:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...-ئادىل مىجىت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  چولپانلار  »  شىنجاڭ چولپانلىرى
ئادىل مىجىت
يوللىغۇچى: جۈرئەتجان     يوللانغان ۋاقىتى : 2015-09-04     كۈرۈلۈشى: 5212 قېتىم
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 

ئادىل مىجىت 1964-يىلى يېڭى يىلدا، مايتاغدىكى ئالىي ئىنژېنېر زاھىدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ كىچىكىدىدىنلا سەنئەت خۇمار بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ خۇش-چاقچاق، ناخشا-ئۇسسۇلغا ھېرىسمەنلىكى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. 1980-يىلى ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، نېفىتلىكتە ئىشچى ۋە قاراماي سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس بولدى. 1982-يىلى ئۇنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، شۇ يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. تىياتىر سەنئىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئۇ ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تەشنالىق بىلەن تىرىشىپ ئۆگەندى.

1986-يىلى ئۇ مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئوپېرا تىياتىرىدا ئارتىس بولدى. دۇنيادا ئەلنىڭ ھۆرمەت-ئىشەنچىسىدىنمۇ ئالىي مۇكاپات بولمىسا كېرەك. ئادىل مىجىت چىداملىق كەمتەر روھى بىلەن ماھارەت سەھنىسىگە قەدەم قويدى. ئادىل مىجىت ئۇزۇن يىل ئېرىشكەن ئالقىشنى ئۆزىگە تۈرتكە قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئېتوت سەنئىتىنى شىنجاڭ سەھنىسىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئېتوت سەنئىتىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈپ، شىنجاڭ تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى سەۋىيە ياراتتى. 
ئادىل مىجىتنىڭ بۇ تۆھپىسى شىنجاڭ تىياتىر–ئېتوت ساھەسىدە ئۆچمەس ئىزنا بولۇپ تىكلەندى. ئۇنىڭ تىرىشچان، باش ئەگمەس ئىرادىسى ئۇنىڭ تەبىئىي تالانتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئورۇنداش ماھارىتى ئەل قەلبىدە ئۆچمەس ئوبرازلارنى قالدۇرغان باشقا كەسىپداش ۋە رېژىسسور ئۇستازلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئادىل مىجىت ھازىرغىچە 38 دىن ئارتۇق ئوپېرا ۋە دىراما، 23 دىن ئارتۇق كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا مۇھىم ئوبرازلارنى ياراتتى. قىسمەن ئەسەرلەر دۆلەتلىك مەدەنىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە 180 دىن ئارتۇق ئېتوتلارنى ئويناپ چىقىپ، ئوخشىمىغان ھەرخىل ئوبرازلارنى يارىتىپ، ئېتوت مۇسابىقىلىرىدە شىنجاڭدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، دۆلەتلىك  ئېتوت مۇسابىقىلىرىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، شىنجاڭ تارىخىدا دۆلەتلىك چوڭ كەسپىي ئېتوت مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشالماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۇ ھازىر دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئادىل مىجىتنىڭ 1997-يىلىدىكى 1-قېتىملىق «ئادىل مىجىت ئېتوت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلۈپ، تېخى ئۇنىڭ داغدۇغىسى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، 2009-يىللىق «ئادىل مىجىت ئېتوت كېچىلىكى» يەنە ۋۇجۇدقا كەلدى. بىز ئۇنىڭ كەلگۈسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشمىز. 
شىنجاڭ بويىجە 2009- يىللىق «جۇڭگو ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باھالانغان مۇنەۋۋەر ياش، ئوتتۇرا ياش ئەلنەغمىچى» شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. 2013-يىلى 5-ئايدا، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن « ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي ئەخلاق نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالاندى. ئادىل مىجىت ھازىرغىچە بولغان سەنئەت ھاياتىدا ھەرساھە سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرخىل مۇنەۋۋەر تېمىدىكى 56 پارچە پلاستىنكىسىنى نەشر قىلدۇردى.
32 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا ھەرخىل مەزمۇندىكى چوڭ-كىچىك ۋە مەخسۇس تېمىلىق 2400 مەيدان ئويۇنغا قاتنىشىپ، خەلق قەلبىدىكى ئوبرازىنى تىكىلدى. 2014-يىلى ئادىل مىجىت سەنئەت 

  • نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ
  • تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق
  • ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
  • پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆
  • خەلقىم سالون تېرمىنالى

    كۈندىلىك يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلار،ھېكايە-رومان ,

    ناخشىلار،ۋە ئاۋازلىق ئەسەر يوللىنىدۇ.

  • خەلقىم تورى يانفۇن تېرمىنالى

    كۈندىلىك يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلار ، كىنو فىلىملەر ,

    يېڭى ناخشا ، قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز .

شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھرى.

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : TEL:18197718000

تور ئالاقە : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823