باش بەت / ساقلايمەن

ھىجران سەپىرى (3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-9 13:59 | ئاپتور: رىزۋانگۈل يۈسۈپ | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

تاشكەنتتىكى كۈنلەر

     قەشقەردىن ئايرىلىپ يات بىر ئەلدە ياشاشنى پەقەت ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئەمما تاشكەنت مەن ئۈچۈن يات ،ناتونۇش دۇنيا ئەمەس ئىدى.بۇ شەھەردە مىنىڭ يىقىن ئادەملىرىم –تاغام ،سەردار ھەم سەرۋىنازلار بار ئىدى. يىڭى مۇھىتقا ئۇنچىۋالا تىز ماسلىشىپ كىتەلمەيدىغىنىمغا قارىماي تاشكەنتنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىدىغىنىمنى بىلەتتىم.
     بىز تاشكەنتكە تۇنجى كەلگەن كۈنى سەردارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنى ئاجايىپ قىزغىن كۈتىۋالدى. تاغام ھەم سەرۋىنازنىڭ خوشلىغىغا ھىچنەرسە توغرا كەلمەيتتى.تاغام مىنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ پىشانەمگە سۆيدى.—سەن ماڭا قەشقەرنىڭ ھىدىنى ئىپ كەلدىڭ جىنىم قىزىم –دىگىنىچە ئۇزۇنغىچە قويۇپ بەرمىدى. مەن تاغامنىڭ قولىنىڭ ھەم بەدىنىڭ تىترەۋاتقىنىنى سىزىپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يىرىم بولدىكى يىغلىۋىتىشتىن ئۆزۈمنى ئاران- ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم .رەھىمسىز كىسەل تاغامنىڭ جۇشقۇن ،قىزعىن ھالىتىنى رەھىمسىزلىك بىلەن يۇتۇپ كەتكەن ئىدى . 

     بۇ بەكلا ھەشەمەتلىك قورۇ ئىدى. قورۇ ئىچىنى ھۈپپىدە گۈللەر ،ئالتۇن رەڭلىك مۇخلار ئوراپ تۇراتتى. قورۇنىڭ ئانچە ئىگىز بولمىعان تاملىرى سىلىق كۈلرەڭ تاشلار بىلەن قوپۇرۇلعان بولۇپ بۇككىدە يامىشىپ ئۆسكەن گۈللەر ئارىسىدا شۇقەدەر مەزمۇت ھالەتتە پاقىراپ تۇراتتى.قورۇنىڭ ئوتتۇرسىدا مەرمەر تاشلاردىن قوپۇرۇلعان ھەشەمەتلىك ئىككى قەۋەتلىك ئاق رەڭلىك بىناغا مىھمانحانا ،ئاشحانا ھەم قىيىنئاتا-ئاپامنىڭ ،سەرۋىنازلارنىڭ ھوجرىسى جايلاشقان ئىدى.مىھمانحانا ئالما رەڭلىك ئىسىل سافا ھەم تۇركىيىنيىڭ قىممەت باھالىق گىلەملىرى ،ئاپپاق ئىپەك پەردىلەر بىلەن بىزەلگەن ئىدى. بۇ بىنابىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قۇتىدەك ئەپچىل سىلىنعان ئىككى يۈرۈش ئۆينىڭ بىرىدە سۇبات ئاكاملار يەنە بىرىدە بىز ئولتۇراتتۇق.سۇ ئۈزۈش كۆلچىگى ئاق رەڭلىك بىنانىڭ كەينى تەرىپىگە جايلاشقان ئىدى. بۇ كۆلچەكنىڭ سۈيى شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدىكى سۇدا بۇ قورودىكى بۇككىدە قارىياعاچ دەرىحىنىڭ يوپۇرماقلىرى ئۆزئەينى ئەكىس ئىتەتتى.
    بۇ قورۇ مىنى قەشقەرنىڭ تار كوچىلىرى ،لاي خىش ،لاي سۇۋاقلىق ئۆيلىرىدىن پەرىقلىق ھالدا جىممىدە ھوزۇرلاندۇراتتى.
    سەردار بىز كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئىشقا چۈشتى. ئۇنىڭ تاشكەنىتكە كەلگەندىن كىيىنلا بۆلەكچىلا روھلىنىپ ئىچىلىپ كەتكىنىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ھىس قىلدىم.
     ئاشپەز ئايال ئايشە تاماققا قەۋەتلا ئۇستا ئىدى. ئۇنىڭ ئاشحانا ئۆيدە شىپىرلاپ مىڭىشلىرى بەك كۈلكىلىك ئىدى. ئىغىزى گەپ قىلىپ ،پۇت-قوللىرى ئىشلەپ ھارمايتتى. ئۇ مىنى كىلىن خىنىم دەپ چاقىراتتى. دەسلەپ بۇ گەپ ماڭا شۇنداق كۈلكىلىك تۇيۇلدىكى ئىچىۋاتقان چىيىمنى پۇرقىۋىتىشكە تاسلا قالدىم. كىيىنچە بۇ خىل ئاتاشنى ئۆزۈممۇ ياقتۇرۇپ قالدىم .ئايشەنىڭ ئىيتىشىچە ئۇ سەردارغا ئىنىك ئانا بولغان ئىكەن . سەردار ئۇنىڭ بۇلاقتەك بۇلدۇقلاپ چىقىپلا تۇرىدىغان سۈتىنى ئەمگەچكە مۇشۇنداق بەسىتلىك قاۋۇل ھەم ئەقىللىق چوڭ بوپتۇ. سەردار ئۇنىڭغا كىزىك كىسىلى بىلەن ئاغرىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنىڭ پىراقىنى ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. ئۇ سەردارنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىكەنكى ، بۇ ئائىلىدە قانچىلىك جاپا تارتسۇن ھەم رەنجىسۇن ( ئۇ قىيىن ئاپامنىڭ ئاچچىغىنىڭ يامانلىغىدىن پات-پات رەنجىپ قالىدىكەن) پەقەت سەردار بولغىنى ئۈچۈنلا بۇ ئائىلىدىن كەتمەپتۇ. بۇ ئائىلىگە بارلىق مىھرى-مۇھەببىتىنى بىغىشلاپتۇ. ئەمما ئۆتكەن يىلى ئايشە ئۈچۈن ئىغىر جۇدالىق يىلى بوپتۇ. سەردار ئۆيدىكىلەر بىلەن قەشقەرگە تۇققان يوقلاشقا كىتىپ نەۋرە سىڭلىسىغا ئاشىق پىتىچە قايتىپ كەپتۇ. ئۆيدە بۇ ئىش توغرۇلۇق خىلى تالاش –تارتىش بوپتۇ. ئايسىما خىنىم سەردارغا مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق يىقىن دوستىنىڭ قىزىنى لايىق كۆرۈپ دوستىغا ئىغىز ئىچىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىكەن.ئاخىرقى ھىساپتا سەردارنىڭ ئاتىسى ،ئاكىسى ھەم سىڭلىسى سەرۋىنازغىچە سەردار تەرەپتە تۇرۇپ ئاپىسىنى قايىل قىپتۇ.
     ئايشە بۇلارنى سۆزلەپ بولۇپ – ئاھ ،كىلىن قىزىم ،سىز ئاجايىپ بەخىتلىك . ئايال كىشى ئۈچۈن ئەر تەرىپىدىن سۆيۈلۈشنىڭ ئۆزىلا بەخت –دەپ قۇچاقلاپ پىشانەمگە سۆيگەندە بۇ ئايالنى بۆلەكچىلا ياقتۇرۇپ قالغىنىمنى ھىس قىلدىم. 
     -شۇنىسى قىزىم ،سىزگە ئاچچىغىم بار .سىز سەردارنى قەشقەرگە ئەكىتىۋىلىپ بىزنى ئارماندا قويغىلى تاسلا قالدىڭىز .ھىلىمۇ ياخشى قايتىپ كەلدىڭلار ،بولمىسا سىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيتتىم. – ئايشە شۇلارنى دەپ بوم ئاۋازى بىلەن قاقاقلاپ كۈلگەندە ئاشخانىنىڭ ئىچىدىكى چىنە –تەخسىلەر تىترەپ كەتكەندەك بىلىندى. 
     سەرۋىناز ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن بىلەن مۇڭدىشىشنى ، قىززىق پاراڭلار بىلەن كۈلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئۇ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنى بىرىپ بولۇپلا مىنى تاشكەنىتنىڭ ئەڭ گۈزەل جايلىرىغا ئاپىرىپ تاماششا قىلدۇرۇشقا ۋەدىلەر بىرەتتى.
     سەردارمۇ شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى. بەزىدە يىرىم كىچىلەرگىچە شىركەتنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆرۈش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە سەردارنى ئىشقا ئۇزۇتۇپ قويغىنىمدىن كىيىن يۈرۈگۈمنى تولدۇرۇپ بولغۇسىز بىر غىرىپلىق باساتتى. مەن بۇ تۇيغۇدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ھەر خىل ئىشلار بىلەن ئەمەك قىلىشقا تىرىشاتتىم. ھىلىمۇ ياخشى يىنىمدا مەردان گۇڭۇلداپ ،تايتاڭلاپ يۈرەتتى. ئوغلۇمنىڭ يىغىسى ،كۈلكىسى بىلەن قوشۇلۇپ كۈلەتتىم ،پەپىلەيتتىم.
     بۇ ئائىلىدە ئاسلاندەكلا ئوماق بىر قىزچاق بار ئىدى. بۇ سۇبات ئاكامنىڭ قىزى مەھلىيا ئىدى. ئۈچ ياشلارغا كىرگەن بۇ قىز خۇددى پەرىشتىلەردەكلا چىرايلىق ئىدى. يا سۇبات ئاكامغا يا نىلۇفەرگە ئوخشىمايدىغان سارغۇچ بۈدرە چاچالىرى ،سۈتتە يۇغارغاندەك ئاپپئاق چىرايى كىشىنى ئختىيارسىز ھاڭ-تاڭ قالدۇراتتى. قىزنىڭ يىشىلغا مايىل بوزرەڭ كۆزلىرى كىشىگە مىھىرلىك ،ئاجايىپ يىقىملىق تىكىلەتتى. مەن بۇ قىزنى تۇنجى كۆرگەندە ئاجايىپ ئىھتىيات بىلەن باغرىمغا بىسىپ ئاپئاق يۈزلىرىگە يىنىش-يىنىشلاپ سۆيگەن ئىدىم. بۇ قىز گەپ قىلالمايتتى، ھەم ھىچقانداق ئاۋازنىمۇ ئاڭلىيالمايتتى. ئەمما قىز كۆرگەنلا نەرسىگە ئاجايىپ يىقىملىق ئىنكاس قايتۇراتتى. سۇبات ئاكام بىلەن نىلۇفەر بۇ قىزنى داۋالىتىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالماپتۇ. ئەمما ھەرقانچە ئىلغار تىخنىكىمۇ كار قىلماپتۇ. قۇلىغىغا تىڭشىغۇچ سەپ قويسىمۇ كاردىماپتۇ. دوختۇرلار بۇنىڭ سەۋىۋىنى ھامىلە قورساقتىكى چاغدىلا ئاڭلاش سىزىمىنىڭ يوق بولغىنىدا دەپ دىئاگىنۇز قويۇپتۇ. بۇ قىز ئەمدى ئۆمۈرۋايەت مۇشۇنداق ھالەتتە ئۆتۈشى مۇمكىنكەن.
     بۇلارنى ئاڭلىغان كۈنۈم شۇ كۈننى ئاجايىپ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم. ئەمما ئەتىسى تاڭ سەھەردە قىزچاق ئاپتاپتەك كۈلۈپ مەرداننىڭ قولىنى تۇتقاندا ، خۇددى ئاسلاندەك ماڭا ئەركىلىگەندە قىز كۆزۈمگە راستىنلا پەرىشتىدەك شۇنداق سۆيۈملۈك كۆرۈندى.
     مەھلىياغا ئۆيدىكىلەر ھەممىمىز ئامراقلىق قىلاتتۇق . ئەمما بۇ قىز شۇنچىلىك بىچارە ئىدى. سۇبات ئاكام شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن نىلۇفەرمۇ ئۆز خىزمىتى بىلەن ئالدىراشلا يۈرەتتى. كۈنلەپ-ئايلاپ مەھلىياغا قاراشقا چولىسى تەگمەيتتى. پەقەت قاراكۆزلۈك ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال مەھلىيانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ خەۋەر ئالاتتى. بۇ ئايالنىڭ كۆزىنىڭ قات-قىتىدىن بىر خىل ھەسرەت چىقىپ تۇراتتى. شۇنچىلىك ئىچ مىجەز ئىدىكى بۇ ئايالنىڭ شۇ ھەسرەتلىرىنىڭ سەۋىۋىنى ھىچكىم بىلمەيتتى. مەن بۇ ئۆيگە تۇنجى كەلگەن كۈنى بۇ ئايال قولۇمدىن ئوغلۇمنى ئالغاندا نىمىشقىدۇر يۈرۈگۈم جىغلا قىپ قالغان ئىدى. نىمە ئۈچۈنلىگىنى بىلمەيمەن بەلكىم ئايالنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەسرەت ماڭا شۇنداق تەسىر قىلغاندۇ. 
     مەھلىياغا تۇرۇپ ئىچىم ئاغرىپ قالاتتى. بۇ ئايالنىڭ ئەزەلدىن مەھلىيانى قۇچىغىغا ئىلىپ ئەركىلەتكىنىنى ،مىھىر بىلەن تىكىلگىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇ بىر ئايالغا ،ئانىغا ئەمەس ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خىزمەتكارغا ئوخشايتتى.
     كىيىنكى كۈنلەردە مەھلىيا بىزنىڭ ئۆيگە ئوبدانلا ئىچىكىپ قالدى. مەردان ئىككىسى شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوينايتتى. ئىككى ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان مەردان چۈڭۈلداپ سۆزلەپ بىر نەرسىلەرنى دىسە مەھلىيا گويا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدىغاندەك ئىنكاس قايتۇراتتى. ئۇلار كۈن بويى شۇنداق خۇشال ئوينايتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىغا مەستلىگىم كىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كىتەتتىم. بەزى كۈنلىرى مەھلىيا قۇچۇغىمدىلا ئۇخلاپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا بالىنى ئالغىلى نىلۇفەر ئەمەس بالا باققۇچى ئايال كىلەتتى، بالىنى سوغۇقلا ھالەتتە كۆتۈرۈپ ئىلىپ ماڭاتتى.
     بۇ ئائىلىدە مەھلىيادىن بۆلەك مىھرىم چۈشكەن يەنە بىر نەرسە قورۇ دەرۋازىسىنىڭ يىنىدىكى ناھايتى چوڭ بىر تۈپ سىدە دەرىخى ئىدى. بۇ سىدە دەرىخى مىنىڭ خىيالىمنى قەشقەردىكى ئۆيۈمگە ناھايتى ئاسانلا باغلايتتى. قەشقەردىكى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى سىدە دەرىخى بىلەن بۇ دەرەختىكى ئوخشاشلىق مىنى دەسلەپكى كۈنىلا ھەيران قالدۇرغان ئىدى. بۈككىدە سىدە يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن تالا-تالا چىچىلىپ تۇرغان نۇر شولىلىرىنى تاماششا قىلغىنىمدا ئۆزۈمنى قەشقەردىكى ئۆيۈمدە تۇرغاندەك ھىس قىلاتتىم.
     مەن دەسلەپكى كۈنلىرىمنى مەردان بىلەن مەھلىيانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ،تاغام بىلەن مۇڭدىشىش ،قورۇ ئىچىنى ئايلىنىش ، ئاشخانىغا كىرىپ ئايشەگە ئانچە-مۇنچە قارىشىپ بىرىش بىلەن ئۆتكۈزدۇم. مىنىڭ ئاساسلىق ئىشىم يەنىلا سەردارنى ياخشى كۈتۈش ئىدى.
     مەن ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ سەردارنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتەتتىم. ئۇ ئاخشاملىرى نەۋاققىچە ئىشلىگەچ بالدۇرئويغىتىشقا چىدىمايتتىم. ئۇ يوتقاننى بىلەكلىرى، پۇتلىرى ئارىسىغا قىستۇرۇپ قوشۇمىسىنى سەلگىنە تۈرۈپ پۇشۇلداپ تىنىپ ئۇخلايتتى. ئۇنىڭ ئىشقا بىرىشىغا بىرەر سائەتچە قالغاندا پەردىلەرنى ئاستا قايرىپ ئۇنىڭغا بىشارەت بىرەتتىم . ئۇ يورۇقلۇقنىڭ كۆزلىرىنى چىقىشىدىن ئاستائويغىناتتى. بىر ھازا كىرىلىۋىتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ مەن ئاخشام تەييارلاپ قويغان كىيىملىرىنى كىيىپ تەييار بولاتتى. ئاندىن بىللە ناشتىغا چىقاتتۇق . ناشتىدىن كىيىن ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىلەن قىسقىلا خوشلىشاتتى . مەن ئۇنى تاكى دەرۋازا ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقاتتىم. 
     --كەچۇر ، شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئالدىراش بولغاچقا سىنى ئۇيان-بۇيانلارغا ئاپىرىپ ئوينىتالمىدىم. كىيىنچە شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئىزىغا چۈشكەندە ئوغلۇم بىلەن سىنى قانغۇچە تاماششا قىلدۇرىمەن –دەپ قوياتتى سەردار خىجىللىغىنى ئىپادىلەپ.

     دەرەخ غازاڭلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىغان ئاخىرقى كۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە تاغام شۇنداق تۇيۇقسىز كۆز يۇمدى.ئۇ كۆز يۈمغاندا يىنىدا مەن ،مەردان ھەم مەھلىيا بار ئىدۇق .
     --مىنى قەشقەرگە ئىلىپ كىتىپ يەرلىككە قويۇڭلار ...چوقۇم قەشقەرگە ئىپ كىتىڭلار ---دىدى تاغام ئاخىرقى نەپسىنى تەستە قىسىپ تۇرۇپ .
     مەن ئۇنىڭ سۈتتەك ئاقارغان چىرايىغا قارىغىنىمچە ھاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇ تىخى ھىلىراقتا مەردان بىلەن مەھلىيانى ئەركىلەتكەن ، مەن بىلەن يىقىملىققىنا مۇڭداشقان ئىدى. مەن تاغام بىلەن مۇڭدىشىۋىتىپ بۇ ئائىلىدە تاغام ئىككىمىزنىڭ تۇيغۇلىرىدا شۇنداق ئوخشاشلىق بارلىغىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ھىس قىلغان ئىدىم.
     --مەن تاشكەنىتتە ئولتۇراقلاشقىلى 20نەچچە يىل بولدى ، ئەمما تا ھازىرغىچە چۈش كۆرسەممۇ قەشقەر كوچىلىرىنى ،قەشقەردىكى بالىلىغىمنى چۈشەيمەن...-دىگەن ئىدى تاغام بايىلا . 
     ئۆلۈم بىلەن ھايات دەقىقىلىرىنىڭ ئارىلىغىنىڭ بۇ قەدەر قىسقىلىغىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھىس قىلمىغان بولسام مەڭگۈ چۈشەنمەي ئۆتۈپ كىتەرمىدىم؟ يۇرت مىھرىنىڭ چوڭقۇرلىغىنى تاغامنىڭ سۆزلىرىدىن ، كۆزلىرىدىن ھىس قىلمىغان بولسام يەنە مەڭگۈ ھىس قىلماي ئۆتۈپ كىتەرمىدىم؟..
     تاغامنىڭ ۋەسىيىتىنى ئاڭلاپ ئىككى ئوغۇل دەسلەپ ھەيران قىلىشتى. ئۇلار دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كىتىپلا ئۆزلىرىنى تاشلاپ قەشقەرگە كەتمەكچى بولغىنىنى ئەقىلگە سىغدۇرالمىغاندەك قىلاتتى. ئەمما ئاخىرقى ھىساپتا جەسەتنى يەنىلا قەشقەرگە يۆتكەيدىغان بولدۇق. سەردار، سۇبات ئاكام ،مەن ئۈچىمىز تاغامنىڭ جەسىدىنى ئايرۇپىلانغا جايلاشتۇرۇپ يولغا چىققاندا يۈرۈگۈم ئاجايىپ بىر بىچارىلارچە غىرىپلىققا چۆكتى. تاغامنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ،روھىدىكى غىرىپلىق ماڭا كۆچكەندەك قىلاتتى. سەردارغا قارىغىنىمدا ئۇ دەرىزە سىرتىغا قارىغىنىچە ھاڭۋىقىپ ئولتۇراتتى. ئۇ ئەشۇ تۇرقى بىلەن دادىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى غىرىپلىق تۇيغۇسى تۈگۈل مىنىڭ ۋۇجۇدۇمدىكى غىرىپلىقنى ،بىچارىلىقمنى ، مۇشۇ ھالىتىمدە ئۇنىڭغا نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىگىمنى بىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
     قەشقەرگە مۇسىبەتكە چۆمگەن ھالىتىمدە كەلگۈم يوق ئىدى. ئەمما بىز شۇنداق قايغۇلۇق ھالىتىمىزدە قەشقەرگە چۈشتۇق.
     تاغامنى دەپنە قىلىپ تاشكەنتكە قايتقىنىمدا مەن يەنە تىخىمۇ ئىغىر غىرىپلىق تۇيغۇسىنى ئىلىپ قايتقان ئىدىم. بۇ ئەلۋەتتە تاغامنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرۇپ پەيدا بولغان تۇيغۇ ئەمەس ئىدى. بۇ تۇيغۇلىرىمنىڭ ،روھىمدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كەمتۈكلۈكنىڭ ئورنىنى سەردار ھەتتا ئوغلۇم مەردانمۇ تولدۇرالمايتتى. مەن ئاجايىپ سوغۇقلىشىپ كەتكەن ئىدىم . بۇ سوغۇقلۇق مىجەزىمگىلا ئەمەس چىرايىمغىمۇ تىپىپ چىقاتتى. مەن ئەمدى مەھلىيانى ھەتتا مەرداننىمۇ سۆيۈپ قۇچاقلاپ ئەركىلەتمەيتتىم.
     سەردار مىنىڭ بۇ ھالىتىمگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قوياتتى .ئۈندىمەيتتى .يەنىلا ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى. ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن ئۇنىڭ مىجەزىدىكى يىقىملىقلىق نەگىدۇر غايىپ بولغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ سوغۇققانلىغىغا ھەيران قالاتتىم . ئائىلىمىزدىكى مۇزدەك سوغۇق كەيپىيات كۆڭلۈمنى تىخىمۇ يىرىم قىلاتتى.
     تاشكەنىتنىڭ قىشى قەشقەرنىڭ قىش پەسلىگە ئوخشاشلا سوغۇقى قاتتىق ئەمەس ئىدى. ئەمما شۇنچىلىك مىھرى سوغۇق ئىدىكى ..
     سەردارنىڭ بۇ ئائىلىمىزدىن رايى قايتقاندەك قىلاتتى. ئۇ كۈن-كۈنلەپ سىرتلاردا يۈرەتتى. بەزى كىچىلىرى دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئىچىپ ،قارتائويناپ تاڭ ئاتقۇزاتتى. سەردار بىلەن پاراڭلىشىپ بىقىشنى ،ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن يىقىملىق كۈنلەرنى قايتىلاشنى ئويلايتتىميۇ نىمىشقىدۇر رايىم بارمايتتى.
     مۇشۇنداق سوغۇق كەيپىياتتا بۇ كۇنلەرنى قانداقچە ئۆتكۈزگىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.
     سەرۋىناز تاشكەنىت ئۇنۋىرىستىتىغا ئىمتىھان بىرىپ ئۆتتى. ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

     بىر كۈنى مەن سەردارنىڭ كىيىمىنى رەتلەۋىتىپ ناتونۇشلا بىر ئەتىر پۇرىغىنى سىزىپ قالدىم .مەن ئەزەلدىن بۇنداق پۇرىغى كۈچلۈك ئەتىرلەرنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدىم. سەردار تىخىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ لەۋلىرىدە خۇددى بالىلارنىڭكىدەكلا سەبى تاتلىق بىر كۈلكە بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەشۇ كۈلكىسىنى ياقتۇراتتىم. ئۇنىڭ ئەشۇ ھالىتىدە ئۇنى باشقىچە بىر ھالەتتە ئويلاشقا كۆڭلۈم بارمايتتى. بەلكىم سەزگۈم خاتالاشقاندۇ؟ ئۇنىڭغا بۇندىن كىيىن ئاياللىق سۈپىتىم بىلەن قىزغىن ھەم مۇھەببەتلىك مۇئامىلە قىلىشىم كىرەكتۇ؟ 
     تۇرمۇشۇمغا ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىكنىڭ سايە تاشلىشىنى خالىمايتتىم. ئۆزۈمدىكى غىرىپلىق تۇيغۇسىدىن بىر ئاماللاپ قۇتۇلۇشقا ،ۋۇجۇدۇمدىكى سوغۇقلۇقنى نىرى قىلىشقا تىرىشاتتىم. كۆڭلۈمدىكىنى ئىيتسام ئۇنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەك ئامراقلىق قىلىشىغا ،كۆيۈنىشىگە، ئەركىلىتىشىگە تەشنا ئىدىم. شۇندىلا ۋۇجۇدۇمدىكى قىزغىنلىق ،ئاياللىق خۇلۇقنىڭ ئەسلىگە كىلىدىغىنىنى بىلەتتىم.
     بىر كۈنى سەردارنى ئىزلەپ شىركەتكە بارغىنىمدا ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا سىرىق چاچلىق بىر رۇس ئايالنى كۆردۇم. بۇ ئايال سافادا پۇتلىرىنى ئالماپ شۇنچىلىك بىخىرامان ئولتۇراتتى. بۇ ئايالنى كۆرۈپلا ئىسىمگە گۈپپىدە ناتاشا دىگەن ئىسىم كەلدى. ئۇ شۇمۇدۇ؟ ....
     -بۇ شىركەتكە يىڭىدىن كەلگەن ياردەمچى دىرىكتور –دىدى سەردار سەلگىنا قىزىرىپ تۇرۇپ –ئىسمى ناتاشا. تونۇشۇپ قويۇڭلار! بۇ مىنىڭ خانىمىم ماھىنۇر .
     ناتاشانىڭ قوللىرى مۇزدەك سوغۇق ئىدى.ئۇنىڭ كۆرۈشۈش ئۈچۈن تەڭلىگەن قولىنى بوشلا سىقتىم. ناتاشا چىقىپ كىتىش خىيالىدا يوق قىسقا يوپكىسىدىن چىقىپ تۇرغان ئۇزۇن پۇتلىرىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك پۇلاڭلىتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پاقالچاقلىرى چىرايلىق ئىدى. تۇز ،ئاپئاق بۇ پاقالچاق سەرۋى دەرىخىدەكلا جەلىپكار ئىدى. سەردار رۇس تىلىدا بىر نەرسىلەرنى دىگەندىن كىيىنلا ئۇ ئورنىدىن تۇردى. كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىق چاچلىرىنى يەلپۈتكىنىچە سىلىق يورغىلاپ مىڭىپ چىقىپ كەتتى.
     مەن تىخىچە جايىمدا مىدىرلىماي ئۆرە تۇراتتىم. كاللام شۇنچىلىك قۇرۇق ئىدىكى ئۆزۈمنىڭ سەردارنىڭ ئىشخانىسىغا نىمە ئىش بىلەن بىلەن كەلگىنىمنى دەماللىقتا ئەسلىيەلمىدىم. سەردار نىمە ئىش دىگەندەك قاراپ تۇراتتى. 
     -بۇ يەردىن ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ كىرىپ ئۆتەي دەپلا كىرگەن ئىدىم .ھە راست ، كەچلىك تاماققا ئۆيگە بارىدىغانسىز؟ مەردان سىزنى كۆرمىگىلى نەچچە كۈن بولدى. ئۇ سىزنى كۆرگۈم كەلدى دەپ قەغىشلىق قىلىپ...
     -شۇ گەپمىدى ؟ ماقۇل ،مەن كەچتە ئۆيگە تاماققا باراي. باشقا گەپ بولسا كەچتە ئۆيدە قىلىشايلى. مەن ھازىر سىرتقا چىقىمەن .سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي.
     بىز ماشىنىدىمۇ ئۈن-تۈنسىز مىڭىشتۇق. شۇنچە يىللار ئۆتۇپ ئارىمىزدا دىيىشكىدەك ھىچقانداق گەپنىڭ يوقلىغىغا ھەيران قالدىم. ناتاشا توغرىلىق نىمىلەردۇر سورىغۇم باردەك قىلاتتى. ئەمما نىمە سورىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم.
     -ناتاشا سىزنىڭ ئىلگىركى ساۋاقدىشىڭىز ناتاشا شۇمۇ ؟ مەن ئاخىرى قىينىلىپ تۇرۇپ ئىغىز ئاچتىم.
     ئۇ ھەيران بولغاندەك ماڭا لاپپىدە قارىدى. 
     --سەرۋىناز ئىيتىپ بىرىپتۇدە؟ --دىدى ئۇ. مەن ئۈنچىقمىدىم.
     -- ئۇ توي قىلىپ لىنىنگىراتقا كەتكەن .ھازىر ئۇ يەردىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ قايتىپ كەپتۇ. شىركەتكە دەل بىر دىرىكتور قوبۇل قىلىش زۆرۈر بوپ تۇرغانىدى. ناتاشانىڭ ئىشلىشىگە ئاكاممۇ ھەم باشقا شىركەت مەسئۇللىرىمۇ قوشۇلدى. ئۇ ھازىرچە يىرىم يىللىق سىناقتا ئىشلەيدۇ.
     ئۇنىڭ ماڭا ئەزەلدىن يالغان سۆزلىمەيدىغانلىغىنى بىلەتتىم. ئەمما ناتاشانىڭ قارا سايىدەك سەردارنىڭ يىنىدا پەيدا بولىشى كۆڭلۈمنى شۇنچىلىك غەش قىلىپ قويدى.
     ئۇنىڭسىزمۇ كۆڭۈلسىزلىك سايە تاشلاپ تۇرغان ئائىلىمىزگە يىڭى بىر قارا سايە قوشۇلغان ئىدى. بۇ سايىدىن مەنمۇ ،سەردارمۇ قۇتۇلالمايتتۇق.
     -بۇگۈن× ×شىركىتى بىلەن توختام ئمزالىدۇق –دەيتتى سەردار بەزىدە خوشلىغىنى باسالمىغان ھالدا –سۆھبەت شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولدى. ئەمدى ماللىرىمىز رۇسىيە بازارلىرىغا ئوڭۇشلۇق كىرەلەيدىغان بولدى. 
     -بۇ ناتاشانىڭ تۆھپىسىمۇ قانداق ؟
     -ھەئە ، ناتاشا سۆھبەتلىشىشكە شۇنچىلىك ماھىر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىساد ئىلمىدە ئوقۇغان ئەمەسمۇ؟- ئۇ مۇشۇنداق ئوچۇقلا جاۋاپ بىرەتتى.
     بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا ،سەردار بىلەن ناتاشا توغرىلىق ھەرقانداق خىياللارنى قىلىشقا ھەققىم يوق دەپ ئويلايتتىم.
شىركەتنىڭ بەزى كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىگە سەردار بىلەن بىللە بارغىنىمدا ناتاشانىڭ توزدەك ياسانغىنىچە سەردارنىڭ ئەتراپىدىلا چۆرگىلەپ يۈرۈيدىغىنىنى كۆرەتتىم. ئۇ ئالتۇنرەڭ چاچلىرىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك پات-پات سىلكىپ قوياتتى. سۈرمە سۈرۈلگەن كۆكۈچ كۆزلىرىنى ئەرلەردىن بولۇپمۇ سەرداردىن ئۈزمەيتتى.
     ئاياللىق سەزگۈم بىلەن سەردارنىڭ ناتاشا تەرەپكە ئىغىۋاتقىنى ھىس قىلاتتىم. ناتاشانىڭ سىھرى كۈچى ئالدىدا سەردارنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببەت ئوتلىرى قايتىدىن يالقۇنجاپ يىنىشقا باشلىغاندەك قىلاتتى. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە ھەيران ئىدىم .ھەممىنى بىلىپ ،ھىس قىلىپ تۇرۇپمۇ گويا ئۇ ئىشلار مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك ،قىززىق تاماششا كۆرىۋاتقاندەك جىممىدە ئىپادىسىز ھالەتتە تۇراتتىم.
     سەردارنى ياخشى كۆرەتتىم ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى خالىمايتتىم. ئەمما ئۆزۈممۇ قوبۇل قىلالمىغىدەك دەرىجىدىكى سوغۇقلۇق بىلەن ئۇنى ئۆزۈمدىن يىراقلاشتۇرغان ئىدىم. نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئەمدى قايتا ئەسلىگە كەلمەيدىغىنى ئاستا-ئاستا ھىس قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. سەردارنىڭ ماڭا بەزىدە ئارتۇقچە بىلىنگەن ئامراقلىقلىرى، قۇچىغىدىن ئاجراش ئۈچۈن تىركەشكەنلىرىمنى ئەسلەيتتىم. ئەمدى ئويلىسام مەن ئەسلىدە شۇنداق قىزغىنلىققا ، ئەسەبىلەرچە قۇچاقلاشقا تەشنائىكەنمەن. سەردارنىڭ مىنى نەقەدەر قىزغىنلىق بىلەن ياخشى كۆرگىنىنى ئويلىسام يۇرۇگۇم يەنىلا ئالەمچە بەختىيارلىققا تولاتتى. ئەمما مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۇ كۈتكەن مۇھەببەتنى ،قىزغىنلىقنى بىرەلىدىممۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن . بەلكىم سوغۇق مىجەزىم بىلەن ئۇنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن رەت قىلغاندۇرمەن . ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك نازۇككى ... مەن بۇنى بۇرۇنراق ھىس قىلىشىم ،بۇرۇنراق بىلىشىم كىرەك ئىدى.

     ناتاشا سەردارنى تولۇقى بىلەن تارتىپ كەتتى. سەرداربىلەن ئارىمىزدا نىكاھتىن بولەك ھىچنەرسە قالمىغاندەك قىلاتتى. مەن بۇنى بەكلا ئىنىق بىلىپ تۇراتتىم. بۇ سىرىق ئاسلان بەزىدە تەپ تارتماستىن يىرىم كىچىدە تىلىفۇن قىلىپ سەردارنى چاقىرىپ ئىپ كىتەتتى. سەردارنىڭ شۇنچىلىك بىخىرامان ھالدا چىقىپ كىتىۋاتقىنىغا ئاجايىپ بىر ئىچكى ئاچچىق ئىچىدە قاراپ تۇراتتىم. سەرداردىن نەدە نىمەئىش قىلىۋاتقىنىنى سوراشنى خالىمايتتىم . ئۇنىڭ ئىنىقلا قىلىپ ئۆزىنىڭ ناتاشا بىلەن بىللە ئىكەنلىگىنى ئىيتىدىغىنىنى بىلەتتىم.

     مەردان دادىسىغا بەكلا ئامراق ئىدى. ئاتا- بالا ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە مىھرىنىڭ شۇنچە چوڭقۇرلىغىنى بارغانسىرى ئىنىق ھىس قىلاتتىم .سەردار يىرىم كىچىدە كەلسىمۇ ئوغلىنىڭ ھوجرىسىغا بىر كىرىپ ئوغلىنى كۆرىۋىلىپ چىقمىسا كۆزىگە ئۇيقۇ كىرمەيتتى. مەردانمۇ ئويغىنىپلا دادىسىنى ئىزدەيتتى. بولۇپمۇ يىقىندىن بۇيان ئۇنىڭ كۆڭلى گويا بىر نەرسىلەرنى تۇيغاندەك دادىسى ئۆيگە كەلسىلا قۇچىغىغا چىقىۋىلىپ چۈشكىلى ئۇنىمايتتى. سەردارنى بۇ ئائىلىگە مەرداننىڭ مىھرىلا باغلاپ تۇرىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم. سەردار ئاجرىشىش توغرىسىدا پەقەت ئىغىز ئاچمىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلمەيتتىم. بەلكىم ئۇ مىنىڭ كۆڭلۈمنى ، ئەڭ مۇھىمى ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ يۈرگەندۇ. مىنىڭمۇ ئاجرىشىشنى ئىغىزغا ئالغۇم ھەم خىيال قىلغۇممۇ يوق ئىدى. مەرداننى ئىلىپلا قەشقەرگە كىتىشنى خىيال قىلاتتىميۇ ئاتا-بالا ئىككىسىنى ئايرىۋىتىشكە كۆڭلۈم قويمايتتى.
     ئۆزۈمنىڭ بۇ دىلغۇل مىجەزىمگە شۇنداق ئۆچ بولدۇم .ئاخىرى پەقەت بەرداشلىق بىرەلمىدىم . بىر كۈنى تاڭ سەھەردە سەردار تىخى ئويغانماستا مەرداننى كۆتۈرگىنىمچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. تاشكەنتتە ئەلۋەتتە بارىدىغان يىرىم يوق ئىدى. ئۇدۇل ئايرۇدۇرۇمغا باردىم .شۇ كۈنلۈك ئايرۇپىلان بىلىتىنى قىممەت باھادا سىتىۋىلىپ قەشقەرگە قاراپ ئۇچتۇم.


ھىجران سەپىرى باشقا تېمىلار
ھىجران سەپىرى (1)ھىجران سەپىرى (2)ھىجران سەپىرى (3)ھىجران سەپىرى (4)