يوللىغۇچى: جۈرئەتجان يوللانغان ۋاقىتى : 2015-08-23 كۈرۈلۈشى: 3559 قېتىم
قۇربانجان ئابدۇكېرىم
قۇربانجان ئابدۇكېرىم 1979- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسى غولتوغراق يېزىسىدا، بىر مەرىپەتپەرۋەر كادىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ 1984- يىلدىن 1994- يىلىغىچە بولغان جەرياندا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغان ۋە يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش نىشانى بىلەن داۋاملىق ئوقۇغان .
قۇربانجاننىڭ سەنئەت تالانتى ۋە ناخشا ئېيتىشتىكى ئارتۇقچىلىقى شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئىپادىلىنىپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ۋە ئۇنى قوللىغان.
قۇربانجان ئابدۇكېرىم 1994- يىلىدىن باشلاپ سابىق قەشقەر دارىمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، تاكى 1997- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەنگە قەدەر ھەر قېتىملىق سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالقىشلىق چولپىنى بولۇپ كەلگەن .
ئۇ 1997-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلاپ 2002-يىلغىچە ھەممە كىشى ھۆرمەتلەيدىغان شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قەدەم قويغان.
2003- يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولغان سەنئەت كەسپىدە نەتىجە يارىتىش ئىستىكى بىلەن خىزمەتتىن خوشلىشىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ئاكتىيورلۇقتا ئوقۇغان. شۇ جەرياندا ھازىرقى ئۇستازى ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن تونۇشقان . ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۇنىڭ تالانتى ۋە قىزىقىشىنى بايقاپ ئۇنىڭغا ئۇستاز بولغان ۋە ئۆزىنىڭ ئېتوت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قىلغان . قۇربانجان ئابدۇكېرىم شۇنىڭدىن بىرى ئىزچىل ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېتوتلىرىدا ”داۋۇت“ رولى بىلەن خەلقىمىزگە مەنىۋى زوق بېرىپ كەلمەكتە .
قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ ناخشىلىرى ئۆزگىچە، ئورۇنداش ئۇسلۇبى يېڭىچە بولغاچقا، خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان ياش ناخشىچىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ”ئاق چېچەگىم“، ”يولۇڭغا قاراپ“، ”سېنى دەيمۇ“، ”مۇھەببەت“ قاتارلىقلار خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن .
2014- يىلى يىل بېشىدا، قۇربانجان ئابدۇكېرىم ئۇزۇن مەزگىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى ”خەۋەر كەلسە“ نى سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتتى . بۇ پىلاستىنكىدىكى ”خەۋەر كەلسە“، ”سۆيىمەن دېمەي“، ”ئاشىق نىداسى“ قاتارلىق ناخشىلار كىشىگە شېرىن ھېس-تۇيغۇ ۋە بەدىئىي زوق ئاتا قىلىدۇ .
بىز ياش سەنئەتكار قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت ھاياتىنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك ھەم بەرىكەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم ئىشىنىمىز !