يوللىغۇچى: جۈئەتجان يوللانغان ۋاقىتى : 2015-08-23 كۈرۈلۈشى: 2525 قېتىم
ئىسىم-فامىلىسى: ئابدۇكېرىم ئابلىمىت (مىرشاپ)
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1974- يىلى 4- ئاي
مىللىتى: ئۇيغۇر
خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى
يۇرتى: ئۈرۈمچى
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس
ئالاھىدىلىكى: رىياسەتچىلىك قىلىش
كۆزگە كۆرۈنگەن تىياتىر ئارتىسى ۋە رىياسەتچى ئابدۇكېرىم ئابلىمىت 1974- يىلى 4- ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلاپ چوڭ بولغاچقا 1994-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ بۇ يەردە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ، كەلگۈسىدىكى سەنئەت ھاياتى ئۈچۈن مۇكەممەل ئاساس سالدى. ئابدۇكېرىم ئابلىمىت 1998- يىلى 7- ئايدا تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەمدە ئۇزاق ئۆتمەي شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتى ئىشلىگەن 3 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «دوزاخقا سەپەر» دە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ ئۆز ھاياتىنى نابۇت قىلغان بىر چۈشكۈن ياشنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ، تۇنجى ئېكران ھاياتىنى باشلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئابدۇكېرىم ئابلىمىت «مەكتەپكە بېرىش ئالدىدا»، «مىرشاپلىققا قوبۇل قىلىش»، «قۇدۇق بېشىدا» قاتارلىق كۆپلىگەن ئېپىزوتلارنى ئويناشقا قاتنىشىپ، ئوخشىمىغان خاراكتېر ۋە كەچۈرمىشكە ئىگە ھەرخىل ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى يۇمۇرىستىك ئۇسۇلدا ياراتتى. ئابدۇكېرىم ئابلىمىت ھازىرغىچە چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق دىرامما «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، مۇزىكىلىق دىرامما «غۇنچەم»، كومىدىيىلىك تىياتىر «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق»، «نېفىتلىكتىكى كېلىنچەك»، «يەر سېتىش» قاتارلىق كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى ئويۇن ۋە ئېتوتلاردا ئاساسلىق رولغا چىقتى. كارۋان تىياتىر كۇلۇبىنىڭ بىرىنچى سانىدا «تەجرىبە»، «تىراگېدىيە» دېگەن ئىتوتلارغا قاتناشقان، ئىككىنچى سانىدا «ھەسەن تاز ۋە ھۈسەن چىمچىق»، «سېھىرلىك ئورۇندۇق» دېگەن ئەسەردە ئاساسلىق روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان، ئۈچىنچى سانىدا «ئوغرى يوق شەھەر»، «ئىككى ئادەم»، «ساداقەت» قاتارلىق ئەسەرلەردە ئوخشاش بولـمىغان ئوبرازلارنى ئۇتۇقلۇق يارىتىپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى. شۇنداقلا يەنە كىچىك تىياتىرخانا دىرامىسى «تورلاشقان مۇھەببەت» دە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇرات ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇستازلار ھەم تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

«مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دىراما ئورۇنداش سەنئىتى بويىچە 6-نۆۋەتلىك شاڭخەي «ئاق ماگنولىيە» كوللېكتىپ مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا، 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوپېرا، ئۇسسۇللۇق تىياتىر، مۇزىكىلىق دىرامىلار كۆرگەزمە ئويۇنىدا 2-دەرىجىگە، دۆلەتلىك سەھنە سەنئىتى نادىر ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى 2005 ۋە 2006-يىللىق «نادىر ئەسەرلەر نامزات تىزىملىكى» مۇكاپاتىغا، 10-نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى «بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى» مۇنەۋۋەر دىراما مۇكاپاتىغا، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەدەنىيەت مۇكاپاتىغا ۋە جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارالىق مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ سەنئەت تۆھپە مۇكاپاتى بىلەن مەدەنىيەت، ئىناقلىق مۇكاپاتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

ئابدۇكېرىم ئابلىمىت ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان، ئۆمەك ئورۇنلاشتۇرغان ھەر خىل چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەردە كۆپ قېتىم رىياسەتچى، يېتەكچى ۋە سەھنە نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئابدۇكېرىم ئابلىمىت بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تارقىلىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. ئون يىلدىن بېرى ئۇ پۈتۈن زېھنىنى ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ كەلگەچكە، ئۇ قاتناشقان، رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە ئىشلىگەن كۆپلىگەن ئەسەرلەر پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مۇنەۋۋەر ئۆمەك ئەزاسى»، ئىككى قېتىم «ئىلغار ئۆمەك خىزمەتچىسى»، ئۈچ قېتىم «مەدەنىيەت-سەنئەت سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» بولۇپ باھالاندى. ئابدۇكېرىم ئابلىمىتنىڭ كەسىپچان روھى ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئارتىسلار قوشۇنىنىڭ سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 2006-يىلى
