:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...-ئەنجىلىنا جۇلىي
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  چولپانلار  »  ئامىرىكا - ياۋرۇپا
ئەنجىلىنا جۇلىي
يوللىغۇچى: جۈرئەتجان     يوللانغان ۋاقىتى : 2015-09-04     كۈرۈلۈشى: 4025 قېتىم
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 

 
ئەنجىلىنا جۇلىينغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىلەر ۋوللىۋودنىڭ سۆز تېمىسىدۇر، ئۇنىڭ ئاتىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكى، ئۇنىڭ ھېسىياتى، تۇرمۇش ئىشى ھەمدە جاھاننى بىر ئالغان شەخسى ئىشلىرى، ئۇنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى قاتارلىق ھەر بىر يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ۋوللىۋودنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. 
 
ئەنجىلىنا 1975-يىلى لوس-ئانژېلىستا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئاتىسى Jon Voight ئاكتىيور بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بالدۇرلا فىلىملەردە رول ئېلىش ئىشلىرى بىلەن ئۇچراشقان، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تەۋرىنىپ كەلگەن. كىچىك ۋاقتىدا ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغاچقا، ئاپىسى ۋە ئىنىسى بىلەن دائىم ئۆي كۆچۈپ يۈرگەن، ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن كەسپى مودېل بولغان، كېيىنچە شەھەرمۇ-شەھەر كېزىپ يۈرۈپ ئويۇن قويۇشتىن زېرىككەن جۇلىي نىيۇيوركقا كېلىپ، نىيۇيورك ئونىۋېرسىتېتىدا ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن تىياتىرخانىلاردا ئويۇن قويۇشقا باشلىغان. ئارقىدىنلا ناھايتى تىزلا فىلىم ساھەسىگە كىرگەن. 1993-يىلى «ئېلېكتىرونلۇق ئادەم 2» فىلىمىدە كىچىك بىر رولغا چىققان، 1995-يىلى «خاككېر (Hackers)» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان. ئەنجىلىنانىڭ ئۆزگىچە رول ئېلىش ماھارىتى ۋە ھۆسنى ناھايىتى تىزلا كۆرۈرمەنلەر ۋە رېژىسورلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان، ھەمدە فىلىمدىكى ئەر ئاكتىيور Jonny Lee Miller بىلەن توي قىلغان، بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق توي قىلىشى ئېدى. 
 
1997-يىلى ئەنجىلىنا مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە فىلىمى «George Wallace» دا George Wallace نىڭ ئايالى رولىغا چىقىپ زور غۇلغىلا قوزغاپ، ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئارقىدىنلا HBO نىڭ «Gia» ناملىق فىلىمىدە ئالغان رولى ئۈچۈن ئېمىي مۇكاپاتى نامىزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. ياش ئەنجىلىنانىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ نامى چىقىشقا باشلىغان. 1999-يىلى ئەنجىلىنا ئارقا-ئارقىدىن «Pushing Tin»، «The Bone Collector»، «Girl, Interrupted» قاتارلىق 3 فىلىمدا رول ئالغان. 2001-يىلى ئۇ ئويۇنغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن فىلىم «Lara Croft: Tomb Raider» دا رول ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. 2000-يىلى Billy Bob Thornton بىلەن ناھايىتى تېز توي قىلىپ، 2003-يىلى 5-ئايدا ئاجرىشىپ كەتكەن. بۇ 3 يىللىق توي بىر مەزگىل ناھايىتى قىزىق گەپ تېمىسىغا ئايلانغان. 2004-يىلى ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ناھايىتى كۆپ فىلىملەردە رول ئالدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە «Taking Lives»، «ئالىكساندېر (Alexander)» قاتارلىق فىلىملەر بار. 2005-يىلى ئۇ بىرەد پىد(Brad Pitt) بىلەن رول ئالغان «ئەر-ئايال شىمىسلار (Mr. & Mrs. Smith)» فىلىمى سەۋەبلىك سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپ، بىرەد پىد ئايالى Jennifer Aniston بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ھەمدە ئەنجىلىنا بىلەن توي قىلىپ بىر بالىلىق بولغان. ئەنجىلىنا بېقىۋالغان 3 بالا بىلەن بۇ ئائىلە "كۆپ دۆلەتلىك چوڭ ئائىلە" گە ئايلانغان. جۇلىنىڭ نامى بۇنىڭلىق بىلەن چۈشۈپ كەتمەي، ئەكسىچە تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن، ھەمدە رولغا چىققان فىلىملىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىنغان، ئۇ 2007-يىلدىكى فىلىم «قەيسەر يۈرەك(A Mighty Heart)» ۋە 2008-يىلدىكى فىلىم «Changeling» لاردا ئالغان رولى باھالىغۇچىلارنىڭ يۈكسەك باھالىرىغا ئېرىشكەن. ھەمدە «قەيسەر يۈرەك» فىلىمىدىكى ئالغان رولى ئۈچۈن ئوسكار مۇكاپاتى ئەڭ نادىر ئايال باش ئاكتىيور نامىزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 2008-يىلى ئۇ يەنە ناھايىتى زور دىققەت ئېتىبارغا ئېرىشكەن ھەرىكەتلىك فىلىم «تۇتۇش بۇيرۇقى(Wanted)» دا رول ئالغان، ھەمدە كارتون فىلىم «جانباز مۈشۈك ئېيىق(Kung Fu Panda)» ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەن. 
 
2008-يىلى 7-ئايدا، ئەنجىلىنا بىلەن بىرەد پىدنىڭ بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز قوش گېزەك بالىسى تۇغۇلغان. بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ناھايتى تىزلىكتە يەنە خىزمەتكە كىرىشكەن. 2010-يىلى ئۇ داڭلىق چولپان جونىي دېپ بىەلن بىللە رول ئالغان ھەرىكەتلىك فىلىم «ئالاھىدە خادىم Salt» قويۇلغان. 
 
2014-يىلى 5- ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇ رول ئالغان فانتازىيەلىك فىلىم «Maleficent» قويۇلىدۇ. 
 
فىلىملەردە رول ئېلىشتىن باشقا ئۇ يەنە خەير-ئېھسان ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئۇنى رەسمىي ھالدا دوستلۇق ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن. 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۇ 20 نەچچە دۆلەتتىكى مۇساپىرلار لاگىرىغا بارغان. ئۇ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، تىنىچلىقنى ياقىلاشقا بىر كىشلىك ھەسسە قوشقان ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇساپىرلارغا دىققەت قىلىشقا ۋە ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلغان. ئۇ بويتاق ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ 3 دىن 1 قىسىم مال مۈلىكىنى مۇساپىرلارغا ئىئانە قىلىدىغان بولۇپ، بىرەد پىد بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، بىرلىكتە jolie-pitt خەيرى-ئېھسان فوندىنى قۇرغان، بۇ فوندى 30 نەچچە خەيرى-ئېھسان فوندىنى قوللايدۇ. 
 
2011-يىلى، ئەنجىلىنا جۇلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسى دوستلۇق ئەلچىسى بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى بولغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئالاھىدە ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى ھەمدە شۇيىللىق ئوسكار جېن ھېرشولد (Jean Hersholt Humanitarian Award) ئىنسانپەرۋەرلىك مۇكاپاتىغا 

  • نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ
  • تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق
  • ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
  • پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆
  • خەلقىم سالون تېرمىنالى

    كۈندىلىك يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلار،ھېكايە-رومان ,

    ناخشىلار،ۋە ئاۋازلىق ئەسەر يوللىنىدۇ.

  • خەلقىم تورى يانفۇن تېرمىنالى

    كۈندىلىك يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلار ، كىنو فىلىملەر ,

    يېڭى ناخشا ، قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز .

شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھرى.

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : TEL:18197718000

تور ئالاقە : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823