:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...-ئەلى كروراننىڭ قىسقىچە تەرجمھالى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  چولپانلار  »  شىنجاڭ چولپانلىرى
ئەلى كروراننىڭ قىسقىچە تەرجمھالى
يوللىغۇچى: جۈرئەتجان     يوللانغان ۋاقىتى : 2016-01-05     كۈرۈلۈشى: 5953 قېتىم
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 ئەلى كروراننىڭ قىسقىچە تەرجمھالى

 

    ئەلى كروران باشلانغۇچ مەكتەپنى ئانا يۇرتى خوتەن دىيارىنڭ چىرا ناھيە دامكۇ يېزىسىدا ئوقۇغان. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن  پۈتتۈرگەن بولسىمۇ, داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش شارائىتى بولمىغاچقا, يۇقىرى  ئۆرلەپ ئوقۇش شارائىتىگە  ئىرشەلمىگەن. لېكىن ئۇنىڭ تۇرمۇشقا ۋە  ئۆگىنشكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى قىزىقارلىق ۋە يۇمۇرىستىك ئالاھىدىلىكى, ئوچۇق- يورۇق مىجەزى, چىقىشقاق ئالاھىدىلىكى بىلەن يەرلىك خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانا يۇرتىدىكى پىشقەدەم خەلق سەنئەتكارلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ, سەنئەتكە بولغان قىزىقىشى ۋە ئىلھامى  بىلەن تۇنجى قەدەمنى بېسشقا باشلىغان. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماستىن, خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئۆگىنشكە باشلىغان. ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئەينى ۋاقتتىكى خوتەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى سەنئەتكارلاردىن سەنئەتكە دائىر بىلىملەرنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە, تىل تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئۆزلۈكىدىن ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە ئۆگەنگەن. ئۇيەنە ئۆزىنىڭ زور تىرىشچانلىقى ۋە چەتئەللىك دوستلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى, مەدەت بىرىشى ئاستىدا بېيجىڭغا بېرىپ, ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ سەنئەت ۋە چەتئەل تىللىرى بويىچە ئۆگىنىشتە زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغان.

    ئۇ 2006-يىلىدىن2007-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تەكلىپ بىلەن شىزاڭدا چەتئەللىكلەر تەسىس قىلغان مەكتەپتە ئۇيغۇرتىلى مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلىگەن ئىشتىن سىرت ئۇ شۇ يەردىكى چەتئەلىك ۋە يەرلىك مۇزىكانتلاردىن مۇزىكا ئەمەلىي بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئەتتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن 2007-يىلدىن 2008-يىلىغىچە شېنجېن سەنئەت ئىنىستىتۇتىىغا قوبۇل قىلىنىپ, بىر يىل نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي ئىجادىيەت كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ شۇ يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش تاماملاپ, شېنجېندىكى ھەر قايسى تاماشا سەھنىلىرىدە خىزمەت قىلغان.

 

    ئۇ شۇ يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى بولغان QQ قىزچاق ناملىق ناخشىنى ئىجاد قىلىپ كەسىپداشلىرىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان بولسا, شۇ ناخشىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇنۇپ, باھالىغۇچى ۋە تاماشابىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئانا يۇرتى بولسۇن ۋە ياكى ئۈرۈمچىدە بولسۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆگىنىش, ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجادىيەتلەرنى قىلغان ۋە سىز ۋە بىز ھېس قىلالمىغۇدەك نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى, جاھاننىڭ ئاچچىق-چۈچۈك, ئىسسىق سوغۇقلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا كورىيە سىئول تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ مۇخبىرى سىكوت ئەپەندىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: قانچىلىك تىرىشىشنى پەقەت سىز ئۆزىڭىزلا بەلگىلىيەلەيسىز, تىرىشقانغىلا بولمايدۇ, مۇۋاپىق تىرىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تىرىشقاندىلا ئۆزىڭىز كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتەلەيسىز.

    ئۇ 2009-يىلى ئۆزىنىڭ يەنە بىر ۋەكىل خاراكتېرلىك ئىجادىيتىدىن «گۈزەل جانىم» ناملىق ناخشىنى خەلقىمىزگە سۇنۇپ, تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا, كەڭ خەلق ئاممسىنىڭ قوللىشىغا ۋە بىردەك ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشتى. ھەمدە كۆچمە خەۋەرلىشىش, بىرلەشمە خەۋەرلىشىش, تىلگىراف خەۋەرلىشىشى شىركەتلەر بىلەن رەڭلىك قوڭغۇراق توختمامى ئىمزالاپ, ئابونىتچىلارنىڭ چۈشۈرۈش قېتىم سانى ئۇدا 500 مىڭدىن ئېشىپ شىنجاڭ رەڭلىك قوڭغۇراق پادىشاھى دەپ نام ئالغان . 

    ئەلى كروران 2010-يىلى «كۆڭۈلدىكى يار» ناملىق پىلاستنىكىسىغا جۇغلانغان ۋەكىل خاراكېترلىك ناخشلىرىدىن «نەرىم خاتا», «بەربىر», «ئايرىلىش ئاسانمۇ», «سەن ئۈچۈن», «گۈزەل جانىم» (سۆيگۈ), «گۈزەل قىزچاق» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىجادىي كۈيلىرىنى خەلقىمىزگە سۇنۇپ, كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە ياشلىرىمىز ئارىسدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. شۇنداقلا توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

    2011-يىلىدىن 2013-يىلغىچە, شىنجاڭ ئىللىق دۇنيا مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكىدە پىدائىي بولۇپ, تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتكىدە 900 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇنغا قاتنىشىپ, ھەرقايسى يېزا-بازار, ناھىيە, شەھەرلەردىكى سەنئەتخۇمار خەلقىمىز بىلەن نەق مەيداندا يۈز كۆرۈشۈپ, خەلقىمزنىڭ يۇقىرى باھاسى ئېرىشىپ, ئەل تونۇيدىغان ئەل كۈيچىسى-ئەلى كروران  دەپ نام ئالغان.

    2013-يىلىنىڭ  باشلىرىدا, ئەلى كروران ئۆزنىڭ  يەنە بىر يۈرۈش كۇزۇر ئىجادىيەتلىرىدىن تەركىب تاپقان «ئاشۇ كۈنى» ناملىق پىلاستىنكىسىنى خەلقىمىزگە سۇنغان.

    2013-يىلنىڭ ئاخرىدىن 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە, شىنجاڭ مىڭئۆي خەلقئارا سەنئەت ئۆمكىدە ئۆمەك باشقۇرغۇچى سالاھىيتى بىلەن تەكلىپلىك ئىشلىگەن.

ھازىر ئەلى كروران داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا!!!

 

 

  • نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ
  • تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق
  • ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
  • پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆
  • خەلقىم سالون تېرمىنالى

    كۈندىلىك يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلار،ھېكايە-رومان ,

    ناخشىلار،ۋە ئاۋازلىق ئەسەر يوللىنىدۇ.

  • خەلقىم تورى يانفۇن تېرمىنالى

    كۈندىلىك يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلار ، كىنو فىلىملەر ,

    يېڭى ناخشا ، قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز .

شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھرى.

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : TEL:18197718000

تور ئالاقە : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823