باش بەت / ساقلايمەن

كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-21 13:27 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    كېلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن-نورۇز بايرىمى كۈنى ئۇ تۇنجى قېتىم زىبانى ئۇچراتتى. تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈنلا سوقىدىغان يۈرىكىدە يىڭىچە بىر تەلپۈنۈش پەيدا بولدى. ئاھ! مۇھەببەت. خىلى كۆپ قىزلارنىڭ يۈرىكىنى داغدا قويۇپ، ھىچقايسىسىنى نەزەرگە ئىلمىغان بۇ تەكەببۇر يىگىتنىڭ كۆڭلى نازۇك گەۋدىسى ياپراقتەك تىترەپ تۇرىدىغان زىبا قىزغا باغلاندى. شۇندىن بۇيانقى 4 ئاي ئىچىدە ئۇ زىبانىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ، ئىسمىنى ۋە يۇرتىنى بىلگەندىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمىدى ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىزدەنمىدى ياكى ئۆزىنى قاچۇردى.

    2007-يىلى ئىلنۇر رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، يېزا بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتتى. ئۆتتىيۇ بارالمىدى. رەھىمسىز ئوت ياۋۇز تىللىرى بىلەن قالدۇرۇپ قويغان يارا سەۋەبلىك «سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىدى» ھەم ئوقۇشقا بارالمىدى. ھازىرغىچە بۇ تارتۇقلىرىدىن بىر خىل كەمسىنىش ھېس قىلسىمۇ، كۈلۈپلا تۇرىدىغان بۇ ئوماق قىز تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا ئۆزىنى كەمسىتتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بەدىنىدىكى تارتۇققا ياماق بولالمىدى. ئەلى كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئىلنۇرنىڭ تۇنجى قېتىم قاتتىق يىغلىغىنىنى بىلدى، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋىلىپ بىر كۈن ئۆيدىن چىقماي يىغلىغان، مۇئەللىملىرى، ئاتا-ئانىسى، دوستلىرىنىڭ يالۋۇرۇشىمۇ كار قىلمىغان ئىلنۇر كەچتە قايتىپ كەلگەن ئاكىسىنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئۆيدىن چىقتى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلىپ ئۇزاق يىغلىدى. ھازىرغىچە كۆز يىشى قىلىپ باقمىغان ئەلى سىڭلىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنى ئىزدەپ ھېساب-كىتاب قىلىشماقچى بولۇپ سىڭلىسىنى بەزلىدى. بىراق ئەلى ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەتىسى ئىلنۇرنىڭ مەكتىپىگە باردى. باردىيۇ زىبانى كۆرۈپ نىمىگە كەلگىنىنى ئۇنتۇپ مەكتەپتىن چىقىپ كەتتى. چىقىپ كىتىۋىتىپ مەھەللىسىدىكى بەھرامنى ئۇچرىتىپ قالدى. گەرچە ئۇلار يىقىن ئاغىنىلەردىن بولمىسىمۇ، لىكىن تولۇقسىز ئوتتۇرىدا بىر مەكتەپتە ئوقۇغان، تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندە بەھرام ۋىلايەتلىك تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ، ئەلى ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدى. شۇندىن بۇيان ئۇلار ئانچە-مۇنچە كۆرۈشۈپ تۇراتتى، بەھرام شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىغا ئوقۇشقا كەتكەندىن كىيىن، ئۇلار پەقەت ئىككى قېتىملا كۆرۈشۈپ قالغان. بۈگۈن ئەلى بەھرامغا خېلىلا قىزغىن مۇئامىلە قىلدى. نىمە ئۈچۈن؟ بەلكىم زىباغا يېقىنلىشىش پۇرسىتى تۇغدۇرۇشنى ئويلىغاندۇ.

    بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئىلنۇرمۇ يېزا مەركىزىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدى. ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى ئىلنۇر ئاكىسىغا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى كۆرسەتتى. ئەلىنى ھەممىدىن جەلىپ قىلغىنى چىرايلىق قاتلانغان تۇرنىلار بولدى.

    -بۇنى كىمگە بىرىسەن؟

    - زىبا مۇئەللىمگە، بىزگە خەنزۇ تىلى دەرسى بەرگەن، بەك ياخشى، بەك چىرايلىق جۇمۇ! زىبا مۇئەللىم بۇ يەرلىك ئەمەس، ئاقسۇدىن كەلگەن. مەكتەپ ئىچىدە ياتىقى بار. ئۇ ھەمىشە مۇشۇ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەيدۇ، سەنمۇ كۆرگەن بولۇشۇڭ مۇمكىن ئاكا، سەل تۇرۇپ كىرىپ قالسا كۆرسىتىپ قويىمەن.

    ئىلنۇر يەنە بىر ھازا زىبانىڭ گۈزەللىكىنى، دەرسخانىدىكى يۇمۇرىستىك، قەتئىي خاراكتىرىنى، خەنزۇچە تېپىشماق ئېيتقانلىقىنى، ئۇلارغا خەنزۇچە ناخشا ئۆگىتىپ قويغانلىقىنى سۆزلىدى. 

    زىبا تاماققا كىرگەندە ئىلنۇر ئۇنى كۆرسەتتى. ئەلىنىڭ يۈرىكى پۇچىلىنىۋاتاتتى، ئىلنۇرنىڭ چۇڭۇلداپ سۆزلەشلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى. سىڭلىسىنىڭ تەرىپلىرى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. ئەلى سىڭلىسى ئارقىلىق بەزى تەپسىلاتلارغا ئېرىشتى. دۆلەت بايرىمىنىڭ يەتتىنچى كۈنى ئەلى ئېتىز ئىشلىرىنى بىرەر قۇر تۈگىتىپ، ئاشخانىغا قايتماقچى بولۇپ يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇشقا تۇتۇنىۋىدى، ئىلنۇر يۈگرەپ كىلىپ چەينەكنى ئالدى. 

    - ئەكەل ئاكا، مەن قۇيۇپ بىرەي. ئاكا سەندىن بىر ئېغىز گەپ سوراي.

    - ھە سورا.

    - قايسى كۈنى دوستۇم روشەنگۈلنىڭ ئاكىسىنىڭ تويى بوپتىكەن، سىنىپتىكىلەر بارغانتۇق، شۇنداق قىزىدى... سەن قاچان توي قىلىسەن؟

    ئەلىنىڭ چاچلىرىنى يۇيۇۋاتقان قولى توختاپ قالدى. ئىلنۇرمۇ خاتا گەپ قىلىپ سالغاندەك قىزىرىپ توختاپ قالدى. تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئانىسىمۇ بۇ گەپكە دىققىتىنى بۇرىدى.

    - شۇ ئەمەسمۇ بالام ئەلىجان، سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ بالام، مەن دەي دەپ دىيەلمىگەن، ئىلنۇرمۇ ئوبدان دىدى.

    ئانىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئىلنۇر يىنىكلەپ ئۇھ دېدى- دە، كۆڭلىدە ئويلىغىنىنى ئىختىيارسىز دەۋەتتى. 

    - ئەگەر ئاكاممۇ ئوقۇپ كادىر بولغان بولسا زىبا مۇئەللىمنى ئېلىپ بەرگەن بولساق بەك ياخشى ئىش بولاتتى. بىلمەيسەن ئانا، زىبا مۇئەللىم ئۆزىمۇ بەك چىرايلىق، بەك ئاق كۆڭۈل، ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق كۆيۈنىدۇ، ئۇ تېخى ماڭا « ئۆيدىكىلەر قوشۇلسا مەن بىلەن بىرگە ھەمراھ بولۇپ يېتىڭ، سىزگە خەنزۇ تىلى ئۆگىتىپ قويىمەن» دېدى.

    بىچارە ئانىنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلدى. راست، جاھاندا ھىچنىمىگە تەڭ قىلمايدىغان ئوغلى ئاشخانىدا تاماق قاچىسىنى ئەمەس، ئالى مەكتەپ قوينىدا توم- توم كىتابلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرسە بولاتتى. ئەلىنىڭمۇ يۈرىكى ئاچچىق ئىچىشىپ كەتتى. ئوقۇيالمىغىنى ئۈچۈنمۇ ياكى زىبانىڭ سۆزى بولۇنغىنى، سىڭلىسىنىڭ سۆزلىرىدىن ئاكىسىنىڭ زىبا بىلەن توي قىلىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدەك مەنە چىقىپ تۇرغانلىقىدىنمۇ ۋە ياكى جىمىپ كەتكەن ئانىسىنىڭ ئېغىر ئۇھسىنىشلىرىدىنمۇ؟! ئەلى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. بىراق، ئۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۆزى ياتىدىغان ئۆيگە كىرىپ كىتىپ يۈز- كۆزلىرىنى سۈرتتى- دە، تاماقنىمۇ يىمەستىن ئاشخانىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ ھازىر بۇرۇنقىدەك ئاشخانىنىڭ يۈگۈر- يىتىم ئىشلىرىنى قىلمايدۇ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن تېزدىن قازان بىشىغا ئۆتۈپ، يىرىم يىل ئىچىدە بۇ ئاشخانىنىڭ ئاساسلىق ئاشپىزىگە ئايلاندى. ئەمدى ئۇ ھەقىقى ھۈنەر ئۆگىنىشكە كىرىشكەندەك ھىس قىلاتتى.

    ئەلى سىڭلىسىنىڭ ئەسلەش خاتىرىسىدىكى زىبا يېزىپ بەرگەن بەتنى كۆرۈپ، زىبانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى، ئۇنىڭ ئوقۇغان مەكتىپى، ئاساسى خاراكتىرى دىگەندەكلەرنى ئىگىلىدى، ئەمدى ئۇنىڭ قىزىقىدىغىنى زىبانىڭ كۆڭلى، مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى ئىدى، بىراق ئۇ بىلەلمىدى...

    ئەلى قانچىلىك خىيال سۈردىكىن ئىشىكنىڭ قاتتىق چىكلىشىدىن ئېسىگە كەلدى. ئۇ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قويۇپ يەنە ئورنىغا كىلىپ ياتتى. شۇنچە ئېغىر بىسىملارنى كۆزىنى مىت قىلىپ قويماي كۆتۈرگەن يىگىت ئەمدى شۇنچىلىك ئۈمىدسىز، پۇت- قوللىرىدا جان يوقتەكلا روھسىز بولۇپ كەتتى. 

    ئەمدى ئۇنىڭ يۈرىكىدە كۈندەشلىك ئوتىمۇ قوشۇلۇپ كۆيۈۋاتاتتى. بەھرام، مۇرادىللار خۇددى زىبانى تارتىپ كىتىۋاتقاندەك، يەنە تېخى ئىسمى- جىسمى ناتونۇش بولغان ھېلىقى ئەبلەخچۇ؟ ئەلى ئۇ ئىككىسى بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنى كەمسىتتى، ئۆزىنى ھىچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان ئەلى ئۆزىنى بىر «ئاشپەز» دەپ ئۇھسىنىپ قويدى. ئۇ بۇ كەسپنى شۇنچىلىك سۆيەتتىغۇ؟! ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، كىنو-فىلىملەردە چىققاندەك مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ئەڭ داڭلىق ئاشخانىلاردا نەچچە تۈمەن مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلەشنى، كۆپ پۇل تېپىپ سىڭلىسى ئىلنۇرنى تېرە تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇشنى، ئاندىن داڭلىق ئاشخانا ئېچىشنى، مەخسۇس تىببىي ئىلىمدا ئوقۇشنى... خىيال قىلىپ كىتەتتى. راست، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار ئىدى. بىراق ھازىرچۇ؟ دەم ئىچىدىلا بۇ خىياللىرى توزغاقتەك توزۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن دادىل كۈرەش قىلىپ، ۋىسالنى ئەلا بىلگەن نەمۇنىلىك قىزلار نامايان بولاتتى. «زىبا شۇنداق قىلالارمۇ؟ مەندەك بىر ئاشپەز، ياق تېخى ئاشپەز ئەمەس. تاماق توشۇيدىغان مۇلازىم بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلارمۇ؟ نۆۋەتتە نىكاھ ئىشلىرىدا كۈنسىرى ئېغىرلاۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى يېڭىپ...» ئاھ! ئەلى «گۈرۈچتىن خەۋەر يوق سەۋزە دەم يەپتۇ» دىگەندەك زىبادىن خەۋەر يوق نىمىلەرنى ئويلاپ كەتكەنسەن؟ ئەگەر ئەلى سودىگەر ياكى تاكسى شوپۇرى، ياق، ئادەتتىكى شوپۇر بولۇپ قالغان بولسىمۇ زىباغا دادىل تەلەپ قويالايتى. ئەلى ھازىرقى ھالى بىلەن زىبانى بەختلىك، پاراغەتلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلالامدۇ؟ ھەر قانداق بىر ئايال ئىرى تەرىپىدىن ئىززەتلىنىشكە، ھۆرمەتلىنىشكە، كۆيۈنىشىكە، ئۇنىڭ قوغدىشىغا ئىرىشىشكە تەشنا. تۇرمۇش قاتتىقچىلىقى ئۇلارنىڭ سۆيگۈ گۈلىنى سولاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. تېخىمۇ چاتاق يىرى ئەلى زىبانىڭ پۇلى بىلەن ئائىلىنى بېقىشنى ئېغىر ھاقارەت ئالىدۇ. «ئەر دىگەن ئايال كىشىنى ئالغاندىكىن ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشى كىرەك، خوتۇن كىشىدىن پۇل تەلەپ قۈلۈدۈغانلارنۈڭ ئائىلىدە ئەرلىك ئورنى بولامدۇ، ئەر ئۈچۈن ئائىلىدىكى ئەرلىك تەختى ئەڭ مۇھىمدۇر، ئۇ ئەشۇ تەختىدە ئولتۇرۇپ ئۆزخانىشىغا ئىززەت ئىكراملارنى ئېلىپ كىلىدۇ، بالىلىرىنى تەربىيىلەپ ئىسىل كىشىلەر قاتارىغا قوشىدۇ، ئائىلىدىكى ئورنىنى يوقاتقان ئەر ھەممە نىمىسىنى يوقاتقان بولىدۇ» دەپ ئويلايدۇ...

    گاھىدا ئۇنىڭ خىياللىرى شۇنچىلىك تاتلىق.

    ئەنە، ئەلى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرگەندە بىشىغا ياغلىق چىگىپ، پەرتۇق تارتىۋالغان زىبا چاققانلىق بىلەن تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئاستا تۇيدۇرماي كىلىپ زىبانىڭ بىلىنى تۇتۇۋىلىپ، ساقاللىق يۈزىنى زىبانىڭ قۇلاقلىرىغا، يۈزلىرىگە سۈركەيدۇ.

    - ۋىيەي ئەسكى، قويۇۋىتىڭ. ھېلى ئاشخانىنى سىزگە ئوڭچە قويۇپ چىقىپ كىتىمەن جۇمۇ!

    - شۇنداق قىلىڭ خوتۇن – ئەلى زىبانى تىخىمۇ چىڭ قۇچاقلىۋالىدۇ. 

    - ئوھۇش غوجام، ئۆزىڭىز ئېتىڭە ئەمىسە- زىبا شۇنداق دەپلا خىمىرنى پىلتە قىلىش ئۈچۈن قۇيۇلغان ياغقا قولىنى، چىلاپلا ئەلىنىڭ يۈزىگە سۇۋۇۋىتىپ تىلىنى چىقىرىپ قويۇپ ئاشخانىدىن چىقىپ كىتىدۇ.

    ئەلى قورۇمىنى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن قورۇۋاتىدۇ، ئىشىكتىن ماراپ تۇرغان زىبا كۈلگىنىچە كېلىپ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە زوق بىلەن قاراپ كىتىدۇ. ئەلى قورۇما ئىچىدىن گۆش توغرامچىلىرىنى ئايرىپ زىبانىڭ ئېغىزىغا سالىدۇ، قورۇما قورۇلۇپ بولغاندا ئەلى ساقچىلاردەك:

    - دوكلات قوماندان! قورۇما تەييار بولدى- دەيدۇ.

    - بولدى جانىم، ئەمدى مىنىڭ ماھارىتىمنى كۆرۈڭ- زىبا شۇنداق دەپلا چۆمۈچنى ئەلىنىڭ قولىدىن ئالىدۇ-دە، ئۇنىڭ كۆكسىگە يىنىڭ مۇشتلاپ، كۆز نۇرلىرى بىلەن ئوتلۇق سۆيۈش يوللايدۇ.

    ئەنە، ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ قاچىسىغا گۆش سېلىپ خۇشال كەيپىيات ئىچىدە غىزالىنىۋاتىدۇ. ئەلىنىڭ سۆزلىرىنى تېلىقىپ دىگۈدەك ئاڭلاۋاتقان زىبا بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال بالىنىڭ ياتاق ئۆيىگە يۈگىرەيدۇ. توغرا، تېخى ئۇلارنىڭ بالىسىمۇ بار. ئوغۇل بولسۇنمۇ، قىزمۇ؟ ئوغۇل بولسۇن. ئىسمىچۇ؟ ئەلۋەتتە ئەلى بىلەن زىبانىڭ ئىسمىغا ماسلاشتۇرۇپ ئەزھەر دەپ قويىدۇ... ئۇلار بالىنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشىغان يەرلىرىنى ماختاپ تالىشىپ بىقىشىدۇ... پاھ! ئادەم ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخت بولامدۇ؟بۇ كۆرۈنۈشلەر ئەلىنىڭ كۆز ئالدىدا خۇددى راستتەكلا ئەينەن كۆرۈنىدۇ. 

    ئەلى خىيالىدىن ئويغاندى، خىيالىدا ئۇ زىبا بىلەن ماسلاشقۇدەك خىزمىتى بار، ئاق خالاتلىق دوختۇر ئىدى. ئۇنىڭ بۇرۇنلىرى ئېچىشىپ كۆزلىرىگە يىغا ياماشتى. ئۇنىڭ خىيالىدىكى يۇقارقى كۆرۈنۈشلەر، تاتلىق سۆيۈشلەر، شىرىن ئەسلىمە... ھەممىسى باشقا بىرسىگە، بەھرام، مۇرادىل يەنە زىبانىڭ يۇرتىدىكى ھېلىقىنىڭ بىرىگە نىسىپ بولىدىغاندەك غەزەپلەندى. جاھاننىڭ تەڭسىزلىكىدىن ئاغرىندى.

    ئۇنىڭ بۇنچىۋالا جىمىپ كەتكىنىنى كۆرگەن دوستلىرى چاقچاق قىلىشتى.

    - نىمە بولدۇڭ ئەلى. سىنىمۇ مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ سەگىتەمدۇق يا؟

    - ھېي باللا! بۇ ھېلىقى قىزنىڭ ئېتىكىگە شورپىنى تۆكۈۋىتىپ بەك خىجىل بولدى دەيمەن.

    - ئەشۇ قىزىق شورپا ئۇ قىزنىڭ ئىتىكىگىلا تۆكۈلدى باللا. بەك قىزىق ئىدى دەيمەن شورپا. 

    زىبا توغرىسىدىكى بۇ گەپلەر ئۇنىڭ ئىچىنى پۇشۇردى. ئۇ ئورنىدىن سىرتقا چىقماقچى بولۇپ تەمشىلىۋىدى، 17-18 ياشلاردىكى سېرىقراق، ئوتتۇرا بوي كەلگەن ئابلانىڭ گېپى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى چېڭىغا چىقاردى.

    - ھېي ئەلىكا. ھەجەپ ئۇدۇللاپ تۆكۈپسىنا، كۆيۈپ كەتتى ھەقىچان...

    ئابلانىڭ ئەمدىلا ھىجىيىشقا تەمشىلىۋاتقان چىرايى بىر مۇشت بىلەنلا قانغا بويالدى.

    - ھۇ خۇمسى گۇي، مۇشتۇمدەك تۇرۇپ گىپىنى بۇنىڭ، يەنە بىر دىگىنە ھاراملىق.

    توۋا، بۇ ئەلىمۇ؟ ئۇ ئاسانلىقچە باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالمايتتى، سۈرلۈك قاپىقى، كەمسۆزلۈكى باشقىلارنى ئەيمەندۈرۈپ تۇراتتى. بىراق ئۇ بۈگۈن ئاغزىنى قويۇۋەتتى، ياتاقداشلىرى تۇتۇۋالمىغان بولسا بىچارە ئابلا قانچىلىك تاياق يەر ئىدى. ياتاقداشلىرى ئەلىنى سىرتقا سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئەرلىك غۇرۇر ۋەتەن ۋە قىز-ئاياللارنىڭ ئىززىتىنى قوغداشتا ئىپادىلىنىدۇ-دە.

    ئەلى بازارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئۆستەڭ بويىغا كىلىپ مۇزدەك سۇدا باشلىرىنى، يۈز-كۆزلىرىنى يۇدى. سۇ يۈزىگە چۈشۈۋاتقان ئاي شولىسىنىڭ دەم- دەم تەۋرىنىشى ئۇنىڭ كۆزىگە زىبانىڭ كۈلكىسىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئېسىت! ئۇ خاتىرىنى نىمىشقىمۇ ئوقار ئىدى، ئوقۇمىغان بولسا، زىبانىڭمۇ تۇيۇقسىز تويى بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇمۇ قەلبىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشاتتى. بىراق ھازىر خاتىرىنىڭ ھەر بىر قۇرىدىن بىر پاتمان ئوت كىلىپ ئۇنى گۈلخانىدا كۆيدۈرۈۋاتاتتى. ئاپلا، خاتىرە! خاتىرە ئۇنىڭ كارىۋىتى ئاستىدىكى سومكىسىدا.

    ئەلى دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاققا قاراپ يۈگۈردى. ئىشىك ئالدىغا كىلىپ قەدىمى توختاپ قالدى. چۈنكى ياتاق ئىچىدىن خاتىرە توغرۇلۇق گەپ بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ بايىقى غەزىپى بىلەن ئىشىكنى تىپىپلا ياتاققا كىردى.

    - نىمە خاتىرە؟

    ئەلىنىڭ ئاۋازى ياتاق ئىچىدە گۈركىرەپ كەتتى. ياتاقتىكىلەر جىممىدە بولۇپ قىلىشتى. ھەممىدىن قورقۇپ كەتكىنى يەنە شۇ ئابلا بولدى. ئۇ « نىمىنى خاتا قىلدۈم، ئوغۇل بالا تۇرۇپ شۇنچىلىك گەپنىمۇ قىلمامدىم ئەمدى»دەپ ئويلىدى. دېمەك، ئەلى راستىنلا ئۇ قىزنى ياخشى كۆرىدىكەن.

    - ئۆزۈڭنى بىسىۋال ئەلى. سەن كۆينىكىگە شورپا تۆكۈۋەتكەن ھېلىقى قىز رەنجىمىدى، ئۇ چىقىپ كىتەر چېغىدا ئالدىنقى كۈنى بۇ ئاشخانىدا بىر خاتىرىسىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى، كۆرگەنلەرنىڭ بار- يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلدى. بىز «كىم تىپىۋالغاندۇ؟ ئىچىدە نىمە بار بولغىيتتى؟» دەپ غۇلغۇلا قىلىۋاتقان ئىدۇق»

    ئەلى بىلەن تەڭ دىمەتلىك مەتنىياز شۇنداق چۈشەندۈردى. ئەلى كارىۋىتىدا ئولتۇرغانلارغا « ئورنۇڭدىن تۇرۇشە» دىگەندەك قاراپ قويۇۋىدى، ھەممىسى ئۆز ئورۇنلىرىغا كىتىشتى.

    ئەلى كۆپ ئويلىنىپ، خاتىرىنى بەرمەسلىكنى توغرا تاپتى. قانداق بىرىشنىمۇ بىلەلمىدى. ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى، زىبا ئۇنىڭ ھەر بىر قارارىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى. بولدى قىل ئەلى، تەن بەر! بۈگۈن ھەممىسى ئاشكارا بولدى، سەن ئاللىبۇرۇن زىبانىڭ ئىشىق تورىغا ئىلىنىپ قاپسەن، ئەمدى تەكەببۇرلۇقۇڭ، «مەن قىزلارغا كۆيۈپ يۈرۈيدىغان ساراڭلاردىن ئەمەس» دەيدىغان كوزۇرۇڭنى تاشلا. ئىشىقنىڭ خاسىيىتى، ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ سىنى ئەڭ گۈزەل يۈكسەكلىككە باشلايدىغىنىنى، قەلبىڭدە يېڭى بىر قۇياشنى كۆتۈرىدىغىنىغا ئىشەن. بىرەرسىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ باقمىغان، ئەقىدە قىلىپ باقمىغان ئادەم ھەقىقى ئادەم بولالمايدۇ. «دەس تۇر، قۇرۇق غايىلىرىڭنى تاشلاپ رىئاللىققا يۈزلەن، ئەڭ بۇرۇن پۇل تاپ، ئاندىن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسەن» دەپ مەدەت بەردى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە.

    ئەلى شۇلارنى ئويلاپ ئاخىرى بىر قارارنى چىقاردى. 6 ئاي شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇشنى، ئاندىن باشقىلارغا ياللىنىپ بولسىمۇ تاكسى ھەيدەشنى نىيەت قىلدى. بىراق زىبا ئۇنى ساقلاپ تۇرارمۇ؟ ھازىرغا قەدەر ئۇلار ئوقۇتقۇچى ۋە مۇلازىملىق سالاھىيىتى بىلەن ئىللىق سالاملىشىپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا دېگۈدەك ھىچبىر ئىشى بولغىنى يوق. خەير، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىر يەردە باردۇر؟... ئەلىنىڭ ئىچ پۇشۇقى ھىچ تۈگەي دىمەيتتى. باشقىلار شىرىن ئۇيقۇدا، پەقەت ئەلىلا ئاچچىق تولغىنىپ ياتىدۇ. ئۇ ئاستا سىرتقا چىقىپ يىرىم كىچىلەرگىچە ھاراق ئىچىلىدىغان ئىچەرمەنلەر دۇكىنىغا كەلدى ۋە بىر قاپ تاماكا ئالدى. ئەلى ھازىرغىچە تاماكا چىكىپ باقمىغان، راستىنلا تاماكىنىڭ ھەسرەتنى ئۇنتۇلدۇرۇش رولى بارمىدۇ؟ بۈگۈن ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇردى ۋە بىر شوراپلا قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى، يۆتەل تەسىرىدىنمۇ ياكى نىمىشقىكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى. تاماكىنى يەرگە تاشلاپ، پۇتىدا دەسسەپ ئىزىۋەتتى- دە، بايىقى ئۆستەك بويىغا كىلىپ ھۆڭرەپ يىغلىدى.

    ئاھ! جاھان. ئەرلەر ئۈچۈنمۇ بىر قانغۇدەك يىغلىۋالىدىغان پىنھان ماكان بەرسەڭچۇ؟ ئۇلارمۇ ئادەم تۇرسا. ماۋۇ مەستلەرمۇ ئەلىنى خاتىرجەم يىغلىغىلى قويمىدى. ئۇ شۇنداق ئىگىز-پەس خىياللار ئىچىدە شوپۇرلۇقتا ئوقۇشنى تاللىۋالدى، ئەگەر زىبانىڭ ۋەسلىگە يەتكىلىلا بولسا ھەر قانچە جاپاغىمۇ چىدار ئىدى. ئەلى ئۆزىنىڭ قاچانلاردا قانداق ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ تۇيمىدى.


كۈلگە ئايلانغان خاتىرە باشقا تېمىلار
كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (1)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (2)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (3)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (4)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (5)