باش بەت / ساقلايمەن

كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-21 13:26 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    بۈگۈن يېزىنىڭ بازىرى بولغاچقىمىكىن ، ئاشخانىدا خېرىدارلار ئالاھىدە كۆپ ئىدى. ئىشنىڭ كۆپلىكىدە ئاشپەز-مۇلازىملار بىر قولىنى ئىككى قىلالمايۋاتسا قاراڭلار ئەلىگە، ئۇ شۇنداق گاراڭ ھالەتتە. ئەتىگەندىن بېرى ئاشخانا خوجايىنى ئىككى قىتىم «بۈگۈن نىمە بولدۇڭ، كاللاڭ ماۋۇ يەردە بولسۇن» دىگەندەك قاراپ قويدى. ئەلىنىڭ ئورنىدا باشقىلار بولسىدى، بۇ سېمىز ئاشخانا خوجايىنى خېلىلا قاتتىق تەگكەن بولاتتى. لېكىن ئەلى شاگىرتلار ئىچىدە ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى، مىجەزىمۇ چۇس، ئىچەر- چىكەردە يوق، يولى تۈز، جىگەرلىك بالا. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئامراق.

    ئاش راسلاۋاتقان ئەلىنىڭ كۆزى تۇيۇقسىز ئىشىككە چۈشتى. ئەنە، ئىسمى- جىسمىغا لايىق زىلۋا، قاش- كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان گۈزەل قىز، ئەلىنىڭ يۈرىكىنى كىچە- كۈندۈز پۇچىلاپ مۇشۇنداق نىمجان قىلىپ قويغان زىبا كىرىپ كەلدى. ئۇ بىر كىچىك قىزنى يىتىلەپ كىرگەچ، بوش ئورۇن بارمۇ يوق، دىگەندەك ئەتراپقا قارىدى. پۇل ئېلىش ئورنىدا ئولتۇرغان خوجايىن:

    -كەسىلە خانىم، ئورۇن با. ھەي قادى، ما مىمان جوخۇ!(مېھماننى چاقىر دېمەكچى) – دىيىشىگە 14-15 ياشلاردىكى قادىر زىبانى ئاش راسلاش ئورنىغا يىقىن جايدىكى ئورۇندۇققا باشلىدى.

    ئەلى نىمە ئۈچۈن سەي قورۇش ئورنىدىن ئاش راسلاش ئورنىغا چىقىۋالدى؟ يەنە كېلىپ چۈشكە يىقىن ئاش راسلاشنى تالىشىدۇ؟ ئەلىنىڭ ئارزۇسى كىنولاردىكىدەك داڭلىق قورۇما قورۇش ئۇستىسى بولۇش. شۇڭا ئۇ سەي قورۇشقا ئۇستا ھەم ئۇستاممۇ چۆمۈچنى ئۇنىڭدىن باشقىلارغا تۇتقۇزمايدۇ. بىراق، 3-4 ئايدىن بىرى ئۇ ئىزچىل چۈش ۋاقىتلىرى بىرەر سائەت ئاش راسلايدۇ- دە، ئارقىدىن يەنە قازان بىشىغا ئۆتىدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا شۇ زىبا سەۋەبچى. بۇنى پەقەت ئەلى ئۆزىلا بىلىدۇ، ئاش راسلاش كۆزنىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئاسما جازىغا تېلىۋىزور قويۇلغان. زىبا ھەر قىتىم كىرگەندە شۇ تەرەپكە قاراپ ئولتۇرۇپ تېلىۋىزور كۆرىدۇ. ئەلى شۇنداق پۇرسەتلەردە ئۇنى قانغۇدەك كۆرۈۋالىدۇ. گاھىدا سۇس باش ئىگىپ كۈلۈمسىرەپ سالاملىشىپمۇ قويىدۇ. بىراق بۈگۈن زىبا كىرگەندىن كىيىن خوجايىن ئەلىنى تاماق توشۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. چۈنكى ئۇ ئىشتىن چاتاق چىقىرىپلا تۇرغانىدى. ئەلى خۇشاللىق بىلەن تاماق توشۇشقا چىقتى.

    زىبا تېلىۋىزور كۆرۈشكە ئامراق. ئاشخانىدا تاماق چىققۇچە ياكى تاماق يېگۈچە بېرىلىپ تېلىۋىزور كۆرىدۇ. تېخى بەزىدە تېلىۋىزورغا قاراپ ئولتۇرۇپ تاتلىق كۈلۈپ قويىدۇ، ياكى كۆز يېشى قىلىپ يېنىك تىترەپ كېتىدۇ. قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەردە ئىتتىك قولى بىلەن كۆزىنى ئېتىۋالىدۇ ياكى يەرگە قارىۋالىدۇ. ئەلى بۇنى ئاجايىپ ئېسىل سەنئەت نومۇرىدەك ھوزۇرلىنىپ كۆرىدۇ. قىز كۈلگەندە ئۆزىنىڭمۇ قانداق بولۇپ كۈلۈپ كەتكىنىنى بىلمەيدۇ. ئاشخانىدىكى شاگىرت بالىلاردىن تارتىپ خوجايىنغىچە ماۋۇ «مۇز قاپاق ئەلى» دىكى ئۆزگىرىشلەرگە ھەيران. «ئەلى بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ» دەپ قايسىسى دېدى، شۇندىن بىرى ئۇ ئۆز- ئۆزىدىن خۇدۈكسىرەيدىغان، راستىنلا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى بىلدۈرمەسلىككە تىرىشىدىغان بولۇپ قالدى. «ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان» بۇ يىگىت بارغانسىرى ئۆزىنىڭمۇ تەسلىم بولۇۋاتقىنىنى سىزىپ تۇردى. ئاھ! زىبا...

    بۈگۈن شۇنچە قايناق بازار كۈنىدە، ئەلىنىڭ كۆڭلى تازا جايىدا ئەمەس، خاتىرىدىكى خەتلەر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا لەيلەپ يۈرۈيدۇ. مانا چاتاق! بىچارە ئەلى نىمە بولغانسەن؟ قاراپ تۇرۇپ يوغان چىنىدىكى قىزىق شورپىنى توزدەك كىيىنىۋالغان زىبانىڭ ئاپئاق كۆينىكىگە تۆكۈۋەتتىڭغۇ؟! راست، بۈگۈن ئۇ ئۆز- ئۆزىنى يوقىتىپتۇ. زادى نىمە بولغىنىنى ئەلىمۇ بىلەلمەي قالدى. تاماقنى ئۈستەلگە قويۇشقا تەمشىلىۋاتقان ئەلىنىڭ قوللىرى تىترەپ، چىنە قولىدىن سىيرىلىپ زىبانىڭ ئىتىكىگىلا تۆكۈلدى. زىبا ۋايجان دىگىنىچە ئىتتىك تۇرۇپ كەتتى. ئەلى خۇددى تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك گەپمۇ قىلالمىدى. ئىسىت! تاماق بەك قىزىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپئاق كىيىممۇ بۇلغاندى، ئۇ قانداق سىرتقا چىقار؟ ئاشخانىدىكىلەر ھەممىسى ئۇلارغا قارىدى. خوجايىنمۇ يۈگۈرۈپ كىلىپ زىبادىن قايتا- قايتا كەچۈرۈم سورىدى-دە، ئەلىگە ئالىيىپ قاراپ قويدى. ئەلى يەرگە يىلتىز تارتىپ قالغاندەك ئېغىر پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ مېڭىپ ياتاققا چىقىپ كەتتى. 

    ئەلى كارىۋاتتا يىتپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى. « تاماق بەك قىززىق بولغىيمىدى؟ ئۇنىڭ پۇتى كۆيۈپ كەتكەنمىدۇ؟ كۆينىكىگە تۆكۈلگىنى بىر ھىسابتا ياخشى بولدى. ئۇ بۈگۈنمۇ يولغا چىقالمىسۇن، يۇرتىدا ساقلاپ تۇرغان ھېلىقى ئەبلەخ بىلەنمۇ كۆرۈشمىسۇن...» ئەلى ئۆزىنىڭ بۇنداق ئەخمىقانە خىيالىغا ئاچچىق كۈلگۈسى كەلدى. ئەجەبا زىبانىڭ باشقا كۆينىكى يوقمىتى؟! زىبا بۈگۈن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالغانمىدۇ؟ ياق، زىبا تولىمۇ ئېسىل قىز، بۇنداق ئىشلارغا ئۆچ بولۇپ يۈرمەيدۇ، خۇدا، ئەلىگە نىمىشقىمۇ زىبانىڭ ئوتىنى سالغانسەن؟ ئۆزى بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدىكى بىرەر ناتىۋان قىزنىڭ ئىشقىنى سالغان بولسا، ئۇنىڭ ۋەسلىگە يىتىپ خۇشال- خۇرام ياشىسا بولماسمىدى؟!

    ئەلى كىچىكىدىن تىرىشچان، قەيسەر، شىجائەتلىك بولۇپ، ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى ئىدى. ئائىلىسىمۇ خىلى باي ئائىلىلەردىن بولۇپ، 5 يىل بۇرۇن خۇددى كۆز تەگكەندەكلا بىر ئىش بولدى. 2002-يىلى ئۇمۇ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، مەكتىپى بويىچە ئىككىنچى بولۇپ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ كىلىنكىلق داۋالاش كەسپىدىن كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۋالدى. پۈتۈن يۇرتتا ئۇنىڭ نامى پۇر كەتتى. لىكىن... ئىھتىمال تەقدىر ئەلىگە ئېغىر چاقچاق قىلغاندۇ ياكى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى، يىگىتلىكىنى سىنىغاندۇ. شۇ يىلى ئۇ ئوقۇشقا مېڭىشقا ھەپتە قالغان مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن قاتتىق بوران چىقتى. توك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېزىدىن بىر تۇتاش توك توختىتىلدى. بۇ توكنىڭ توختىشى ئەلىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگىمۇ چوڭقۇر ھەسرەتكە تولغان بىر قارا چېكىتنى ئۇرغان ئىدى. ئەلىنىڭ 8 ياشقا كىرگەن سىڭلىسى ئىلنۇر ۋە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر شۇ كۈنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئەلى دۇكانغا شام سىتىۋىلىش ئۈچۈن بىرىپ «شام تۈگەپ كىتىپتۇ» دەپ قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. دادىسى ئۆيدىكى كونا كىرسىن چىراقنى تېپىپ چىقىپ، ھويلىدىكى تىراكتوردىن ماي چۈشۈرۈپ چىراققا لىق قاچىلاپ ياندۇردى ۋە دەرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قويدى. قوشنىسى ئەلىنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئۇلارنى تاماققا چاقىرغاچقا ھەممەيلەن چىقىپ كىتىپ، دەرىزە تۈۋىگىلا ئورۇن سىلىپ يىتىپ قالغان، ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ۋەھىمىدن بىخەۋەر ھالدا ئۇخلاۋاتقان ئىلنۇر ئۆيدە يالغۇز قالدى. «كوزا كۈندە سۇنماي، كۈنىدە سۇنار»دېگەن شۇ بولسا كىرەك، ئۇلار تاماقنى يەپ بولۇپ تونۇردا پىشۇرۇلغان كاۋىنى يېيىشكەچ، قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە خېلى ھايال بولۇپ قالدى. تۇيۇقسىز كۈچىگەن بوراندىن دەرىزە جاراڭلاپ ئېچىلدى-دە، كىرسىن چىراق ئۆرۈلۈپ، ئوت ئىلنۇرنىڭ ئۈستىگىلا تۆكۈلدى. ئىلنۇر ئۇيقۇسىدىن يېشىلىپ، بىر نەرسىنى ئىلغۇ قىلىپ بولغۇچە يوتقان-كۆرپىلەر كۆيۈپ ئۆي ئىچى ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىپ قالدى، دەرىزىنىڭ ياغاچ رامكىلىرى كۆيۈپ، ھويلا سىرتىغا تاشلىنىپ، دەرىزە تۈۋىگە يانداشتۇرۇپ قويۇلغان گاز ئوچىقى پارتىلاپ، ياۋۇز ئوت تىللىرىنى تۈن قوينىغا سوزغاندىلا ئەلىلەر كۆرۈپ، ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى. خۇداغا شۈكۈر، دۈم يىتىپ ئۇخلاۋاتقان ئىلنۇرنىڭ يۈزى كۆيمىگەن بىلەن بويۇن- بىلەكلىرى كۆيۈپ كەتتى. ئۆيدىكىلەر نىمە بولغىنىنى بىلىپ بولغىچە پۈتۈن ئائىلىنىڭ كۈلى كۆككە سورۇلدى. ئىلنۇر بىر ھەپتە جىددى قۇتقۇزۇش، ئۈچ ئاي ئىزچىل داۋالاش ئارقىلىق خىلىلا ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، قول ۋە بويۇنلىرىدا چوڭقۇر تارتۇق قالدى. ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە مەھەللىدىكىلەرمۇ خىلى كۆپ ياردەم قىلدى. «بالا كەلسە قوش كەپتۇ»دېگەندەك، دادىسى دوختۇرخانىغا كىتىۋىتىپ ماشىنا ھادىسىگە ئۇچرىدى ۋە بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئائىلىنىڭ ئەسلى- ۋەسلى دىگۈدەك ۋەيران بولدى. تېلىۋىزورلاردىلا بولىدۇ دەيدىغان بۇ قىسمەتلەر ئەمدى ئەلىنىڭ يەلكىسىنى باستى، ئۇ ئوقۇشتىن ۋاز كەچتى. ئانىسى ئەلىنى تۇغۇپ بولۇپلا بالىسى تۇرماي، داۋالىتىپ يۈرۈپ ساق ئون يىلدىن كىيىن ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قىز تۇغقان. ئەلى چۆچۈرىدەك ئۈچ سىڭلىسىغا باشپاناھ بولمىسا، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتمىسا بولمايتتى. مەكتەپ ۋە يېزا رەھبەرلىرى ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ ئەلى ۋاز كەچتى. ھەر ئايلىق خىراجىتىنى قانداق قىلىدۇ؟ بوپتۇ، خىراجىتىنىغۇ ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەپ پۇل تاپار، تىرشىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپمۇ ئوقار... ئەمما ئۇ بىر يىگىت، يەنە كىلىپ بالىنىڭ چوڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشنى، دادىسىنىڭ ئورنىدا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشنى ئوقۇشتىن ئەلا بىلدى.

    ئۇ ئالىي بېلىم يۇرتىدا بىلىم ئېلىشتىن مەھرۇم قالدى. بىراق ئەلى شۇنداق يىگىت، ئۇ ئەزەلدىن پۇشايمان قىلغۇدەك ئىشنى قىلماسلىق ئۈچۈن تىرىشىدۇ ھەم ئاسانلىقچە پۇشايمان قىلمايدۇ. شۇندىن تارتىپ ئېتىز- ئېرىقنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشتى، ئېتىز ئىشلىرى سەل ئارىسالدى بولغىنىدا شەھەرگە كىرىپ ياللىنىپ ئىشلەپ پۇل تاپتى.

    ئاتا- ئانىسى ئەلىدىن پەخىرلىنىدۇ. «ئوغۇل تۇغسۇن» ياكى «ئوغۇل تۇغىمەن» دەپ ئارمان قىلىشلارمۇ بەلكىم ئوغۇل بالىنىڭ مۇشۇنداق ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، يۈرىكى بولغىنى سەۋەپلىكتۇ. ئەلى ئانىسىنىڭ كىر يۇيۇشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، تاماق ئىتىشكىمۇ ھەۋىسى بار. ئەگەر تىببى ئۇنۋىرستىتا ئوقۇغان بولسا ئۆز كەسپىنى ياخشى ئۆگەنگەندىن سىرت، تاماق رىسالىسى ۋە غىزا ئارقىلىق كىسەل داۋالاشنى ئەتراپلىق، سېستىمىلىق تەتقىق قىلىپ چىقىشنى ئويلىغان ئىدى. ئۇ ئېتىز ئىشلىرىنىمۇ شۇنداق پۇختا قىلىدۇ، گۈل بېقىشقا ئامراق، ياز كۈنلىرى ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا كىرسىڭىز باغچىنىڭ ئۆزى، تېخى سىڭىللىرى ئۈچۈن ئوسما، خېنە تىرىپ بىرىدۇ، باققان توخۇ-كەپتەرلىرى، ئىت-مۈشۈكلىرىمۇ بۇ ئائىلىنى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدۈرىدۇ، كالىسى تۇغقاندا ئۇ ئۆزى ساغىدۇ...ئۇ ھەقىقەتەن قولى گۈل، دىلى گۈل يىگىت. 4 يىل مۇشۇنداق ئۆتتى، ئەلى مۇقىم بىر ھۈنەرنىڭ پىشىنى تۇتمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، ئۆز ئارزۇسى بويىچە يېزا بازىرىدىكى خېلى داڭلىق بىر ئاشخانىغا ئاشپەزلىككە ھۈنەرگە كىردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلنۇر يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئەلاچىلار سىنىپىغا تاللاندى. ياتاق، تامىقىنى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەلى دىلى نازۇك بۇ سىڭلىسىدىن خاتىرجەم بولالمىدى. سىڭلىسى كېتىپ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئۇمۇ يېزا مەركىزگە ھۈنەر ئۆگىنىشكە كەلدى. 


كۈلگە ئايلانغان خاتىرە باشقا تېمىلار
كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (1)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (2)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (3)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (4)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (5)