يوللىغۇچى: جۈرئەتجان يوللانغان ۋاقىتى : 2015-05-12 كۈرۈلۈشى: 4568 قېتىم
ئامىرخان(Aamir Khan) ھىندىستان بوللىۋودتنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى، ئاتاقلىق رىژىسورى شۇنداقلا داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچىسى ، 8 ياش

ۋاقتىدىن باشلاپ رول ئىلىپ ھىندىستان كىنو ساھاسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇزغا ئايلىنىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئىستىقبالى ئەڭ پارلاق بالا چولپان دەپ تەرىپلەنگەن.
بىراق ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن كىنوچىلىق كەسپىگە قىزىقماي، پەي توپ كەسپىگە كىرىشىپ كەتكەن، لېكىن بۇمۇ بىر خاتالىق بولماستىن ئۇ بۇ كەسپتىنمۇ شەرەپكە ئېرىشىپ، ماخالاسېتنلابا فېدېراتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پەي توپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ پەي توپ كەسپىدىن بارا-بارا ۋاز كېچىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئېكران ھاياتىغا قايىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ كىنوچىلىقتا بىزگە بەرگەن تەسىرى كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇ سەھنە ھاياتىغا قايىتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان ئوبرازلارنى ھەققى يورۇتۇپ بىرىپ دۇنيا كىنو ساھەسىگە يىڭى ئۈمىد بېغىشلىدى.
ئامىرخان 1965-يىل 3-ئاي 14-كۈنى ھىندىستاندىكى بىر مۇسۇلمان ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بىر كىنوچىلىق كەسپى ئائىلسىدە تۇغۇلغان دېيىشكە بولىدۇ. دادىسى Tahir Hussain نىڭ داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولۇپلا قالماستىن، بوۋىسى Nasir Hussain مۇ ھىندىستاندىكى داڭلىق رىژىسور شۇنداقلا كەم تېپىلىدىغان فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرى. دۆلىتىمىز تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق فىلىم كېلىن يۆتكەش ئامىر جەمەتىنىڭ ئەسىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئامىرخاننىڭ رومانتىك ياشلىق ھاياتى ئۇنىڭ فىلىم ئىشلىشى ئۈچۈن خام ماتېرىيال بولغان. ئۇ 21 ياش ۋاقتىدا قوشىنىسنىڭ قىزىنى ياخىشى كۆرۈپ قالىدۇ. بىراق دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن (قىزنىڭ ئائىلىسىدىكلەر ھىندى دىنى مۇرتلىرى، ئامىرخاننىڭ ئائىلىسىدىكلەر بولسا بىر ئەنئەنىۋى مۇسۇلمان) ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدا نىكاھقا قارشى تۇرۇش ئەھۋالى يۈز بىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ 2 ياش قېچىپ كېتىشنى قارار قىلىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ بەختىلىك تۇرمۇشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ، ئۇلار دائىم ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھىندىستاندىكى پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھىندى دىنى مۇرىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىختىلاپىنى كۈچەيىتىۋىتىدۇ. 2002-يىلى 12-ئايغا كەلگەندە ئامىرخان ئالدىنقى ئايالى بىلەن ئاجىرىشپ كېتىدۇ ھەمدە 2005-يىلى 12-ئايدا ھازىرقى ئايالى Kiran Rao بىلەن توي قىلىدۇ.
2009-يىلى ئۇ باش رول ئالغان ئۈچ ھاماقەت ناملىق فىلىمى يەرشارىدا كەڭ-كۆلەمدە قويۇلغاندىن كېيىن، جوڭگودىكى نەچچە يۈزمىڭلىغان تور مەستانىلىرى نىمىنىڭ ھەقىقىي ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ، ئەمدىلا 45 ياشقا كىرگەن بۇ تالانتىلىق چولپاننىڭ قابىلىيىتىنى تونۇپ يەتكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئامىرخان جوڭگودىكى تورداشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چوقۇنۇدىغان مەبۇدىسى غا ئايلانغان.
ئامىرخانغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگە بولغان سىرلىق ئۈلۈم يەرشارىدىكى ئاقار يۇلتۇز باستېدىكى قورقۇتۇش ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار قاتارلىق فىلىملىرى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم بۇرۇنقى ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تونۇلۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ تالانتى ئۇنى مەبۇدقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ كىنو ساھەسىدىكى شىرىن چۈشىنى رېئاللىقىغا ئايلاندۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدى.
ئوقۇش تارىخى
باشلانغۇچنى ھازىرقى BandraنىڭSt Annes High School ئوقۇغان، 8-يىللىققا چىققاندا Bombay Scottish School گە يۆتكىلىپ شۇ يەردە ئوقۇغان. ئالىيى مەكتەپ جەھەتتە Narsee Monjee College نى پۈتتۈرگەن.
كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخى
يەر شارى خاراكتىرلىك جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى يەرشارىدىكى بىر سائەتنىڭ ھىندىستانلىق باش ۋاكالەتچى باياناتچىسى.
ئامىرخان 8ياش ۋاقتىدا تاغىسى ئىشلىگەن Yaadon Ki Baraat فىلىمىدە تۇنجى قېتىم رول ئالغان. 1988-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆز كىشىلەر ئارسىدىكى رەھىم شەپقە فىلىمىدە باش رول ئىلىپ ئۆزىنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىغا ئۇل سالدى. بۇ فىلىمغا ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى MansoorKhan يىتەكچىلىك قىلغاچقا، بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن ياخىشى بولغان سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى، تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ فىلىم ھىندىستاننىڭ كىلاسىك فىلىملىرى سۈپىتىدە قويۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. 1989-يىلى ئۇ رول ئالغان فىلىمى قويۇلغاندىن كېيىن زور ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ كىنوچىلىق ساھاسىدىكى ئوبرازىنى يەنىمۇ بىر قېتىم نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بۇ فىلىم ھىندىستان ھۆكۈمىتى كىنو-فىلىم باھالاش كومىتىتى تەرىپىدىن ئەڭ ياخىشى ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدىن 90-يىللارنىڭ بېشىغىچە ئۇ يەنە ھەققانىيەت سۆزلىيەلمەيدۇ .
1993- يىلى ئىشلىگەن بىرىنچى سەپتىكى مۇھەببەت فىلىمنىڭ سېنارىيىسىنى ئامىرخان ئۆزى يېزىپ چىققان ئىدى. 96-يىلى ئۇ ئىشلىگەن ھىندىستانلىق راجا ناملىق فىلىمى 90-يىللاردىكى فىلىملەر ئىچىدە بېلەت كىرىمى ئەڭ كۆپ بولغان ئۇچ چوڭ فىلىمنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ، ئۇنىڭ ئىسمى دۇنيا كىنو چولپانلىرىنىڭ ئىچىدە 7-قاتارغا تىزىلىپ تۇنجى نۆۋەتلىك filmfare نىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 98-يىلى ئۇ يەنە گۇھخلام ناملىق كىنو ناخىشسى ئوقۇپ، ئۆز جەمەتى ئىشلىگەن Aati Kya Khandala فىلىمىنىڭ كىنو ناخشىنى تۇنجى بولۇپ ئۆزى ئورۇنلىدى ھەمدە تاماشىبىنلار ياقتۇرۇشىغا نائىل بولۇپ، filmfare نىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشىچى مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتى. 1999-يىلى ئۇ نەچچە قېتىملىق كىنولاردا رول ئىلىپ پىشقاندىن كېيىن، فىلىمىدە بىر ساقچىنىڭ رولىنى ئىلىپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ياخىشى باھاسىغا ئېرىشىنى؛ ئايال رىژىسور Deepa Mehta نىڭ تارىخى ھۆججەتلىك فىلىمى 1947-يىلدىكى زېمىن دە ھىندىستان-پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىن ماجىراسى باش تېما قىلىنغان ۋەقەلىكىنى تېخىمۇ بەدىئى ئوبرازى ئارقىلىق يورۇتۇپ ئۆز تالانتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.ئامىرخان بۇ فىلىمدە تۇنجى بولۇپ سەلبى رول ئىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ رول ئىلىش جەھەتتىكى كامالەتكە يەتكەن تالانتىنى كۆرسىتىپ پۈتۈن جاھان ئەھلىنىڭ ياخىشى باھاسىغا ئېرىشىنى. ئادەتتە ھىندىستاندا چولپانلارنىڭ بۇنداق ئۇسۇلدا سەلبى رول ئىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
ئامىرخان ئۆز قابىلىيتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل يېڭىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھىندىستاننىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ھېكايە فىلىم، ھەركەتلىك فىلىم، فانتازىيىلىك فىلىم ۋە مۇھەببەت فىلىملىرىدە ئوخشاش بولمىغان ئىجابى ۋە سەلبى روللارنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئورۇنداپ كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى ھىندىستانلىق بىرىنچى دەرىجىلىك چولپان ۋە چاقنىغان يۇلتۇز، ئەڭ داڭلىق يۇقىرى كىرىملىك ئارتىس بولۇشتەك تارىخىنى ياراتتى ئۇنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرى ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور پايدا ياراتقان فىلىم بولۇپ باھالانغان) ، كىنو ساھاسىدىكى چوقۇنغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان مۇكەممەل بىر داڭلىق چولپانغا ئايلانغان.
ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئۇ بەكرەك كىتاب ئوقۇشنى بولۇپمۇ تارىخى خاراكتىرلىك كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخىشى كۆرىدىكەن. ھەمدە بەزى ۋاقىتلاردا پەي توپ ئويناپمۇ قويىدىغان بولۇپ، ئۇ داڭلىق پەي چولپىنى فېدىلىيفنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ بىرىكەن.
ئىگىلىنشىچە ئامىرخاننىڭ پەي توپ ماھارىتى يامان ئەمەس بولۇپ، دائىم ئاددەتتىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ تۇرىدىكەن. ئۇندىن سىرت ئۇ شاھماتنى خىلى ياقتۇرىدىغان بولۇپ ئۇچ ھاماقەت فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان ۋاقىتتا شۇ يەردىكى ئالىي مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا شاخمات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپىيون بولغان.
ئۇندىن باشقا ئۇ ئىنتېرنېت تورىنىمۇ ياخىشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ھىندىستان بويىچە تور كىنوسىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ بىرىنچى ئوبىكىتى ئىكەن. ئۇنىڭ مكرو بلوگىنى زىيارەت قىلغان كىشلەرنىڭ سانى نۆۋەتتە 373 مىليۇن ئادەم قېتىم سانىغا يەتكەن بولۇپ، ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇ بوللىۋودتىكى چولپانلار ئىچىدە بېلەت كىرىمى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.