باش بەت / ساقلايمەن

ھىجران سەپىرى (1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-9 13:19 | ئاپتور: رىزۋانگۈل يۈسۈپ | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم


     مەستۇرە ، رەپقەت ئۈچىمىز كىچىگىمىزدە بىر مەھەللىدە چوڭ بولۇپ بىر سىنىپتا ئوقۇغانلار ئىدۇق. ھەر كۇنى مەكتەپكە بىللە بىرىپ بىللە قايتاتتۇق. بىز ئولتۇرغان مەھەللە ئىگىز بىر دۆڭلۈككە جايلاشقان بولۇپ ، ئەشۇ يار دۆڭدىكى مەھەللىمىزنىڭ پەلەمپەيلىرىدىن سەكرەپ –تاقلاپ چىقىپ-چۈشۈش بىز ئۈچۈن ئاجايىپ كۆڭۈللۈك ئىدى. مەستۇرە ئۆزىنىڭ نازۇكلۇقى بىلەن ھەمىشە رەپقەت ئىككىمىزدىن كىيىن قالاتتى. باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىغا كۆچكەن يىلى مەستۇرەلەر قايسىبىر ئىدارىنىڭ ئائىلىلكلەر قورۇسىغا كۆچۈپ كەتتى. ئايىغىنىڭ نەگە تۇتىشىدىغىنى بىلگىلى بولمادىغان بۇ كوچىدا رەپقەت بىلەن ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق.
     رەپقەتنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ ئىچكىرىدىرەك ،مىنىڭ ئۆيۈم بولسا مەھەللە دوقمۇشىدا ئىدى . ھەر كۈنى ئەتىگەندە رەپقەت كەلگىچە مەن ئىشىك ئالدىدا ئۇنى ساقلايتتىم، بىز پەلەمپەيدىن بىرمۇ–بىر تاقلاپ چۈشەتتۇق. ئۇ سىنىپ باشلىغى ئىدى. مەندىن بولەك ھەممە بالىلار نىمىشقىدۇر ئۇنىڭدىن قورقاتتى، ئۇ مەستۇرە ئىككىمىزنى قانات ئاستىغا ئىلىپلا يۈرەتتى. چوڭ سىنىپتىكى كەپسىز بالىلارغا ھەرگىز بوزەك قىلدۇرمايتتى. شۇ تەرىقىدە ئايلار يىللار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا تېخنىكۇمغا ئوقۇشقا كىردىم. شۇندىن بىرى ئالاقىمىز ئۈزۈلۇپ قالدى .تەتىلدە كەلگىنىمدە ئاندا-ساندا ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزدا تولىمۇ تەسلىكتە تىنچلىق سورىشىپ ئۆتۈپ كىتىدىغان بولۇشتۇق. تېخنىكۇمنى پۈتتۈرىدىغان يىلى ئۇنىڭدىن بىر پارچە خەت كەلدى. بۇئۇنىڭ كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ يازغان خىتى ئىدى. ئۇنىڭ خىتىگە جاۋاپ يازمىدىم ، نىمە يىزىشىمنى بىلمەيتتىم. شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ھىسسىياتىمنى ھەتتا ئۆزۇممۇ ئانچە چۈشەنمەيتتىم ، مۇھەببەتنىڭ شۇنچىلىك ئاددى ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيتتىم. مەن تىخنىكۇمنى پۈتتۇرگەن يىلى ئۇ بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا ماڭدى. ئۇنىڭ ئوقۇشقا ماڭىدىغان كۈنىدىن خەۋەردار ئىدىم ، ئەمما ئۇزىتىشقا چىقمىدىم. شۇ كۈنى مەخسەتسىزلا ئۆزۈم يالغۇز كوچا ئايلاندىم. ئەشۇ پەلەمپەيلەردىن نەچچە چۈشۈپ نەچچە چىقتىم. ماڭا بۇ كوچا گويا ئادەمزاتسىز چۆلگە ئايلىنىپ قالغاندەك پۈتكۈل قەشقەر چۆلدەرەپ قالغاندەك تۇيۇلدى. شۇ چاغدىلا مەن ئۆزۈمنىڭ رەپقەتنى ئاجايىپ پاك تۇيغۇدا ياخشى كۆرۈپ كەلگىنىمنى ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ قالغىنىمنى ھىس قىلدىم. ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان مەن يىڭىچە تۇيغۇدا ياشاشقا باشلىدىم. يۈرۈگۈم لىققىدە سېغىنىشقا تولغان ئىدى. بالىلىق خاتىرلىرىمنى يىڭىباشتىن ۋاراقلايتتىم. بىللە پەلەمپەيلەرنى تاقلىغان ئەشۇ كۆڭۈللۇك مىنۇتلارنى ئاجايىپ خۇشاللىق بىلەن ئەسكە ئالاتتىم. ئۇنىڭ ماڭا ئاتاپ يازغان ھېلىقى مۇھەببەت خىتىنى يىنىش -يىنىشلاپ ئوقۇيتتىم ...
     < ماھىنۇر!
     ئامان- ئىسەن تۇرىۋاتامسەن؟ مەن ھەر كۈنى يەنە ھىلىقى كوچىمىزدا پەلەمپەيلەردىن چىقىپ –چۈشۈپ يۈرىۋاتىمەن. ئۆيۈڭنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز توختاپ قالىمەن . گويا سەن پەرىشتىدەك ئاستىلا چىقىپ كىلىدىغاندەك. ئۆيۈڭنىڭ دەرۋازىسى بەزىدە تاساددىپىي ئىچىلىپ قالغاندا دەرۋازىدىن سەن ئەمەس ئاپاڭ ياكى داداڭ چىقىپ كىلىدۇ، ماڭا قاراپ سالام قىلىپ قويۇپلا ئۆز يولىغا مىڭىشىدۇ. توۋا ئۆزۇممۇ ھەيران ، ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدىن ئۇزاپ كىتىۋىتىپ يەنە ئىختىيارسىز كەينىمگە قايرىلىپ ئۆينىڭ بالكۇنىغا قارايمەن . بالكۇن ئۆيۈڭنىڭ پەردىسى سەلگىنە قايرىلغاندەك كۆرىنىدۇ، گويا سەن پەردىنى قايرىپ قاراۋاتقاندەك . سىنى ئەسلەپ تۇرىۋاتىمەن. نىمە دەپ تىخنىكومغا ئمتىھان بەرگەنسەن؟ سەن بىلەن تولۇق ئوتتۇرا ھەم ئالى مەكتەپتە بىللە ئوقۇغۇم ھەم مەڭگۈ بىللە ياشىغۇم بار ئىدى.
     شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەخسىملەنگەن ئىدىم. مەن خىزمەتكە بارغان كۈندىن باشلاپ بىردىنلا پىشىپ يىتىلگەن چوڭلا مۇئەللىمە بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇدا ئىدىم. ئەمدى مۇھەببەتلىشىشكە ھەقلىقمەن دەپ ئويلايتتىم. ئۆز ۋۇجۇدۇمدىكى سېغىنىشنى، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈمنى ئىتىراپ قىلغۇدەك جۈرئىتىم بار ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ سۆيگۈ تەلىۋىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىدىم . ئەپسۇس رەپقەت شۇ كەتكەنچە يا بىرەر پارچە خىتى يوق يا باشقىلاردىن ئەۋەتكەن گەپ–سۆزى يوق سۇغا چۈشكەن تاشتەكلا يوقاپ كەتتى . ھىلىقى سۆيگۈ مەكتۇپى كۈندە نەچچە رەت ۋاراقلىنىپ كونىراپ تىتىلىپ كىتەيلا دەپ قالغانىدى. ئۇنىڭ يىرتىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ۋاراقلاشقا پېتىنالمايتتىم. مەن ئۇنىڭدىن قېلىپ قالغان بىرەر ئەستىلىك ئىزدەپ تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغدىكى كىتاپ-  ماتىرياللىرىمنى ، نەرسە–كىرەكلىرىمنى بىر-بىرلەپ رەتلەپ چىقتىم. ئۇنىڭدىن قالغان بىردىن-بىر ئەستىلىك ئەدەبىيات كونسىپىك دەپتىرىمنىڭ ئۈستىگە يوغانلا قىلىپ يىزىپ قويغان ئىسمى، گۈزەل- سەنئەت كىتاۋىدىن كېسىپ قىيىپ چاپلاپ ياسىغان بىر دانە قەغەز قىيىق ئىدى. ئۇلار مىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قىلىشقا رازى بولساممۇ بۇ ئەستىلىكلەردىن ئايرىلىپ قىلىشنى خالىمايتتىم.
     مەن ھەر بىر كۈننى ئاجايىپ چوڭقۇر سىغىنىش ھەم تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋالاتتىم. سۆيگۈ خىتىنى قولۇمغا ئالساملا ئۇمۇ مىنى سىغىنىپ ئەسلەۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئۆزۈمنىڭ بۇ خىيالىدىن ئالەمچە شادلىناتتىم. بەزىدە تۇرۇپ ئۆزۆمچە ئۈمىدسىزلىنىپمۇ قالاتتىم، ئەجىبا ئەشۇ سۆيگۈ مەكتۇبى ئۇنىڭ چىن يۈرەك سۆزى ئەمەسمىدۇ ؟ ياكى مىنىڭ ئۆزىنىڭ سالام خىتىگە جاۋاپ يازماي ئۈن-تۈنسىز تۇرغىنىمنى رەت قىلغانلىق دەپ چۈشەنگەنمىدۇ؟ مىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىممۇ شۇئىدى. ئۇنىڭغا ھەممىنى- ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى، ئۇنى چوڭقۇر سىغىنىش بىلەن كۈتىۋاتقىنىمنى ئېيتقۇم ، يۈرۈگۈمدىكى سۆيگۈمنى پۈتكۈل ئەلگە جاكارلىغۇم بار ئىدى. ئۇنىڭغا ئەمدى جاۋاپ خەت يازساممۇ كىچىكمەيمەن دەپ ئويلايتتىم ئۆزۈمچە. نەچچە كىچە ئۇخلىماي دىگۈدەك ئۇنىڭغا ئاتاپ بەكلا ئۇزۇن بىر پارچە خەت يازدىم. ئۇنىڭ ئېنىق ئادرىسىنى ئۇقمايتتىم . بىيجىڭدا ئوقۇۋاتقان دوستلىرىم ئارقىلىق نەچچە ۋاخ تىڭ-تىڭلاپ ئۇنىڭ ئېنىق ئادرىسىنى تاپقىنىمدا بولسا ئاللىبۇرۇن بۇ خەتنى ئەۋەتىش نىيىتىدىن يالتىيىپ قالغان ئىدىم . نىمە ئۈچۈنلىگىنى بىلمەيتتىم، ئۆزۈمچە ئوغۇل بالىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ قىزلىق غۇرۇرۇمنى يەرگە ئۇرغۇم كەلمىگەندۇر بەلكىم. خىيالىمدا تازا  لەپىلدەپ قا ر يىغىۋاتقاندا ئۇ سەپەر سومكىسى كۆتۈرگىنىچە قايتىپ كىلەتتى ، مەن ئىشىك ئالدىدا ئاپئاق قارغا پۈركەنگىنىمچە ئۇنى ساقلايتتىم ، بىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ كۈلۈشۈپ كىتەتتۇق .....
     سىغىنىش ۋە ئىزتىراپ ئىچىدە بىر مەۋسۈمنى بەكلا تەستە ئۆتكۈزدۈم . قىش بويى قەشقەردە بىر تامچىمۇ قار ياغمىدى. رەپقەتمۇ تەتىلدە ئۆيگە قايتمىدى. گويا ئۇنىڭ قەشقەردىن رايى يىنىپ كەتكەندەك قەشقەردە ئۆزىنى سىغىنىپ كۈتىۋاتقان ماھىنۇر ئىسىملىك بىر قىزنىڭ بارلىغىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭدىن بەكلا كۆڭلۈم ئاغرىغان ئىدى، ئۆز-ئۆزۈمگە ئۇ ئەمدى كەلسىمۇ يۈزىگە قارىمايمەن دەپ ۋەدىلەر بىرەتتىم.  ئەمما ئاغرىنىشىم ، رەنجىشلىرىم ئۇزاققا بارمايتتى ئۇنىڭغا بولغان سىغىنىشىم ، مىھرىم ھەممىنى بىسىپ چۈشەتتى . كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان سىغىنىش ھىسسىياتىم ئالدىدا ئۆزۈممۇ ئامالسىز ئىدىم . ئۆزۈمنى ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى خىزمەتكە ئۇراتتىم . مەكتەپتىمۇ، ئۆيدىمۇ ئۆزۈمچىلا شۇنچىلىك رايىش، جىمغۇر بولۇپ كەتكەنىدىم. ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم ۋاقىتنىڭ ئاجايىپ ئاستا ئۆتىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلاتتىم.
     يازلىق تەتىل بەكلا تەستە كەلدى . ئۇنىڭ يەنە كىلىش - كەلمەسلىگىنى بىلمەيتتىم. ماڭا گويا كۈتىۋىرىپ ھارغىنلىق يەتكەندەك قىلاتتى . تەتىلدە ئۆيدىن چىقماي كىتاپ كۆرۈشنى پىلانلىدىم. كىتاپ مىنىڭ بىردىن-بىر ئەرمىكىم ئىدى. ئۆيدە كۈندە مومام بىلەن بىللە قالاتتىم، مومام ھاسىسىنى تايىنىپ ئاران ماڭاتتى. ئەمما ئاۋازى ياڭراق ئىدى ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيۈمدە يېتىپ كىتاپ كۆرىۋىتىپ مومامنىڭ ياڭراق ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم. 
     - ماھىنۇر!! مەستۇرەئاي كەپتۇ . قىنى سەن؟ ئۇخلاپ قالمىغانسەن؟
     مومامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا پەسكە قاراپ يۈگۈردۈم. مەستۇرە بىلەن پەلەمپەيدىلا كۆرۈشتۇق ، ئۇ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيتتى.
     – سەن مۇئەللىمە بولىۋىلىپلا بىز بىلەن كارىڭ بولمايۋاتىدۇ ، جۇمۇ!-- -دىدى ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشىۋىتىپ . ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشمىگىنىمگە بەك ئۇزۇن بولغان ئىدى. ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى بۇرۇنقىدەكلا كۈلۈپ تۇراتتى. چاچلىرى مۈرىسگە چۈشۈپ دولقۇنلىنىپ تۇراتتى.
     - رەپقەت بىلەن تىخى كۆرۈشمىدىڭما؟ ئۇ كەلگىلى نەۋاخ!- دىدى ئۇ گىپىگە ئۇلاپلا. يۈرۈگۈم بىردىنلا شىددەت بىلەن سوقۇپ كەتتى.
     - سەن نىمە دەپ ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇپ يۈرۈيسەن؟-دىدى ئۇ كۆزۈمگە قاراپ سوراق قىلغاندەك .
     - مەن ... مەن قانداقسىگە.. كىم دەيدۇ ساڭا –ئاۋازىم ئۆزىچىلا تىترەپ كەتتى.
     - رەپقەت شۇنداق دىدى، سەن ھەتتا ئۇنىڭغا خەتمۇ يازماپسەن . تەتىل قىلىپ كەلگەن 10نەچچە كۈندىن بىرى ھەممە بالىلار بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، پەقەت سەنلا بۇ دۇنيادىن غايىپ بولغاندەك يوقاپ كىتىپسەن . مەنمۇ تىخى تۈنۈگۈن كەلگەن ، بۈگۈن ساۋاقداشلار يىغىلىپتىكەن، مەن رەپقەت بىلەن سىنى چاقىرغىلى كەلدىم. بولە تىز بول ! رەپقەت سىرتتا ساقلاپ قالدى-
     مەن مەڭدەپلا قالدىم، ئۇ –مەن شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى زارىقىپ كۈتكەن رەپقەت ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىلا مىنى ساقلاۋاتاتتى. دەرىزىدىن قارىساملا ئۇنى كۆرەتتىم. ئەمما قارىمىدىم. پۈتۈن بەدىنىم شىرىن بىر تۇيغۇ ئىچىدە تىترەيتتى.... بەكلا چىرايلىق ياسانغۇم رەپقەتنىڭ كۆزىگە ئەڭ چىرايلىق ھالەتتە كۆرۈنگۈم بار ئىدى . كىيىملىرىمنى ھىلى ئۇنى ھىلى بۇنى قولۇمغا ئىلىپ بىر يانغا تاشلايتتىم. كاللامدا بولسا رەپقەت بىلەن قايسى ھالەتتە كۆرۈشۈشنى ئويلايتتىم، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىشىمدىن ئەنسىرەيتتىم. ئەمما كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ مەستۇرە بىلەن دەرۋازا ئالدىغا چىققان چىغىمدا شۇنچىلىك سالماق ، مەغرۇر ھالىتىمگە قايتقان ئىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى تەسەۋۋۇرىمنىڭ ئەكسىچە بىز شۇنچىلىك ئاددى ئادەتتىكىچە سالاملاشتۇق. بىز ئۈچىمىز خۇددى بالىلىق چاغلىرىمىزدىكىدەك پەلەمپەيلەرنى ساناپ چۈشۈشكە باشلىدۇق ، ئەمما رەپقەت ئىككىمىز ئىلگىركىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ھالەتتە جىمجىت ئىدۇق . مەستۇرە بولسا خۇشلۇقتا توختىماي سۆزلەيتتى، كۈلەتتى. پەلەمپەيلەردىن ئانچە-مۇنچە تاقلاپ قوياتتى. ساۋاقداشلار ئولتۇرىشىدىن يانغىنىمىزدا ئاسماندىكى يۇلتۇزلار كوچا چىراقلىرى بىلەن بەسلەشكەندەك چاراقلاپ يىنىشقا باشلىغان ئىدى. رەپقەت ئىككىمىز مەستۇرەنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ ياندۇق .قەدەملىرىمىز تولىمۇ ئاستا ئىدى. بىز گويا تىنىغىمىزنىمۇ بىر-بىرىمىزگە ئاڭلىتىپ قويۇشتىن قورققاندەك جىمجىت ماڭاتتۇق. ماشىنىلار يىنىمىزدىلا غۇيۇلداپ ئۆتىشىپ تۇراتتى. ئەمما ماڭا ئەتراپتىكى ھەممىلا نەرسە سۈكۈت ئىچىدە قىتىپ قالغاندەك تۇيۇلاتتى. مىنىڭ كاللامدا پەقەت رەپقەتنىڭ ئاياغ تىۋىشىلا بار ئىدى. بۇ ئاياغ تىۋىشى شۇ قەدەر سالماق ئىدى. ئۇ گويا بەكلا ئۇزۇن بىر سەپەرگە كىتىۋاتقاندەك شۇ قەدەر ۋەزمىن ماڭاتتى. ئۇنىڭ ئاۋۋال ئىغىز ئىچىشىنى كۈتەتتىم. ئۇنىڭ زادى نىمە ئويلاۋاتقىنى ھەققىدە ئويلىناتتىم. ئۇ لام-جىم دىمىدى ، ئۈن-تۈنسىز ئالدىغا قاراپ مىڭىۋەردى. ئۇ گويا يىنىدا مىنىڭ كىتىۋاتقانلىغىمنى پۈتۈنلەي ئۈنتۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە بىر-بىرىمىزگە قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدۇق . قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ؟بىر مىنۇت ياكى بىرەر سائەت......
پەلەمپەي تەرەپتىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلانغاندىن كىيىنلا ، بىز ئېسىمىزگە كەلگەندەك بولدۇق: 

      -خوش ئەمىسە ، مەن كىرىپ كىتەي—دىدىم ئالدىراپ .
     -خوش!! ياخشى چۈش كۆر! --دىدى ئۇ.
     بۇ كىچە مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئۇزۇن ئۇيقىسىز كىچە بولدى. ئۇنى ئۇزۇندىن بىرى شۇنچە سىغىنىپ زارىقىپ كۈتكىنىمگە قارىماي قانداقلارچە ئۇنىڭ يۈزىگە بەكرەك تىكىلىپ قارىمىغىنىمغا ، ساۋاقداشلىق يۈزىسىدىن بولسىمۇ بىر-ئىككى ئىغىز چىرايلىقراق گەپ قىلمىغىنىمغا ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتتىم. ئىككى تىزىمغا ئىڭىگىمنى تىرەپ قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. بىردىنلا كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. كۆز ياشلىرىمنى ئۆزۈمدىن باشقا ھىچكىم كۆرمەيتتى.ياشلىرىمنى ئخىتىيارىغا قويۇۋەتتىم. كۆز ياشلىرىم مەڭزىلىرىمنى يۇيۇپ بويۇنلىرىمغا ،ئۇخلاش كىيىمىمنىڭ ئالدىغا ، تىزلىرىمغا تامچىلاتتى. مەن گويا دادىسىدىن رەنجىپ قالغان كىچىك قىزچاقتەك ئىچ-ئىچمدىن ئۆكسۈپ تىلىقىپ يىغلايتتىم. شۇ تەرىزدە ئۆكسۈپ يىغلىغىنىمچە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.
     مومامنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ ئەينەككە قارىغىنىمدا كۆزۈمگە ياش بىلەن نەمدەلگەن يۈزلىرىم گۈل بەرگىسىدەك يۇمران گۈزەل كۆرۈندى، يۈز-كۆزلىرىمنى مۇزدەك سوغۇق سۇدا يۇيغىنىمدىن كىيىن ئۆزۈم شۇنچىلىك يەڭگىللەپ قالغان ئىدىم. رەپقەتكە بولغان كۆڭۈل ئاغرىغىم يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن ئورۇنسىز خىياللىرىم ئەشۇ يىغا بىلەن تەڭ يوقاپ كەتكەن ئىدى. كۈن نۇرى دەرىزەمدىن تىشىپ ئۆتۈپ ئۆي ئىچىگە سۇدەك يىيىلغانىدى. ھاۋا شۇ قەدەر ئوچۇق ، ئاسمان بىتى شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدى. ئۆزۈمچىلا سىرىتلارنى ئايلانغۇم كەلدى. بەلكىم مەستۇرەمۇ مىنىڭ كىلىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ، ئىككىمىز كۆل بويىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرارمىز بەلكىم... كىم بىلىدۇ ، رەپقەتمۇ ئۇچراپ قالامدۇ تىخى ..
     رەپقەت بىلەن ئەشۇ كۆل بويىدا ئۇچرىشىپ قىلىشنى خالايتتىم . ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى قورساق ئۇرۇشى قىلغۇم يوق. مەيلى ئۇ ماڭا قانچىلىك قىيدىسۇن ياكى گەپ- سۆز قىلماي تۇرىۋالسۇن ، مەن ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن. ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىمەن، ئۇنىڭغا خىزمىتىم، خىزمەتداشلىرىم ھەم ئوقۇغۇچىلىرىم توغرىلىق سۆزلەپ بىرىمەن. بىزنىڭ پاراڭ تىمىمىز ئاستا-ئاستا چوڭقۇرلىشىدۇ. مەن ئۇنىڭدىن مەكتىپى ھەم ساۋاقداشلىرى توغرىلىق سورايمەن. بىز ئاندىن دوستلۇق ، مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭلىشىمىز. ئۇنىڭ مۇھەببەتنامىسى، مىنىڭ ھىسسىيات ، ئوي-خىياللىرىم، ئۇنىڭغا بولغان سىغىنىشىمغىچە ھەممە-ھەممە توغرىدا پاراڭلىشىمىز. چىرايلىق ياسىنىپ ئۆيدىن چىقىش ئۈچۈن دەرۋازىنى ئىچىپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم. ئالدىمدا رەپقەت تۇراتتى ، ئۇ كەلگىلى خىلى بولغاندەك قىلاتتى. 
     –مەن سىنى ساقلىغىلى نەۋاخ—دىدى ئۇ ئوچۇقلا.
     – كەچۈرگىن ، ساقلاۋاتقىنىڭنى ئۇقماپتىمەن – دىدىم خىجىل بولۇپ.
     - سەللا چىقمىغان بولساڭ ئۆيۈڭگە ئۈسۈپلا كىرىپ قولۇڭدىن تارتىپ ئېلىپ چىقاتتىم- دىدى ئۇ .
     ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئەشۇنداق مەردانە سۆزلىرى ھەم چاقچاقلىرىنى ياقتۇراتتىم. 
     - ماڭايلى- دىدى ئۇ .
     بىز گويا ئالدىن ۋەدىلىشىپ قويغاندەك پەلەمپەيدىن تەكشى قەدەم بىلەن چۈشۈشكە باشلىدۇق .
     -مۇشۇ پەلەمپەيلەرنى ئاجايىپ ياخشى كۆرىمەن . توۋا! --دىدى ئۇ. مەنمۇ شۇنداق دىمەكچى ئىدىم . ئەمما ھىچنىمە دىمەي كۈلۈپلا قويدۇم.
     بىز كۆل بويىغا قاراپ ماڭدۇق. كۆل سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك ئىدى. گويا كۈمۈش قەدەھتىكى مەيدەك سۇس دولقۇنلىناتتى. بۇ كۆل قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ قەشقەرنىڭ دۈپۈلدەپ سوقىۋاتقان يۈرىگى ئىدى. ياپ-يىشىل مەجنۇنتاللار بىلەن ئورالغان كۆل بويى قۇشلارنىڭ ھەم شەھەر ياشلىرىنىڭ جەننىتى ئىدى. دۆڭلۈكتە قاتار سىلىنغان قەشقەر پاسۇنىدىكى ئۆيلەر گويا كۆل سۈيى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى. كۆل سۈيىدە ئەشۇ ئۆيلەرنىڭ ئەكسى نۇردەك سوزۇلۇپ كۆرۈنەتتى .
     - بىيجىڭدا تۇرغان چىغىمدا قەشقەرنى شۇنداق سىغىندىمكى .. يۇرت مىھرى ئاجايىپ چوڭقۇر بولىدىكەن. ئەشۇ ئۆيلەر كۆزۈمگە ئىگىز بىنالاردىن نەچچە ھەسسە ھەيۋەتلىك يۈكسەك كۆرىنىدۇ.
     مەن ھىچنىمە دىمىدىم. ئۆزۈمچىلا كاللام قۇرۇقدىلىپ قىلىۋاتاتتى. بىز كۆل بويىدىكى تارچۇق يولدا ئاستا مىڭىشقا باشلىدۇق .
     -راستىنى ئىتسام ساڭا بەك جىق خەت يازدىم. ئەمما ئەۋەتمەيلا  قويدۇم. سەن ھىلىقى خەتكە جاۋاپ بەرمىگەندىن كىيىن....... ئۇنىڭ گەپنى مۇشۇنداق ئوچۇقلا قىلىشىنى ياقتۇراتتىم.
     - ئەمدى خەت يازساڭ چوقۇم جاۋاپ يازاتتىم-دىدىم . 
     ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ بىردىنلا چاقناپ كەتكىنىنى كۆردۈم، ئۇ ئىشەنمىگەندەك ماڭا ئىتتىكلا قارىدى.
     - راست دەۋاتىمەن ، ئىشەنمىسەڭ يەنە خەت يىزىپ باق! - شۇنداق دەۋىتىپ قىزىرىپ تۇرۇپ كۈلدۈم،ئۇمۇ كۈلدى .بىز يەنە جىم-جىت مىڭىشتۇق.
     -ھىلىقىدەك خەت بولسىمۇ مەيلىمۇ ؟-دىدى ئۇ تۇيۇقسىزلا.
     يۈرۈگۈم دۈكۈلدەپ سوقۇپ ئىختىيارسىز توختاپ قالدىم، ھەئە دىگەن مەنىدە بىشىمنى لىڭشىتتىم. 
     كۆلدە ئاققۇلار ئۈزۈپ يۈرەتتى. كىچىك قىيىقلاردا سەيلى قىلىۋاتقانلار قىيىقلىرىنى ئاستا- ئاستا مەجنۇنۇتال سايىلىرىگە خىلۋەت جايلارغا ھەيدەپ مىڭىشاتتى. ئۆزۈمنى شۇ قەدەر بەختىيار سىزەتتىم. ئۇنى ئاستا قولتۇقلاپ يۆلىنىپ مىڭىشنى خىيال قىلاتتىم. ئەمما ئۇنداق قىلالمايتتىم، پەقەت شۇنداق بولىشىنى جىممىدە كۈتەتتىم. رەپقەت ئاجايىپ ئوچۇق-يورۇق ، مەغرۇر ھالىتىگە قايتقان ئىدى .ئۇ گويا جەڭدە غەلىبە قىلغان گىنىرالدەك مەغرۇر سالماق قەدەم تاشلايتتى. ماڭا پات-پات قاراپ قوياتتى. ئۆزىنىڭ مەكتىپى ، بىيجىڭدا كۆرگەن بىلگەنلىرى ، كىيىنكى ئارزۇ-ئارمانلىرى توغرىسىدا شۇنداق زوق-شوق بىلەن سۆزلىدىكى تۈنۈگۈنكى گاچىدەك جىمغۇر يىگىتنى بۈگۈنكى شوخ، گەپدان رەپقەت شۇ دىسە ھىچكىم ئىشەنمەس دەيمەن. مەنمۇ ئۇنىڭغا خىزمەتداشلىرىم ،ئوقۇغۇچىلىرىم ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم. بىز گويا كۆرۈشمىگىلى بەكلا ئۇزۇن بولغان قەدىناسلاردەك بىللە ئوقۇغان چاغلاردىكى قىزىقارلىق ئىشلار ،كىچىكلىكتىكى بەزى ئەخمىقانە شوخلۇقلىرىمىز توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق.  پاراڭلىرىمىز تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ھەرئككىمىز خوشال ھەم بەختىيار ئىدۇق. كۆل يۈزىنى گۇگۇم شولىسى قاپلىغاندىلا بىز كۆل بويىدىن ئايرىلدۇق. قەشقەر شەھىرى ئاللىبۇرۇن يۇلتۇزلار بىلەن بىزەلگەن ئىدى.ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم ئۆزۈم ياشاۋاتقان بۇ شەھەرنىڭ شۇ قەدەر گۈزەل ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىۋاتاتتىم. ئازادە كوچىلاردا ماشىنىلار غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. كۆل بويىدا تۇرۇپ ئەتراپقا قارىغاندا ئۇدۇل تەرەپ دۆڭلۈكتىكى قىزغۇچ كىسەكتىن سىلىنغان بىر يانغا سەلگىنە قىيسايغان ئۆيلەر شۇ قەدەر يىگانە ھەم گۈزەل كۆرۈنەتتى. كوچا يۈزىدىكى رەڭدار چىراقلار گويا ئىگىز ھەيۋەتلىك بىنالارغا كۆز قىسىۋاتقاندەك لىپىلداپ ئۆچۇپ-يىنىپ تۇراتتى. يول بويىدىكى مەجنۇنتاللار قەشقەر قىزلىرىنىڭ قىرىق تال ئۆرۈلگەن كۇكۇلا چاچىلىرىدەك يەلپۈنۈپ تۇراتتى. سەلكىن شامال كىشىگە ئاجايىپ ھوزۇر بىرەتتى. ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگىچە تىخى پارىڭىمىز تۈگىمىگەن ئىدى. ھويلىمىزنىڭ چىرىغى يىنىق ئىدى، بۇئۆيدىكىلەرنىڭ مىنى ساقلاۋاتقانلىغىنى بىلدۈرەتتى.
     -خوش،مەن كىرىپ كىتەي !—دىدىم مەن .
     -ئەمىسە .ئەتە كۆرۈشەيلى!
     -ماقۇل!
     ھويلىغا كىرىپلا ئانامنىڭ سۇئال بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىگە دۇچ كەلدىم .
     -مەستۇرەلەر بىلەن ئايلىنىپ..... گىپىمنىڭ ئاخىرىنى بوغۇزۇمغا يۇتىۋەتتىم. ئىغىزىمدىن قانداقلارچە بۇنداق يالغان سۆزنىڭ چىقىپ كەتكىنىگە ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. يۈرۈگۈمنىڭ دۈكۈلدەپ سوقۇشلىرىنى بىلىندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئىتتىكلا بالكۇنغا-ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم . مەن ئەتىسىمۇ، ئۆگۈنىمۇ، كىيىنكى كۈنلەردىمۇ ئانامغا تالاي رەت يالغان سۆزلىدىم. ئەمما مەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئاجايىپ بەختىيار قىزغا ئايلاندىم. كۆزلىرىمدىن ،لەۋلىرىمدىن ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىن كۈلكە تاماتتى. خۇددى بوۋاقلاردەك بەختىيار ئىدىم، كىچىك بالىلاردەك رايىش ھەم ئىشچان بولۇپ كەتكەن ئىدىم. تىنىم تاپماي ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتىم ، ئاخشاملىرى ناۋاققىچە ئۇخلىماي ھۇجرا ئۆيدە تورۇكلاپ يۈرەتتىم . يەنە ئەتىسى تاڭ- سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھويلا ئاراملارنى پاكىزە تازىلاپ ئۆيدىكىلەرگە ناشتىلىق تەييارلايتتىم. ئانام ھىيىتگاھ سودا بازىرىدىكى دۇكىنىمىزغا ، دادام ئىدارىسىغا ئىشقا كەتكەندە مومامنىڭ مەڭزىگە چوكۇلدىتىپ سۆيۈپ تۇرۇپ سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت ئالاتتىم. مىنى كۈتىۋاتقان رەپقەتنىڭ يىنىغا ئۇچۇپ دىگەندەك چىقاتتىم. ئانام،  داداملار مەلىكىلەردەك ئەركە ئۆسكەن قىزىنىڭ قانداقلارچە بۇنچىلىك ئىشچان بولۇپ كەتكىنىگە ھەيران ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ ئارقىلىق يۈرۈگۈمدىكى نازۇك ھىسسىياتلىرىمنىڭ توساتتىن پارتىلاپ ئۆيۇمدىكىلەرگە ئاشكارىلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغىنىمنى ئۇلار مەڭگۈ بىلمەيتتى. بىزنىڭ بەختىيارلىغىمىزدىن مەستۇرە خەۋەرسىز ئىدى. ئۇنىڭ مەكتىپىدىن تۇيۇقسىز خەۋەر كىلىپ قانداقتۇر بىر پائالىيەت ئۈچۈن ئويۇن قويۇشقا كەتكەن ئىدى. رەپقەت ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاڭلىسا مەستۇرەنىڭ ھەيران قىلىشى ھەتتا ئىشەنمەسلىگى مۇمكىن ئىدى. مەستۇرە ئاجايىپلا بىر قىز ئىدى. ئۇ ھاياتتا تاسادىبىلىقنى ياقتۇراتتى، كىچىگىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغانلارنىڭ ئوتتۇرسىدا دوستلۇقتىن بۆلەك ھىچنەرسە بولمايدۇ دەپ قارايتتى. تەتىلنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە رەپقەت ئىككىمىز گەپ قىلىشماي بىر-بىرىمىزگە قىيداپ يۈرۈشكەندە ئۇنىڭ بىزنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىغان ئىدى.
     تەتىل توشۇپ رەپقەت مەكتىۋىگە ماڭدى. بىز بىر-بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق .رەپقەتنىڭ ئاتا –ئانىسىدىن خىجىل بولۇپ ئۇنى بىكەتكە ئۇزىتىپ چىقالمىدىم.ئەمما شۇ كۈنى تاڭ سەھەردە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس ماڭىدىغان يول ئۈستىدە ساقلاپ تۇرۇپ ئۇنى كۆزلىرىم ياشلانغان ھالدا جىممىدە ئۇزۇتۇپ قويدۇم.
     مىنىڭمۇ تەتىلىم توشۇپ خىزمەتكە چۈشكىنىمدە مەكتەپتىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزگىچە تۇيۇلغىنىغا ھەيران قالدىم. بىر قارىسام ھىچنەرسە ئۆزگەرمىگەندەك قىلاتى.ئەمما ماڭا مەكتەپ گۈللىگىدىكى ھۈپپىدە ئىچىلىپ تۇرغان گۈللەر تىخىمۇ جۇلالىنىۋاتقاندەك ، تەنھەركەت مەيدانىنىڭ ئىككى قاسنىغىدىكى سۇۋادان تىرەكلەر تىخمۇ بوي تارتىپ باراقسانلاپ كەتكەندەك ، ھەتتا بەزى كەپسىز شوخ ئوقۇغۇچىلىرىممۇ رايىشلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى. خىزمەتداشلىرىممۇ ئۆزىچە "سىزگە تەتىل بەك يارىشىپتۇ ،بەكلا چىرايلىق بوپ كىتىپسىز "دەپ قويۇشاتتى.بۇ گەپلەرگە كۈلۈپلا قوياتتىم. ئۇلارغا ھازىر قىزغىن مۇھەببەتلشىۋاتقان قىز ئىكەنلىگىمنى ئىيتقۇم كىلەتتىيۇ ئىيتماتتىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر خىل سۆز-چۆچەك توقۇشقا ئۇستا ئىكەنلىگىنىمۇ بىلەتتىم.
     ئارىدىن 19كۈن ئۆتۇپ رەپقەتنىڭ تۇنجى خىتى كەلدى. كۈن ساناپ ئۆتكۈزگەن بۇ 19 كۈن ماڭا شۇنداق ئۇزۇن بىلىندىكى ئۇنىڭ يۈزىگە قارىماسلىققا ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بىرىشكە تاسلا قالدىم. ئۇنىڭ خىتىنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىغىم نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. شۇ كۈنى كەچتە ھوجرا ئۆيۈمدە جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا خەت يىزىشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ خىتىنى كۈتۈش ،ئۇنى سىغىنىش، ئۇنىڭغا خەت يىزىش مىنىڭ كۈنلىرىمگە ئاجايىپ مەنە بىغىشلايتتى. ئۇنى ئەسلەپ ئۇنىڭ بىلەن خىيالى پاراڭلىشىپ ھارمايتتىم. ئۇنىڭ خەتلىرىنى ئاجايىپ سۆيۈنۈش ھاياجان ئىچىدە ئوقۇيتتىم. ئۇنىڭ پۇچۇركىسىنى بەكلا ياقتۇراتتىم، ئۇنىڭ پۇچۇركىسى ئەرلەرگە خاس يوغان ھەم جانلىق ئىدى. ھەر كۈنى كەچتە ياتاق ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسى يىنىدا ئولتۇرۇپ ئاجايىپ تاتلىق تۇيغۇلار بىلەن ئەللەيلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا خەت يازاتتىم. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ مەنمۇ غەربى-شىمال مىللەتلەر ئىنۇستىتۇتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىدىغان بولدۇم. مەنمۇ ئەمدى ئۇنىڭغا يىقىنلا يەردە ياشايتتىم. جەمىيەتنىڭ تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك بىسىملىرىدىن قۇتۇلۇپ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدىكى جۇشقۇن كۆڭۇللۇك ھالىتىمگە قايتىپ كىلەتتىم.
     بىزنىڭ ھىسسىياتىمىز شۇقەدەر تەبىئى ھەم قىزغىن ئىدى. گويا بىز بۇ دۇنياغا بىر-بىرىمىز ئۈچۈن يارالغاندەكلا ئىدۇق ،بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە بەختىيار ئىدۇق. ئۆز-ئارا يىزىشقان خەتلىرىمىزمۇ شۇ قەدەر قىزغىنلىققا ، مىھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئىدى. تەتىللەردە بىر- بىرىمىزنى ساقلىشىپ بىللە قايتاتتۇق. تەتىل ۋاقىتلىرىمىزنىمۇ بىللە ئۆتكۈزەتتۇق. ئەنە شۇ تەرىزدە ئىككى يىل ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شۇنچە تىز توشۇپ كەتتى. مەن رەپقەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئوقۇشۇمنى تاماملاپ قەشقەرگە قايتىپ يەنە بۇرۇنقى مەكتىۋىمگە ئىشقا چۈشتۈم. سىغىنىش ،كۈتۈش مىنىڭ تۇرمۇشىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. مەن كۈتۈشلەردىن لەززەت ئالاتتىم. ئۆزۈمنى گويا غىرىپنى كۈتىۋاتقان سەنەمدەك بەختلىك ھىس قىلاتتىم. كۈندۈلۈك خاتىرلىرىمنىڭ بارلىق بەتلىرىنى ،سىغىنىشتا ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئۇنىڭ سىماسى ، ئۇنىڭ نامى بىلەن بىزەيتتىم.ئۇ مىنىڭ چۈشلىرىمنىڭ، خىياللىرىمنىڭ ھەتتا ھاياتىمنڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۆزۈمنى ئۇنى شۇ تەرىزدە مەڭگۈ كۈتۈشكە ،مەڭگۈ سۆيۈشكە ھەقلىقمەن دەپ ئويلايتتم.

     مىنىڭ شۇنچە كۇتۇشلىرىمگە يارىشا ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەرگە قايتىپ كەلمەسلىگى مىنى بىردىنلا گاڭگىرىتىپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە قىلىشىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق باھانە –سەۋەپلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىيتىشىچە ئۇ ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنى تۇرمۇشىنى بەكراق ياقتۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئۇ ئىشقا چۇشىۋاتقان ئىدارە ئۇنىڭ كەسپىگە ئەڭ ماس كىلىدىكەن ھەم خىزمەت تۇرمۇش شارائىتلىرى قەشقەرنىڭ شارائىتىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئىكەن. شۇڭا ئۇ ئۈرۈمچىدە قىلىشنى قارار قىپتۇ. ئۇ شۇ قارارغا كەلگەندە مىنى، مىنىڭ ھىسسىياتىمنى ،مىنىڭ ئۇنى سىغىنىپ كۈتىۋاتقىنىمنى خىيالىغا كەلتۈردىمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇ ماڭا توساتتىن شۇنداق يىراقلاپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭ بۇ قارارىنى ئاجايىپ بىر ئىچكى ئازاپ ئىچىدە تەستە قوبۇل قىلدىم. ئەمما ئەمدى كۈنلىرىمنى يەنە كۈتۈشلەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈشنى خالىمايتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيۈمدىكىلەر ھىلى ئۇنىڭ ھىلى بۇنىڭ گىپىنى قىلىپ بىشىمنى ئاغرىتاتتى. مومام كىسەلچان بولۇپ قالغانسىرى ھەر كۈنى دىگۇدەك مىنىڭ تويۇمنى كۆرمىسە كۆزى يۇمۇلمايدىغىنىنى ئېيتىپ تۇرىۋالاتتى. مەن ھەممىگە ئۈنسىز تاقابىل تۇراتتىم .ئاتا-ئانامغا رەپقەت ئىسىملىك بىر يىگىتنى كۈتىۋاتقىنىمنى ،ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ئىيتالمايتتىم. پەقەت چىققان لايىقلارنى ئاتا-ئانامنى ھەيران قالدۇرغىدەك جاھىللىق بىلەن رەت قىلاتتىم. راستىنى ئىيتسام، خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيانقى 4يىل ۋاقىتنى مەن بەختىيارلىق ھەم تەڭقىسلىقتا ئۆتكۈزگەن ئىدىم. رەپقەت ئۇرۇمچىدە،مەن قەشقەردە ياشاۋاتاتۇق. ئەمدىلىكتە گويا بىزنىڭ ئايرىلىشىمىز تەقدىر تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغاندەك رەپقەتنىڭ ئۇرۇمچىدە قىلىشنى تاللىغىنىنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يىرىم بولاتتى . رەپقەت توي تەكلىۋى قويغاندا يۈرۈگۈم خۇشاللىققىمۇ ئازاپقىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر خىل غەلىتە تۇيغۇغا لىققىدە تولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئۈرۈمچىدە قىلىشنىمۇ ، ئۇنىڭدىم ئايرىلىپ ياشاشنىمۇ ئەقلىمگە سىغدۇرالمايتتىم. ئاتا-ئانامغا يالغۇز بىر تاللا قىز ئىدىم . بىر ئەرنى دەپ ئاتا- ئانامدىن ئايرىلىپ يىراققا كىتىش ماڭا تۇزكورلۇقتەك تۇيۇلاتتى. ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا نەقەدەر ئامراقلىغىنى ماڭا پەقەت قىيمايدىغىنى بىلەتتىم. ئەمما ئۇنىڭ توي تەلىۋىنى قوبۇل قىلدىم، ئۇنىڭ خۇشال بولۇپ ھاياجانلانغان ھالىتىنى كۆرۈشنى خالايتتىم،ئەمما مىنىڭ ئۇنىڭ توي تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىشىم چوقۇم ھەقلىقتەك ، شۇنداق بولىشى كىرەكتەك ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى شۇنچىلىك ئىپادىسىز ھەم سوغۇق ئىدى.

     ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچىلىككە كەلگەن كۈنى بەكلا قاتتىك بوران چىقتى. ئەشۇ بوراندا مەن مەكتەپتىن مىڭ تەسلىكتە ئۆيگە كەلگىنىمدە ئۆيدىكىلەرنىڭ چىرايىدا قارا بوراندىنمۇ تۇتۇق بىر ھالەتنى كۆردۈم. مومام ،ئانام، دادام ھىچقايسىسى ماڭا بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ھەممەيلەننىڭ چىرايى تۇتۇق ،كەيپىياتى تۆۋەن ئىدى. تىخى نىمە ئىشلىغىنى پەملەپ ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم، بىر ھازادىن كىيىن ئانام بىردىنلا ئاچچىق بىلەن ئىغىز ئاچتى. 
     -سىنى يۇقۇرى مەھەللىدىكى ھىپىزەم ئۈرۈمچىدىكى ئوغلىغا سوراپ كەپتۇ. ئۇ سىنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقدىشىڭغۇ ھە ؟ سەن ئۇنىڭ بىلەن ۋەدىلىشىپ يۈرمىگەنسەن؟ - ھىچنىمە دىمىدىم ، ئانامنىڭ سوغۇق تەلەپپۇزىدىنلا نىمە ئىشلار بولۇپ ئۆتكىنىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس ئىدى. - توۋا ئۆزىنىڭ ھالىغا باقماي بىزنىڭ ئۆيگە قىز سوراپ كىرگىنىنى كۆرۈڭ ! قىزىمنى ئەرگە بەرمەي ئولتۇرغۇزىۋىلىشقا رازىمەنكى، ئۇ خەقلەرگە بىرىدىغان قىزىم تۈگۈل قىزىمنىڭ بىر تال تىرنىغىمۇ يوق.-
     ئانامنىڭ گەپلىرى بەكلا قەتئى ئىدى، قايسىبىر چاغدا مىھماندارچىلىقتا رەپقەتنىڭ ئانىسى ھەپىزەم خىنىم بىلەن ئانامنىڭ نىمە سەۋەپتىندۇر گەپ تەگىشىپ قالغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئانام تازا شەرەنداز خوتۇن ئىدى ، مەھەللىدىلا ئەمەس قەشقەر شەھىرىدىمۇ ئۆزىنى بىر چاغلاپ يۈرەتتى، ئۇنىڭ مەندىن كۈتىدىغان ئارزۇ – ئارمانلىرى بەكلا چوڭ ئىدى. ئۇ مىنى تولىمۇ ھەشەم بىلەن ياتلىق قىلىشنى ئويلاپلا يۈرەتتى. كۆز قارچۇغۇمغا دەسسىتىپ باققان بىر تاللا ئەتىۋار قىزىم ،تويىنى پۈتۈن قەشقەر تاڭ قالغۇدەك ئۆتكۈزمىسەم ھىساپ ئەمەس دەپلا يۈرەتتى، ئۇ مىنىڭ تويۇمغا دەپ بەكلا جىق نەرسىلەرنى تەييارلىغان ئىدى.

     رەپقەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئۆزىچىلا سۇسلىشىشقا باشلىدى. بۇنى ھەر ئىككەيلەن ئاجايىپ ھەيرانلىق ئىچىدە ھىس قىلاتتۇق . ئۇ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىنىق جاۋابىنى ئاڭلىماي تۇرۇپلا خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىغىنى باھانە قىلىپ يەنە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتى. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر تويغا قوشۇلغاندا ئۇ قايتىپ كىلىپلا نەچچە كۈن ئىچىدە توينى قىلىپ مىنى ئۈرۈمچىگە ئىلىپ كىتىدىكەن. ئۇنىڭ تويىمىزنى شۇ قەدەر ئاددى چاغلىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم. ئۇ ئۈرۈمچىگە كىتىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە بىر پارچە خىتى كەلدى .بۇ خەت شۇنچە مەنىسىز قۇرۇق ، نە ھىسسىيات،نە قىزغىنلىقتىن ئەسەر يوق ئىدى . ئەشۇ خەتنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ توپ-توغرا بىر كىچە يىغلاپ چىقتىم .ئۇنىڭغا جاۋاپ خەت يازمىدىم . ئەمما يۈرۈگۈمدىن ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشىنى ياكى قايناق ھىسسىياتقا تولغان خەتلەرنى يىزىشىنى كۈتەتتىم. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ياشاشنى ئەقىلگە سىغدۇرالمايتتىم ،گەرچە بىز بىر-بىرىمىزدىن يىراق جايلاردا تۇرغان بولساقمۇ بىزنىڭ روھىمىز ،ھىسسىياتىمىز بىللە ياشىغانىدى. سىغىنىش ھەم قىزغىن ھىسسىياتلار ئىچىدە بىزنىڭ ھىسسىياتىمىز ،روھىمىز بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. 
     رەپقەت ئىككىنچى خىتىدە پەقەت توي توغرىلىقلا يازغان ئىدى.  ئۇنىڭ دىيىشىچە مەن چوقۇم بىر ئاماللاپ ئاتا-ئانامنى تويغا ماقۇل كەلتۈرۈشىم كىرەككەن. رەپقەتنىڭ ئانىسى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن قاتتىق رەنجىپ ئەمدى ئىككىنچىلەپ بۇ ئۆيگە قەدەم باسماسلىققا قەسەم ئىچىپتۇدەك ، ئەمدى ھەممە گەپ پەقەت مەندىلا قاپتۇ. مەن گاڭگىراپلا قالغانىدىم ، نىمە قىلىشىمنى ئۆيۈمدىكىلەرگە نىمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم. مۇشۇنداق ۋاقىتتا رەپقەتنىڭ ئۈرۈمچىگە كىتىۋىلىشى كۆڭلۈمنى غەش قىلاتتى. ئۇنىڭ ئىيتقىنىدەك رەپقەتنىڭ ئاتا –ئانىسى ئۆيىمىزگە ئىككىنچى ئاياغ باسمىدى. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بولسا بۇ ئىشنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، ھىچكىم رەپقەتلەر توغرىلىق بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. رەپقەت ئەمدى توي توغرىلىق ئىغىز ئاچمايلا قويدى ،بارا-بارا خىتىمۇ ئازلاپ ئاخىرىدا يوقاپقا كەتتى. يوللاردا ،باغچىلاردا ، ئۆي-ئۆيلەردە ھوپپىدە گۈللەر ئىچىلىپ تۇرىدىغان گۈزەل باھار پەسلىمۇ جىممىدە ئۆتۈپ كەتتى. يازنىڭ ئۇزۇن كىچىلىرىنى بەزىدە باش چۆكۈرۈپ كىتاپ كۆرۈپ بەزىدە جىممىدە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزەتتىم. رەپقەت بىلەن ئارىلىغىمىزنىڭ ئۆزىچىلا شۇنچىلىك يىراقلىشىپ كىتىۋاتقىنىنى ئويلىساملا كۆڭلۈم شۇنچىلىك يىرىم بولاتتى. رەپقەت بىلەن ئىككىمىزنىڭ ھىسسىياتىمىزنىڭ سۇسلىشىشىغا زادى سەۋەپ بولغاندۇ؟ ھەر قانچە ئويلاپمۇ بۇنىڭ تىگىگە يىتەلمەيتتىم. ئاتا-ئانىمىزنىڭ قارشىلىغى بۇنىڭغا سەۋەپ بولالمايتتى. ئاتا-ئانىلارنىڭ قارشىلىغى قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھىسسىياتنى تىخىمۇ كۈچەيتىدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئەمما بىز نىمىشقا ئۇنداق بولالمايدىغاندىمىز؟ رەپقەتنىڭ ئاينىپ كىتىشىگە ئىشەنگۇم كەلمەيتتى. باشقا بىرسىنى مىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۇپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلاتتى . رەپقەتكە قانچىلىك قىيدىماي،ئاچچىقلانماي ئۇنىى ئاجايىپ چوڭقۇ ر مىھرىم بىلەن ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بىللە ياشاش مىنىڭ مەڭگۈ كۆرۈپ تۈگىمەيدىغان چۈشۈم ئىدى بۇ چۈشۈمنىڭ تىزراق رىياللىققا ئايلىنىشىنى ئارزۇلايتتىم. ئۇنىڭ ئايالى ،ئوماق بالىلىرىنىڭ ئاپىسى بولۇشنى خىيال قىلمايدىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق ئىدى. رەپقەتكە خەت يازدىم. -- رەپقەت ، قايتىپ كىلىڭ !-دەپ يازدىم خىتىمدە – ئائىلىدە ئاجايىپ ئەپسىز ئەھۋالدا قالدىم .ئ ىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئانام –داداملارغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمىدىم. يىنىمدا سىز بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى. سىز قايتىپ كىلىپ ئاپىڭىزنى ياكى باشقا يىقىن تۇققانلارنى يەنە بىر كىرگۈزۈپ باقسىڭىز ئاندىن مىنىڭ بىر نىمە دىمىگىم ئاسانغا چۈشەتتى. ماڭا مەدەت بىرىڭ ! رەپقەت ، قايتىپ كىلىڭ بولامدۇ؟
     رەپقەت قايتىپ كەلمىدى. ئارىدىن ئۈچ ھەپتە ئۆتۈپ رەپقەتنىڭ سوغۇق ھەم رەھىمسىز بىر پارچە خىتى كەلدى.
     -كەچۈر ، خىزمىتىم بەك ئالدىراش، ھازىرچە بارالمايمەن. توي ئىشىنى قويۇپ تۇرايلى . كىلەر يىلغىچە بىر گەپ بولسۇن . مەن خىزمەتكە ئەمدىلا كىرىشتىم ، زىھنىمنى چاچقۇم يوق... ماڭا ھازىر خاتىرجەملىك كىرەك.
     ئۇنىڭ بۇ خىتى ماڭا شۇنچىلىك قاتتىق زەربە بولدىكى ، نەچچە كۈنگىچە ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويدۇم. قوساق ئاچ بولسىمۇ گىلىدىن تاماق ئۆتمەسلىكنىڭ دەردىنى تۇنجى رەت تىتىدىم . كىچىلەرنى تورۇسقا قاراپ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزەتتىم،ئەمما كۇندۈزلىرى بۇ ھالىتىمنى چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتىم. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە مەكتەپتە مۇنبەر ئالدىدىلا يىقىلىپ قالدىم. دوختۇرخانىدا نەچچە كۈن يىتىپلا قايتىپ چىقتىم. ئەمما ئۆيدە خىلى ئۇزۇن كۈتۈنىشكە توغرا كەلدى. ئۆزۈمنى ئۇنچىۋالا نازۇك قىز دەپ قارىمايتتىم.، ئەمما كۆڭلۈمنىڭ شۇ قەدەر نازۇكلىغىنى تۇنجى رەت ھىس قىلىۋاتاتتىم. ھوجرا ئۆيۈمدە تورۇسقا قاراپ جىممىدە يىتىپ كەتكەن كۈنلىرىمدە ئىختىيارسىز مەستۇرەنى ئەسلەپ قالدىم. توۋا، بەخىتلىك كۈنلىرىمدە ئۇنىڭ دوستلۇغىنىڭ قەدرى ئانچە ئۆتۈلمەپتىكەن ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىنىمگە توپ-توغرا ئۈچ يىل بوپتۇ. قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا ئۈچ ئايدەكلا ئۆتۈپ كەتكەن ئۈچ يىل.توۋا ،نىمە دىگەن ئۇزۇن ۋاقىت ھە! ئۈچ يىل بۇرۇن مەستۇرە ئائىلىسى بىلەنلا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنى ئۇزۇتۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم. ئالبۇمنى ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىز مۇڭدىشىشقا باشلىدىم. –مەستۇرە ،مىنى ئۇنتۇپ كەتكەنسەن بەلكىم، سەن ماڭا قارىغاندا نەچچە ھەسسە تەلەيلىك ھەم چىرايلىق. سەن چوقۇم بەخىتلىك بولدۇڭ . ساڭا ئىيتسام ،مەنمۇ بەخىتلىك ئىدىم. خۇددى بىز بالىلىق چاغلىرىمىزدا كوچا ئىغىزىدىكى ھىلىقى پەلەمپەيدىن سەكرەپ –تاقلاپ ، ئويناقشىپ چىقىپ چۈشكەن چاغلىرىمىزدەكلا. بەخىتلىك چاغلىرىمدا سىنى ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن ، مىنى كەچۈر! مىنىڭ ھاياتىمدا پەقەت رەپقەت بولسىلا بولسا بولدى دەپ ئويلاپتىمەن. ئۆزۈمنىڭ بەختىنى ساڭا ئىيتىشتىن قىزغىنىپتىمەن،ھەتتا سىنى رەپقەت ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاڭلىسا تازا قاقاھلاپ كۈلۈپ مازاك قىلىدۇ دەپ ئەنسىرەپتىمەن. مانا ئەمدىلىكتە رەپقەتتىن ئايرىلىپ قالغىنىمدا سىنى ئاجايىپ بەك سىغىنىپ كىتىۋاتىمەن. سىنىڭ قىزغىن ،خۇشخۇي ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇم، سەن بىلەن مۇڭداشقۇم كىلىۋاتىدۇ. ساڭا ئىيتسام ، مەن مۇشۇ يىشىمغىچە سەندىن بۆلەك ھىچكىشى بىلەن ئىچ –باغرىمنى يىرىپ پاراڭلىشىپ باقماپتىمەن. ئەمما سەن بىلەن پاراڭلاشقان چىغىمدىمۇ رەپقەت توغرىلىق ھىچنىمە دىمىگەن ، ئۇنى چىن يۈرۈگۈمدىن ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ئىيتمىغان ئىدىم. سەن مىنىڭ شۇ سىرىمنى ئۇقمايتتىڭ .ئىككىمىز رەپقەت توغرىلىق پاراڭلاشقىنىمىزدا مىنىڭ ئۇ توغرىلىق ئىيتقان بەزى سۆزلىرىمنى سەن پەقەت دوستلۇق دەپلا چۈشىنەتتىڭ. مانا ئەمدىلىكتە ساڭا ھەممىنى ئىيتىپ بىرىمەن،راستلا. –رەپقەت ئاجايىپ بىر ئوغۇل بالىدە –دەپ قوياتتىڭ سەنمۇ بەزىدە. ماڭىمۇ ئۇنىڭ ئەشۇ ئوغۇل بالىچىلىغى ياقاتتى. بىز ئىككىمىز مۇھەببەتلەشتۇق. شۇنچىلىك قىزغىن ھەم مىھىرلىك. بىلەمسەن ئەشۇ ۋاقىتلادا مەن بەخت قۇچىغىدا ئەللەيلىنىپ سىنىڭ يوقلۇغىڭ ئانچە بىلىنىپ كەتمىگەن ئىدى. چۈنكى مىنڭ تۇرمۇشۇمدا ،خىيالىمدا ھەتتا چۈشلىرىمدىمۇ رەپقەت بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بىرىنى سىغىنىش ،ئەسلەش خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى. مانا ئەمدىلىكتە مەن رەپقەتتىن ئايرىلىپ قالدىم. بىزنىڭ قانداقسىگە ئايرىلىپ كەتكىنىمىزنى ئاڭلىساڭ چوقۇم كۈلىسەن. بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز تويغا قوشۇلمىدى. رەپقەتنىڭ ئانىسى بىلەن مىنىڭ ئانام بىر قىتىملىق تويدا يوقىلاڭلا بىر ئىش سەۋەۋىدىن گەپ تەگىشىپ يامانلىشىپ قاپتۇ. ئانام- ھىلىغۇ قىزىمكەن، قىزىمنىڭ ئىلىۋەتكەن تىرنىغىنىمۇ ئۇ خەقكە بەرمەيمەن- دەپ رەپقەتنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى يولغا سالدى. رەپقەتنىڭ ئاپىسىمۇ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن قاتتىق رەىجىپ -ئوغلۇمغا كوچىدىكى تىلەمچىنىڭ قىزىنى ئىپ بىرىشكە رازىمەنكى خەدىچەنىڭ ئۆيىگە قىز سوراپ ئىككىنچى ئاياغ باسمايمەن دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. بولغان ئەھۋال ئەنە شۇ. رەپقەتنىڭ گويا چوڭلارنىڭ تويغا قوشۇلماسلىغىنى تىلەپ تۇرغاندەكلا قىلغان قىلىغىنى سەن تەسەۋۋۇرۇڭغىمۇ سىغدۇرالمايسەن. ئۇنىڭ ماڭا يازغان خىتىنى كۆرگەن بولساڭتىڭ سىنىڭمۇ ئاچچىغىڭ كىلىپ رەپقەتنى بولىشىغا تىللايتتىڭ. مەن رەپقەتنى بىرەر قىتىممۇ تىللاپ باقمىغان ئىدىم، مانا ھازىر تازا تىللىغۇم كىلىۋاتىدۇ. ساڭا ئىيتسام جىنىم مەستۇرە ، ھازىر كۆڭلۈم بەك پاراكەندە. مەستۇرە ،15كۇن بولدى ،ئىشقا چىقمىدىم. ئىشقا چىققۇدەك ھالىم يوق. سەن بىلىسەن، مەن ئۇنچىۋالا تاۋى نازۇك قىز ئەمەس. ئەمما بۇ قىتىم نىمە بولدۇمكىن ؟ رەپقەتنىڭ بىر پارچە خىتى بىلەنلا يىقىلىپ قالدىم. كۆڭلۈم تاماقمۇ ھەم ئادەممۇ خالىمايدۇ. سەن بىلەن بەك مۇڭداشقۇم بار ، بەكلا. سەن كىلەلىسەڭ بەك ياخشى بولاتتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققانسەن ؟ ئۆمەكلەرنىڭ بىرىدە ئىشلەۋاتىسەن ھەقىچان، ئىككىمىزنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرىمىزدە سەن شۇنداق يىقىملىق كۈلۈپ چۈشۈپسەن ، گويا سەن بۇ دۇنياغا كۈلۈش ئۈچۈنلا يارالغاندەك . ئەمدى ئويلىسام سىنىڭ يىقىملىق كۈلكەڭنى،قىزغىنلىغىڭنى ئاجايىپ ياقتۇرىدىكەنمەن .......

     مەستۇرە بىلەن خىيالىمدا شۇنداق پاراڭلاشساملا كۆڭلۈم ئىچىلىپ قالاتتى. بەزىدە رەپقەت بىلەنمۇ خىيالى پاراڭلىشىپ قالاتتىميۇ ھەر قىتىملىق پاراڭلىشىشم كۆڭۈلسىز ئاخىرلىشاتتى. مەن بىردىنلا مەستۇرە بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلاپ قالدىم. دەسلەپ بۇ مىنىڭ خىيالىم ئىدى. كىيىن ئۆزىچىلا بۇ خىيالىم مۇقىملىشىپ قالدى. ماڭا نىمىشقىدۇر ئۈرۈمچىگە بارساملا ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىپ كىتىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. ئۈرۈمچىگە بارسام ئاۋۋال مەستۇرە بىلەن ئاندىن رەپقەت بىلەن كۆرىشىمەن. مەستۇرە مىنى كۆرسە چوقۇم خۇشال بولىدۇ. رەپقەت ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاڭلىسا بەلكىم ھەيرانلىقتىن ئىغىزى ئىچىلىپ قالار. ئۇ جىق ئىشلاردىن خەۋەرسىز ھەتتا رەپقەتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيدۇ بەلكىم. رەپقەتنىڭ خىتىنى قايتا ئوقۇغىنىمدا بۇ خەت ماڭا ئۇنچىۋالا ئىغىر بىلىنمىدى. ئۇ راستىنلا شۇنداق ئالدىراشتۇر بەلكىم . مەن ئۇنىڭ خىتىنى راستىنلا ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەندۇرمەن. ئۇرۇمچىگە بارسام ئۇنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى كۆرۈپ باقىمەن، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى دومسىيىپ تۇرۇپ ئاڭلايمەن .بىز يارىشىپ قالغىنىمىزدا ئۇنىڭدىن قانچىلىك دەرىجىدە رەنجىپ قالغىنىمنى ئىيتىپ ئاچچىغىمنى چىقىرىۋالىمەن. تويۇمدا چوقۇم مەستۇرەنى قەشقەرگە كەلتۈرۈپ ئۆزۈمگە قىز قولداش قىلىمەن . مىنىڭ تويۇمغا ئۇنىڭدىنمۇ لايىقراق قولداش نامزاتى بولماس .بۇ قىتىم چوقۇم مەستۇرەدىن ۋەدە ئىلىۋالىمەن.
     ساقىيىپ قوپقىنىمدا مەكتەپلەردە يازلىق تەتىلگە قويىۋەتكەن ئىدى. مەن ئۈچۈن بۇ ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىدى.مەستۇرەنىڭ تۇققانلىرىدىن مەستۇرەلەرنىڭ ئۆيىنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرىسىنى سورىۋالدىم. ئىككى يىل ئوقۇش جەريانىدا تەتىللەردە مەكتەپكە بىرىش-يىنىشتا بىرەر-يىرىم كۈن تۇرغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۈرۈمچىدە ئۇزاقراق تۇرۇپ باقمىغان ئىدىم. ئەمما ئۈرۈمچى مەن ئۈچۈن ناتونۇش ئەمەس ئىدى . مەن ئاللىبۇرۇن خىيالىمدا رەپقەت بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەل كوچىلىرىدا تالاي رەت ماڭغان ئىدىم. ئۆيۈمدىكىلەردىن رۇخسەت ئالمىغىم ئانچە ئاسانغا توختىمىدى. شۇنداقتىمۇ چىڭ تۇرىۋىلىپ رۇخسەت ئالدىم. ئانامنىڭ بۇ يىل كۈزدە چوقۇم تويۇمنى قىلىش شەرتىگە شۇنداق رايىشلىق بىلەن كۆندۈم.
     پويىز سەپىرىنى ياخشى كۆرەتتىم .ھەر قىتىم پويىزغا ئولتۇرغىنىمدا رەپقەت بىلەن ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئاجايىپ يىقىملىق ھىسلارغا چۆمەتتىم. ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئاڭلايتتىم. ئۇنىڭ كۈلكىلىرىدىن ،پاراڭلىرىدىن ھوزۇرلىناتتىم. پويىز سەپىرىنى مەستۇرە بىلەن خىيالى پاراڭلىشىش بىلەنلا تۈگىتىش پىلانىم بار ئىدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن سەپەردىشىم پاراڭخۇمار چىقىپ قالدى. ئۇ ئاقسۇدىن پويىزغا چىققان دىھقان سۈپەت بىر كىشى ئىدى. ئۇ ئۈرۈمچىگە ئىش ئىزدەپ مىڭىپتۇ. ئۆيدە كىسەلچان ئايالى بىلەن ئۈچ بالىسى بار ئىكەن. مىنى ھەممىدىن بەك قىززىقتۇرغىنى ئۇنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى بولدى. 

     ئۇنىڭ ئاجايىپ ئويۇنخۇمار شاش چاغلىرى ئىكەن. بىر بازار كۈنى بازار ئايلىنىپ كىتىۋىتىپ شۇنچە كۆپ قىز –ئاياللار ئىچىدە قوشۇما قاشلىق بىر قىز تاساددىبىلا ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. قىز ۋاھ دىگۈدەك چىرايلىق بولمىسىمۇ شۇنچىلىك تارتىملىق ،يىقىملىق قىز ئىكەن. قىز ئاداشلىرى بىلەن لەڭپۇڭ يەۋاتقان ئىكەن .قىز لەڭپۇڭ يەۋىتىپ دوستلىرى بىلەن بىر نەرسىلەرنى دىيىشىپ پىسىڭڭىدە كۈلىدىكەن. قىزنىڭ كۈلكىسى شۇنچىلىك يىقىملىق ئىكەنكى ئەتراپىدىكى ھەممىلا نەرسە لاپپىدە نۇرلىنىپ كىتىدىكەن. قىز ئاداشلىرى بىلەن كەچكىچە بازار ئايلىنىپتۇ. بىر يايمىچىنىڭ ئالدىغا كىلىپ بىر جۈپ ھالرەڭ قىسقۇچنى سىتىۋىلىپ چىچىغا قىستۇرىۋاپتۇ. قىزنىڭ ئۇچىسىدىمۇ ھالرەڭلىك كۆڭلەك بار ئىكەن. قىز شۇ تۇرقىدا ھالرەڭ ئىچىلغان بىر تال گۈلگىلا ئوخشايدىكەن. گۇگۇم چۈشۈشكە باشلىغاندا قىز ئاداشلىرى بىلەن قايتىشقا تەرەددۇتلىنىپتۇ. قىزلار ئىككى قاسنىغى بۈككىدە سۇۋادان تىرەكلەر بىلەن ئورالغان يىزا يولىدا قاتارلىشىپ مىڭىشىپتۇ. يولدا بازاردىن قايتقان ئادەملەر خىلى كۆپ ئىكەن. قىزنىڭ نازۇك تۇرقى ھالرەڭ كۆڭلىگى يىراقتىن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىكەن. قىزلار ئەتىگەندىن بىرى بىر يىگىتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پىيىدە يۈرگىنىدىن خەۋەرسىز شۇنداق بىخىرامان ماڭىدىكەن. بىر چاغدا قىزلارنىڭ كەينىدىن ئات قوشۇلغان بىر ھارۋا يىتىپ كىلىپ قىزلارنىڭ يىنىدا توختاپتۇ . قىزلار ھارۋىغا چىقىشى بىلەنلا ئات قوشۇلغان ھارۋا ئۇچقاندەك مىڭىپ ئۇزاپ كىتىپتۇ. يىگىت قىزلار ئۇزاپ كەتكەن تەرەپكە قاراپ ئەس-ھۇشىدىن ئايرىلغاندەك بىر ھازا تۇرۇپ كىتىپتۇ . يىگىت شۇ ھالىتىدە ئۆيگە قانداق قايتىپ كەلگىنىنى بىلمەيدىكەن. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ھىلىقى قوشۇما قاشلىق قىز ئۇنىڭ ئەس-ھۇشىنى ئوغۇرلاپ كىتىپتۇ. ئۇ ئۇيقۇدىن ، تاماقتىن قاپتۇ. ئۇ يىگىت بولۇپ يىتىلىپ تىخى ئاشىقلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ باقمىغان ئىكەن. ئۇ قەتئى نىيەتكە كىلىپ ھىلىقى قىزنى ئىزدەپ تىپىش قارارىغا كەپتۇ. قىز كەتكەن ھىلىقى يولغا چۈشۈپ مىڭىپتۇ. نەچچە مەھەللىدىن ئۆتۈپتۇ. قىزنىڭ قارىسنى كۆرۈش تۈگۈل دىرىگىنىمۇ ئالالماپتۇ. ئۇ بۇنداق ھالەتتە قىزنى ئىزدەپ تىپىشنىڭ دىڭىزدىن يىڭنە ئىزدەپ تىپىشتىنمۇ تەس ئىش ئىكەنلىگىنى بىلىدىكەن. ئەمما ئۆيدە ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرغاندىن كۆرە مۇشۇنداق ئىزدەش ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئارام بىرىدىكەن.ئۇنىڭغا ھامان ھىلىقى قىز لاپپىدە قايسىبىر ئۆيدىن چىلەك كۆتۈرۈپ سۇغا چىقىپ قالىدىغاندەك تۇيۇلىدىكەن .ئۇ ھەر كۈنى قىزنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بازار كۈنى بىر كۈن كەچكىچە قىزنى ئىزدەپ بازارنىڭ بۇلۇڭ –پۇچقاقلىرىغىچە قىزىۋىتىپتۇ. بازاردىن يانغان چاغدا ھىلىقى يول بويىدا قىزنىڭ ئۆتىشىنى ساقلاپتۇ. شۇ تەرىزدە نەچچە بازار كۈنى ئۆتۈپتۇ. قىزدىن دىرەك بولماپتۇ. قىز گويا ئۆزىنى مۇنداقلا كۆرسىتىپ قويۇپلا غايىپ بولۇپ كىتىدىغان پەرىزاتتەك تۇيۇلۇپتۇ. يىگىت مەيلى نىمە ئويلىمىسۇن ئۇنىڭ قىزغا بولغان ئىشقى بارغانسىرى كۈچىيىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەشۇ قىزسىز ياشىيالمايدىغىنى ھىس قىپتۇ. يىگىتنىڭ ئۆز مەھەللىسىدە ئاتا-ئانىسى توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان لايىغى بار ئىكەن .ئاتا –ئانىسى يىگىتنىڭ بىشىنى ئوڭشاش ئۈچۈن توي كۈنىنى بىكىتىۋىتىشنىڭ كويىدا ئىكەن.ئەمما يىگىت لام—جىم دىگىلى ئۇنىماپتۇ. ئۇ ئۆز كۆڭلىدە نىمە بولىشىدىن قەتتىنەزەر چوقۇم ھىلىقى قىزغا ئۆيلىنىمەن دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. يىگىت قىزنى يەنە ئىزدەشكە باشلاپتۇ. ئىزدەپتۇ ، ئىزدەپتۇ ، پەقەت ئۈمىتسىزلەنمەپتۇ.. توپ-توغرا 27 كۈن بولغان بازار كۈنىدە قىز شۇنداق تۇيۇقسىزلا يىگىتنىڭ ئالدىدا ئوتقاشتەك پارلاپ پەيدا بوپتۇ. قىزنىڭ ئۇچىسىدا يەنە شۇ ھالرەڭلىك كۆڭلەك بار ئىكەن. قىز يىنىدىكى يىشى چوڭراق بىر ئايالنى قولتۇقلىغىنىچە بىخىرامان بازار ئايلىنىدىكەن. بىر يىگىتنىڭ ئۆزىدىن كۆز ئۈزمەي قاراۋاتقىنىنى پەقەتلا سەزمەي شۇنداق بىخىرامان ماڭىدىكەن.يىگىت قىزنى كۆرۈپ خوشلۇقتاقىزنىڭ ئالدىغا ئىتىلىپ بىرىشتىن ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتىۋاپتۇ. قىزنى ئۈركۈتۈپ قاچۇرۇپ قويۇشتىن قورقۇپتۇ. كەچ كىرىپ قىز بازاردىن يىنىپ ئۆيگە ماڭغاندا ئۇ تاپ بىسىپ ئەگىشىپتۇ. تەلىيىگە بۇ قىتىم ھىلىقى ئات ھارۋىسى ئۇچرىماپتۇ . ئۇ ئاخىرى قىزنىڭ ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىسى ۋە ئۆيىنى كۆرىۋاپتۇ.
     قىزنىڭ ئۆيى ئارال دەرياسىنىڭ ئاياغ ئىقىنىدىكى بىر مەھەللىدە بولۇپ قىز شۇ كەنت سىكىرتارىنىڭ ئەتىۋارلىق يالغۇز قىزى ئىكەن.
     شۇ كۈندىن باشلاپ يىگىت ئەشۇ مەھەللىدىن ئەگىپ كىتەلمەپتۇ. ئاشىقلىق دىگەن شۇنداق بولىدىكەن .ئۇ كىچە-كىچىلەر قىزنىڭ پىراقىدا ئاھ ئۇرۇپ چىقىدىكەن. كۈندۈزلىرى قىزنىڭ ئىشىگى ئەتراپىدا تەلمۇرۇپ كۈتىدىكەن .شۇنداق يۈرۈپ يىگىت بۇ مەھەللىدىكى بىر قانچە يىگىت بىلەن دوست بولۇپ قاپتۇ. ئاستا-ئاستا مەھەللىدىكى ياشلار ئۇنى ئارىغا ئىلىپ توي-تۆكۈن ،مەشرەپلەرگە ئاپىرىدىغان بوپتۇ. يىگىتنىڭ ئاتىسى ئۆز مەھەللىسىدە مەشرەپلەردە ئوتتۇز يىگىتنىڭ بىشى بولۇپ ئىناۋەت تاپقان كىشى ئىكەن. ئۇنىڭ مىجەزىمۇ ئاتىسىنى تارتقان ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ راۋاپ دىگەننى سايرىتىۋىتىدىكەن . ئىغىزىنى ئاچسىلا ناخشا –قوشاق ،بىيىت تۆكۈلىدىكەن. بارا- بارا بۇ مەھەللىدە مەشرەپلەر ئۇنىڭسىز قىزىماس بوپتۇ . مەشرەپتىن يانغان ۋاقىتلاردا يىگىت دوستلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ قەستەن قىزنىڭ ئىشىگى ئالدىدىن راۋابىنى سايرىتىپ تازا ناخشا توۋلاپ ئۆتىدىكەن . مەشرەپ سورۇنلىرىدا ئولتۇرۇپ مەشرەپكە كەلگەن قىز-چوكانلار ئارىسىدىن ھىلىقى قىزنى ئىزدەيدىكەن.
     كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يۇرتنىڭ بىشى بولغان قىزنىڭ ئاتىسى نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋىلىش ئۈچۇن يۇرتقا مەشرەپ بىرىپتۇ. سىكىرتارنىڭ ئازادە ،ياسىداق قورۇسى مىھمانلار بىلەن لىق تولۇپتۇ. ئەلۋەتتە، يىگىتمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىپتۇ. يىگىت راۋابىنى كۆتۈرۈپ دوستلىرى بىلەن بۇ قورۇنىڭ ئالدىغا كىلىشى بىلەنلا يۈرۈگى دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلاپتۇ.
     مەشرەپ باشلىنىپتۇ. تاماق تارتىلىپ مىھمانلار نورۇز ئىشىغا بىر-بىرلەپ ئىغىز تىگىپتۇ، ئاندىن نەغمە-ناۋا باشلىنىپتۇ. بۇ يۇرتتتىكى سازەندىلەر ، قىزىقچىلار ئۆزلىرىنىڭ كارامەتلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپتۇ. يىگىت راۋابىنى قولىدا تۇتۇپ سازەندىلەرنىڭ چىڭ ئوتتۇرسىدا ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئاۋازى دەسلەپ ھودۇقۇشتىن سەل بوغۇلۇپتۇ. كىيىن ئىچىلىپ ھەممە سازەندىلەرنىڭ ئاۋازىنى بىسىپ چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ ئىسى-يادى ،كۆزى باشتىن-ئاخىر ئايال مىھمانلارغا تاماق ئەكىلىۋاتقان ،چاي قۇيىۋاتقان ھىلىقى قىزدا ئىكەن. قىز ئۆيگە كىرىپ –چىقىۋىتىپ سازەندىلەر تەرەپكە پات-پات قاراپ قويىدىكەنيۇ يەنە ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل ئىكەن. قىزنىڭ ئۇچىسىدا يەنە شۇ ھالرەڭ كىيىم بار ئىكەن .بۇ كىيىم ھويلىنىڭ چىڭ ئوتتۇرسىغا ئىسىلغان چىراق يورىغىدا شۇنداق جۇلالىق ،چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن. قىز سازەندىلەر تەرەپكە ھەر بىر قارىغىنىدا يىگىت ھاياجانلىنىپ ناخشىدىن ئىزىپ كىتىشكە تاسلا قالىدىكەن .يىگىت پۈتۈن ماھارىتىنى ئىشقا ساپتۇ. ئىشقى-مۇھەببەت سۆيگۈ بىيىتلىرىنى ناخشىغا قىتىپ ئاجايىپ بىر چوڭقۇر ھىسسىيات بىلەن ئىيتىپتۇ. ئۇنىڭ ناخشىسىغا پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ. بىر چاغدا يىگىت قىزنىڭ ئىشىكنىڭ پەردىسىنى قايرىپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ناخشا ئاڭلاۋاتقانلىغىنى كۆرۈپتۇ. يىگىت يەنىمۇ غەيرەتلىنىپتۇ ،ناخشىنى تىخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىيتىپتۇ.راۋابىنى تىخىمۇ ساز سايرىتىپتۇ. 
     مەشرەپ ئاخىرلاشقاندا قىز ئۆزىنى غىل-پال كۆرسىتىپ قويۇپلا ئىككىنچى كۆرۈنمەپتۇ. يىگىت ئەس-ھۇشىدىن ئايرىلغاندەك سۇپىدا ئولتۇرىۋىرىپتۇ .بىر چاغدا ئىككى ئاغىينىسى ئۇنى چارچاپ قالدى دەپ ئويلاپ قولتۇقلىۋاپتۇ. يىگىتچەبولسا بۇ قورۇنىڭ بوسۇغىسىدىن پەقەتلا چىققۇسى يوق ئىكەن. ئەمما دوستلىرى ئۇنى چۈشەنمەپتۇ ،ئۇنى قولتۇقلاپ ئۆيلىرىگە ئىلىپ كىتىپتۇ.
     ئەتىسى ئەتىگەندە يىگىت قىزنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئۈنۈپ بوپتۇ. دەل بۇ چاغدا قىز قولىغا بىر چىلەكنى كۆتۈرۈپ سۇغا چىقىپتۇ. يىگىتنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قاپتۇيۇ يەنە ئەدەپ بىلەن سالام قىپتۇ. يىگىت تۇنجى قىتىم قىزنىڭ كۈلۈمسىرىشىنى تولىمۇ يىقىندىن كۆرۈپتۇ. قىزنىڭ چىشلىرى ئۈنچىدەك ئاپئاق ،لەۋلىرى ئەتىرگۈل بەرگىدەك چىرايلىق ئىكەن.
     قىز ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە چىلىگىنى كۆتۈرۈپ سۇغا چىقىدىكەن ،يىگىتمۇ ھەر كۈنى شۇچاغدا كىلىپ قىزنى كۈتۈپ تۈرىدىكەن .قىز دەسلەپ يىگىتكە سالام قىپ قويۇپلا ئانچە ئىرەڭشىمەپتۇ .ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يىگىتكە قىزىقسىنىپ قاراشقا باشلاپتۇ.
     بىر كۈنى قىز يىگىتنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ.
     --نىمىشقا ھەر كۈنى بۇ يەردە تۇرىسىز ؟--دەپتۇ قىز.
     --سىزنى ھەر كۈنى كۆرەي دەپ – دەپتۇ يىگىت.
     قىز يىگىتكە بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كىتىپتۇ ،ئاندىن پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلماي ئۆيگە كىرىپ كىتىپتۇ.
     ئەتىسى قىز چىقماپتۇ. يىگت ساقلاپتۇ. قىز ئۆگۈنىمۇ چىقماپتۇ ،يىگت يەنە ساقلاپتۇ .ئۈچىنچى كۈنىگە كەلگەندە قىز كۈندەك يورۇپ قورۇسىدىن چىقىپتۇ.
    ---مەن چىقمىساممۇ نىمىشقا ساقلايسىز ؟ --دەپتۇ قىز
    --بۈگۈن چىقمىغان بولسىڭىز مەن يەنە ساقلايتتىم ، ئەتىمۇ ،ئۆگۈنمۇ .. مەن سىزنى مەڭگۈ ساقلاشقا رازى.
    --مەن بۈگۈن كەچتىكى مەشرەپكە بارىمەن .سىزمۇ بارامسىز ؟--دەپ سوراپتۇ قىز .
    - ھەئە ،بارىمەن –دەپتۇ يىگىت .
    يىگىت قىزنىڭ چىلىگىگە سۇ ئۇسۇپ بىرىپتۇ.
     كەچتە قىز مەشرەپكە راستىنلا بىرىپتۇ. قىز چاچالىرىنى ئۇششاق ئۆرۈپ بىشىغا ئاجايىپ يارىشىملىق گۈللۈك دوپپا كىيىۋالغانىكەن ، دوپپا قىزنىڭ ئايدەك چىھرىسىنى تىخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ ،ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقان ئىكەن.قىز بىر توپ ئاداشلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا مەلىكىلەردەك ئولتۇرىدىكەن .ئۇ شۇ ھالەتتە بىشىنى سىڭايان قىلىپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن يىگىتنىڭ ناخشىسىغا قۇلاق سالىدىكەن .يىگىتكە قاراپ مىيىغىدا كۈلۈمسىرەپ قويىدىكەن.
     شۇ كۈنى سۈتتەك ئايدىڭدا يىگىت كىيىكتەك ئۈركۈپ تۇرغان قىزنىڭ قولىنى چىڭڭىدە تۇتىۋىلىپ قىزغا كۆڭلىنى ئىھزار قىپتۇ. قىزمۇ ئايدىن خىجىل بولغاندەك قىزىرىپ كەتكەن چىھرىسىنى يىگىتنىڭ باغرىغا ئاستا يوشۇرۇپتۇ.
     شۇ كۈندىن ئىتىبارەن قىزنىڭ سۈغا چىقىش قىتىم سانى كۆپىيىپتۇ . قىز بىلەن يىگىت بىر-بىرىگە تويماي قارىشىپ ،بىقىشىپ ئايرىلىدىكەن .مەشرەپتىن كىيىن بىر-بىرىگە كۆڭۈل ئىھزار قىلىشىپ قانغىچە مۇڭدىشىدىكەن .
     قىز-يىگىت ئۆز خىيالىدا ئىشقى –مۇھەببىتىمىزنى مەخپى تۇتتۇق دەپ ئويلىشىپتۇ. قىز ئاتىسىدىن بەكلا قورقىدىكەن ،ئۆزىنى بۇ يىگىتكەھەرگىز بەرمەيدىغىنى بىلىدىكەن .شۇڭا بىر مەزگىل مەخپى ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا ۋەدىلەشكەن ئىكەن .ئەپسۇس ،نەچچە ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ھىكايىسى پۈتۈن يۇرۇتقا پۇر كىتىپتۇ. قىزنىڭ ئاتىسى قاتتىق ئاچچىقلىنىپ قىزنى ئۆيدىن سىرىتقا چىقارماس بوپتۇ.بۇ يۇرتلۇق يىگىتلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ،ئۇنىڭغا تەتۈر قاراپتۇ. ئەمدى ئۇ بۇ يۇرتتا بۇرۇنقىدەك ئەركىن –ئازادە تۇرالمايدىغان بوپتۇ. ئۇ قىزنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تارام-تارام ياش تۆكىدىغىنىنى ئۆزىنى زارىقىپ كۈتىدىغىنى بىلىدىكەن. يىگت ئۆز مەھەللىسىگە قايتىپ بىرىپ ئاتا-ئانىسىغا ھەممە ئەھۋالنى ئىيتىپتۇ. يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ پات-پات پەيدا بولۇپ يەنە ئۈن –تۈنسىز نەچچە كۈنلەپ ھەتتا ھەپتىلەپ يوقاپ كىتىشىنىڭ سەۋىۋىنى بىلەلمەي ئەنسىرەپ يۈرگەن ئىكەن. يىگىتنىڭ رايى بويىچە يۇرتتىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك ھەم سۆزمەن ئاياللارنى خىلى كۆپ سوغا-سالاملار بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە يولغا ساپتۇ. يىگىت ئۇلارنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ يول بويىدا كەچكىچە ساقلاپتۇ. كەتكەن ئەلچىلەر تولىمۇ سۇلغۇن ھالەتتە قايتىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە ،قىزنىڭ ئاتىسى كەلگەن مىھمانلارنى ناھايتى ئىززەت-ئىكرام بىلەن مىھمان قىپتۇ يۇ ئاخىرىدا –ھەرقايسىلىرىنىڭ كەلگەن قەدەملىرىگە ھەشقاللا . شۇنىسى بۇ بىر تاللا قىزىمنى شەھەردىكى ئابدىغىنى ھاجىمنىڭ ئوغلىغا چاي ئىچكۈزۈپ قويغان . ئەگەر يەنە بىر قىزىم بولغان بولسىدى سىلەرگە قوش-قوللاپ تۇتاتتىم - دەپ يولغا ساپتۇ . 
     يىگىت نىمە قىلارىنى بىلمەي ئىككى يۇرت ئارىسىدا يەنە قاتراشقا باشلاپتۇ .بىر كۈنى يىگىت قىزنىڭ قورۇسىغا كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىپ قىلىۋاتقىنى بايقاپتۇ .سۈرۈشتۈرسە ،ئىككى كۈندىن كىيىن قىزنىڭ ھىلىقى شەھەرلىك ھاجىمنىڭ ئوغلى بىلەن تويى بولىدىكەن.
     يىگىت قىززىق چوغقا دەسسىۋالغاندەك جايىدا تۇرالماي قاپتۇ. ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ تاپالماي تىت-تىت بوپتۇ. نەچچە قىتىم دەرۋازىدىن ئۈسۈپلا كىرىشنى ئويلاپتۇ، ئەمما يەنە بۇنىڭ ئەخمىقانىلىق ئىكەنلىگىنى ئويلاپ توختاپ قاپتۇ.
     يىگت كەچ كىرىشنى كۈتۈش قارارىغا كەپتۇ، ئۇ بۈگۈن قانداقلا بولمىسۇن قىز بىلەن كۆرۈشمىسەم بولمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. بۇ كىچە ئاي قاراڭغۇسى ئىكەن . قىزنىڭ قورۇسىنىڭ تاملىرى تۈن قاراڭغۇسىدا تىخىمۇ ئىگىز ،سۈرلۈك كۆرىنىدىكەن. يىگىت باغ تەرەپكە ئۆتۈپ باغدا خىلى ئۇزۇنغىچەكۈتۈپ تۇرۇپتۇ.ئەل ياتقۇ بولغاندا يىگىت دەرەخكە مايمۇندەك يامىشىپ ئۆگزىگە چىقىپتۇ. ئۇ قىزنىڭ ھوجرىسىنى ئۆز كۆڭلىدە مۆلچەرلەپتۇ. بۇ ئۆيلەرنىڭ دەرىزىلىرىنىڭ ھەممىسى ھويلىغا قارايدىكەن .يىگىت ھويلىغا سىرىلىپ چۈشۈپتۇ. دەسلەپ ئۇنىڭ يۈرۈگى دۈكۈلدەپ سەل قورقۇپتۇ. سەل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئىزىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى جەڭگە ياكى ئۆلۈمگە كىتىۋاتقان مەغرۇر جەڭچىدەك ھىس قىپتۇ. ئۆزىنىڭ ھىچنىمىدىن قورقمايدىغان ئاجايىپ يۈرەكلىك بوپ كىتىۋاتقىنىنى ھىس قىپتۇ. يىگت تاسادىبى تۇتۇلۇپ قالسا ئۆزىنىڭ ئوغرى دەپ قارىلىنىپ پۈتكۈل خەلقى ئالەم ئالدىدا نۇمۇسقا قالىدىغىنى بىلىدىكەن . ئەمما ئۇ تەۋەككۇل قىپتۇ .قىزنى بىر كۆرۈش ،ئاۋازىنى بىر ئاڭلاش ئىشتىياقى ھەممىنى بىسىپ چۈشىدىكەن. يىگىت مۆلچەرى بويىچە چەتتىكى بىر ئۆينىڭ دەرىزىسىنى تىرىقلىتىپ چىكىپتۇ. قۇلىغىنى دەرىزىگە يىقىن ئەكىلىپ تىڭشاپتۇ. ئۇنىڭغا قىزنىڭ يىنىك پۇشۇلداپ تىنغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بوپتۇ.
     بۇ راستىنلا قىزنىڭ ھوجرىسى ئىكەن .قىز ئاپئاق ئىچ كۆڭلىگى بىلەنلا كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي ياتقان ئىكەن . قىز دەرىزىنى ئىچىشى بىلەنلا ھويلا ئىچى سۈتتەك يورۇپ كەتكەندەك بوپتۇ. قىز تىترەپ تۇرۇپ يىگىتنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ باغقا چىقىپتۇ.
     --مىنى ھازىرلا ئىپ قىچىڭ دەپتۇ –قىز –مىنىڭ بۇ تويغا ھەرگىز رايىم يوق . ئەگەر سىز بۈگۈن كەلمىگەن بولسىڭىز بۇ توينى ئۆلۈم بىلەن كۈتىۋالاتتىم.
يىگىت قىزنىڭ جاسارىتىگە ھەيران قاپتۇ. قىز ھوجرىسىغا كىرىپ كىتىپ بىردەمدىلا تەييار بولۇپ چىقىپتۇ. ئۇلار قول تۇتۇشقىنىچە ئىتىز قىرلىرىنى بويلاپ مىڭىپتۇ. ئۇلارغا چوڭ يولدىن ماڭسا كەينىدىن كىملەردۇر قوغلاپ كىلىپ تۇتۇپ ئىپ كىتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ چوڭ يولدا مىڭىشقا جۈئەت قىلالماپتۇ. .ئۇلار كىچىچە توختىماي يول يۈرۈپتۇ. قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئەتىسى قىزنىڭ يوقلىغىنى كۆرۈپلا يىگىتنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ بىرىش مۇمكىنچىلىگىنى پەملەپ ئۇلار ھىچكىم تاپالمايدىغان يىراق جايلارغا كىتىشنى ئويلاپتۇ. 
     ئارال دەرياسىنىڭ ئۇ قىتىدا يىگىتنىڭ بىر تۇققىنىنىڭ ئۆيى بار ئىكەن. ئەتىسى تاڭ يورۇشقا يىقىن ئۇلار شۇ ئۆيگە يىتىپ بىرىپتۇ. ئۆي ئىگىلىرى ئەھۋالنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋاپتۇ. ئۇلار بۇ ئۆيدە نەچچە كۈن تۇرۇپتۇ. يىگىت ھىلىقى تۇققىنى ئارقىلىق ئۆيدىكىلەرگە توي تەييارلىغى قىلىشنى تاپىلاپ خەۋەر ئىبەرتىپتۇ. يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەزەلدىن بۇ ئەتىۋارلىق كەنجى ئوغلىنىڭ رايىنى قايترۇرمايدىكەن. ئۇلار يەنە ئوغلىنىڭ رايى بويىچە توي تەييارلىغىغا كىرىشىپتۇ. يىگىت بىر كۈنى كىچىدە قىزنى يىتىلەپ ئۆز مەھەللىسىگە قايتىپ كەپتۇ.
     ئۇلارنىڭ تويى بولغان كۈنى تاڭ سەھەردە مەھەللە ئىمامى ئۇلارنىڭ نىكاھ قۇتبىسىنى ئوقۇپتۇ ،ئۇلار تۇزغا چىلانغان ناننى يىيىشىپ نىكاھىنىڭ قوشۇلغانلىغىدىن چەكسىز بەختىيارلىققا چۆمۈشۈپتۇ.
     مىھمانلار ھويلىغا يىغىلىپ توي نەغمىسى تازا ئەۋجىگە چىققاندا ھويلىغا تۇيۇقسىز كۈتۈلمىگەن مىھمانلار باستۇرۇپ كىرىپتۇ. نەغمە-ناۋا توختاپ ھويلىدىكى مىھمانلار بۇ كۇتۇلمىگەن مىھمانلارغا قارىشىپلا قاپتۇ. ئاچچىقتىن چىرايى كۆمۈردەك قارايغان بۇ كىشى قىزنىڭ ئاتىسى ئىكەن . يىگىتنىڭ ئاتىسى ئىتتىك مىھمانلارنىڭ ئالدىغا كىلىپ كۆرۈشۈشكە قولىنى تەڭلەپتۇ. ئەمما قىزنىڭ ئاتىسى ئىلىك ئالماپتۇ .ئۇ شۇنچىلىك ھاكاۋۇر ،چىرايى غەزەپلىك ئىكەن.
     --مەن قىزىمنى ئىپكەتكىلى كەلدىم –دەپتۇ قىزنىڭ ئاتىسى ھۆكۈرەپ ---قىزنى ئىپ قىچىشنىڭ گۇناھىنى چوقۇم تارتىپ قالىسىلەر ،ئاۋۋال قىزىمنى چىقىرىپ بىرىڭلار !
     --بۈگۈن قىزلىرى بىلەن ئوغلۇمنىڭ قۇتلۇق توي كۈنى –دەپتۇ يىگىتنىڭ ئاتىسى –ئۇلارنىڭ رىسقى نىكاھى قوشۇلۇپ نىكاھ ئوقۇلۇپ بولدى . ئاۋۋال توينى چىرايلىق ئۆتكۈزەيلى ،باشقا گەپلەرنى ئالدىرىماي دىيىشەرمىز .قىنى ئۆيگە.... 
     قىزنىڭ ئاتىسى قولىنى سىلكىپتۇ.يىگىتنىڭ ئاتىسىنىڭ چىرايى ئىزا-ئەلەمدىن تاتىرىپتۇ. بۇ چاغدا يىگىت بىر توپ ئاغىينىلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئولتۇرغان ئىكەن ،ئورنىدىن دەست تۇرۇپ قىزنىڭ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قىلىپ قول قوشتۇرۇپتۇ .
     --ئاتا –دەپتۇ يىگىت يۈرەكلىك ھالدا –زۇمرەتئاينى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئىپقاچتىم .بۈگۈن ھالاللاپ نىكاھىمغا ئالدىم.ئۇنى بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلىمەن .
     --ئاغزىڭنى يۇم!بەچچىغەر –كۈتمىگەندە قىزنىڭ ئاتىسى يىگىتنىڭ يۇزىگە قاتتىق بىر تەستەك ساپتۇ. ----قىزىمنى ئەپقاچقىنىڭ بەدىلىگە سىنى تۈرمىگە سولىتىۋىتىمەن .قىزىمنى قەلەندەرگە بىرىشكە رازىمەنكى ساڭا قىزىمنىڭ بىر تال مويىنىمۇ بەرمەيمەن.
     يىگىت ئىزا-ئەلەمدىن بوغۇلۇپتۇيۇ قايتا ئۈن چىقارماپتۇ .ھويلا ئىچى جىمىپ كىتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا قىز ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىشىگى ئىچىلىپ تويلۇق غىجىم رومالغا ئورالغان قىز ھويلىغا چىقىپتۇ. قىزنىڭ ئاتىسى قىزىغا قاراپ تۇرۇپلا قاپتۇ .
     --ئاتا!—دەپتۇ قىز تىترەڭگۈ ئاۋازدا ---مەن بۇ ئائىلىگە ئۆز رازىلىغىم بىلەن كەلدىم .مىنىڭ بەختىمنى تىلەپ دۇئا بەرسىلە ،ئاتا! سىلىدىن خوش بوپ كىتەي ! 
     قىزنىڭ ئاتىسى قىزنىڭ ئاۋازىدىن جۇغغىدە تىترەپ كىتىپتۇ . باياتىنقى شىردەك غەزەپلىك ھالىتىدىن بىردىنلا ئەسەر قالماپتۇ. كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولۇپتۇ.
     ---خەيرىيەت !—دەپتۇ قىزنىڭ ئاتىسى ھەم غەزەپلىك ھەم ئايانچلىق ئاۋازدا ---سەن ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ ،بىزگىمۇ قىلدىڭ .سىنىڭ ئەسلى بەختىڭ ئىچىلاتتى .شەھەردىكى ئابدىغىنى ھاجىممۇ ،ئۇنىڭ ئوغلىمۇ بەكلا ئىسىل كىشىلەر ئىدى. سەن ئۇ ئائىلىدە خانىشتەك تۇرمۇش كەچۈرەتتىڭ ،بەختلىك بولاتتىڭ ،ھالاۋەت كۆرەتتىڭ . ئەقىلسىزلىق قىلدىڭ .. بەكلا ئەقىلسىزلىق قىلدىڭ ..بىزنىڭ يۈزىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ . ئاناڭ سىنى ئاللىبۇرۇن ئۆلدىگە چىقىرىۋەتتى ..ئەمما مەن بۈگۈن سىنى ئالغىلى كەلدىم .مىنىڭ ساڭا قانچىلىك ئامراقلىغىمنى بىلىسەن . مەيلى سەن ئابدىغىنى ھاجىمنىڭ ئوغلىغا تىگىشنى خالىمىساڭ سىنى مەجبۇرلىمايمەن .مەن بىلەن قايتىپ كەت .بۇ ئائىلىگە ئىككىنچى قەدەم باسماسلىققا قەسەم قىل ! بۇ بەچچىغەر بىلەن قايتا كۆرۈشمەسلىككە قەسەم قىل !
     --كەچۈرسىلە ئاتا!---دەپتۇ قىز تۆكۈلۈپ يىغلاپ تۇرۇپ –مەن قايتىپ كەتمەيمەن . ماڭا دۇئا بەرسىلە ئاتا!
     قىزنىڭ ئاتىسى قىزىغا قولىنى سىلكىپ ۋاقىراپتۇ.
     --بۈگۈندىن باشلاپ سەن مىنى ئاتا دىمە ! مىنىڭمۇ ئەمدى سەندەك قىزىم يوق ! سەندەك نۇمۇسسىز قىزنى كۆزۈم كۆرمىسۇن.
     قىزنىڭ ئاتىسى قولىنى سىلكىگىنىچە قاتتىق-قاتتىق دەسسەپ چىقىپ كىتىپتۇ . مىھمانلارمۇ بىردىن –ئىككىدىن جىم-جىملا تارقىلىپ كىتىپتۇ . قورۇ ئىچىنى ئىغىر سۈكۈت قاپلاپتۇ . قىز ھوجرا ئۆيىدە تىزىغا ئىڭىگىنى تىرەپ ئولتۇرغىنىچە قىتىپ قاپتۇ. يىگىت ھويلىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇپ جىمىپ كىتىپتۇ. بىر چاغدا يىگىتنىڭ ئاتىسى ئوغلىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئوغلىنىڭ يەلكىسىنى قىقىپتۇ.
     -كۆڭلۈڭنى يىرىم قىلما ! –دەپتۇ ئاتىسى-- سەندە سەۋەنلىك يوق ، سەن ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلدىڭ .ئوغۇل بالا دىگەن ئۆزى ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئىرىشىشىكە جۈرئەتلىك بولىشى كىرەك .ئايالىڭنىڭ يىنىغا كىر .ئۇنىڭغا تەسەللى بەر! توغرا تاللاپسەن .ئەقىللىق ھەم ساداقەتمەن قىزكەن .بەخىتلىك بول بالام . تۇر ئورنىڭدىن .ئايالىڭنىڭ قىشىغا كىر!
     توي كۈنىنىڭ ئەتىسى تاڭ سەھەردە يىگىت ئايالى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا سالامغا كىرىپتۇ .يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ ھەم كىلىنىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ بەخت تىلەپتۇ . بۈگۈن قىزنىڭ چىرايى ،كۆزلىرى باشقىچە نۇرلۇق ئىكەن. گويا ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك قىزنىڭ چىھرىسىدىن بەخت تۆكۈلىدىكەن.
ئەپسۇس ،ئۇلارنىڭ بەختلىك دەملىرى بەكلا قىسقا بوپتۇ. تۇيۇقسىز مەھەللىدىكى ئىمىن ياغاچچىنىڭ قىزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەپتۇ. بۇ قىز دەل يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى يىگىتكە پۈتۈشۈپ چاي ئىچكۈزۈپ قويغان ھىلىقى لايىغى ئىكەن. بۇ قىزنىڭ ھىچبىر سەۋەپسىزلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشى پۈتكۈل مەھەللىدە غۇل-غۇلا قوزغاپتۇ. ھەممىلا كىشى سەۋەنلىكنى يىگىتتتە قويۇپتۇ. يىگىت تويغا پۈتۈشۈپ قويۇپ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىغى ئۈچۈن قىز ئىزا تارتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى دىيىشىپ يىگىتنى ئەيىپلەپتۇ. ھەممىدىن يامىنى بۇ مەھەللىلىكلەر يىگىتنىڭ ئايالىنى يامان كۆرۈپ قاپتۇ . بىچارە ئايال گويا راستلا ئىغىر گۈناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك سىرتلارغىمۇ يۈرەكلىك چىقالمايدىغان بوپتۇ.
     يىگىت سۆيۈملۈك ئايالى يىنىدا بولغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدىكەن ،خەقلەرنىڭ پىتنە-پاساتلىرى ،گەپ-سۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىچقانچە گەپ ئەمەسكەن .ئۇ پەقەت ئايالىنىڭ بۇ گەپ-سۆزلەرنى كۆڭلىگە ئىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن . ئىشلار ئۇنىڭ ئەنسىرىگىنىدەك بوپتۇ. ئايالى كۈلۈپ يۈرگەندەك ،چاندۇرمىغاندەك قىلغان بىلەن ئىچ-ئىچىدىن تۈگۈشۈپ ،تامىغى ئازلاپ ،ئورۇقلاپ بىرتىرە ،بىر ئۇستىخان بولۇپ كىتىپتۇ.
     توۋا ،مىنىڭ كەينىمدىن بىر سايە ئەگىشىپلا يۈرگەندەكلا قىلىدۇ –دەيدىكەن ئۇ پات-پاتلا.
     شۇ تەرىزدە يىللار ئايلار بىر-بىرنى قوغلىشىپ ئۆتۈپتۇ .ئايالى ئۇنىڭغا بىر-بىرىدىن ئوماق ئۈچ بالا تۇغۇپ بىرىپتۇ. ئەمما ئۆزى تولا ئۇھسىنىپ ئاغرىقچان بولۇپ كىتىپتۇ. شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانىسى ئۇنى راستىنلا ئۆلدىگە چىقىرۋەتكەندەك ئىزلەپمۇ كەلمەپتۇ. ئەمما ئايال ئەزەلدىن ئىرىگە يىغلاپ زارلاپ باقماپتۇ. ئۇ ھامان ئىرىگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىدىكەن . ئەرمۇ ئايالىنىڭ كۆڭۈل ئازاۋىنى بىلىدىكەنيۇ ئۇمۇ چاندۇرمايدىكەن .ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى يوقسىز بولسىمۇ شۇنچىلىك مىھرى-مۇھەببەتلىك ئىكەن........ 


     پويىز كىچە قوينىنى يىرىپ كىتىۋاتاتتى . ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇندۇقتا ئاقسۇلۇق دىھقان سوزۇلۇپ يىتىپ ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى. يۈرۈگۈم قانداقتۇر بىر ئىچكى ھاياجاندا رىتىملىق سوقاتتى. دىھقاننىڭ مۇھەببەت ھىكايىسىنىڭ مىنى بۇنچە ھاياجانغا سالىدىغىنىنى ئويلىمىغان ئىدىم. ماڭا بىردىنلا پۇتكۈل ئالەم مۇھەببەتكە تولغاندەك تۇيۇلدى. خىيالىمدا رەپقەت مىنى ئۇرۇمچىدە تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتاتتى.كۆڭلۇمدىكى ئاغرىنىش ئاچچىق دىگەنلەر نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان ئىدى. گويا خۇدا مۇنۇ پەرىشتە سۈپەت ئادەمنى ماڭا سەپەرداشلىققا ئىبەرتىپ ماڭا بۇ دۇنيادا ساپ قىزغىن مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇتلىغىنى بىلدۈرۈپ قويماقچىدەكلا قىلاتتى.
     پويىز بىر خىل رىتىمدا تاراقلاپ ماڭاتتى.پويىز دەرىزىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىپايان دالا ،يىراق –يىراقلاردىن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان كۆككە تاقاشقان تاغلار كىشىنىڭ يۈرۈگىگە ئاجايىپ بىر ئىچكى خاتىرجەملىك بىغىشلايتتى. بۇ ھەيۋەتلىك تاغلار يەلكىسى بىلەن كۆكنى تىرەپ تۇرغان گىگانت ئەركەككە ئوخشايتتى.
--خانىم قىز ،سىز بەكلا چىرايلىق ھەم ئوڭلۇقكەنسىز ، سىزگە ئۆيلەنگەن يىگىت بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئەر بولغىدەك .—دىدى ئاقسۇلۇق دىھقان . بۇ سەمىمى ماختاشتىن ئىچ-ئىچىمدىن شاتلىنىپ كۈلدۈم. ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىپ ئائىلىسىگە بەخىت تىلىدىم. بىز پويىز ئىستانسىسىدا خۇددى كونا تونۇشلاردەك بىر-بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.
     پويىز ئىستانسىسىدا مىنى ھىچكىممۇ كۈتۈپ تۇرمىغان ئىدى. مىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىلىشىمدىن مەستۇرەمۇ،رەپقەتمۇ خەۋەرسىز ئىدى.
     مەستۇرە بىلەن قايسى تەرىزدە كۆرۈشۈشنى بىلمەيتتىم .ئۇنىڭ چىرايلىق تۇرقىنى ،يىنىپ كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى ،پەلەمپەيدىن سەكرەپ-تاقلاپ چۈشۈشتە رەپقەت ئىككىمىزگە يىتىشەلمەي دومسىيىشلىرىنى ئەسلەيتتىم. ئۇ ئۇرۇمچىنىڭ مۇھىتىدا تىخىمۇ چىرايلىق بوپ كەتكەندۇر بەلكىم.ئۇنىڭ ماڭا ئامراقلىغىنى   ، مىنى چوقۇم ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالىدىغىنىنى بىلەتتىم. شۇڭا ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. 
     مەستۇرە مىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدى .ئاندىن چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمىدى. سەن ماڭا قەشقەرنىڭ پۇرىغىنى ئىپ كەلدىڭ دەپ كۈلدى ئۇ چاچلىرىمنى چىڭڭىدە پۇراپ.
     بىز مەستۇرەنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىۋالدۇق .پاراڭلىرىمىز ،چاقچاقلىرىمىز تاغدىن –باغدىن بولۇپ كىچىچە مۇڭداشساقمۇ تۈگىمەيدىغاندەك ئىدى. بىز بالىلىق چاغلىرىمىز ،ساۋاقداشلىرىمىز توغرىسىدا مۇڭداشتۇق .ئەمما نىمىشقىدۇر رەپقەت پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ قالغاندەكلا ھەر ئىككىمىز ئۇنى تىلغا ئالمىدۇق . مەن مەستۇرەنىڭ رەپقەت توغرىلىق پاراڭ قىپ بىرىشىنى خالايتتىم .ئاندىن مەن قىزىرىپ تۇرۇپ رەپقەت بىلەن بولغان مۇھەببەت سەرگۈزەشتىمنى ئىيتىپ بىرەتتىم. ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈمنى ،ھىسسىياتىمنى ھىچنىمىنى يوشۇرماي ئىيتاتتىم.
     مەن بىردىنلا پاراڭلىرىمىزنىڭ تازا قولاشمايۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم. بىز بىردەم جىممىدە سوزۇلۇپ ياتتۇق.
     --ھەئە راست –دىدى مەستۇرە تۇيۇقسىزلا بىشىنى كۆتۈرۈپ –رەپقەتمۇ ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتىدۇ. ساياھەت ئىدارىسىدا...
     ---ھە -- ئىغىزىم شۇ گەپكە ئارانلا كەلدى. 
     --بىزنىڭ ئىدارىمىز يىقىنلا . كۆپ ھاللاردا چۈشلۈش تاماقنى بىللە يەپ قالىمىز. بۈگۈنمۇ بىز بىللە تاماق يىگەنئىدۇق. ئىسىتەي ، بۇرۇنراق كەلگەن بولساڭ بۈگۈنلا كۆرىشەر ئىدىڭ . بوپتۇ ،ئەمدى ئەتە كۆرۈشكىن . رەپقەت چوقۇم بەك خوش بولىدۇ.
     باياتىن بىرى رەپقەت توغرىسىدا پاراڭ خالىغان بولسام مانا ئەمدىلىكتە ئۈن-تۈنسىزتۇرۇپ قالدىم. مەستۇرە مىنىڭ روھى ھالىتىمنى سەزمىگەندەك بىخىرامان سۆزلەيتتى.
     --توۋا ،ساڭا ئىيتسام ، رەپقەت بىلەن شۇنداق تاسادىبىلا ئۇچرىشىپ قالدۇق . قانداق دىمەمسەن ؟ بىر-بىرىمىزنى تونۇماي سوقۇشۇپ كىتىپ . ئاچچىغىمدا تازا ئالىيىپ شۇنداقلا قارىسام رەپقەتمۇ ماڭا قاراپ قىتىپ قاپتۇ. بىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ئۈرۈمچى قىززىق جايمىكەن؟ تونۇش بىلىش دوستلارمۇ سوقۇشۇپ قىلىپ تونۇشىدىغان. ئاندىن تاماق يىگەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. بىر ئولتۇرىشىمىزدا نەچچە يىللىق يىغىلىپ قالغان پاراڭلىرىمىز تۈگەمدۇ دەمسەن. ئەتىسى يەنە كۆرۈشتۇق. كىيىن ئۇنى ئۆيگە باشلاپ كەلدىم. رەپقەت ئۆيدىكىلەرگە بەك ياراپ كىتىپتۇ. ھەممىمىز بىر قەشقەرلىق ئەمەسمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە رەپقەتنىڭ ھەممە ئىشقا ئىپى بار تۇرسا . ئىسىڭدىمۇ ؟رەپقەت بۇرۇندىن بىزنى بەك قوغدايتتى. ھە! ھازىرمۇ شۇنداق ، رەپقەت يىنىمدا بولسىلا ئۆزۈمنى شۇ قەدەر بىخەتەر ھەم ئازادە سىزىمەن. ئەسلى بۇگۈن رەپقەتنى ئۆيگىلا باشلاپ كىلىدىغان ئىشكەن. ۋاي ئىسىت!
     مەستۇرە ئاجايىپ قىزغىن سۆزلەيتتى. رەپقەتنىڭ ئىسمىنى شۇنداق بىر خىل مىھىر بىلەن تىلغا ئالاتتى. مەن ئۈن-تۈنسىز بوغۇلۇپلا قالدىم. كاللام شۇ دەرىجىدە قۇرۇغدىلىپ قالغان ئىدىكى بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ نەدە ئىكەنلىگىمنى ئەسلىيەلمىدىم. 
     - ۋىيەي ،بەك چارچاپ قالغاندەك تۇرىسەن .ئۇخلاپ ئارام ئىلىۋال –دىدى مەستۇرە چىرايىمغا قاراپ.
     مەن ئۈن-چىقمىدىم. ئەمما بۇ ھالىتىمدە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
     مەستۇرەنىڭمۇ ئۇخلىيالمايۋاتقىنىنى سىزىپ تۇراتتىم .رەپقەت توغرۇلۇق كۆپرەك بىر نەرسىلەرنى بىلىشنى خالايتتىم.
     - رەپقەت ئاجايىپ بىر بالىدە !—دىدى مەستۇرە ئاستا پىچىرلاپ .
     - قانداق دەيسەن ؟- يۈرۈگۈمنىڭ دۈكۈلدەشلىرىنى تەستە بىسىپ سورىدىم. 
     --ئىلگىرى ئانچە ھىس قىلماپتىكەنمەن توۋا. _-مەستۇرەنىڭ مىنىڭ گىپىمگە جاۋاپ بىرىۋاتقىنىنى ياكى ئۆزى ئىختىيارى سۆزلەۋاتقىنىنى بىلگىلى بولمايتتى.      __بۇ قىتىمقى تاسادىبى ئۇچرىشىپ قىلىشىمىز ماڭا بەك جىق نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇردى. ئۇ راستىنلا ئاجايىپ بىر بالا—دىدى ئۇ يەنە پىچىرلاپ.
     --ئۇ قانداقراق تۇرۇپتۇ؟--ئارانلا مۇشۇ سۇئالنى سورىيالىدىم.
     --ئۇنىڭ ئەھۋالى شۇنداق ياخشى .ئىدارىسىنىڭ شارائىتىمۇ ھەم ئۆزىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمۇ ياىشى. ئۆزىمۇ ئەقىللىق ھەم چىقىشقاق ئەمەسمۇ. ئۇنى ياقتۇرىدىغانلارمۇ جىق .
     --قىزلارمۇ جىقمۇ؟ 
     --ۋاي ئۇنى بىر دىمە . ئۈرۈمچىلىك قىزلار ياخشى يىگىتلەرنى قولدىن بىرىدۇ دەمسەن . ئۇنى قوغلاۋاتقانلارمۇ خىلى بار .ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋىلىشلىرىنى كۆرسەڭ. ئاتا-ئانامغىمۇ ئۇنىڭ شۇ تەرىپى بەكراق يىقىپ قاپتۇ.
     --ئاتا-ئاناڭ ؟ قانداقسىگە؟
     --ۋاي ،چوڭلارنىڭ نىمە ئويلايدىغىنىنى بىلىسەنغۇ ئۆزۈڭ . ئاپام ئۆزىچە مىنىڭ تويۇمغا دەپ بىر نەرسىلەرنى تەييارلاپ يۇرۇيدۇ.

     ماڭا بىردىنلا يەر پىقىراۋاتقاندەك تۇيۇلدى .كۆزۈمنى بىردەم چىڭڭىدە يۇمۇۋالدىم.
     --دىمىسىمۇ چوڭلار ئۆزى خالىغانچە خىياللارنى قىلىۋىرىدۇ. –دىدىم تولىمۇ تەسلىكتە –سىنىڭ يۈرگىنىڭ باردۇ؟ 
     --ساڭا نىمە دىسەم بولار ؟ بىز تىخى ئەمدىلا يۈرىۋاتىمىز . ---ئۇ مىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋىلىپ ئاستا پىچىرلىدى---مەن كۆڭلۈمدىكى يىگىتنى تىپىۋالدىم.شۇنچە يىللار ئۆتۇپ ئۇنى ئەمدىلىكتە ياخشى كۆرۈپ قىلىشىمنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن .

     مەنمۇ ئۇنى قۇچاقلىدىم .يۈرۈگۈم نىمىشقىدۇر دۇكۇلدەپ سوقۇپ كەتتى.
     --كىم ئۇ؟ ساۋاقدىشىڭما؟
     -- ھەئە –دەپ بىشىنى لىڭشىتقاچ پىچىرلىدى ئۇ.
     -ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىڭ؟
     -ياق .
     ئاخىرىنى سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. بىردىنلا پۈتۈن بەدىنىم مۇزلاپ قولۇمنى ئۇنىڭدىن ئىتتىكلا تارتتىم.
     ئۇ ئاستاغىنە ئوڭدىسىغا ئۆرۈلۈپ ياتتى . لەۋلىرىدە ئاجايىپ تاتلىق بىر كۈلۈمسىرەش بار ئىدى.
     --توۋا، ئويلىسام ئۇ مىنىڭ بالىلىغىمغا ،ياشلىغىمغا ھەتتا پۈتكۈل ھاياتىمغا سىڭىشىپ كەتكەندەك ،مىنىڭ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەندەكلا تۇيۇلىدۇ.—دىدى ئۇ مەيىن ئاۋازدا.
     مەن ئۈنچىقمىدىم .گويا ئاۋازىم ،تىنىغىم ئاجايىپ چوڭقۇرلۇققا چۈشۈپ كەتكەندەك ،ئۆزۈم ئەشۇ چوڭقۇرلۇقتا تىپىرلاپ تۇرغاندەك....
     --ئەتە رەپقەت سىنى كۆرسە چوقۇم خوش بوپ كىتىدۇ. رەپقەت ئىككىمىز سىنى باغچىلارغا ئاپىرىپ ئايلاندۇرىمىز. ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ مەنزىرىلىك جايلىرىغا ئاپىرىمىز . رەپقەت ئىككىمىز دائىم كىرىدىغان بىر قەھۋەخانا بار. سىنى شۇ يەرگە باشلاپ ئاپىرايلى . ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى بەكلا ياخشى .سەن چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسەن.

     مەستۇرە ئۆزىنىڭ ئەشۇ ھىسسىياتچان ئاۋازىنىڭ يۈرۈگۈمگە يىڭنە بولۇپ سانجىلىۋاتقىنىنى سەزمەيتتى. كۆز ياشلىرىم بىردىنلا سەلدەك يامرىدى. ئۇنىڭغا ئاستالا كەينىمنى قىلىۋالدىم. ئاۋازىمنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن يوتقاننىڭ بىر بۇرجىگىنى چىڭڭىدە چىشلىۋالدىم.
     كاللام شۇ قەدەر قۇرۇق ئىدى. كۆز ياشلىرىمنى توختىتالىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى.پەقەت ئىسەدەپ كەتمەسلىگىم ئۈچۈنلا تىترىگىنىمچە بوغۇلاتتىم. مەستۇرە مىنى ئۇخلاپ قالدى دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك ئۇمۇ ئاستا ئۆرۈلۈپ كەينىنى قىلىپ ياتتى.
     ھاياتىمدا بۇ قەدەر ئۈمىتسىزلەنگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.
     مىڭەمدە بىرلا نەرسە –گىياھ ئۈنمەيدىغان دەشت-باياۋان ،مەن ئەشۇ باياۋاندا يىقىلىپ قوپۇپ كىتىۋاتىمەن.ئالدىمدىكى چەكسىزلىك مىنى قۇپ-قۇرۇق بىر جەزىرەگە باشلاپ بارىدۇ. مەن بارسا كەلمەس يولدا مۆدۈرۈپ ،سوقۇلۇپ ئۆلۈمگە قاراپ ئاستا-ئاستا سىلجىيمەن....
     قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن ،بەلكىم بىر يىل ۋە بەلكىم ئون يىل..... 
     بەكلا ئۇزاق ۋاقىتتلاردىن كىيىن كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا ئۆزۈمنى ياسىداق بىر ھوجرىدا كۆردۈم. بىر ھازاغىچە كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۆزۈمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىمنى ئەسلەشكە تىرىشتىم. كۆزۈم ئەينەك جاھازغا تىزىلغان مەستۇرەنىڭ سۇرىتىگە چۈشكەندىن كىيىنلا بىر ئاز ئىسىمگە كەلگەندەك بولدۇم. پويىز ئىستانسىسى.. ئۈرۈمچىنىڭ ياپ-يىشىل كوچىلىرى.. مەستۇرە، مەستۇرەنىڭ بىر جۈپ قوشماق سىڭىللىرى ..ئاخشامقى پاراڭلار ..تاراملاپ تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىم...
ياستۇق بىلەن يوتقاننىڭ بىر بۇرجىكى نەم ئىدى. ئورنۇمدىن بىرى قوغلىغاندەك ئىتتىكلا تۇرۇپ كەتتىم. دەمەللىقتا بۇ ئۆيدىن تىزلا چىقىپ يىراققا كىتىپ قىلىشنى ئويلىدىم. بەلكىم ئۇدۇل پويىز ئىستانسىسىغا بارارمەن .قانداقلا بولمىسۇن بۇئۆيدە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇم ،مەستۇرەنىڭ چىرايىنى قايتا كۆرگۈم يوق ئىدى.
     تەلىيىمگە مەستۇرە ئىشقا كەتكەن ئىدى. مەستۇرەنىڭ مىھرى ئىسسسىق ئاپىسى ماڭا ناشتىلىق تەييارلاپ پاي- پىتەك بولىۋاتاتتى.
     --ۋاي ،سىزگە ھاردۇق يىتىپتۇ قىزىم. يول ئازابى گۆر ئازابى ئەمەسمۇ .مەستۇرە ئىدارىغا بىرىپ كۆرۈنىۋىتىپلا رەپقەتنى ئىلىپ چۈشلۈك تاماققا كەلمەكچى. رەپقەت ، سىلەرنىڭ ھىلىقى ساۋاقدىشىڭلار رەپقەت شۇ .بەكلا ئىسىل ،بەلەن بالا بوپتۇ. ئوغلۇمنىڭ يوقلىغىغا خۇدا ماڭا ئوغۇلچىلاپ بەرگەندەكلا . خوشنىلارمۇ كۆرۇپ -بۇ ئىككىسى خۇدا قوشقان بىر جۈپلەركەنغۇ ،شۇنداق ماسلىشىپتۇكى ...—دىيىشىپ كىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بالا قەشقەردە كۆز ئالدىمىزدا دىگۈدەك چوڭ بولغان ئەمەسمۇ .شۇڭا دادىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بالا قىلىۋالايلى دىيىشتۇق قاراڭ قىزىم...... 
      ئايال توختىماي سۆزلەيتتى. سۆزلىگەچ مىنى ناشتىغا زورلايتتى. مىنىڭ گىلىم غىققىدە ئىدى. چىشلىگەن بىر توغرام نىنىمنى يۇتالماي قىينىلاتتىم. بۇ ئۆيدىن بىر ئاماللاپ قىچىپ كىتىشنى ، بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھىچقايسىسنىڭ چىرايىنى ئەمدى قايتا كۆرمەسلىكنى خالايتتىم . كاللام يەنىلا قۇپ-قۇرۇق ئىدى. پەقەت ئاجايىپ دەھشەت بىر نەرسە رەھىمسىزلىك بىلەن روھىمنى ،تىنىمنى يالمايتتى، چاينايتتى، پارە-پارە قىلىپ پۈركۈيتتى ئاندىن يەنە يالمايتتى......
     ئۆيدىن ئاخىرى قىچىپ چىقتىم .قانداق ھالەتتە ئۆيدىن چىققىنىيمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. بەلكىم ئورنۇمدىن دەست تۇرۇپلا سىرتقا يۈگۈرگەندۇرمەن ،ۋە بەلكىم نىمىلەرنىدۇر دەپ ئۆزرە ئىيتىپ قايتىپ چىققاندۇرمەن. ئەمما ھىچنەرسە ئىسىمدە يوق ئىدى. قولۇمدا بىرلا قول سومكىسى .يەرنى قاتتىق-قاتتىق دەسسەپ كىتىپ باراتتىم. مەخسەتسىزلا ،نىشانسىزلا ماڭاتتىم. كاللامدا بىرلا خىيال –مەستۇرەدىن ،مەستۇرەنىڭ ئائىلىسىدىن يىراقلاپ كىتىش ، يەنە رەپقەت ، ئۇنىڭدىنمۇ يىراقلاپ كىتىش ، ئۇنى ئەمدى مەڭگەۈ كۆرمەسلىك....
     قاراڭغۇ چۈشۈپ كوچا چىراقلىرى يىنىشقا باشلىغاندا مەن بىردىنلا ئىزىمدا توختاپ ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قاراشقا باشلىدىم. مەن ئۈچۈن بۇ شەھەر ، يىنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بۇ ئادەملەر يات ،ناتونۇش ئىدى. ئۇلار شۇنداق جىددى ھالەتتە نىمىدۇر ئالدىرىغاندەك تىز-تىز مىڭىشاتتى. مەن بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ بۇ كىچىدە بارار جايىمنىڭ يوقلىغىنى ئىسىمگە ئالدىم. مەن شۇ مىنۇتتا شۇ قەدەر ئۈمىتسىز ھەم بىچارە ئىدىم. مىنىڭ ئەمدى دوستۇممۇ ھەم سۆيگۈنۈممۇ يوق .بۇ شەھەردە ئەمدى ھىچقانداق ساۋاقدىشىممۇ ،دوستۇممۇ يوق ..ھىچكىمىم يوق ...
     مەن بىردىنبىر بىلىدىغان ھەم بارالايدىغان جاي پويىز ئىستانسىسى ئىدى. پەقەت پويىز ئىستانسىسىغا بارساملا ئۇلاردىن يىراققا ،تولىمۇ يىراققا كىتەلەيتتىم.
تەلىيىمگە كەچلىك پويىز تىخى قوزغالمىغان ئىدى. بۇ بىر ئاستا پويىز ئىدى. ئەزەلدىن ئاستا پويىزدا ئولتۇرۇشنى ياقتۇرمايتتىم. ئەمما مەن ئۈچۈن ھازىرقى بۇ ئاستا پويىز جاھاندىكى ھەممىلا نەرسىدىن سۆيۈملۈك ئىدى. پەقەت مۇشۇ ئاستا پويىزلا مىنى نۇرغۇن نەرسىلەردىن ،مەستۇرە،رەپقەت، ھەم كۆز يىشىمدىن ، بۇ يات ناتونۇش شەھەردىن يىراقلارغا ئىپكىتەلەيتتى.
     ۋاگۇندا ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم. ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارىغىنىمدا سوغۇق قاراپ تۇرغان ئورۇندۇقلارنى ھەم دەرىزە سىرتىنى ئوراپ تۇرغان چەكسىز قاراڭغۇلۇقنى كۆرەتتىم. بۇ قاراڭغۇلۇق مىنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالاتتى. ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا شۇ قەدەر تەنھا يالغۇزلۇغۇمنى ھىس قىلاتتىم. مۇشۇ ھالىتىمدە ئانام بىلەن مومامنى شۇنچىلىك سىغىندىمكى ئۇلارنىڭ قۇچىغىغا بىشىمنى قويۇپ جىممىدە ئۇخلىغۇم ،بوينىغا ئىسىلىپ تازا پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋالغۇم كەلدى. توۋا ! ئادەمنىڭ يالغۇزلۇق ھىس قىلغاندىكى ھىسسىياتى ئاجايىپ بىچارە بولىدىكەن. يۈرۈگۈمدىكى ئۈمىتسىزلىكنىڭ ئورنىنى ھىچنەرسىنىڭ تولدۇرالمايدىغىنى ھىس قىلاتتىم. گويا مىنىڭ روھى تۈۋرىگىم يىمىرىلىپ چۈشكەندەك ئەمدى مىنىڭ ھاياتىمدا سۆيۈش ھەم دوستلۇق مەڭگۈ مەۋجۇت بولمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. پويىز تاراقلاپ بەك ئاستا ئىلگىرلەيتتى. گويا بۇ پويىز مىنى قەشقەرگە ئەمەس بارسا كەلمەس جەزىرەگە ئىلىپ كىتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. بۇ جەزىرەدە مىنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتىۋاتقىنىنى بىلمەيتتىم. ئەمما ئەمدى پويىزدىن چۈشۈپ قالالمايتتىم. مەن ئەمدى ئەشۇ جەزىرەگە تەنھا ھالدا بىرىشقا مەجبۇر ئىدىم.
     مەن پويىزدا تەنھا ئولتۇرۇپ خىيالىمدا كىملەر بىلەندۇ ئۇرۇشۇپ چىقتىم. بەلكىم رەپقەت ،مەستۇرەلەر بىلەن ئۇرۇشقاندۇرمەن ۋە بەلكىم ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم ئۇرۇشقاندۇرمەن . مەن ئۇرۇشۇپ-ئۇرۇشۇپ ھىرىپ ھالىمدىن كەتكىنىمدە ئۆزۈمنى قاتتىق ئورۇندۇق ئۈستىگە تاشلىدىم.
     كاللام ئۇيقۇ بىلەن ئۇيقۇسىزلىق ئارىسىدا خىرە ئىدى. مىنىڭ روھىممۇ ،جىسمىممۇ ھەقىقەتەن بەكلا چارچاپ كەتكەن ئىدى. مەن پەقەت جىمجىتلىققا ،تولىمۇ نازۇك ،يىقىملىق بىر جىمجىتلىققا مۇھتاج ئىدىم. ئەمما پويىز تاراقلاپ كىتىۋاتاتتى.تاراقلىغان ئاۋاز بەزىدە كۈچىيىپ بەزىدە ئاجىزلايتتى. گويا پويىز ئەشۇ يوغان گەۋدىسى بىلەن مىنىڭ تىنىمنى ئاندىن يۈرۈگۈمنى بىسىپ مىجىپ ئۆتەتتى. مەن مىدىر- سىدىر قىلالمايتتىم. بىچارە يۈرۈگۈم مىجىلىشتىن پارە-پارە بولۇپ ئەتراپقا قانلار چاچراپ ئۆزۈم غەرق قان ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتاتتىم...
     ئاستا پويىز مىنى شۇ ھالەتتە قەشقەرگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويدى.
     بۇ قىتىمقى سەپەردىن مەن شۇنچىلىك نازۇك ھەم جىمغۇر قىز ھالىتىمدە قايتقان ئىدىم.نازۇكلىغىمنى پەقەت ئۆزۈملا بىلەتتىم.ئەتراپىمدىكىلەرگە ، ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىگە پەقەت مىيىغىمدا سۇس كۈلۈمسىرەپلا قوياتتىم. ئۆزۈمنى ئوقۇغۇچىلىرىم ،كىتاپلىرىم بىلەن ئەمەك قىلىشقا تىرىشاتتىم.بەزىدە كىتاپ ئوقۇۋىتىپ ئىچىم تىتىلداپ كەتكەندە كىتاپنى بىر يانغا چۆرۈپلا تاشلايتتىميۇ يەنە قولۇمغا ئىلىپ سۆيۈپ كىتەتتىم. كىتاپلىرىمدىن ،ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ،ئاتا-ئانام،ئۇرۇق –تۇققانلىرىمدىن رايىم يىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ھىچنىمىدىن رەنجىمەسلىككە ،ھىچكىمدىن كۆڭلۈم قالماسلىققا تىرىشاتتىم. بۇ دۇنيادا ھىچكىمدىن رەنجىشكە ھەققىم يوق دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.


ھىجران سەپىرى باشقا تېمىلار
ھىجران سەپىرى (1)ھىجران سەپىرى (2)ھىجران سەپىرى (3)ھىجران سەپىرى (4)