باش بەت / ساقلايمەن

ھىجران سەپىرى (2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-9 13:33 | ئاپتور: رىزۋانگۈل يۈسۈپ | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

     ئۆيىمىزگە تاشكەنىتتىن مىھمان كەلدى. بۇ مىھمانلار مەن پەقەت ئائىلىمىزنىڭ ئەلبۇمىدىنلا كۆرۈپ تونۇغان تاغام ھەم ئائىلىسىدىكىلەر ئىدى. مومامنىڭ تۇرۇپ-تۇرۇپ سۇلغۇنلىشىپ قالىدىغان چىرايى ئەمدىلىكتە ئاپتاپتەك ئىچىلىپ كەتكەن ئىدى. بۇگۈننىڭ مومامنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ خوشاللىق كۈن بولىدىغىنىغا شەكسىز ئىشىنەتتىم.بىچارە مومامنىڭ خوشاللىقتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويىشىدىن ھەممىمىز ئەندىشە قىلاتتۇق.
     ئۆيىمىز بايرام شاتلىغىغا چۆمگەن ئىدى .ھەممىمىز مىھمانلارنى كۈتۈش ئۈچۈن پاي-پىتەك بولۇپ يۈرەتتۇق.. تاغامنى چوڭ سودىگەر دەپ ئاڭلايتتىم. ئۆز ۋاقتىدا قىيىنئاتىسىنىڭ شىركىتىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر كەتكەنچە يىگىرمە نەچچە يىلنى يات شەھەردە ئۆتكۈزگەن ئىدى.
     تاغام دادامغا قارىغاندا ياش ھەم سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى.مىجەزى خۇشخۇي ھەم ئوچۈق ئىدى. ئۇنىڭ بىر ئۆمۇر راھەتتە ياشىغىنى بىلىنىپلا تۇراتتى. دادام ئاكىسىنىڭ ئەكسىچە چاچلىرى چۈشۈپ كەتكەن تاقىر باش بوۋاي سۈپەت ئىدى. دادام خەلق ھۆكۈمەتتە ئوتتۇز يىلغا يىقىن كاتىپلىق قىلىپ يۈرگەن ئىدى. ھازىرمۇ ئىدارىسىغا بارساملا دادامنى بىر دۆۋە ماتىرياللار ئارىسىدا ئىزىلىپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرەتتىم. مۇشۇ چاققىچە دادامنىڭ بۇ قەدەر بىچارە ھالىتىنى ،بىچارە تۇرمۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. 
     تاغام مىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. –توۋا ،مەن تاشكەنىتكە ماڭغاندا سەن تىخى يىشىڭغىمۇ توشمىغان ئىدىڭ .شۇنداق بۇدرۇق قىز ئىدىڭ .مەن قۇچىغىمغا ئالساملا سىيىۋىتەتتىڭ –دەپ ئەركىلەتتى تاغام پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ .مەن بۇ گەپتىن يۈزۈمنى تۇتىۋىلىپ كۈلۈپ كەتتىم.
     --ئاكاڭ سەردار بىلەن سىڭلىڭ سەرۋىنازغا ئەتىدىن باشلاپ قەشقەرنى كۆرسەت .ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ بۇلۇڭ –پۇچقاقلىرىغىچە كۆرسۇن .تازا قانغىچە كۆرىۋالسۇن.
     سەردار بىلەن باش لىڭشىتىپلا سالاملاشتۇق .مەن ئۇنىڭ سۇرىتىنى كۆرگەن ئىدىم. ئەمما ئۇ سۈرەتكە قارىغاندا تىخىمۇ تولغان ھەم قاملاشقان ئىدى. سەرۋىناز ئاپىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان دۇپ-دوگىلەك كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان قىز ئىدى. 17 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ قىز تىخىچە كىچىك قىزلاردەك ئەركە ،يىقىملىق ،ئوماق ئىدى.
     ئۇلارنىڭ ئاپىسى ئايسىما خىنىم تولغان ، يۈزلىرى سۈتتە يۇغاندەك ئاپئاق بەكلا چىرايلىق ئايال ئىدى. تاغام ھەم قىزىنىڭ ئەكسىچە كۈلكە بۇ ئايال ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتتەك قىلاتتى. ئەمما تەلەتى سورۇن ئەمەس ئىدى. تاسادىبى كۈلگەنلىرىدە تۇتۇق ھاۋادا قۇياش پارلىغاندەك چىھرى نۇرلىنىپ كىتەتتى.
     ئاپىسى بىلەن سەردارنىڭ مىجەزى ئوخشىشىپ قالىدىغاندەك قىلاتتى. ئەمما سەردارنىڭ سالاپىتى، چىراي-تۇرقى دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى.شۇڭىمىكىن تاغام بۇ ئوغلىغا بەكراق ئامراقتەك قىلاتتى. 
     ئەتىسىدىن باشلاپ تۇققانلار ئارىسىدا مىھماندارچىلىق باشلىنىپ كەتتى. تەتىل بولغاچ مەنمۇ تاغاملار بىلەن ئۆي-ئۆيلەرگە باراتتىم.سەرۋىناز بىلەن تىزلا چىقىشىپ قالدىم. بۇ قىز ئۆزىنىڭ شوخلىغى ،يىقىملىقلىغى بىلەن مىنى شاتلاندۇراتتى. ئاخشاملىرى ھوجرامدا ئىككىمىز بىللە ياتقانلىرىمىزدا ئۇ ئاكىلىرى ھەم دوستلىرى توغرىلىق سۆزلەپ ھارمايتتى.بەزىدە مىنى قىچىقلاپ تىلىقتۇراتتى.
     ئۇ چوڭ ئاكىسى سۇباتنى ھاكاۋۇر خوتۇنىدىن قورقىدىغىنى ئۈچۈنلا ئانچە كۆزگە ئىلمايدىكەن .سۇباتنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى نىلۇفەر بولۇپ قايسبىر داڭلىق ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسىكەن . تىخى يىقىندىلا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن بۇ ئايال ئۆزىنى سەل چوڭ تۇتىدىكەن.تىخى بەزىدە سەرۋىنازغا تەنبىھ بىرىپمۇ قويىدىكەن. سەرۋىنازنىڭغۇ بۇ ئايال ئالدىدا گەپتە قىسىلىدىغان يىرى يوقكەن ،ئەمما ئاكىسى ھەر قاچان ئايالى تەرەپتە تۇرۇپ ،--يەڭگەڭنىڭ دىگىنى توغرا ،ئۇمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەيدۇ –دىگىنى ئۈچۈنلا ئۇ ئۈن چىقارماي تۇرۇپ قالىدىكەن. ئەمما كۆڭلىدە شۇنداق ئاچچىقى كىلىدىكەنكى نەچچە ۋاقىتقىچە ئاكىسىنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ رايى بارماي ئۆتۇپ كىتىدىكەن. ھىلىمۇ ياخشى بۇ قىتىم نىلۇفەر ئىككى قات بولغىنى ئۈچۈنلا بۇ سەپەردىن قىپ قاپتۇ. بولمىسا ئائىلىدىكى ھەممەيلەن دوكتۇر كىلىننىڭ كۆزىگە قاراپ ،سىقىلىش ئىچىدە مىھماندارچىلىق مىھماندارچىلىق بولماي قالاتتىكەن.
سەرۋىناز سەردار ئاكىسىنى ئاجايىپ ياخشى تەرىپلەيتتى.
     --ئاكامدەك قاملاشقان ،ئىسىل يىگىتلەر تاشكەنتتىمۇ جىق ئەمەس –دەيتتى ئۇ –ئاكامنى قوغلىشىدىغان قىزلار بەكلا كۆپ ،راستلا . ئاكام نىمىشقىدۇر بىرەرسىنىمۇ ياراتماي يۈرۈيدۇ. ئاكامنىڭ كۆڭلىدە نىمە ئويى بارلىغىنى بىلگىلى بولمايدۇ . ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالالايدۇ. ئاجايىپ ئەقىللىق.
     ئاكام تاشكەنت ئۇنۋىرستتىتىدا ئوقۇۋاتقىنىدا ناتاشا ئىسىملىك بىر قىز دوستى بولىدىغان . ئالتۇن چاچلىق رۇس قىزى ئىدى.ئاتام بىر قىتىم بەكلا قاتتىق ئاچچىقلاپ كەتتى. شۇندىن كىيىن ناتاشا ئۈن-تۈنسىز يوقاپ كەتتى. كىيىن ئاكامنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە ئۇ ئوقۇش پۇتتۇرۇپ لېنىنگىراتقا كىتىپتۇ. بىر رۇس يىگىتى بىلەن توي قىپتۇ. ئاكامنىڭ شۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغىنىغا قارىغاندا شۇ قىزغا كۆڭلى باركەنتۇق. لىكن ئاتام ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا بەرىبىر قوشۇلمايتتى.
     سەرۋىناز يەنە ئۆزى توغرىلىق سۆزلەپ بىرىشكىمۇ ئامراق ئىدى. 
    ئاتىسىنىڭ ھىلىقى ئاچچىغىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇ ئۆزىنى قوغلاشقان رۇس يىگىتلىرىگە كۆز قىرىنى سىلىپمۇ قويمايدىكەن .كۆز ئەينەك تاقىۋىلىپ كىتاپتىن باش كۆتۈرمەيدىغان يىگىتلەرگە تىخىمۇ قارار كۆزى يوق ئىكەن . ئۇنىڭ بىلەن بىر يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئەلى ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالا بىلەن كۈندە نەچچە رەت تاسادىبى ئۇچرىشىپ قالىدىكەنيۇ بۇ بالا ئۇنىڭدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن .سەۋەۋى ئەلىنىڭ ئاتا- ئانىسى خىزمەتچى بولغاچ ئۆزىنى باي ئائىلىسىنىڭ بۇ ئەتىۋارلىق قىزىغا لايىق ئەمەس دەپ قارايدىكەن. ئۇ شۇنداق غۇرۇرلۇق ئىكەنكى سەرۋىنازنىڭ ھەرقانداق ياردىمى ياكى تەكلىۋىنى رەت قىلىدىكەن. ئەمما سەرۋىناز مەكتەپتە ياكى سىرىتتا بىرەر ئىشقا ئۇچراپ قالسا ئۇ يەردىن ئۈنگەندەكلا پەيدا بولۇپ ئۇنى جان تىكىپ قوغدايدىكەن.
     بىر قىتىم بەكلا قىززىق ئىش يۈز بىرىپتۇ. سەرۋىناز چۈشلۈك تەنەپپۇس ۋاقتىدا بىر رۇس يىگىتى بىلەن تاكاللىشىپ قاپتۇ. تاماق يەيدىغان چوڭ زالدا پۇتۇن ئوقۇغۇچىلار تاماق يەۋاتقان ئىكەن .ھىلىقى رۇس يىگىتى قەستەن سۈركىشىپلا سەرۋىنازنىڭ تاماق قاچىسىنى يەرگە چۈشۈرۋىتىپتۇ. بۇ يىگىت سەرۋىنازنى قوغلىشىپ بۇرنىغا يىگەنلەردىن بىرىكەن . سەرۋىناز ئاچچىغىدا يىگىتكە بىر شاپىلاق ساپتۇ. يىگىت سەرۋىنازنى ئۇرۇشقا قول كۆتۈرۈپتۇيۇ شۇنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاراپ تۇرىۋاتقانلىغىدىن ئەيمىنىپ قول تەككۈزەلمەپتۇ. ئەمما بەكلا قوپال سۆز بىلەن ھاقارەتلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى تىللىشىپ كىتىپتۇ. شۇ چاغدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئەلى پەيدا بوپتۇ. ئۇ رۇس يىگىتىنىڭ ئالدىغا ئىتىلىپلا كەپتۇ. رۇس يىگىتى مەڭدەپ تۇرۇپلا قاپتۇ. ئەلى بىر قىزنى ھاقارەتلىگىنىڭ ئۈچۈن مانا ئەمىسە دەپ رۇس يىگىتىنى تازا ئەدەپلەپتۇ.
     رۇس يىگىتىنىڭ دادىسى ھۆكۈمەت پارلامىت ئەزاسىكەن .ئىش چىڭغا چىقىپ ئەلى مەكتەپتىن قوغلىنىشقا تاسلا قاپتۇ. ھىلىمۇ ياخشى ھىلىقى رۇس مەرتلىك قىپتۇ. بىز بىر قىز ئۈچۈن مۇشلاشتۇق، بۇ ئۆزىمىزنىڭ شەخسى ئىشى دەپ تۇرىۋاپتۇ.
     سەرۋىناز بۇ ئىشلارنى ئاجايىپ زوق- شوخ بىلەن سۆزلەپ بەردى..ئىككى يىگىتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشلاشقىنى مەكتەپكە پۇر كىتىپتۇ. قىزلار سەرۋىنازغا باشقىچە نەزەر بىلەن قارىشىدىغان بوپتۇ. ئەمما سەرۋىنازنىڭ پەرۋايى پەلەك ئىكەن .شۇ كۈندىن ئىتىبارەن ئۇ ئەلىنى چىن قەلبىدىن تىخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ.
ئەلى بويلىرى ئىگىز بەكلا قاملاشقان يىگىت ئىكەن .مەكتەپ ۋاسكىتبول ئەترىدىنىڭ ئەزاسىكەن .ئۇنىڭ قاملاشقان بەستىگە، ۋاسكىتبول ئويناشلىرىغا مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ ھەۋەس قىلمايدىغىنى يوق ئىكەن . ئەلى ۋاسكىتبول ئويناۋىتىپ شۇنچە قىزلار نىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان سەرۋىنازغا مۇنداقلا قاراپ قويىدىكەن ياكى باش لىڭشىتىپ كۈلۈپ قويىدىكەن . سەرۋىناز ئۇنىڭ ئەشۇ قاراشلىرى ،تولىمۇ قىممەتلىك كۈلكىسى ئۈچۈن پۇتۇن دۇنيانى تىگىشىشكە رازى ئىكەن.
     سەرۋىناز ماڭا ئەلىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئۇ چىرايىدىن تۈرگۈنلىگى چىقىپ تۇرىدىغان قاملاشقان يىگىت ئىدى. ئۇ ئەشۇ ۋەزمىن تۇرقى بىلەن سەرۋىنازنىڭ شوخلۇقلىرى ، ئەركىلەشلىرىنى جىممىدە تاماششا قىلىدىغان ئاتىغا ئوخشايتتى. 
     مەن سەرۋىنازنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسىغا ،ھىسسىياتچان ئاۋازىغا جىممىدە قۇلاق سالاتتىم . گويا مۇھەببەت ، ياخشى كۆرۈش دىگەنلەر مەن ئۈچۈن ياتلا بىر ئىبارىدەك يۈرۈگۈمدە ھىچقانداق قىزىقىش ،ھاياجان ھەتتا قىزغىنىشمۇ قوزغىتالمايتتى. گويا بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەر ماڭا مۇناسىۋەتسىزدەكلا قىلاتتى.

     سەرۋىناز بىلەن سەردارنى قەشقەر شەھرىنىڭ بۇلۇڭ –پۇچقاق كوچىلىرىنى ھەم گۈزەل مەنزىرىلىك جايلىرىنى ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىش ۋەزىپەمنى ئۇنتۇمىغان ئىدىم . ئۇلار پۇرسەت بولسىلا شەھەرنى ئايلىنىشقا ئالدىرايتتى. مەن ئۇلارنى باشلاپ چىققىنىمدا ئۇلار سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەچ ئۇلارنىڭ قىزىقىش ئىچىدىكى ھاياجانلىرىغا جىممىدە قاراپ تۇراتتىم .
     دەرۋازىدىن چىقىشىمىزغىلا سەرۋىناز پەلەمپەيلەردىن تاقلاپ- سەكرەپ دىگۈدەك بىر دەمدە پەسكە چۈشۈپ بىزنى ساقلاپ تۇراتتى. سەردار گويا پەشتاقلارنى ساناۋاتقاندەك ئالدىرىماي ۋەزمىن ھالەتتە چۈشەتتى. بۇ يەردىن قانداق ھالەتتە چۈشۈش مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. مەن پەقەت رايىشلىق بىلەن ئۇلارغا ماسلىشاتتىم.
     سەردار ئۆستەڭ بويى كوچىسى بىلەن ھىيىتگاھ جامەسى ئەتراپىنى ئايلىنىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئەتراپتىكى ھەممىلا نەرسىگە جىممىدە ئەمما ئاجايىپ زوقلىنىش نەزىرى بىلەن دىققەت قىلاتتى. چالغۇ ئەسۋاپلىرى دۇكىنىدا سائەت- سائەتلەپ ئۇلارنىڭ ھۈنەر قىلىشىغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ساز-ناخشىلىرىنى ئاجايىپ ئىشتىياق بىلەن ئاڭلايتتى. ھۈنەرۋەنلەرقولدا ئىشلىگەن نەپىس بۇيۇملارغا قاراپ-قاراپ تويمايتتى.
     بىر كۈنى ئۇ ئۆستەڭ بويى كوچىسىنى ئارىلاپ كىتىۋىتىپ بىر زىبۇ-زىننەت قۇتىسىنى قىممەت باھادا سىتىۋالدى.بۇ قۇتا چۆرىسىگە قىپ-قىزىل جۇلالىق ياقۇتلار تىزىلغان بەكلا نەپس ياسالغان ئىدى. 
     -ئىلىڭ ،سىزگە سوۋغا قىلاي !—دەپلا قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ئۇ.
     مەن مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم.
     بەك چىرايلىق قۇتىكەن ، كۆزۈم چۈشكەچكىلا سىتىۋالدىم. سىتىۋىلىپ قارىسام بۇ نەپس بۇيۇم پەقەت سىزگىلا لايىقكەن –دىدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ.
     مەن قۇتىنى سەرۋىنازغا تۇتقۇزۇپ قويىۋىدىم .ئۇ ئىللا-بىللا ئالغىلى ئۇنىمىدى.
     --قوبۇل قىلمىسىڭىز رەنجىپ قالىمەن –دىدى سەردار ئاجايىپلا بىر ئاۋازدا. 
     رايىشلىق بىلەن قۇتىنى سومكامغا سالدىم. ئۈچىمىز ھىيىتگاھ جامەسىنى ئايلىنىپ پىيادىلەر يولىنى بويلاپ كۆل بويىغا قاراپ ماڭدۇق .
     سەرۋىناز كۆل بويدا ئايلىنىشقا ئامراق ئىدى. ئۇ كۆل بويىغا كەلسىلا شوخلۇق ،كۈلگۈنچەكلىگىنى ئۇنتۇپ شۇنچىلىك جىمجىت خىيالچان بوپ قالاتتى. مەن ئۇنىڭ ھالىتىگە قاراپ يىگىتىنى ئەسلەپ قالغىنىنى بىلىپ قالاتتىم. 
     سەرۋىناز ئۆز خىيالىچە ،سەردار ئىككىمىزمۇ ئۆز خىيالىمىزچە كۆل بويىنى تاماششا قىلاتتۇق. كۆلدە ئاققۇلار ئۈزۈپ يۈرەتتى. سۇپ- سۈزۈك ئاسمان بىتى كۆل يۈزىدە ئۆز ئەينى جىلۋە قىلاتتى.
     سەردارنىڭ شۇنچىلىك جىمغۇرلىغىغا ھەيران ئىدىم.ئەمما ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئاجايىپ ھىس –تۇيغۇغا بايلىغىنى ھىس قىلاتتىم. ئۇ ئۆزىنى ۋەزمىن تۇتقانسىرى ھىس-تۇيغۇسىدىكى ئۆزگىرىش ناھايتى تىزلا چىرايىغا چىقىپ قالاتتى. ئۇ ھاياجانلانسا ،شاتلانسا كۆزلىرىدە ئاجايىپ يارقىن بىر نۇر لىپ قىلىپ ياناتتى. بەزىدە يۈزى لاپپىدە قىزىرىپ يەنە تىزلا ئەسلىگە كىلەتتى.
     ---مەن قەشقەرنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم –دىدى ئۇ كۆلدىن كۆزىنى ئۈزمەي . 
     --كۆل بويىنىمۇ ؟--دەپ سورىدىم مەن.
     --ياق، ھەممە يىرىنى –دىدى ئۇ .
     مەن كۈلۈمسىرىدىم ،ئۇمۇ ماڭا قاراپ كۈلدى.ئۇنىڭ چىھرىسىدە قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرى جىلۋىلىنەتتى.
     سەرۋىناز ئۆز خىيالى بىلەن ئالدىمىزدىراق جىمجىت كىتىپ باراتتى. ئۇ چوقۇم خىيالىدا كۆل بويىدا يىگىتى بىلەن بىللە سەيلى قىلىۋاتاتتتى . ئۇنىڭ تاتلىق خىياللىرىنى بۆلمەسلىك ئۈچۈن قەدىمىمنى تىخىمۇ ئاستىلاتتىم .
     كۆل تەرەپتىن تولىمۇ سالقىن مەيىن شامال كىلەتتى. شامال چاچلىرىمنى توزغۇتۇپ يەلپۈتەتتى. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ تۇرقۇمنى ياقتۇراتتىم ،ئۆز خىيالىمدا بۇ ھالىتىمدە بەك چىرايلىق بوپ كىتەتتىم .مەن كىتىۋىتىپ سەردارنىڭ ماڭا قاراپ-قاراپ قويىۋاتقىنىنى سەزدىم.بىردىنلا ئۆزۈمنى سەل مۇزلىغاندەك ھىس قىلدىم. 
     --توۋا ، توڭۇپ كىتىۋاتىمەن –دىدىم مەن ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلاپ .
     سەردار كۈلۈپ قويدى ، ئاندىن ئىتتىكلا ئوڭ يىنىمغا ئۆتتى.
     --سىزنى شامالدىن دالدا قىپ ماڭاي—دىدىئۇ.
     بىز ئۈن –تۈنسىز مىڭىشقا باشلىدۇق.
     خىيالىمدا قانداقتۇر بىر نەرسىلەر باردەك ،كۆل بويى ماڭا نىمىدىدۇر ئەسلەتمەكچىدەك قىلاتتى.ئەمما مەن ھىچنەرسىنى ئەسلەشنى ،ئۆتكەن كۈنلىرىم توغرىلىق ھەچنەرسىنى ئويلاشنى خالىمايتتىم. ئوتكەن ھەممە ئىشلار مىنىڭ ھىسسىياتچان ئۆتمۈشۈمگە تەۋە ئىدى. 
     سەردارغا قارىدىم .ئۇمۇ ماڭا قارىدى.مەن كۇلۇپ قويدۇم.ماڭا ئۇ كىچىگىمدىن ناتونۇش ئىدى، مەن پەقەت سۈرەتلەردىن ئۇنىڭ بالىلىقتىكى چىرايىنىلا كۆرگەن ئىدىم.ھەم ئۇنىڭ شۇ تۇرقىنىلا تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم.
     --سىز سۈرەتلىرىڭىزدىكى تۇرقىڭىزغا پەقەت ئوخشىمايدىكەنسىز –دىدىم ئۇنىڭغا.
     --ھە ،شۇنداقمۇ ؟ قانداقسىگە؟
     --سۈرەتلىرىڭىزدە سىز مەسۇم سەبىئى بىر بالىغا ئوخشايدىكەنسىز .تىخى يىقىنقى سۈرەتلىرىڭىزمۇ شۇنداق .چىرايىڭىزدا سۇس سەبىئىي كۈلكە بار . كۆزىڭىزدىمۇ شۇ.
     --نىمىشقىكىن ئۇقمايمەن . سۈرەتكە چۈشسەملا شۇنداق بالا چىراي چۈشۈپ قالىدىكەنمەن. ئۆزۈمغۇ چوڭلا بىر ئەر بولمىسا. 
     --سىزنىڭ يۈرۈگىڭىزدىكى بالىلىق چىرايىڭىزغا چىقىپ قالىدىكەن . ئادەم قەلبىدە بالىلىقنى ساقلاپ قالماق بەك تەس.
     --شۇنداقمۇ ؟--سەردار ماڭا قاراپ كۈلدى.—مەنمۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى بالىلىغىڭىزنى ھىس قىپ باقسام دەيمەن.
     مەن ئۈنچىقمىدىم . ئەمما سەردارنىڭ ئەشۇ سۆزى بىلەن قەلبىمدىكى بالىلىقمنى جىمجىتلا ئىزدەشكە باشلىدىم. مەندە پەقەت بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەر بار ئىدى. ئەمما يۈرۈگۈمدە بالىلىق تۇيغۇلىرىمدىن ئىزنامۇ قالمىغان ئىدى. كۆڭلۈم شۇ قەدەر يىرىم بولدى . مەندىن جاۋاپ كۈتۈپ قاراۋاتقان سەردارغا قاراپ مەندە بالىلىق تۇيغۇلىرى يوق دىگەن مەنىدە بىشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم.
     سەرداردا ئىسىلزادىلەرگە خاس بىر خاراكتىر بار ئىدى. ئۇ ھىچنىمىنى ،ھىچئىشنى كوچىلاپ ،ئىنچىكىلەپ سورىمايتتى، ئەمما تاسادىبىلا ئىيتىپ تاشلىغان بىرەر جۈملە سۆز ۋە ياكى جىمجىتلىقتىن ئۇ ھەممىنى بىلىپ بولىدىغاندەكلا قىلاتتى.

     تەتىلدىن تۇنجى يىغىلغان كۈنۈم بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. سەردار بىلەن سەرۋىنازلار ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە بۇلاق بىشى كوچىسىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىققا باراتتى. 
     سەرۋىناز مىنىڭ مۇئەللىملىگىمگە بەك ھەۋەس قىلاتتى. تاشكەننىتتە مۇئەللىمە قىزلار خىزمەت سومكىسىنى كۆتۈرۈپ تاقىلداپ مىڭىشسا ھەممەيلەن ھەۋەستە قارايدىكەن . سەرۋىنازنىڭ مەكتىپىدە نىجات ئىسىملىك بەكلا قاملاشقان بىر مۇئەللىم بار ئىكەن ،دۇنيا تارىخىدىن دەرىس سۆزلەيدىكەن.بۇ مۇئەللىمنىڭ دەرسى بار چاغدا سىنىپ لىققىدە قىزلار بىلەن تولۇپ كىتىدىكەن. قىزلار مۇئەللىمنڭ دەرسىدىن كۆرە قاملاشقان تەققى- تۇرقىنى تاماششا قىلىش ئۈچۈن كىرىدىكەن. نىجات مۇئەللىمىنڭ قىز دوستىمۇ شۇ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمەسىكەن . بويلىرى ئىگىز ،قوڭۇر چاچلىرى يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان بۇ مۇئەللىمە قىزلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايدىكەن. بۇ بىر جۈپلەر بىللە ماڭسا پۈتۈن مەكتەپتىكىلەرنىڭ كۆزى ئۇلاردا قالىدىكەن.

      ئىشتىن چۈشۈپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىققىنىمدا دەرۋازا ئالدىدا مىنى كۈتۈپ تۇرغان سەردارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.
     --قانداق كەلدىڭىز؟--ئىتتىكلا سورىدىم ھەيرانلىغىمنى يوشۇلالمىغان ھالدا.
     --تاكسىغا چۈشۈپ 9-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇڭ دىۋىدىم ئەكىلىپلا قويدىغۇ . مۇئەللىمە قىزلارنى كۆرۈپ باقاي دىۋىدىم. – دىدى ئۇ شۇنچىلىك خاتىرجەم ھالدا .
     ئۇنىڭ گىپىدىن كۈلۈپ كەتتىم. 
     --ۋاي ئىسىت ، بۇرۇنراق كەلمەپسىز ، بىزنىڭ مەكتەپتە شۇنداق چىرايلىق مۇئەللىمە قىزلار بار ئىدى. ئۇلار ئىشتىن بۇرۇنلا چۈشۈپ كەتكەن –دىدىم مەن .
     --ئەمىسە ئەتە بۇرۇنراق كىلەي –دىدى ئۇ.
     --ھەئە؟-- ئۇنىڭ راست سۆزلەۋاتقىنىنى ياكى چاقچاق قىلىۋاتقىنىنى چۈشىنەلمەي ئۇنىڭغا قارىدىم، ئەمما ئۇنىڭ مىيىغىدىكى كۈلكىسىدىن ھىچنىمىنى بىلەلمىدىم.
     بىز پىيادە قايتتۇق.
     --قەھۋە ئىچىپ قايتايلى –دىدى ئۇ . 
     شەھەرنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە غەرپچە بىزەلگەن ئاجايىپ ئىسىل بىر قەھۋەخانا بار ئىدى. قەھۋە ئىچىش قەشقەرلىقلەر ئۇچۇن بىر يىڭىلىق ئىدى، مەنمۇ سەردار ، سەرۋىنازلارنى باشلاپ پەقەت بىرلا قىتىم كىرىپ بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم.
     بىز قەھۋەخانىغا كىردۇق .قەھۋەخانا ئىچىدە سالقىنغىنا بىر نۇر شولىسى جىلۋە قىلاتتى.
     قەھۋەنىڭ تەمىگە تازا كۆنەلمىگىنىمگە قارىماي سەردارغا ماسلىشىپ جىممىدە ئولتۇرۇپ ئىچىشكە باشلىدىم.
     --كىلەر ھەپتە يولغا چىقىدىكەنمىز –دىدى ئۇ.
     مەن بىشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم. 
     --ئەمما مەن ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە قايتىپ كىلىمەن –دىدى ئۇ يەنە.
     مەن بىشىمنى ئىتتىك كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
     --مەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى قەشقەرنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئىگەللەپ باقتىم.ئاتام بىلەن قەشقەرگە مەبلەغ سالىدىغانغا دىيىشتۇق. مەن قەشقەردە تۇرۇپ بۇ يەرنىڭ سودا ئىشلىرىنى باشقۇرىمەن.
     مەن ئۆز قۇلۇغۇمغا ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم. نىمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم . بىردىنلا ئىچ-ئىچىمدىن خۇشاللىق ئۇرغۇۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدىم.
     بىر ھەپتىدىن كىيىن تاغاملار تاشكەنتكە قاراپ يولغا چىقتى. سەردار بىلەن سەرۋىنازنىڭ قەشقەرگە بولۇپمۇ ماڭا قىيمايدىغىنىنى سىزەتتىم.توغرىسىنى ئىيتقاندا مەن ئۇلارغا قىيمايتتىم. سەرۋىنازنىڭ يىنىمدا مەڭگۈ بىللە تۇرىدىغان سىڭلىم بولۇپ قىلىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلدىمكى... 
     سەرۋىنازنىڭ -ھەدە! -- دەپ ئەركىلەپ چاقىرىشلىرى بەدىلىگە مەن ئۆزۈمدىكى ھەرقانداق بىر نەرسىنى بىرىۋىتىشكە رازى ئىدىم. ھوجرا ئۆيۈمدىكى نەرسە-كىرەكلىرىم ئىچىدە سەرۋىناز ئىچى كۆيۈپ ياقتۇرغانلىكى نەرسىنى چاچ قىسقۇچتىن تارتىپ خاتىرە دەپتەرگىچە ئۇنىمىسا ئۇنىماي ئۇنىڭغا بىرىۋەتتىم. ئويلاپ باقسام مۇشۇ چاققىچە ھىچكىم مەندىن ئەركىلەپ تۇرۇپ بىر نەرسە سوراپ باقمىغان ئىكەن. سەردارغا كىچىككىنە راۋاپ مودىلىنى سوۋغا قىلدىم.سەردارنىڭ بۇ سوۋغىنى ياقتۇرىدىغانلىغىنى بىلەتتىم.

     نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سەرۋىناز بىلەن ئاۋاتلاشقان ھوجرام ئەمدىلىكتە مىسكىن بىر جىمجىتلىققا چۆككەن ئىدى. توۋا ،گويا ئۇلار ئەزەلدىن بىز بىلەن بىللە ياشىغاندەك تاغامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بولۇپمۇ سەرۋىناز ،سەردارلارغا شۇنچىلىك كۆنۇپ قاپتىمەنكى نەچچە كۈنگىچە بىر نەرسەمنى يوقىتىپ قويغاندەك مەڭدەپلا يۈردۈم. ئىشتىن چۈشۈپ دەرۋازا ئالدىغا چىقساملا سەردار كۆز ئالدىمدا پاللىدە پەيدا بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. ئەمما بۇلار مىنىڭ خىيالىم ھەم ئارزۇيۇم ئىدى.خالاس.

     ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ تاغام ،ئايالى ھەم سەردار يەنە كەلدى.سەردارنى كۆرۈپ قانچىلىك خوش بولغىنىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. ئەمما تاغام تۇيۇقسىزلا سەردار ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىنى تىلغا ئالغىنىدا مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئانام،مومام داداملار ئۈچۈن بۇ گەپ ھىچقانداق تاسادىبى بىلىنمىگەندەك قىلاتتى. ئۇلار ئاللىبۇرۇن بۇ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۆز-ئارا مەسلىھەت قىلىشىپ ئۈلگۈرگەن ئىكەن.
     ئۆيدىكىلەر ئالدىراش توي تەييارلىغىغا كىرىشكەندە مەن تىخى نىمە قىلىشىمنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇراتتىم. بۇ نىكاھنى رەت قىلىدىغانغا ھىچقانداق باھانەم يوق ئىدى. پەقەت قانداقتۇر بىر مۆجىزە يۈز بىرىپ توي كۈنى مىنىڭ ئورنۇمدا باشقا بىر قىزنىڭ پەيدا بوپ قىلىشىنى ئەخمەقلارچە خىيال قىلاتتىم.
     مەن ھەممە نەرسىگە ،ھەممىلا ئىشقا شۇنچىلىك رايىشلىق بىلەن بوي سۇناتتىم. گويا مىنىڭ ئالدىمدا باشقىچە تاللاش يولى يوقتەك ، پەقەت مۇشۇ يول بىلەن مىڭىشىم كىرەكتەكلا قىلاتتى.
     سەردارنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ئىتىراپ قىلاتتىم. ئۇ ھەرقانداق بىر ئايال زاتىنىڭ يۈرۈگىنى لەرزىگە سالالىغۇدەك يىگىت ئىدى. ئەمما قەلبىمدىكى ئۇنىڭغا بولغان ئامراقلىقنىڭ ،مايىللىقنىڭ مۇھەببەت ياكى ئەمەسلىگىنى ئاڭقىرىپ بولالماي ئاۋارە ئىدىم.
     مەن تاكى توي كۈنىگىچە ئۆزۈمنىڭ ھىسسىياتىنى ئاڭقىرىپ بولالماي ئاۋارە بولدۇم. ئەمما بۇ نىكاھنى قوبۇل قىلىشنى ،نىكاھ كۈنىنى خوشال-خورام كۈتىۋىلىشنى نىيەت قىلدىم. توينىڭ ئالدىنقى كۈنى ھوجرا ئۆيۈمدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ئۆتكەن كۈنلىرىمگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەسلىمىلەر بىلەن جىممىدە خوشلاشتىم. رەپقەت ھەم مەستۇرەگە ئائىت ھەممىلا نەرسىنى –خەت –چەك ،خاتىرە رەسىم ،خاتىرە بۇيۇم، ساندۇقنىڭ ئىچكىرسىدە ساقلىغان رەپقەتنىڭ تۇنجى مۇھەببەتنامىسى ، رەڭلىك قىيىق...ھەتتا كىچىككىنە قەغەز پارچىسىغىچە بىر-بىرلەپ كۆيدۈرىۋەتتىم. بۇلارنى كۆيدۈرىۋاتقىنىمدا كۆزۈم مىت قىلىپمۇ قويمىدى. كۆيىۋاتقان ئوت بىلەن تەڭ يۈرۈگۈمدە بىر قىساس ئوتى يانغىن بولۇپ لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى. نەرسىلەر كۆيۈپ تۈگىگەندە يۈرۈگۈمدىكى قىساس ئوتىمۇ پەسەيگەن ئىدى.
     نەرسىلەر تولۇق كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغاندا يۈرۈگۈمدە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى پەيدا بولغىنى سەزدىم. مەن بۈگۈننىڭ ئۆزىدە ئوتكەن كۈنلىرىمنىڭ سايىسىدىن ئاجايىپ رەھىمسىزلىك ھەم قەيسەرلىك بىلەن خوشلاشقان ئىدىم. ئەمدى ئەتىكى نىكاھنى تولۇق خاتىرجەملىك بىلەن ھەم پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ،پۇتۇن ھىسسىياتىم بىلەن قوبۇل قىلالايتتىم.

     شەھەردىكى مەنزىرە دەرەخلىرى ئالتۇنرەڭگە كىرىپ ۋايىغا يەتكەن گۈزەللىگى بىلەن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۈز پەسلىدە تويۇم بولدى.كۈز پەسلىنى،كۈز پەسلىدىكى ۋايىغا يەتكەن گۈزەللىكنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىم.ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ئەكەلدۈرگەن توي كۆڭلىگى ھەم تۈجۈپىلەپ قىلغان گىرىمىم ئۆزۈمگە بەكلا ياراشقان ئىدى. مەن بۈگۈننى ئەڭ چىرايلىق ھالىتىمدە كۈتىۋىلىشقا، بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزۈمنى ھەم سەردارنى بەخىتلىك قىلىشقا نىيەت قىلغان ئىدىم.
تويدىن كىيىن قىيىنئاتا-ئانام تاشكەنىتكە قايتىپ كەتتى. سەردار ھىيىتگاھ سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ ئاۋات يىرىدىن بىر دۇكان ئىلىپ ئىسىل بىزىدى ھەم تۈركىيىنىڭ ئالى دەرىجىلىك گىلەملىرىنى سىتىش تىجارىتىنى باشلىدى.مەن يەنە بۇرۇنقىدەك مەكتىۋىمگە ئىشقا چۈشتۈم.
     سەردارنىڭ چىرايىدىن بالىلارچە بەختىيارلىقنى سىزەتتىم . ئۇنىڭ بەختىيارلىغىنى ھىس قىلىش مىنى خۇشال قىلاتتى. سەردار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەكتەپ بىلەن دۇكان ئارىسىدا كۈندە نەچچە رەت قاتراشقا رازى ئىدىم. ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ، دوست –بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلىپ مىنىڭ يىنىمدا قىلىشىدىن چەكسىز مىننەتدارلىق ھىس قىلاتتىم. ئۇنى زىرىكتۈرۈپ قويماسلىققا ،ئۇنى ئىلاج بار خۇشال قىلىشقا تىرىشاتتىم.
     سەردار بەزىدە خۇددى ئاتىسىدىن رەنجىگەن كىچىك بالىدەك شۇكلەپ قالاتتى. ئۇنىڭ تاشكەنىتتىكى تۇققانلىرىنى ، دوست –بۇرادەرلىرىنى سىغىنىۋاتقانلىغىنى بىلەتتىم. 
     --ماڭا تىزراق بىر ئوغۇل تۇغۇپ بىرىڭ –دەيتتى ئۇ–شۇ چاغدا مەن يالغۇزلۇق تارتمايمەن .
     -- سىز ھازىر يالغۇزمۇ؟ مىنىڭ يىنىڭىزدا تۇرغىنىمنى ھىساپقا ئالمايدىكەنسىزدە—دەپ دومسىياتتىم مەن.
     سىز دىگەن سىز .ئوغلۇم دىگەن ئوغلۇم –دەيتتى ئۇ قەستەن مەن بىلەن چىقىشىپ –سىز ئاۋال بالا تۇغۇپ بىرىشنى بىلىڭ .بالىنى قانچە كۆپ تۇغۇپ بەرسىڭىز شۇنچە ياخشى .
     --سىز مىنى بالا تۇغۇش ماشىنىسى كۆرىۋاتامسىز؟-- دەيتتىم قەستەن كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ.
     ئۇ قاقاھلاپ كۈلەتتى. ئاندىن دۇكان ئىچىدىلا مىنى كۆتۈرىۋىلىپ پىقىرىتىپ ئايلاندۇراتتى. 
     سەردارنىڭ تىجارىتى ياخشى كىتىۋاتاتتى. ئۇ دۇكاننى تاقاپ بولغاندىن كىيىن قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىشنى ياخشى كۆرەتتى. مەن ئۆيگە قايتىپ ئۇنىڭ ئامراق تامىقىنى ئىتىپ ئۇنى ساقلايتتىم.ئۇنىڭ مەن ئەتكەن تاماقنى ھوزۇرلىنىپ يىيىشلىرىنى زوق بىلەن تاماششا قىلاتتىم.
     ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئوغلىمىز تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ ئىسمىنى مەردان قويدۇق .ئوغلىمىز تىخى ياشقا توشمايلا تاشكەنتتىن خەۋەر كەلدى.قىيىنئاتام تۇيۇقسىز مىڭىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قاپتۇ. شۇڭا سەردار بۇ يەردىكى تىجارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دەرھال تاشكەنتكە قايتىپ ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شىركەتنى باشقۇرمىسا بولمايدىكەن.
     نەچچە كۈنگىچە ئائىلىمىزنى سۈكۈت قاپلىدى.سەردار ئۈن-تۇنسىزلا دۇكاننىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ نىمىلەر ئويلاۋاتقانلىغىنى ،نىمىگە ئىچى پۇشىۋاتقىنىنى بىلەتتىم.
     -مەن سىز بىلەن بىللە كىتىمەن. مىنى بىللە ئىپ كىتىڭ –دىدىم ئۇنىڭغا.
     ئۇ مىنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ئۇزۇنغىچە ئۇن-تۇنسىز تۇرۇپ كەتتى. 
     --مەن تىخى سىزنى خىزمىتىگەھەم ئاتا-ئانىسىغا قىيماي مۇشۇ يەردە قىپقالىمەن دەمدىكىن دەپ كۆڭلۈم بەك يىرىم بولغان ئىدى. رەھمەت سىزگە ،رەھمەت جىنىم!
     --مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن- دىدىم ئۇنىڭغا تىخىمۇ چىڭ يىپىشىپ –ئوغلىمىزمۇ سىزدىن ئايرىلالمايدۇ.سىز دۇنيانىڭ ئۇ چىتىگە بارسىڭىزمۇ مەن سىز بىلەن بىللە بارىمەن.
     مىنىڭ سەردار بىلەن بىللە كىتىش قارارىغا كەلگىنىمنى ئاڭلاپلا ئانام ئاللا-توۋا كۆتۈرۈپ ئۆينى بىشىغا كىيدى.
     ---توۋا ،ماۋۇ قىزبالىنىڭ ئەخماقلىقىنى .شۇنچە يىل ئوقۇپ ئىرىشكەن خىزمىتىڭدىن شۇنداق ئاسان ۋاز كىچەمسىنا ؟ئاندىن بىزچۇ؟ داداڭ، مەن موماڭ قانداق قىلىمىز؟ ئىرىڭنى دەپ بىزنى شۇنداق تاشلاپ كەتمەكچىما؟ سەردار كەتسە يەنە كىلىدىغۇ.ھاجىم داداڭنىڭ كىسىلى ساقايسا يەنە قايتىپ كىلىدىغۇ؟ شۇنداققۇ ھە سەردار بالام.
     سەردار ئۈن-چىقمىدى.مەنمۇ ئۈن-چىقماي جىم تۇرىۋالدىم. شۇ مىنۇتتا ئۆزۈمنىڭ شۇ قەدەر باغرى تاشلىغىمغا ھەيران قالدىم. گويا ئانامدىن نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆچۈمنى ئالغاندەك ئانامنىڭ شۇ ھالىغا قاراپ ئىچىمدە كۈلدۇم. 
     مىنىڭ سەردار بىلەن بىللە كىتىش قارارىمنى ئانامنىڭ يىغىسىمۇ ھەم ياخشى خىزمەت ئورنۇممۇ توسۇپ قالالمايتتى. بەك كۆپ نەرسىلەرنى ئويلانغۇم يوق ئىدى.پەقەت بۇندىن كىيىن سەردار ھەم ئوغلۇم بىلەن ئايرىلماي بىللە ياشىساملا شۇنىڭغا رازى ئىدىم.
     خىزمەتتىن ئىستىپا سورىدىم. سەردار تىجارەت ئىشلىرىنى تىزلا بىر تەرەپ قىلدى. يەنە شۇ ئالتۇندەك كۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە بىز قەشقەردىن ئايرىلىپ تاشكەنتكە قاراپ ئۇچتۇق. 
 


ھىجران سەپىرى باشقا تېمىلار
ھىجران سەپىرى (1)ھىجران سەپىرى (2)ھىجران سەپىرى (3)ھىجران سەپىرى (4)