باش بەت / ساقلايمەن

كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-21 13:24 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    بۈگۈن بىر كۈن شۇنچىلىك جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتتى. ئەلىنىڭ خىياللىرى بىر-بىرىدىن چىگىش ئىدى. ئۇ خۇددى، ھېلىقى قىز خاتىرىسىنى ئىزدەپ كېلىپ ئەلىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ھومىيىۋىتىپ كېتىپ قالىدىغاندەك، ئىككىنچى بۇ ئاشخانىغا تاماققا كىرمەيدىغاندەك، ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئەمەس، يىرگىنىشلىك نەزەر بىلەن قارايدىغاندەك ھېس قىلاتتى. بۈگۈن شۇنچىلىك تەستە ئۆتتى. ھەر كۈنى چۈشتە مۇشۇ ئاشخانىدا تاماق يەيدىغان ئۇ قىز بۈگۈن تاماققا كىرمىدى. 

    ئەلى زىبا كېتىپتۇ- دە، دېگەنلەرنى ئويلاپ ئاچچىق تولغىنىپ كەتتى. راست، ئەلىمۇ زىبا بىلەن مۇرادىل توغرىلىق بولۇنغان سۆز- چۆچەكلەرنى تېخى 10 كۈن ئىلگىرى ئاڭلاپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بىر ئىزىدا تۇرالمىغان، بىر باھانىلەرنى تېپىپ مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتىدىغان ھەم بىردەم تۇرۇپلا قايتىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى تۇنجى قېتىم قاتتىق كەمسىتتى، ئۆزىنى ھېچنىمىسى يوق قەلەندەردەك، ئىشىق دىۋانىسىدەك ھىس قىلدى.

    «ھىچنىمەم يوق ساڭا بەرگۈدەك، ئىھ! شۇ نامرات كۆڭلۈمدىن بۆلەك». بۇ مىسرالارنى نەدە كۆرگەن بولغىيتى؟ تازا ئىسىدە يوق. بىراق شۇ دەمدە ئۇنىڭ كەيپىياتى دەل مۇشۇنداق. ئۇ تاكى زىبانى ئۇچراتقۇچە مۇھەببەت دىگەنلەرگە ېانچە ئىشەنمەيتتى، قىزلارنى كەمسىتەتتى، ئەرلەرنى «ھەممىدىن ئۈستۈن، قىلىمەن دىگەننى قىلالايدۇ» دەپ ئويلايدىغان مەغرۇر يىگىت ئىدى. ئەپسۇس... ئۇ خاتىرىگە خىلى ئۇزاق تىكىلىپ ئولتۇردى، تۇنجى بېتىنىڭ بىر بۇرجىكىگە ئويۇپ چاپلانغان زىبانىڭ باش سۈرىتىنى يىنىك سىلاپ، ئارقىدىنلا سۈرەتكە لەۋ باسقىنىنىمۇ تۇيماي قالدى- دە، ئىتتىك ئەتراپىغا قارىدى. قارىدى-يۇ، خۇددى بىرسى قاراپ تۇرغاندەك خىجىل بولۇپ خاتىرىنى سومكىسىغا سالدى. مۇشۇ قىلىقىنى بىرەر دوستلىرى كۆرۈپ قالسا... ياق! كۆرۈپ قالمىسۇن، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان سۆزلىرى، دوستلىرى ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ، قىز دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىپ ئىككى رومكا قېقىۋىلىپ ئالدىغا مىشىلداپ كىلىدىغان ئاغىنىلىرىنى ئىلگىرىكىدەك بىر تەستەك بىلەن مەستلىكتىن يېشىلدۈرەلمەيدۇ. «قىز دىگەن ساماندەك، ئۇنداق قورچاقلار كوچىدىمۇ كۈرمىڭ، يىغلىماۋا ماز، يىگىتلەرنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ» دەپ مەيدىسىگە ئۇرالمايدۇ. مانا، مۇشۇ دەمدە ئۇنىڭمۇ ھۆڭ تارتىپ يىغلىغۇسى بار. راست ئىكەن، «ئالدىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بارەي» دىگەن گەپ راست ئىكەن. بولدىلا...

ئەلى نۇرغۇن چىگىش خىياللار ۋە ئېغىر ئۇھسىنىشلار ئىلكىدە ھارغىن گەۋدىسىنى ئېلىپ ھويلىغا چىقتى.


كۈلگە ئايلانغان خاتىرە باشقا تېمىلار
كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (1)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (2)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (3)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (4)كۈلگە ئايلانغان خاتىرە (5)