• 2010-08-11

    كەپتەر گۆشى - [※ يەككە دورىلار]

    كەپتەر گۆشى

    كەپتەر گۆشىدە ئوزۇقلۇق مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى توخۇگۆشىگە ئوخشاپ كېتىدۇ . توخۇگۆشىگەقارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ھەزىم بولىدۇ ۋە سۈمۈرىلىدۇ، كەپتەر گۆشىدىكى ئاقسىل ناھايىتى مول ،ھىموگلوبىنمۇ مول، ئەمما ماي مىقدارى نىسبە تەن تۆۋەن، ۋىتامىن E، نىكوتېنىك كېسلاتا، ۋىتامىن 2B قاتارلىقلارنىڭ نىقدارى توخۇ گۆشىدىن يوقۇرى. كەپتەر گۆشى يەنە مېڭىنى بەك كۆپ ئىشلىتىشتىن بولغان نېرۋا ئاجىزلىق ،ئۇنۇتغاقلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ،كېچىدىكى تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش قاتارلىقلارغا بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش رولى بار .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەن ئاجىزلىقنى داۋالاش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئاياللاردىكى قان ئازلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. بولۇپمۇ تېنى ئاجىزلارغا ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارغا نىسبەتەن بەلگىلىك قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى بار.

    ئۇيغۇر تىبابىتىدە كەپتەر گۆشىنىڭ يەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ ، باھنى، ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق ياندۇرۇش، پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش ،ساپ قان پەيدا قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، يارىلارنى ئېغىز ئالدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

    كەپتەر گۆشىنى كۈنجۈت يېغىدا پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى ئېزىپ چىقىرىدۇ.

    《يىمەكلىك ئەڭ ياخشى دورا》 دىن ئېلىندى

     





    评论

  • بىلوگىڭىز ناھايتى چىرايلىق ياسىلىپتۇ .مىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ .
    http://zerdar.blogbus.com/