسى بويىدىكى بۇ يىزىنىڭ مەركىزى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى تاللىۋالدىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ توسۇشلىرىمۇ كار قىلماي، مۇشۇ يەرگە ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ، ئوقۇتقۇچىلىققا كەلدىم. چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىمەن.
2007-يىل 23-ئۆكتەبىر
بۈگۈن سەھەر ئىشخانامغا كىرىپ ئىشكاپىمنىڭ ئىچىدە بىر خالتا شاپتۇل تۇرغىنىنى كۆردۈم. مەن شاپتۇلغا بەك ئامراق ېۈدۈم. «ئەمدى بۇنى كىم مىنىڭ ئىشكاپىمغا قويۇپ قويغاندۇ، بەلكىم تۈنۈگۈن بىرەر ئوقۇغۇچى ئىشخانىمىزدىكى بىرەر ېوقۇتقۇچۈغا ئەكەلگەن بولسا خاتا سېلىپ قويغاندۇ» دەپ ئويلاپتىمەن. ھەممەيلەن يېغىلغاندا«ماۋۇ شاپتۇل كىمنىڭ؟» دەپ سورىدىم چاقچاق تەرىزدە خالتىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ. تۇيۇقسىز ئىشخانامدىكى كەمسۆز مۇرادىل مۇئەللىمنىڭ ماڭا تىكىلپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. مەن ئەزەلدىن بۇ مەكتەپتىكىلەرگە، بولۇپمۇ ئىشخانىدىكى ياش يىگىتلەرگە دىققەت قىلىپ باقمىغانكەنمەن. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ئەلەمنى سەزگەندەك بولۇپ قالدىم. شاپتۇلنىڭ ئېگىسى چىقمىغاندىن كىيىن، باشقا ېوقۇتقۇچۈلار ھەر خىل چاقچاقلارنى قىلىپ مېنى قىزارتىۋەتتى. شاپتۇل ئۇلارنىڭ ئالدىدا قالدى، مەن چىقىپ كەتتىم.
زادى كىم قويۇپ قويغاندۇ؟ كەچتە ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدا ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ، خىلىلا كېچىكىپ قاپتىمەن. ئىشخانىغا كىرسەم مۇرادىل مۇئەللىم كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئۈن-تىنسىز نەرسلىرىمنى يېغىشتۇرۇشقا تۇتۇندۇم.
- زىباگۈل، توختاپ تۇرۇڭە.
ئۆزۈمچە شۇنداق جىددىيلىشىپ كەتتىم. «ھە»دېگەندەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم .
- شاپتۇلنى سىزنى يىسۇن دەپ، ئەتىگەن سەھەردە ھەممىدىن بۇرۇن كىلىپ ئىشكاپىڭىزدا مەن قويۇپ قويغان. قايسى كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا سىنىپىڭىز ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتسام ئوقۇغۇچىلىرىڭىز بىلەن شۇنداق مەززە قىلىپ شاپتۇل يەپ كىتىپسىز، ئېغىزىڭىزنىڭ ئەتراپىنى تازا شالتاق قىلىپ.
ئۇ شۇنداق دەپلا كۈلۈپ كەتتى. بويۇنلىرىغىمغىچە قىزىرىپ كەتكىنىمنىمۇ سەزمەپتىمەن.
-بولدى، خىجىل بولغۇدەك ئىش ئەمەسقۇ؟
-رەھمەت، مەن بەك ئامراقتىم-شۇنداق دەپلا مېڭىشقا تەمشەلدىم.
- زىباگۈل، تىخى تاماق يىمىدىڭىز، بىللە تاماق يەيلى، ئۆزىڭىز يالغۇز تاماق ئېتىمەن دەپ ئاۋارە بولماي يەپلا كىتىپ بالدۇرراق ئارام ئىلىڭ. قارىسام يېقىندىن بىرى كەيپىياتىڭىز تازا ياخشى ئەمەس. چارچاپ قالغاندەك تۇرىسىز.
- بولدى رەھمەت.
مەن شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ داۋامىنىمۇ ئاڭلىماستىن ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. بەلكىم، ئىشخانىدا ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز تۇرۇپ، ئۇزاق پاراڭلىشىشنى ئەپسىز كۆرگەندىمەن.
بىراق ئۇ مۇئەللىمدىن خۇش بولۇپ قالدىم. ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم باردەك ھېس قىلپ خاتىرجەم تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم.
2007-يىل 11-نويابىر
مەن زادى نېمە بولدۇم. قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەس ھالەتتە يۈرۈيمەنغۇ؟ بۇنداق بولغانسىرى ئۆز-ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم بارغانسىرى سۇسلاپ كىتەتتى. ھەر بىر قىلىقلىرىمدىن تەنتەكلىك، گۆدەكلىكىم چىقىپلا قالىدۇ. ..
مۇھەببەت ئۇمۇ بەختكە ئوخشاشلا بىر خىل سەزگۈ.
خىياللىرىڭ تولىمۇ ئاددى، ئىنتايىن گۈزەل. زىناقلىرىڭغا ياماشقان كۈلكىلەرنى يوشۇرۇپمۇ يوشۇرالمايسەن، تاتلىق تەبەسسۇمىڭغا تويۇنغان لەۋلىرىڭنى چىڭ چىشلەپ، ئۆزۈڭچە قىزىرىپ يەرگە قاراپ قالىسەن-دە، دەرھال ئەتراپىڭدا سىنى كۆرۈپ تۇرۋاتقانلارنىڭ بار يوقلۇقىغا سەپ سالىسەن، ھىچكىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلگىنىڭدە "ئۇھ" دەپ، ئۇلۇغ كىچىك تىنىسەن. پىنھان تۇيغۇلىرىڭنى تۆكۈش ئۈچۈن خاتىرەڭنى قولۇڭغا ئالىسەن. بىراق، سەن خىيالىڭدىن رىئاللىققا قايتالمايۋاتىسەن ...
2007-يىل25 -نويابىر
ئويلا زىبا، توغرا قىلىۋاتامسەن. ئەگەر ئۇلار سىنىڭ ياخشى نىيىتىڭنى خاتا چۈشىنىپ قالسا، ئاھ جانىم زىبا، جاھاندا سەن ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ھاقارەت يوق. شۇڭا، ئۆزۈڭنى بىسىۋال، باشقىلارغا ئۇنچە سەمىمىي بولۇپ كەتمە. تۈزلا بىر گەپ قىلساڭمۇ سەن بىلمەيدىغان مەنەلەردە سۆزلىرىڭنى تەرجىمە قىلىشىدىغۇ ئۇلار...
چۈشلىرىڭ ھەجەپ گۈزەل! مۇزىكا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ مۇڭلىنىپ كىتىشلىرىڭنى نېمە دەي. ئۆز- ئۆزۈڭگە كۈلگۈڭ كىلىدۇ.
تاڭ سەھەردە گۈل ئەتراپىدا پەرۋانە بولدۇڭ. راست، خۇشپۇراق گۈلنىڭ ئەتراپىدا خىلى بىر ۋاقىتقىچە ئەگىپ پۇراپ كەتتىڭ. تۇمانلار ئارىسىدا جىلمىيىپ تۇرغان قۇياشقا قاراپ، زەررە نۇرلىرىدىن ئۈمىد مەلھىمى ئىتىسەن، توۋا، قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ كارامىتىگە ئاپىرىن، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى قەلبىڭدىن ئۆچۈپلا كەتتىغۇ! ئەجىبا قەلبىڭدىكى تۇيغۇلىرىڭ، ئۇزۇن يىللىق تۇيغۇلىرىڭ يالغانمىدى؟! خەير ، بۇلارنى ئويلىمىغىن ...
2007 -يىل 4-دىكابىر
قۇياشنىڭ ئوت قارچۇقلىرىدىن،
سىرغىيدۇ نۇر قەلبىمگە قاراپ.
بىغۇبارلىق، ھايا، چىن غۇرۇر،
تومۇرلارغا كىتىدۇ تاراپ.
بوياقلاردىن تولىمۇ خالىي،
كۈتۈۋالدىم يېڭى سەھەرنى.
تۆھمەتلەردىن ئېزىلدى يۈرەك،
ئۈنسىز يۇتقاچ ئوۋغا-زەھەرنى...
خىزمەتكە قاتناشقىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، خىلى كۆپ ئوڭۇشسىزلقلار مىنى بىئارام قىلىپ تۇراتتى. راست، مەندەك ئۆز يۇرتىدىن يىراق جايغا كىلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان يەككە-يىگانە قىز ئۈچۈن كىچىككىنە ئىشلارمۇ ئىغىر كىلىۋاتاتتى. ئىھتىمال تۇرمۇش مىنى مۇشۇنداق سىناۋاتقان بولسا كىرەك...
ئىچ-ئىچىمدىن يىغلىۋالغۇم كىلىۋاتىدۇ. بىز قاچانمۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشارمىز؟! بولدى، قارچۇقۇم، سىرغىمىغىن. يۈرىكىم قىسىلىپ تىنىقلىرىم تەسلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. «قويۇۋىتەي يۈرىكىمنى ئۆز ئەركىگە». يىغلىۋال يۈرىكىم، بىراق ياشلاردا تۇنجۇقمىغىن...
2008-يىل 22-فىۋرال
قەدىرلىك خاتىرەم. ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار مىنىڭ. مەكتەپتىكى چاغلارنى شۇنداق سېغىنىۋاتىمەن. كىشلىك مۇناسىۋەت بەكلا مۇرەككەپ بولىدىكەن. بۇ جەھەتتە، قەدەمدە بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۇرىۋاتىمەن. بۈراق، بۇ مېھۈرلۈك زۈممۈنغا رۈشتۈم باغلۈنۈپ كەتكەندەك تۇراتتۈ. بۇ يەرگە كەلگىنىمگە بىريېرىم يىل بولدى. ئۆزى تولىمۇ چەت، تەرەققىياتى خىللا ئارقىدا قالغان بۇ زىمىنغا ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ، گۈزەللىكنىڭ چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭقۇر مېھرىم چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەمدى سېزىۋاتىمەن.
خىزمەت ۋە ئىزدىنىشلىرىم ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك. ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشلىرىدا تىزناپ دەرياسى بويىغا بېرىپ تاماششا قىلىپ كىلىمەن. ئوقۇغۇچىلىرىم ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. مەن ئاجايىپ بىر پاكلىق ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك، يۈزلىرىنى قورۇق بىسىپ، قوللىرىنى قاداق باسقان ئەشۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن. بۇ يىل روزى ھېيىتنى ئۆيدە ئۆتكۈزدۈم، قايتاشىمدا بىكەتتە ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ، بىر جىدەلنى كۆرۈپ قالدىم. ياپياش ئىككى يىگىت 45لەردىن ھالقىغان بىر كىشىنىڭ ياقىسىغا ئىسلىۋىلىپ ئۇرۇشىۋاتاتتى. ئىسىت، ئەتراپىدا بىر توپ كىشى خۇددى خوراز سوقۇشتۇرۇشنى كۆرگەندەك كۈلۈشۈپ، «ئا ئۇرۇۋەتتى، بىقىنغا سالدى، ئا مۈرىسىنى باسە...»دېگەندەك گەپلەر بىلەن كىشىنىڭ نەپرىتىنى قوزغايتتى. قېنى ئارىغا چۈشۈپ ئاجىرتىپ قويغۇدەك يىگىت، ئەركەك يوقمۇ؟ شۇ سورۇندىكى ئەرلەر كۆزۈمگە غەلىتە كۆرۈنۈپ كەتتى. ھېلىقى ئىككى ياشنىچۇ؟ ئۆز دادىسىدەك كىشى ھەر قانچە گۇناھ ئۆتكۈزسىمۇ ئىككىسى بىر بولۇۋىلىپ ئۇرسا قانداق بولىدۇ... مەن كىچىكىمدىن چامباشىچىلىقنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، شىياڭگاڭ كىنولىرىدىكى ئايال ساقچىلارنىڭ چەبدەس ھەركەتلىرىنى شۇنداق ھەۋەس بىلەن كۆرۈپ كىتەتتىم. ئالىي مەكتەپتە تەنتەربىيە تاللانما دەرسنى ئۆتكەن چاغدىمۇ مەن چېلىىش دەرسىنى تاللىغان. قىز بالا بولساممۇ، باشقىلار مېنى بوزەك قىلماقچى بولسا، تازا بىر ئەدەبلەپ قويۇشنى ئويلايتتىم. بۇ خىياللىرىمغىغۇ كۈلگۈم كېلىدۇ ھازىر.
«ئاجرىتىپ قويۇڭلارچۇ؟ جىدەل چوڭىيىپ كەتمىسۇن»مەن بۇ گەپنى ئېنىق بىرەرسىگە قارىتىپ دېمىدىم، بىراق يېنىمدا ئولتۇرغان بەستىلىك كىشى«خىنىم، قىسىپ ئولتامىسا تاياق يەيدا ماندا، بىكاغا لىيفىڭجان بولۇپ ئوتتۇرىغا جۇگرۇپ چۈشكەن بىلەن. سىلىمۇ چىڭ قىسسىلا» دېدى. غەزەپتىن قىزاردىممۇ ياكى خىجىللىقتىنمۇ بىلمەيمەن. بۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتىم. ئاھ!...بولدى، سىنىڭ ئاپئاق يۈزلىرىڭگە بۇنداق بىمەنە قۇرلارنى يازماي ئۇخلاي.
2008-يىل 8-مارت
بۈگۈن خانىم-قىزلار بايرىمى. بۇ كۈن مەكتەپتىكى قىز-ئاياللار ئىچىدە ئالاھىدە داغدۇغىلىنىدىغانلىقىنى مانا ھازىر ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن يەنىلا تۈنۈگۈنكى كىيىملىرىم بىلەن ئىشقا چىقىۋەرگەن ئىكەنمەن. ئەسلى، بۇ كۈنى كىيىم باھالايدىغان كۈنىكەن ئەمەسمۇ؟ ئالا-چىپار، رەڭگارەڭ ئاياللارغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن، كەچتە ئىشخانىمىزدىكى ئايشەمگۈل:
-زىبا ئاداش، بىر گەپ دېسەم رەنجىمەسسىز ھە!
- دەۋىرىڭ.
-ئالدىراشچىلىقتا، كىيىم ئىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىڭىزمۇ ياكى...بۈگۈن نېمىشقا يېڭى كىيىم كىيمىدىڭىز؟
-نېمە بوپتۇ؟
-ھەممە كىشىنىڭ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە گەپ قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلمىدىڭىزمۇ؟
-ھە! مەن بۇنداق قائىدىنى بىلمەيدىكەنمەن. بىلسەممۇ، كىيىشنى خالىمىسام كەيمەيمەن. نېمە بولدى، خىزمەت نومۇرىمىزدىن تۇتۇۋالامدېكەن يېڭى كىيىم كەيمەپتۇ دەپ!
- ئوھۇش، قانداق دېگەن گەپ بۇ. خۇددى مۇزغا تاراڭگا ئاتقاندەكلا گەپ قىلىدىكەنسىزغۇ، بىر چىرايلىق ئىززىتىنى قىلسا بىلمەيدۇ.
توۋا، ئۇ تىخى مېنىڭ ئىززىتىمنى قىپتۇ. مىنىڭ ئىززىتىم كىيىم بىلەن ئىپادىلەنگۈدەكمۇ؟ قىز-ئاياللارنىڭ غىمى زادى نېمىدۇ؟ مەنمۇ توي قىلىپ ئائىلەم بولسا بىر كۈنلەردە مۇشۇنداق كىيىم، گىرىم، چاي دەپ چېپىپ يۈرەرمەنمۇ؟ ياق!!!
چۈشكە يېقىن بىر پوسۇلكا تاپشۇرۋالدىم. ئەۋەتكۈچىنىڭ ئادىرىسى يېزىلماپتۇ. ئۇدۇل ياتىقىمغا ئاپىرىپ ئاندىن ئاچتىم. راستىمنى دېسەم، ھازىرغىچە يا گۈل ياكى بۇنداق رومانتىك ئۇسۇلدىكى سوۋغىلارنى تاپشۇرۋالمىغان. باشقىلار سوۋغا قىلغاندا قايتۇرۋەتكەن ېۈكەنمەن. ئېچىدە نېمە باردۇر دېگەن خىيال بىلەن سەل ھودۇقۇپ تۇرۇپ، ئاچتىم. پاھ! چاچ قىسقۇچ. قايسى كۈنى مەن ناھىيە بازىرىدىكى بىر دۇككاندا كۆرۈپ قىلىپ، باھاسىنى كۆرۈپ ئالمىغان. ئۇ چاچ قىسقۇچتىن باشقىسى يارىماي، 300يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەشكە تىخى چىدىماي قۇرۇق قول يېنىپ چىققان. ھەجەپ بۇنى تېپىپ سوۋغا قىلالاپتۇ.
زادى كىمدۇ؟ چوقۇم بەشكەنتلىك دوستۇم مېھرىگۈل. قايسى كۈنى مەن ئۇنىڭغا بۇ چاچ قىسقۇچ توغۇرلۇق سۆزلىگەن. ئۇ مۇشۇنداق رومانتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىنى خۇشال قىلىشقا ئۇستا. كەچتە ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ، بايرىمىنى تەبرىكلىگەچ رەھمىتىمنى بىلدۈرەي، ئۇ ھەمىشە مەندىن چاققان چىقىدۇ. دېگەنلەرنى ئويلىدىم. كەچتە مەكتەپ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى ھەممە قىز-ئاياللارنى رىستۇرانغا ئولتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. مەن يەنە بارماي ياتىقىمدا قالدىم. ئۇلار مىنى ھالىي ئۈستۈن دەپ قانچىلىك غودۇراپ كەتتىكىن. مەيلى ئۆزلىرىنىڭ ئىشى، نېمە ئۈچۈن ھاياتىمنى «باشقىلارنىڭ گىپى» چاڭگىلىغا تاشلاپ بەرگۈدەكمەن. مېھرىگۈلگە تىلفۇن ئۇرسام ئۇمۇ ئەۋەتمەپتۇ. چاتاق يېرى، ئۇنىڭ مىنى تېرىكتۈرۈدۈغان تېمىسىدىن بىرى كۆپەيدى. بۇ زادى كىمدۇ؟
2008 -يىل 9-مارت.
ئايشەمگۈل چۈشتە ياتىقىمغا كىرىپتىكەن. ئۇ مەكتەپ مۇدىرىمىزغا بايراملىق دەپ ئۆزى بىلەن ئوخشاش بىر قۇر كىيىمنى 485يۈەنگە سېتىۋالغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ نېمە سوۋغا بەرگەنلىكىنى دېگەچ مەندىن نېمە سوۋغا قىلغىنىمنى سورىدى
-توۋا، شۇنداق قائىدە بارمىتى، مەن ئۇقمايدىكەنمەن. روزا ھېيىت، قۇربان ھېيتلىرىنى تبرىكلەپ قويارمەن، بولمىسا ئالدىمىزدا نورۇز بايرىمىمۇ بار.
-نېمە؟ نورۇز بايرىمى. شۇمۇ بايراممۇ ئەمدى؟
-بايرام بولماي نېمە؟ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى چوڭ بايراملىرىمىزنىڭ بېرىغۇ ېۇ.
- سىزنى ساددىمىكىن دېسە ساددا ئەمەس، دۆتمىكى دېسە ھەممىدىن بەك كاللىڭىز ئىشلەيدۇ، جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئۆگىنىپ قويۇڭ.
ئۇ شۇنداق دېگەچ يېزىق ئۈستىلىمدىكى چاچ قىسقۇچنى كۆرۈپ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى. نېمە بولغىغنىنىمۇ بىلمىدىم، ئاستا چاچ قىسقۇچنى قولىغا ئېلىپ قاراپ قويۇپ:
-بۇنى بىرسى سوۋغا قىلغان ئوخشىمامدۇ؟
-شۇنداق. لىكىن كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. پوچتىدىن ساپتۇ، نامسىزكەن. دوستلىرىمنىڭ بىرەرسىمىكى .
ئۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا بىر قاراپ قويۇپ، چاچ قىسقۇچنى ياستۇق ئۈستىگىلا تاشلاپ قويۇپ،گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتتى. ئىشتىن چۈشۈپ ياتاقتا ئولتۇرسام، بىر ئوقۇغۇچۇم بىر تال كىتابنى« مۇرادىل مۇئەللىم بەردى» دەپلا چىقىپ كەتتى. ئېچىپ قارىسام، ئىچىدە بىر تال باغاقچە، ئۈستىدە«سومكىڭىزنىڭ يان يانچۇقىغا قاراڭ»دېگەن خەت يىزىقلىق تۇرىدۇ. دەرھال سومكامنى ئاختۇرۇپ ھېچنىمىنى تاپالمىدىم. بۇ كىشى مىنى ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ نېمە؟...
2008-يىل 15-مارت
ھەپتە ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىسەملا يىغا تۇتىدۇ. قىنى مىنىڭ ئەقىدەم بىلەن ياشىغىنىم. باغرىم لەختە بولغاندەك ئىسەدەيتىم. ھەممە نەرسىدىن زىرىكىۋاتاتتىم، ئاھ! قىنى سەۋرىم سەن. مۇرادىل مۇئەللىمدىنمۇ ئارتۇقچە ئاغرىنىپ يۈردۈم، ئاخشام ئۇ ماڭا بىر تال كىتاب بەردى. ئارىسىغا خەت قىستۇرۇلغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئىش تۇيۇقسىز كۆڭلۈمدىن كەچتى. ئوغۇل بالا دېگەن بەزى جايلاردا سەل جۈرئەتلىك بولىدىغان. ئۇمۇ نېمە قىلىدۇ خەتنى سومكامنىڭ يان يانچۇقىغا سېلىپ. ھەپتىدىلا پۈتۈن يىزىدا مىنى داڭلىق شەخسكە ئايلاندۇرۋەتكەن، ھاياتىمدا ئىككىنجى قىتىم مىنى قاتتىق ئازارغا قويغان بۇ خەتنى كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.
«ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك زىبا. سىزنى زىبا دەپلا ئاتاشنى ياقتۇرىمەن، رەنجىمەسسىز؟! ئاۋال سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن، خىتىم ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاخىرغىچە ئوقۇڭ. مەن خەتنى سىزگە بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم، شۇڭا، قول سومكىڭىزنىڭ يان يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپتىمەن. سىز بىر نەرسە ئالغاندا چۈشۈپ قالغانمۇ، ئەتەي كىلىپ ئايشەم ئۇنى تىپىۋاپتۇ. ئۇنىڭ مىجەزىنى سىزمۇ بىلىسىز، شۇڭا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. تۈنۈگۈن خەتنى ئايشەمدىن ئىلىۋالدىم، ئۇ سىزگە تەئەللۇق خەت، قولىڭىزغا تەگسۇن»
بۇ خەتتە زادى نېمىلەر يىزىلغاندۇ دەپ خىلى ئۇزۇنغىچە، تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىمۇ كۆچۈرۈپ قوياي.
ياق، بۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرەمدە ئىزى قالمىسۇن... ئەمدى يازمايمەن.
2008-يىل 18-مارت
توۋا، بۇ نىمە ئىش. مەن شۇنچە دۆتمۇ نېمە؟ ھىلىقى چاچ قىسقۇچنى سوۋغا قىلغان كىشى مۇرادىل مۇئەللىمكەن... ئايشەمگۈل مۇرادىل مۇئەللىمنى ياخشى كۆرىدىكەن، مۇرادىل مۇئەللىمنىڭ چاچ قىسقۇچنى ئالغىنىنى كۆرگەن ئايشەمگۈل سورىسا«سىڭلىمغا ئالدىم»دەپلا جاۋاپ بېرىپتۇ. كىيىن ئۇ مىنىڭ ياتىقىمدا كۆرۈپ ئوغىسى قايناپ كىتىپتۇ. خەتمۇ كىلىپ ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. مۇرادىل مۇئەللىم پەقەت كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئاددى قىلىپ يازغان بۇ خەت ئايشەمگۈلنىڭ قولىدا بىر ئەپسانىگە ئايلىنىپ ھەممە كىشىگە مىنى مۇرادىل مۇئەللىمنىڭ لايىقى قىلىۋىتىپتۇ. تىخى ئۇياقنى توي قىلىشقا قىستاپتىمىشمەن، توي قىلمىسا بولمايدىغان بولۇپ قاپتىمىشمەن. ئەمدى بۇ نە ھاقارەت! ئاھ، ئەقلىمنى بىلىپ ھۈچبۈر يات ېوغۇل بالا قولۇمنى تۇتۇپ باققان بولسا، بىرەرى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باققان بولسام كاشكى. ئاق رەختكە چاڭ-توزان قونسىمۇ ئىنىقلا داغ بولۇپ كۆرۈنىدىكەن. بۇ مەكتەپتىن بەكلا رايىم قايتتى. غەيۋەتخورلارنى قانۇن ئارقىلىق جازالايدىغان نىزام بولمىغاندىكىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلىمەي نە ئامال.
قىنى مەن ئىشەنگەن دوستلىرىم، ئۇلارمۇ ماڭا خىيانەت قىلىش بىلەن تۈگۈنلەندىغۇ؟! خەير، جاھاندا ياخشى ئادەملەر يەنىلا نۇرغۇن. ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى ئويلىسام ئۆزۈمنى قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. بولدى، زورلاپ ئۇخلاپ باقاي.
2008-يىلى 21-مارت
بۈگۈن چاچلىرىمنى ئۇششاق ئۆرۈپ، دوپپامنى ئەتلەس كۆينىكمنى كىيىپ مەكتەپكە باردىم. ئىھتىمال ھاياتىمدىكى يەنە بىر يېڭى باھارنى ئۈمىدۋار ھالدا كۈتىۋىلىشنى ئويلىغاندىمەن. سەھەر تۇرۇپ پارقىراپ چىققان قۇياشقا، ئۈرۈك چىچەكلىرىگە قاراپ قۇياشنىڭ ماڭا بەرگەن مېھرىدىن يۈرىكىم ئىللىپ كەتتى. مەكتەپتە نورۇزلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق. مەن ھازىر پۈتۈن زېھنىمنى ئۆگىنىشكە، كىتاپ ئوقۇشقا، ئوقۇغۇچىلىرمغا قارىتىۋاتىمەن. بولمىسا تۈگىشىپ كىتىدىغان ئوخشايمەن. ھېلىمۇ ئۇزاق بولدى، مەن يۈرەكنى ئېزىدىغان قۇرلارنى، ئەسەرلەرنى، خىيالىمدىكى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىرسى ئۈچۈن قەسىدە يىزىشنى توختاتقىلى. بەزى چاغلاردا بەرداشلىق بىرەلمەي قالىمەن. شۇندىمۇ چىدايمەن، ئىشخانىدىمۇ ئۇزاق تۇرمايمەن، ئوقۇغۇچىلىرم، خىزمەتداشلىرىم، ئەدناسى يولدا ئۇچرىغان بىرسىگىمۇ ھودۇقماي سالام قىلالماس بولۇپ قالدىم. راست، قىز بالا ئۈچۈن تۆھمەتتىنمۇ چوڭ يوقىتىش بولمايدىغان ئوخشايدۇ، تۇر زىبا ئورنۇڭدىن تۇر!!! يېڭى يىلىڭنى بۇنداق باشلىساڭ ئۆزۈڭگە يۈز كىلەلمەيسەن!!!
2008-يىل23- ئاپرىل
بۈگۈن ئانام تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. بۇنىڭدىن مەن بەكمۇ تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالدىم، شۇنچە ئۇزۇن يولنى بىسىپ، ماڭا كىلىمەنمۇ دەپ قويماي كەپتۇ. يۈرۈكۈم شۇنداق ئېغىپ كەتتى. ماڭا ھەتتاكى بىرەر رەت ئالىيىپمۇ قاراپ باقمىغان ئانام كۆرمىگىلى بىرەر ئايدىن ئاشقان قىزى بىلەن يات نەرقى يۈز يېقىشىپ كۆرۈشۈپ سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى، ئۆيدىكىلەرنى سورىسام «سەندىن ياخشى تۇرۋاتىدۇ»دەپ توڭلا جاۋاپ بەردى، قولىدىكى سومكىنى ئالاي دېسەممۇ بەرمىدى. ئاچچىقىمدا ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم، شۇندىمۇ يەنە ئۆزۈمنى بىسىپ ئەھۋالنى سورىدىم. ئانام ئۈن-تىنسىز مېڭىۋەردى. كەچتىلا ئاندىن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. مەن خىزمەتنى تاشلاپ ئانام بىلەن قايتىپ كەتكۈدەكمەن. نېمە ئىشلار بولغىنىنى ئاڭقىرالمىدىم، ئانام يىنىمدا ئۈن-تىنسىز يىتىپ قالدى. زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟
2008-يىل24 -ئاپرىل .
بىر قارارغا كىلەلمەيۋاتاتتىم. ھەممىدىن ھار كەلگىنى مەن بۇ يەردىن تېرىقچىلىك ئاساسى بولمىغان تۆھمەتنى يۈدۈپ كەتكۈدەكمەن. ئۆيگە كىرگەن ئەلچىلەرگە ئاللىبۇرۇن ماقۇللۇق بىرىپ بوپتۇدەك. مەن بۇنداق قىسمەتنى مىنىڭ بىشىمغا كىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. ئەجىبا مۇشۇنداقلا... مەن نېمە ئۈچۈن توي قىلىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن. باشقىلار ئويلىغاندەك بىرەرسىنى كۈتىۋاتقىنىممۇ يوق. تەلىپىم يۇقىرى بولۇپ كەتتىمۇ؟ ئەجىبا ئەخلاقىي تەلەپ يۇقىرىراق بولسا«ئاسمانغا چىقىۋالغانلىق»بولامدۇ؟ ياق... نىرۋام بەكلا قالايمىقانلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. ئەمدى مىنىڭ بۇ توينى رەت قىلىشممۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشايدۇ. مەن توي قىلىدىغان ئادەم زادى كىم؟ مەن كۆرۈپ باققان بولغىيمىتىم، ھېچ ئەسكە ئالالمايۋاتىمەن. پۈتۈن بەدىنىمگە تىتىرەك ئولىشىپ كىتىۋاتىدۇ. جىنىم ئانا، ماڭا بىر ئىشەنسەڭ-ھە! ياق، ئانام ماڭا ئىشىنىدۇ، بىراق بۇ تۆھمەتلەر ئۇنىڭ مىنى ئىلىپ كىتىشتىكى باھانىسى، ئۈمىدۋار بولاي. ئايشەم ئانامغا تىلفۇن ئۇرۇپ نېمىلەرنى دېگەن بولغىيتى؟
2008-يىل ماي
سۈيقەستلەر ئاشكارا بولىۋاتاتتى. ماۋۇ مۇرادىل دېگەن ئەبلەخمۇ ئۆزىنى دەپ مىنىڭ كەينىمدىن نۇرغۇن يالغان سۆزلەرنى قىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارغا بىرگە بېرىپ ئويناپتىمىشمىز، خەقلەر سۆز-چۆچەك قۈلۈدۇ دەپ، مەكتەپتە بىرەر ئېغىزمۇ گەپلەشمەسمىشمىز، توينى 8-ئايلاردا قىلىپ، غۇلجا، ئۈرۈمچىلەرگە بېرىپ شىرىنئاي ئۆتكۈزىمىشمىز، كەلگۈسىدىكى بالىمىزنىڭ ئىسمىنى نېمە دېدى ئەيتاۋۇر بىر نېمە قويارمىشمىز. مەن بۇ يالغانچى كاززاپ بىلەن بىر ۋاق تاماقنى بىرگە يەپ قويغان بولسام نېمە دەر ئىدى. زادى بۇ كەمدە تۈزۈك جىگەرلىك يىگىتلەر ئاز قالدىمۇ نېمە؟ ئۇ نېمىشقا يالغان گەپ قىلىپ قەستەن يۈزۈمنى چۈشۈرمەكچى بولىدۇ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغىنىمغا ئۆچ ئىلىۋاتامدۇ؟ ئاھ خۇدا ، بەختىمنى بەرگەيسەن....
17-ماي
ئۆيدىكىلەرنىڭ خىزمەت تاپالمىساڭمۇ مەيلى، ئۇنداق يىراق جايغا كەتمە، سەن دېگەن قىز بالا دېگەنلىرىگە ئۇنىماي بۇ يەرنى تاللاپ ئېمتىھان بەردىم. بىر مەزگىللىك غىربسىنغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ يەرگە بولۇپمۇ، مۇشۇ ئوماق، چۇرۇقلىشىپ يۈرگەن سەبىي غۇنچىلارغا مېھرىم چۈشۈپ قالغان ئىدى. راست، ئادەمنىڭ قىممىتى تۆھپە يارىتىشتا بولىدۇ، مەنمۇ ئۆز تۆھپىلىرىم ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قەلبىدە ياتلىنىپ قالسامكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن.
مەن يىگىتلەرنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىكەنمەن. ئالىي مەكتەپتىكى چاغلاردا «يۈرۈۋاتقانلار تەجىربە توپلاش ئۈچۈنمۇ يۈرىدۇ»دېگەننى ئاڭلاپ، شۇنداق ئاچچىقىم كەلگەن، نەدىمۇ ھېسيات ئىشىغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغان ئىش بار؟ بىراق، مۇشۇنداق گاڭگىراپ قالغان چاغلىرىمدا كاللامدىن«مەنمۇ تەجىربە توپلاپ قويغان بولسامچۇ»دېگەندەك ساراڭ خىياللار يالىت قىلىپ ئۆتۈپ قالىدۇ. دەرھال خىياللىرىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ كىتىمەن. ئالدىمدا مۇرادىل مۇئەللىمنىڭ خىتى، ئۇنى ئوقۇغۇممۇ يوق، يەنە نېمىلەرنى بىلجىرلىدى بۇ ئەخمەق. بەلكىم ئۆزىنى ئاقلاپ يەنە نۇرغۇن يالغانلارنى توقىدى ھەقىچان، بولدى كۆيدۈرۋىتەي، ئوقۇپ نىمىمۇ قىلىمەن. مەن بۇ يەردىن كەتمەيمەن. بولۇپمۇ بۇنداق تۆھمەتلەرنى يۈدۈپ كەتمەيمەن. مەن قەددىمنى تىك تۇتۇپ، ئۇلارغا ھەقىقەتنىڭ ھامان يېڭىدىغىنىنى كۆرسىتىپ قويىمەن.
ھازىر كەچ ساېەت 9:00دۈن ئىشىپتۇ. بايا خاتىرە يىزىپ ئولتۇرغىنىمدا ئىشىك چېكىلىپ بىر ئوقۇغۇچۇم كىرىپتۇ. بۇنچە كەچتە نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئاچىسىنى باشلاپ كەپتىكەن. ماڭا ئازراق تەسەللىي بىرىپ چىقىپ كەتتى، ئۇيقۇم قىچىپلا تۇرىدۇ. كىتاپ ئوقۇساممۇ يەنىلا ئۇيقۇ يوق. توۋا، ئەسلى كىتاب دېگەننى ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان، ئەمدىلىكتە مەن ئۇيقۇمنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇۋاتاتتىم. ئاڭلا قەلبىم، ھەرگىزمۇ غەپلەتتە قالما.
بۇ ئاچا-سېڭىللارنىڭ كۆڭلىدە بىر گىپى باردەك قىلىدۇ، ئۇلار مىنى باشقا كۈنى ئىزدەيلى دەپ چىقىپ كىتىشتى.
28-ئىيۇن
سەھەر! مەن شۇنداق سەھەر تۇرۇپ كەتتىم. ئانام قويۇپ كەتكەن يانفۇن سايراپ قالدى. بۇ ئانامكەن، قارىغاندا كىچىچە مېنى چۈشەپ قالغان ئوخشايدۇ، چوقۇم يامان چۈش، بولمىسا بۇنداق تەرزدە تىلفۇن قىلمايتى. ئۇ پەقەتلا ئاچچىقلانماي جىنىم قىزىم قايتىپ كەل دېدى. مۇستەقىللىق قارىشىم كۈچلۈكمۇ ياكى ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇشنى ئويلىدىممۇ ۋە ياكى ئارقامدا ئوقۇۋاتقان ئېنى-سېڭلىمغا ئۆلگە بولاي دېدىممۇ ئەيتاۋۇر داۋاملىق مۇشۇ يەردە ئىشلەشنى ئويلىغان ئىدىم. بىراق، يۇرتىمىزدا ئىمتېھان ئىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىۋىتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغان كەسپىم خەنزۇتىلى، ئىمتېھاندىن چوقۇم ئۆتۈپ كىتىشىم مۇمكىن. ئانام ماڭا مۇشۇ گەپلەرنى دېيىش ئۈچۈن تىلفۇن قىلغان ئوخشايدۇ. مەنمۇ يۇرتۇمغا قايتىپ كىتەرمەن، نىمە جاپا بۇ ماڭا...ياق، جاپا دېمە، زىبا. ئۆزۈڭگە ئوخشىماي قالىسەن.
29-ئىيۇن
شۇنچە كەچتەمۇرادىل مۇئەللىم تىلفۇن ئۇرۇپتۇ. ئۇ تىلفۇننى ئۈستىلىمگە قويۇپ سېرتقا چىقىپ كەتكەندە ئۆز تىلفۇنىغا تىلفۇن ئۇرۇپ نومۇرىمنى بىلىۋاپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مىنى باشقىلاردىن قىزغىنىپ شۇنداق گەپلەرنى توقۇپ قويغىنىنى، يەنە بىرسىنىڭمۇ ماڭا كۆز سېلىۋاتقىنىنى بىلىپ شۇنىڭ ئالدىدا قەستەن دەپ قويغىنىنى، رەنجىمەسلىكمنى دەپ كەتتى. مەن ھېچقىسى يوق دەپلا تىلفۇننى بىسىۋەتتى. راست، ئۇمۇ ئۇنچە ئەسكى بالا ئەمەسقۇ، نىمە قىلاي رەنجىپ.
توۋا، تۇرمۇش مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ، ئەتە يولغا چىقىمەن. ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان كۈيئوغلى بىلەن كۆرۈشۈپ قالارمەنمۇ؟ يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ، بولدى، نەرسىلىرۈمنى يىغىشتۇراي.
12-ئىيۇل
ئەسلى مەن بۈگۈن ماڭماقچى ئىدىم، لىكىن رۇخسەت ئالالماي ماڭمىدىم. ئېھتىمال بۈگۈن ماڭالماسلىقىم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تىگى- تەكتىنى چۈشەندىم، يەنە بىر رەزىل ھېكايىنىڭ تۇنجى ئاڭلىغۇچىسى بولدۇم.
ئادەملەر ئۆز شەخسىيىتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا زىيان سالغىنىدا، ئاللىبۇرۇن ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ بولغان بولىدۇ. ئىپلاس ئەرلەر! ناتىۋان غۇنچىلارنىڭ نالە- پەريادى ئۇلارغا دەججالنىڭ قۇلىقىدىن چىققان نەغمە- ناۋالاردەك بىلىنەمدىغاندۇ؟! ئۆزىنىڭ دەقىقىلىك پەس نەپسىنى دەپ، بىر نارەسىدەنىڭ پۈتۈن بىر ئۆمرىنى، ئىشەنچ ئەقىدىسىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇۋەتكەن ناكەس...
مەن بۇ قىزنى بايىلا ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم، ياتاققا كەلگۈچە خېلىلا قاراڭغۇدا قالدىم. خىلۋەت يېزا يوللىرىدا كونا ۋېلىسپىتىمنى جاراقلىتىپ كىتىۋاتقان بىر قىز گۈلدۈرمىلەردىن ئاڭلىنىدىغان سۇنىڭ ئاۋازىدىنمۇ ۋەھىمىگە چۆكەتتىم. يىراقلاردىن ئىگىز- پەس ئاڭلىنىپ قالغان ناخشا ئاۋازلىرى ماڭا بۇرۇنقىدەك ئىزگۈلۈك ۋە ياخشى تەسىراتلارنى ئويغىتىش ئەمەس، تەسۋىرلىگۈسىز قورقۇنچنۈ قەلبىمگە چاچاتتى. ئەشۇ دەملەردە «مىنى قوغداپ تۇرىدىغان بىر يىگىت بولسىچۇ؟» دىگەن خىيال يالت قىلىپ كاللامدىن كەچكىنىدە، يەنە ېۆزۈمگە ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كەلدى. تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىم بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. ياق زىبا! قەيسەر قىز سەن! قېنى دەس تۇر ئورنۇڭدىن!....
كەل خاتىرەم، سىنىڭ قەلبىمدەك ئاپئاق قۇرلىرىڭغا ئىنسانىي رەزىللىكنىڭ ئاچچىق ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ قوياي! ھاياتتا مۇنداق ئىشلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قوياي.
باشلانغۇچ 6- يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ تولۇق 2-يىللقتا ئوقۇۋاتقان مەريەمگۈل ئىسىملىك ئاچىسى بىلەن دوستلىشىپ قالغىنىمغا 3-4 ئاي بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە 2-3 قېتىم باردىم. ئائىلە شارائىتى غورىگۈل بولسىمۇ، لىكىن كۆكسى قارنى تولىمۇ كەڭ كىشىلەر بىلەن تولغان بۇ ئائىلىدە 6 قىز پەرزەنت، 50 تىن ھالقىغان جاپاكەش دادا، 45 كە كىرمەي تۇرۇپ بەللىرى مۈكچىيىپ كەتكەن مىھرىبان ئانا بار. مەريەمگۈلنىڭ 14 ياشقا كىرگەن ئەقلى ۋە جىسمانى ئىقتىدارى ئاجىزراق سىڭلىسىغا بىر نەۋرە ئاكىسى باسقۇنچىلىق قىلىپتۇ، بۇنى ئەڭ بۇرۇن سەزگىنى مۇشۇ مەريەم، ئۇ بۇ دەرتنى ئىچىگە سېلىپ يۈرگىلىمۇ يېرىم يىلدىن كۆپرەك بولۇپتۇ، 15 كۈن ئاۋۋال بۇ ئىش يەنە تەكرارلىنىش ئالدىدا توسۇلۇپتۇ. مەريەم مەندىن مەسلىھەت سورىغاچ دەردىنى ئېيتىپ كەپتۇ.
شۇ دەمدە ئەينى چاغدا نىمىشقىمۇ قانۇن كەسپىنى تاللىماي خەنزۇ تىلىنى تاللىغان بولغىيتىم، تىل دىگەننى ئۆزلىكىمدىن ئۆگىنىۋالساممۇ بولار ئىدى. ئادۋوكات بولغان بولسام ھە.... مەريەمگە كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە تەسەللى بەردىم. تاماق ۋە گەپ قىلىشتىنمۇ قالغان بىچارە مەسۈم ئائىشەگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى تاپىلاپ قويدۇم. يۇرتۇمغا بىرىپ قانۇن ئورۇنلىرىدىن مەسلىھەت سورايدىغىنىنىمنى، ئۇنىڭغا بار كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىدىغىنىمنى ئېيتتىم. بۇ ئىشنى ھەتتا مەريەم بىلەن ئائىشەدىن باشقا ئائىلىسىدىكىلەرمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇلار مىنى شۇنداق چوڭ كۆرگىنى ۋە ئىشەنگىنىدىن كۆڭلۈمدە بەكلا خۇش بولدۇم. ئاھ، ئىنسانلار! نوپۇس كۆپىيىۋەرمەي ئادەملەرمۇ كۆپەيسە بولاتتى.
13-ئىيۇل
مۇرادىل مۇئەللىم سىڭلىسىدىن«يوللۇق»دەپ خىلى كۆپ نەرسىلەرنى كىرگۈزۈپتۇ. قىزنى خىجىل قىلماي دەپ رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ نەرسىلەرنى ئالدىم. ئاندىن ئۆزىگە تىلىفون قىلىپ كۆرۈشەيلى دىدىم ۋە مەكتەپ ھويلىسىدا كۆرۈشكىنىمىزدە نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ماڭا يازغان خەتلىرى، خەت قىستۇرۇپ كىرگۈزگەن كىتابلىرى ۋە بۈگۈنكى نەرسىلەرنى... ھەممىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ «كۆڭلىڭىز ماڭا تىگىل بولدى، كۆپ رەھمەت! بۇ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلالمايمەن، مەن بۇ قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بولالمايمەن، رەنجىمەڭ» دەپلا كەتمەككە تەمشەلدىم. ئۇنىڭ «مەن سىزنى بەھرامدىنمۇ ئارتۇقراق ياخشى كۆرىمەن، راسىت، بەھراممۇ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، لىكىن مەنچىلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمىگىدەك قىز ئەمەسسىز، بۇنچە قىلماڭ، ياكى سىزنىڭمۇ ئۇنىڭغان كۆڭلىڭىز بارمۇ؟ شۇنداق بولسا مەن ھەرگىز ئاراڭلارغا قىسىلىۋالمايمەن...» دىگەن گىپىدىن جايىمدا قاققان قوزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدىم. بەھرام؟ مەن ھەجەپ بۇ بالا توغرىلىق ئويلاپ باقماپتىمىنا؟ مەن كۈلۈپ قويۇپ قايتىپ كىردىم. كۆڭلۈممۇ شۇنداق يىرىم بولدى. بۈگۈندىن باشقا كۈن بولسا ھەرگىزمۇ بۇنچىلىك كەسكىن بولالمايتىم، كۆڭۈل ئاياپلا ئۆتۈپ كىتەتتىم. ئەرلەر بەك شەخسىيەتچى بولسا كىرەك. مۇرادىل مۇئەللىمۇ نىمە قىلىدۇ يالغاننى توقۇپ. ئەشۇ سۆزلىرىنىڭ ھىسىياتىمغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغىنىنى ئويلىمىغاندىمۇ؟
بەھرام، بەھرام مەكتۈۋۈمۈزنۈڭ تەنتەربۈيە ېوقۇتقۇچۈسۈ، ېۆزۈ شۇنداق ېوڭلۇق، كەمسۆز بالا. قانداقسۈگە بۇنداق گەپ بولۇپ قالدۈ ېەمدۈ. ئۇ بۇ مەكتەپتە مەن ئەڭ ئەركىن ئالاقە قىلالايدىغان، خېلى چاقچاقلىشىپ ئۆتىدىغان بالا. ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا ماڭا ياردەم قىلىدۇ، بىراق ئۇ بۇ توغرىلىق ئېغىز ئىچىپ باققىنى يوق، مەنمۇ ئەزەلدىن ئۇنداق ئويلاپ باقمىدىم. بولدىلا، بۇ كشىلەرنىڭ نەزەرىدە قىز- ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدا سۆيگۈدىن باشقا مۇناسىۋەت بولمىسا كىرەك. خەير زىبا! ئالدىڭغا دادىل قەدەم ئال، بولدى ئۇخلىغىن...
ئەلى خاتىرىنى ئوقۇپ بولۇپ قانچىلىك خىيال سۈردىكىن ، بامداتقا ئەزان چىققان چاغدىلا خىيالدىن ئويغۇنۇپ ئورنىدىن تۇردى.