باش بەت / ساقلايمەن

ھىجران سەپىرى (4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 11:42 | ئاپتور: رىزۋانگۈل يۈسۈپ | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

     قەشقەرگە قايتىپ كەلدىم . قەشقەر يەنە بۇرۇنقى پىتىچە ئىدى. ئاتا-ئانام مىنىڭ قايتىپ كەلگىنىمدىن بەكلا خوشال بولدى .مەن ئۇلارغا قەشقەرگە بىرىپ بىر مەزگىل تۇراي دىسەم سەردار ماقۇل بولۇپ ئۆزى ئايرۇدۇرۇمغائەكىلىپ ئۇزۇتۇپ قويدى دىدىم. شۇنداق دىمەيمۇ ئامالىم يوق. ئائىلەمدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئاتا-ئانامغا ئىيتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بىسەرەمجان قىلغۇم يوق ئىدى.
     ھەر كۈنى مەرداننى يىتىلىگىنىمچە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئارىلايتتىم. سەردار ئىلگىرى بىرىشقا ئامراق يەرلەرنى مەردانغا قايتا-قايتا كۆرسىتىپ زىرىكمەيتتىم. بىر كۈنى سەردار بىلەن بىللە بارىدىغان قەھۋەخانىغا كىردىم . ئۆزۇم يالغۇز دەرىزە يىنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغىنىمدا سەردارنىڭ يىنىمدا بولىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلدىمكى ...
     مەرداننى يىتىلەپ كۆل بويىنى ئايلىنىپ كىتىۋاتقىنىمدا سەردارنىڭ تۇيۇقسىزلا كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىشىنى خىيال قىلاتتىم. ئوغلۇمنىڭ دادىسى توغرىسىدىكى چۈچۈك گەپلىرىنى ئامراقلىق بىلەن تىڭشايتتىم.
     بىر كۈنى پەلەمپەيدىن ئاۋايلاپ چۈشىۋاتقىنىمدا ئاجايىپ تۇيۇقسىزلا بىر ھالەتتە مەستۇرە بىلەن رەپقەت ئىسىمگە كەچتى. توۋا ئۇلارنى ئىسىمگە ئالمىغىنىمغا تالاي يىللار بولغان ئىدى. قانداقلارچە بۇنداق تۇيۇقسىز ئىسىمگە كەچكىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم . مەستۇرەنىڭ يىقىملىق كۈلكىسى ، رەپقەتنىڭ تۈرگۈن چىرايى ... بىردىنلا ئۇلارغا نىسبەتەن يۈرۈگۈمدە ئازراقمۇ ئۆچمەنلىك يوقلىغىغا ھەيران قالدىم .مەستۇرە بىلەن ئۆزۈمچە شۇنداق پاراڭلاشقۇم ، مۇڭداشقۇم كەلدى. ئۇلار قانداقراق تۇرىۋاتىدىكىن؟ بەخىتلىكمىدۇ؟ مىنىڭچە ئۇلار چوقۇم بەخىتلىك .مەستۇرە ھەرقانداق بىرىگە بەخىت تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان ئىسىل قىز. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ دۇنيانىڭ ئۇ چىتىگە كىتىشكە رازى بولغىنىم ھىلىمۇ ئىسىمدە ئىدى. ئەمما ئەمدى ئويلىسام مەن ئۇنىڭدىن ئەمەس رىياللىقتىن قىچىپتىمەن .مەستۇرەنىڭ رەپقەتنى تاللىغانلىغىنى قوبۇل قىلالماپتىمەن .رەپقەتتىن ئايرىلىپ قىلىشىمنىڭ سەۋەبىنى مەستۇرەدىن كۆرۇپ ئۇنىڭغا ئۆچ بوپتىمەن. مەستۇرەچۇ ؟ ئۇ مىنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئۇنىڭدىن ئۆزۇمنى قاچۇرغىنىمنى چوقۇم بىلدى. ئۇ مىنى ياخشى كۆرەتتى. ئارىمىزدا شۇنداق چوڭقۇر دوسلۇق مىھرى بار ئىدى. ئۇنىڭ شۇ ئىشلار سەۋەۋىدىن ئازاپلىنىشى ئىنىق . 
     مەستۇرە بىلەن كۆرۇشۇپ قىلىشنى بەكلا خالايتتىم. ئۇنىڭ يىقىملىق كۈلكىسىنى ،جاراڭلىق ئاۋازىنى شۇنچىلىك سىغىنغان ئىدىم. ئۇنىڭغا بولغان مىھرىمنىڭ شۇنداق چوڭقۇرلىغىنى ھىس قىلاتتىم . رەپقەتنىڭ مىنىڭ كۆڭۈل خاتىرەمدىكى سىماسى ئۆزۈمنىمۇ ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە غۇۋا ئىدى. مەن تويدىن بۇرۇن كۆيدۇرىۋەتكەن بارلىق ئەستىلىكلەر بىلەن بىللە ئۇنىڭغا بولغان مىھرىم ،ھەتتا نەپرىتىممۇ راستىنلا كۆيۇپ تۈگىگەندەك قىلاتتى. ئەمما نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قالغۇم يوق ئىدى.
     پەلەمپەيدىن ئاۋايلاپ چىقىپ كىلىۋاتقىنىمدا نازۇك بىر ئاياق تاۋۇشى ئاستا-ئاستا يىقىنلاپ يىنىمغا كىلىپ توختىدى. بىشىمنى كۆتۈرگىنىمدە مەستۇرە يىنىمدىلا تۇراتتى. مەن كۆزۈمگە ئىشەنمىگەندەك تۇرۇپلا قالدىم.
     -تىنىچ-ئامان تۇردىڭمۇ؟-دىدى مەستۇرە.
     مەن ھىچنىمە دىمىدىم .ئەمما ئۇنىڭغا ئىتىلىپلا چىڭڭىدە قۇچاقلىدىم. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراشقىنىمىزدا كۆزلىرىمىز لىققىدە ياشقا تولغان ئىدى.
     -يۈر! ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى –دىدىم مەن. 
     -ياق ،سىرىتتا ئايلىنايلى !-دىدى ئۇ.
     مەن ماقۇل بولدۇم. بىز قول تۇتۇشقىنىمىزچە پەلەمپەيدىن ئاستا چۈشۈشكە باشلىدۇق. بىز ئۇن-تۇنسىز مىڭىشتۇق ،ئەمما ھەر ئىككىمىز خۇشال ئىدۇق ، بىر-بىرىمىزگە مىھىر بىلەن قارىشىپ قوياتتۇق.
     -قىزىمنىڭ ئىسمىنى ماھىنۇر قويدۇم .-دىدى ئۇ.
     مەن ھىچنىمە دىمىدىم ،پەقەت ئۇنىڭ قولىنى چىڭڭىدە قىستىم.
     - ئۇ سىنى ھازىر كۆرسە تونۇۋالىدۇ. راست دەۋاتىمەن .ئۇ سىنىڭ ھەم ئۈچىمىزنىڭ سۇرىتىنى دائىم كۆرۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئۆيدە تىخى ئوغلۇڭ مەرداننىڭمۇ سۈرىتى بار. ئالدىنقى يىلى كەلگەندە ئاپاڭدىن سوراپ ئىلىۋالغانىدىم. 
     -قىزىڭ ساڭا ئوخشامدۇ؟ ئۇ چوقۇم سەندەكلا چىرايلىق ھەم ئەقىللىق.
     -قىزىم دادىسىغا بەكراق ئوخشايدۇ. ئۇ راست بەك ئەقىللىق قىز بولدى.
     پاراڭلىرىمىز شۇنداق تەبىئىلا باشلىنىپ كەتتى.
     -قىيىن ئاپام بۇلتۇر تۈگەپ كەتتى-دىدى ئۇ –شۇنداق تۇيۇقسىزلا كىتىپ قالدى. رەھمەتلىك ئاپام قىزىمغا بەك ئامراقتى. بۇ قىتىم بىر ئايلىق دەم ئىلىش ئىلىپ كەلدۇق. دادامنى ئۆيلەپ قويايلى دەۋاتىمىز.بىچارە ئادەم ئاپامنىڭ ئىچ ئاغرىغىنى بەك تارتىپ كەتتى.
     ئىككىمىز ئوردا تاماقخانىسىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىردۇق. ئوردا تاماقخانىسى قەشقەر بويىچە ئەڭ ئىسىل بىزەلگەن تاماقخانا ئىدى. رىۋايەتلەردىكى خان ئوردىسىغىلا ئوخشايتتى. دەرىزىدىن يىرقتىكى كۆل غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.  مەستۇرە ئىككىمىز كۆلگە قاراپ بىر ھازاغىچە جىمجىت ئولتۇرۇشتۇق.
     - ئىككىمىز ئۇچرىشىپ قالساق سىنى ماڭا قارىمايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم . راستىنىلا شۇنداق ئويلىغانىدىم. –مەستۇرە تولىمۇ ئاستا ئاۋازدا شۇنداق دىدى
     مەن ھىچنىمە دىمىدىم ،پەقەت ئۇنداق ئەمەس دىگەن مەنىدە بىشىمنى لىڭشىتتىم.
     - سىنى رەنجىتىپ قويغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىزچىل ئەيىپلەپ كەلدىم-دىدى ئۇ –سەن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئۈن- تۈنسىز غايىپ بولغىنىڭدا مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. سىنىڭ ئۇرۇمچىگە كىلىپ كەتكىنىڭنى رەپقەتكە قانداق دىيىشنى بىلمىدىم ھەم تىخىچە دىمىدىم. بىز ئۇ چاغدا تىخى يىڭىلا يۈرىۋاتاتتۇق. رەپقەت ماڭا ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى دىمىگەن ئىدى. ئۇ بەلكىم بىئەپ ھىس قىلغان بولغىيتتى. مەن راستىنلا بىلمەپتىمەن ، ھەتتا پەرەزمۇ قىلماپتىمەن. سەن ئۈرۈمچىگە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كۈنى مەن دەسلەپ سىنىڭ نىمە ئىش بىلەن كەلگىنىڭنى راستىنلا بىلمىدىم. ئەمما سەن رەپقەتنىڭ ئىسمىنى ئاجايىپ مىھىر بىلەن تىلغا ئالغىنىڭدا مەن مەڭدەپلا قالدىم.مەن رەپقەتنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ساڭا ئىيتىشىم بىلەنلا سەن ئۇجۇقۇپ كەتتىڭ ،مەن ھەتتا سىنىڭ كىچىچە بوغۇلۇپ يىغلاپ ياتقىنىڭنى بىلىپ تۇردۇم .شۇ كىچە مەنمۇ ئۇخلىمىدىم ..مەن سىنىڭمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭنى بىلگىنىمدە قانچىلىك ئازاپلانغىنىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن. مەن شۇ كۈنى تاڭ سەھەردە سىنىڭ يۈزۈڭگە قارىماسلىق ئۈچۈنلا ئىشقا كەتتىم. نىمە قىلىشىمنى ،سىنىڭ يۈزۈڭگە قانداق قاراشنى بىلمەيتتىم.بىز نىمىشقا بىرلا ئادەمنى تەڭ ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمىز؟ .... كەچتە ھىچكىم ھىس قىلىپ يىتەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى بىر خىل ئىچكى ئازاپ ئىچىدە ئۆيگە كەلگىنىمدە سەن ئۈن- تۈنسىز كىتىپ قاپسەن . سەن نىمىشقا كىتىپ قالىسەن ؟ بىز ھىچبولمىسا بىر-بىرىمىز بىلەن يەنىمۇ بەكراق سىردىشىپ بىقىشىمىز كىرەك ئىدىغۇ؟ بەلكىم ئۇ چاغدا ئىش باشقىچە بولار ئىدى. ئەمما ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ئىشنىڭ باشقىچە بولىشىنى خالىمايتتىم. شۇ چاغدا سىنىڭ كەتكىنىڭدىن بىر تۇرۇپ خوشال بولدۇم . سەن ئۆزلىگىڭدىن چىكىنگەن ئىدىڭ . ساڭا ئىيتسام مەن رەپقەتنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم، ئۆزۈمنى ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغاندەك ھىس قىلاتتىم. ئەمما سەن رەپقەتنى تاشلاپ كىتەلىگەنىدىڭ . راست شۇنداققۇ؟ سەن شۇ چاغدا قىيدىغىنىڭچە ئۇنى شۇنداق ئاسان تاشلاپ كەتتىڭ . رەپقەت مەن بىلەن قالدى. ماڭا بۇ ئىشلار شۇنداق تەبىئى تۇيۇلدى، ئەمما بىز توي قىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە مەن سىنىڭ رەپقەتكە يازغان مۇھەببەتنامىلىرىڭنى تاسادىبىلا كۆرۇپ قالدىم. بۇ خەتلەرنى كۆرۇپ خىلى چاققىچە ئىسىمنى يىغالمىدىم. رەپقەت بۇ خەتلەر توغرىسىدا ئارتۇقچە چۈشەنچە بەرمىدى. پەقەت ماھىنۇر بىلەن يۈرگىنىم راست ، ئەمما ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى.ئۆتكەن ئىشلار تۇرمۇشىمىزغا سايە تاشلىمىسۇن دەپلا گەپنى تۈگەتتى. سىنىڭ ئۇنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى ئەشۇ خەتلىرىڭدىن بىلدىم. سىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئازاپلىرىڭنى شۇ چاغدىلا ھەقىقى چۈشەندىم. سىەندىن بەكلا كەچۈرۈم سورىغۇم بار ئىدى. ئورنىغا كەلمەيدىغان ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشىمنىڭ زۆرۇريىتى بارمۇ يوق بۇنى بىلمىدىم . ئەمما سەن بىلەن مۇشۇنداق ئوچۈق يورۈق مۇڭداشقۇم ،پاراڭلاشقۇم بار ئىدى.
     مەستۇرە توختاپ قالدى، بىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. 
     --راستىنى ئىيتسام ،شۇ چاغدىكى ئازاپلىرىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. شۇ چاغدا رەپقەتتىن ھەم سەندىن نەپرەتلەنگەن ئىدىم ، سىلەرنى كۆزۈم كۆرمىسۇن دەپلا شۇ كۈنى كىچىدە پويىزدا قەشقەرگە قايتىپ كەتكەنىدىم. ئەمما ھازىر ،ئويلاپ باقسام سىلەر ئىككىڭلارلا بىر-بىرىڭلارغا ھەقىقى ماس كىلىدىكەنسىلەر .راست دەۋاتىمەن . ۋاقىت ئادەمگە نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن . مەن ئۇ ئىشلارنى ھەم رەپقەتنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم. ئەمما پەقەت سىنىلا ،سەن بىلەن بولغان دوسلۇغىمىزنى ئۇنتىماپتىكەن. شۇنىڭدىن قارىغاندا دوستلۇق ھەممىدىن ئۇلۇغكەن. سىنىڭ قىزىڭنىڭ ئىسمىنى ماھىنۇر قويغىنىڭنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇم. رەھمەت ساڭا ،مىنى ئۇنتىمىغىنىڭغا رەھمەت .
     –-سەن بەخىتلىكمۇ ؟- دەپ سورىدىم مەن.
     ئۇ ئاجايىپلا بىر ھالەتتە كۆزۈمگە قارىدى ، ئاندىن چىرايىدا يىقىملىققىنا كۈلكە پەيدا بولدى. ھەئە دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتتى .
     بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشتۇق . گويا يامغۇردىن كىيىن ھاۋا سۈزۈلگەندەك ھەر ئىككىمىز ئاجايىپ يىقىملىق كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدۇق.
     -سەن تاشكەنتتىن يەنە بىر ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇپ قايتىپ كەلگەندەك قىلىسەن –دىدى مەستۇرە تۇيۇقسىزلا. 
     چىرايىمدىكى كۈلكە ئۆچتى. بىردىنلا جىمىپ قالدىم.
     -راست شۇنداقمۇ ؟- يەنە قايتىلاپ سورىدى ئۇ.
     مەن ھەئە دىگەن مەنىدە بىشىمنى لىڭشىتتىم.
     -مەن سىنىڭ ئورنىڭدا بولسام ئۆزۇمنى رىئاللىقتىن ھەرگىز قاچۇرمايتتىم. ھەرقانداق ئىشقا دادىل يۈزلىنەتتىم. ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئەر بىلەن بەخىتلىك ياشايتتىم. راستىنلا.
     مەن بەك ئۇزۇنغىچە ئۈندىمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ماڭا شۇنچىلىك تەسىر قىلدىكى مەن بىردىنلا ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالدىم.
     -راست ئىيتتىڭ –دىدىم مەن ئاستا ئاۋازدا –شۇڭا سەن بەختلىك بولدۇڭ . ئەمىلىيەتتە مەنمۇ بەخىتلىك ئىدىم. ئەمما ھازىر ئەمەس.
     -بەخت پەقەتلا بىر تۇيغۇ . بىر ئەرنى چىن يۈرۈگىڭدىن ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل بەخت. راست ئەمەسمۇ؟ سەن ئىرىڭنى ياخشى كۆرەمسەن؟
     مەن مەستۇرەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدىم ،ئاندىن ھەئە دىگەن مەنىدە بىشىمنى لىڭشىتتىم.
     -ئەمىسە نىمە ئىش يۈز بەرگەن بولىشىدىن قەتئىنەزەر سەن ئۇنى ياخشى كۆرىۋەر . سىنىڭ شۇنداق ھوقۇقىڭ بار. ئەمما ئۇنىڭدىن ھىچنەرسە تاما قىلما . سەن ئۇنىڭغا ھەقىقى قەلبىڭنى بەرسەڭ ئۇمۇ تەبىئى ھالدا ساڭا سۆيگۈسىنى ئاتا قىلىدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى بىر بەخت. ساڭا ئىيسام مەن رەپقەتكە ھەقىقى قەلبىمنى تاپشۇرالىغىنىمدىن بەختىيارمەن . ئۇ قوبۇل قىلسۇن قىلمىسۇن ،مەن ئۇنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىمەن .ئۇنى ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا تاشلاپ كەتمەيمەن .
كۆل سۈيىدە قۈياش نۇرى جىمىرلايتتى. مەن بەك ئۇزۇنغىچە كۆل سۈيىدىن كۆزۈمنى ئۈزمىدىم . ماڭا بىردىنلا كۆل بويىدا سەردار ئاستا ئايلىنىپ يۈرگەندەك بىلىنىپ يۈرۈگۈم ئاجايىپ بىر شىرىنلىك ئىچىدە شۇررىدە ئىرىپ كەتكەندەك بولدى.
     -توۋا كۆل بويىدا سەردارنى باردەكلا ھىس قىلىۋاتىمەن-دىدىم ئاستىلا .
      مەستۇرە كۈلۈپ كەتتى ،ئاندىن ئاستا قولۇمنى تۇتۇپ پىچىرلىدى.
     -مانا بۇنىڭ ئۆزى بەخت ، جىنىم !

تامام.


ھىجران سەپىرى باشقا تېمىلار
ھىجران سەپىرى (1)ھىجران سەپىرى (2)ھىجران سەپىرى (3)ھىجران سەپىرى (4)