يوللىغۇچى: جۈرئەتجان يوللانغان ۋاقىتى : 2015-07-03 كۈرۈلۈشى: 4060 قېتىم


شىنخۇا تورى خەۋىرى: دىپىكا پادكونى 1986-يىلى 5-يانۋار دانىيەنىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدە تۇغۇلغان ، ھىندىستان بوللىۋودنىڭ ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق ئايال ئارتىسى، ئالاھىدە مودىلى بولۇپ، گۈزەل رۇخسارى، تەنناز فىگورى، كامالەتكە يەتكەن رول ئېلىش سەنئىتى بىلەن ھىندىستان ۋە پاكىستاندىكى ئەڭ جەلىپ قىلارلىق داڭلىق كىشىگە ئايلانغان.


2007-يىلى ئۆزى رول ئالغان تۇنجى فىلىمى «قايتا پەيدا بولغان قىسمەت» فىلىمى بىلەن «Filmfare» نىڭ ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، بىر كېچىدىلا داڭق قازانغان. 2011-يىلى ئىشلىگەن فىلىمىدە ئانچە ياخشى باھالاشقا ئېرىشەلمىگەن. ئەمما كېيىنكى يىلى «كۆكتېئىل ھارىقى» فىلىمىدە ئالغان رولى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىلگىرىكى خاتا قاراشلارنى ساقىت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەندە قىلغان، بۇ فىلىم ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. 2013-يىلى ئۇ كۈچلۈك زەربە كۈچىگە ئىگە 4 فىلىمدە رول ئېلىپ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، ئۇ رول ئالغان «ياشلىقتىكى بەڭۋاشلىقتىن يانماسلىق» ۋە «چېننەي تېز پويىزى» فىلىمى ھىندىستان تارىخىدىكى بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان كىنو بولغان، ئۇ بۇ روللىرى بىلەن بىرىنچى «Filmfare» نىڭ ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


دىپىكا پادكونى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىدا، مودىللىق ساھەسىدىن خىزمەت ئىزدىگەن، ئۇ بانگالوردىكى «NLS» مودىل مۇسابىقىسىدە بايقالغان بولۇپ،شۇ يىلى «Lakme» مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە مودىللىق ھاياتىنى باشلىغان. بۇندىن بۇرۇن ئۇ ھىندىستاندىكى ھەرقايسى داڭلىق ماركىلارنىڭ مودىلى بولغان. 2006-يىلى 5- نۆۋەتلىك «Kingfisher» مودا-كىيىم كۆرگەزمىسىدە يىللىق ئەڭ ياخشى مودىل ۋە ئەڭ ياخشى سۇ ئۈزۈش كىيمى مودىلى بولۇپ باھالانغان، شۇنىڭدەك ئېتىبارەن ئالاھىدە مودىل نامىغا ئېرىشكەن.