«كۇرتلار ۋادىسى» (يەنى بۆرىلەر ۋادىسى) فىلىمىدىكى پولات. ئەلەمدارنىڭ سۆيگىنى ئەلىفنىڭ رولىنى ئالغان ئۆزگۈ. نامال 1978-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى كۇبلاي، ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاكىلە. نامال. ئۆزگۈ. نامال باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇا مەكتەپنى ئۈسكۇدار جۇمھۇرىيىتى مەكتىپىدە ئوقۇدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت كونسىرىتى ئىنىستىتوتى تىياتىر كەسپىدە ئوقۇپ تاماملىدى. 1997-يىلدا بولسا رەسمىي بىر ئارتىس سۈپىتىدە «مەسەل ھەقىقىتى» ناملىق تىياتىردا رول ئېلىپ، بالىلار فىلىملىرىدە رول ئېلىش بىلەن تۇنۇلدى. 1998-يىلى «بىزنى كەچۈرۈڭ ئەپەندىم» («ئاففەت بىزى ھوجام») ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىش ئارقىلىق تېلېۋىزور ئېكىرانلىرىدا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ يەنە «كارەتە جان»، «يەتتە قات ئىستانبۇل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ تۇنۇلۇشقا باشلىدى.
خەلقىم سالون تېرمىنالى
كۈندىلىك يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلار،ھېكايە-رومان ,
ناخشىلار،ۋە ئاۋازلىق ئەسەر يوللىنىدۇ.
خەلقىم تورى يانفۇن تېرمىنالى
كۈندىلىك يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلار ، كىنو فىلىملەر ,
يېڭى ناخشا ، قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز .
شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھرى.
توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : TEL:18197718000
تور ئالاقە : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823