-
2009-01-12
چىلاننىڭ شىپالىق رولى - [※ شىپالىق مىۋىلەر]
چىلاننىڭ شىپالىق رولى
بۇ خۇزۇر ئائىلىسىدىكى ياغاچ غوللۇق چاتقال ئۆسۇملۇك چىلان دەرىخى بولۇپ،بۇ دەرەخنىڭ قۇرۇتۇلغان مىۋىسى ‹ئۇنناپ›نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ،بۇ سوقىچاق ياكى يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ،سىرتى قارامتۇل قىزىل رەڭلىك سەل پارقىراق بولىدۇ،مىۋە ئوتتۇرا پوستى سۇس قوڭۇر رەڭلىك گۆشلۈك يۇمشاق بولىدۇ،تەمى تاتلىق پۇرىقى سۇس كېلىدۇ.
خېمىيىلىك تەركىبى: كاربوھىدراتلار،ئاقسىل،ۋىتامىن B,C، كاروتىن دېۋىرقاي، ئالما كېسلاتاسى ،كومارىن خىلىتىدىكى ماددىلار بار. تەبىئىتى :بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلتىنى سۈرۈش ،قاننى سۇيۇلدۇرۇش ،تازىلاش،ماددىلارنى سۈرۈپ چىقىرىش ،بەدەننى قۇۋەتلەش، كۆكرەكنى تازىلاش ،قىزىتما ياندۇرۇش ،يۆتەل پەسەيتىش ،بەلغەم بوشىتىش ،قاننىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ،قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ،ماددىلارنى يۇمشىتىش.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: قان بۇزۇلۇش ،نەزلىلىك زۇكام ،يۆتەل ئۆپكە ياللۇغى ،كۆكرەك پەردە ياللۇغى ،قىزىتما ،ئۇيقۇسىزلىق ،ئاۋاز ئىسسىقتىن پۈتۈپ قېلىش ،ئۇچەي جاراھەتلىرى ،بەدەن ئاجىزلىقى تېرىدە پەيدا بولىدىغان مۇدۇرلار ،يۇقىرى قان بېسىمى ،قىچىشقاق ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
چىلان 10گىرام ،تەمرى ھىندى ،خىيار شەنبەر 15گىرامدىن ،قائىدە بۇيىچە دەملەپ ئىچسە ،قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.
گۈل بىنەپشە ،گاۋزىبان ،چىلان ،سەرپىستان ،ئۈزۈم قاتارلىقلاردىن 10گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ،قىزىتما ۋە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەفتىمۇن ،كاسىنە ئۇرۇقى ،ئۈستىقۇددۇس ،چۆپچىن ،چىلان قاتارلىقلاردىن 10گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ،مېڭىنى تازىلايدۇ.
سەرسىبىل ،چۆپچىن ،چىلان ،ھېلىلە كابىلى قاتارلىقلاردىن 10گىرامدىن ئېلىپ ،قاينىتىپ ئىچسە ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. زىيانلىق تەسىرى :ئاشقازان ۋە باھقا زىيان قىلىدۇ.
(ئۇيغۇر تىبابىتى خام دورىلار ئىلمى)دىن ئېلىندى
چىلاننىڭ شىپالىق رولى The benefits of jujube
Blog:ناۋا بىلوگى2009-10-25 15:41:34
评论