يوللىغۇچى: جۈرئەتجان يوللانغان ۋاقىتى : 2015-09-09 كۈرۈلۈشى: 11679 قېتىم

ئەلى قۇربان دۆلەتلىك 2 - دەرىجىلىك پىسخولوگ ، شىنجاڭ تەۋپىق ئېنگىلىز تىلى تەربىيلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۇنداقلا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىستىقبال سەھنىسى پىروگىراممىسى، شىنجاڭ رادىئو ئىستانسنسننىڭ 101.7 قانىلىنىڭ پىسخىك مەسلىھەتچىسى .
ئۇ 1982 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاتۇشتا ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ 2000 - يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن . ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن . ئۆزىنىڭ تىرشچانلىقى ئارقىسىدا ناھايىتى تېزلا ئىنگىلىز تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن . 2006 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كييىن ھەر قايسى تىل ئۆگۈتىش مەكتەپلىرىدە تىل ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان .
ئۇ 2010 - يىللاردا پىسخولوگىيە ئىلمىغا قىزىقىپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمىئىتىدە پىسخولوگىيە ئىلىمى جەھەتتە مۇئەييەن بوشلۇق بارلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئۆزلىكىدىن پىسخولوگىيە ئۆگىنىشكە باشلىغان . ئۈزلىكسىز تىرىشىش ۋە جاپاغا چىداش ئارقىلق پىسخولوگىيە ئىلىمىنى ئىگەلەپ ،بۇ ساھەگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان . شۇنىڭدىن كېيىن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ، جامائەت سورۇنلىر ى ، مەكتەپلەر ۋە تۈرلۈق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا لىكسىيە سۆزلەپ كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشكەن . يۇمۇرىستىك خاراكتېرى ، كەسىپتە ئەستايىدىللىقى ۋە نۇتۇق تىلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرى شكەن . 2014 - يىلى غەلبىلىك ھالدا " مېنىڭ پىسخىك مەسلىھەتچىم " ناملىق پىلاستىنكىسى نەشىردىن چىققان . ئۇ ھازىر شىنجاڭ تەۋپىق تىل تەربىيلەش مەركىزىدە داۋاملىق ئوقۇتقۇچى ۋە مۇدىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا . ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلىق بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز
